ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ رىچارد نىكسونغا يازغان خېتى
(بۇ ھۆججەت ئۇيغۇرلار ژۇرنىلىنىڭ 27-سانىدا — 2021-يىلى، 11-ئايدا — ئېلان قىلىنغان)
(ۋىلسون ئېلېكترونلۇق ئارخىپ مەركىزىدىكى – 208596 نومۇرلۇق ئارخىپ)
شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق تەشكىلاتى مەركىزى
1970 – يىلى 2 – ئاينىڭ 1 – كۈنى
پرىزدېنت رىچارد نىكسون ئەپەندى
ئاق ساراي
ۋاشىڭتون
قەدىرلىك پرىزدېنت:
ھەم كىشىنى تەڭقىسلىقتا قويىدىغان، ھەم تەخىرسىز بىر ئىش تۈپەيلى سىز بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلاشقانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈر سورايمەن.
ئۇشبۇ مەسىلە ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى پۈتۈن دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان زور تەھدىتكە ئالاقىداردۇر. نۆۋەتتە، بۇ تەھدىت بارغانسېرى زورىيىپ، يەرشارىنى يالماپ يۇتۇۋېتىش يولىدا كېتىۋاتماقتا. ئەگەر يېتەرلىك ۋاقىت بېرىلسە، مەزكۇر تەھدىت دۇنيا تەڭپۇڭلۇقىنى ئەركىن دۆلەتلەرگە زىيانلىق رەۋىشتە بۇزۇپ تاشلايدۇ. مېنىڭ ۋەتىنىم ھازىر مۇشۇ خىل قورقۇنچلۇق يوشۇرۇن ھازىرلىقلار ئېلىپ بېرىلىدىغان بازىغا ئايلانغان، شۇنداقلا خەلقىم تۈرلۈك مەخپىي ۋەھشىي جىنايەتلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقان بولغاچقا، مەن بىز دۇچ كەلگەن ھەقىقىي خىرسنىڭ نېمىلىكى توغرىسىدا توختىلىشنى زۆرۈر تاپتىم.
پۈتۈن دۇنيا قىزىل خىتايدىن تەشۋىشلىنىشى كېرەك، چۈنكى ئۇ يەر شارىدىكى قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان [ئەسلى تېكىست شۇنداق] تەھدىتكە ئايلىنىشى مۇمكىن. ئەمما كۆپىنچە ئىنسانلار تېخىچە ھېس قىلىپ يەتمىگەن ئازابلىق پاكىت شۇكى، قىزىل خىتاي ئۆزىنىڭ كېڭىيىش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تامامەن دېگۈدەك ئۆزىنىڭ يېڭى تېررىتورىيەسى بولغان شىنجاڭ زېمىنىغا تايانماقتا. ئەگەر توغرا رەۋىشتە باھا بېرىلسە، سىرتقا دۇنياغا «شىنجاڭ» دېگەن مۇستەملىكىۋى ئىسىم بىلەن تونۇشتۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان زېمىنى مىنېرال بايلىقلارنىلا ئەمەس، بەلكى ئىستراتېگىيەلىك ئۆزگىچە ئورۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان، يەر شارى مىقياسىدا كېڭەيمىچىلىك قىلىش بازىسى قىلىشتا زۆرۈر بولغان بارلىق ئامىللارنى ئۆزىدە ھازىرلىغان.
مېنىڭ ۋەتىنىم ئاسىيانىڭ كىندىكىدىكى بىر زېمىن بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن ئوخشىمىغان جايلارنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ شەرقىدە خىتاي، شىمالىدا سىبىرىيە، غەربىدە سوۋېت تۈركىستانى ياكى غەربىي تۈركىستان، غەربىي جەنۇبىدا ئافغانىستان، جەنۇبىدا پاكىستان ۋە ھىندىستان، شەرقىي جەنۇبىدا تىبەت بار، بۇ يەر قەدىمكى دەۋرلەردىن بۇيان تۈركىي خەلقلەرنىڭ ۋەتىنى بولۇپ كەلگەن. يەرلىكلەر (natives) خىتايلاردىن تامامەن پەرقلىق بولۇپ، بۇ خىل پەرق تىل، ئىرق، كۈلتۈر، ئەنئەنە ۋە دىن قاتارلىق بارلىق جەھەتلەردىكى تۈپ پەرقلەر ئارقىلىق ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ.
