خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى يۈرگۈزگەن
ئىرقىي قىرغىنچىلىق
مايك پومپىئو
(بۇ ئەسەر ئۇيغۇرلار ژۇرنىلىنىڭ 17-سانىدا ئېلان قىلىنغان)
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى باشقا مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرگە ئوخشاشلا، ئىنساننىڭ ھاياتىنى ئەزەلدىن قەدىرلەپ باقمىغان. بۇ ھال ئۇنىڭ چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش، مەدەنىيەت ئىنقىلابى، تيەنئەنمېن مەيدانى قىرغىنچىلىقى، تىبەت ۋە فالۇن گۇمپىسى مۇرتلىرىنى نەچچە ئون يىللاپ باستۇرۇشى جەريانىدا خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى خەلقلەرگە ئېلىپ كەلگەن قورقۇنچلۇق بالايى-ئاپەتلىرىدىن مەلۇم. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئەركىن دۇنيا بۇ قانلىق تارىخقا كۆنۈپ كەتتى. بىز سۈكۈت قىلىپ تۇرغانلىكى مۇددەتتە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ سەرخىللىرى ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى خەلقلەرگە قارىتا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈرگۈزۈشنى داۋام قىلىدۇ. بىز بۇ خىلدىكى رەزىللىكنىڭ داۋاملىشىشىغا يول قويمايمىز. ئەستايىدىل ئويلانغاندىن كېيىن، بۈگۈن مەن شۇنى جاكارلايمەنكى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە كونتروللۇقى ئاستىدىكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ھالدا، قازاق ۋە قىرغىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارغا ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان باشقا مىللەتلەرگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. بۇ جاكارنامە پۈتكۈل يەر شارى مىقياسىدا كۆپ يىللىق ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىشىمىزنىڭ، ھۆكۈمەتلەردىن ۋە غەيرى ھۆكۈمەتلەردىن تەشكىل تاپقان شېرىكلىرىمىزنىڭ بۇ قورقۇنچلۇق چۈشنى ئىسپاتلىشىنىڭ، شۇنداقلا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىككىلى پارتىيەنىڭ قوللىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى 2017-يىلىدىن ئېتىبارەن شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر مىليوندىن ئارتۇق خەلقنى «قايتا تەربىيىلەش» باھانىسى بىلەن لاگېرلارغا يىغىۋالدى. بىر نەچچە ئاي ياكى بىر نەچچە يىل داۋاملاشقان قارا-قويۇق تۇتقۇن قىلىش زامانىمىزنىڭ بۇ گۇلاگ رايونىدا ئادەتتىكى ھادىسىگە ئايلىنىپ قالدى. لاگېر شاھىدلىرى لاگېرلاردىكى باسقۇنچىلىق قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، توكقا سوققۇزۇپ جازالاش ئارقىلىق مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش ۋە نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىش قاتارلىق پاجىئەلەرگە گۇۋاھلىق بەردى. لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھالىنىڭ بۇنىڭدىن ياخشىراق بولۇشى ناتايىن. شەرقىي تۈركىستان نۆۋەتتە جورج ئورۋېل تەسۋىرلىگەن كۆزىتىش دۆلىتىنىڭ ئەمەلىيەتتىكى بازىسىغا ئايلىنىپ قالدى. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ قورساقتىكى بالىنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىش ۋە ئاياللارنى تۇغماس قىلىۋېتىش قىلمىشى مېنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قىلىنىۋاتقان جىنايەتلەرنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سەۋىيىسىگە كۆتۈرۈلدى دەپ قارار چىقىرىشىمنىڭ ئاساسىدۇر. بالىياتقۇغا مەجبۇرىي ئۈزۈك سېلىش قاتارلىق ھامىلدارلىقتىن توسۇش تەدبىرلىرىمۇ مەۋجۇت. لاگېر شاھىدلىرىدىن بىرى «ئۇلار بىزنى مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلىۋەتمەكچى» دېگەن ئىدى. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى خىتايلار بىلەن تويلىشىشقا مەجبۇرلىدى، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئائىلىسىدىن ئايرىۋەتتى. 2018-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇغۇلۇش نىسبىتى 24 پىرسەنت تۆۋەنلەپ كەتتى. بۇ مەزگىلدە پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدىكى تۇغۇلۇش نىسبىتى ئاران 4.2 پىرسەنت تۆۋەنلىدى. ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ھەر قاندىقىنىڭ نىشانغا ئېلىنغۇچى توپقا زەھەرلىك گاز قويۇپ بەرگەن بولۇشى ياكى نىشانغا ئېلىنغۇچى توپنى ئوققا تۇتقان بولۇشى شەرت ئەمەس.
