ئەركىنلىك جەڭچىسى — گەندى
ھېكىمەتيار ئىبراھىم
(بۇ ماقالە ئۇيغۇرلار ژۇرنىلىنىڭ 16-سانىدا ئېلان قىلىنغان)
ھەقسىز يولدا مېڭىپ ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ساڭا ئەگەشكەندىن، ئادالەت يولىدا مېڭىپ يالغۇز قېلىشىڭ تېخىمۇ ياخشى. — گەندى
ھىندىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى سىياسىي ۋە روھانىي لېدىرى، ھىندىستاننىڭ دۆلەت ئاتىسى موھانداس كاراماچاند گەندى 1869-يىلى 10-ئاينىڭ ئىككىنچى كۈنى ھىندىستاننىڭ پورباندار شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1848-يىلى، 30-يانۋار كۈنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇ ماھاتما گەندى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. «ماھاتما» گەندىنىڭ ھۆرمەت نامى بولۇپ «ئۇلۇغ روھ» دېگەن مەنىدە. گەندى ئون ئۈچ يېشىدا ئۆيلەنگەن، ئون يەتتە يېشىدا دادا بولغان، جەمئىي بەش پەرزەنتى بولغان. 1888-يىلى قانۇن ئۆگىنىش ئۈچۈن ئەنگىلىيەگە بارغان. 1893-يىلى «Dada Abdullah & Co» ناملىق ھىندى شىركىتىنىڭ ئادۋوكاتى سۈپىتىدە جەنۇبىي ئافرىقىغا بارىدۇ.
ئىنقىلابچى گەندى
ئەينى چاغدا جەنۇبىي ئافرىقىمۇ بېرىتانىيە ئېمپىرىيىسىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان بولۇپ، خىزمەت ئۈچۈن جەنۇبىي ئافرىقىغا بارغان گەندىنىڭ بېشىغا مۇنداق بىر ھادىسە كېلىدۇ:
ئۇ باشقا بىر شەھەرگە بېرىش ئۈچۈن پويىزغا ئولتۇرۇپ، سەپەرنى باشلايدۇ. بېلەتچى كېلىپ، ئۇنى ئولتۇرغان يېرىدىن تۇرۇپ كېتىشكە بۇيرۇق قىلىدۇ. گەندى سەۋەبىنى سورىغاندا، بېلەتچى «ئاق تەنلىكلەردىن باشقىلارنىڭ پويىز ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ ساياھەت قىلىشىنى چەكلىنىدىغانلىقىنى، باشقا ئىرىقتىكىلەرنىڭ ئۆرە تۇرۇپ سەپەر قىلىشىغىلا يول قويۇلغانلىقىنى» ئەسكەرتىدۇ. گەندى ئولتۇرغان ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىشكە ئۇنىمايدۇ. نەتىجىدە، پويىز خادىملىرى گەندىنى يۈك-تاقلىرى بىلەن بىللە قوشۇپ پويىزدىن مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىدۇ. بۇ ۋەقە گەندىنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتىدۇ. بۇ ۋەقەدىن قاتتىق خورلۇق ھېس قىلغان گەندى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىنگىلىزلارنىڭ ئادالەتسىز قانۇن، سىياسەتلىرىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ.
گەندى جەنۇبىي ئافرىقىدا ھىندى ئىشچىلارنىڭ ھەققىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. نەتىجىدە، 1894-يىلى «ناتال ھىندى مەجلىسى»نى قۇرىدۇ.
جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ترانسۋال ھۆكۈمىتىنىڭ 1906-يىلى چىقارغان بىر قانۇنىغا قارشى خەلق قارشىلىق ھەرىكىتى ۋە بايقۇت يۈرگۈزۈش تەشەببۇسىدا بولغان گەندى، 1908-يىلى بىرىنچى ئايدا تۇنجى قېتىم تۈرمىگە تاشلىنىدۇ ۋە بىر مۇددەتتىن كېيىن تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىدۇ.
گەندىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدا 22 يىل خىزمەت ۋە كۈرەش بىلەن ھاياتىنى ئۆتكۈزۈشى، مەيلى ئىرقى سەۋەبلىك، ياكى باشقا سەۋەبلەردىن تۈپەيلى ئۆزىگە ئوخشاش ئايرىمچىلىققا ۋە پەس كۆرۈلۈشكە ئۇچرىغان ھىندىلارنىڭ ھەققىنى قوغداش جەريانىدا ئېرىشكەن تەجرىبىلىرى ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ كېيىنكى قىسىمىدا زور رول ئوينايدۇ. گەندى جەنۇبىي ئافرىقىدىكى كۈرەشلىرى داۋامىدا جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ھىندى ئاز سانلىقلىرىنىڭ لېدىرى سۈپىتىدە تونۇلىدۇ.
