تالىبان كىم؟

(ئۇيغۇرلار ژۇرنىلىنىڭ 19-سانىدا ئېلان قىلىنغان)

ئەمەلىيەت قاتتىق قول ئىسلامىي تالىبان ھەرىكىتىنىڭ ئافغانىستاندىكى قورقۇنچلۇق ئۇرۇش كۈچى ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئۈچۈن زور تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

2001 – يىلى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى تاجاۋۇزچىلىقتا ھاكىمىيەتتىن مەھرۇم قىلىنغان بۇ تەشكىلات بارا – بارا كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ھازىر شۇ ۋاقىتتىن بۇيانقى ھەرقانداق چاغدىكىدىن تېخىمۇ كۆپ زېمىنىنى تىزگىنلەپ ۋە ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

تالىبان قاتتىق قول دىنىي ئالىم مەۋلەۋى ھىبەتۇللاھ ئاقھۇنزادەنىڭ (Hibatullah Akhundzada) رەھبەرلىكىدە، 2018 – يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكا بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەتلەشتى، ھەر ئىككى تەرەپ نەچچە ئون مىڭلىغان ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئۇزاققا سوزۇلغان توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىشماقتا.

پۇشتۇ تىلىدا «ئوقۇغۇچىلار» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «تالىبان» 1990 – يىللارنىڭ بېشىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسكەرلىرى ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن كېيىن، پاكىستاننىڭ شىمالىدا مەيدانغا كەلگەن.

پۇشتۇلارنى ئاساس قىلغان بۇ ھەرىكەت ئەڭ دەسلەپتە، كۆپىنچىسى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەبلىغىگە تايىنىدىغان، سۈننىي مەزھەپنىڭ ئەقىدىلىرىنى ئۆگىتىدىغان دىنىي مەكتەپلەردە پەيدا بولغان دەپ قارىلىدۇ.

تالىباننىڭ – پاكىستان ۋە ئافغانىستاننى كېسىپ ئۆتىدىغان پۇشتۇ رايونلىرىدا – بەرگەن ۋەدىسى تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، شۇنداقلا ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغان ھامان، ئۆز شەرىئىتىنى ياكى ئىسلام قانۇنىنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت ئىدى.

تالىبان ئافغانىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىن باشلاپ، تەسىر كۈچىنى تېزلا كېڭەيتتى.

1995 – يىلى 9 – ئايدا ئۇلار ئىران بىلەن چېگرالىنىدىغان ھىرات ئۆلكىسىنى قولغا كىرگۈزدى.

شۇنىڭدىن دەل بىر يىل ئۆتكەندە، ئۇلار ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلنى قولغا كىرگۈزۈپ، ئافغانىستان مۇجاھىدلىرىنىڭ يولباشچىلىرىدىن بىرى بولغان پرىزدېنت بۇرھانۇددىن رەببانىنىڭ  (Burhanuddin Rabbani) ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى.

1998 – يىلىغا كەلگەندە، تالىبان ئافغانىستاننىڭ 90 پىرسەنتكە يېقىن زېمىنىنى كونترول قىلدى.

سوۋېت ئىتتىپاقى قوغلانغاندىن كېيىن، مۇجاھىدلارنىڭ ئىچكى جېدەل – ماجىرالىرىدىن بىزار بولغان ئافغانىستانلىقلار، تالىبان ئوتتۇرىغا چىقىشى ھامان ئۇلارنى قارشى ئالدى.

تالىباننىڭ دەسلەپتە ئالقىشلىنىشى ئاساسلىقى ئۇلارنىڭ چىرىكلىكنى تۈگىتىش، قانۇنسىزلىقنى تىزگىنلەش، شۇنداقلا يوللارنى ۋە ئۆز كونتروللۇقىدىكى رايونلارنى سودىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن خەۋپسىزلەشتۈرۈش جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيىتىدىن مەنبەلەنگەنىدى.

تالىبان قاتىللارغا ۋە زىنا قىلغۇچىلارغا ئاشكارا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش، ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەنلەرنىڭ قولىنى كېسىش دېگەندەك ئىسلامىي جازالارنى يولغا قويدى ياكى قوللىدى.

(تالىباننىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ئافغانىستاندا) ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشى، ئاياللارنىڭ بۇرقا (ئاياللارنىڭ بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىنى تولۇق ئوراپ تۇرىدىغان پۈركەنجە) كىيىشى تەلەپ قىلىندى.

تالىبان تېلېۋىزور، مۇزىكا ۋە كىنولارنى چەكلىدى. ھەمدە ئون ياش ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ ياشتىكى قىزلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشىنى چەكلىدى.

ئۇلار (غەيرىي دىندىكىلەر تەرىپىدىن) تۈرلۈك كۈلتۈرەل دەپسەندىچىلىك بىلەن ئەيىبلەندى. 2001 – يىلى، تالىبان خەلقئارانىڭ نارازىلىقىغا قارىماي، ئافغانىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى داڭلىق باميان بۇددا ھەيكەللىرىنى چېقىپ تاشلاپ، بۇ جەھەتتىكى قىلمىشلىرىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقاردى.

پاكىستان ئىزچىل ھالدا ئۆزىنىڭ تالىبان تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ كەلدى.

ئەمما دەسلەپتە بۇ ھەرىكەتكە قاتناشقان نۇرغۇن ئافغانىستانلىقلارنىڭ پاكىستاندىكى مەدرىسلەردە ئوقۇغانلىقىدا زەررىچە شەك يوق.

تالىبان ئافغانىستاندا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، ئۇلارنىڭ ھاكىمىيىتىنى سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە پاكىستاندىن ئىبارەت ئۈچلا دۆلەت ئېتىراپ قىلغانىدى.

