«ئۇيغۇر قەتلىئامى» ناملىق ئەسەردىن ئالغان تەسىراتلىرىم
(ئۇيغۇرلار ژۇرنىلىنىڭ 26-سانىدا — 2021-يىلى، 10-ئايدا — ئېلان قىلىنغان)
تۆۋەندىكىسى دوكتور مەمتىمىن ئەلانىڭ «ئۇيغۇر قەتلىئامى – پىسخولوگىيەلىك نەزەر» ناملىق كىتابىغا مۇناسىۋەتلىك بايانلار ۋە مەزكۇر كىتابتىن ئېلىنغان نەقىللەردۇر.
ئۇيغۇر قەتلىئامى ـــ بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قاباھەتلىك ئۆتمۈش ئەمەس، بەلكى مۇشۇ قۇرلار يېزىلىۋاتقان ئۇشبۇ دەملەردىمۇ كۆز ئالدىمىزدا داۋاملىشىۋاتقان، تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدىكى ئېچىنىشلىق رېئاللىقتۇر.
گەرچە چىڭ سۇلالىسى سانغۇنى زوڭ زۇڭتاڭ ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ 1949 – يىلى قىزىل كوممۇنىست خىتاي ئەزىز شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، خەلقىمىز ئىزچىل ھالدا ئېزىلىش، تۇتۇلۇش، ئۆلتۈرۈلۈش قىسمەتلىرىگە دۇچار بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، تاكى مۇشۇ ئەسىرگىچە بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلگەن، خىتاي زۇلمى ئاستىدىكى پەۋقۇلئاددە چەكلىك ئىمكانىيەتلەر ئىچىدىمۇ ئۆز كىملىكىنى تۈرلۈك شەكىللەردە نامايەن قىلىپ تۇرغانىدى.
ھالبۇكى، 2009 – يىلىدىكى «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى»دىن كېيىن، خىتاي ئەسلىدىكى ۋەھشىي سىياسەتلىرىنى ھەم كۆلەم، ھەم سالماق جەھەتتە تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىرىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ 2016 ~ 2017 – يىللىرى ئومۇمىيۈزلۈك باشلىنىپ، شۇنىڭدىن كېيىن كۈنسېرى ۋەھشىيلەشتۈرۈلگەن جازا لاگېرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق يوقىتىش مېخانىزمى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇشنىڭ، تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى يوق بۇ مەزلۇم قەۋمگە قارشى قەتلىئامنىڭ رەسمىي ئەۋجىگە چىققانلىقىنىڭ سىگنالى بولۇپ قالدى.
ئەمما، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇنى دەسلەپتە بۇنى ئۆتمۈشتىكى بىرەر يىللىق «قاتتىق زەربە بېرىش» دېگەندەك ئۆتكۈنچى باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە ئوخشىتىپ باقتى. خېلى ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەرمۇ بۇ ئىشنى ئەڭ ئېغىر بولغاندا خىتاي تارىخىدىكى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»غا ئوخشاش بىر مەزگىلدىن كېيىن پەسكويغا چۈشىدۇ، بۇ ئىش ئۇيغۇرنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا خىرس ئەكېلەلمەيدۇ، دەپ قاراشتى. ھالبۇكى، خىتاينىڭ نەچچە مىليون ئۇيغۇرنى لاگېرغا سولاش بىلەنلا قالماي، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار ئاساسلىق ئولتۇراقلاشقان تۆت ۋىلايەتتىكى تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ سەكسەن پىرسەنتىنى تۇغماس قىلىۋېتىشكە ئۇرۇنۇشى؛ تۈركۈملىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ھېسابىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئەمگەككە سېلىنىش ئۈچۈن ئەكېتىلىشى؛ مىليونلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ ئاتا – ئانىسىدىن ئايرىۋېتىلىپ، پۈتۈن كۈنلۈك ياتاقلىق مەكتەپلەرگە بەند قىلىپ، تامامەن خىتايلاشتۇرۇلۇش سۇيقەستى؛ مەكتەپلەردىكى دەرسلىك كىتابلارنىڭ (ھەتتا ئەدەبىيات كىتابلىرىنىڭمۇ) تامامەن ئۇيغۇرسىزلاشتۇرۇلۇشى؛ شۇنداقلا بۇ زەربىنىڭ تا ھازىرغىچە ئاخىرلىشىش، ھەتتا پەسىيىش ئالامەتلىرىدىن ئەسەرمۇ بولماسلىقى؛ ھەتتا شۇنىڭ ئەكسىچە بارغانسېرى ئەدەۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى دەلىللەرنىڭ ئارقا – ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىشى نۆۋەتتىكى زەربىنىڭ قانداقتۇر «ئۆتكۈنچى ھەرىكەت» بولماستىن، بەلكى خىتاي تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئوچۇق – ئاشكارا ئېلان قىلىنغان «ئۆلۈم جازاسى»، «قەتلىئام جاكارى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى – دە، بۇ ئاچچىق رېئاللىق بىز ئۇيغۇرلارنى بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە گاڭگىرىتىپ قويدى. ھەممىمىز پىرقىرىتىپ قويۇۋەتكەندەكلا بولۇپ قالدۇق.