گەندى ھىندىستاندا
1915-يىلى ھىندىستانغا قايتىپ كېلىدۇ. 1885-يىلى ھىندىلار تەرىپىدىن «ھىندىستان خەلقئارالىق مەجلىسى» نامىدا بىر تەشكىلات قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ تەشكىلات ھىندىستاننى ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىكىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، مۇستەقىل ھىندىستان دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىشنى باش نىشان قىلغان. گەندى ھىندىستانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قۇرۇلغىنىغا ئوتتۇز يىل بولغان ۋە بۇ جەريانىدا ھىندىستان مۇستەقىللىقى ئۈچۈن تىنىمسىز يول ئىزدەۋاتقان، مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدە باشلامچىلىق رولىنى ئويناۋاتقان بۇ تەشكىلات گەندىنى ئۆزىگە قوشۇلۇشقا دەۋەت قىلىدۇ.
گەندى ھىندىستاندا ھىندى خەلقىنىڭ بېرىتانىيە مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن تىنىمسىز ھەرىكەت قىلىشنى باشلايدۇ.
ھىندىستاننى باشقۇرۇۋاتقان بېرىتانىيەگە قاراشلىق ھۆكۈمەتنىڭ ھىندى خەلقى ئۈستىدىكى تىنىمسىز زۇلۇملىرى، يۇقىرى باج-سېلىقلىرى ۋە ھەر تۈرلۈك ئادالەتسىز، بولمىغۇر قانۇن پەرمانلىرى ھىندىستاندىكى مىليونلىغان ھىندىلارنىڭ قاتتىق غەزەپ نەپرىتىگە دۇچ كەلگەن ئىدى.
ھىندىستان يەنە ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ بۈيۈك ئېمپراتورلىرىدىن سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى، ئەۋلادلىرى ۋە بابۇر شاھ تەرىپىدىن كۆپ قېتىم ئىستىلا قىلىنىپ، بابۇرىيلار ئېمپىرىيىسى ھىندىستاننى ئەسىرلەپ ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ھىندىستاندا مۇسۇلمانلارنىڭ سانىمۇ نەچچە ئون مىليوندىن ئاشاتتى.
تاجاۋۇزچىنىڭ قىلتىقى
بېرىتانىيە دۆلىتى ھىندىستانغا بابۇرىيلار ئېمپىرىيىسى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دەۋرلەردە، 1650-يىلى «شەرقىي ھىندىستان شىركىتى» نامىدا قەدەم باسقان بولۇپ، بابۇرىيلار ئېمپىرىيىسىنىڭ كېيىنكى دەۋرىدە بېرىتانىيە ئېمپىرىيىسى بۇ زېمىندا تېزلا ئۆز قەدىمىنى مۇستەھكەملەپ، 1857-يىلى بابۇرىيلار دۆلىتىنىڭ پادىشاھى ئىككىنچى باھادىر شاھ دەۋرىدە بابۇرىيلار دۆلىتى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھىندىستاندىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى بېرىتانىيە ئېمپىرىيىسى ئىگىلەيدۇ.
ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىكى ئىلغار پىكىرلىك ئالىم-ئۆلما ۋە زىيالىيلار ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆزىگە تەن دۆلىتى بولۇش ئارزۇسىدا ئىدى. ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى بېرتانىيە ئېمپىرىيىسىنىڭ ھىندىستاننى ئىگىلىۋېلىشىغا قارشى كۆپ قېتىم، چوڭ-كىچىك شەكىلدە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن بولۇپ، بېرىتانىيە ئېمپىرىيىسى بۇ مۇسۇلمانلارنى، شۇنداقلا بېرىتانىيەنىڭ ھىندىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقى قارشى قارشى چىققان ھىندىستان دىئوبەندى مەدرىسىگە تەۋە ئالىملارنى «ۋاھابىيلار» دەپ سۈپەتلىگەن.(1) شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ھاكىمىيىتىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قانۇن-سىياسەتلىرىگە بويسۇنمىغان دىندار مۇسۇلمانلارنىڭ كېيىنكى دەۋرلەردە خىتايلار تەرىپىدىن «ۋاھابىيلار» دەپ ئاتىلىپ، خەلقكە سەت كۆرسىتىلىشكە ئورۇنغانلىقى، نەزىرىدىن چۈشۈرۈلگەنلىكى ھەتتا بۇ پىكىردىكىلەرنىڭ باشقا مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئۆچ كۆرۈپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە تۇتۇپ بېرىلگەنلىكى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرىكى مۇستەمىلىكىچى، ئىشغالچىلارنىڭ ئۆز مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن قانۇن، سىياسەت ۋە تاكتىكىلىرىنى قايسى دەرىجىدە «ئىمپورت» قىلىپ قوللانغانلىقىنى سەمىمىزگە سالىدۇ. زالىمنىڭ، ئىشغالچىنىڭ ۋە قاتىلنىڭ ھەق يولدىكى داۋاگەرلەرنى ھەر خىل سەت ناملار بىلەن ئاتاپ، سەت كۆرسىتىش قىلتىقىغا ئەمدىدىن باشلاپ بولسىمۇ قانچە ئاز دەسسىسەك، زىياننى شۇنچە ئاز تارتىشىمىز ئېنىق.
