ئۈمىدنىڭ ئاجايىپ كۈچى
جوسېف خاللىنان
(بۇ ماقالە ئۇيغۇرلار ژۇرنىلىنىڭ تۆتىنچى سانىدا ئېلان قىلىنغان)
1784 – يىلى، بېنجامىن فىرانكىلىن (Benjamin Franklin) فىرانسىيەدە بىر كومىتېتقا باشلامچىلىق قىلىپ، ئۇخلىتىش (گىپنوز)نىڭ سىرلىق كۈچىنى تەتقىق قىلغان ۋە كومىتېتنىڭ ئاخىرقى دوكلاتىغا «ئۈمىد ئىنسان ھاياتىنىڭ زۆرۈر تەركىبى قىسمى» دەپ يازغانىدى.
كېيىنكى تەتقىقاتلار بۇ سۆزنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى.
جون خوپكىنىس تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يۈرەك كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى ئىلان ۋىتتىستېيىن (Ilan Wittstein) 2012 – يىلى NBC (ئامېرىكا دۆلەتلىك تارقىتىش شىركىتى)گە قىلغان سۆزىدە «ئەگەر مەندىن <ئىنسان ئۈمىدسىزلىك سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتەمدۇ؟> دەپ سورالسا، <شەكسىز شۇنداق بولىدۇ> دەپ جاۋاب بېرىمەن» دېگەنىدى. ۋىتتىستېيىن يىللار بويى «ئۈمىدسىزلىك ئۇنىۋېرسال كېسىلى»نى تەتقىق قىلغان بولۇپ، ئۇ ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقات نەتىجىسى 2005 – يىلى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، كەڭ كۆلەمدە نەقىل قىلىنىپ كەلمەكتە.
ئۇنىڭ بايقاشلىرىغا ياندىشىپ، ئۆلۈم بىلەن چۈشكۈنلۈكنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرىدىغان باشقا تەتقىقاتلارمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى. دانىيە ۋە ئامېرىكادىكى تەتقىقاتلاردا «ئانىلارنىڭ بالىلىرى ئۆلۈپ كەتكەن دەسلەپكى يىللاردا ئۆلۈپ كېتىش خەتىرىنىڭ باشقا ۋاقىتتىكىدىن خېلىلا يۇقىرى ئىكەنلىكى» بايقالغان. 2012 – يىلى، شېۋىتسىيەدىكى تەتقىقاتچىلار بىمارلارغا راك كېسلى دەپ دىياگنوز قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ يۈرەك كېسىلى سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنىڭ پەۋقۇلئاددە يۇقىرىلاپ كېتىدىغانلىقىنى؛ شۇنداقلا، راك كېسىلىگە قويۇلغان دىياگنوز قانچە ئېغىر، كېلەچەك قانچە قاراڭغۇ بولغانسېرى، يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەتىرىنىڭمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.
ھالبۇكى، مەزكۇر تەتقىقات نۇرغۇن جەھەتتە جون خوپكىنىس تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ۋاپات بولغان تەتقىقاتچىسى كېرت رىكتېر (Curt Richter) نىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئاساس قىلغان. كېرت رىكتېر 1950 – يىللىرى ئۆي چاشقىنى بىلەن ياۋا چاشقانلار توغرىسىدا قورقۇنچلۇق بىر تەجرىبە ئىشلىگەن. ئۇ ئالدى بىلەن ئۆي چاشقىنىدىن ئون ئىككىنى يېرىمىغىچە سۇ قاچىلانغان ئەينەك شېشىگە بىر – بىرلەپ سالغان. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت، ئۇلارنىڭ سۇغا چۆكۈپ كېتىشتىن ئاۋۋالقى سۇ ئۈزۈش (تىركىشىش) ۋاقتىنى ھېسابلاش ئىدى. سۇغا تاشلانغان تۇنجى چاشقان سۇ يۈزىدە بىردەم تىپىرلاپ بېقىپلا سۇغا چۆكۈپ كەتكەن، ئاندىن شېشىنىڭ تېگىدە، شېشىنىڭ دىۋارىنى ھىدلىغىنىچە ئايلىنىشقا باشلىغان ۋە ئىككى مىنۇتتىن كېيىن ئۆلگەن.
