كىشىلىك مۇۋەپپەقىيەتتىكى «يىگىرمە پىرسەنت» قائىدىسى

براين چېيسى

(بۇ ماقالە ئۇيغۇرلار ژۇرنىلىنىڭ 18-سانىدا ئېلان قىلىنغان)

ۋاقتىمىز ھەرزامان يېتەرلىكتۇر، بىز پەقەت شۇنىڭدىن توغرا پايدىلىنىشنى بىلسەكلا بولدى. 

جوھان ۋولفگەڭ ۋون گيوتى (johann wolfgang von goethe)  

ھەر ئىشتا «20/80 پىرىنسىپى»نى تەدبىقلاڭ.

ۋاقىت ۋە ھاياتىمىزنى باشقۇرۇش جەھەتتىكى ئۇقۇملار ئارىسىدا، بىزگە ئەڭ پايدىلىق بولغىنى 20/80 پىرىنسىپىدۇر. مەزكۇر پىرىنسىپ بايقىغۇچىسىنىڭ ئسمى بىلەن «پارېتو پىرىنسىپى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىتالىيەلىك ئىقتىسادشۇناس ۋىلفىرېدو پارېتو (Vilfredo Pareto) 1985-يىلى بۇ جەھەتتە توختالغانىدى. پارېتوغا كۆرە، جەمئىيەت نورمال رەۋىشتە، پۇل ۋە ھوقۇق جەھەتتىن يۇقىرى تەبىقىدىكى يىگىرمە پىرسەنت «مۇھىم ئاز سانلىقلار» بىلەن، تۆۋەن تەبىقىدىكى سەكسەن پىرسەنت «ئەرزىمەس كۆپچىلىك»كە بۆلۈنگەن.

پارېتو يەنە شۇنىمۇ بايقىغان: ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرمۇ بىردەك مەزكۇر پىرىنسىپقا بويسۇنىدۇ. مەسىلەن، سىز نەتىجىلەرنىڭ سەكسەن پىرسەنتىنى يىگىرمە پىرسەنت پائالىيەت ئارقىلىق قولغا كەلتۈرىسىز؛ مەھسۇلاتلىرىڭىزنىڭ سەكسەن پىرسەنتىنى يىگىرمە پىرسەنت خېرىدارىڭىزغا ساتىسىز؛ دارامىتىڭىزنىڭ سەكسەن پىرسەنتى مەھسۇلات ياكى مۇلازىمىتىڭىزنىڭ يىگىرمە پىرسەنتىدىن كېلىدۇ؛ ياراتقان قىممىتىڭىزنىڭ سەكسەن پىرسەنتى قىلغان ئىشلىرىڭىزنىڭ يىگىرمە پىرسەنتىدىن كېلىدۇ. بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، ئون ماددىلىق تىزىملىكتىكى ئىشلارنىڭ ئىككىسىنىڭ قىممىتى قالغان سەككىزىنىڭكىگە تەڭ كېلىدۇ ياكى شۇلارنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.

بۇ تولىمۇ قىزىقارلىق بايقاشتۇر. بۇ ئىشلارنىڭ ھەر بىرىنى قىلىشقا ئوخشاش ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. لېكىن، بۇلارنىڭ بىرى ياكى ئىككىسى باشقا ھەرقانداق بىرىدىن بەش ياكى ئون ھەسسە كۆپ قىممەت يارىتالايدۇ.

ئون ماددىلىق تىزىملىكتىكى بىر ئىش قالغان توققۇز ئىشنىڭ جەمئىي قىممىتىگە باراۋەر قىممەتكە ئىگە بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋالدا، (قالغان توققۇز ئىشنىڭكىگە باراۋەر قىممەتكە ئىگە) مەزكۇر ئىش شەك – شۈبھىسىز ھالدا سىزنىڭ «پاقا»ڭىزدۇر.

ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ قايسى ئىشلارنى كەينىگە سۆرەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلالامسىز؟ ئاچچىق رېئاللىق شۇكى، كۆپىنچە كىشىلەر قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى نۇقتىسىدىن يۇقىرىدىكى ئون پىرسەنتلىك ياكى يىگىرمە پىرسەنتلىك قاتلامغا تەۋە بولغان ئىشلارنى، يەنى «مۇھىم ئاز سانلىقلار»نى كەينىگە سۆرەيدۇ. شۇنداقلا، بۇنىڭ جايىغا ئەڭ ئەھمىيەتسىز سەكسەن پىرسەنت ئىش بىلەن، يەنى نەتىجىگە ھېچقانچە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغان «ئەرزىمەس كۆپچىلىك» بىلەن مەشغۇل بولىدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەر كۈنبويى ئالدىراشتەك كۆرۈنىدۇ – يۇ، ئەمما ھېچقانچە ئىشنى روياپقا چىقىرالمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ بىر تەرەپتىن ئەرزىمەس ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن شىركىتى ۋە كەسپىي ھاياتى نۇقتىسىدىن نۇرغۇن ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەلەيدىغان بىر – ئىككى ئىشتا ھەرۋاقىت سۆرەلمىلىك قىلىدىغانلىقىدۇر.

ئەڭ مۇھىم ئىشلار كۆپىنچە ھاللاردا ئىشلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىر ۋە مۇرەككەپ بولغانلىرىدۇر. لېكىن، بۇ ئىشلارنى ئوڭۇشلۇق ھالدا تاماملاشنىڭ پايدىسى ۋە سەمەرىسى تولىمۇ زور بولىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، ئەڭ يۇقىرىدىكى يىگىرمە پىرسەنت ئىش تۇرغان يەردە، تۆۋەندىكى سەكسەن پىرسەنت ئىشلار بىلەن ھەپىلەشمەسلىكنى ئۆزىڭىزگە قەتئىي ئادەت قىلىۋېلىشىڭىز كېرەك. ئىشلارنى باشلاشتىن ئىلگىرى دائىم ئۆزىڭىزدىن شۇ سوئالنى سوراڭ: «بۇ ئىش پائالىيەتلىرىمنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى يىگىرمە پىرسەنتىگە تەۋەمۇ ياكى تۆۋەن قاتلىمىدىكى سەكسەن پىرسەنتكىمۇ؟».