خەلق تەرىپىدىن سۆيۈلمىگۈچى لېدىر بولالمايدۇ
سۆزىمىزگە قايتساق، گەندىنىڭ ھىندىستاندىكى مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ھىندىستاندا مەۋجۇت بولغان ئىسلام دىنى، بۇددا دىنى، براخمان دىنى جېينىزىم دىنىي مۇرتلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرى ھىندىستاندىكى ھەر قايسى دىن مەنسۇپلىرىنىڭ ھىمايىسىگە، ياكى ھېسىداشلىق قىلىشىغا ئېرىشىدۇ. گەندىنىڭ ئۆزىگە خاس دىن ۋە دۇنيا چۈشەنچىسى، ئاددىي ساددا ۋە كەمتەرلىكى، ئىرادىسىدىن يانمايدىغان قەتئىيلىكى، كۈچلۈك بېرىتانىيە تاجاۋۇزچىلىرى ئالدىدا ئۆزىنى ۋە ئۆز خەلقىنى ھېچقاچان تۆۋەن كۆرمەيدىغان كۈچلۈك خاراكتېرى ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى كۆپەيتىپ، شۆھرىتىنى ئاشۇرىدۇ.
گەندى ئېتىقاد قىلغان جېنينىزم دىنى
جېينىزىم ھىندىستاندىكى ئەڭ قەدىمكى ئۈچ دىننىڭ بىرىدۇر. بۇ دىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى بىرىنچى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بارلىققا كەلگەن دەپ قارىلىدۇ. كۈنىمىزدە، بۇ دىن ھىندى مەدىنىيىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.(2) جېنينىزم [Jainism (/ˈdʒeɪnɪzəm/)] دىنى ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر شۇنداقلا ئىنسانلار ھايات ياشايدىغان روھقا ئىگە، بۇ روھلارنىڭ ھەممىسى قەدىر-قىممەتتە ئوخشاش بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ھۆرمەت ۋە شەپقەت بىلەن مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. جېينىزىم دىنى ھىندى دىنى ۋە بۇددا دىنىغا ئوخشاشلا روھنىڭ كۆچۈشىگە ئەقىدە قىلىدىغان دىن بولۇپ، بىر ئادەم ياكى بىر جانلىق ئۆلسە، ئۇنىڭ روھى يەنە بىر جانلىققا كۆچىدۇ، ھەتتا ئۆلگەن ئادەمنىڭ روھى ھايۋاناتلارغا كۆچۈشىمۇ مۇمكىن دەپ قارايدۇ. جېينىزم دىنىدا گۆش ۋە ھايۋاناتلاردىن چىقىدىغان (سۈت، تۇخۇم قاتارلىق) باشقا ئوزۇقلۇقلارنىمۇ يېيىش چەكلىنىدۇ. ئۆسۈملۈكنى ئۆلتۈرۈپ يوق قىلغانلىق دەپ قارىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، يىلتىزى بار ئۆسۈملۈكلەرنى يېيىشمۇ چەكلىنىدۇ. جېينزم مۇرتلىرى يەرنىڭ ئۈستىدە ئۆسىدىغان، ئۆسۈملۈكنىڭ گەۋدىسىدىن قۇمۇرۇلغاندا ئۆسۈملۈككە زىيان سېلىنمايدۇ دەپ قارالغان مېۋە-چىۋە، كۆكتاتلارنى يېيىشنى توغرا تاپىدۇ. جېينىزم دىنىنىڭ ئەڭ مۇھىم پىرىنسىپى ئۇرۇش، تىللاش، قىيناش، ئۆلتۈرۈش قاتارلىق قاتتىق ۋاسىتىلەرنىڭ ھەر قاندىقىدىن يىراق تۇرۇشتۇر. ھىندىستاننىڭ 2001-يىلىدىكى سىتاتىستىكىسىدىن مەلۇم بولىشىچە، ھىندىستاندا تۆت مىليون ئىككى يۈزمىڭ جېينزم مۇرتى مەۋجۇت. ئوكسفورنىڭ «يەر يۈزىدىكى دىنلار» قوللانمىسىدا، ئەنگىلىيەدە 25 مىڭ جېينزم مۇرتى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.(3) گەندى ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئائىلە تۇغۇلۇپ، چوڭ بولغان بولسىمۇ، جېينىزىمدىكى زوراۋانلىق قىلماسلىق تەشەببۇسىنى ياقتۇرۇپ، مۇشۇ دىننىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەقىدە قىلىپ ياشىغان ۋە ھىندىستان مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدىمۇ باشتىن ئاياق جېينىزم دىنىنىڭ كۆرسەتمىلىرىنىڭ سىرتىغا چىقمىغان.
