ئەخمەتجان قاسىمى ۋە رەھىمجان سابىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ساۋېليېفقا يازغان خېتى

ۋىلسون تور ئارخىپخانىسىدىكى 121803 – نومۇرلۇق ھۆججەت

(بۇ ئەسەر ئۇيغۇرلار ژۇرنىلىنىڭ 28-سانىدا ئېلان قىلىنغان)

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ساۋېليېف ئەپەندىگە:

كەلگۈسى بىر قانچە كۈن ئىچىدە موسكۋاغا بارىدىغانلىقىڭىزنى بىلگەندىن كېيىن، بىز بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، سىزنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قىزغىن سالىمىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى ستالىن ئەپەندىگە يەتكۈزۈپ قويۇشىڭىزنى سورايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىز شىنجاڭ خەلقى بىلەن مەركىزىي خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدا تىنچلىق بىتىمى ئىمزالىنىشىدا كېلىشتۈرگۈچى بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن، بىز بەزى مەسىلىلەرنى دىققىتىڭىزگە سۇنۇشنى توغرا تاپتۇق.

تىنچىلىق بىتىمى ئىمزالانغاندا، بىز ـــ ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ۋەكىللىرى ـــ شىنجاڭ خەلقىنىڭ باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن قىلىنىشىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتكەنىدۇق. گەرچە شۇنىڭدىن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما بىتىمدىكى ماددىلارنىڭ ھەممىسى قەغەز يۈزىدىلا قېلىپ، بىتىم قىلتاققا ئايلىنىپ قالدى. خەلق ھازىر ئىلگىرىكىدىنمۇ ئېغىر زۇلۇمغا زېمىن ھازىرلانغان بىر ئۆلكىدە ياشاۋاتىدۇ.

خەلق بىتىمنىڭ ئىمزالانغانلىقىدىن زور ھاياجانغا چۆمگەنىدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ (يەرلىك) سايلام جەريانىدا، پۇرسەت تاپقان ھامان پۇتلىكاشاڭ تۇغدۇرۇشىغا، ھەتتا قىسمەن ئەھۋاللاردا خەلقنىڭ پىلموت ۋە مىلتىقلار بىلەن باستۇرۇلۇشىغا قارىماستىن، خەلق يەنىلا نۇرغۇن جايلاردا يولسىزلارچە ۋەزىپىگە قويۇلغان ئەمەلدارلارنى ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئۆزلىرى خالىغان كىشىلەرنى سايلاشقا مۇۋەپپەق بولدى. مەسىلەن، كۇچا ۋە كېرىيەدە خەلق ئاممىسى پىلموت بىلەن ئوققا تۇتۇلدى. ئارقىدىنلا، خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن قوغلىۋېتىلگەن ئەمەلدارلار ھەربىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تېخىمۇ مۇھىم خىزمەتلەرگە قويۇلدى. خەلق تەرىپىدىن سايلانغان خادىملار بولسا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى ۋە شۇ سەۋەبلىك خىزمىتىنى تاشلاپ، قېچىشقا مەجبۇر بولدى. شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزى قەيسەر كىشىلەر تەھدىتلەرگە قارىماستىن خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئاقىۋەتتە يەنىلا تۈرمىگە تاشلاندى. خەلق تەرىپىدىن سايلانغان باشقا كىشىلەرنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشىغىمۇ يول قويۇلمىدى. ياركەنت، خوتەن، گۇما، قارغىلىق، بۈگۈر ۋە مارالبېشىدا ئەھۋال ئاشۇنداق بولدى. ئاقسۇ، كۇچا، باي ۋە قاراقاشتا، خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى سايلام ئۆتكۈزمەستىنلا، ئۆز ئادەملىرىنى رايوننىڭ مەسئۇللۇقىغا ۋە مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلىۋالدى. شۇ ۋەجىدىن، ياركەنت، خوتەن ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىدە، بىتىمنىڭ بىرىنچى ماددىسى قەتئىيلا ئىجرا قىلىنمىدى.

بۇ رايونلاردىكى زىيانكەشلىكلەر باشقا جايلاردىكىدىن تېخىمۇ ئېغىر بولدى ۋە خەلق دۇچ كەلگەن سىياسىي زۇلۇم فاشىست دۆلەتلەردىكى مۇستەبىتلىكتىنمۇ ئېشىپ كەتتى.