ئۇنداقتا، بىزنىڭ مەڭدىتىپ قويغان، ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان بۇ قەتلىئام بىزنىڭ روھىيىتىمىزگە كونكرېت قانداق تەسىر كۆرسەتتى؟ بىز ئۇنىڭ قايسى خىل سەلبىي تەسىرلىرىگە ئۇچرىدۇق؟ بۇ خىل ھادىسىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟ قەتلىئام ئىچىدىكى خەلق ئۆز پىسخىكىسىنى قانداق تەڭپۇڭلاشتۇرۇشى كېرەك؟ بىز بۇ جەھەتتە كونكرېت نېمىلەرنى قىلالايمىز؟
بۇ سوئاللارغا ھەركىم ئۆز مەۋقەسىگە ۋە سەۋىيەسىگە يارىشا جاۋاب بېرىشى مۇمكىن بولسىمۇ، بۇ قەدەر ئېغىر زەربە تۈپەيلى قايمۇقۇش ئىچىدە قالغان خەلقنىڭ بۇلارغا دەماللىققا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب تاپالىشى قىيىن بولغاچقا، ئۇلار بۇ ساھەدىكى سىستېمىلىق، ئىلمىي قاراشلارغا مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق، ئۆز رېئاللىقىنى ئوبيېكتىپ تونۇپ يېتىشكە موھتاج.
شۇڭا، مەن بۈگۈن دوكتور مەمتىمىن ئەلانىڭ مۇشۇ تېمىغا ئاتاپ يېزىلغان «ئۇيغۇر قەتلىئامى – پىسخولوگىيەلىك نەزەر» دېگەن كىتابىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ چىقماقچىمەن.
***
ئالدى بىلەن، ئىنسانشۇناسلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق قاتارلىق ئالاقىدار ساھەلەردىكى چەتئەللىك تەتقىقاتچىلاردىن شان روبېرتس، دەرېن بايلېر، دېيۋىد بروفىي، رىيان سام قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ قىسمىتى توغرىسىدا مەخسۇس كىتابلارنى يازغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار يەنىلا بىزنىڭ قىسمىتىمىزنى ياندىن كۆزىتەلەيدۇكى، بۇ قىسمەتنىڭ ئىچىگە شۇڭغۇيالمايدۇ، بۇ قەتلىئامنىڭ ئىزتىراپىنى ھەقىقىي «ئۇيغۇر»لۇق سۈپىتىدە ھېس قىلالمايدۇ. مەنچە ئۇيغۇرلارنىڭ كەچمىشلىرىنى ۋە «پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا خاس بولغان كۈلتۈرەل بەلگىلەر ۋە ئىشارەتلەر»نى چۈشەنگەن ئاساستا، ئۆز قىسمىتىمىزنى ئىلمىي نۇقتىدىن مۇھاكىمە قىلىپ كىتاب يېزىش ۋەزىپىسى يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ زىممىسىگە چۈشىدۇ. ئەمما، بۇ ساھەدە ئۆز ئىچىمىزدىن قەلەم تەۋرەتكەنلەر تولىمۇ ئاز چىقتى. شۇڭا، مەزكۇر كىتاب ئۇشبۇ قەتلىئامنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بۇ مىللەتنىڭ ئۆز پەرزەنتىنىڭ قەلىمىدىن پۈتكەنلىكى نۇقتىسىدىن دىققەتكە سازاۋەردۇر.
