ئۇيغۇرلار ژۇرنىلى ھەققىدە
ئۇيغۇرلار ژۇرنىلى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش مۇجادىلىسىگە مەنىۋىي جەھەتتىن ئارقا تىرەك بولۇش، ھەر قايسى جەھەتتىن كۈچلۈك خىرسىقا دۇچ كېلىۋاتقان مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزنى قوغداش، خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قانخورلارچە يوقىتىلىش ئوبيېكتىغا ئايلانغان مەدەنىيىتىمىزنى ساقلاپ قېلىش، ئىلغار ماقالە-ئەسەرلەر ئارقىلىق خەلقنى ئىدىيە جەھەتتە يېتەكلەش مەقسىدىدە دوكتور ئەركىن سىدىق باشچىلىقىدىكى «ئۇيغۇر پروجېكتى فوندى» تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىدىغان ئايلىق ژۇرنالدۇر.
ژۇرنال بىر مىللەت ئۈچۈن ئىدىئولوگىيە ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتتۇر. مىللەتنىڭ ئېڭىنى چۇلغىۋالغان ئىدىيە كىشەنلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، مىللەتنىڭ تەپەككۇرىنى كونترول قىلىۋالغان كۆرۈنمەس قارا قوللارنى سۇندۇرۇپ تاشلاشتا دۇرۇست نىيەت ۋە توغرا ئىدىئولوگىيە باشچىلىقىدا چىقىرىلغان ژۇرنالنىڭ مىللەتكە ئېلىپ كېلىدىغان مەنپەئەتى مىسلىسىز بولىدۇ. زېمىن سۇسىزلىقتىن قاغجىراپ چاك-چاك يېرىلىپ كېتىدۇ. قەلبمۇ ئىلىم نۇرىدىن مەھرۇم قالسا سۇسىز زېمىنغا ئوخشاشلا ئۆز فۇنكىسىيىسىنى يوقىتىدۇ. ئىلىمنىڭ نۇرى ئۆچكەن ھەر قانداق جەمئىيەتتە ئىنساننىڭ قەلبى قاپقارا قارىداپ، تەپەككۇرى بوغۇلىدۇ. ئىسانىي ھېس-تۇيغۇلىرى ئۆلۈپ، پىكىر قىلىش قابىلىيىتى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئاقىۋەتتە، بۇنداق جەمىيەت كاللىسىنى ئىشلەتمەيدىغان، كەلگۈسىنى پەرەز قىلالمايدىغان، دۇنيانى چۈشەنمەيدىغان، ئۆزلۈكىدىن ياتلاشقان، قالاقلىققا قۇچاق ئاچقان، ھەق بىلەن ناھەقنى، ياخشى بىلەن ياماننى ئايرىيالمايدىغان زۇلمەتلىك جەمئىيەتكە، بۇ خىل جەمئىيەتنى بەرپا قىلغۇچى مىللەت باشقىلارنىڭ يەمچۈكىگە، ئولجىسىغا، كۆڭۈل ئاچىدىغان ئەرمىكىگە، خىزمىتىگە سالىدىغان قۇلىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. مىللەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن چىقىرىلىدىغان «ژۇرنال» ئاتلىق بۇ ئىدىيە زاۋۇتى مانا مۇشۇنداق مەنىۋىي يىمىرىلىشلارغا داۋا بولىدىغان ئىلىم تاۋارلىرىنى خەلققە سۇنىدۇ. ئىنساننى باشلايدىغىنى ئىدىئولوگىيە بولۇپ، ژۇرنال بىر مىللەتنىڭ ئىدئىولوگىيە ئامبىرىدۇر، تەپەككۇر خەزىنىسىدۇر. ئۆتمۈشىنى كۆزىتىدىغان تېلىسكوپى، كەلگۈسىنى تەسەۋۋۇر قىلىشىغا ھەمدەم بولىدىغان مەسلىھەتچىسى، يالغۇزلىقىدا سىردىشىدىغان قىممەتلىك دوستتۇر.
ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان گېزىت-ژۇرناللىرى بولمىغان مىللەت مەنىۋىي قاشاڭلىق ۋە تەپەككۇر نامراتلىقىدا كىرزىسقا پاتىدۇ. ئەنگىلىيىدە بۇنىڭدىن بەش يۈز يىل بۇرۇنلا گېزىتچىلىك ھەرىكىتى باشلىنىپ بولغان، غەرب ئەللىرىدە نەچچە ئەسىرلەر ئاۋۋال ژۇرنال چىقىرىش ھەر قايسى ياۋروپا مىللەتلىرىنىڭ مۇھىم ئېھتىياجىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى. بىزنىڭ يۈز يىل بۇرۇنقى قاپقارا زۇلمەتتە ياشىغان يىراقنى كۆرەر ئاتىلىرىمىزمۇ ئوقۇش يېزىشنى ئومۇمەن دېگۈدەك بىلمەس ھالغا چۈشۈپ قالغان قەۋمىمىزنىڭ مەنىۋىيىتىنى يېتەكلەشتە گېزىت-ژۇرنالنىڭ رولىغا سەل قارىمىغان. ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرۇلۇشى، نەچچە ئەسىرلەپ قاراڭغۇ زۇلمەتتە ياشىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ بىردەك ھالدا بۇ مىللىي دۆلەتلەرنى قوللىشى، ۋەتەن مىللىتىنىڭ بەختى ئۈچۈن ئەسلى ۋەسلىنى تەقدىم قىلىدىغان قەھرىمان قىز-يىگىتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا سەكرەپ چۈشۈشى قاتارلىق ئىجابىي ھادىسىلەرنى دەل ئۇلارنىڭ مەنۋىيىتىنى يېتەكلىگەن يۈز يىل بۇرۇنقى گېزىت-ژۇرناللارنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. دۇرۇست نىيەت ۋە توغرا ئىدىئولوگىيە ئاساسىدا چىقىرىلغان ژۇرنال مىللەتنىڭ مەنىۋىي مەكتىپى بولۇپ، ئۇ خەلقنىڭ ئېڭىنى، تەپەككۇرىنى يېتەكلەشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىدۇر.
بىر مىللەتنىڭ كۈچىيىشى شۇ مىللەتنىڭ تىلىدا ۋە شۇ مىللەت ئەزالىرى ئۆز قولى بىلەن نەشىر قىلىنىدىغان كىتاب-ژۇرناللىرىنىڭ سانى ۋە سۈپىتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ مەنبەسى ھېسابلىنىۋاتقان ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدە نەشىر قىلىنىدىغان كىتاب-ژۇرناللار سان جەھەتتىنلا ئافرىقا ۋە ئاسىيادىكى نامرات ۋە قالاق دۆلەتلەردە نەشىر قىلىنىدىغان كىتاب ژۇرناللاردىن نەچچە يۈز ھەسسىلەپ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ.
كىتاب-ژۇرناللار بىر مىللەتنىڭ مەنىۋىي بايلىقىنىڭ يادروسى، مائارىپنىڭ ئاساسى، تەرەققىياتنىڭ مەنبەسى بولۇپ، كىتاپ-ژۇرنال ئىشلەپچىقىرىشقا ئەھمىيەت بەرمىگەن ھەر قانداق توپلۇم زامانىمىزدا قالاقلىق، نامراتلىق ۋە باشقا يامان ھادىسىلەرنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقانلىقى ئەقىل ئىگىلىرىگە سىر ئەمەس.
ژۇرنالدىن ئىبارەت بۇ ۋاسىتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالمىغانلار ياكى بۇ خىل ۋاسىتىنىڭ رولىغا سەل قارىغانلار تارىختا ۋە كۈنىمىزدە ھەر قاچان ئاڭ ۋە رىقاببەتتە ئارقىدا قالدى ۋە رەقىبلىرىگە ئۇتتۇرىۋەتتى. بىر مىللەت ئۈچۈن مەنىۋىي تايانچ ھېسابلىنىدىغان، مىللەت ئۈچۈن بولمىسا بولمايدىغان قوراللاردىن بىرى دەل ئۇ مىللەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان مىللىي ژۇرنالدۇر.
ئۇيغۇرلار ژۇرنىلى مىللەتنى بىلىم-مائارىپ ئارقىلىق كۈچلەندۈرۈش، يېڭى ۋە ئىلغار ئەسەرلەرنى نەشىر قىلىش ئارقىلىق مىللىتىمىزنىڭ ئۆزىنى، دۈشمىنىنى ۋە دۇنيانى چۈشىنىشىدىكى سۇپا بولۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان نەشرىي قۇرۇلۇش بولۇپ، «uyghuryol.com» ئۇيغۇرلار ژۇرنىلىنىڭ مەخسۇس توربېتى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار ژۇرنىلى ئىشقا چۈشۈشكە باشلىغان بىر يىلدىن بۇيان 12 سانلىق ژرنالنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا نەشىر قىلىپ خەلقكە سۇندى.