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىش ھەرىكىتىدە كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ئەمەلدارلىرى خەلقئارالىق كۆزەتچىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا چەكلىمىسىز ھالدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى رەت قىلىپ، مەزكۇر رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئائىت ئىشەنچىلىك خەۋەرلەرنى يالغانغا چىقاردى. شى جىنپىڭ رېجىمى لاگېرلارنى يەرلىك خەلقنى تەربىيىلەش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر ۋاستە دەپ ئاقلىدى. كوممۇنىستىك پارتىيىسى ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇشىنى چەكلەش قىلمىشىنى ئاياللارغا ھوقۇق بەرگەنلىك دەپ تەشۋىق قىلدى. ئىشنىڭ ھەقىقىتى بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ۋەھىمىلىكتۇر. خىتاي خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى، باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى خەلقلەرنى باستۇرغانغا ئوخشاشلا، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادىنى، مەدەنىيىتىنى ۋە نوپۇسىنى يوق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش تىركىشىشىنىڭ ئەمەلىيىتىدۇر. ئامېرىكا بۇ دەھشەتلەرنى ئاشكارىلاشتا ۋە بۇ جىنايەتلەرنى ئىشلەۋاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشتە دۇنياغا يېتەكچىلىك قىلدى. 2019-يىلى مارت ئېيىدا بىز كانادا، گېرمانىيە، گوللاندىيە ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قانچە پائالىيەتكە ساھىبخانلىق قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە قىلىنغان بۇ كەڭ كۆلەملىك قەبىھ ھۇجۇمدىن دۇنيانى ئاگاھلاندۇردۇق. بىز ئامېرىكانىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەكىگە يانتاياق بولماسلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق. بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشتا قولى بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك كومپارتىيە رەھبەرلىرىگە جازا يۈرگۈزدۇق. بىز يەنە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن باستۇرۇشنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئاتىغان تۇنجى دۆلەتمىز. ئامېرىكانىڭ تۇنجى قېتىملىق دۆلەت ئىشلىرى سېكرىتارى توماس جېفىرسون مۇنداق دەپ يازغان ئىدى: «كىشىلەرنىڭ كۆپچىلىكى دۈمبىسىدە ئىگەر بار ھالەتتە تۇغۇلغان ئەمەس، ۋەياكى ئازغىنە كىشىلەر — تەڭرىنىڭ لۇتپى بىلەن — ئىگەر ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، ئاتنى نوقۇيدىغان تۆمۈرى بار ئۆتۈك كىيگەن ھالەتتە تۇغۇلغانمۇ ئەمەس.»
ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرى شەرقىي تۈركىستانغىلا مۇناسىۋەتلىك بولماستىن، بۇ خىل ھەرىكەتلەر يەنە ئامېرىكانىڭ قۇرغۇچىلىرى تەشەببۇس قىلغان ئىنسانىي قەدر-قىممەتكىمۇ خىلاپتۇر. ئامېرىكا شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ئېچىنىشلىق يىغا ئاۋازلىرىغا قوشۇپ، ناتسىست گېرمانىيىسى، رۋاندا، بوسنىيە ۋە دارفۇر قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەن جايلاردىن قايتقان ئەكس سادالارنىمۇ ئاڭلىماقتا. مەن باشقا بارچە دۆلەتلەرنىڭمۇ ئاشۇ ئېچىنىشلىق يىغا ئاۋازىنى ۋە ئەكس سادالارنى ئاڭلىشىنى، بۇ ئەسىرنىڭ قارا دېغى ھېسابلانغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلىگەن جىنايەتلىرىگە قارشى گۇۋاھلىق بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
(ئەسكەرتىش: ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسنىڭ ئورگان تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالە يېڭى ھۆكۈمەت ھاكىمىيەتكە چىقىشى بىلەن مەزكۇر تور بېكەتتىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. ئۇلىنىشى ماقالىنىڭ ئاخىرىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق ئۇلىنىش شۇ.)
