ئارتۇر ۋالدرون: خىتاينىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟
بۇ ماقالە ئۇيغۇرلار ژۇرنىلىنىڭ بەشىنچى سانىدا ئېلان قىلىنغان
ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ھېكمەتيار ئىبراھىم
رىياسەتچى جانا كېلىي (تۆۋەندە كېلىي دەپ ئېلىنىدۇ): كۆرۈۋاتقىنىڭلار «ئامېرىكا ئىدىيە پېشۋالىرى» پروگراممىسى. مەن جانا كېلىي. (Jana Kelly) بۇ بۇ پروگراممىدا بىز تارىخشۇناس، پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئارتۇر ۋالدورن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىمىز. ۋالدرون ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىكىنى كۆزدىن كەچۈرۈش كومىتېتىنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىدىن بىرىدۇر. شۇنداقلا، ئۇ جېيمستون فوندىنىڭ مۇدىرىيەت يىغىنى ئەزاسىدۇر.
ئارتۇر ۋالدرون، سىز بىلەن «ئامېرىكا ئىدىيە پېشۋالىرى» پروگراممىسىدا سۆھبەتتە بولىدىغانلىقىمدىن خۇشالمەن.
ئارتۇر: سىزگە كۆپ رەھمەت، بۇ مەن ئۈچۈن چوڭ خۇشاللىق ۋە شەرەپ.
كېلىي: ئارتۇر، بىلگىنىڭىزدەك، سىز قىرىق يىلدىن بېرى خىتاينى تەتقىق قىلىۋاتقان بىر ئالىمسىز، مەن مۇشۇنداقراق بىلىمەن. نۆۋەتتە سىز خىتايدا ۋە خوڭكوڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار توغرۇلۇق تولىمۇ ئۆزگىچە كۆز قاراشلاردا بولىۋاتىسىز. ئاۋام پالاتاسى تېخى يېقىندىلا بىردەك ھالدا «خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇن لاھىيىسى»نى ماقۇللىدى. مەن خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ ئىنكاسىغا دىققەت قىلدىم. سىزدىن سوراپ باقسام، ئۇلار مۇنداق دېدى…
ئارتۇر: ئامېرىكا ئەلچىىسىمۇ ياكى خىتاي ئەلچىسىمۇ؟
كېلىي: خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەچىسى.
ئارتۇر: ئىككىلى تەرەپ ئىنكاس قايتۇردى.
كېلىي: شۇنداق، خىتاي باش ئەلچىسى مۇنداق دېدى:« <خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇن لاھىيىسى> نىڭ ماقۇللىنىشى كىشىنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. ئامېرىكا خەلقى تەرىپىدىن شۇنچىۋالا چوڭ كۆرۈلگەن دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بەزى ئامېرىكالىق سىياسەتچىلەرنىڭ زوراۋانلىق ۋە قالايمىقانچىلىقنى توغرىغا چىقىرىشى ئۈچۈن سۈيئىستېمال قىلىندى. ئۇلار توپىلاڭىچىلار بىلەن بىر سەپتە تۇرماقچىمۇ؟ بىز بۇنىڭدىن بەك بىئارام.» بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
ئارتۇر: بۇ بىر قېلىپلاشقان گەپ. بۇ كوممۇنىستلار دەپتىرىگە يېزىۋالغان گەپ. ھالبۇكى، خوڭكوڭدىكى مەسىلە — ئەيىبلىنىۋاتقان «توپىلاڭچى» قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خوڭكوڭدىكى مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ 1997-يىلىدىكى ۋە خوڭكوڭ خىتايغا تېخى ئۆتكۈزۈپ بېرىلمىگەن 1984-يىلىدىكى ۋەدىسىنى تامامەن چۆرۈپ تاشلاپ، خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ۋە ئۇلارنىڭ نارازىلىقىنى، دەرت-ئەلىمىگە قۇلاق سېلىشنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلىشىدىن كەلگەن. خىتاي مەخپىي ساقچىلىرىنى خوڭكوڭغا كىرگۈزمەكچى بولدى، نەتىجىدە خوڭكوڭ خەلقى ئورنىدىن تۇردى. ئەگەر خىتاي 1997-يىلىدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغان بولسا، خوڭكوڭ خەلقى بۈگۈنكى كۈندە بەلكىم خوڭكوڭ كوچىلىرىدا ئىككى يىلدا بىر قېتىم بېلەت تاشلاش ئۈچۈن سايلام بېلىتى تاشلايدىغان جايغا قاراپ ماڭغان بولاتتى. خوڭكوڭدىكى كرىزىسنىڭ ھەممىسى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاپەت خاراكتېرلىك قارارى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان، ئۇنىڭدىن قالسا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى چۈشىنىشتىكى خاتالىقىدىن كېلىپ چىققان.
كېلىي: ئارتۇر، بەلكىم سىز ئالدىنقى كۈنى ئاخشىمى يۈز بەرگەن يەنە بىر ھادىسىدىن خەۋەردار بولۇشىڭىز مۇمكىن. ماسكا تاقىۋالغان بىر نەچچە كىشى خوڭكوڭنىڭ «دەۋر ۋاقىت گېزىتى»نىڭ مەتبەئە زاۋۇتىغا باستۇرۇپ كىردى. بۇ چاغدا گېزىتلەر مەتبەئەدە بېسىلىۋاتقان ئىدى. باستۇرۇپ كىرگۈچىلەرنىڭ تەقى-تۇرۇقى نامايىشچىلارغا بىر ئاز ئوخشايدۇ. ئۇلاردىن بەزىلىرىنىڭ قولىدا ساقچى كالتىكى بار. قولىمىزدا بۇ مەنزىرىنىڭ سىن ھۆججىتى مەۋجۇت. بىز سۆھبەتلەشكەچ ئاشۇ كۆرۈنۈشنى قويايلى. بۇنداق بولغاندا كۆرۈرمەنلەر يۈز بەرگەن ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرەلەيدۇ. بۆسۈپ كىرگۈچىلەر ئۇ يەرگە راستتىنلا ئوت قويۇۋەتتى. بەختكە يارىشا، ھېچكىم زەخمىگە ئۇچرىمىدى. باسمىخانىدىكى خىزمەتچى خادىملار ئوتنى ئۆچۈرۈۋالدى. خوش، ئۆز تەجرىبىڭىزگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، بۇ ئىشقا قانداق باھا بېرىسىز؟
ئارتۇر: مەنچە، بىرىنچى سوئال، بۇنى قىلغانلار كىملەر؟ بەلكىم بۇنى قىلغانلار كاللىسى قىززىپ كەتكەن نامايىشچىلارمۇ؟ بىز خوڭكوڭدا كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان تولىمۇ كومېدىيىلىك نۇقتىلاردىن بىرى خىتاي قارا جەمئىيەتلىرى ئارىسىدىكى كۈچلۈك ھەمكارلىقتىن، ياكى ھۆكۈمەت بىلەن «ئۈچلۈك ئىتتىپاقى»دىن ئىبارەت («ئۈچلۈك ئىتتىپاقى» خىتايدا جىنايەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر قارا گورۇھتۇر). بۇ خىل ئەھۋال سوۋېت ئىتتىپاقىدىمۇ كەڭ تارقالغان. بۇنىڭدا ھۆكۈمەت بىلەن تەشكىلىي شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان جىنايەتنىڭ قويۇق ھەمكارلىقى بولىدۇ. بۇ خىل شەكىلدىكى ھەمكارلىق ئاساسىدا ئىشلەنگەن جىنايەتلەر بولۇپمۇ مەركىزىي رايونغا تەۋە ئەمەس جايلاردا يۈز بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن، بۇ كىشىلەرنى «ئۈچلۈك ئىتتىپاقى»غا تەۋە، ئىنتايىن رەزىل ئىنسانلار دەپ قارايمەن.
كېلىي: بىزگە «ئۈچلۈك ئىتتىپاقى» توغرۇلۇق تېخىمۇ تەپسىلىي سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خوڭكوڭدىكى ھەرىكەت شەكلى توغرۇلۇق چوڭقۇرراق چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز؟
ئارتۇر: «ئۈچلۈك ئىتتىپاقى» بىر مەخپىي تەشكىلات بولۇپ، بۇ تەشكىلات باشقا دۆلەتلەردىكى قارا جەمئىيەتلەرگە بەكمۇ ئوخشىشىدۇ. ئۇلار قان بىلەن قەسەم قىلىش سىستېمىسىغا تايىنىدۇ. بۇ قارا جەمئىيەتلەردىكى قائىدە-نىزاملارغا ئوخشىشىدۇ. ھەر قانداق ئىشنى سىرتقا ئاشكارلاشقا بولمايدۇ. ئۇلار تولىمۇ مەخپىي يوسۇندا تەشكىللىنىدۇ.
