بىر دۆلەت قانداق قۇرۇلىدۇ؟

(بۇ ماقالە ئۇيغۇرلار ژۇرنىلىنى 28-سانىدا ئېلان قىلىنغان)

BBC نىڭ «The Inquiry» بۆلۈمى تەييارلىغان

2017-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى، كاتالونىيەدە مەزكۇر رايوننىڭ ئىسپانىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل دۆلەتكە ئايلىنىشى كېرەكلىكى ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدا ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغان رېفېراندۇم (ئومۇمىي خەلقنىڭ ھۆكۈمەت سايلىمىدىن باشقا مۇھىم بىر ئىش ئۈچۈن بېلەت تاشلىشى، ت) ئۆتكۈزۈلدى.

ھالبۇكى، بۇ مۇشۇ خىل رايونلارنىڭ تۇنجى قېتىم مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىشى ئەمەس.

ئۇنداقتا، بىر رايون رەسمىي دۆلەتكە ئايلىنىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟

تۆت خۇسۇسىيەت

خەلقئارا قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى بىر دۆلەتنىڭ «دۆلەت» ھېسابلىنىشىدا مۇنداق تۆت ئامىل بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدۇ: خەلق، تېررىتورىيە، ھۆكۈمەت ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ئاساستا باشقا دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئىقتىدارى.

گەرچە «خەلق» ئۇقۇمىنىڭ ئېنىقلىمىسى جەھەتتە نۇرغۇن ئىختىلاپلار مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما بەزىلەر بۇنى «دۆلەت تەۋەلىكى ئېڭىغا ئىگە ۋە مەزكۇر دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىشىنىدىغان دائىمىي نوپۇسنى كۆرسىتىدۇ» دەپ تەبىرلىشىدۇ.

لوندون سىياسىي-ئىقتىساد ئىنىستىتۇتىدىكى (LSE) خەلقئارا قانۇن پەنلىرى ئوقۇتقۇچىسى جېيمىس ئىرۋىڭ (James Irving) ئېيتقاندەك، بۇ جەھەتتە «باغلىنىش … ھەقىقىي مەنىدىكى باغلىنىش، يەنى تەۋەلىك ۋە كىملىك تۇيغۇسىنىڭ بار-يوقلۇقى ھەمدە ھەقىقىي ئورتاق مەنپەئەتكە چېتىشلىق باغلىنىش» ئىنتايىن مۇھىم.

يەنە بىر ئاچقۇچلۇق نۇقتا شۇكى، دۆلەتنىڭ چېگرالىرى ئېنىق بېكىتىلگەن زېمىنى ۋە شۇ زېمىنغا قارىتا ئىگىلىك ھوقۇقى بولۇشى كېرەك.

نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر مۇقىم ۋە ئەمەلىي فۇنكىسىيەسىنى جارى قىلدۇرالايدىغان ھۆكۈمەتنىمۇ دۆلەتنىڭ دۆلەت ھېسابلىنىشىدىكى ئاچقۇچلۇق ئۆلچەملەرنىڭ بىرى، دەپ قارايدۇ. 

شۇ سەۋەبتىن، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەر (ئۆزى خالىغان رەۋىشتە) قوش تەرەپلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئەركىنلىكىگە ئىگە. مەسىلەن، ئىككى دۆلەت ئورتاق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتالايدۇ. ياكى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر ئورتاق مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى دېگەندەك دۆلەتلەرئارا تەشكىلاتلارغا ئەزا بولالايدۇ، ۋەياكى كىلىمات ئۆزگىرىش دېگەندەك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خەلقئارالىق كېلىشىملەرنى ئىمزالىيالايدۇ.

بۇ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتنىڭ باشقا ھەرقانداق كۈچ ياكى دۆلەتكە بېقىنمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنمايدىغانلىقىنى چۈشىنىشنى ئاساس قىلىدۇ.

ئۇنداقتا، بولغۇسى دۆلەتلەر قانداق قىلغان ھەقىقىي دۆلەتكە ئايلىنالايدۇ؟

ئېتىراپ قىلىنىش

يەككە دۆلەتلەر بىر-بىرىنى ئېتىراپ قىلالايدىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ جەھەتتىكى ئەڭ چوڭ ئېتىراپ بىر دۆلەتنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشىدۇر.

بىر دۆلەتنىڭ ب د ت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشىنىڭ خەلقئارا قانۇننىڭ كاپالىتىگە ئېرىشىش، دۇنيا بانكىسى ۋە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىدىن قەرز ئېلىش، چېگرانى كونترول قىلىش ھەمدە دۇنيا ئىقتىسادىي سىستېمىسىغا ۋە باشقا مېخانىزملارغا كىرىش قاتارلىق نۇرغۇن پايدىلىرى بار. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇلار سودا قانۇنلىرىنىڭ كاپالىتىگە ئېرىشكەنلىكى سەۋەبلىك، سودا كېلىشىمى تۈزۈشى تېخىمۇ ئاسانلىشىدۇ.