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايىتىگە قارشى مايك پومپىئونىڭ قارارى
مايك پومپىئو
ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشتا دۇنياغا باشلامچىلىق قىلىپ كەلدى. ئامېرىكالىقلار نۇرېمبېرگ سوتىدىن (the Nuremberg Trials) تارتىپ 1948-يىلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىگىچە (the Genocide Convention)، شۇنداقلا ئاتالمىش «ئىراق-سۈرىيە ئىسلام دۆلىتى»نىڭ (ISIS) يېقىنقى مەزگىلدە يەزىدىلەرگە، خىرىستىئانلارغا ۋە باشقا دىنىي ئېتىقادقا ئىگە خەلقلەرگە قارشى يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغىچە (بولغان زوراۋانلىقلارغا نىسبەتەن) رەزىللىك تەرىپىدىن ئاۋازى بوغۇلغانلارنىڭ تەرەپتارى بولدى؛ ھەقىقەتنى، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ۋە ئادالەتنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ كەلدى. بىز ھەرگىزمۇ بىرەر خەلقئارالىق سوت مەھكىمىسىنىڭ، كۆپ پارتىيىلىك ياكى كۆپ دۆلەتلىك ئورگان، تەشكىلاتلارنىڭ مەجبۇرلىشى، ياكى ئۆز دۆلىتىمىزدىكى سىياسىي ئەندىشىلەر سەۋەبلىك بۇنداق قىلمىدۇق. بەلكى، ھەقسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ تەرەپتارى بولۇش توغرا بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇق.
ھۆكۈمىتىمىز ئۆتكەن تۆت يىلدا مېڭە يۇيۇش ۋە ۋەھشىيلەرچە كۈچ ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى خەلقلەرنى ئۇزاق يىللاردىن بېرى دەپسەندە قىلىپ كەلگەن، ماركىسىزىم-لېنىنىزىم ئىدىئولوگىيىسىنىڭ دالدىسىغا ئۆتۈۋالغان خىتاي كوممۇنىستىك رېجىمىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، بۇ رېجىمنى ئۇنىڭغا لايىق ناملار بىلەن ئاتاپ كەلدى. ھۆكۈمىتىمىز خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان رەزىل سىياسەتلىرىگە ئالاھىدە دىققەت ئاغدۇرۇپ كەلدى. بىز ھەر قانداق دىنىي ئېتىقادقا ئىگە توپلۇملارغا دائىما قاتتىق دۈشمەنلىك بىلدۈرۈپ كەلگەن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى خەلقلەرگە قارشى بارغانچە كۈچەيتىۋاتقان زۇلۇملىرىنى دىققەت بىلەن كۆزىتىپ تۇردۇق.
خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەھشىيانە ھەرىكەتلىرىنى ئېچىپ بېرىدىغان قولىمىزدىكى دەلىل-پاكىتلار شەرقىي تۈركىستاننى ئىدارە قىلىۋاتقان يەرلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەچچە ئون يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارغا ۋە قازاق، قىرغىز قاتارلىق دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى خەلقلەرگە قارشى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان زۇلۇمىنى 2017-يىلى مارت ئېيىدىن ئېتىبارەن كۈچلۈك رەۋىشتە ئاشۇرغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. خىتاي ئۇيغۇرلار مۇسۇلمانلىرىنى پەرقلەندۈرۈش ۋە ئۇلارنى تەقىپ قىلىش ئۈچۈن لاھىيىلەنگەن، ھەددىدىن زىيادە ئەخلاقسىزلىققا تولغان، غايەت زور كۆلەمدىكى دەپسەندىچىلىك سىياسىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ساياھەت، كۆچمەنلىك، مائارىپ ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويۇپ، يىغىلىش، سۆزلەش، ئىبادەت قىلىش قاتارلىق ئەقەللىي ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى چەكلەپ كەلدى. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي رەۋىشتە تۇغماس قىلىۋەتتى، قورساقتىكى بالىلىرىنى چۈشۈرۈپ يوق قىلدى. ئۇيغۇرلارنى يات مىللەتلەر بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاپ، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئائىلىسىدىن ئايرىۋەتتى.
