بايدېننىڭ كىشىلىك ھوقۇق نۇتقى ۋە خىتاينىڭ ئېتىرازى
تەھرىر ئىلاۋىسى: 2021 – يىلى 15 – ئۆكتەبىر، ئامېرىكا پرىزدېنتى جوۋ بايدېن «دود كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى نۇتقىدا ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەۋاسىغا قايتىدىن باشچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئىنتايىن يۇمشاق ئىبارىلەر بىلەن ئىزھار قىلدى. شۇنداقلا، نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدا، ھەتتا ئىنسانىيەت تارىخىدىمۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدىكى ئېغىر قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقان، تەلتۆكۈس يىلتىزى قۇرۇتۇلۇش تەقدىرىگە دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دۇچار بولۇۋاتقان بىر قانچە خەلق قاتارىدا، «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك» دېگەن ئىبارىلەر ئارقىلىق بىرلا قېتىم تىلغا ئېلىش بىلەن كۇپايىلەندى. بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكانىڭ مەۋجۇت ۋە سابىق دۆلەت ئىشلىرى مەھكمىلىرىنىڭ «ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە» دېگەن تەييار ھۆكۈملىرى بار بولسىمۇ، بايدېن كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدىكى بۇ مەخسۇس نۇتقىدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئىبارىسىنى تىلغا ئېلىشتىن ساقلاندى. ھەتتا، بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماي، «باشقا ئىنسانلار دۇچ كەلگەن بۇ ئۆچمەنلىك ۋە زۇلۇملار بىزنىڭ ئۇرۇش قوزغىشىمىز كېرەكلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ» دېيىش ئارقىلىق، بۇ ھەقتە قاتتىق ۋاسىتە قوللىنىش ئويى يوقلۇقىنى ئوچۇق ئىزھار قىلدى.
ھالبۇكى، ئىشنىڭ بىمەنە، ئەمما دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان تەرىپى شۇكى، خىتاينىڭ ئاشقۇن مىللەتچى تاراتقۇلىرىدىن بىرى بولمىش «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» دەرھال بۇ ھەقتە مەخسۇس ئوبزور ئېلان قىلىپ، تۈگمىنى تۆگىدەك قىلىپ كۆرسىتىپ، بايدېننىڭ خىتاينى «ئەيىبلىگەن»لىكىگە ناھايىتى كۈچلۈك ئېتىرازىنى بىلدۈردى، ھەتتا «بايدېن ئۆزى ئارزۇ قىلغاندەك، (كىلىمات مەسىلىسى قاتارلىق ساھەلەردە) خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىمەن دەيدىكەن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئاغزىنى يۇمۇشى كېرەك» دېگەن تۇتۇمىنى ئوچۇق بىلدۈردى.
يەنى، بايدېن شۇنچە سىپايە بولغان بولسىمۇ، خىتاي يەنىلا بۇنى پۇرسەت بىلىپ، «شەرقىي تۈركىستاندا زەررىچە زۇلۇم يوق؛ ھېچكىم مېنىڭ <ئىچكى> مەسىلەم توغرىسىدا ئېغىز ئاچمىسۇن!» دېگەن تۇتۇمىنى تەكرار تەكىتلىدى ۋە «دۇنيانىڭ غوجىئاكىسى»، «دۇنيا ساقچىسى» ئامېرىكاغا «ئاغزىڭنى يۇم» دېيىش ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرگىمۇ ۋاسىتىلىك پوپوزا قىلىپ ئۈلگۈردى.
ئىزچىل ھالدا، ئۆزىنى «دۇنيا ساقچىسى» دەپ ئاتاپ كەلگەن ئامېرىكانىڭ، بولۇپمۇ بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان (ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شۇنداق ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن) ئوپئوچۇق ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئالدىدىكى بۇ سىپايىگەرلىكى ۋە خىتاينىڭ بۇنىڭ قارشىسىدىكى توقۇمنى قارنىغا ئېلىشى ئارىسىدىكى روشەن سېلىشتۇرما ئوقۇرمەنلىرىمىزگە بەلگىلىك ئۇچۇر بېرەلىسە ئەجەب ئەمەس دېگەن ئۈمىدتە، پرىزدېنت جوۋ بايدېننىڭ نۇتقىدىكى ئالاقىدار مەزمۇنلار بىلەن خىتاينىڭ بۇنىڭغا رەدىيە سۈپىتىدە ئېلان قىلىنغان ئوبزورىدىكى بەزى مەزمۇنلارنى تۆۋەندىكىدەك شەكىلدە رەتلەپ چىقتۇق.