بۈگۈنكى خىتاي چەتئەللەردە خاتا ھالدا بىر مىللەتلىك دۆلەت دەپ تەسۋىرلىنىۋاتىدۇ، ھالبۇكى خىتايدا ھېلىھەم ئۆزىنىڭ تېررىتورىيەلىك ئاساسى بار 100 دىن كۆپرەك ئوخشىمىغان مىللەتلەر مەۋجۇت. تۈركلەر، موڭغۇللار، مانجۇلار، تىبەتلەر، يى، مياۋ، جۇاڭ، دەي ۋە باشقا خىتاي بولمىغان نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئۆزىلا خىتاينىڭ جاھانگىر ۋە مۇستەملىكىچى قۇرۇلمىسىنىڭ جانلىق دەلىلىدۇر. ئەگەر خىتاينىڭ باشقا مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىكى ئىنتايىن مۇرەككەپ تاكتىكىلىرىغا نۆۋەتتە تېرورلۇق ۋە مەجبۇرلاش قوشۇلغانلىقىنىڭ پاكىتلىق رېئاللىق ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنسا، خىتاينىڭ غايەت زور نوپۇسىنى نەزەرگە ئالمىغاندىمۇ، خىتاي ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش يولىدىكى جاپا – مۇشەققەتلىرى ۋە ئازاب – ئوقۇبەتلىرى قەيسەرلىكنىڭ مۇنەۋۋەر ئۆرنىكى سۈپىتىدە يۈكسەك باھاغا لايىقتۇر. بۈگۈن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولمىش خىتايدا چوڭ دۆلەتنىڭ شوۋېنىزم نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ماركىسىزم تەلىماتى ئىجرا قىلىنماقتا. خىتاينىڭ غايەت زور نوپۇسى ھەمدە تېخنىكا ۋە ھەربىي ساھەلەردە ئاتامان بولۇش جەھەتتىكى ئەسەبىي تىرىشچانلىقى خىتاينىڭ دۇنياغا نىسبەتەن تېخىمۇ زور تەھدىتكە ئايلىنىشى مۇمكىن. شۇنداقلا، ئەگەر ئەركىن دۆلەتلەر ئېھتىياتچان بولمىسا ۋە يىراقنى كۆرەلمىسە، بۇ تەھدىت ئەركىن دۆلەتلەرنى تەلتۆكۈس ۋەيران قىلىۋېتىشى مۇمكىن.
خىتاي جاھانگىرلىكى شەرقىي تۈركىستاننى ئۆزىنىڭ كېڭەيمىچىلىك پىلانىنى ئىجرا قىلىدىغان ئاساسلىق بازا قىلىشنىڭ كويىدا. بۇ سەۋەبتىن، ئەسلىدىنلا ئىشلىنىۋاتقان تەييارلىق خىزمەتلىرى يېقىندىن بۇيان تېخىمۇ كۈچەيتىلدى، شۇ سەۋەبتىن شەرقىي تۈركىستان زېمىنى ھەر ۋاقىت خىتاينىڭ دۇنيانى بويسۇندۇرۇش جېڭىنى باشلايدىغان مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلىنىشى مۇمكىن. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەر تارىختا كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەينى چاغدا شەرقىي تۈركىستان بازا ۋە چىقىش ئېغىزىلىق رولىنى ئويناپ، خىتاينىڭ غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋروپا تەرەپكە كېڭىيىشتىكى كارىدورى بولغانىدى. تارىخ تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ. ئەگەر زامانىمىزدىكى خىتاي جاھانگىرلىكى ئۆزىنىڭ ئەسەبىي كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇنۇشىنى يەنە بىر قېتىم شەرقىي تۈركىستان زېمىنى ئارقىلىق باشلىسا، بۇنىڭ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق. شۇڭلاشقا، بىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر ئىككى يېرىم شارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى بىرىنچى مۇداپىئە لىنىيەسى ئىكەنلىكىنىڭ قىل سىغماس ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى چوقۇم ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك، چۈنكى تارىختىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستان ئىزچىل ھالدا خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە قارشى تۇرىدىغان قورغان بولۇپ كەلگەن.