قائىدە: «ئۇششاق – چۈششەك ئىشلارنى ئاۋۋال قىلىۋېتىش ۋەسۋەسىسىنى رەت قىلىڭ».

شۇنى ئۇنۇتماڭكى، ھەرقانداق بىر ئىشنى تەكرار – تەكرار قىلىۋەرسىڭىز، ئۇ ئىش ئاخىرىدا ئاسانلىقچە تاشلىۋەتكىلى بولمايدىغان ئادەتكە ئايلىنىدۇ. كۈنلىرىڭىزنى ئانچە ئەھمىيىتى يوق ئىشلار بىلەن باشلاۋەرسىڭىز، ئۇزاققا قالمايلا شۇنىڭغا ئادەتلىنىپ قالىسىز. ھالبۇكى، بۇ ياخشى ئەھۋال ئەمەس.

ھەرقانداق مۇھىم ئىشنىڭ ئەڭ قىيىن يېرى شۇ ئىشنى باشلاشتۇر. لېكىن، ئۇنى بىر قېتىم باشلىۋالسىڭىزلا، داۋاملاشتۇرۇشقا بولغان تەبىئىي تۈرتكە ھاسىل بولىدۇ. زېھنىڭىزنىڭ بىر بۇرجىكى ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالايدىغان جىددىي ئىشلار بىلەن ھەپىلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ. سىزنىڭ ۋەزىپىڭىز زېھنىڭىزنىڭ شۇ بۇرجىكىنى ھەرۋاقىت «ئوزۇقلاندۇرۇپ» تۇرۇشتۇر.

مۇھىم بىر ئىشنى باشلاشنى ۋە تاماملاشنى ئويلاشمۇ سىزگە رىغبەت ئاتا قىلىدۇ ۋە سۆرەلمىلىكتىن ساقلىنىشىڭىزغا تۈرتكە بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، كۆپىنچە ھاللاردا مۇھىم بىر ئىشنى تاماملاشقا ئەھمىيەتسىز ئىشلارنى تاماملاشقا قارىغاندا كۆپ ۋاقىت كەتمەيدۇ. بۇ ئارىدىكى پەرق شۇكى، مۇھىم ۋە قىممىتى بار ئىشلارنى قىلىشتىن ئاجايىپ غۇرۇر ۋە رازىمەنلىك تۇيغۇسى شەكىللىنىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئوخشاش مىقداردا ۋاقىت ۋە ئېنېرگىيە سەرپ قىلغان ئەھمىيەتسىز ئىشىڭىز سىزگە ناھايىتى ئاز رازىمەنلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ ياكى پەقەتلا ئاتا قىلالمايدۇ.

ۋاقىت باشقۇرۇش ئۆز نۆۋىتىدە ھاياتنى باشقۇرۇشتۇر. بۇنى «پائالىيەتلەرنىڭ تەرتىپىنى تىزگىنلەش» دېسەكمۇ بولىدۇ. ۋاقىت باشقۇرۇش بۇنىڭدىن كېيىن نېمە قىلىدىغانلىقىڭىزنى تىزگىنلەشتۇر. شۇنداقلا، سىز ھەرۋاقىت كېيىنكى باسقۇچتا قايسى ئىشنى قىلىشنى تاللاش ئەركىنلىكىگە ئىگە. ئەھمىيەتلىك ئىشلار بىلەن ئەھمىيەتسىز ئىشلارنى ئايرىش ئىقتىدارىڭىز ھاياتىڭىز ۋە خىزمىتىڭىزدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىڭىزنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر.

مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، ھوسۇلدار ئىنسانلار ئىشنى ئەڭ مۇھىملىرىدىن باشلاپ قىلىشقا ئادەتلەنگەن كىشىلەردۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاشۇ «پاقا» – قانچىلىك بەتتام بولۇشىدىن قەتئىينەزەر- نى يېيىشكە مەجبۇرلايدۇ. نەتىجىدە، ئۇلار ئادەتتىكى ئىنسانلاردىن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارغا قارىغاندا تېخىمۇ بەختلىك بولىدۇ. سىزنىڭمۇ يولىڭىز ۋە مېتودىڭىز ئەنە شۇنداق بولۇشى كېرەك.

ئۇ «پاقا»نى يەۋېتىڭ!

ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم نىشانلارنىڭ، پائالىيەتلەرنىڭ، پىلانلارنىڭ ۋە مەسئۇلىيەتلەرنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇڭ. بۇلارنىڭ قايسىلىرى سىز ئارزۇلىغان نەتىجىلەرنىڭ سەكسەن ياكى توقسان پىرسەنتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان، يۇقىرى قاتلامدىكى ئون ياكى يىگىرمە پىرسەنتكە تەۋە؟

دەرھال بۈگۈندىن ئېتىبارەن، ھاياتىڭىزدا ۋە خىزمىتىڭىزدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالايدىغان ساھەلەرگە بارغانسېرى كۆپ ۋاقىت ئاجرىتىشقا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قىممىتى تۆۋەن ئىشلارغا بارغانسېرى ئاز ۋاقىت ئاجرىتىشقا باشلاڭ.

«ئۇ پاقىنى يەڭ» ناملىق كىتابتىن ھېكمەتيار ئىبراھىم تەرجىمىسى

جاۋاب يېزىش

error: Content is protected !!