ئۇنداقتا، دوكتور مەمتىمىن ئەلا بۇ كىتابنى يېزىشقا قاچان، قانداق تۇتۇش قىلغان؟
ئالدى بىلەن، ئاپتور كىتابىنىڭ «سۆز بېشى» قىسمىدا مەزكۇر قەتلىئامنى ئالدىن ھېس قىلالمىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۆكۈنۈشىنى تۆۋەندىكى قۇرلار ئارقىلىق ئىزھار قىلىدۇ:
شۇنىڭ بىلەن، ئەمدىلا سۈرۈشكە باشلىغان ئىلىم ھۇزۇرۇمنىڭ بىراقلا پەركايى ئۇچۇپ كەتتى ـــ ئەجەبا ئۇ قەدەر «كاتتا» كىتابنى يېزىپ، خىتاي بىلەن ئۇيغۇر روھىيەتلىرىنى چۈشىنىۋەتتىم دېگەن مەندەك بىر زىيالىي مۇشۇنداق بىر قورقۇنچلۇق ئاپەتنى ـــ بۇرنىمىزنىڭ ئۇچىدىكى ئۆلۈم شەپىسىنى ـــ قىسقىسى، ئىنسانىيەت تارىخىدا كەم كۆرۈلىدىغان بۇنداق بىر ۋەھشىي قىرغىنچىلىقنى ئالدىنئالا كۆرەلمىسە – ھە! ئۇيغۇر قەتلىئامى ھەققىدىكى بۇ خەۋەرلەر مېنىڭ زىيالىيلىق قانائەتلىرىمنى توزغاقتەك توزۇتۇۋەتتى. روھىم قاتتىق چۈشتى. ئۆزۈمنى ئىچىمدە ئىلمىي بىخەستىلىكتە راسا ئەيىبلىدىم. قانچە قىلىپمۇ ئۆزۈمنى كەچۈرەلمىدىم ـــ مەن قانداقسىگە يۈز بېرىشى شۇ قەدەر مۇقەررەر بىر قەتلىئامنى ئالدىن كۆرەلمەيمەن؟ نېمە ئۈچۈن بۇ ھەقتە يۇقىرىقى كىتابىمدا خەلقىمنى ئالدىن ئاگاھلاندۇرالمايمەن؟…
ئاندىن، ئاپتور باشقا بىرەيلەننىڭ سەمىگە سېلىشى بىلەن، ئۆزىنىڭ 2007 – يىلى گېرمانىيەدىكى بىر سورۇندا شۇنداق دېگەنلىكىنى ئەسلەيدۇ:
ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى ھازىرقى مۇناسىۋەت بارغانسېرى يىرىكلىشىدۇ. چۈنكى، خىتايلار ھازىر ئۇيغۇرلارنى قارىلاشتىكى ئىنتايىن مۇھىم ۋە ئىنتايىن قۇدرەتلىك بىر قورالنى تېپىۋالدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنى يوقاتمىغۇچە توختىمايدۇ ـــ ئانتى – تېرورىزم … ئەمدى خىتاينىڭ يۈرىكى توملاپ، ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ بوزەك قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇيغۇرلار سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقىنى بىلەن ئۇلارنىڭ غۇرۇرى، قارشىلىق روھى تېخى يوقالغىنى يوق. ئۇلار ھەر ئاماللار بىلەن خىتايلارغا قارشى تۇرىدۇ، ئاخىرىدا ھەربىر ئۇيغۇر كوچىدا مېڭىپ يۈرگەن بىر پىچاققا ئايلىنىدۇ… ئۇلار ئۆزىنى بارغانسېرى بوزەك قىلىۋاتقان، كەمسىتىۋاتقان خىتايلارغا قولىغا نېمە چىقسا، شۇنىڭ بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. ئاقىۋەت خىتايمۇ يانمايدۇ، ئۇيغۇرمۇ ھەم… نۇ توقۇنۇشنى كېلىشتۈرگىلى بولمايدۇ. نەتىجىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى خىتاي پۇقرالىرىدىن ئايرىۋېتىشكە كىرىشىدۇ. ئۇيغۇرلار ئېھتىمال تەكلىماكان ئەتراپىدا سىم توساقلىق گېتتوسىمان رايونلاردا ياشاشقا بۇيرۇلۇشى مۇمكىن… ئۇلار بۇ گېتتونىڭ سىرتىغا قەتئىي چىقىرىلمايدۇ. بۇ تاكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقى پۈتۈنلەي مۆلچەرلەنگەن تەرزدە تۈگىگۈچە داۋاملىشىشى مۇمكىن.
بۈگۈنكى رېئاللىقنى نەزەردە تۇتقاندا، 2007 – يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ ئېچىنىشلىق پەرەز ـــ زۇلۇمنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى يۈزلىنىشى نۇقتىسىدىن ـــ تولىمۇ توغرا چىققانىدى. ھالبۇكى، ئەينى چاغدىكى بۇ خىل «ئالدىن كۆرەرلىك» ئاپتورنى مەمنۇن قىلالمايلا قالماستىن، تېخىمۇ ئۆكۈندۈرىدۇ:
شۇنداق دېگەن تۇرۇقلۇق، بۇ ھەقتە يەنە قايتا ئىزدەنمىگەنلىكىم ۋە كىتابىمدا توختالمىغانلىقىم ماڭا تېخىمۇ ئەلەم قىلدى. ئەجەبا بىلىپ تۇرۇپ، يەنە نېمە ئۇنۇتقاقلىق، بىخەستىلىك بۇ؟ بۇ بىر ئاددىي ئاقىۋەت ئەمەسكى؟!