مائارىپ مەسىلىسىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بىتىمنىڭ ئۈچىنچى ماددىسى ھېچيەردە ئىجرا قىلىنمىدى.

بىتىمنىڭ بەشىنچى ماددىسىغا كەلسەك، بىزنىڭ نەزىرىمىزدە، بۇ ماددا مەسخىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر. چۈنكى كىم (مەزكۇر ماددىدا دېيىلگىنى بويىچە) مىللىي كۈلتۈر ۋە سەنئەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلسا ھەمدە پىكىر، مەتبۇئات، نامايىش قىلىش ئەركىنلىرىدىن پايدىلانسا، ئەڭ ئېغىر جازاغا ئۇچراۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يۇرتلىرىنى تەرك ئېتىپ، ئىلى ۋىلايىتىگە قېچىپ كېلىۋاتىدۇ، يەنە بەزىلىرى يېزىلاردا مۆكۈنۈپ يۈرۈۋاتىدۇ.

بىتىمنىڭ ئالتىنچى ماددىسى قوزغىلاڭغا قاتناشقانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىش مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئىدى. ئەمەلىيەتتە بولسا، نۇرغۇن كىشىلەر داۋاملىق تۈرمىلەردە يېتىۋاتىدۇ. كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، ئۇرۇپ – دۇمبالاش ۋە ئەھۋالنىڭ ئېغىرلىقىدىن نۇرغۇن قېتىم تەكرارلانغان ئۆلۈۋېلىش ۋەقەلىرى مەۋجۇت. شۇنچە ئەھۋالغا قارىماستىن، ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردىكى خەلق يەنىلا ئۆزلىرى قولغا كەلتۈرگەن مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى قوغداشقا ئۇرۇندى. بۇ گېزىتلەردە نۇرغۇن ۋەقەلەر خەۋەر قىلىنغان بولغاچقا، بۇ يەردە تەكرار توختالمىدۇق.

ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ ۋىلايەتتىن كەلگەن ئەزالىرىنىڭ ھېچبىرى ھېچقانداق ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولالمىدى. يېقىندىن بۇيان، مەزكۇر ئەزالارغا قارىتىلغان تۈرلۈك ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشلىرى بارغانسېرى ئەدەپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ قىلمىشلار ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىپلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ ھاياتىنىمۇ تەھدىتكە ئۇچراتتى. رېئاللىق بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا. مەسىلەن، 25 – فېۋرالدىكى نامايىش، 5 – مارتتىكى ۋەقە، ئالتىنچى ئاينىڭ ئاخىرىدا (ئەخمەتجان) قاسىمىنىڭ شوپۇرىنىڭ قولغا ئېلىنىشى، خىتايچە بىر گېزىتتا غۇلجا ئاھالىلىرىغا پاراكەندىچىلىك سېلىنغانلىقى ۋەھاكازا. ھۆكۈمەتنىڭ بەزى ئەزالىرى يېقىندا ـــ 27 – قېتىملىق ھۆكۈمەت يىغىنىدىكىدەك ـــ ئۈرۈمچىدىكى غۇلجىلىقلار قورۇسىغا قارشى ئاشكارا گەپ قىلىشقا باشلىدى. 

بىتىمدىكى ھەربىي مەسىلىلەرگە چېتىشلىق نۇقتىلارغا كەلسەك، شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇكى، بىتىمگە ئاساسەن، 11 ~ 12 مىڭ كىشىلىك قوشۇن قۇرۇلدى ۋە ئۈچ ۋىلايەتنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرى قايتىدىن تەشكىللەندى. ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىق شىتابىغا ھاۋالە قىلىنغان بۇ ۋەزىپىمۇ ۋاقتىدا تاماملىنىپ، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا دوكلات قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئارمىيەگە قايتىدىن خىتاي فورمىسى تارقىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ھەربىي قوماندانلىق شىتابى قوللاۋاتقان ئوسمان [ئوسمان باتۇر]نىڭ ئەترىتىنىڭ ئالتايدا پەيدا بولۇشى، ئەسكەرلىرىمىزنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى ۋە ئەسكەرلىرىمىز شۇ ۋەجىدىن خىتاينىڭ ھەربىي فورمىسىنى كىيگىلى ئۇنىمىدى.