كېلىي: ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى قانداقسىگە بۇ ئۈچلۈك بىرلىكى بىلەن ھەمكارلىشىدۇ؟
ئارتۇر: چۈنكى، «ئۈچلۈك ئىتتىپاقى» (ھۆكۈمەتنى) زوراۋانلىق بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، خوڭكوڭ ئەمدىلەتىن بۇ خىل ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە زەخمىلەندۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى توختىتىپ، يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولىۋاتقاندەك تۇرىدۇ. بىراق، ھازىر بەزى ئىشلار يۈز بەرمەكتە. مەسىلەن، ئاق كىيىم كىيىۋالغان كىشىلەرنىڭ خەلقنى ئۇرۇشى. بۇ كىشىلەر «ئۈچلۈك بىرلىكى»گە تەۋە كىشىلەردۇر. ئەگەر، ھۆكۈمرانلار ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان خەلقنىڭ رايىغا بىنائەن ئىش كۆرۈشنى رەت قىلىشنى قارار قىلسا، ئۇنداقتا بىردىنبىر چارە ئۇلارغا قورقۇنچ سېلىشتۇر. خوڭكوڭنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇۋاپىق ئۇسۇلدا باشقۇرۇلۇۋاتقان ساقچى قىسىمى خەلققە يېتەرلىك دەرىجىدە قورقۇنچ سالالمىغان. بىراق، ناۋادا سىزنىڭ كىشىلەرنى گۆرۈگە ئالىدىغان ۋە ئۇرىدىغان قارا گورۇھلىرىڭىز بولسا، ئۇ ھالدا خەلقنى قورقۇنچ باسىدۇ.
كېلىي: بىزنىڭ كۆرگىنىمىزگە ئاساسلانغاندا، ساقچىلار ھەممىدىن بەك ئۇنىۋېرسىتېتلارغا كىرىپ ئوقۇغۇچىلارنى قورشاۋغا ئالدى. بۇ نامايىشنىڭ تېخىمۇ بىر بالداق كۈچۈيىشىدىكى، ھەمدە سىزنىڭ بىلگىنىڭىزدەك، ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىنىڭمۇ كۈچۈيىشىدىكى يېڭى ھەرىكەت بولدى. بۇنىڭ خوڭكوڭنىڭ ئالاھىدە ئورنىغا قانداق تەسىرى بولىدۇ، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
ئارتۇر: مەن ئويلايلايمەنكى، خوڭكوڭنىڭ ئالاھىدە ئورنى ئاللىقاچان يوق بولدى. مەن بۇنداق بولۇشىنى خالىمايتتىم. بىراق، مەن خوڭكوڭنىڭ ئالاھىدە ئورنى ئاخىرلاشتى دەپ ئويلايمەن. (خوڭكوڭنىڭ نامايىشتىن) ئىلگىرىكى ھالەتكە قايتىش مۇمكىن ئەمەس. ساقچى (ھۆكۈمەت بىلەن) كۈچلۈك رەۋىشتە كېلىشىۋالدى. قانۇنىي سىستېمىمۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. خوڭكوڭدا تېخىچە مۇستەقىل ئەدلىيە ئورگىنى مەۋجۇت. بىراق، مەن ئويلايمەنكى، ئەڭ مۇھىم ئىش خوڭكوڭدا كۆپلىگەن ئۇرۇشۇشلار يۈز بەردى، كۆپلىگەن زوراۋانلىقلار يۈز بەردى. كوممۇنىستلار بەلكىم مەلۇم كۈچلەرنى ئىشقا سېلىپ خەلقنى مەلۇم مۇددەت تۇتۇپ تۇرۇشقا قادىر بولالىشى مۇمكىن. بىراق، بەش-ئالتە ئاي ۋاقىت خوڭكوڭدىكى ھەر بىر كىشىگە كوممۇنىستلارنىڭ خەتەرلىكلىكىنى ۋە بىزار قىلارلىقلىقىنى، شۇنداقلا كوممۇنىستلارغا ئىشىنىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئۆگەتتى. ئىلگىرى نۇرغۇنلىغان خوڭكوڭ خەلقى (خىتاي كومپارتىيىسىگە) بىر ئاز مايىل ئىدى، ياكى خوڭكوڭدىكى قۇرۇلمىدىن رازى ئىدى. بىراق، نۆۋەتتە يەتتە مىليون بەش يۈز مىڭ خوڭكوڭ خەلقى ئامېرىكانىڭ بىر تۇراقلىق ئىبارىسى بويىچە ئېيتقاندا، خىتاي كوممۇنىستلىرىغا «چىش تىرنىقىغىچە ئۆچ بولۇپ كەتتى.»(hate the guts) ئۇلارنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرىغا چىش تىرنىقىغىچە ئۆچ بولۇشى داۋاملىشىدۇ. بۇنداق كۈچلۈك غەزەپ-نەپرەت بىر ئۆمۈر داۋاملىشىدۇ. چۈنكى، سىز ئادەم ئۆلتۈرگىنىڭىزدە، زوراۋانلىق قىلغىنىڭىزدا، كىشىلەر بۇنى ئۇنۇتمايدۇ. مەن ۋىجىك بىر ياش يىگىتنىڭ «تېخنىكا-سانائەت ئىنىستىتۇتى» دىن يۈز كۆزى قانغا بويالغان ھالدا ئېلىپ چىقىپ كېتىلىۋاتقىنىنى كۆردۈم. مەن بۇ ياشنى 20 ياشلاردا دەپ پەرەز قىلدىم. يۈز بەرگەن ئىشلار تاكى ئۇ ئۆلگىچە ئۇنىڭ ئېسىدە ساقلىنىپ قالىدۇ. ئۇنىڭدا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە قارشى چەكسىز غەزەپ-نەپرەت شەكىللىنىدۇ. كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ قىلغانلىرىغا نەزەر سالساق، ئۇلار ئىنتايىن ئەخمەقلەرچە ئىش قىلدى. ئۇلار ئەسلىدە مۇرەسسەلىشىشى ۋە خەلققە يول قويۇشى كېرەك ئىدى. (نامايىش بولغان) تۇنجى كۈنىدىن باشلاپلا (مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خەلق بىلەن) سۆھبەتلىشىشى كېرەك ئىدى. بىراق، بېيجىڭ باشتىن ئاياق (خەلقنى) تىزگىنەك بىلەن باشقۇرۇشقا تىرماشتى. ئەمما، خىتاي چۆچۈرىنى خام سانىدى. نەتىجە شۇ بولدىكى، كومپارتىيە ئىدىيىسى (كومپارتىيىنىڭ كۈتكىنىنىڭ ئەكسىچە) كومپارتىيىنى تۆۋەن كۆرىدىغان ۋە كومپارتىيىگە ئىشەنمەيدىغان مۇقىم ساندىكى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.
كېلىي: قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا كەلسەك، خوڭكوڭ ئالىي سوت مەھكىمىسى يۈزىنى نىقاپلىۋېلىش بەلگىلىمىسىنى بىكار قىلدى. بىراق، قارىغاندا بېيجىڭ بۇ ئىشقىمۇ قول تىقىدىغاندەك تۇرىدۇ.
ئارتۇر: بۇ ھەقتە دائىم تالاش-تارتىش بولۇپ كەلدى. خوڭكوڭ ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقىرىشتا ئۆزىنىڭ ئالىي سوت مەھكىمىسى بولۇشى كېرەكمۇ يوق؟ مۇنداقچە ئېيتقاندا، خوڭكوڭ خەلقى ئۆزىنىڭ ئالىي سوت مەھكىمىسى ئارقىلىق ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقىرىدۇ. كىشىلەر شۇنداق قارايدۇكى، مەلۇم ئەھۋاللاردا، مەسىلە قارار چىقىرىلىشى ئۈچۈن بېيجىڭغا — دۆلەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تاپشۇرۇلۇشى مۇمكىن. بۇ ھېچبىر زامان سايلامغا مۇراجىئەت قىلمايدىغان ئورگان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ ئورگان بىر ياغاچ قونچاققا ئوخشايدۇ. بۇ بىر سىياسىي ئورگان، بىراق ھەرگىزمۇ ئەدلىيە ئورگىنى ئەمەس. ھالبۇكى، نۆۋەتتە بېيجىڭ بەلكىم خوڭكوڭ ئالىي سوتىنىڭ قارارىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ، دېيىشمەكتە. بۇ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى زىيانغا ئۇچىرىتىدۇ. خوڭكوڭ خەلقى بېرتانىيەنىڭ مۇستەمىلىكىلىكىگە چۈشكەن دەسلەپكى مەزگىللەردىن باشلاپلا، خوڭكوڭدىكى ئادالەت بويىچە ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈركۈم ئىشلار خىتايلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. شۇ ۋەجىدىن، خوڭكوڭدا ياشايدىغان خىتايلار قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ. سىز بۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان غەربچە قاراش دېيەلمەيسىز. خوڭكوڭ خەلقى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چىن دىلىدىن قوللايدۇ. شۇ ۋەجىدىن، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىشنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش ئوخشاشلا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇقتىسى بولغان قانۇنىيلىقنىڭ ئۇلىنى كولايدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېيىشىچە، خوڭكوڭدىكى پروفېسسسورلاردىن بىرى «يۈز بەرگەن ئىشلار شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، خوڭكوڭدا مۇستەقىل ئەدلىيە سىستېمىسى مەۋجۇت» دەپتۇمىش. ئەمما، مەن بۇ پروفېسسسورنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. بۇ راست-يالغاننى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. خوڭكوڭلۇقلارغا بۇ نۇقتا ئايدىڭ. خوڭكوڭدا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى خىتاي خەلقىنىڭ كۆڭلىگە ئايان. ئەلۋەتتە، ھەر بىر خىتاينىڭ كۆڭلىگە ئايان دېمەكچى ئەمەسمەن. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيىسىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى بىلىدىغان، ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ئايان.