ئۇنىڭدىن كېيىن، يەنە ئىككى چاشقانمۇ ئاساسەن ئوخشاش شەكىلدە ئۆلگەن. ئەمما، ھەيران قالارلىق يېرى، قالغان توققۇز چاشقان ئۇنچە ئاسان «تەسلىم» بولمىغان، ئۇلار سۇغا غەرق بولۇشتىن ئىلگىرى سۇ يۈزىدە كۈنلەرچە ئۈزگەن.
ئاندىن سۇ ئۈزۈشكە ماھىرلىقى بىلەن داڭ چىقارغان ياۋا چاشقانلارغا نۆۋەت كەلگەن. رىكتېر تەجرىبىدە ئىشلەتكەن بۇ ياۋا چاشقانلار يېڭىلا تۇتۇلغان بولۇپ، ياۋايىلىق خۇسۇسىيىتىنى يوقاتمىغانىدى. رىكتېر بۇ چاشقانلارنى بىر – بىرلەپ سۇغا تاشلىغان، نەتىجىدە بۇ ياۋا چاشقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك سۇغا كىرگەن نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا جېنىدىن ئايرىلىشى ئۇنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغان.
«بۇ چاشقانلارنىڭ ئۆلۈشىگە زادى نېمە سەۋەب بولغان؟ نېمە دەپ رايىش ئۆي چاشقىنىدىن بىر نەچچىسى سۇغا كىرىپ بىردەمدە ئۆلۈپ كەتسىمۇ، قالغانلىرى خېلى ئۇزۇن تىركىشىدۇ – يۇ، ياۋا چاشقانلارنىڭ ھەممىسى سۇغا كىرىپ نەچچە مىنۇتتىلا ئۆلۈپ كېتىدۇ؟» دەپ يازىدۇ ئۇ تەئەججۇپ ئىلكىدە.
بۇنىڭ جاۋابى «ئۈمىد» ئىدى.
«بۇ چاشقانلارنىڭ دۇچ كەلگىنى مۇشەققەتلىك كۈرەش ياكى قېچىش بولماستىن، بەلكى ئۈمىدسىزلىك ئىدى. يەنى ئۇلار مۇداپىئەلىنىش مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئەھۋالغا دۇچ كەلگەچكە، دەسلىپىدىلا <ۋاز كەچكەن>دەك قىلاتتى» دەپ يازىدۇ ئۇ يەنە.
ئاندىن رىكتېر تەجرىبە شەكلىنى ئۆزگەرتىدۇ، ئۇ يەنە باشقا چاشقانلارنى تېپىپ كېلىپ، ئۇلارنىمۇ يېرىمىغىچە سۇ قاچىلانغان شېشىلەرگە سالىدۇ. لېكىن، ئالدىنقى قېتىمقىسىغا ئوخشىمايدىغىنى، بۇ قېتىم چاشقانلار ئۈمىدىنى ئۈزۈش ئالدىدا تۇرغاندا، ئۇ چاشقانلارنى سۇدىن چىقىرىپ بىرئاز تۇرغۇزۇپ، ئاندىن قايتىدىن سۇغا سالىدۇ. «بۇ خىل ئۇسۇلدا، چاشقانلار ئەھۋالنىڭ ئۇ قەدەر ناچار ئەمەسلىكىنى تېزلا بىلىۋالدى» دەيدۇ ئۇ.
