دۇنيادىن كۆزى ئوچۇق كەتكەن تارىخچى — توختى مۇزارت
بۇ ماقالە ئۇيغۇرلار ژۇرنىلىنىڭ بەشىنچى سانىدا ئېلان قىلىنغان
(توختى مۇزارتنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشتىن
ئىلگىرىكى رەسىمى)
«بىز دۇنيا مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقان بىر مىللەت. بىزمۇ ئادەمدەك ياشايلى.» — توختى مۇزارت (1)
«قەلەم بىلەن ئۆزۈمنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايمەن. خەق تارىخ يازسا، مەنمۇ تارىخ يازىمەن.» — توختى مۇزارت (2)
ئۇيغۇر تارىخچىسى توختى مۇزارت (ئەسلى ئىسمى: توختى تۇنىياز) 1963-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ باي ناھىيىسىدە خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1998-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش جىنايىتى» ئىشلەش تۆھمىتى بىلەن ئون بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2009-يىلى 10-فېۋرال تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن. 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدا تۇيۇقسىز ۋاپات بولغان.
تارىخچى توختى مۇزارت باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز ناھىيىسىدە تاماملىغان. بۇ جەرياندا خىتايچىنى ياخشى ئۆگەنگەن. 1978-يىلى خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىر قاتاردا ئۇنىۋېرسىتېت ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، ياخشى نەتىجە بىلەن «بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئىنستىتۇتى» (ھازىرقى بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا) قوبۇل قىلىنغان. بۇ جەرياندا ئىنگىلىزچىنى كۈچەپ ئۆگىنىپ، مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن يىلى ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغان. ئەمما، خىزمەت ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن «خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى»غا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىپ، خىتاينىڭ بۇ ئالىي ئورگىنىدا ئىشلەيدىغان بىردىنبىر ئۇيغۇر بولۇپ قالغان. «خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى»دا بىر مەزگىل ئىشلىگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ قانۇن ئۆگىنىش ئىستىكىگە بىنائەن، خىتايدىكى «خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى»نىڭ قانۇنچىلىق فاكۇلتېتىدا ئوقۇپ، ماگېستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئاندىن، «خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى»غا قايتىپ كېلىپ، مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ قانۇن تەتقىقات ئىشخانىسىدا كاندىدات تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1995-يىلى ياپونىيەنىڭ توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىغا دوكتور ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنغان. ياپونىيەدە ئوقۇش جەريانىدا، ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان ۋە ياپونىيە ئىلىم ساھەسىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. شۇ جەرياندا ياپونىيە دۆلەتلىك تەتقىقات مەركىزى ئۇنى ئۇيغۇر تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىلىقىغا تەكلىپ قىلىغان. توختى مۇزارتنىڭ بىر قىسىم ماقالىلىرى ياپونىيەدە كىتابچە شەكلىدە نەشىر قىلىنغان ۋە ياپونىيە بۈيۈك شەرق مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دەرسلىكى قىلىپ تاللانغان.
ياپونىيەدە دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسىنى يېزىۋاتقان توختى مۇزارت ماقالىسى پۈتۈشكە ئاز قالغاندا، بەزى ماتېرىياللارغا ئېھتىياجى چۈشۈپ، 1998-يىلى، 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ماتېرىيال ئىزدەش ئۈچۈن ۋەتەنگە قايتقان. بۇ جەرياندا خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا قۇرغان «ئارخىپ ئىدارىسى»نىڭ ئارخىپ بۆلۈمىدىن، ئارخىپ ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ رۇخسىتى بىلەن تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر تۈركۈم ماتېرىياللارنى بېسىپ كۆپەيتىۋالغان ۋە ئاز كۈندىن كېيىن ياپونىيەگە قايتىش ئۈچۈن مېڭىپ، 1998-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭ ئايردورومىدا تۇتقۇن قىلىنغان. 1999-يىلى، 3-ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش جىنايىتىنى ئارتىپ، ئون بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. جازا مۇددىتىنى ئۈرۈمچى ئۈچىنچى تۈرمىدە ئۆتىگەن.