گەندىنىڭ سايتاگراھا ھەرىكىتى
گەندىنىڭ زورلۇق كۈچ ئىشلەتمەيدىغان «ساتياگراھا» ھەرىكىتى گەندى ئۈچۈن جەنۇبىي ئافرىقىدىمۇ، ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىق دەۋرىدىمۇ ئەڭ ئۈنۈمدار كۈرەش ئۇسۇلىدىن بىرى بولغان. گەندىنىڭ «ساتياگراھا» ھەرىكىتى ناھەق قانۇن ۋە سىياسەتلەرگە قارشى خەلق قارشىلىقى ياكى پاسسىپ كۈچ كۆرسىتىش شەكلىدە، زورلۇق كۈچ ئىشلەتمىگەن ئاساستا ئادالەتنى قولغا كەلتۈرۈشنى پىرىنسىپ قىلغان يۇمشاق قارشىلىق ھەرىكىتىدۇر.
قارشىلىقلار كۈچۈيىشكە باشلىدى
بېرىتانىيە ھۆكۈمىتى خەلق قارشىلىق ھەرىكەتلىرى سەۋەبلىك خەلقنىڭ بىر يەرگە توپلىنىشىنى چەكلەش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 1919-يىلى، 4-ئاينىڭ 13-كۈنى ھىندىستاننىڭ شىمالىكى ئامرىستار شەھىرىدىكى جاللىنۋالا باغچىسىدا بىر يەرگە توپلانغان، قورالدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ بولمىغان ئامما ئىشغالچى بېرىتانىيە ئېمپىرىيىسىنىڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلۇپ، 350 تىن ئارتۇق ئامما نەق مەيداندا ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.
بۇ ۋەقە سەۋەبلىك، گەندى خەلقنى بايقۇت ھەرىكىتى باشلاشقا چاقىردۇ. ئوقۇغۇچىلارنى دۆلەت ئاچقان مەكتەپلەرگە بارماسلىققا، ئەسكەرلەرنى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشكە چاقىردۇ. خەلقنى باج-سېلىق تۆلىمەسلىككە، ئىنگىلىزنى ماللىرىنى ئالماسلىققا تەشەببۇس قىلدۇ.
ئىنقىلابنىڭ روھى
گەندى ئىنگىلىزلار تىككەن كىيىملەرنى سېتىۋالماسلىق تەشەببۇسىغا ئۈزۈل-كېسىل ئەمەل قىلىش ئۈچۈن چىغىرىق بىلەن يىپ ياساپ، ئۇ يىپلاردىن رەخت توقۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۆز-كىيىمىنى ئۆزى تىكىپ كىيىشنى باشلايدۇ ۋە ھەر كۈنى بىر نەچچە سائەت ۋاقتىنى چىغىرىقتا يىپ توقۇشقا ئاجرىتىپ، بۇنى بىر كۈنمۇ توختىتىپ قويماي مەيلى يالغۇز يەردە، مەيلى خەلقنىڭ ئالدىدا ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ. گەندىنىڭ چىغرىق چۆرگىلىتىشى ھىندى خەلقى ئارسىدا ئۇنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم سىمۋوللىرىدىن بىرىگە ئايلىنىپ، گەندىنىڭ باشلامچىلىق قىلىشى بىلەن، خەلقنىڭ ئىنگىلىز ماللىرىنى سېتىۋېلىشى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. شۇنداقلا، ئىنگىلىزلارغا تىنىچ قارشىلىق بىلدۈرۈشكە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانى ۋە قىزغىنلىقىمۇ زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرلىدۇ.
