بولۇملۇق تۇتامنىڭ كۈچى
بۇ ماقالە ئۇيغۇرلار ژۇرنىلىنىڭ ئونىنچى سانىدا ئېلان قىلىنغان
سىز ئۆزىڭىزنى بولۇملۇق ئادەم دەپ ئويلامسىز؟ ئىجابىي روھىي ھالەت سالامەتلىكىڭىزنىڭ، باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، ئۇتۇق قازىنىش پۇرسىتىڭىزنى ئاشۇرىدۇ…
ئەمەلىيەت شۇكى، كۆپىنچە كىشىلەر ھەر كۈنى پاسسىپلىقنىڭ ئىسكەنجىسىدە ياشايدۇ. ئەلۋەتتە، ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى پاسسىپ كىشىلەر دەپ ۋايساش ئاسان. ئەمما، كىشىلەر ئۆزى خىزمەت قىلىدىغان شىركەت ۋە شەخسىي تۇرمۇش قارىشىنىڭ تەسىرىدە، نۇرغۇن پاسسىپلىقنى ئۆزى پەيدا قىلىۋالىدۇ.
ئازراق ۋاقىت ئاجرىتىپ ئويلىنىپ بېقىڭ…
كۈندە پۇل ئۈستىدە تالاش – تارتىش قىلىدىغان، مەغلۇب بولۇشتىن ئەنسىرەپلا يۈرىدىغان، باشقىلارنىڭ قىلغان – ئەتكەنلىرىدىن ئاغرىنىدىغان، توختىماي خاتالىقلارنى تەنقىدلەيدىغان، باشقىلارنىڭ مۇددىئاسىغا ئىشەنمەيدىغان، مەسئۇلىيەتتىن قېچىش ئۈچۈن باشقىلارنى ئەيىبلەيدىغان، باشقىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ھەسەت قىلىدىغان ۋە ئۇششاق – چۈششەك يوقىلاڭ ئىشلار ھەققىدە پىتنە – ئىغۋا، غەيۋەت – شىكايەت قىلىش ھەلەكچىلىكىدە يۈرىدىغانلارنىڭ قورشاۋىدا قالغانلىقىڭىزنى ئويلاڭ (بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ياشىغان كىشىنىڭ كەچ بولغاندا چارچاپ ھالىدىن كەتمەسلىكى مۇمكىنمۇ؟)
بىز ھەركۈنى دۇچ كېلىدىغان پاسسىپلىقلارنى تېخىمۇ يېقىندىن كۆزىتىپ باقايلى:
تالاش – تارتىش. نۇرغۇن تالاش – تارتىشلار ئالاقىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، ئوچۇق – يورۇقلۇقنىڭ كەمچىللىكى ياكى ئۆزىنىڭكىگە قارشى قىممەت قاراشلىرى ۋە پرىنسىپلارنى قارىقويۇق چەتكە قېقىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر. كىشىلەر يەنە ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى باشقىلارغا تېڭىش ياكى قاقشىۋېلىش ئۈچۈنلا تالاش – تارتىش قىلىدۇ.
ئەندىشە. باشقىلار كونتروللۇقىنى يوقىتىشتىن ئەنسىرەيدۇ. ئۇلار ئېنىقسىزلىققا تولغان بۇ دۇنيادا ئېنىقلىققا تەلپۈنىدۇ. گەرچە ئۇلار بىرىنچى بولۇپ سىزگە بۇ خىياللارنى كاللىسىدىن چىقىرالمىغانلىقتىن ئۆزلىرىنىڭ ساراڭ بولۇپ قالاي دېگەنلىكىنى ئېيتىدىغان بولسىمۇ، يەنىلا ئەنسىرەشنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ ئويلايدۇ.
قورقۇنچ. بەزى كىشىلەر ئېنىقسىزلىقتىن قورقىدۇ. بۇلغىنىش مۇھىتقا زىيان يەتكۈزگەنگە ئوخشاش، قورقۇنچ شەخسلەر ۋە شىركەتلەر ئۈچۈن گويا زەھەردۇر. قورقۇنچ كىشىلەرنى چېكىنىشكە، بارچە ئۇچۇرلىرىنى پىنھان تۇتۇشقا، خاتالىقىنى يوشۇرۇشقا ۋە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلماسلىققا ئۈندەيدۇ. ئۇلارنىڭ قورقۇنچىنى ھەقىقىي ياكى تەسەۋۋۇر قىلىنغان بىر نەرسە كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ «قورقۇش» ھېسسىياتىنىڭ راست ئىكەنلىكى ئېنىق.
