پولات قادىرى ۋە ئۆلكە تارىخى

ھېكمەتيار ئىبراھىم

(بۇ ئەسەر ئۇيغۇرلار ژۇرنىلىنىڭ 17-سانىدا ئېلان قىلىنغان)

«مەن سىلەرگە تارىخ دەرسى ئۆتىمەن. خىتاي تارىخى ئوقۇمسىلەر ياكى ئۇيغۇر تارىخىمۇ؟» 

— پولات قادىرى، ئۈرۈمچى، 1948-يىللىرى

«مەن بۇ يۇرتنىڭ ئۆز پەرزەنتىمەن. بىز ھاياتلا بولىدىكەنمىز، سىز خالىغان ئوقۇتقۇچىنى تېپىپ خىتاي تارىخى ئۆگىتەلمەيسىز.» 

— پولات قادىرى، ئۈرۈمچى، 1948-يىللىرى

پولات قادىرى كىم؟

تارىخچى پولات قادىرى 1919-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قۇتۇبى ناھىيىسىدە تۇغۇلۇپ، 1970-يىلى ئىستانبۇلدا ۋاپات تاپقان.

پولات قادىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قۇتۇبى ناھيىسىدە كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. پولات قادىرى ئۈرۈمچىدىكى شەرقىي تۈركىستان دارىلمۇئەللىمىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1941-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئىشقا چۈشۈپ، بۇ گېزىتنىڭ ئۇيغۇرچە، قازاقچە بۆلۈمىنىڭ مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن، كېيىن خىزمەتتە يۈكلىسىپ مەزكۇر گېزىتنىڭ يېزىقچىلىق ئىشلىرى مۇدىرلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. 1943-يىلى ئالتە ئايدەك ۋاقىت ئۈرۈمچىدە تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلىپ، ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەلگەن. كېيىن ئۈرۈمچى دارىلمۇئەللىمىنىگە تارىخ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشقا چۈشۈپ، ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر بىلەن خىزمەتداش بولۇپ ئىشلىگەن.

1949-يىلى كۈزدە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، ئىسا يۈسۈپ ئالىپكتېكىن ۋە مۇھەممەتئىمىن بۇغرا قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ۋەتەننى تەرك ئېتىپ، يەكەن ئارقىلىق ھىندىستاننى نىشانلاپ يولغا چىققان. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى دۆلىتى ۋەتىنىمىزگە تۇمشۇقىنى تىققاندىن كېيىن، كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاشنى خالىمىغان ياكى بۇرۇن گومىنداڭ تەرەپتارى بولغانلىقى ئۈچۈن نۆۋەتتىكى كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن باستۇرۇشقا ئۇچراشتىن ئەنسىرىگەن بىر بۆلۈك شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئارىسىدا ياقا يۇرتلارغا چىقىپ كېتىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ كۆچ-كۆچ سەپىرىنىڭ ئىسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە مۇھەممەدئىمىن بۇغرا باشچىلىقىكى كارۋىنىدا مەشھۇر يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە پولات قادىرى قاتارلىقلارمۇ بار ئىدى. پولات قادىرى كارۋاندىكىلەر بىلەن بىلەن پۈتۈن مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان ھالەتتە چېگرادىن ئۆتۈپ كېتەلىگەن بولسىمۇ، خىتاي باندىتلىرى كارۋاندىكى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، چىڭگىزخان داموللام قاتارلىق بىر بۆلۈك موللا، زىيالىيلارنى چېگرادىن ئۆتۈشكە يول قويماي كەينىگە قايتۇرۇپ ئېلىپ كەتكەن. چىڭگىزخان داموللام قاتارلىقلار بىر نەچچە يىل كېيىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ھايات قالغان.

كارۋانغا قوشۇلۇپ ھىندىستان چېگرىسىغا ئۆتۈپ كەتكەن پولات قادىرى كەشمىردە ئۈچ ئاي تۇرۇپ قالغان. كېيىن ئىسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە مۇھەممەدئەمىن بۇغرا باشچىلىقىدىكى مۇھاجىرلار ئەترىتى بىلەن تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەن.

پولات ئەپەندى تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپلىق خىزمىتىنى ئىشلىگەن. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەشھۇر تۈرك تارىخىچىسى زەكى ۋەلىدى توغاننىڭ يېنىدا دوكتورانت ئوقۇغۇچى سۈپىتىدە ئىلمىي ياردەمچى بولۇپ ئىشلىگەن.