گەندىنىڭ ھەر-بىر سۆز ھەرىكىتى، كىيىنىشى، يەپ-ئىچىشى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى ئۇنىڭ مۇستەقىللىق ئىنقىلابى بىلەن گۆش بىلەن ياغدەك جىپىسلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ھۆرلۈككە، ئادەمدەك ياشاشقا زارىققان ھىندى خەلقى پۈتۈن ھاياتىنى دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىگە ئاتىغان بۇ كىشى نەگە باشلىسا شۇ يەرگە ماڭىدۇ.
يۇمشاق قارشىلىق نامايىشلىرىدا تاجاۋۇزچى ھۆكۈمەتنىڭ ساقچى-گۇندىپايلىرىنىڭ ئېغىر تاياق-دۇمبالىرىغا دۇچ كەلگەن نامايىشچى ئاممىدىن بەزىلىرى ساقچىلارغا قول ياندۇرىدۇ. گەندىنىڭ كۈرەش ھاياتى جەريانىدا ئۇنىڭ «يۇمشاق قارشىلىق» پىرىنسىپىغا چۈشمەيدىغان بۇنداق ھەرىكەتلەر بىر نەچچە قېتىم يۈز بېرىدۇ. قاچانكى ساقچىلارنىڭ ئېغىر دۇمبالاشلىرىغا قول ياندۇرۇش بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىلگەنلىكى گەندىنىڭ قۇلىقىغا يەتكەن ھامان، ئۇ شۇ قېتىملىق ھەرىكەتنى توختىتىپ چېكىنىدۇ ۋە «خەلق تېخى ئەركىنلىككە ھازىر ئەمەس» دەپ، ھەرىكەتتىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىدۇ. گەندىنىڭ بۇ ئۇسلۇبىمۇ ئۇنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ خاراكتېرىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. نەتىجىدە، خەلق ھەر قانداق ئەھۋالدا گەندىنىڭ بۇيرۇق-كۆرسەتمىلىرىنىڭ تېشىغا چىقماسلىق يولىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭغا شەرتسىز ئىتائەت قىلىدۇ.
مەھبۇس گەندى
گەندى 1921-يىلى ھىندىستان دۆلەت مەجلىسىنىڭ لېدىرى بولىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى تېخىمۇ كۆپۈيىپ، خەلق گەندىنىڭ چاقىرىقلىرىغا بار كۈچ بىلەن ئاۋاز قوشۇشقا باشلايدۇ. نەتىجىدە، گەندى بېرىتانىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 1922-يىلى ئالتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ. تۈرمىدە يېتىش جەريانىدا سالامەتلىكىدىن مەسىلە كۆرۈلگەنلىكى سەۋەبلىك 1924-يىلى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلدۇ.
گەندى يۇمشاق قارشىلىق ھەرىكىتىنى بىر كۈنمۇ توختىتىپ قويمايدۇ. خەلققە ھاياتلىق، دىن، روھ، ئەخلاق، ئىنقىلاپ ۋە مۇستەقىللىق ھەققىدە مىڭلارچە نۇتۇق سۆزلەپ، خەلقنىڭ ئىدىيىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئۆز ئىنقىلابىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋارىيانتى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىدۇ. ئاقىۋەتتە، گەندى لېدىرلىقىدىكى ھىندىستان دۆلەت مەجلىسىنىڭ 1929-يىلى ئۆزىنىڭ ھىندىستان مۇستەقىللىقىنى غايە قىلغانلىقىنى رەسمىي شەكىلدە ئېلان قىلىشى ھىندىستاندىكى سىياسىي ئاتموسفېرا يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرىدۇ.
