ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ پاراسىتىنى نامايان قىلىدىغان ماقال-تەمسىللەردىن تەرمىلەر

(ئۇيغۇرلار ژۇرنىلىنىڭ 28-سانىدا ئېلان قىلىنغان)

1. ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا،

   رەڭگىرويىڭ سامان بولماس.

2. ئەل بەختتىن ئايرىلسا،

   ئەر بەختىدىن ئايرىلار.

3. ئەل قەدرىنى نادان بىلمەس، 

   يەر قەدرىنى ھايۋان (بىلمەس).

4. ئەل ئىشىغا ئېرىنمە، 

   مىننەت قىلىپ كېرىلمە.

5. ئەلنىڭ نومۇسى ـــ ئەرنىڭ نومۇسى.

6. تەۋرەپ كەتكەن ئەلدىن قورق

    يامراپ كەتكەن سەلدىن (قورق).

7. زىننەتلىك قەپەستىن تىكەنلىك ئۇۋا ياخشى.

8. گۈل پۇرىقى بىلەن ئەزىز،

    ئادەم يۇرتى بىلەن (ئەزىز).

9. ياخشى ئادەم ئامانلىشىپ كۆچەر،

يامان ئادەم يامانلىشىپ (كۆچەر).

10. يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس،

     چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس.

11. باتۇر ئوقتىن قورقماس،

      ئاقىل دوقتىن (قورقماس).

12. يۇرت قوغدىساڭ ئۆسەرسەن،

      قوغدىمىساڭ ئۆچەرسەن.

13. ئاپتاپ يەرنى تاۋلار،

     ئەمگەك ئەرنى (تاۋلار).

14. ئارزۇلايدۇ ئەنجاننى،

     باقالمايدۇ بىر جاننى.

*بۇ ئارزۇ – غايىلىرى بەك چوڭ بولۇش بىر ۋاقىتتا، شۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولمىغان، ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتمەيدىغان خىيالپەرەسلىككە قارىتىلغان.

15. ئالتۇن چىقىدۇ يەردىن،

     بەخت كېلىدۇ تەردىن.

16. ئەجىر قىلساڭ چۆلگە،

     پۈركىنىسەن گۈلگە.

17. ئەمگەك قىلماي ئەلدىن ئاغرىنما،

     ئېكىن سالماي يەردىن (ئاغرىنما).

18. ئەمگىكىڭ قاتتىق بولسا،

     يېگىنىڭ تاتلىق بولۇر.

19. بەڭگى كەندىرگە ئامراق،

      ھۇرۇن يەڭگىلگە (ئامراق).

20. پاتمانلاپ ئىشلە،

      مىسقاللاپ چىشلە.

21. تامچى خىش تاللايدۇ،

     ھۇرۇن ئىش (تاللايدۇ).

22. تەييار تۇرسا يېمىشىم،

     ئورمان بىلەن نېمە ئىشىم.

* ئۆزىنىلا ئويلاپ، بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان، ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلاشماسلىق قىلمىشىغا قارىتىلغان.

23. سودىگەر سېتىپ قانماس،

     ھۇرۇن يېتىپ (قانماس).

24. سۆز دېسە «كاپ – كاپ»،

      ئىش دېسە بىتاپ.

25. كەتمەن چاپماي ئاق نان يېسەم،

     چارۋا باقماي پاقلان (يېسەم).

26. مېھنەتسىز ئەر ـــ ھوسۇلسىز يەر.

27. نىيىتى ياماننىڭ يېنىدىن قاچ،

      مىننەتخورنىڭ نېنىدىن (قاچ).

28. ئەرزان ئىللەتسىز ئەمەس،

     قىممەت ھېكمەتسىز (ئەمەس).

29. نەقتىن ھەسەل چىقتى،

     نېسىدىن جېدەل (چىقتى).

30. ئەسكى دېھقان يەر بۇزار،

     ئەسكى خوتۇن ئەر (بۇزار).

31. خەير قىلدىڭ، خوپ قىلدىڭ،

     مىننەت قىلدىڭ، يوق قىلدىڭ.

32. غەرەزلىك ياخشىلىقتىن، غەرەزسىز يامانلىق ئەلا.

33. ئېگىز تاغدا قار بولۇر،

     مەرد يىگىتتە ئار* (بولۇر).

* ئار ـــ نومۇس، خىجالەت تۇيغۇسى

34. ياخشى ئادەم بىر ئۆلەر، تىرىلمەس،

     يامان ئادەم مىڭ ئۆلەر، بىلىنمەس.

* يەنى پەسكەش، رەزىل كىشىلەر تەكرار – تەكرار ھالدا ئۆلۈمدىن بەتتەر خورلۇق ئىچىدە ئەلنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ ياشايدۇ.

35. ياخشى خۇيلۇق تۆرگە بېرىپتۇ،

     يامانلىق خۇيلۇق گۆرگە (بېرىپتۇ).

36. ياخشىنى ياتكەن دېمە،

     ياماننى ئۆزكەن (دېمە).

37. يامانغا نان بەرگۈچە،

      ياخشىغا جان بار.

38. ياماننىڭ تۇزغا بارغىنى،

      قىزغا بارغىنى.

* ناچار ئادەمنىڭ ئىچى – تېشىنىڭ بىر ئەمەسلىكى، ئەسلى مۇددىئاسىنىڭ ئىزھار قىلغىنىدىن كۆپ رەزىل ئىكەنلىكى.

39. ئادالەت ئالدىدا لىللا ئاقىدۇ،

     جاھالەت ئالدىدا تىللا (ئاقىدۇ).

40. بىرلەشكەن ئەل ـــ دەۋرەپ كەلگەن سەل.

41. كېڭەشلىك ئىش ئۇزار،

      كېڭەشسىز ئىش توزار.

42. ھۇرۇننىڭ ئەسنىكى قاتتىق،

      ھەقىقەتنىڭ تەستىكى (قاتتىق).

43. ئىت ھاكىم بولسا، سۆڭەك سېلىق سالار.

44. ئىنسان ـــ نۇقسان.

45. دوستۇڭ ئۈچۈن سىلىق بول،

      دۈشمەن ئۈچۈن سىرلىق بول.

46. دۈشمەنگە شەپقەت – ئۆزۈڭگە كۈلپەت.

47. ھەممىگە دوست بولغان،

      ھېچكىمگە دوست بولماس.

48. ئاتالمىغان مۇشتۇڭنى قوينۇڭغا سال.

* ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان جاسارىتىڭ

ۋە قەتئىي نىيىتىڭ بولمىسا، قۇرۇق پوپوزا قىلما.

49. ئارسلان باغلاقتا بولسا،

      توشقان بالىسىمۇ تېپىپ ئوينار.

50. باتۇر شەھەر ئالار،

      نامەرد زەھەر (ئالار).

مەنبە:

ئادىل مۇھەممەد ۋە روزىمۇھەممەد مۇتەللىپ نەشىرگە

تەييارلىغان «ئۇيغۇر خەلق ماقال – تەمسىللىرى»

دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.

ئۇيغۇرلار ژۇرنىلى تەھرىراتى تەييارلىدى

جاۋاب يېزىش

error: Content is protected !!