شۇنىڭ بىلەن، 2018 – يىلى ئۇيغۇر قەتلىئامى ھەققىدە ئىنگلىز تىلىدا ئۈچ پارچە ماقالە ئېلان قىلدىم. بىرى، قەتلىئامنىڭ دەھشىتىنى دۇنياغا بىلدۈرۈش تەخىرسىز ئىدى. يەنە بىرى، مەن ئۆزۈمدىكى گۇناھ تۇيغۇسىدىن قۇتۇلماقچى ئىدىم…
ئاپتورنىڭ مەزكۇر كىتابنى يېزىش ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە مۇددىئاسى يۇقىرىقى قۇرلاردىن تولۇق ئايدىڭلىشىدۇ. ئۇنداقتا كىتاب كونكرېت قانداق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؟ ئەمدى دىققىتىمىزنى شۇنىڭغا ئاغدۇرۇپ باقايلى.
مەزكۇر كىتاب تۆۋەندىكى بابلاردىن تەركىب تاپقان:
1. قەتلىئام: نامسىزلىقتىن ناملىققىچە
2. مەۋجۇتلۇقنىڭ تۆت تۈسى
3. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشى
4. ئۇيغۇر قەتلىئامىغا تەتۈر بايان
5. ئىككى پىسخىك تەجرىبە، ئىككى تەدبىقلاش
6. ئۇيغۇرلاردا خىتايغا تايىنىش پىسخىكىسى
7. قايغۇرۇش ۋە ئۇنىڭ تەسىرلىرى
8. قايغۇنىڭ باسقۇچلىرى
9. كوللېكتىپ ئاسارەت
10. قانداق قىلىش كېرەك؟
قوشۇمچە: چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا توردا ئېلىپ بېرىلغان ئاسارەتكە ئائىت راي سىناش نەتىجىسىنىڭ قىسقىچە تەھلىلى
بۇ ماقالىنى يېزىشتىكى مەقسىتىم مەزكۇر كىتابنى مۇپەسسەل تونۇشتۇرۇش بولماستىن، كىتابنىڭ ئەھمىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئوقۇرمەنلەرنى كىتابنى ئوقۇپ بېقىشقا قىزىقتۇرۇش بولغانلىقى ئۈچۈن، تۆۋەندە كىتابتىكى بابلارنى بىر باشتىن تونۇشتۇرۇشنىڭ ئورنىغا، كىتابتىكى قىسمەن مەزمۇنلارنى ئۈزۈندە شەكلىدە نەقىل قىلىش بىلەن كۇپايىلىنىمەن ۋە ئىلىمنىڭ قەدرىنى بىلىدىغانلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشتا مۇشۇلارنىڭ يېتەرلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
نۆۋەتتىكى قەتلىئامدىمۇ داۋاملىشىۋاتقان قورقۇتۇپ باشقۇرۇش تاكتىكىسى
قورقۇنچ ئادەمنى كونترول قىلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسىدۇر … خىتاينىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنى قورقۇتۇپ باشقۇرۇشى بۇ قېتىملىق قەتلىئام يۈز بەرگەندىن كېيىن تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقتى. چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا قالمىدى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ھەتتا ئۇلارنى قىرىۋېتىپ تۇرۇپمۇ سېلىۋاتقان قورقۇنچىنى تۆۋەندىكى زىيارەتتىن بىلىۋېلىش مۇمكىن:
«ئىككى ئاي ئىلگىرى ب د ت ۋە ياۋروپا بىرلىكى رايوندا (شەرقىي تۈركىستاندا) بەزى تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ باردى ھەمدە مېنىڭ شەھىرىم بۇ تەكشۈرۈشلەرگە تاللاندى. مەن ئۇلارنىڭ نۇرغۇن كىشىلەرنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى، چۈنكى ئۇلارنىڭ (خىتاينىڭ) ئۇيغۇرلارغا نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى يوشۇرۇش مەقسىتىنىڭ بارلىقىنى بىلىمەن. مېنىڭ ئانام قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما مەن بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنى جەزملەشتۈرەلمەيمەن، چۈنكى مەن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىشتىن ئىبارەت بۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشنى خالىمايمەن. چۈنكى ئۇلار (خىتاي دائىرىلىرى) ئۇ چاغدا ئۇنى قايتا قامىشى، قىينىشى ۋە ئۇنىڭغا ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەرىنى قىلىشى مۇمكىن».