***
پرىزدېنت بايدېننىڭ نۇتقىدىن ئۈزۈندىلەر
بۇنىڭدىن 26 يىل ئىلگىرىكى مۇشۇ كۈندە، سابىق پرىزدېنت بىل كىلىنتون (بۈگۈن ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «دود كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى»نىڭ ئەسلى گەۋدىسى بولمىش) «توماس دود تەتقىقات مەركىزى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلگەندە سۆزلىگەن نۇتقىدا، «شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، مۇستەبىتلىك يولى ھەقىقەتنىڭ ۋەيران قىلىنىشىدىن باشلىنىدۇ» دېگەنىدى.
مېنىڭچە، نۇرېمبېرگ سوتىدىكى «ھەقىقەتنىڭ مەڭگۈ ئىنكار قىلىنماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى تېپىش ۋە خاتىرىلەش»تن ئىبارەت يادرولۇق ساۋاقمۇ دەل مۇشۇدۇر.
نۇرېمبېرگ سوتىدا توم دود پاكىتنى ئاساس قىلىپ، ناتسىستلارنىڭ ئۆزى قالدۇرغان تەپسىلىي جىنايەت خاتىرىسىنى ۋە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىنسانىي ئىسپاتلارنى ئىشلىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ (ناتسىستلار سادىر قىلغان جىنايەتلەردە) قولى بارلىقىنى رەت قىلىشقا ئۇرۇنغان ۋە بىلمىگەن بولۇۋالغان بولغان ناتسىست رەھبەرلىرىنى ئىقرار بولۇشقا مەجبۇر قىلغانىدى.
تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ پۈتكۈل گېرمانىيە خەلقىنىڭ (بۇ جىنايەتلەردىن) بىخەۋەر قىياپەتكە كىرىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. ئۆتمۈشكە مۇئامىلە قىلغاندا … چوقۇم ھەقىقەتكە يۈزلىنىشىڭىز كېرەك.
(ئەينى چاغدا) مىليونلىغان يەھۇدىيلار باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىللە يىغىۋېلىنىپ لاگېرلارغا تاشلاندى: قىيىن – قىستاققا ئۇچرىدى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىندى ۋە تىببىي تەجرىبە ئوبيېكتى قىلىندى. ئالتە مىليون يەھۇدىي ئۆلتۈرۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرى گاز ئۆيلىرىدە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى.
… باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشىمايدىغىنى، گېرمانىيە بۇ ئەھۋالغا دادىل يۈزلەنگەنلىكى، يەنى (جىنايەتلىرىنى) ئېتىراپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتەلىدى.
شۇڭا، مەن يەنە بىر قېتىم تەكرارلاي: نۇرېمبېرگ (سوتى) ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ھېچقايسى ئىشقا ئوخشىمايدۇ. بۇ (يەنى ناتسىست جىنايەتچىلىرىنى نۇرېمبېرگدە سوتلاش) ئۆچ ئېلىش ئەمەس، بەلكى جاۋابكارلىققا تارتىش ئىدى. پەقەت ھەقىقەت ئېتىراپ قىلىنغاندىلا، بىز ئاندىن دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەرنىڭ تەكرارلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز.
كىرىس ئېيتقاندەك، ئۇ بىزنىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ئېڭىمىزنى كۈچەيتتى. ئۇ ئادالەتنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ئۆرنەك تىكلەپ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى ئەھمىيىتىنى گەۋدىلەندۈردى.