توختى مۇزارتنىڭ بىر ئوغۇل، بىر قىز ئىككى پەرزەنتى بار بولۇپ، توختى مۇزارت تۇتقۇن قىلىنغاندا ئوغلى يەتتە ياشقا كىرگەن، قىزى ئەمدىلا ئۈچ ئايلىق بولغان ئىدى. توختى مۇزارتنىڭ ئانىسى بۇرۇن ۋاپات بولغان، دادىسى توختى مۇزارت تۈرمىدىن چىقىشتىن بىر يىل بۇرۇن ۋاپات بولۇپ كەتكەن. توختى مۇزارت تۇتۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئائىلىسىدىكىلەرگە خەۋەر قىلىنمىغان. توختى مۇزارتنىڭ ياپونىيەدە ياشاۋاتقان ئايالى خىتايغا قايتىپ، ئۇنىڭ ئىزدېرىكىنى قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا نەچچە دوقۇرغاندىن كېيىنلا، خىتاي ساقچىلىرى ئۇنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
2002-يىلى — توختى مۇزارت تۈرمىدە يېتىۋاتقىنىغا تۆت يىل بولغاندا — ئۇنىڭغا خەلقئارالىق قەلەمكەشلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن «بارابارا گولدسمىس يېزىش ئۈچۈن ئەركىنلىك مۇكاپاتى» بېرىلگەن.
توختى مۇزارت تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىشتىن بەش كۈن ئىلگىرى ياپونىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ياپونىيە پۇقراسى سالاھىيىتىگە ئىگە قىلىنغان. ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەمدە ياپونىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى شىنزۇ ئابې، توختى مۇزارتنىڭ مەسىلىسگە ئۇزۇندىن بۇيان كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن تېزراق قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن كۆپ خىزمەتلەر ئىشلىگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئىزچىل تۈردە توختى مۇزارت مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەن.(3)
توختى موزارت 2009-يىلى، 2-ئاينىڭ 10-كۈنى تۈرمىدىن چىقىدىغان كۈنى، ئۇنى كۈتۈۋېلىشقا بارغان ياپونىيەلىك ئىلىم ئەرباپلىرى ۋە بەزى مېدىيالارنىڭ مۇخبىرلىرى تۈرمە ئالدىدا ئۇنى نەچچە سائەتلەپ ساقلىغان بولسىمۇ، خىتاي توختى مۇزارتنى ھېچكىمگە كۆرسەتمەستىن، تۈرمىدىن يۇرتى بايغا ئېلىپ كەتكەن.
تارىخچى توختى مۇزارت ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تارىخىنى خىتاي تىلدا يازغان كۆپ تىللىق تارىخ ئالىمىدۇر. ئۇنىڭ ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر «ئۇيغۇر تارىخ مەدەنىيەت تەتقىقاتى»، «ئوتتۇرا ئەسر ئۇيغۇر جەمئىيىتى»، «ئوتتۇرا ئەسر ئۇيغۇر تارىخى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. توختى مۇزارت ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى «قەدىمكى ئۇيغۇر قانۇن ۋەسىقىلىرى ھەققىدە تەتقىقات»، «قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدە تەتقىقات»، «تارىخىي رەشىدىدىن كېيىنكى 300 يىل» قاتارلىق ئەسەرلەر ئۈستىدە جىددىي ئىزدىنىۋاتقان ئىدى.
توختى مۇزارت ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر يېزىقى، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى قاتارلىق يېزىقلارنى پۇختا ئۆگەنگەن. چەتئەل تىللىرىدىن خىتاي تىلى، ئىنگىلىزتىلى ۋە ياپون تىللىرىنى پىششىق ئىگىلىگەن. بۇنىڭدىن سىرت پارىس تىلى، گېرمان تىلى، رۇس تىلى، فرانسۇز تىلى، ئەرەب تىللىرىنىمۇ قوشۇمچە ئۆگىنىپ، بۇ تىللاردىكى ماتېرىياللاردىن بىۋاسىتە پايدىلىنىش ئىمكانىيتىنى ھازىرلىغان.