شەپقەتسىز «قەتلىئام ئىجرائاتچىلىرى»نىڭ روھىي ھالىتى
قەتلىئام قىلغۇچىلار توپىغا ئورتاق تەۋە بولۇش سالاھىيىتى ئۇلاردا تەۋەلىك، سەپداشلىق، نىشانداشلىق ھېسسىنى قوزغىتىدۇ. ئۇلار بىر – بىرىگە قاراپ، بىر – بىرىدىن ئىلھاملىنىپ، تېخىمۇ قورقۇنچلۇق ۋەھشىيلىكنى قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزىنى بۇنداق بىر كوللېكتىپتا بىر يەككە شەخستىن كۆرە، بىر توپنىڭ پارچىسىدەك كۆرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ كاللىسىنى «باشقا ھەممەيلەن توغرا دەپ قىلىۋاتقان ئىشنى قىلىۋاتقانلىقى، شۇڭا قىلغىنىنىڭ توغرا ئىكەنلىكى»دەك خاتا پىكىر ئىگىلىگەن بولىدۇ. شۇڭا، ئۇلار ھەرىكىتىنىڭ ئاقىۋىتىنى جىق ئويلاپ كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، توپنىڭ ئىچىدە تۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بولۇش ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدە نامسىزلىق ۋە كۆرۈنمەسلىكتەك خاتا سېزىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار خۇددى قىلىۋاتقىنىنى ھېچكىم بىلمەيدىغاندەك، كۆرەلمەيدىغاندەك خاتىرجەملىكتە قورقۇنچلۇق جىنايەتنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىدۇ. نەتىجىدە، قىلىۋاتقان قىلمىشىغا بولغان مەسئۇلىيەت ئېڭى جىددىي رەۋىشتە تۆۋەنلەيدۇ.
پىسخىك ئۇرۇش
كەسكىن قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قەتلىئامىنىڭ مەركىزىدە پىسخىك ئۇرۇش تاكتىكىسى بار. بۇ ئۇرۇشنىڭ پەقەت ئىككىلا مەقسىتى بار. بىرى، ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە كالىىسدا قايتا شەكىللەندۈرۈش، قايتا قۇراشتۇرۇش ۋە قايتا يارىتىش ـــ خىتايلاشتۇرۇش. يەنە بىرى، بۇ قەتلىئامنى خەلقئاراغا ئالداپ كۆرسىتىش.
بىر كوممۇنست ئۈچۈن، ئادەمنىڭ كاللىسى ئىشەنچىسىز بوشلۇقتۇر. چۈنكى، ئۇ خەتەرلىك ئىدىيەلەرنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇ مەنىدىن، كاللىنى ھەرۋاقىت بۇ خەتەرلەردىن ساقلاش كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ مۇھىم بۇرچىدۇر. بۇنىڭدا ھەربىر كاللىنىڭ پارتىيەنىڭ پىرىنسىپى بويىچە بىردەك مېڭىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئاچقۇچتۇر.
خىتاينىڭ سىياسىتىدىكى بىر بۇرۇلۇش
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىدارە قىلىشىدىكى سەۋزە بىلەن تاياقنى (يۇمشاق – قاتتىق ۋاسىتىلەرنى) ئارىلاشتۇرۇپ قوللىنىشتەك ۋاسىتىسى تۇنجى قېتىم بارىن ئىنقىلابىدا ئۆزگەردى. خىتاي بارغانسېرى تاياق ئىشلىتىدىغان بولدى. بۇ ھەم خىتاي ئىقتىسادى ئېشىپ، دۇنيادا قەد كۆتۈرۈشىدىن كېيىنكى ئۆزىگە بولغان غايەت زور ئىشىنىشى بىلەنمۇ باغلىنىشلىق.
قەتلىئام پىلانى
بۇ مەنىدىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى بۇ قەدەر ۋەھشىيلىك بىلەن قىرىشىنى ئالدىنئالا پىلانلانغان ۋە ئۇيغۇرلار ئۆزى بىلىپ – بىلمەي ماسلاشقان بىر پىلاننىڭ مەھسۇلى دېيىشكە بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قېتىمقى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقىنى خىتايلارنىڭ 40 يىلدىن بېرى ئىزچىل تۈردە ئىجرا قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا قەتلىئامدا توختاتقان بىر سۇيقەستىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدۇر.
ھۆرلۈك ئىستىكىمىز قانداق سۇسلاشتى؟
ئەركىنلىككە ئىنتىلىش سەۋەبلىك جازالىنىش خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىنىش دەپ قارىلىدىغان بولدى. ئەكسىچە، ئەركىنلىككە ئىنتىلمەسلىك بولسا خەتەردىن ساقلىنىش دەپ بىلىندى. بۇنىڭ بىلەن، ئەركىنلىكنىڭ مەنىداش سۆزى كوللېكتىپ ئاڭسىزلىقتا «خەتەر» بولدى. نۇرغۇن ئادەملەر خەتەردىن ساقلىنىش ھەققىدە بىر – بىرىگە ۋەز – نەسىھەت قىلىدىغان ھالەت شەكىللەندى…
… ئۇلارغا شۇنداق ئاددىي بىر قانۇنىيەت سىڭدىكى، پەقەت خىتاينىڭ چىشىغا تەگمىسىلا، قەپەزدە بولسىمۇ راھەتتە ياشىغىلى بولىدۇ.