تۇز يۈرۈشى
بېرىتانىيە 1882-يىلى ھىندىستاندا تۇز قانۇنى يولغا قويغان بولۇپ، تۇز يېمەك-ئىچمەك ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر ماددىلاردىن بىرى بولۇشىغا قارىماي، بۇ قانۇن بويىچە خەلقنىڭ ئۆيلىرىدە ئارتۇق مىقداردا تۇز ساقلىشى ۋە تۇز سېتىشى چەكلەنگەن ئىدى. بۇ سەۋەبلىك، ھىندىستان خەلقى تۇزنى پەقەت بېرىتانىيە ئىشغالچىلىرىدىن قىممەت باھادا سېتىۋېلىشقا مەجبۇر ئىدى. بېرىتانىيە ئىشغالچى ھۆكۈمىتىنىڭ تۇز بېجىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، خەلقنىڭ كۆپۈنچىسى بۇ تۇز بېجى سەۋەبلىق ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا يولۇقاتتى.(4)
1930-يىلى، 2-مارت كۈنى گەندى بېرىتانىيە ئېمپىرىيىسىنىڭ ھىندىستاندىكى باش ئەمەلدارى لورد ئىرۋىنغا مەكتۇپ يېزىپ، تۇز قانۇنىنى ئون كۈن ئىچىدە بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ھەقتىكى تەلىپى ئورۇندالمىغان گەندى، ئون كۈندىن كېيىن، يەنى 1930-يىلى 12-مارت كۈنى تۇزغا ئېرىشىش ئۈچۈن مىڭلىغان خلەقنى باشلاپ سابېرمانتىدىن ئەرەب قولتۇقىدىكى دېڭىز بويىغا جايلاشقان داندى دېگەن يەرگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. يۈرۈش جەريانىدا ئۇنىڭ سەپىرىگە قوشۇلىدىغانلار بارغانچە ئاۋۇيدۇ. 400 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى پىيادە مېنىڭ تاماملىغان گەندى، 5-ئاپرېل ئون مىڭلارچە ئەگەشكۈچىسى بىلەن بىرگە داندىغا يېتىپ كېلىدۇ. ئەتىسى تۇز ئۈچۈن دېڭىزغا يۈرۈش قىلدۇ. دېڭىز دولقۇنى قىرغاققا ھەر ئۇرۇلغىنىدا دېڭىز ساھىلىدا كرىستال تۇزلار قېلىپ قالاتتى، گەندى باشتىلا مۇشۇ تۇزلارنى يىغىپ، تۇزغا ئىگە بولۇشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، ساقچىلارنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈپ ئېغىر توسقۇنلۇق قىلىشى، تۇزلارنى لاي پاتقاق بىلەن بۇلغىۋېتىشى سەۋەبلىك، گەندىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا بىرەر سىقىمدىن تۇزغا ئېرىشەلەيدۇ. گەندىنىڭ تۇزغا ئېرىشىشى ئىنگىلىز قانۇنىغا جەڭ ئېلان قىلغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.(5)
گەندىنىڭ تۇز يۈرۈشى پۈتۈن دۇنيادا زور تەسىر پەيدا قىلغان بولۇپ، گەندىنىڭ ئۈمىدىمۇ مۇشۇ ئىدى. نەتىجىدە، گەندى «ۋاقىت» ژۇرنىلى تەرىپىدىن 1390-يىلىنىڭ ئەڭ داڭدار كىشىسى بولۇپ تاللىنىدۇ.(6)
ئاز مۇددەتتىن كېيىن دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان بومباي ۋە كاراچى تەۋەسىدىكى ھىندىستانلىق ۋەتەنپەرۋەرلەر خەلقنى باشلاپ دېڭىزدىن تۇزغا ئېرىشىشكە باشلايدۇ.
تۇز يۈرۈشى ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتلەر تۈپەيلى بېرىتانىيە گەندىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاتمىش مىڭ كىشىنى تۇتقۇن قىلدۇ. گەندى 1930-يىلى، 5-ماي كۈنى قولغان ئېلىنغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ساتياگراھا ھەرىكىتى يەنىلا داۋاملىشىدۇ. گەندىنىڭ باشلامچى مۇرتلىرى تەرىپىدىن نامايشىلار بولۇپ تۇرىدۇ. 1931-يىلى گەندى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىدۇ.
«تۈرمىگە كىرىشكە ھەر قاچان تەييارلىقىم بار»
مۇشۇ يىلى 30-ئاپرېل كۈنى گەندى ئەنگىلىيىلىك مۇخبىرى تەرىپىدىن زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، ئىككىسى ئارىسىدا بولۇپ ئۆتكەن سۆھبەتلەر مۇنداق:
مۇخبىر: ئەگەر بېرىتانىيە تەلەپلىرىڭىزنى ئورۇندىمىسا، ئۇ ھالدا قانداق ھەرىكەت قوللىنىسىز؟
گەندى: ئەلۋەتتە خەلق قارشىلىقلىرى ۋە ساتياگراخانىڭ بارلىق چارىلىرىنى ئىشقا سالىمىز. بىراق، (ھۆكۈمەت تەلىپىمىزنى ئورۇندىمىغان تەقدىردە) بۇ چارىلەرنى دەرھال ئىشقا سالامدۇق، ياكى باشقا قەدەم ئالامدۇق، بۇنى شۇ تاپتا دېيىشىم ئىمكانسىز.
مۇخبىر: ھۆرمەتلىك گەندى، ئەگەر ئەنگىلىيە تەلەپلىرىڭىزنى ئورۇندىسا، يېڭى ھىندىستان دۆلىتىدە ھاراقنى پۈتۈنلەي چەكلەشنى ئويلىشىۋاتامسىز؟
گەندى: ئەلۋەتتە شۇنداق.