(توختى مۇزارتنىڭ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنكى رەسىمى)
توختى مۇزارت تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بېيجىڭدىكى تەرجىمانلار ئىدارىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
تۆۋەندىكى بايانلار تارىخچى توختى مۇزارتنىڭ ۋاپاتى ھەققىدىكى بىر قىسىم مۇھىم مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن، ياپونىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى تەرىپىدىن تەييارلىنىپ، 2015-يىلى، 6-ئاينىڭ 1-كۈنى «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» ئۇيغۇرچە تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەر تۆۋەندە ئۆز پېتى نەقىل قىلىندى.
ياپونىيە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى دوكتورى، تونۇلغان ئۇيغۇر تارىخچىسى توختى مۇزارت 29-ماي تۇيۇقسىز بېيجىڭدىكى ئۆيىدە ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بۇ سىرلىق ئۆلۈمى ھەققىدە ئۇيغۇرلار ۋە ياپونلار ئارىسىدا ئوخشىمىغان قاراشلار ۋە سۆزلەر تارقىلىپ يۈرمەكتە.
بۈگۈن رادىئورىمىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، بېيجىڭدىكى توختى مۇزارت ئائىلىسىگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن تولۇق خەۋەردار ياپونىيەلىك ساتو ئەپەندى ئۆزى ئاڭلىغان توختى مۇزارتقا دائىر بەزى بىر ئۇچۇرلارنى بىزگە يەتكۈزدى.
ساتو، مەرھۇم تارىخچى توختى مۇزارتنىڭ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنكى ھاياتى ھەققىدە توختىلىپ: «بېيجىڭدىكى باشقىلارنىڭ ئېيتىشىچە، توختى قارىماققا ئەركىن-ئازادە ياشاۋاتقان بىر ئادەمدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ پۈتكۈل ئىش-ھەرىكىتى خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىكى ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەقىب ئاستىغا ئېلىنغان. ئۇ ھەتتا يۇرتى شەرقىي تۈركىستانغا بارسىمۇ، بارلىق سۆز-ھەرىكەتلىرى شۇ يەردىكى بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن. ئۇنىڭ تېلېفونىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ مەخسۇس خادىملىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلگەن ئىكەن. ئۆيىگە مەخسۇس تىڭشىغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھۆكۈمەت ئۇنىڭ ياپونلار بىلەن كۆرۈشۈشىدىن بەك ئەندىشە قىلىدىكەن. شۇڭا توختى ياپونلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىزچىل ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن دەپ ئاڭلىدىم» دېدى.
ساتو، مەرھۇم توختى مۇزارتنىڭ ھازىرقى 38 ياشلىق خانىمى ھەققىدە توختىلىپ: «توختى مۇزارتنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ، بېيجىڭغا كېلىپ بىر قانچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن بىر ئۇيغۇر قىزى بىلەن تويلاشماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ بىخەتەرلىك تارماقلىرى ئۇنىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلىپ، سەككىز ئايدىن كېيىن ئۇنىڭغا قەشقەر ھەربىي رايونىدىن ئۆزلىرى بىر قىزنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا تونۇشتۇرغان ۋە شۇ قىز بىلەن دەرھال توي قىلىشىنى بۇيرۇغان. ئامالسىز قالغان توختى مۇزارت مەجبۇرىي ھالىدا شۇ قىز بىلەن توي قىلغانىكەن. ئۇ قىز بېيجىڭدا ھېچقانداق خىزمەت قىلمايدىكەن، پەقەتلا توختىنى كۈتۈشكە مەسئۇل ئىكەن» دېدى.
تارىخچى توختى مۇزارتنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشىدىن ئۇنىڭ ئائىلىسى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، شۇنداقلا دوست-يارەنلىرىنىڭ گۇمانىي قاراشلاردا بولۇۋاتقانلىقىنى ئىگىلىرى سۈرگەن ساتو بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:«توختى مۇزارتنىڭ بېيجىڭدىكى يېقىنلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، تۈرمىدىكى چېغىدا ساقچىلار توختىغا ئوخشاش سىياسىي مەھبۇسلارنى قار ئۈستىگە يالاڭ ئاياق دەسسىتىپ، پۇت-قوللىرىنى مۇزلىتىش ئارقىلىق تەن جازاسىنى بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ پۇتى تىزى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالغانىكەن. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن بىر مەزگىل داۋالىنىپ ياخشى بولۇپ قالغان. ئەمما، ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلى بارلىقىدىن ھېچكىمنىڭ خەۋىرى يوقكەن.»