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشىغا يول قويمىدى، شەرقىي تۈركىستاندا ئەھۋالنىڭ ناچارلىشىۋاتقانلىقىغا ئائىت ئىشەنچىلىك خەۋەرلەرنى يالغانغا چىقىرىش بىلەن بولدى قىلماستىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى مائارىپ تەربىيىسى بىلەن بەختلىك ياشاۋاتقانلىقى، ئۆزىنىڭ تېررورغا قارشى تۇرۇپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى، (ئۇيغۇرلارنى) نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كويىدا بولىۋاتقانلىقى قاتارلىق قۇرۇق سەپسەتىلەرنى بازارغا سالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي كوممۇنىستىك رېجىمى ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى خەلقلەرگە ۋەھىمە سالغۇچى ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، ئۇيغۇرلارنى «زەھەرلىك ئۆسمە» دەپ تەسۋىرلىدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى كومپارتىيە كادىرلىرىنى زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىشتراك قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارغا «زىرائەتلەر ئارىسىغا يوشۇرۇنىۋالغان ياۋا ئوت-چۆپلەرنى بىرمۇ بىر يۇلۇپ يوق قىلىمەن دېسىڭىز يوق قىلالمايسىز، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوق قىلىش ئۈچۈن خىمىيىلىك دورا چېچىش كېرەك» دەپ يوليورۇق بەردى.
ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ناتسىستلار جازا لاگېرىدىكى دەھشەتلەرنى ئاشكارىلىغاندىن بېرى، «ھەرگىز قايتا يۈز بەرمىسۇن» سۆزى مەدەنىيەتلىك دۇنيانىڭ بۇ خىلدىكى كۈلپەتلەرگە قارشى چاقىرىقى بولۇپ كەلگەن ئىدى. بىر يىرگىنچلىك جىنايەت بىزنىڭ ئۆتمۈشتە كۆزەتكىنىمىزدىن پەرقلىق بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۇنىڭ يىرگىنىچلىكلىكى تۆۋەنلەپ قالمايدۇ. (شۇ ۋەجىدىن) بۈگۈن مەن تۆۋەندىكىلەرنى قارار قىلدىم:
- مەن قولغا چۈشۈرگىلى بولىدىغان دەلىل ئىسپاتلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە كونتروللۇقى ئاستىدىكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۇيغۇرلارغا ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان باشقا مىللەتلەرگە قارشى جىنايەتلەرنى ئىشلەش ئارقىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلىگەنلىگەنلىكىنى (جاكارلاشنى) قارار قىلدىم. خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننى خالىغانچە تۇتۇپ-سولاپ، ئۇلارنى ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قويۇش ۋە قىيىن-قىستاققا ئېلىش، مەجبۇرىي ھالدا تۇغماس قىلىۋېتىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، سۆز ئەركىنلىكىنى ۋە ھەرىكەت ئەركىنلىكىنى قاتتىق چەكلەش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى نۇرېمبېرگ سوتىدا ئۇرۇش دەۋرىدىكى قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگۈچىلەر ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزدى دەپ ئەيىبلىنىپ سوتقا تارتىلغان بولۇپ، شۇ دەۋردىكى قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگۈزگۈچىلەر ئىشلىگەن جىنايەتنىڭ ئوخشىشى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتىدۇ.