شۇنداقلا، پاكىستان يەنە تالىبان بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەڭ ئاخىرىدا ئۈزگەن دۆلەتتۇر.

تالىبان بىر مەھەل ئۆز كونتروللۇقىدىكى غەربىي شىمالدىكى رايونلاردىن پاكىستانغا زەربە بېرىمىز دەپ تەھدىت سالدى. تالىباننىڭ پاكىستاندىكى بارلىق ھۇجۇملىرى ئىچىدە خەلقئارادا ئەڭ ئېغىر تەنقىدكە ئۇچرىغان قىلمىشلارنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدىغىنى 2012-يىلى ئۆكتەبىردە يۈز بەرگەن ۋەقە بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مالالا يۇسافزاي (Malala Yousafzai) مىنگورا بازىرىغا قايتىش يولىدا تالىباننىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانىدى.

ھالبۇكى، بىر قېتىملىق چوڭ ھەربىي ھۇجۇم تالىباننىڭ (پاكىستاندىكى) تەسىرىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاتتى. 2013 – يىلى ئامېرىكانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا پاكىستان تالىبانلىرىنىڭ كەم دېگەندە ئۈچ مۇھىم ئەربابى قازا قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بۇ گۇرۇپپىنىڭ رەھبىرى ھاكىمۇللاھ مەخسۇدمۇ (Hakimullah Mehsud) بار ئىدى.

«ئەلقائىدە»نىڭ پاناھگاھى

2001 – يىلى 11 – سېنتەبىردە دۇنيا سودا مەركىزىگە قىلىنغان ھۇجۇمدىن كېيىن، ئافغانىستاندىكى تالىبان پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.

تالىبان بۇ ھۇجۇمنى تەشكىللىدى دەپ قارالغان ئۇسامە بىن لادېن ۋە بازا تەشكىلاتىغا پاناھلىق بەردى، دەپ ئەيىبلەندى.

2001 – يىلى 10 – ئاينىڭ 7 – كۈنى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ھەربىي ئىتتىپاق ئافغانىستانغا بېسىپ كىردى ۋە 2001-يىلى 12 – ئاينىڭ بىرىنچى ھەپتىسى تالىبان ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلدى.

تالىباننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى رەھبىرى موللا مۇھەممەد ئۆمەر ۋە باشقا كاتتىباشلىرى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تۇتقۇن قىلىش ئوبيېكىتلىرىدىن بولۇشىغا قارىماستىن، تۇتۇلۇشتىن ئامان قالدى.

خەۋەر قىلىنىشىچە، تالىباننىڭ نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى پاكىستاننىڭ كۇئېتتا (Quetta) شەھىرىدە پاناھلىنىپ، شۇ يەردە تالىبانغا رەھبەرلىك قىلدى.

ئەمما ئىسلامئاباد دائىرىلىرى «كۇئېتتا شۇراسى»نىڭ مەۋجۇتلۇقى ئىنكار قىلدى.

گەرچە چەتئەل ئەسكەرلىرىنىڭ سانى ئۆزىنىڭكىدىن كۆپ بولسىمۇ، تالىبان ئاستا – ئاستا تەسىر كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە كېيىنچە تېخىمۇ زورايتىپ، ئافغانىستاننىڭ نۇرغۇن رايونلىرىنى قايتىدىن مۇقىمسىزلىققا دۇچار قىلدى ۋە بۇ دۆلەتتىكى توقۇنۇشلار 2001 – يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئەۋجىگە چىقتى.

تالىبان كابۇلغا نۇرغۇن قېتىم ھۇجۇم قىلدى. شۇنداقلا، 2012 – يىلى 9 – ئايدا، ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى)نىڭ (ئافغانىستاننىڭ ھېلمېند ۋىلايىتىدىكى) بازىسىغىمۇ كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلدى.

2013 – يىلى تالىبان قاتاردا ئىشخانا تەسىس قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغاندا، تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش ئۈمىدى تۇغۇلغان بولسىمۇ، ئىككىلا تەرەپ بىر – بىرىگە ئىشەنمىگەچكە، توقۇنۇش داۋاملاشتى.

2015 – يىلى 8 – ئايدا تالىبان موللا ئۆمەرنىڭ ئۆلۈمىنى ئىككى يىلدىن كۆپرەك يوشۇرغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

كېيىنكى ئايدا مەزكۇر تەشكىلات بىر نەچچە ھەپتىلىك ئىچكى نىزاغا خاتىمە بېرىپ، موللا ئۆمەرنىڭ مۇئاۋىنى بولغان موللا مەنسۇرنى يېڭى رەھبەر دەپ تونۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشقانلىقىنى جاكارلىدى.

ئالاھەزەل شۇنىڭ ئالدى – كەينىدە، تالىبان 2001 – يىلى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆلكە مەركىزىنى كونترول قىلىپ، ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم شەھەر قۇندۇزنى قولغا كىرگۈزدى.

موللا مەنسۇر 2016 – يىلى 5 – ئايدا ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلۈپ، مۇئاۋىنى مەۋلەۋى ھىبەتۇللاھ ئاقھۇنزادە ئۇنىڭ ئورنىغا چىقتى.

(ئاقھۇنزادە رەھبەرلىكىدىكى تالىبان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن رەسمىي يوسۇندا سۆھبەتكە ئولتۇرۇشى دۇنيا سىياسى تارىخىدا يېڭى بىر سەھىپىنى ئېچىپ بەردى.-ت)

ئىنگىلىزچىدىن ئۆتكۈر ئالماس تەرجىمىسى

مەنبە:

https://www.bbc.com/news/world-south-asia-11451718

جاۋاب يېزىش

error: Content is protected !!