زىيارىتىمىز داۋامىدا ساتو ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بېيجىڭدا 29-ماي توختى مۇزارتنىڭ ئەتىگەن سائەت توققۇزلار ئەتراپىدا 19-قەۋەتتىكى ئۆيىدە ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تارقالدى. گەرچە ئۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما دوختۇرلار ئۇنى تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلدى، دەپ ئىسپات چىقىرىپتۇ. ھېچقانداق تەكشۈرۈلمەستىنلا ئاساسسىز چىقىرىلغان بۇ ھۆكۈم ئەتراپتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپتۇ. توختىنىڭ تۇغقانلىرى ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ ئوپېراتسىيە قىلىپ، قانۇن دوختۇرلىرىنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ تەلەپ دائىرىلەر تەرىپىدىن رەت قىلىنىپتۇ، دەپ ئاڭلىدىم» دېدى.
ساتو، توختى مۇزارت ۋاپات بولۇپ ئىككى سائەتتىن كېيىن، دائىرىلەر ئۇنىڭ تۇغقانلىرىغا بېسىم قىلىپ جەسەتنى شۇ كۈنى يەرلىككە قويۇۋېتىشىنى بۇيرۇغانلىقىنى، ئەمما توختىنى تونۇيدىغان بېيجىڭدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر، ئۇنىڭ جەسىتىنى توختىنىڭ يۇرتى باي ناھىيىسىگە ئېلىپ كېتىشنى ئورۇنلاشتۇرغان بولسىمۇ، دائىرىلەر بۇ تەكلىپىگە قوشۇلمىغان. شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بېسىم قىلىپ، خىزمەت ئىشلەپ، بېيجىڭدا يەرلىككە قويۇشقا كۆندۈرگەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىغانلىرىنى بايان قىلدى.
ساتو، دائىرىلەرنىڭ توختىنىڭ يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى ئىسپات قەغىزىنى ئىككى سائەت ئىچىدە دوختۇرخانىدىن ناھايىتى تېزلىك بىلەن ئېلىپ كەلگەنلىكى ئەتراپتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ گۇمانىنى تېخىمۇ بەك قوزغاپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى.
30-ماي چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە، بېيجىڭدىكى تۇڭگان مەسچىتلىرىدىن بىرىدە توختى مۇزارتنىڭ مېيىت نامىزى ئوقۇلغان بولسىمۇ، ئەمما مەسچىت ئەتراپى پۇقراچە كىيىنگەن مەخپىي ساقچىلار بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكى، مۇناسىۋەتلىك خادىملاردا توختىنىڭ جەسىتىنى يەرلىككە قويغىچە بولغان ئارىلىقتا بىر خىل جىددىيلىك ۋە ئەندىشە ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى، توختىنىڭ مېيىتىنى ئۇزىتىش گۇرۇپپىسىدىكى بەزى بىر ئۇيغۇرلار بۇ ھەقتە ئەھۋاللارنى ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىغا ئېيتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.(4)
(توختى مۇزارتنىڭ بېيجىڭدىكى قەبرىسى؛ سۈرەتكە تارتىلغان ۋاقتى:2015-يىلى)
ھېكمەتيار ئىبراھىم تەييارلىدى
نەقىل مەنبەلىرى:
(1)،(2) توختى مۇزارتنىڭ ئايالى «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى»دا نەقىل قىلغان.
(3) https://uygview.rfaweb.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/toxti-muzat-nime-qilidu-02182009015055.html?searchterm:utf8:ustring=%20مۇزات
(4)
https://uygview.rfaweb.org/uyghur/xewerler/muhit-salametlik/toxti-muzat-06012015160406.html