شۇنچىكى كىچىك ئۆزگىرىش سەۋەبلىك، تەجرىبە نەتىجىسىدە زور پەرق كۆرۈلگەن. ئارىلىقتا ئازراق «دەم ئېلىش» پۇرسىتىگە ئېرىشكەن چاشقانلارنىڭ سۇ ئۈزۈش ۋاقتى ئۇزارغان. شۇنداقلا، ئۇلار («دەم ئېلىش»تىن كېيىن) ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كەلگەن. ئۇلار ئۆزىنىڭ ھالاك بولمايۋاتقانلىقىنى، ئەھۋالنىڭ ئۇنچىۋالا ناچار ئەمەسلىكىنى، ئاللىكىملەرنىڭ ئۆزىگە ياردەم قولىنى سۇنۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلگەندە، يەنى ئۇلار بەل قويۇۋەتمەي داۋاملىق سۇ ئۈزۈش ئۈچۈن بىر سەۋەب تاپقاندا، (ۋاز كېچىشنىڭ ئورنىغا) سۇ ئۈزۈشنى داۋاملاشتۇرغان.
«ئۈمىدسىزلىك ئاياغلاشقاندىن كېيىن، چاشقانلار ئىلگىرىكىدەك ئۆلۈپ كەتمىدى» دەيدۇ رىكتېر.
ئەلۋەتتە، ئىنسان بىلەن چاشقان ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن پەرقلەر بولۇشى ئېنىق، ئەمما ئارىمىزدا ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئوخشاشلىق شۇكى، ھەممىمىز داۋاملىق سۇ ئۈزۈشىمىزگە تۈرتكە بولىدىغان بىر سەۋەبكە موھتاج.
***
يۇقىرىدىمۇ كۆرسىتىلگەندەك، خۇشاللىق – قايغۇ، ئۈمىد – ئۈمىدسىزلىك، ئىشەنچ – چۈشكۈنلۈك دېگەندەك تۈرلۈك كەيپىيات، پىسخىكىلىق ئامىللارنىڭ ئىنساننىڭ ئىش – پائالىيەتلىرىگە، سالامەتلىك ئەھۋالىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق.
شۇنداقلا، بۇ تەسىرلەرنىڭ كونكرېت قانچىلىك، قايسى شەكىلدە بولىدىغانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن تەجرىبىلەر ئىشلەندى ۋە ئىشلەنمەكتە. يۇقىرىدا تونۇشۇپ چىققىنىمىزدەك، تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى، بۇ خىل تەجرىبىلەرنىڭ خېلى كۆپ قىسمىدا ھايۋانلار (بولۇپمۇ چاشقان، ئىت دېگەندەك بىر قانچە تۈرلۈك ھايۋان) تەجرىبە ئوبيېكتى قىلىنماقتا.
ھالبۇكى، ئىنسان بىلەن ھايۋان فىزىئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكلەر جەھەتتە بەزى ئوخشاشلىقلارغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئىنسان مەنىۋىيەت، ئاڭ – تەپەككۇر جەھەتتە ھايۋانلاردىن تامامەن پەرقلىنىدىغان ۋە بەكلا مۇرەككەپ بولغاچقا، ھايۋانلار ئوبيېكىت قىلىنغان بۇ خىل تەجرىبىلەر ئارقىلىق ئىلمىي يەكۈنلەرگە ئېرىشكىلى بولىدىغان – بولمايدىغانلىقى، شۇنداقلا بۇ خىل تەجرىبىلەرنى ئىشلەش زۆرۈرىيىتى بار – يوقلۇقى، بۇنىڭ ئىنسانىيلىققا ئۇيغۇن كېلىدىغان – كەلمەيدىغانلىقى ھەققىدە پىسخولوگىيە ساھەسىدىكىلەر ئارىسىدا ئىختىلاپ مەۋجۇت. بىز ئىلمىيلىكنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ خىل تەجرىبىلەرگە قارىتا سەلبىي پوزىتسىيە تۇتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بەزى كۆز قاراشلىرىنىمۇ ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنۇشنى توغرا تاپتۇق.
ئامېرىكا كولورادا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېكولوگىيە ۋە تەدرىجىي تەرەققىيات بىيولوگىيەسى فاكۇلتېتىدىن پېنسىيەگە چىققان پىروفېسسور دوكتور مارك بېكوف (Marc Bekoff)بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
يېقىندا جورجىيە شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «تەتقىقاتچىلار مېڭىنىڭ خورلاشقا قايتۇرغان ئىنكاسىدا جىنس پەرقى بارلىقىنى بايقىدى» دېگەن ماقالىسىنى ئوقۇدۇم.