كېلىي: ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيىسىنى ماقۇللىشىنىڭ خوڭكوڭلۇق قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرگە بولغان تەسىرى قانداق بولىدۇ؟
ئارتۇر: مەنچە، بۇ ئۇلارغا ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ توغرىلىقىغا غايەت زور دەرىجىدە ئىشىنىش تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ. بۇ تولىمۇ مۇھىم بىر نۇقتا. بىز ھەر تۈرلۈك ئىقتىسادىي مەسىلىلەر سەۋەبلىك كاللىمىز گاڭگىراپ، ھەتتا دېموكراتىك ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئۇنتۇشقىچە باردۇق. نۆۋەتتە بىزنىڭ كۆرۈپ تۇرۇۋاتقانلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تارىخىنىڭ قايتا ئىپادىلىنىشىدۇر. بۈگۈنكى دۇنيادا خىتاي ھەق-ھوقۇقنى ھەممىدىن بەك ئاياق ئاستى قىلغۇچى دۆلەتتۇر. خىتاي نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىككى (چوڭ) تۈر بار بولۇپ، خىتاينىڭ قىلىۋاتقانلىرى قانۇندا دېيىلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ دەل ئۆزى بولۇشىمۇ، ياكى بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. ئەمما، بۇ ئىككى تۈر بىز دەۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تەبىرىگە تولىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ. بۇ دۆلەتتە مىليونلىغان كىشىگە «قانۇنغا ئۇيغۇن رەۋىشتە» ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. خىتاي نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىككى تۈرنىڭ بىرى كشىلەرنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سۇغۇرۇۋېلىش. بۇ ئىچكى ئەزالارنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى خىرىستىئان مۇرتلىرى ۋە بۇددىستلاردۇر. نۆۋەتتە بۇنىڭغا مۇسۇلمانلارمۇ قوشۇلدى. بۇنىڭ سەۋەبلىرى بەك كۆپ. بىراق، ئورگانلىرى سۇغۇرىۋېلىنىدىغانلارنىڭ بۇ ئۈچ تەبىقىدىكىلەرنى نىشان قىلىنىشىدىكى سەۋەب، ئۇلارنىڭ ياشاش شەكلى ئۇلارنىڭ قېنىنىڭ پاكىز تۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. سىز ناۋادا ئىچكى ئورگىنىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن جىنايەتچىلەرنى تاللىسىڭىز، قان تەكشۈرۈش قىلغاندا سىفلىس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى، ياكى ئا تىپلىق، ب تىپلىق ياكى س تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بايقىشىڭىز مۇمكىن. بۇ، بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ ئىچكى ئورگىنىنى ئېلىۋېلىشقا بولمايدۇ، دېگەندىن ئىبارەت. شۇ ۋەجىدىن، بۇ قاراتمىلىققا ئىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھېسابلىنىدۇ. بىراق، بۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكى تېخى قانۇن تەرىپىدىن پۈتۈنلەي قوبۇل قىلىنمىدى. ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تەبىرى ئىنتايىن مۇرەككەپ. بىراق، ھەر يىلى ئون مىڭلىغان كىشى مەجبۇرىي ھالدىكى ئورگان تەقدىم قىلدۇرۇش سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنداق بىر جىنايەتنىڭ ئىشلىنىۋاتقانلىقى شەك-شۈبھىسىز ھالدا قوبۇل قىلىنىشقا ئېرىشتى. خىتاينىڭ نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان يەنە بىر تۈرى، شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىدۇر. ئۇلار مىليونلىغان ئىنساننى سولىۋالدى، ئاندىن مەلۇم مەنىدىن قارىغاندا ئۇلارنى خىتايلاشتۇرىدىغان، مەلۇم مەنىدىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ مۇسۇلماندارچىلىقىنى يوق قىلىدىغان ئاجايىپ غەيرى بىر ئىشنى قىلدى.
كېلىي: خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى قانداق؟ يەنە بىرى، گەرچە ھەر خىل ئېنىقلىمىلار بېرىلگەن بولسىمۇ، بۇ بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىدەك تۇرىدۇ.
ئارتۇر: مۇنداقچە ئېيتقاندا، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا دەپنە كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنى قۇردى. مەن بۇ جەھەتتە بەكلا چەكلىك ئۇچۇرغا ئىگە بولغانلىقىم ئۈچۈن، بۇنى قۇرۇشتىكى ھەقىقىي مەقسىتىنى بىلمەيمەن. گەرچە، يېقىندا نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى خىتاينىڭ (بۇ ھەقتىكى) تۆت يۈز بەتلىك مەخپىي ھۆججىتىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، بىز سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارتىلغان رەسىملەردىن زور كۆلەمدىكى لاگېر قۇرۇلۇشلىرىنى كۆردۇق. كىشىلەر بۇ جايلارغا سولانغان. بۇ لاگېرلاردا يېتىپ چىققان ئىنسانلارنىڭ بايانىغا قارىغاندا، ئۇلارغا جىسمانىي جازا بېرىلگەن، مېڭىسى يۇيۇلۇشقا مەجبۇر بولغان. تېخىمۇ قورقۇنچلۇقى، مەن ئۇ يەرلەردە كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى جەزم قىلالايمەن. بىراق، خىتاي ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ بىلىنمەسلىكى ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاننى ئۈنۈملۈك ھالدا سىرتقى دۇنيادىن ئايرىۋەتتى. يۇقىرىدا بايان قىلغانلىرىم مەن دەۋاتقان ئىككى تۈرلۈك ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئىبارەت. بۇلاردىن بىرى، كىشىلەرنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سۇغۇرۇۋېلىش. بۇ جىنايەتتە يىلىغا تەخمىنەن سەكسەن مىڭ ئىنسان ئۆلۈپ كېتىدۇ. يەنە بىرى بولسا، ئۇيغۇرلار قامالغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدۇر. ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ قانچىلىكى قىيىن-قىستاققا ئېلىنىۋاتىدۇ ياكى ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ، بىز بۇنى بىلمەيمىز. بىراق، بىز مىليونلىغان ئىنسانلارنىڭ بۇ لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى بىلىمىز. يىغىنچاقلىغاندا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى، يەنى بېيجىڭدىكى رېجىم سوۋېت ئىتتىپاقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ناتسىست گېرمانىيەسىدىن بۇيانقى ئەڭ ئىپلاس رېجىم ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھال بىزغەربلىكلەر ئۈچۈن بىر مەسىلە كەلتۈرۈپ چىقاردى. چۈنكى سىزمۇ ماڭا ئوخشاش «(ئىرقىي قىرغىنچىلىق) مەڭگۈ يۈز بەرمىسۇن» دېگەن سۆز مەۋجۇت بولغان مۇھىتتا چوڭ بولغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. بىراق، بىز بۇ خىلدىكى مۇرەككەپ ئەخلاقىي مەسىلىگە دۇچ كېلىشنى ئويلاپ باقمىغان ئىدۇق. ھېچكىم قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، نۆۋەتتە ھېچكىم بۇ جەھەتتە بىرەر ئىش قىلمايۋاتىدۇ. شۇڭا مەن شوئارىمىزنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، «ھەرگىز يۈز بەرمىسۇن» دېگەن جۈملىدىكى «ھەرگىز» سۆزىنى ئېلىۋېتىپ، «يەنە يۈز بەرسۇن» دېيىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. مەن بۇنى تارىخىي سىگنال دەپ قارايمەن. ئىنسانلار مانا مۇشۇنداق. كۈنىمىزدىمۇ كىشىلەرنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ئولجا ئېلىنىۋاتىدۇ، كىشىلەر ئۆلتۈرۈلىۋاتىدۇ. ئىلون ماسكتەك كىشىلەر، ئاپتوموبىل كارخانىلىرى خىتايغا مىليونلارچە دوللارنى مەبلەغ سالغان. بىز بۇنداق قىلماسلىقىمىز كېرەك. بۇ بىزنىڭ ئىقتىسادىي سىستېما قانۇنىمىزغا زىت. بىزنىڭ ئىقتىسادىي سىستېمىمىز بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي سىستېمىسى چوقۇم بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىلىشى كېرەك. بىز ئوتتۇز يىلدىن بېرى خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتە زىچ بىرىكىپ كەتكەنلىكىمىز ئۈچۈن، ئىقتىسادىي سىستېمىمىزنى ئۇلارنىڭكىدىن ئايرىۋېتىش تولىمۇ قىيىن. بىراق، ئەگەر بىز ئامېرىكانىڭ قىممەت قارىشىنى ساقلاپ قالماقچى بولساق، كۈنىمىزدىكى ناتسىست رېجىمى بىلەن ھەمكارلاشماسلىقىمىز كېرەك.