بۇ خىل كوللېكتىپ پىسخىك ھالەت ئۇزاق داۋاملاشقاندىن كېيىن، ئىچكىيلىشىپ، ئۇلار (يەنى ئۇيغۇرلار)نىڭ ھەرىكەت مىزانىغا ئايلاندى. ئۇلار خۇددى قايناۋاتقان سۇدىكى پاقىغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ شارائىتىنىڭ قائىدىسىگە بويسۇنسىلا، شارائىتىنىڭ يامانلىشىپ كەتمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىش بىلەن ياشىدى. ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ئوي دائىرىسى قانداق قىلغاندا ئەركىنلىكنى قوغلاشماسلىقلا بولدى…
ئاخىرىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ 1950 – يىللاردىكى ئەركىنلىك چۈشەنچىسى 1990 – ۋە 2000 – يىللارغا كەلگەندە غايەت زور چېكىنىشنى كۆردى. بۇ چۈشەنچە ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئۇيغۇرنىڭ ھايات نىشانى بولغىنى بىلەن، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر خەتەرلىك چۈشەنچە بوپ كەلدى.
خىتاينىڭ «ئاكا»لىق ئوبرازى
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى «ئاكا» ئوبرازىنىڭ ئەۋج ئالدۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلاردا تەبىئىي ھالدا بۇ «ئاكا»نىڭ ئۆزىگە كۆيۈنۈشى ۋە ئۆزىنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى قىلىپ بېرىشىنى كۈتۈشىدەك پىسخىك ھالەتنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولغان ئامىللارنىڭ بىرىدۇر.
ئۇيغۇرلارنى مەنىۋى تەلپۈنۈشتىن مەھرۇم قالدۇرۇش
… خىتايلارنىڭ نەزەرىدە، ئۇيغۇرلارنى پەقەت ماددىي ئېھتىياجنى قاندۇرۇشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە قالدۇرۇشنىڭ ئۆزىلا ئۇلارنى ئەڭ ئىپتىدائىي، ھايۋانىي ئېھتىياجنىڭ سەۋىيەسىدە تۇتۇپ تۇرىدۇ. ئۇلارنى بۇنىڭدىن باشقىنى ئويلىمايدىغان قىلىدۇ. ئۇلارنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ باشقا يۈكسەك، مەدەنىيلەشكەن ۋە ئىنسانىيلاشقان ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇشقا قىزىقمايدىغان قىلىدۇ. ھەم ئۇلارغا بۇ خىل شەرت – شارائىتلارمۇ ئاساسەن ھازىرلانمايدۇ. ھەتتا ھازىرلاندى دېگەندىمۇ، بۇ پەقەت خىتايغا سادىق بولغان بىر قىسىم كىشىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغىلا بېرىلىدۇ.
ۋەتەندىكى ئۇيغۇر رېئاللىقى
ۋەتەندىكى ئۇيغۇر رېئاللىقى كەسكىن مەنىدىن ئېيتقاندا بىر – بىرىگە قارشى ئىككى دۇنياغا بۆلۈنگەن ـــ ئۆينىڭ سىرتى ۋە ئۆينىڭ ئىچى. ئۆينىڭ سىرتىدا، خەتەر، قورقۇنچ ۋە خورلۇق؛ ئۆينىڭ ئىچىدە، مۇھەببەت، كۆيۈنۈش ۋە قوللاش. ئەگەر ئۆينىڭ ئىچىدە بۇنداق بىر مۇھەببەت بولمىغان بولسا، سىرتتىكى دەھشەت ئۇيغۇرلارنىڭ روھىنى ئاللىبۇرۇن پارە – پارە قىلىۋېتەتتى.