مەزكۇر ماقالىدە ھايۋانلار سۇغا تاشلانغاندىن كېيىن، تىركىشىشتىن ۋاز كېچىشتىن ئىلگىرى قانچىلىك سۇ ئۈزىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇلارغا قارىتا «سۇ ئۈزدۈرۈش سىنىقى» دەيدىغان بىر سىناقنىڭ قىلىنغانلىقى سۆزلەنگەن.
بۇنىڭدىن سىرت، «سوغۇق بۇلاق پورتى تەجرىبىخانىسى» (Cold Spring Harbor Laboratory) نىڭ تەتقىقاتچىسى بو لى مەزكۇر تەتقىقات تۈرى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «بىز بۇ جەھەتتە ئىككى خىل ئۇسۇلنى قوللىنىمىز. بىرى <مەجبۇرىي سۇ ئۈزدۈرۈش سىنىقى>، يەنە بىرى <تەكرار ئوڭۇشسىزلىق سەۋەبلىك ۋاز كېچىش سىنىقى>دۇر. <تەكرار ئوڭۇشسىزلىق سەۋەبلىك ۋاز كېچىش سىنىقى>دا چاشقاننىڭ ئۆزىنى بىئارام قىلىدىغان مۇھىتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قانچىلىك تىركىشىدىغانلىقى ئۆلچىنىدۇ. مەزكۇر سىناقتا ھايۋانلارنىڭ بىئارام قىلغان مۇھىتتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن كۈچلۈك توسالغۇ بار بولىدۇ، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ شۇ خىل مۇھىتتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن تۈرتكىلىك ئامىل (ئۈمىد) كەمچىل بولىدۇ. تەتقىقاتچىلار بۇ جەھەتتە يەنە «پۈتۈن ھۈجەيرە دىئافراگما قىسقۇچى» دەيدىغان ئۇسۇلنى قوللىنىدۇ، بۇ جەرياندا چاشقاننىڭ مېڭىسى ئېلىنغاندىن كېيىن، نېپىز قىلىپ پارچىلىنىدۇ. مېڭى ھۈجەيرىسى ۋۇجۇدتىن ئايرىلغاندىن كېيىن تەخمىنەن سەككىز سائەت ياشىيالايدۇ».
ئەمەلىيەتتە «ئاكتىپ پىسخولوگىيە» (positive psychology) دەپ ئاتالغان بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلار (مەزكۇر ماقالىنىڭ بىرىنچى بۆلىكىدە تىلغا ئېلىنغان) كېرت رىكتېرنىڭ 1950 – يىللىرىدىكى قورقۇنچلۇق تەجرىبىسىنىڭ داۋاملىشىشى بولۇپ، نۆۋەتتە مەزكۇر ساھەدىكى ۋەكىللىك شەخس مارتىن سېلىگمەن (Martin Seligman)دۇر. ھالبۇكى («ئاكتىپ پىسخولوگىيە» دېگەن بۇ يارقىن ئىسىمغا ئانچە ماس كەلمىگەن ھالدا) بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ھايۋانلارنى خورلاش ئارقىلىق ئىشلىنىدىغان تەجرىبىلەرگە تايىنىدىغان بولۇپ، بۇ تەتقىقاتلاردىن ئېرىشىلگەن نەتىجىلەرنىڭ ئىنسانىيەت بىلەن ھېچقانچە ئالاقىسى يوق. بۇ خىل تەتقىقاتلار چاشقان، ئىت ياكى باشقا ھايۋانلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگىنىمۇ يوق.