ئەيىبلەش. كىشىلەرنى خىزمەتداشلىرى ئالدىدا تەنقىدلەش ۋە ھاقارەتلەش، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىغا جەڭ ئېلان قىلىش، ئۇلاردىن بىر ئىشنى مۇمكىن بولمايدىغان قىسقا مۇددەتتە تاماملاشنى تەلەپ قىلىش ۋە ئۇلارنى زۆرۈر ئۇچۇرلاردىن مەھرۇم قىلىش قاتارلىقلار پاسسىپلىقنى پەيدا قىلىدىغان «تاكتىكا»لاردۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىرەر ئىشتىن چاتاق چىققاندا، كىشىلەر ھەمىشە باشقىلارنى ئەيىبلەيدۇ. نەتىجىدە ھەممە ئادەم ئۆزىدىن ھەزەر قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
ئاغرىنىش. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھەمىشە ئاغرىنىشىدىكى سەۋەب ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ياكى ئەھۋالىدىن نارازى ئىكەنلىكىدىن ئەمەس. ئەمەلىيەت شۇكى، ئاغرىنىشقا كۆنۈپ قالغانلار ئۆزلىرىنىڭ ئاغرىنىۋاتقانلىقىنىمۇ ھېس قىلمايدۇ. تىنماي ئاغرىنغۇچىلار زېرىككەنلىكتىن ياكى سورۇندىكى جىمجىتلىق سەۋەبلىك شەكىللەنگەن بۇرۇقتۇرمىلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈنلا ئاغرىنىدۇ. ياكى بەزىدە كىشىلەر پەقەت قاقشىۋالسا ئۆزىنى سەل راھەتلەپ قالغاندەك ھېس قىلىدىغانلىقى ئۈچۈنلا ئاغرىنىدۇ.
تەنقىد. ئىجابىي تەكلىپ بىلەن زەھەرخەندە تەنقىدنىڭ پەرقى بار. ئىجابىي تەكلىپ – پىكىرلەر ياخشى نىيەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، تىنىمسىز زەھەرخەندە تەنقىدلەر باشقىلاردا بېسىم، تەشۋىش شەكىللەندۈرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
گۇمانخورلۇق. گۇمانخورلۇقنىڭ نەتىجىسىدە قانچىلىك ۋاقىت ئىسراپ بولدى، قانچىلىك دۈشمەنلىك – ئاداۋەتلەر پەيدا بولدى؟ كىشىلەر شۇنچە كۆپ ۋاقتىنى ئاساسسىز پەرەزلەرگە، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىنى كۆزىتىشكە، تەكرار – تەكرار تەكشۈرۈشكە ئاجرىتىشىدۇ.
ھەسەت. ھەسەتنىڭ چېكى نەدە؟ بىز نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن رازى بولمايدىغان جەمئىيەتتە ياشاۋاتىمىز. ئەگەر قوشنىمىز يېڭى ئويۇنچۇق سېتىۋالسا، خىزمەتدىشىمىز ئۆستۈرۈلسە، ياكى تېلېۋىزىيە چولپانلىرى يېڭى لايىھەلەرنى ئوتتۇرىغا قويسا، بىزنىڭمۇ ئۇنىڭغا ئېرىشكۈمىز كېلىدۇ. ئەمما، مەسىلە شۇكى، ھاياجان تۈگىگەندىن كېيىن، قانائەتسىزلىكىمىز يەنە باشلىنىدۇ. ئۇنىڭغا قۇربىتىمىز يېتىدىغان – يەتمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىنتىلىشكە ئەرزىيدىغان – ئەرزىمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا ئېھتىياجىمىز بار – يوقلۇقىنى ئويلىشىپ ئولتۇرمايمىز.
غەيۋەت (بىزنىڭ مىللىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىمىز). كىشىلەر بىر توپقا سىڭىشىش، سۆھبەتتىكى بۇرۇقتۇرمىلىقنى تۈگىتىش، ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش، بىراۋدىن ئۆچ ئېلىش، باشقىلارنىڭ يۈزىنى چۈشۈرۈش ياكى نوقۇل ئۆزىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن غەيۋەت قىلىشىدۇ. غەيۋەت ئېغىزدىن ئېغىزغا تارقىلىدىغان كېسەللىك، شۇنداقلا دىققىتىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ھاياتىغا مەركەزلەشتۈرۈشىمىزنى توسىدىغان مەرەزلەردىن بىرىدۇر.