بىز نۇرېمبېرگ سوتىدىن شۇنىڭدىن كېيىنكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سوتلىرىنىڭ لايىھەسىنى كۆردۇق ۋە بۇ سوتلار رىۋاندا ۋە سابىق يۇگۇسلاۋىيەدە يۈز بەرگەن ۋەھشىيلىكتىن كېيىن ئادالەتنى ياقىلىدى.
(ئەمما) بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىك پرىنسىپلارنىڭ بارغانسېرى ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز ھەمدە زىممىمىزدە (ئەينى ۋاقىتتىكىگە) ئوخشاش تارىخىي مەسئۇلىيەت بارلىقىنى ۋە بۇ ھەقتە تەدبىر قوللىنىشىمىز كېرەكلىكىنى ھېس قىلماقتىمىز.
ئەنە شۇ ۋەجىدىن، مەن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان تۇنجى كۈندىن باشلاپلا، كىشىلىك ھوقۇقنى تاشقى سىياسىتىمىزنىڭ مەركىزىگە قايتۇرۇپ كېلىش ۋە دۇنيا سەھنىسىدىكى ئەخلاقىي رەھبەرلىك كۈچىمىزنى قايتا تەكىتلەش ئۈچۈن كونكرېت تەدبىرلەرنى قوللاندىم. يەنى، كىرىس نۇرغۇن قېتىم مەندىن ئاڭلىغاندەك، مەن بۇ جەھەتتە ئۆز كۈچىمىزنى ئۆرنەك قىلىپ كۆرسەتمەستىن، بىز تىكلىگەن ئۆرنەكنىڭ كۈچىدىن پايدىلاندىم.
شۇڭلاشقا، بىز كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۇللۇق ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ يەنىلا تېز ئۆزگىرىۋاتقان دەۋردىكى ساھە ھالقىغان خىرىسلارغا تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، دۇنيانى كۆپ تەرەپلىمە ھالدا قايتا تەشكىللەپ، بىرلەشتۈرۈۋاتىمىز.
بىز ئىلگىرى (ترامپ ھۆكۈمىتى) ئايرىلىپ چىققان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە قايتىپ كىردۇق.
مەن بۇ يىل دېكابىردا توردا ئۆتكۈزۈلىدىغان دېموكراتىك ئەللەر باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىمەن. بۇ يىغىندا بىز دۇنيا رەھبەرلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، دېموكراتىك قىممەت قاراشلارنى قوغداش ۋە مۇستەبىتلىكنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە قارشى تۇرۇش توغرىسىدا كونكرېت ۋەدىلەرنى بېرىمىز. يەنى ئۇرۇش قوزغاش ۋەدىسى ئەمەس، بەلكى مۇھىم سۆزلەرنى ئوتتۇرىغا قويىمىز.
بۈگۈن، يەنى مەن گەپ قىلىۋاتقان مۇشۇ دەقىقىلەردە، بىز دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بارلىققا كېلىۋاتقان (يېڭى) ئەندىزە ۋە تاللاشلارغا؛ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلغانلىقىغا ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقىغا؛ بېرمادىكى ھەربىي ھۆكۈمەتنىڭ روھىنگىياغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە؛ شىمالىي ئېفىيوپىيەدىكى پۇقرالارنىڭ ئاچارچىلىق ۋە جىنسىي زوراۋانلىق ئارقىلىق قورقۇتۇلۇشىغا شاھىت بولۇۋاتىمىز.
بىز بۇ خىل زەھەرخەندە ئۆچمەنلىكنى ئاڭلىغاندا، باشقا ئىنسانلارنىڭ ئىنسانىيسىزلاشتۇرۇلغانلىقىنى كۆرگەندە، بۇ بىزنىڭ (شۇ جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلارغا قارشى) ئۇرۇش ئاچىدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەمما بىز چوقۇم (شۇ زۇلۇملار توغرىسىدا) ئاۋازىمىزنى چىقىرىشىمىز كېرەك. دادامنىڭ ماڭا ئۆگەتكىنىدەك، سۈكۈت (جىنايەتكە) شېرىك بولغانلىقتۇر. نۇرېمبېرگدىكى سادامۇ دەل شۇدۇر: سۈكۈت (جىنايەتكە) شېرىك بولغانلىقتۇر.