كېلىي: بۇلار ئامېرىكانىڭ دىپلوماتىيە ئىستراتېگىيىسى جەھەتتە خىتايغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ئېسىمگە سالدى. ھەقىقەتەن بۇ بىر نەچچە يىلدا، ئاز دېگەندىمۇ ئۆتكەن ئۈچ يىلدا ئەھۋالدا كۆپ ئۆزگىرىش بولدى. ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسەت ئىستراتېگىيىسىگە، شۇنداقلا ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قانداق قارايدىغانلىقىڭىز توغرۇلۇق سۆزلەپ بېرەلەمسىز؟
ئارتۇر: ئالدى بىلەن، بىزنىڭ خىتايدا دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىمىز بار. ئۇلارنىڭمۇ بۇ يەردە دىپلوماتلىرى بار. بۇ بىر زۆرۈرىيەت. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچىلىك، يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەتلەر مەۋجۇت. بۇنىڭ سىرتىدا، بىز خىتايغا ئەينى چاغدا سوۋېتقا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. بىز رۇسىيەنى يېتىم قالدۇرغان ئىدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىرگە ئۆزىمىزگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم لېنىيەلەرنى ساقلاپ قالغان ئىدۇق. نېكسون خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىمىز بولۇشى كېرەك دەپ قارىغان. مەنچە، بۇنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ بىر خىتاي مەشۇقى بولغانلىقىدا. بىلىشىمچە، ئۇ ئايالنىڭ ئىسمى ئاننا مارىيە ۋاڭ. بۇ ئايال ھازىر ھايات ئەمەس. بۇ ئايال ئۆلۈپ كەتكەن گېنىرالنىڭ قىزى. نېكسون بۇ ئايال بىلەن خوڭكوڭدىكى ھىلتون مېھمانسارىيىدا كۆرۈشكەن. بۇ چاغدا نېكسون 40 ياشتا، بۇ ئايال شۇ چاغدا 20 ياشلىق قىز ئىدى. مېھمانسارايدا كوكتېيل ھارىقى كۈتكۈچىسى ئىدى. بىراق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەقىقىي مۇھەببەت شەكىللەندى ۋە تولىمۇ چوڭقۇر بولدى. نېكسون ھەر قېتىملىق ۋېيتنام سەپىرىدە خوڭكوڭغا چۈشۈپ ئۆتەتتى. ھازىر، سىزنىڭ ۋېيتانامغا بېرىش ئۈچۈن خوڭكوڭدا چۈشۈپ قېلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. بىراق، نېكسون دائىم شۇنداق قىلاتتى. نېكسون ئامېرىكاغا كەلگەندە، قىزمۇ ئامېرىكاغا كۆچۈپ كەلدى ۋە نېكسوننىڭ تۇرالغۇسىغا يېقىنراق جايدا ئولتۇراقلاشتى. (كېيىن) نېكسون ئۆلگەندە، بۇ ئايال نېكسوننىڭ قەبرىسىگە يوقلاپ باردى. قارىماققا، بۇ گەپلەر مۇھىم ئەمەستەك بىلنىشىدۇ. بىراق، مەن شۇنداق ئويلايمەنكى، نېكسوننىڭ بىر خىتاي بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇشى، ئۇنىڭ خىتاي ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى ئىجابىي تەرەپكە تارتىدۇ. نېكسون دوكتور كېسىنجىرنى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە قويدى. بۇ بەكمۇ ئېغىر بىر خاتالىق بولدى. كېسىنجىر زېرەك ئادەم ئىدى. بىراق، خىتاي بىلەن باردى-كەلدى قىلىشتا، خىتاينى چۈشىنىدىغان ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە بولۇشى لازىم. كېسىنجىر خىتايغا بېرىپ خىتاينى بەزى جەھەتتىن چۈشەنگەن بولدى. خىتايلار بىزنىڭ ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەت قۇرماقچى ئىكەنلىكىمىزنى بىلەتتى. جۇئېنلەي «ئامېرىكادا ئاز دېگەندىمۇ خىتايچىنى پىششىق بىلىدىغان يىگىرمىدەك كىشى بارلىقىنى بىلىمەن. شۇنداقلا، ئۇلار خىتايدا ئۇزاق يىل ياشىغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى خىتايدىكى چوڭ ئەمەلدارلارنىڭ يېقىن دوستى. ناۋادا خىتاي بىلەن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلاي دېسە، (كېسىنجىرنى ئەمەس) شۇلاردىن بىرىنى تېپىشى كېرەكتىغۇ؟» دېدى. كېسىنجىر خىتايدىكى ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ناھايىتى ئەستايىدىل تەييارلىق قىلدى. شۇنداقلا، ئۇلار ئومۇمىي جەھەتتىن خارۋارد ئېقىمىدىكىلەر تەرىپىدىن يېزىلغان، خىتاي توغرىسىدا خاتا كۆز قاراشلار بىلەن تولغان كىتابلارنىلا ئوقۇدى. (شۇنداق بولۇشىغا قارىماي) بۇ كىتابلارنىڭ نوپۇزى تولىمۇ ئۈستۈن ئىدى. كېسىنجىر خىتايغا يېتىپ باردى. جۇئېنلەي مۇنداق دېدى:«بۇ ئامېرىكالىقلارنىڭ قىلتىقى بولۇشى ئېنىق. ئامېرىكا نېمشقا خىتاي مەسىلىسىدە كەسپىيلەشكەن، تالانتلىق مۇتەخەسسىسلىرىنى ئەۋەتمەي، ئەكسىچە يەھۇدىي ئەسىللىك، ۋېنا يىغىنى مۇتەخەسسىسى سۈپىتىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت پروفېسسورىنى خىتايغا ئەۋەتىدۇ؟ بۇ چوقۇم ئامېرىكانىڭ ھىيلىسى. ئامېرىكالىقلارنىڭ ساتقۇنلۇق قىلىشىغا ئۇچراشنىڭ، ئامېرىكالىقلار تەرىپىدىن دۈمبىسىگە پىچاق سانجىلىشنىڭ تەمىنى تېتىشتا، مېنىڭ كونا خوجايىنىم جياڭ جيېشىدىنمۇ تەجرىبىلىك يەنە بىرى بارمۇ؟ مەن بۇ ئىشتا ئۇنىڭ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ باقاي. چۈنكى، ئۇ ئامېرىكالىقلارنى ھەقىقىي چۈشىنىدىغان بىردىنبىر خىتاي.» شۇنداق قىلىپ، بېيجىڭ بىلەن تەيبېي ئوتتۇرىسىدا مەخپىي تېلفون سۆھبىتى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ تولىمۇ ھەيران قالارلىق، ئەمما، ئانچە بىلىنمىگەن بىر پاكىت. سابىق دىپلوماتىيە ئەمەلدارى ۋە يازغۇچى جېي تايلور (Jay Taylor) بۇ مەسىلىدىن تەيۋەندە پېنسىيىگە چىققان گومىنداڭ ئەمەلدارى بىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا خەۋەر تاپقان. جۇئېنلەي كېسىنجىر بىلەن مەخپىي سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، جياڭ جيېشىغا تېلفون قىلغان ۋە «بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىز؟ ئەجىبا، ئامېرىكا ھىيلە ئىشلىتىۋاتقانمىدۇ؟» دەپ سورىغان. بۇ ئىشنى مەنمۇ سۈرۈشتۈرۈپ باقتىم. مەن جۇئېنلەي توغرۇلۇق يىپىدىن يىڭنىسىغىچە بىلىدىغان بىر خىتاينى تونۇيتتۇم. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ھەتتا جياڭ بىلەن جۇ ئارىسىدىكى مەخپىي سۆھبەتكە مەسئۇل بولغان، خوڭكوڭدىكى بىرىنىڭ ئىسمىدىن تارتىپ ماڭا دەپ بەردى. ئەگەر سىز كېسىنجىرنىڭ ئەسلىمىسىنى ئوقۇسىڭىز، ئەينى چاغدا تەيۋەندە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىدىغان نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇنىڭ پىلانىنى، نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى، نەگە بارىدىغانلىقىنى تولۇق بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلىسىز. كېسىنجىر دەسلىۋىدە ئىستراتېگىيىلىك جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە بولماقچى بولدى ۋە ناۋادا بىز خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن ھەمكارلىشالىساق، ئۇ ھالدا بۇ سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن بىر باش ئاغرىقى بولىدۇ. ناۋادا كەلگۈسىدە خىتاي بىزگە باش قېتىنچىلىقى ئېلىپ كەلسە، ئۇ ھالدا سوۋېت بىلەن بىرلىشىپ خىتايغا قارشى تۇرساق بولىدۇ، دەپ ئويلىدى. بىراق، بۇلار ئەمەلىيەتتە ئۇخلىماي تۇرۇپ چۈش كۆرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. كېسىنجىر ئېرىشمەكچى بولغانلىرىدىن ھېچقايسىسىغا ئېرىشەلمىدى. ئۇ خىتاينىڭ ياردىمى ئاستىدا ۋېيتنامدىن چىقىپ كېتىۋېلىشنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، بىراق ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىدى. چۈنكى، خىتاي تەرەپ كېسىنجىرنى ئۆزلىرىنىڭ ئالدىغا تىلەمچىلىك قىلغىلى كەلدى، دەپ چۈشەنگەن. بۇنىڭدىن سىرت، خىتاي تەرەپ مەخپىي