ھالبۇكى، خىتاينىڭ ئەسەبىيلەرچە تەۋەككۈلچىلىكىنى توختىتىش مۇمكىنچىلىكى يەنىلا مەۋجۇت. بۇنى خىتاي ئىمپېرىيەسىنىڭ پارچىلىنىش قەدىمىنى تېزلىتىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ، چۈنكى 100 دىن ئارتۇق ئوخشىمىغان مىللەتنى قۇل قىلغان ۋە ئۇلارغا قارىتا ئەڭ قەبىھ جىنايى قىلمىشلارنى سادىر قىلغان خىتاي ئىمپېرىيەسىدە ھازىر يىمىرىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمەكتە. ئەگەر خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان خەلقلەرنىڭ نارازىلىقىغا قۇلاق سېلىنسا ۋە ئۇلارنىڭ دەۋاسىغا ئەمەلىي ياردەم بېرىلسە، ئۇنداقتا بۇ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بىر جەريان بولۇپ قالىدۇ. ھاقارەتلىك زۇلۇملارغا ئۇچراۋاتقان ئاشۇ خەلقلەرنىڭ بىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۇنيادىكى ئەركىن دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تەلپۈنۈشى زامانىۋى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ پرىنسىپلىرىغا ماس كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىلتىماسى شۇنچىلىك ئاددىي ۋە مەنتىقىلىق بولۇپ، مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
1. خىتاينىڭ ۋەھشىي جىنايەتلىرىنى ئەيىبلەش: قىزىل خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى خەلقلەرنىڭ، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاش ئەركىن دۇنيانىڭ ئىنسانىي بۇرچىدۇر، چۈنكى بۇ خەلقلەرنىڭ ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىللىقى يەر يۈزىدە مەڭگۈلۈك تىنچلىق ۋە ئادالەت ئورنىتىشنىڭ مۇستەھكەم كاپالىتى بولالايدۇ. خىتاينىڭ ۋەھشىي جىنايەتلىرىنى ئەيىبلەش ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي مەجلىسىگە سۇنۇش، قىزىل خىتاينىڭ دۇنياغا تەھدىت سېلىۋاتقان ئەسەبىيلىكىگە ۋە جاھانگىرلىك تەمەسىگە قارشى ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا ئوخشاشلا زۆرۈردۇر.
2. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى جاكارلاش: (تەيۋەندىكى) مىللەتچى خىتاي ھاكىمىيىتى ب د ت دا يەككە خىتاي مىللىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر ئورۇنغا ئىگە بولغاندىن سىرت، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا قارىتا ھېچقانداق ئەمەلىي كونتروللۇققا ئىگە ئەمەس. مەسخىرىلىك يېرى شۇكى، گەرچە شەرقىي تۈركىستان ھازىر مىللەتچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بولغان بېيجىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولسىمۇ، مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغىلى ئۇنىمايۋاتىدۇ. مىللەتچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى رەت قىلىشىنى، قىزىل خىتاينىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى خىتاي بولمىغان كىشىلەرنى يوقىتىشنى ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغان سىياسىتىگە ئاۋاز قوشقانلىق دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى جاكارلاشقا قوشۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش جەھەتتە ياردىمىنى ئايىماسلىقىنى تەلەپ قىلىمىز.
3. ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى: شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستان زېمىنلىرىنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان يادرو ئۇرۇشىنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، چوقۇم زۆرۈر تەدبىرلەر قوللىنىلىشى كېرەك.
4. سالاھىيەت كاپالىتى: خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدا يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە، ھەر ئىككى تۈركىستاننىڭ، يەنى ھەم شەرقىي، ھەم غەربىي تۈركىستاننىڭ بۇ ئىككى چوڭ كوممۇنستىك دۆلەتنىڭ ھەرقانداق بىرى تەرىپىدىن ئالمىشىپ ئىشغال قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش زۆرۈردۇر.