كېيىن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-تارىخ فاكۇلتېتى خىتايشۇناسلىق بۆلۈمىدە تەتقىقاتچى بولۇپ خىزمەت قىلىپ، 1966-يىلى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئازادلىق رادىئوسىدا ئىشلەش ئۈچۈن گېرمانىيەگە بارغان. 1970-يىلى 26-ئاۋغۇست ئېيىدا 61 يېشىدا يۈرەك كېسلى بىلەن ئىستانبۇلدا ۋاپات بولغان.

ئەسەرلىرى:

پولات قادىرى «ئۆلكە تارىخى»دىن سىرت «ئەرك شوئارى»(1948) ، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېيىنكى يۈز يىللىق تارىخى» (ئاپتور بۇ ئەسەرنى پۈتتۈرۈپ بولۇشتىن ئاۋۋال ۋاپات بولۇپ كەتكەن)، «خىتاي مۇستەملىكىسى شەرقىي تۈركىستان»(1960، ئىستانبۇل) قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.

«ئۆلكە تارىخى»

پولات قادىرى «ئۆلكە تارىخ» ناملىق ئەسىرىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى تارىخىغا دائىر مۇھىم ۋەقە-ھادىسىلەرنى قىسقىچە بايان قىلىشقا تىرىشقان بولۇپ، پولات قادىرى ئەسىرىدە تۈركلەرنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان تارىخىنى ئايرىم ماۋزۇلار ئاستىدا قىسقا-قىسقا بايان قىلىپ ماڭغان.

ئەسەرنىڭ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەشىرى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن 2018-يىلى نەشىر قىلىنغان. كىتابنىڭ بەت سانى 224 بەت.

«ئۆلكە تارىخى» ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ يېزىلغان بولۇپ، ئەسەرنىڭ بىرىنچى قىسىمى ئۈچ بابتىن، ئىككىنچى قىسىمى ئۈچ بابتىن تەشكىل تاپقان. بىرىنچى قىسىم كىرىش سۆزدىن سىرت «باشلانغۇچ تارىخ» (بىرىنچى باب)، «ئوتتۇرا چاغ تارىخى» (ئىككىنچى باب)، «كېيىنكى زامان تارىخى» (ئۈچىنچى باب) قاتارلىق ئۈچ بابتىن تۈزۈلگەن. ئىككىنچى قىسىم «قۇمۇل ئىنقىلابى دەۋرى» (بىرىنچى باب)، «شېڭ شىسەي دەۋرى» (ئىككىنچى باب)، «ئىلى ۋەقەسى ۋە تىنىچلىق بىتىمى دەۋرى» (ئۈچىنچى باب) قاتارلىق ئۈچ بابتىن تۈزۈلگەن.

ئەسەرنىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبى ئىخچام، چۈشىنىشلىك بولۇپ، ئەسەرنى ئوقۇغان كىشى تۈرك ۋە ئۇيغۇر تارىخىدىن، بولۇپمۇ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى بىر نەچچە ئەسىرلىك قىسقىچە تارىخىدىن خەۋەردار بولالايدۇ.

كىتابتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى تارىخى بايان قىلىنغان بولۇشىغا قارىماي، ئالدىنقى ئەسىردە شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەت دۆلىتى توغرۇلۇق ئىنتايىن قىسقىچىلا مەلۇمات بېرىلگەن. ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت توغرىسىدا سەلبىي كۆز قاراش بىلەن پىكىر بايان قىلغان. 1945-يىلى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان «شىنجاڭ بىرلەشمە ھۆكۈمىتى» ۋە «ئۈچ ئەپەندى» ھەققىدە نىسبەتەن كەڭرى مەلۇمات بەرگەن.

پولات قادىرى «ئۆلكە تارىخى» ناملىق ئەسىرىنىڭ باشلىنىشىدا مۇنداق دېگەن:

«مەن بۇ قىسقىچە ۋەتەن تارىخى كىتابىنى مۇھەممەد ئەمىن ھەزرىتىمنىڭ <شەرقىي تۈركىستان تارىخى>غا ئاساسلىنىپ، ئۆزۈمنىڭ ئۆگىنىپ تاپقان نەتىجىلىرىمدىن پايدىلىنىپ تۈزۈپ چىقتىم. ئىچىدە تولۇق بولمىغان ياكى كەمچىل ئورۇنلىرى بولسا كۆرسىتىپ بېرىلسە، ئىككىنچى قېتىم يېزىلىدىغان تارىخقا ياخشى بىر ئاساس بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ تارىخ ھەققىدە كۆپرەك تۈزىتىش بېرىشىنى سورايمەن.»

ھېكمەتيار ئىبراھىم تەييارلىدى

جاۋاب يېزىش

error: Content is protected !!