ئالاقە ئارقىلىق كېسىنجىرنىڭ ھەممە غەرەزلىرىنى بىلىۋالغان ئىدى. دېمەك، ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، بىزنىڭ خىتاي ئارقىلىق سوۋېتنىڭ تەسىرىنى يوق قىلىشتەك ئىستراتېگىيىلىك دەۋرىمىز بولغان. تاكى، 1991-يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى سوۋېتنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنى ھەيران قالدۇرغان ئىش سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشى بولدى. سوۋېت بىلەن خىتاي ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان كەلىمە «پارچىلىنىپ كېتىش» كەلىمىسىدۇر، ھەرگىزمۇ «ۋەيران بولدى» كەلىمىسى ئەمەس. رۇسىيە تېخىچە مەۋجۇت، رۇسىيەدە ئۆزگەرگەن نەرسە بەزى تەشكىلىي سىستېمىلارنىڭ ئۆزگىرىشىدۇر. كېسىنجىر رۇسىيەنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان. بۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ قىلغىنى«ئەمدى بۇنداق ئۆرۇنلاشتۇرۇشنىڭ ھېچبىر ئىستراتېگىيىلىك زۆرۈرىيىتى يوق، ئەمدى خىتايغا ياخشىچاق بولۇشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمىدى» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى. ھالبۇكى، كىشىلەر (بۇ نۆۋەت) خىتايغا بېرىپ پۇل تېپىشقا باشلىدى. كىشىلەر ئەمدى ئىستراتېگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش دېگەندەك گەپلەرنى ئۇنتۇپ كېتىشكە باشلىدى. ئەمدىلىكتە، ئاتالمىش ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى جەھەتتە سۆزلەر بولۇنۇشقا باشلىدى. «بىز چوقۇم خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشىمىز كېرەك» دېگەن پىكىرلەر تارقالدى. ئەگەر سىز كېسىنجىرنىڭ خىتاي توغرىسىدا يازغان كىتابىنى ئوقۇپ باقسىڭىز، كىتابتىكى خۇلاسە «خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن ئامېرىكا ھەمكارلىشىپ يېڭى دۇنيانى بەرپا قىلسا بولىدۇ» دېگەندىن ئىبارەت. توغرا، يېڭى دۇنيا بەرپا قىلىش كېرەك. بىراق، ناۋادا ئامېرىكا ياۋروپا بىلەن ھەمكارلاشسا، ياكى ھىندىستان بىلەن ھەمكارلاشسا، بۇنىڭ تولىمۇ ياخشى. ئەمما، خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقۇدەك ئالاھىدە نەرسە يوق. كېسىنجىر ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىدى. پەقەت خىتايدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىگە، تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتە ئۆزى بىلەن ئوخشىمايدىغانلىقىغا دىققەت قىلدى. بىراق، ئۇ خىتاي سىياسىتىنىڭ مۇرەككەپلىكى توغرۇلۇق، شۇنداقلا خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتچانلىقى توغرۇلۇق ھېچقانداق چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس ئىدى. ئۇ ئىشلارنى تولىمۇ تۈز ئويلايتتى. ئەنگىلىيەلىك بىر روھىي كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى «خىتايچە چىرايلارنىڭ نېرىسىغا ئۆتۈش» ماۋزۇدا بىر كىتاب يازدى. مەن ئوقۇتۇش ھاياتىمدا بۇنىڭ ئەڭ قىيىن ئىشلار جۈملىسىدىن ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. گەرچە مەلۇم شەخس ئۆزىدە خىتايلارغا ئوخشاش ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلسىمۇ، ئەمما، ئۇ ئىپادە قىلغان ئالاھىدىلىك باشقا بىر مىليار تۆت يۈز مىليون خىتاي بىلەن بىردەك ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ كۆز قارىشى تامامەن قارمۇ-قارشى بولۇشى مۇمكىن. بىراق، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنى پەسكويغا چۈشۈرۈش كېرەك بولغان چاغدىمۇ، بىز يەنىلا خىتاي بىلەن يېقىنلىشىپ كېتىۋەردۇق. تاكى تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى بولغۇچە، بىز خىتاي ئۈچۈن قورال-ياراق سىستېمىسى قۇرۇپ بېرىۋاتاتتۇق. 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، بىزنىڭ ئاز تولا تەسىر كۈچىمىز بار چاغدا، پرىزدېنت بۇش تېلۋوزۇردا بۇ قەتلىئامنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقى توغرۇلۇق سۆزلىدى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن، دېڭ شىياۋپىڭغا ئادەم ئەۋەتىپ — ئەينى چاغدا دېڭ شىياۋپىڭ بۇ جىنايەت گورۇھىنىڭ باشچىسى ئىدى — «بىز سىزنى ياخشى كۆرىمىز» دېگەندەك گەپلەرنى دېگۈزدى. ئاخىرىدا، ئەسىر ئالماشقاندا نەتىجە ناھايىتى ئوچۇق كۆرۈلدى. خىتاي ئەسلا ئەركىنلىك يولىغا ماڭمىدى. ئەگەر، كومپارتىيە رېجىمىدا ئۆزگۈرۈش بولدى دېيىلسە، نۆۋەتتە ماۋزېدوڭ دەۋرىدىكىدىن تېخىمۇ مەخپىي (ئىش كۆرىدىغان)، تەشكىلچانلىققا ئىگە كومپارتىيە بار بولدى. ماۋ ناھايىتى كۆپ ۋەيرانچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بىراق، ئۇ ئىنتايىن تەرتىپسىز ئىدى. ئەمما، (ماۋنىڭ ئىزباسارى بولغان) نۆۋەتتىكى كىشىلەر ناھايىتى سىستېمىلاشقان، ھەر قانداق ئىشنى ئىشەنگۈسىز نازارەت قىلىپ تۇرماقتا. ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش … دېگەنلەرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. ناۋادا سىز بېيجىڭ پويىز ئىستانسىسىغا بېرىپ قالسىڭىز، ئۇ يەردىن دەرھال قېچىپ كەتكۈڭىز كېلىدۇ. چۈنكى، سىزنىڭ كىملىكىڭىزدە بىر ئۆزەك بار، ساقچىلار شۇ ھامان ئالدىڭىزدا پەيدا بولىدۇ. ناۋادا ساقچى سىزنى ئىزدەپ تاپماقچى بولسا، ئۈسكۈنىسىنىڭ ياردىمىدە بەش مىنۇتتىلا ئالدىڭىزدا ئۈنۈپ بولىدۇ. ساقچى خالىغان چاغدا سىزنى تاپالايدۇ. بۇ تولىمۇ رەزىل قىلمىش. خىتاي جەنۇنىي دېىڭىزنى يۇتۇۋالغاندا ھېيگ خەلقئارالىق سوتىغا تاپشۇرۇلدى. سوتتىن خىتاينىڭ ئۆزى قول قويغان دېڭىز-ئوكيان قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى توغرۇلۇق ھۆكۈم چىققاندا، خىتاي رەھبەرلىرى خاتالىقىنى تونۇدى، ئەمما «بىزنىڭ بۇنىڭ بىلەن كارىمىز يوق» دېيىشتى. كىشىلەر ئويغۇنۇشقا باشلىدى. ئوباما ھۆكۈمىتى دەۋرىدە ئىۋان مېدېروس ئىسىملىك بىر كىشى — ھازىر ئۇ كارنىگ فوندىنىڭ ئەزاسى — «بىز شىجىنپىڭغا ياردەم بېرىشىمىز، ئۇنى قوللىشىمىز كېرەك» دېگەن ئىدى. مەن بۇ سۆزنى پەقەتلا قوبۇل قىلالمايمەن. مانا بۇ بىزنىڭ دوستلۇق شەكىللەندۈرۈش ئۇسۇلىمىز. ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ بىر بالايى-ئاپەت. نەتىجىدە، خىتاينىڭ تۇپراق تاجاۋۇزچىلىقى ياكى دېڭىز-ئوكيان تاجاۋۇزچىلىقى ئارقىلىق ئېرىشكەن تېررىتورىيىسى كۆلەم جەھەتتە ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ كۆلىمىدىن ئەللىك پرسەنت چوڭ. بۇنىڭغا بىز ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدۇق. بىزنىڭ بۇ خىل شەكىلدە يول قويۇشىمىز ئۇزۇن يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كەلدى. تولىمۇ ئېنىقكى، خىتاي قىلىنماسلىقى كېرەك بولغان ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. كىشىلەر بولسا خىتاي بىلەن بىللە پۇل تېپىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەقلىي مۈلۈكلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىدۇ. شۇڭىلاشقا، پرىزدېنت ترامپ تەخىتكە چىققاندا، ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيىلىك خىتايشۇناس مەسلىھەتچىلەرنى تاللىدى. يىغىنچاقلىساق، نېكسون چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزدى. ھەقىقەتەن شۇنداق. (خىتاي بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇش ۋە يېقىنلىشىشتا) بەكلا ئالدىراپ كەتتى، چۈنكى، ئۇ مۇشۇنداق قىلىشنى خالايتتى. 