5. تەشكىلىي كاپالەت: بۈگۈنكى خىتايدا ياشاۋاتقان، خىتاي بولمىغان خەلقلەرنىڭ بارلىق تەرەپلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئاكادېمىك قۇرۇلمىغا ئىگە ئىنىستىتۇت قۇرۇش، شۇنداقلا ئاشۇ خەلقلەرنىڭ تىللىرىدا شۇلارغا ئاڭلىتىلىدىغان رادىيو تورى تەسىس قىلىش زۆرۈردۇر.
6. يوشۇرۇن كۈچلەرنى ئىشقا سېلىش: قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئالاقىدار زېمىنلارنىڭ ھەقلىق ئىگىلىرى ئەركىن دۇنيا ئۈچۈن ئاساسلىق يوشۇرۇن كۈچ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇ ۋەجىدىن، ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ۋە چەتئەللەردىكى خىتاي بولمىغانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەيدىغان پىلان تۈزۈپ چىقىش پەۋقۇلئاددە زۆرۈر.
7. مەركەزلەشتۈرۈش: بېيجىڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى خىتاي بولمىغان تۈرلۈك خەلقلەر – ھېچ بولمىغاندا نۆۋەتتە – ئورتاق مەسىلىگە دۇچ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ قولمۇ قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىشى زۆرۈر. شۇ ۋەجىدىن، ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈلگەن مۇقىم بىر قۇرۇلما ئىچىدە قايتىدىن تەشكىللىمەك لازىم.
8. دۆلەت مىراسلىرىنى قوغداش: نۆۋەتتە، «يېڭى تېررىتورىيە» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان، يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە مۇستەملىكىۋى خىتايچە ئىسىم بولمىش «شىنجاڭ» شەرقىي تۈركىستاننىڭ رەسمىي نامى سۈپىتىدە قوللىنىلماقتا. «شىنجاڭ» نامى بۈگۈنكى خىتاي ئىمپېرىيەسىنىڭ بەشتىن بىرىگە توغرا كېلىدىغان بۇ زېمىننىڭ شەرقىي تۈركلەرگە تەۋە ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت رېئاللىقنى يوشۇرۇپ قالالايدىغانلىقى ئۈچۈن، بېيجىڭ ھاكىمىيىتى ھېلىھەم مۇشۇ نامنى ئىشلىتىشكە مايىل. ئەركىن دۇنيادا بۇنداق مۇستەملىكە پۇرىقىغا ئىگە ئىسىمنى ئىشلىتىش كەچۈرگۈسىز بىمەنىلىكتۇر.
9. ماددىي ياردەم: گەرچە شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈمىدسىزلىككە چۆمگەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشىنى ماددىي ياردەم بىلەن قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
بۇ مېنىڭ دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى خەلقىمنىڭ ئارزۇسىدۇر، ئۇلارنىڭ ئاداققى ئارزۇسى ۋە نىشانى مۇستەقىللىقتۇر، ئۇلار ئۆتمۈشتە ئاشۇ نىشان ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ۋە ھېلىھەم كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا، مەن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئەركىن دۇنيانى خەلقىمنىڭ ئىلتىماسىغا قۇلاق سېلىشقا ۋە بۇ ھەقتە جىددىي ئويلىشىشقا چاقىرىمەن. شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل بولۇشنىڭ بارلىق سەۋەبلىرى ۋە ھەقلىرىگە ئىگە. ھالبۇكى، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان قوراللىق توقۇنۇشتا سوۋېت غەلىبە قىلسا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتۈش ئېھتىماللىقى يەنىلا كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان ۋە تەشۋىشلەندۈرىدىغان مەسىلىدۇر.
خەلقىم مەن بىلەن بىرلىكتە جانابىڭىزغا ۋە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدىكى ياخشى كىشىلەرگە چىن كۆڭلىدىن سالام يوللايدۇ.
ـــ ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن
شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق تەشكىلاتى مەركىزىنىڭ رەئىسى
سابىق شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى (11 بېتىمدىن كېيىن قۇرۇلغان ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت)نىڭ باش كاتىپى
ئىنگىلىزچىدىن ھېكمەتيار ئىبراھىم تەرجىمىسى