ياسىر قازى
ياسىر قازى (Yaseer Qadhi / Yasir Qadhi) پاكىستان ئەسىللىك ئامېرىكالىق ئىسلام زىيالىيسى بولۇپ، ئۇ ئون يىللار مابەينىدە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان دىنىي دەۋەتچىلەردىن بىرىدۇر.
ياسىر قازى 1975-يىلى ئامېرىكانىڭ تېكساش شىتاتى، خيۇستۇن شەھىرىدە پاكىستان ئەسىللىك زىيالى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى دوختۇر، ئانىسى بىئولوگ بولۇپ، ياسىر قازى بەش ياشقا كىرگەندە ئۇلارنىڭ ئائىلىسى سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىگە كۆچۈپ بارغان. ئۇ باشلانغۇچ ۋە تولۇق ئوتتۇرىنى سەئۇدى ئەرەبىستاندا پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئامېرىكاغا قايتىپ كېلىپ، خيۇستۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىمىيە ئېنژىنىرلىقى كەسىپى بويىچە باكلاۋېرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. سەئۇدىي ئەرەبىستاندىكى مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەرەب تىلى ۋە ھەدىسشۇناسلىق كەسىپى بويىچە باكلاۋېرلىق ئۇنىۋانىغا، ئىسلام ئەقىدىسى كەسىپى بويىچە ماگېستېرلىق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن. دوكتورلۇق ئوقۇشىنى ئامېرىكانىڭ يېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا تاماملىغان.
ياسىر قازىنىڭ ئىسلام، قۇرئان، ھەدىس، تارىخ، مەدەنىيەت ۋە ئەخلاق توغرىسىدا سۆزلىگەن دەرس ۋە لېكسىيەلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ يۇتيۇب، تىۋىتىر، فېيسبۇك قاتارلىق سۇپىلاردا نەچچە مىليون ئەگەشكۈچىسى بار. ئۇنىڭ يەنە ئەرەبچىدىن ئىنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلغان بىر تۈركۈم مۆتىۋەر ھەدىس كىتابلىرىمۇ ئىنگىلىز تىللىق ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن سۆيۈپ ئوقۇلماقتا.
ئۇ مۇسۇلمانلارغا ۋە ئىنسانىيەتكە مىسلىسىز بالايى-ئاپەت كەلتۈرگەن ئاتالمىش «ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى» تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئورگان ژۇرنىلى ھېسابلانغان دابىق ژۇرنىلىدا بىلال فىلىپىس، شۇئەيب ۋېب، ھەمزە يۈسۈپ قاتارلىق دەۋەتچىلەر بىلەن بىر قاتاردا مۇرتەد (ئىسلامدىن يۈز ئۆرىگەن كاپىر) دەپ تۆھمەتلەنگەن.
ياسىر قازى نۆۋەتتە ئامېرىكا مەغرىب ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، بىر نەچچە ئىلمىي ئىسلامىي قۇرۇلۇشلىرىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولۇش بىلەن بىرگە، ئامېرىكانىڭ تېكساس شىتاتى، داللاس شەھىرىدىكى غەربىي پلانو ئىسلام مەركىزى مەسجىدىدە ئىماملىق ۋە خاتىپلىق بىلەن شۇغۇللانماقتا. ياسىر قازىنى ۋە ئىدىيەلىرىنى ئۇيغۇرلارغا تۇنجى بولۇپ تونۇشتۇرغان كىشى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىدۇر. ئۇ 2012-يىلىدىن ئېتىبارەن بىر تۈركۈم ماقالىلىرىدە ياسىر قازىنىڭ ئىدىيەلىرى ۋە دىننى چۈشەندۈرۈشى ھەققىدە توختالغان.
دوكتور ياسىر قازى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مىسلىسىز زۇلۇم توغرىسىدا 2017-يىلىدىن باشلاپ بارغانچە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشقا باشلىغان بولۇپ، غەرب دۇنياسىدا زور تەسىر كۈچكە ئىگە ئىسلام دەۋەتچىسى ياسىر قازىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىزچىل قوللىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇملار ھەققىدە مەخسۇس لېكسىيەلەر سۆزلىشى، مىللەتسۆيەر ۋە دىن سۆيەر ئاكتىۋىست ئوغلانىمىز ئارسىلان ھىدايەت قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى نەتىجىسىدە، غەربتىكى مۇسۇلمانلار ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن يەنىمۇ بىر بالداق يېقىندىن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.
بىز ياسىر قازىنىڭ ئۇيغۇرلار تەرەپتە، جۈملىدىن ھەق تەرەپتە تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ غەربتىكى ئاۋازى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. مىللەتسۆيەر ۋە دىنسۆيەر قېرىنداشلارنى غەربتىكى ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى دەۋەتچىلەرگە ئىزچىل رەۋىشتە مەسىلىمىزنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئىسلام ئۈممىتى ئارىسىدا كۈنتەرتىپكە كېلىشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىشقا چاقىرىمىز.
ھېكمەتيار ئىبراھىم تەييارلىدى