بىتىمدە ئاقسۇ ۋە قەشقەردە مىللىي مۇداپىئە قوشۇنى تەشكىللەش بەلگىلەنگەنىدى. ئەمما بىز قايتا – قايتا تەلەپ قىلغان بولساقمۇ، مەزكۇر ماددا ھېلىھەم ئىجرا قىلىنمىدى.

بىتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ماددىسىدا «قوزغىلاڭغا قاتناشقانلار باستۇرۇلمايدۇ» دېيىلگەنىدى. بىز بۇ يىل ئەتىيازدا جەنۇبنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئازادلىق ھەرىكىتىنى قوللىغان 300 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق، سابىت قارى، ھەسەن ھېبۇل، تۇرسۇن ئاخۇن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوزغىلاڭ رەھبەرلىرى ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئىز – دېرەكسىز غايىب بولغانىدى. نۆۋەتتە، جەنۇبتىكى ۋەزىيەت پەۋقۇلئاددە جىددىي. جەنۇبتىكى خەلق خانىۋەيران بولۇپ، كۆپ قىسمى پەۋقۇلئاددە قىيىن ماددىي شارائىت ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى ئۆز يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى. 

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خەلق بىتىمدا يېزىلغان ھوقۇقلاردىن ئەنە شۇنداق بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ. 

بىز ئۈچ ۋىلايەتتىمۇ قانۇنسىز ۋەقەلەرنىڭ ئىككى – ئۈچ قېتىم يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىمىز. سوۋېت ئىتتىپاقىدىن مۇساپىرلارنى قايتۇرۇپ كېلىش مەزگىلىدە، چۆچەك ئاھالىسى 10 ~ 15 نەپەر ھەربىي ۋە ساقچىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان. تۈركىستان ئىسىملىك ھۆكۈمەت ۋەكىلى دۆربىلجىندا ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ مەسىلىنىڭ ماھىيىتىگە چوقۇم ئالاھىدە دىققەت قىلماق لازىم. چۈنكى، (مەسىلىنىڭ ماھىيىتى شۇكى، ت) دەرغەزەپ بولغان چۆچەك خەلقى ئىلگىرىكى جاللاتنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. 

ھەربىيلەر ۋە ساقچىلار جەنۇبتا ۋەھشىي جىنايەتلەرنى سادىر قىلىپ، خەلقنى تولىمۇ ناچار ئەھۋال قويدى.

بىزنىڭ قارىشىمىزچە، كېلىشتۈرگۈچى بىتىمنىڭ ئۆز پېتى ۋە تولۇق ئىجرا قىلىنىشىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

سىز موسكۋاغا مېڭىش ئالدىدا تۇرغاندا، بۇ خەتنى سىزگە تاپشۇرۇۋاتىمىز ۋە كېلىشتۈرگۈچىنىڭ، يەنى شىنجاڭدا تىنچلىق بەرپا قىلىش ئۇرۇنۇشىنىڭ تەشەببۇسچىسى بولغان جانابىڭىزنىڭ يۇقىرىدىكى ئەھۋاللارنى ئۆز (سوۋېت) ھۆكۈمىتىنىڭ سەمىگە سالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

بۇ ئۇزۇن خەت ئارقىلىق سىزنى بىسەرەمجان قىلغانلىقىمىزنى توغرا چۈشەنگەيسىز.

ھۆرمەت بىلەن، بىتىمگە ئىمزا قويغان خەلق ۋەكىللىرىدىن:

ئەخمەتجان قاسىمى

رەھىمجان سابىرى

ئەسكەرتىش: بىتىم ئىمزالانغاندىن كېيىن، ئۈچ ۋىلايەت تولىمۇ ئېغىر ئىقتىسادىي بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە. 1947 – يىلى 1 – يانۋاردىن باشلاپ، مەزكۇر ئۈچ ۋىلايەتنىڭ مەمۇرىي ۋە ھەربىي چىقىملىرى ئۈچۈن راسخوت ئاجرىتىلمىدى. 

1947 – يىلى 7 – ئاينىڭ 12 – كۈنى.

ئىنگىلىزچىدىن ھېكمەتيار ئىبراھىم تەرجىمىسى

مەنبە:

https://digitalarchive.wilsoncenter.org/document/121803

جاۋاب يېزىش

error: Content is protected !!