1964-يىلى فرانسىيە خىتاينى دۆلەت سۈپىتىدە تونۇدى. بۇ بىر چوڭ ھادىسە. دېگول بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدى. بىزنىڭ غەزىمىزمۇ خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئىدى. بىز بولساق «قارىمامدىغان، فرانسىيە خىتاينى قوبۇل قىلدى، بىز ئون يىل ساقلايلى. فرانسىيەلىكلەر خىتاينىڭ ئەھۋالىنى بىلسۇن. خىتاي قۇرغان توسۇقلارنى ئۇلار بۆسۈپ ئۆتسۇن، بىز ھەر قايسى جەھەتتىن ئۇلارغا ئىلھام بېرەيلى» دېيىشتۇق. بۇ بۆلۈك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، بىزنىڭ ھەقىقىي رەۋىشتىكى خىتاي مۇتەخەسىسلىرىمىز بولغاندىن كېيىن، بىز ئەينى دەۋرنىڭ ۋەزىيىتىگە ماس كېلىدىغان ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيىسىنى لاھىيەلىدۇق. بىراق، كېسىنجىر خام خىياللارغا بەنت بولدى. كېسىنجىر ۋە نېكسوننىڭ خىتاي سىياسىتى ئامېرىكا تاشقى مۇناسىۋەت ئىستىراتېگىيىسىدىكى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەتتۇر. كېسىنجىرنىڭ مەسىلىلەرنى كۆزىتىشى يېتەرسىز ئىدى. ئۇ ئۆزىگە بەك ئىشىنەتتى. ئەلۋەتتە، ئەينى چاغدا خارۋاردنىڭ پروفېسسورلىرى ئۆزىگە بەك ئىشىنەتتى. يىغىنچاقلىساق، كېسىنجىر ئۆز ۋەزىپىسىنى ئورۇندىيالمىدى. خام خىيالى بويىچە، ۋېينا يىغىنىنى ئانالىز قىلىش ئۇسلۇبى بويىچە ئىش كۆردى. خىتاينى ۋېينا يىغىنى بىلەن سېلىشتۇرما قىلىش ئاساسىدا ئىش كۆرۈش ھەرگىزمۇ بىر ياخشى تاللاش ئەمەس ئىدى. (خىتاي بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇش ئۈچۈن) خىتاي تارىخى ۋە ئاسىيا تارىخى جەھەتتە ياخشى چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش لازىم. كېسىنجىرنىڭ ئەقىل پاراسىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ھازىرمۇ ئۇنى چوڭ بىلىدىغانلار بار. ئەمما، ئۇ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزگۈچىدۇر. كېسىنجىر نۇرغۇنلىغان سالاھىيەتلەر بىلەن خىزمەتكە چۈشكەن ئىدى، ئاقىۋەتتە ئۇ ئىشلارنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتى. ئۇ بەئەينى تولىمۇ ئېگىز بىر يەردىن چۈشۈپ كەتكەن كىشىگە ئوخشايدۇ. كىشىلەر بۇ نۇقتىنى ھامان تونۇپ يېتىدۇ، ئەمما، بۇنىڭغا بىر ئاز ۋاقىت كېتىدۇ.
كېلىي: يەنە بىر مۇھىم ئىش بار، ئۇ بولسىمۇ، خىتاي تاكى يېقىنغىچە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ ئېتىبارىغا ئېرىشكەن دۆلەت بولۇپ كەلمەكتە. (بۇ جەھەتلەردە پىكىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق.)
ئارتۇر: مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەلۇم خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ساقلاشتىن ئىبارەت. بىز ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزدىن ياكى ھىندونېزىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزدىن ئەنسىرىمەيمىز. گېرمانىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزدىنمۇ ھەم شۇنداق. بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بىز چوقۇم مۇرەسسە قىلىپ، يول قويغاندىلا ئاندىن داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان ئىشلاردىن ئەمەس. خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش مەسىلىسىگە كەلسەك، بىز ئومۇمىي جەھەتتىن دۇنيا سودا تەشكىلاتى بېكىتكەن ئاشۇ قائىدە-نىزاملارنى چۆرۈپ تاشلىدۇق. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، خىتاينىڭ پۇلىنى ئايرىۋاشلىغىلى بولمايدۇ. بەلكىم سىز بىر سومكا خىتاي پۇلىنى كۆتۈرۈپ رىۋاناغا بارسىڭىز، بەلكىم بىرى سىزدىكى پۇلنى تېگىشىپ بېرىشى مۇمكىن. بىراق، خىتاي پۇلىنىڭ ئايرىۋاشلاش نىسبىتى بازار تەرىپىدىن بەلگىلەنمەستىن، خىتاي بانكىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. بەئەينى ئۆتمۈشتىكى رۇسىيە رۇبلىسىغا ئوخشاش. ئەگەر سىز نورمال شەكىلدىكى ئايرىۋاشلاش نىسبىتىگە قارىسىڭىز، ئۇنىڭ توختىماستىن ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئەركىن بازار ئىقتىسادى ئۈچۈن لاھىيىلەنگەن. بىراق، خىتايدا ئەركىن بازار ئىقتىسادى مەۋجۇت ئەمەس. شۇنداقلا، ئەركىن بازار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان ئۆسۈم نىسبىتىمۇ مەۋجۇت ئەمەس. خىتايدا پۇلنىڭ قىممىتىنى بازار بەلگىلەيدىغان ئىشمۇ يوق. شۇ ۋەجىدىن، خىتاي ئەسلىدە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا مەنسۇپ ئەمەس. ئامېرىكا خىتاينى مەلۇم ئۇسۇلدا پەپىلەش ئۈچۈن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئېلىپ كىردى. خىتاينىڭ نېكسون بىلەن كېسىجىرنىڭ ئارزۇ قىلغىنىدەك بولۇشى ئۈچۈن، يەنى خىتاينى ئامېرىكادىن ئۆگىنىپ، دېموكراتىيەلىشىدۇ دەپ قارىغانلىقىنى ئۈچۈن شۇنداق قىلدى. ھالبۇكى، خىتاي بۇنداق قىلمىدى.
كېلىي: يەنە بىر چوڭ مەسىلە، سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدۇر.
ئارتۇر: شۇنداق. مەن بۇنى ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ ئالداش دەپ قارايمەن. مەن دائىم بۇ ھەقتە مۇنداق بىر مىسالنى كەلتۈرىمەن. سىزنى نيۇ يوركتىكى 86-كوچىدا ياشايدۇ دەپ قارايلى ۋە بۇ كوچىدا يەرلىك تەييار يېمەكلىكلەر دۇكىنى بار دەپ قارايلى. دۇكاننىڭ ئەينىكىدىن دۇكاندا سېتىلدىغان قالتىس ئىتالىيە تاتلىق-تۈرۈملىرى، يېيىشلىك پىشلاقلار ۋە كۆركەم شەكىلدە كېسىپ تەييارلاپ قويۇلغان گۆشلەر، شېشىلەرگە قاچىلانغان قىممەت پۇللۇق ھاراق-شاراپلار كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. سىز بۇ دۇكاننىڭ ئالدىدىن قارىسىڭىز يۇقىرىقىدەك ھەشەمەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەر كۆزىڭىزگە تاشلىنىدۇ. ئەمما، سىز دۇكانغا كىرىپ ئارقا تەرىپىگە ئۆتسىڭىز، ئۇ يەردە يېمەكلىكنى سوغۇق ۋە يېڭى ھالەتتە ساقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان چېلەكلەر بار. بۇ چېلەكلەردە يېڭىدىن سۇغۇرۇۋېلىنغان بۆرەك، جىگەر، يۈرەكلەر بار. بۇ ئىنسانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى. ئېسىمىزدە بولسۇكى، مۇشۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە، كىشىلەرنىڭ ئىچكى ئەزالىرى كېسىپ ئېلىۋېلىنىۋاتىدۇ. كىشىلەر تېخىچە زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىدۇ. بۇ ئىچكى ئەزالارنىڭ نۇرغۇنلىرى خىتاينىڭ قېرى رەھبەرلىرىگە، ياكى ئۇلارنىڭ بالا-چاقىلىرىغا تەمىنلىنىۋاتىدۇ. يېقىندا خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىدىن بىرى راك كېسىلى بولۇپ قالغان. ئۇ، ئۆزىنىڭ نۇرغۇن ئىچكى ئورگانلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى تىلغا ئالغان. خوش، سىز بايا بىز بايان قىلغان دۇكانغا قانداق باھا بېرىسىز؟ ئەجابا سىز مەن پەقەت دۇكاننىڭ ئالدى تەرىپىدىكى پۇكەيلەردىن يېمەك-ئىچمەك سېتىۋالىمەن، دۇكاننىڭ ئارقا تەرىپىدىكى، ئىنساننى تىرىك توختۇتۇپ تۇرۇپ ئېلىۋېلىنغان ئىچكى ئەزالىرى بىلەن كارىم يوق دەمسىز؟ بۇ يېڭى ئىچكى ئەزالارنىڭ نەدىن كەلگىنىنى خۇدا بىلىدۇ. سىز بۇ دۇكان زادى نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ دەپ قاراپ تۇرامسىز؟
كېلىي: بۇ مىسال ئادەمنىڭ توخۇ ئەتلىرىنى ئۆرلىتىۋېتىدىغان بولسىمۇ، ئەمما، ھەقىقەتەن قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىكەن.