بۇ شەكىلدىكى تەتقىقات – تەجرىبىلەرنى قوللىغۇچىلاردىن «سىز تەتقىقاتچىلارنىڭ مۇشۇ خىل قورقۇنچلۇق تەجرىبىلەردە ئىتىڭىزنى (ياكى ئۆيدە باققان چاشقىنىڭىزنى) ئىشلىتىشىگە رازى بولامسىز؟ ياكى ئۆزىڭىز (ئىتىڭىزنى تەجرىبە ئوبيېكتى قىلىپ تۇرۇپ) شۇ خىل تەجرىبىلەرنى ئىشلەپ بېقىشنى خالامسىز؟» دەپ سوراپ بېقىش كېرەك. مەن بۇ سوئالنى سورىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ماڭا تولىمۇ ھەيرانلىق ئىلكىدە قارىغىنىچە، ناھايىتى ئۇرغۇلۇق ئاھاڭدا «ياق!» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىتىنى ياكى چاشقىنىنى تەجرىبە قىلىشقا رازى بولمايدۇ – يۇ، نېمە ئۈچۈن باشقا جانىۋارلارغا ئاشۇنداق قورقۇنچلۇق تەجرىبىلەرنىڭ ئىشلىنىشىگە رازى بولىدۇ؟
يەنە كېلىپ، بۇ خىل تەجرىبىلەرنىڭ ئىنسانلاردىكى چۈشكۈنلۈكنى داۋالاش بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتچىلەر بەزى ئەھۋاللاردا ئۆزى كۈتكەننىڭ دەل ئەكسىچە نەتىجىلەرگە ئېرىشىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلماقتا (يەنى بۇ خىل تەجرىبىلەردىن ئېرىشىلگەن نەتىجىلەر ھەقىقەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن ئۆزگەرمەس قانۇنىيەتلەر ئەمەس).
ئىنسانلاردىكى تىتىلداش (چۈشكۈنلۈك) كېسىلىنى داۋالاش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان بۇ خىل تەتقىقاتلار ماڭا ئىنساندىكى ئوزۇقلىنىش تەرتىپسىزلىكى سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان پىسخىكىلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۈچۈن ھايۋانلارنى خورلىغان، ئەمما ئاخىرىدا بۇ خىل كېسەللەرنى داۋالاشقا ھېچقانداق پايدىسى بولمىغان تەجرىبىلەرنى ئەسلەتتى. بۇ جەھەتتە ۋە ئىنسان پىسخولوگىيەسى تەتقىقاتىدا ھايۋاننى تەجرىبە ئوبيېكتى قىلىش توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش خالايدىغانلار كېننىس شاپىرو (Kenneth Shapiro)نىڭ « Animal Models of Human Psychology: Critique of Science, Ethics and Policy » دېگەن ئەسىرىگە مۇراجىئەت قىلسا بولىدۇ.
مەنچە بۇ خىل تەتقىقات – تەجرىبىلەر توختىتىلىشى كېرەك. بۇ پۇل ۋە ھېسسىياتقا ئىگە جانلىقلارنىڭ ھاياتىنى زايە قىلغانلىق بولۇپ، بۇنىڭ مۇشۇ ئىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تەتقىقاتچىلاردىن باشقا ھېچكىمگە ئانچە كۆپ پايدىسى تەگمەيدۇ. ھايۋانلارنىڭ بۇ خىل تەجرىبىلەردىن ھېچنەرسىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقى شەكسىز. (بۇ ساھەنىڭ پېشۋالىرىدىن بولغان) پروفېسسور سېلىگمەن ئۆزىنىڭ «ھايۋانسۆيەر» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، بەلكىم بۇنىڭدىن كېيىن چىقىدىغان تەتقىقاتچىلارمۇ ئوخشاش گەپنى قىلىشى مۇمكىن. ھېلىمۇ ياخشى ئۇلارنىڭ «سۆيىدىغىنى» مەن بولۇپ قالماپتىمەن (بولمىسا ئۇلار «ھايۋانسۆيەر»مەن دەپ تۇرۇپ، ھايۋاننى قىيناپ تەجرىبە قىلغاندەك، مېنىمۇ نېمىلەرنى قىلىۋېتەردىكىنتاڭ!).
ئېنگلىزچىدىن ئەنۋەر قاراقۇرۇم تەرجىمە قىلدى.
References:
https://www.psychologytoday.com/us/blog/kidding-ourselves/201405/the-remarkable-power-hope