مۇخبىر: پۈتۈنلەي چەكلەيسىز؟
گەندى: پۈتۈنلەي چەكلەيمىز.
مۇخبىر: ئەگەر ھىندىستان مۇستەقىل بولسا، بالىلارنىڭ توي قىلىش ئەنئەنىسىنىمۇ چەكلەش نىيىتىڭىز بارمۇ؟
گەندى: ئەلۋەتتە بار. ھەتتا، بۇنى تېخىمۇ بالدۇر چەكلەشنى ئۈمىد قىلىمەن.
مۇخبىر: بۇ نۆۋەت ئەنگىلىيەنىڭ ھىندىستانغا ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇشى ئۈچۈن تولۇق ھوقۇق بېرىدىغانلىقىنى ئويلاۋاتامسىز؟
گەندى: بۇ مەن جاۋاب بېرىدىغان سوئال ئەمەس.
مۇخبىر: ئۇنداقتا، بۇ جەھەتتە ئۈمىدلىكمۇ سىز؟
گەندى: مەن ئۈمىدۋار بىر ئىنسانمەن.
مۇخبىر: ئىككىنچى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا قاتناشسىڭىز، يەرلىك ھىندىستان كىيىمىنى كىيەمسىز ياكى ياۋروپاچە كىيىنىشنى تاللامسىز؟
گەندى: ياۋروپاچە كىيىنىشىم مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر ھاۋا رايى ئۇيغۇن بولغان تەقدىردە، ھازىر قانداق كىيىنگەن بولسام، ئۇ يەردىمۇ شۇنداق كىيىنىمەن. (گەندى بۇ سۆزنى دەۋاتقاندا بەدىنىنىڭ يېرىمىنى پەقەت بىر پارچىلا ئاق لاتا بىلەن ئورىۋالغان ئىدى.)
مۇخبىر: ئەگەر بېرىتانىيە پادىشاھى سىزنى بۇكىڭھام سارىيىغا تاماققا تەكلىپ قىلسىمۇ ئوخشاشلا ھىندىچە كىيىنەمسىز؟
گەندى: باشقىچە كىيىنىپ بارسام ئۇنىڭغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولىمەن. چۈنكى، باشقىچە كىيىنىشىم سۈنئىيلىكتىن باشقا نەرسە بولماي قالىدۇ.
مۇخبىر: ئەگەر بېرىتانىيە تەلەپلىرىڭىزنى ئورۇندىمىسا، تۈرمىگە قايتا كىرىشكە تەييارمۇسىز؟
گەندى: تۈرمىگە كىرىشكە ھەر قاچان تەييارلىقىم بار.
مۇخبىر: ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىق داۋاسى ئۈچۈن ئۆلۈمگە ھازىر ئىكەنلىكىڭىزنى ئېيتالامسىز؟
گەندى: بۇ بىر ناچار سوئال.(7)
دۇنيانىڭ قاش-قاپىقىغا قاراش
گەندى ۋەتەن-خەلقىنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈش يولىدا دۇنيانىڭ، شۇنداقلا ئىشغالچى ھۆكۈمەتنىڭ قاش-قاپىقىغا قاراپ ئولتۇرمىدى. مەيلى ئۆزى تاللىغان دىنىنى، مەيلى ھايات شەكلىنى ۋەياكى پىكىر-چۈشەنچىلىرىنى باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشى سەۋەبلىك ئۆزگەرتمىدى. خەق نېمە دەپ قالار دېمىدى. ھەتتا، ئۇ بېرىتانىيە پادىشاھى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ماڭغان دېڭىز سەپىرى جەريانىدىمۇ ئىغىرىق چۆرگىلىتىشنى داۋاملاشتۇردى.
دۇنيا گەندىنى، دالاي لامانى ياكى ۋاتىكان پوپىنى، ۋەياكى ئامېرىكا باش مىنىستىرى بىلەن سۆھبەتكە ئولتۇرغان تالىبان لېدىرىنى كىيىمى، پىكىرى، دۇنيا قارىشى سەۋەبلىك سەھنىلەرگە چىقىرشتىن، زىيارەت قىلىشتىن ياكى ھۆرمەت كۆرسىتىشتىن يالتىيىپ قالمىدى.