ئارتۇر: مانا بۇ ئامېرىكالىقلار يېقىنقى يىللار مابەينىدە دۇچ كەلگەن ئىشلار. مۇنداقچە ئېيتقاندا، خىتايدا مىليونلىغان ئادەم خىتاي رېجىمىنىڭ قىرغىن قىلىشىغا ئۇچراۋاتقاندا، ماسك ئەپەندى خىتايغا مىليون دوللارلاپ مەبلەغ سالماقتا. قانچىلىغان تۈركلەرنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ. غايەت زور ساندىكى ئىنسان رەھىمسىزلەرچە خورلىنىدىغان جايلارغا سولاندى. خىتايدا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئەركىنلىك دېگەنلەردىن ئەسەرمۇ يوق. ئىقتىسادىي ئامىل ئىقتىسادىي ئامىل سىياسىي ئامىلنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. بۇمۇ بىزنىڭ خىتايدىن ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتايدىن چەك ئايرىشىمىزنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى. چۈنكى، بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تىجارىتىمىزدە بىزنىڭ قېرىغاندا كۈتۈنۈش پۇلىمىزمۇ مەبلەغ قىلىنىپ سېلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. ناۋادا خىتاي پەقەت ئاشۇ زىيان ئىچىدىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلىرى ۋە باج ئارقىلىقلا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىسا، ئەھۋال تامامەن باشقىچە بولغان بولاتتى.
ھېتلىرنىڭ يەھۇدىلارغا ئاشۇنداق مۇئامىلە قىلىشى توغرا ئەمەس. ئەمما، گېرمانىيەنىڭ لايكا شىركىتىنى تولىمۇ ئىلغار كامېرانى ياساپ چىقىرىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا، بىز نېمىشقا (خىتاي بىلەن سودا قىلغاندەك) گېرمانىيەنىڭ لايكا شىركىتى بىلەن سودا قىلمايمىز. بىر تەرەپتىن بىز خىتاي رېجىمىنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى قوللىمايمىز دەپ قويۇپ، بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ بىلەن سودىنى داۋاملاشتۇرساق، بۇ بىر ئىككى يۈزلىمىچىلىك بولۇپلا قالماي، يەنە بىر نۇقتىدىن (خىتاي رېجىمىغا قارشى تۇرىشىمىز) مۇمكىنسىز بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى، سودا بىلەن كىشىلىك ھوقۇق بىر-بىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بۇ ئىككىسى بىر-بىرىگە بېقىنىدۇ. بەختكە قارشى، خىتايغا ئەڭ ئاسان ئىشىنىپ قالىدىغانلار ئامېرىكانىڭ سودا ساھەسىدىكى ئاشۇ ماگناتلاردۇر، مورگان ستېينلىي قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىدۇر. ئۇنىڭ دېيىشىچە، خۇددى بېيجىڭنىڭ ھاۋاسىدا بىر خىل ماددا باردەك، مەسىلەن، ئىنتايىن تەجرىبىلىك سۆھبەتچىلەر، ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرى خىتايغا بارغاندىن كېيىن بارلىق قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقىتىدىكەن. ئۇلار بۇ تۈردىن پايدا ئالامدۇق، زىيان تارتامدۇق دېگەنلەرنىمۇ سورىماس بولۇپ قالىدىكەن. بىز بۇ چۈشتىن ئۈزۈل-كېسىل ئويغىنىشىمىز كېرەك ۋە بىزگە دۇچ كېلىۋاتقان (خەتەر) نى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ نۆۋەتتە خىتايغا نىسبەتەن دۇچ كەلگەن مەسىلىلىرىمىز، ئەينى چاغدا سوۋېتقا نىسبەتەن دۇچ كەلگەن مەسلىلىلىرىمىزگە ئاساسەن ئوخشايدۇ. ئوخشىمايدىغىنى، بىزنىڭ سوۋېتقا سالغان زور سوممىدىكى مەبلىغىمىز يوق ئىدى، ئىقتىسادىمىزنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا سەرپ قىلمىغان ئىدۇق. مەن خىتاينى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش پارچىلىنىپ كېتىش دەۋرىگە كىردى دەپ قارايمەن. بۇ رۇسچىدا «распад»(Raspad) دېيىلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى دۆلەت ۋەيران بولۇپ، ھەممە نەرسە تۈگەشتى دېگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ. بۇنىڭ مەنىسى، دۆلەت تېخىچە مەۋجۇت، قۇرۇلۇش-ئەسلىھەلەر بۇرۇنقىغا ئوخشاش. پەقەت، ئۇلار سىياسىي سېتىمىسىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك (دېگەنلىكتۇر). ئۇلار ھېچقاچان «collapse»(ھالاك بولۇش، ۋەيران بولۇش) دېگەن سۆزنى ئىشلەتمىگەن. پەقەت بىز مۇشۇنداق ئىشلىتىمىز. خىتاي بۇنى «解体» (پارچىلىنىپ كېتىش) دەپ ئاتايدۇ. ناھايىتى كونىراپ كەتكەن، ھېلى ئوت ئالمايدىغان، ھېلى باشقا كاشىلا چىققان، نورمال فۇنكىسىيىسىنى يوقاتقان بىر ماشىنىنى خىيالىڭىزغا كەلتۈرۈڭ. خىتاي رېجىمىنىڭ بۈگۈنكى ھالى دەل مۇشۇنداق. بۇ رېجىم نۆۋەتتە ئۆز ئىچىدىن ئىنتايىن چوڭ خەتەرگە دۇچ كەلدى. ئەلۋەتتە، خىتايدا ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. بىراق، ئۇلار ئاپەت خاراكتېرلىك كىرزىسلارغا دۇچ كەلدى. خىتايدىكى ئورنى ئىنتايىن يۇقىرى، شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسلىھەتچىلىرىدىن بىرى (ئۇچرىشىشلىرىمىزدىن بىرىدە) ئۇ ماڭا سەمىمىيەت بىلەن شۇنداق دېدى: «ئارتۇر، بىز زادى قانداق قىلساق بولار؟ نۆۋەتتىكى سىستېمىنىڭ ھالاكەتكە قاراپ كېتىۋاتقىنىنى ھەركىم بىلىدۇ. بىز ئاللىقاچان <خالتا كوچا>غا كىرىپ قالدۇق. بىز كېيىنكى قەدەمنى قانداق ئېلىشنى بىلمەيمىز. چۈنكى، بەئەينى يولىمىزنىڭ ھەممە يېرىگە مىنا كۆمۈلگەن. ناۋادا بىز يەنە بىر قەدەم ئالساق، بەلكىم تولىمۇ قورقۇنچلۇق پارتىلاشقا دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن. شۇڭىلاشقا، خىتاي ئۈچۈن ھەقىقىي ئەقىل تەلەپ قىلىدىغان مەسىلە، سوتسىيالىزمدىن قانداق قۇتۇلۇپ چىقىشتۇر. سوۋېت ئىتتىپاقى ئىنتايىن تەلەيلىك. چۈنكى، گورباچېفنىڭ تولىمۇ قالتىس بىر مەسلىھەتچىسى بار ئىدى. بۇ مەسلىھەتچىنىڭ ئىسمى ياكوۋلېۋ. مەن ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىش شەرىپىگە ئېرىشكەن. ئۇ ئىنتايىن قالتىس ئادەم. گورباچېف فۇنكىسىيىسىنى يوقاتقان (سوتسىيالىستىك) سىستېمىسىنى رۇسىيەدە داۋاملاشتۇرالاش ئۈچۈن مىليونلىغان ئىنساننى ئۆلتۈرۈۋېتىشكە بولىدىغانلىقىنى، ياكى بولمىسا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتكەن. گەرچە، گورباچېف يامان كۆرۈلىدىغان بىر شەخىس بولسىمۇ، بىراق، ئۇ ئىشەنگۈسىز دەرىجىدىكى بىر ياخشى ئىشنى قىلغان. چۈنكى، كوممۇنىستىك سوۋېتتىن رۇسىيەگە ئالمىشىش جەريانىدا ئۆلگەن ئادەمنىڭ سانى 200 دىن ئاشمايدۇ. گورباچېف كىشىلەرنى ئېتىۋېتىش ئارقىلىق تەسلىم قىلالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. نەتىجىدە، گورباچېفنىڭ قىلغىنى پۈتكۈل سوۋېت خەلقىنىڭ جېنىنى قۇتقۇزىدىغان يولدىن بىرنى ياساش بولغان. مەن شۇنداق قارايمەنكى، خىتاي پارچىلىنىپ كېتىش دەۋرىدە تۇرماقتا. دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىئو ۋە باشقا ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى نۆۋەتتە دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ خىرىس، ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ خالتا كوچىغا كىرىپ قالغانلىق مەسىلىسىنى ئويلىشىشتۇر. بايا مەن گېپىنى قىلغان، شى نىڭ مەسلىھەتچىسى ھېسابلانغان كىشى قاتارلىقلار خىتاينىڭ تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان بۇ پەيتىدە قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى قارار قىلىشى كېرەك. بىزمۇ ھەم، جاۋاب سۈپىتىدە قانداق قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئويلىشىشىمىز كېرەك. بىراق، ھېچكىم ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلانمايۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتىكى ئىشلارغا پەقەتلا ئىنتايىن ئاز ساندىكى، رېئالىزمچى كىشىلەر دىققەت قىلىۋاتىدۇ. بىز «بېيجىڭنىڭ دېگىنىگە قاراپ، نېمە قىلىشنى بىلىسەن» دېگەنگە كۆنۈپ قالغان. بىز ئىلگىرى دائىم مۇشۇنداق قىلىپ كەلدۇق. بىراق، خىتاي ئىچكى جەھەتتىن پارچىلانسا قانداق قىلىش كېرەك؟ (ئەتە-ئۆگۈن) پومپىئو ئەپەندىگە (خىتايدا يۇقىرى ھوقۇق تۇتقان) نۇرغۇنلىغان كىشى تېلفون قىلىپ «پومپىئو ئەپەندى، مەن سىز تەرەپتە» دېگەندە، يەنە نۇرغۇنلىرى تېلفون قىلىپ، «ياق، پومپىئو ئەپەندى، مەن سىز تەرەپتە» دېيىشى مۇمكىن. (خىتايدا) ئىشلار مۇرەككەپ. ئۇلار ئۆز كۈچىنى تەرتىپكە سېلىپ بولالمىغان. بىزدە خىتايغا ئىنكاس قايتۇرىدىغان ئاكتىپ ئىدىيە يوق. خىتاي بەلكىم سىياسىي مالىمانچىلىقتا تۇرمىغان بولۇشى مۇمكىن، بىراق خىتاي چوڭ سىياسىي ئۆزگىرىش پەيتىدە. مەن (ئەھۋالنى) مۇشۇنداق تەرەققىي قىلىدۇ دەپ قارايمەن. مەن بىر سېپى ئۆزىدىن ئۈمىدۋار ئادەم. خىتايغا قىلغان ئەڭ ئاخىرقى سەپىرىم، ئۇ يەردىكى تۇغقانلىرىمدىن بىرى ياشلا ئۆلۈپ كەتكەن چاغدا، دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن قىلغان سەپىرىمدۇر.(ئارتور ۋالدروننىڭ خوتۇنى بېيجىڭلىق خىتاي-ت) مەن شۇ چاغدا، بۇ مېنىڭ خىتايغا قىلغان ئەڭ ئاخىرقى سەپىرىم دەپ ئويلايتتىم. ھازىر بولسا، بەلكىم پېنسىيىگە چىققىنىمدىن كېيىن، (ھازىر ئارتۇر ۋالدرون 72 ياشتا-ت) يازىدىغان كىتابلىرىمنى ۋە قىلىدىغان باشقا ئىشلىرىمنى تۈگەتكەندىن كېيىن، بەلكىم ئايالىم بىلەن بىرلىكتە، ئوخشىمايدىغان (ئۆزگەرگەن) خىتايغا بېرىشىم مۇمكىن. خۇددى بۈگۈنكى رۇسىيەگە بارغانغا ئوخشاش. بۈگۈن سپاسكىي مۇنارىدا لەپىلدەۋاتقان بايراق قىزىل بايراق ئەمەس، شۇنداقلا، سپاسكىي مۇنارى بۈگۈن (ئەينى چاغدىكىدەك) كرېمل سارىيىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقانمۇ ئەمەس. ئون يىل ئىچىدە سىز بۇ سارايغا جايلاشقان لېنىننىڭ قەبرىسىنىمۇ كۆرەلمەيسىز. رۇسىيە قىزىل مەيداننى ئائىلىۋى دەم ئېلىش ئورنىغا ئۆزگەرتىۋەتمەكچى. ھازىر پۇتىننىڭ ھەرىكىتى بىر ئاز ئاستا. ئۇلار كەلگۈسىدە كرېمل سارىيىنىڭ ئىچىگە كۆمۈلگەن كوممۇنىستلارنىڭ جەسەتلىرىنى بۇ يەردىن چىقىرىۋېتىدۇ. مەن بۇنى چوقۇم يۈز بېرىدۇ دەپ قارايمەن. مەن بۇ خىل ئەھۋالنى خىتايدىمۇ جەزمەن يۈز بېرىدۇ دەپ قارايمەن. بۇنىڭدىكى مۇھىم باش قېتىنچىلىقى ماۋنىڭ جەسىتىنى بىر تەرەپ قىلىشتۇر. ماۋنىڭ جەسىتى چىرىشكە قارشى دورىلانغان. بۇ جەسەت بېيجىڭنىڭ ئەڭ مۇھىم يېرىنىڭ مەركىزىگە قويۇلغان. بىراق، ھامان بىر كۈنى، ماۋنىڭ جەسىتى بۇ جايدىن سۈرگۈن قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن قىلچە شەك-شۈبھەم يوق. چۈنكى، بۈگۈنكى خىتايدا ماۋ ھېچقانچە قارشى ئېلىنمايدۇ. خىتايدىكى مەدەنىيەت تەربىيىسىگە ئىگە كىشىلەر ئۇنى قەتئىيلا ياخشى كۆرمەيدۇ. ياپون-خىتاي ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ماۋ خىتاي تەرەپنىڭ مەخپىيەتلىكلىرىنى ياپونغا سېتىش ئارقىلىق پۇل-مالغا ئېرىشكەن. چۈنكى، كوممۇنىستلار پۇلغا بەكلا ئېھتىياجلىق ئىدى. شۇنداق بولغانلىقتىن، ماۋنى ۋەتەنپەرۋەر دېيىش ئۈزۈل-كېسىل خاتالىق ھېسابلىنىدۇ. ماۋنى ۋەتەن خائىنى دەپ ئاتاش كېرەك. ناۋادا بىر رېجىمنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ ۋەتەن خائىنلىق ئۆتمۈشى ئىسپاتلانغان تەقدىردە، بۇ خىل رىجىمنىڭ ئاساسى پۇختا بولمايدۇ دېگەن گەپ.
ئەگەر سىز ماۋزېدوڭ بىلەن قىلىنغان سۆھبەتلەرنى، مەسىلەن، 1945-يىلى رويتېرس ئاگېنتلىقى بىلەن قىلغان سۆھبىتىنى ئوقۇپ كۆرسىڭىز — بۇ سۆھبەت خىتايچە ئەسەرلەردە ئۇچرىمايدۇ، بىراق، ياپونچە ئەسەرلەردە ئۇچرايدۇ. چۈنكى، ياپونلار تولىمۇ ئەستايىدىل مىللەت — بۇ سۆھبەتتە ماۋدىن خىتاينىڭ قانداق بىر دۆلەت بولىدىغانلىقى سورالغاندا، ماۋ «خىتاي پۈتۈنلەي دېموكراتىك دۆلەت بولىدۇ، بارلىق گۇرۇپپىلارنىڭ ئۈزۈل-كېسىل پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ، خىتاينىڭ ھەربىر رەھبىرى سايلام ئارقىلىق ۋەزىپىگە چىقىدۇ…» دېگەن. ئۇ بۇ سوئالغا يېزىقچە شەكىلدە (يۇقىرىقىدەك) جاۋاب يازغان.
ماۋنى (بەزى) بەزى كىشىلەر دېموكراتىك ئىسلاھاتچى دەپ قارايدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى خىتاي ئۈچۈن بەك ئېغىر ئاپەت بولغان. خىتايدا ئۇرۇش بولمىغان، تىنىچ كۈنلەردە خىتاي كومپارتىيىسى 70 مىليون ئىنساننى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئەللىك مىليون. ياكوۋلېۋنىڭ تەخمىنىچە، سوۋېت كوممۇنىستلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدىمۇ ئوخشاشلا 70 مىليون ئىنسان ئۆلتۈرۈلگەن ئىكەن. بۇ كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان تولىمۇ قورقۇنچلۇق رەقەمدۇر.
كېلىي: ئارتۇر، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھازىرغىچە بىلگەنلىرىڭىزگە قارىغاندا، خوڭكوڭدىكى ئىشلار تەرەققىي قىلىپ نەگىچە بارار؟
ئارتۇر: مەن (باشقا بىر يەردە) ھېربېرت ستېين قانۇنىيىتىنى تىلغا ئالغان ئىدىم. بۇ قانۇنىيەتنى «ئەگەر مەلۇم نەرسە چەكسىز داۋاملاشمايدىغان تەقدىردە، چوقۇم توختاپ قالىدۇ» دېگەن مەناغا يىغىنچاقلىساق بولىدۇ. خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى مەۋجۇت سىستېمىسى چەكسىز داۋاملاشمايدۇ. ستېين قانۇنىيىتىغا تەدبىقلىساق، خىتاي رېجىمى مەلۇم پەيتتە ھەرىكەتتىن توختايدۇ. ئۇنىڭ قانداق توختىشى، قاچان توختىشى، قانداق سەۋەب بىلەن توختىشى بىزگە ئايدىڭ ئەمەس. خىتاي توختىماستىن ئۆزگۈرۈۋاتىدۇ. مەن شى جىنپىڭنىڭ بىر بىر ئىجابىي تەرەققىيات ئارقىلىق بىزنى ھەيران قالدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.