- قولغا چۈشۈرۈش مۇمكىن بولغان دەلىل-پاكىتلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، مەن شۇنى جاكارلايمەنكى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە كونتروللۇقى ئاستىدىكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى (شەرقىي تۈركىستاندىكى) ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. مەن بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملىشىۋاتىدۇ دەپ قارايمەن. شۇنداقلا، بىز خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى دۆلىتىنىڭ پىلانلىق رەۋىشتە ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىۋېتىشكە تىركىشىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولۇپ تۇرماقتىمىز. دۇنيادىكى ئىككىنچى كۈچلۈك ئىقتىسادقا، ئەسكىرىي كۈچكە ئىگە بولغان، سىياسىي جەھەتتىن كۈچلۈك بولغان (خىتاي دۆلىتىنى) باشقۇرۇۋاتقانلار ئۆز دۆلىتىنى دۇنياغا لېدىرلىق قىلغۇچى دۆلەت دەپ جار سېلىپ، خەلقئارالىق سېستىمىنى ئۆز خاھىشى بويىچە قايتا قۇرۇپ چىقىشقا تىپىرلاۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىي رەۋىشتە ئاسىمىلاتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، ئاقىۋەتتە دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئاجىز بىر مىللەتنى يوق قىلىۋېتىش ئۈچۈن تىركىشىۋاتقانلىقىنى ئېنىق رەۋىشتە ئىپادىلىدى.
ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئۆزى قارا-قويۇق تۇتقۇن قىلغان بارچە شەخسلەرنى دەرھال قويۇۋېتىشكە، تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاشقا، كىشىلەرنى ئۆيلىرىگە بەنت قىلىشتىن قول ئۈزۈشكە ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە خاتىمە بېرىشكە؛ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، مەجبۇرىي ھامىلە چۈشۈرۈۋېتىش، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش ۋە بالىلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىش قاتارلىق مەجبۇرىي رەۋىشتە نوپۇسنى كونترول قىلىش قىلمىشلىرىدىن قول ئۈزۈشكە چاقىرىدۇ. ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئىنسانلارنى ھەر خىل شەكىلدە قىيىن-قىستاققا ئېلىشتىن يېنىشقا، لاگېرلارغا سولانغانلارنى خورلاشنى توختىشقا؛ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋە خىتاينىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى خەلقلەرگە زىيانكەشلىك قىلىشتىن قول ئۈزۈشكە؛ (شەرقىي تۈركىستاندىكى) ئۇيغۇرلارغا ۋە زۇلۇم كۆرگەن باشقا مىللەتلەرگە ساياھەت قىلىش ۋە كۆچمەن بولۇش ئەركىنلىكى بېرىشكە چاقىرىدۇ.
بىز يەنە يۇقىرىقىدەك جىنايەتلەرنى يۈرگۈزۈشتە مەسئۇلىيىتى بولغان شەخسلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىشتا بارچە قانۇنىي گەۋدىلەرنى ئامېرىكانىڭ بۇ ھەقتىكى تىرىشچانلىقىغا ھەمدەمدە بولۇشقا چاقىرىمىز. مەن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان جىنايەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك دەلىل-پاكىتلارنى توپلاشقا ۋە تەكشۈرۈشكە يېتەكلىدىم. شۇنداقلا، قانۇن يول قويغان دائىرىدە مەزكۇر دەلىل-پاكىتلارنى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىكە يەتكۈزدۈم. بۇ جەھەتتە ئامېرىكا سۆز ۋە ھەرىكەتتە بولدى، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا رىياسەتچىلىك قىلغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا ۋە بۇ زۇلۇمغا ھەمدەم بولغان خىتاي دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلىرىغا قارشى جازا يۈرگۈزدى.
ئامېرىكا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ۋە باش رەئىس شى جىنپىڭنىڭ گۇڭگىلاشتۇرۇش، ئۆز سەنىمىگە دەسسىتىش ۋە مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق يوشۇرۇشقا ئورۇنغانلىرىنى ئېچىپ تاشلاش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشتى. بېيجىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قىلغان جىنايەتلىرى ئۇيغۇرلارغا، خىتاي خەلقىگە ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەدەنىي خەلقلەرگە قىلغان ھاقارەتتۇر. بىز (خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە) سۈكۈت قىلمايمىز. ئەگەر خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئۆز پۇقراسى ھېسابلايدىغان خەلق ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشىگە يول قويۇلسا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە تېخىمۇ قاپ يۈرەكلىك بىلەن ئەركىن دۇنياغا قارشى نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باققايسىلەر.
ئىنگىلىزچىدىن ھېكمەتيار ئىبراھىم تەرجىمە قىلغان
مەنبە:
[1] https://www.state.gov/404
[2] https://www.wsj.com/articles/genocide-in-xinjiang-11611078180