مەن بۇ مەسىلىلەرنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى رەھبەرلەرگە ـــ دوستلىرىمىزغىمۇ، رەقىبلىرىمىزگىمۇ ـــ بىردەك ئېيتتىم. مەن شۇنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدۇمكى، كىشىلىك ھوقۇق ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا ھېچبىر ئامېرىكا پرىزدېنتى قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرماسلىقى ۋە ئۇنىڭ «قانۇنىي»لىشىشىغا يول قويماسلىقى كېرەك.
ئەنە شۇ بىزنىڭ، يەنى ئامېرىكالىقلارنىڭ كىملىكىدۇر. ئۇ بىزنىڭ DNA رىمىزنىڭ بىر قىسمىدۇر. بىز ھوقۇقنىڭ بايلارغا ياكى كۈچلۈكلەرگىلا خاس بولۇپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق، يۈرۈش قىلدۇق، قۇربانلىق بەردۇق.
ھەقىقەتكە قىلىنغان ھۇجۇم ھېلىھەم مۇستەبىتلىكنىڭ بېشارىتىدۇر. دېموكراتىيەمىزنىڭ (مەڭگۈلۈك) كاپالىتى يوق، ھەممىڭلارنىڭ يېقىندىن بۇيان بۇنى ھېس قىلىشقا باشلىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن. ئەركىنلىكىمىزنىڭمۇ (مەڭگۈلۈك) كاپالىتى يوق. شۇڭا بىز بۇنىڭ ئۈچۈن جاپالىق تىرىشىشىمىز كېرەك.
شۇڭلاشقا، بىز «دود كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى»نىڭ قايتا ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنى (كېلەچەكتىكى) ئەۋلادلارنىڭ كەلگۈسىگە ۋە بۈگۈن بۇ يەرگە كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا بېغىشلايلى. ئۇلار كىشىلىك ھوقۇقنى ھاياتىمىزنىڭ قىزغىنلىقى ۋە مەقسىتى سۈپىتىدە بايقايدۇ ۋە قوغدايدۇ.
***
«بايدېن بىر تەرەپتىن خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئۇرۇنۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى سىياسىتىنى قارىلىسا بولمايدۇ»
يەرشارى ۋاقىت گېزىتى
لۇ شۆ
ئامېرىكا پرىزدېنتى جوۋ بايدېن جۈمە كۈنى (15 – ئۆكتەبىر) كوننېكتىكات ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى «دود كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ شىنجاڭ سىياسىتى توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم داۋراڭ سالدى. بەزى تەھلىلچىلەر ئامېرىكا يېقىنقى كۈنلەردە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يۇمشىتىشنىڭ كويىدا، دەپ پەرەز قىلىشقانىدى. ئەمما، بايدېننىڭ سۆزى ۋاشىڭتوننىڭ سەمىمىيىتى توغرىسىدا گۇمان پەيدا قىلدى.
بايدېن نۇتقىدا مۇنداق دېدى: «كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى، بىز بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، ۋەھشىيلىك تۈگىدى دېيەلمەيمىز. بىز بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بارلىققا كېلىۋاتقان (يېڭى) ئەندىزە ۋە تاللاشلارغا؛ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلغانلىقىغا ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقىغا … شاھىت بولۇۋاتىمىز».
بايدىننىڭ سۆزى ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي سىياسىتىنىڭ ئىككى خىللىقىنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈردى. بىر تەرەپتىن، ئۇلار خىتاي بىلەن بولغان جىددىيلىكنى پەسەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، سودا ۋە يەر شارىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە خىتاينىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئاتالمىش ​​كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىدىئولوگىيە مەسىلىسىدە، بايدىن ھۆكۈمىتى خىتاينى چەكلەش ھەمدە ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىق سىستېمىسىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ئامېرىكانىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتى ۋە رەھبەرلىك ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، خىتايغا كۆپ قېتىم بېسىم ئىشلىتىپ، «خىتاي تەھدىتى نەزەرىيىسى»نى ئوچۇق – ئاشكارا بازارغا سالدى.