ئۇيغۇرلارنىڭ قەتلىئام ئالدىدىكى تەييارلىقسىزلىقى
… بەزى ئۇيغۇرلاردا خىتايغا قارىتا تولىمۇ بىر تەرەپلىمە قاراش بار ئىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتايلار توخۇ يۈرەك ئىدى. شۇڭا، ئۇلار ھىيلە – مىكىرگە تايىنىپ جان باقاتتى. ئۇلار ئۇيغۇرلارنى بىر مىللەت سۈپىتىدە دۇنيانىڭ كۆزىدە قەتلىئام قىلىشقا ھەرگىز جۈرئەت قىلالمايتتى. ئىپتىدائىي قاراملىق بىلەن خىتايلارنى جىسمانىي جەھەتتە كۆزگە ئىلماسلىق ھەم ئۇلارنىڭ مەككارلىقى سەۋەبلىك ئەخلاق جەھەتتە يىرگىنىش نۇرغۇن ئۇيغۇرلارغا شۇنداق بىر روھىي ئۈستۈنلۈك ۋە شۇنداق بىر خام خىيالسىمان ئىشەنچ بەرگەنكى، خىتايلار ئۇلارغا ئۆچ بولغان تەقدىردىمۇ يەنىلا ئۇلارغا تېگەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار تېگىدىن قورقۇنچاقلاردۇر.
… بۇ قېتىمقى قەتلىئامنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ قەدەر زىلزىلىك بولۇشى پەقەت ئۇنىڭ قانچىلىك ۋەھشىيلىك بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىدىنلا ئەمەس، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قانخورلۇقنى ئاز – تولا بىلسىمۇ، ئۇنى يەنىلا خەتەرلىك ھالدا خاتا مۆلچەرلەپ قالغانلىقىدۇر. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى تولۇق چۈشەنمەيدىغان دۈشمىنىنىڭ تۇيۇقسىز ۋە شەپقەتسىز ھۇجۇمىغا ئۇچرىشىدۇر. بۇنىڭدا ئۆزىنى تولۇق چۈشىنىپ بولالمىغان بىر مىللەتنىڭ تارىختىن بېرى ئۆزى تولۇق چۈشىنىپ بولالمىغان يەنە بىر مىللەت تەرىپىدىن چۈشىنىكسىز بىر تەرىزدە تۇيۇقسىز كوللېكتىپ ۋەيران قىلىنىشىغا قارىتا ئاجايىپ ئېچىنىشلىق بىر پۇشايمىنى بار.
چەتئەلدىكى ئاچچىق رېئاللىقىمىز
تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھېلىھەم تۈگىمىگەن تالاش – تارتىشلار ئۇيغۇرلارنى بەزدۈرىدۇ. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنىڭ كېڭىيىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىشىپ بىر سەپ قۇرۇشىدا بىرلىككە كېلەلمەسلىكى ئۇلارنىڭ تارىخقا يېزىلغۇدەك خاتالىقلىرى ۋە ھەتتا جىنايەتلىرىدۇر. بۇ سىياسىي جەھەتتىكى كەچۈرگۈسىز خاتالىقلا ئەمەس، بەلكى پىسخىك جەھەتتىكى ۋەيران قىلغۇچ ھالەتتۇر. بۇ مەسىلە، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىكى سىياسىي جەھەتتىكى دىتسىزلىقنىلا ئەمەس، بەلكى خاراكتېر جەھەتتىكى كېسەلمەنلىكلەرنىمۇ ئېچىپ بېرىدۇ ـــ شەرەپ ئاچكۆزلۈكى، مەنمەنلىك ۋە ئۆزمەپتۇنلۇق. شۇنىسى مەسخىرىلىككى، ئۇيغۇرلار ئېغىر دەرىجىدە خورلىنىۋاتقان ۋە شەرەپسىزلەشتۈرۈلۈۋاتقان مۇشۇنداق شارائىتتا، بۇ شەخسلەردىكى شەرەپ مەستانىلىقى ئەخلاق جەھەتتىكى يىرگىنىشلىك قىلمىشلا ئەمەس، بەلكى پىسخىك جەھەتتىكى كېسەلمەنلىكتۇر. بۇ كېسەلمەنلىكنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭدا «مەن»نىڭ ئۆزىگە بولغان مەپتۇنلۇقى خەلقتىن ئىبارەت بۇ ئەينەكتە ھەر ۋاقىت ئاجايىپ بەھەيۋەت ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ تۇرۇشى كېرەك. چاۋاكلار، ماختاشلار، رەسىمگە چۈشۈشلەر ۋە ئۆزى ھەققىدىكى مەدھىيەلەرگە مەست بولۇش دەل خەلقتىن كۈتۈلىدىغان ئەينەكلىك رولىدۇر. خەلق ئۇلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ زەئىپ «مەن»لىكىنى كۆپۈنكى ئەينەكتەك كۆپتۈرۈپ بېرىدىغان بىر ۋاسىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر. بۇ خەلق ھەر ۋاقىت ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ بېرىشى كېرەك ـــ ئۆلۈۋاتسىمۇ، قان قۇسۇۋاتسىمۇ ۋە ھاقارەتلىنىۋاتسىمۇ. بۇنداق ئۆز مەپتۇن «لىدېر»لارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا چىقىۋېلىشى بۇ مىللەتنىڭ كۈنىمىزدىكى ئېچىنىشلىق بەختسىزلىكىدۇر…
مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ ئەھمىيىتى
ھەتتا ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىقنى ھازىرچە ۋە ھەتتا مەڭگۈ ئالالمىسىمۇ، مۇشۇ بىرلا يول ئۇلارنىڭ غۇرۇرلۇق، ئەركىنلىككە ئەرزىيدىغان ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلىيەلەيدىغان بىر مىللەتلىكىنى دوستلىرىغا ۋە دۈشمىنىگىلا ئەمەس، بەلكى يەنە، تېخىمۇ ماھىيەتلىكى، ئۆزىگە بىلدۈرىدۇ.
نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
ھەممىمىز بىر – بىرىمىزگە مەسئۇل بولۇشىمىز ۋە بىر – بىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى خۇددى ئۆزىمىزنىڭ كۆڭلىدەك ئاسىرىشىمىز كېرەك. چۈنكى، بىز ئامانلار ئامان بولمىساق، ئامان قالمىغانلارنىڭ ئادالىتىنى سورىيالمايمىز. ئۇلارنىڭ كۆزى ئوچۇق كېتىپ قالىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، بىزدە ئىرادە، سۆيگۈ ۋە دۈشمەنگە بولغان غەزەپ ۋە ئۆچمەنلىكنى يېتىلدۈرىدىغان قەلبىمىز ساغلام تۇرمىسا بولمايدۇ. ئۇنى يارا قاپلىغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا بىزنى قايتا باش كۆتۈرگۈزىدىغان بوشلۇقتۇر. نىھايەت، يارىلاندۇق، قىرىلدۇق، ئېغىر يوقىتىشقا دۇچار بولدۇق. ئەمما يېڭىلمەيمىز. يېڭىلمەسلىك ئۈچۈن، ئاخىرىغىچە چىدامچانلىق بىلەن ئېلىشىمىز. ھاياتلىق ئۈچۈن، كەلگۈسىمىز ئۈچۈن ۋە كەلگۈسىنى يۈتتۈرگەن ئاشۇ قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ياشايمىز.
تېخىمۇ نادىر مەزمۇنلاردىن بەھرىلىنىش ئۈچۈن كىتابنى تولۇق ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئۆتكۈر ئالماس تەييارلىدى
نەقىل مەنبەلىرى:
1. ئادرىيان زېنىز: «Sterilizations, IUDs, and Mandatory Birth Control: The CCP’s Campaign to Suppress Uyghur Birthrates in Xinjiang» ناملىق دوكلات.
2. ئەسلىدە، «خىتايلاشتۇرۇلۇشى» دېيىشمۇ مۇمكىن ئىدى. ئەمما، دەرسلىك كىتابلار ئىلگىرىدىن تارتىپلا خىتايلاشتۇرۇلۇشقا باشلىغان بولسىمۇ، يەنىلا ئازدۇر – كۆپتۇر «ئۇيغۇر» ئېلېمېنتلىرى ساقلاپ قېلىنغانىدى. ئەمما، مەۋجۇت دەرسلىك كىتابلارنى «خىتايلاشتۇرۇلدى» دېيىش بۇ ئىشنىڭ ۋەھىمىسىنى بىلدۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلماقتا.
3. «ئۇيغۇر قەتلىئامى» 10 – بەت
4. يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا سولىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئارقا – ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن
5. «ئۇيغۇرلار پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشتا» دېگەن كىتابنى دېمەكچى
6. «ئۇيغۇر قەتلىئامى» 23 ~ 24 – بەت
7. «ئۇيغۇر قەتلىئامى» 56 – بەت
8. «ئۇيغۇر قەتلىئامى» 70 – بەت
9. «ئۇيغۇر قەتلىئامى» 73 – بەت
10. «ئۇيغۇر قەتلىئامى» 79 – بەت
11. «ئۇيغۇر قەتلىئامى» 81 – بەت
12. «ئۇيغۇر قەتلىئامى» 90 ~ 91 – بەتلەر
13. «ئۇيغۇر قەتلىئامى» 102 – بەت
14. «ئۇيغۇر قەتلىئامى» 105 – بەت
15. «ئۇيغۇر قەتلىئامى» 107 – بەت
16. «ئۇيغۇر قەتلىئامى» 148 ~ 149 – بەتلەر
17. «ئۇيغۇر قەتلىئامى» 200 ~ 201 – بەتلەر
18. «ئۇيغۇر قەتلىئامى» 207 – بەت
19. «ئۇيغۇر قەتلىئامى» 239 ~ 240 – بەتلەر