بولۇملۇق تۇتام بىلەن تېخىمۇ ياخشى مۇناسىۋەت، تېخىمۇ ساغلام بەدەن ۋە تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەت ئارىسىدا بىۋاسىتە باغلىنىش بار.
بولۇملۇق تۇتام قۇۋۋىتىڭىزنى ئاشۇرۇپ، ئىچكى ماغدۇرىڭىزنى كۈچەيتىدۇ، باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە قىيىن خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش جاسارىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. مايو (Mayo) ئامبولاتورىيەسىنىڭ تەتقىقاتىغا كۆرە، ئىجابىي تەپەككۇر چۈشكۈنلۈكنى ئازايتىپ، ئازاب – ئوقۇبەتنى تۆۋەنلىتىكەن، تارقىلىشچان زۇكامغا قارشى ئىممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى پىسخىكا ۋە جىسمانىي ساغلاملىققا تۈرتكە بولىدىكەن، يۈرەك – قان تومۇر كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلۈش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن، شۇنداقلا كىشىنى قىيىنچىلىق ۋە بېسىمغا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرالايدىغان قىلىدىكەن.
بولۇملۇق تۇتامغا ئىگە بولۇشنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇللىرى بار:
بولۇملۇق كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىڭ. بولۇملۇق، سىزنى ئىلھاملاندۇرىدىغان ۋە سىزگە ئېنېرگىيە ئاتا قىلىدىغان كىشىلەر بىلەن بىللە يۈرۈڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئەگەر سىز قازان سۈركىشىپ يۈرسىڭىز ئۇنىڭ قارىسى چوقۇم سىزگە يۇقىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا بولۇملۇق ئادەم بىلەن ئارىلىشىڭ.
ئۆزىڭىزگە قارىتا ئىجابىي بولۇڭ: ئەگەر سىز پاسسىپ كىشىلەرنىڭ قورشاۋىدا قېلىشنى خالىمىسىڭىز، باشقىلار خالامدۇ؟ ئۆزىڭىزنىڭ ئوي – پىكىرلىرىنى باشقۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. مەسىلەن:
نىشانىڭىز كونكرېتلاشقاندا، سىز شۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن كېرەكلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىشىڭىز مۇمكىن. مۇسابىقىدە ئۇتقىنىڭىزنى، ئۆستۈرۈلگەنلىكىڭىزنى، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىڭىزنى ياكى تىجارەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغىنىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ.
پاسسىپ خىياللىرىڭىزنى تىزگىنلەڭ. بۇنى تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللاردا روياپقا چىقىرىش مۇمكىن:
يېرىم ئىستاكان سۇنى كۆرگىنىڭىزدە، «ئىستاكاننىڭ يېرىمى قۇرۇقكەنغۇ» دېيىشنىڭ ئورنىغا «ھېلىمۇ ياخشى يېرىمىدا سۇ باركەن» دېيىشكە ئادەتلىنىڭ.
ئەڭ ياخشى نەتىجىنى كۈتۈڭ.
ئوتتۇراھال بولۇڭ، ھەرقانداق نەرسىگە ئاشقۇن مۇئامىلە قىلماڭ، يەنى چېكىدىن ئاشقان دەرىجىدە ئۈمىدۋار ياكى ئۈمىدسىز بولۇپ كەتمەڭ.
خاتالىق ھامىنى يۈز بېرىدۇ. پاسسىپلار خاتالىقنىڭ ئۆزىدىن ئۆتكەن بولۇش – بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، ھەر بىر سەلبىي ئاقىۋەت ئۈچۈن ئۆزىنى ئەيىبلەيدۇ. سىز بۇنداقلاردىن بولۇپ قالماڭ.
ئاڭلىق ھالدا سەلبىي تەپەككۇرغا قارشى تۇرۇڭ. سەلبىي تەپەككۇرغا قارشى ھەرۋاقىت سەگەك بولۇپ، ئۇنىڭدىن ساقلىنىڭ. بۇ سىزنىڭ ئىپادىڭىزنى ياخشىلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.
ئۆزىڭىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ. تولىمۇ ئەپسۇس، بەزى كىشىلەر ئۆزىگە ئەڭ ناچار سۆزلەرنى ئېيتىدۇ. ئەگەر ئۆزىڭىزنى (ئاساسسىز ھالدا، چېكىدىن ئاشۇرۇپ) تەنقىدلەۋەرسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ شۇنداقلىقىغا ئىشىنىشكە باشلايسىز. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ خىل سەلبىيلىك سىزنى ھالسىرىتىۋېتىدۇ. سىز ئۈچۈن «تەنقىدچى»نى ئىشتىن بوشىتىپ، «مەدەتكار»نى تەكلىپ قىلىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن.
رېئال، يەتكىلى بولىدىغان نىشان بەلگىلەڭ. ئەگەر نىشانىڭىزغا يېتەلمىگەنلىكىڭىز ئۈچۈن كەلگۈسىدە ئۆزىڭىزنى كاچاتلاپ يۈرمەيدىغان بولسىڭىزلا، يۇقىرى نىشان بەلگىلىۋېلىشنىڭمۇ خاتاسى يوق. مۇھىمى، بەش بارماقنى بىراقلا ئېغىزغا تىقىمەن دېگەننىڭ ئورنىغا، رېئال نىشان بەلگىلەپ، ئۇلارنى بىر – بىرلەپ ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئىشەنچ تۇرغۇزۇشتۇر.
سوغۇققانلىق بىلەن تەپەككۇر قىلىڭ. ھايات دېمەك ئەڭ مۇھىم ئىشلارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ۋە تىرىشچانلىقىڭىزنى شۇلارغا مەركەزلەشتۈرۈش دېمەكتۇر. شۇ ۋەجىدىن، ھەر كۈنى خاتالىق كۆرۈلۈپ قالىدىغان ئۇششاق – چۈششەك ئىشلار سىزنى چۈشكۈنلەشتۈرۈۋەتمەسلىكى كېرەك. كىچىك (يەنى ھېچقانچە ئەھمىيىتى يوق) مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ياكى نەزەردىن ساقىت قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. چوڭ – چوڭ ئىشلارغا تۇتۇش قىلىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى.
خىرسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇڭ. خىرس ئالدىدا تۈگىشىپ كەتمەي، ئۇلارنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇڭ. (تامغا ئۈسكەننىڭ ئورنىغا، يا ئۇنىڭغا يامىشىڭ، يا ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىڭ).
ئۆزىڭىزگە ئاتا قىلىنغان نېمەتلەرنى ساناڭ. ھاياتىڭىزدىكى مۇئەييەن ئىشلار ئۈچۈن مىننەتدار بولۇڭ ۋە شۈكۈر قىلىڭ. بەزى كىشىلەر بۇنى تاماق ئۈستىلىدە شۈكۈر قىلىش، كۈندىلىك خاتىرە يېزىش ياكى ھەر كۈنى فېيسبۇكقا بىر ئالاھىدە يازما يوللاش ئارقىلىق قىلىدۇ. شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ھاياتتىكى ئەڭ كاتتا بايلىقلار ماددىي بولمايدۇ. ھەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ گۈزەل ئەسلىمە قالدۇرۇشقا تىرىشىڭ.
ئەگەر سىز خۇشاللىققا، تېخىمۇ ساغلام بەدەنگە، تېخىمۇ كۈچلۈك مۇناسىۋەتكە ۋە سىجىل مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشنى ئويلىسىڭىز، ئەينەككە قارىسىڭىزلا كۇپايە. «ئەڭ بەختلىك كىشىلەرنىڭ ھەممە نەرسىنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئېرىشكەن كىشىلەر بولۇشى ناتايىن، ئۇلار پەقەت ئۆزىدە بار بولغان نەرسىلەردىن ئەڭ ياخشى پايدىلانغان كىشىلەردۇر». ئىستاكاننىڭ يېرىمىدا سۇ بارلىقىنى كۆردىڭىزمۇ ياكى ئۇنىڭ يېرىمى قۇرۇق ئىكەنلىكىنىمۇ؟ ھەقىقىي خۇشاللىق سىزنىڭ دۇنياغا قانداق قارايدىغانلىقىڭىزغا ۋە كىمدىن ئىلھام ئىزدەۋاتقانلىقىڭىزغا باغلىق بولۇشى مۇمكىن.
ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر قاراقۇرۇم