سودا جەھەتتە، ۋاشىڭتوننىڭ بېيجىڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئىستىكى بارغانسېرى ئەۋجىگە چىقماقتا. ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش جەريانى كۈچلۈك داۋالغۇش ئىچىدە تۇرماقتا. بولۇپمۇ COVID – 19 ۋاباسىنىڭ ئېغىر زەربىسىدە، ئامېرىكادىكى پۇل پاخاللىقى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ستاتىستىكىلىرى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس. بايدىن ھۆكۈمىتى غايەت زور بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە ھەمدە خىتاي بىلەن «قايتىدىن يارىشىش» ئارقىلىق، ئۆز ئىقتىسادىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئەسلىگە كېلىشىنى، ئىقتىسادىي كېلەچىكىنىڭ ھازىرقىدىن پارلاقلىشىشىنى ئۈمىد قىلماقتا.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئافغانىستاندىكى مەغلۇبىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بايدېن ھۆكۈمىتى تاشقى سىياسەتتە پەۋقۇلئاددە ئېغىر بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە. 2022 – يىلى ئامېرىكادا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، بايدېن ئالدىمىزدىكى (2024 – يىلىدىكى) چوڭ سايلامدا پايدىلىق ئورۇنغا ئېرىشىش ئۈچۈن، كونكرېت ۋە ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ۋە بولۇپمۇ كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىدە ئۆزىنىڭ دىپلوماتىك تەسىرىنى كۈچەيتىشنى ئويلايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا، ئۇ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىققا تولىمۇ بەك موھتاج. خىتاينىڭ ياردىمى بولمىسا، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى نىشانىغا يېتىشى تەسكە توختايدۇ.
خىتاي خەلقئارا تەتقىقات ئورنىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى جاڭ تېڭجۈن «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»گە مۇنداق دېدى: «ئامېرىكانىڭ ئۆزى كۈتكىنىدەك، سودا ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش – كۈچەيتەلمەسلىكى ئامېرىكانىڭ باشقا مەسىلىلەردىكى تۇتۇمىغا باغلىق. خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى بارلىق تېمىلار بىر – بىرىگە مۇناسىۋەتلىك. ئامېرىكا نۇرغۇن مەسىلىلەردە خىتايغا دۈشمەنلىك قىلىۋاتقان ئەھۋالدا، خىتاي مۇئەييەن بىر – ئىككى مەسىلىدە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلاشمايدۇ. بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش جەھەتتە سەمىمىيىتىنى نامايان قىلىپ، خىتايغا قاراتقان ئومۇمىي سىياسىتىنى سىستېمىلىق تەڭشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەنە شۇ چاغدا، خىتاي ئاندىن ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قانداق ياخشىلاش توغرىسىدا ئەستايىدىل ئويلىنىدۇ».
خىتاي ئامېرىكانىڭ گەپ – سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىپ باقىدۇ. ئۆتمۈشتىكى ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەممىسىلا «ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا» قىلىپ كەلدى. خىتاي ئامېرىكانىڭ ئۆزى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن قانداق ماھىيەتلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىگە قاراپ، ئاندىن شۇنىڭغا ماس ھالدا جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك. «ئەگەر ۋاشىڭتون شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ئاساسسىز ھالدا خىتايغا تۆھمەت چاپلاۋەرسە، خىتاي ئامېرىكانى سەمىمىيىتى يوقكەن، دەپ قارايدۇ. ئامېرىكا بىر تەرەپتىن خىتاينى ئەيىبلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنى تەمە قىلسا بولمايدۇ» دېدى جاڭ تېڭجۈن.
ئىنگىلىزچىدىن ھېكمەتيار ئىبراھىم تەرجىمە قىلدى
مەنبە:
https://www.whitehouse.gov/briefing – room/statements – releases/2021/10/15/remarks – by – president – biden – at – the – dedication – of – the – dodd – center – for – human – rights/

جاۋاب يېزىش

error: Content is protected !!