ئۆزىنىڭ ھايات پەلسەپىسىنى قۇرۇپ چىقالىغان، مۇستەقىل دۇنيا قارىشى بولغان كىشىلەر تاشقى دۇنيانىڭ پىكىر-كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىدۇ. مەيلى ئىنقىلاب يولىدا، مەيلى ئىلمىي تەتقىقاتتا، ھەتتا ئەدەبىي ئىجادىيەتتە، قۇرۇلۇش-بىناكارلىقتا «باشقىلار قوبۇل قىلمايدۇ، ۋەزىيەت كۆتۈرمەيدۇ، خەق يامان چۈشەنچىدە بولۇپ قالىدۇ» دېگەندەك ئوي بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغانلار، باشقىلار قانداق ئويلىسا شۇنداق ئويلايدىغانلار ئويلايدىغانلار، ئۆز ئىدىيە-چۈشەنچىلىرىنىڭ ياكى ھەرىكىتىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇش-بولماسلىقىنى باشقىلارنىڭ ئىنكاس، پوزىتسىيىسىگە قاراپ بەلگىلەيدىغانلار مۇستەقىل ئىدىيەسى، ھەرىكەت مىزانى بولمىغان كىشىلەر بولۇپ، بۇنداقلار ھېچبىر قاچان باشلامچىلىق، لېدىرلىقنىڭ ھەققىنى ئادا قىلالمايدۇ، قىلغان ئىنقىلابىدىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ. ئىنقىلابىنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالىغان لېدىرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇزۇم مۇددەتلىك، مۇستەقىل ئىدىيە ۋە پىلانغا ئىگە بولغانلىقى بۇ ھەقتە ئىزدەنگۈچىلەردىن ھېچبىرىگە سىر ئەمەس. خەلقنىڭ ئېھتىياجىغا ئەگىشىپ سۆز-ۋە ھەرىكەت قىلىدىغانلار لېدىر ئەمەس «ئارتىس» ئىكەنلىكىمۇ ئەقىل ئىگىلىرىگە ئايان.
دۇنيا كۆز يېشىغا ئىشەنمەيدۇ. ئاجىزلارنىڭ پەريادلىرىغا قۇلاق سالمايدۇ. دۇنيا خەلقىنىڭ قاش-قاپىقىغا قاراپ تۇرۇپ ئىش كۆرمەكچى بولۇش يولىدىكى ناچار رېئاللىقىمىز بېشىمىزدىكى كۈلپەتلەرنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىۋېتىدۇ.
«ھىندىستاندىن چىقىپ كەت»
ماھاتما گەندى 1942-يىلى بېرىتانىيە ئىشغالچى كۈچلىرىنى مەغلۇپ قىلىش ئۈچۈن «ھىندىستاندىن چىقىپ كەت»(Quit India) ھەرىكىتىنى باشلىدى. بۇ سەۋەبلىك يەنە تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە تاشلاندى ۋە 1944-يىلى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلدى. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى بىرلىكىنىڭ لېدىرى مۇھەممەد ئەلى جىنناھ بىلەن كۆرۈشتى. مۇھەممەد ئەلى جىنناھ ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇستەقىل ئىسلامىي دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلاتتى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئىدى. گەندى بولسا ھىندىستاننىڭ بۆلۈنۈشىگە قارشى تۇرۇپ، مۇھەممەد ئەلى جىنناھنىڭ پىكىرىگە قوشۇلمىدى. مۇھەممەد ئەلى جىنناھمۇ ئۆز ئارزۇسى بويىچە ھەرىكەت قىلىش نەتىجىسىدە 1947-يىلى 14-ئاۋغۇست «پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» نامىدا مۇستەقىل دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭدىن بىر كۈن كېيىن، 1947-يىلى، 15-ئاۋغۇست ھىندىستان مۇستەقىللىقنى ئېلان قىلدى.
گەندى ھىندىستان مۇستەقىللىقىغا ئېرىشىپ تۆت ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، 1948-يىلى، 30-يانۋار بىر ھىندى دىنى مىللەتچىسى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. ھىندى ئەنئەنىسى بويىچە، ئۇنىڭ جەسىتى كۆيدۈرۈلۈپ، جەسەت كۈلى ھىندىستاننىڭ ھەر قايسى رايونلىرىغا چېچىۋېتىلدى.
نەقىل مەنبەلىرى:
(1) https://islamqa.info/en/answers/9243/did-shaykh-muhamm ad-ibn-abd-al-wahhaab-rebel-against-the-ottoman-caliphate-and-what-was-the-reason-for-its-fall
(2) https://www.nationalgeographic.org/encyclopedia/jainism/
(3) https://www.bbc.co.uk/religion/religions/jainism/ataglance/glance.shtml
(4) https://www.history.com/topics/india/salt-march
(5) https://www.history.com/topics/india/salt-march
(6) https://www.aa.com.tr/tr/dunya/pasif-direnisin-sembolu-gandi/1598606
(7) https://youtube.com/watch?v=396qdMgOY