ئۇنداقتا، ب د ت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنماي تۇرۇپمۇ، «دۆلەت» بولغىلى بولامدۇ؟

كېلې ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى رېبېكا رىچاردس (Rebecca Richards) بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئەمەلىيەتتە، تۆۋەندىكى تەمسىل بۇنىڭغا ياخشى جاۋاب بولالايدۇ: ئەگەر بىر ھايۋان ئۆردەككە ئوخشاش مېڭىپ، ئۆردەككە ئوخشاش غاقىلدىسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆردەكتۇر. مەلۇم بىر دۆلەت (دۆلەتتە بولۇشقا تېگىشلىك) باشقا شەرتلەرنى ھازىرلىغانلا بولسا (ئۇنىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىش–قىلىنماسلىقىدىن قەتئىينەزەر)، بىز يەنىلا ئۇنى دۆلەت دەپ قارايمىز».

سومالىلەند (Somaliland) بۇ جەھەتتىكى تىپىك مىسالدۇر.

ئىلگىرى ئەنگلىيەنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەت بولمىش سومالىلەند، 1960-يىلى مۇستەقىل بولۇپ تۆت كۈندىن كېيىن، ئىتالىيەگە قاراشلىق سومالىغا قوشۇۋېتىلگەن ۋە 1991-يىلى سومالى ھۆكۈمىتى غۇلاپ چۈشكەنگە قەدەر سومالىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ تۇرغان. سومالى ھۆكۈمىتى غۇلىغاندىن كېيىن بولسا، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق جاكارلىغانىدى.

«ئۇلار (سومالىلەند)نىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ھۆكۈمىتى بار. بۇ يەر تىنچ ۋە مۇقىم. بۇ يەردە يەنە كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك ئىقتىسادىي تەرەققىياتلار قولغا كەلتۈرۈلۈۋاتىدۇ. بۇ يەردە سىز بىر دۆلەتتە كۆرۈشنى خالايدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بار» دەيدۇ رېبېكا رىچاردىس.

لېكىن، سومالىلەند ھېچكىم تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغاچقا، بۇ ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى تەسلەشتۈرۈۋەتكەن. «ئۇلارنىڭ بەزى تەرەققىيات ياردىمى ياكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىگە ـــ بولۇپمۇ ب د ت دىن كېلىدىغان ـــ ئېرىشىش ئىمكانىيىتى تولىمۇ چەكلىك» دەيدۇ رېبېكا رىچاردىس.

قانۇنىي جەھەتتىكى كاپالەتسىزلىك تۈپەيلى، ئۇلارنىڭ خەلقئارالىق بازارغا كىرىشىمۇ بەسىي مۈشكۈل. بۇنىڭدىن سىرت، سومالىلەندنىڭ پۇلى ئۆز زېمىنىنىڭ سىرتىدا ئېتىراپ قىلىنمىغاچقا، خەلقئارادا ھېچقانداق قىممىتى يوق.

مىللىي دۆلەت چۈشەنچىسىنىڭ تېگىدە ياتقىنى «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» (self-determination) ئۇقۇمىدۇر.

مەزكۇر ئۇقۇم «ئوكسفورد ئېنگلىزچە لۇغىتى»دە مۇنداق تەبىرلەنگەن: «بىر خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت (ئىدارە قىلىش ۋە قىلىنىش) شەكلىنى تاللاش، دۆلەت سالاھىيىتىنى ئەركىن بەلگىلەش قىلمىشى بولۇپ، بىر تۈرلۈك ھوقۇق، دەپ قارىلىدۇ».

بۇ ھوقۇق 1945-يىلى 6-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلگەن. 

ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش دەسلەپتە مۇستەملىكە ئاستىدا ياشايدىغان خەلقلەرنىڭ مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش، ياكى ئىلگىرىكى مۇستەملىكىچى دۆلەت ياكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن مەلۇم شەكىلدە ئالاقە ئورنىتىشنى تاللاش يولى دەپ قارالغانىدى.

«نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى ياخشى ئىش دەپ قارايدۇ. ئەمما، بۇ (يەنى <ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش>)نىڭ زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانچە پىكىر بىردەكلىكى يوق» دەيدۇ دوكتور ئىرۋىڭ.

ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش پىرىنسىپى مۇستەملىكە قىلىنغان زېمىننىڭ خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتىنى قۇرۇشنى خالىسا، شۇنداق قىلىشقا ھەقلىق ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

دۇنيا خەلقنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆز سىياسىي سالاھىيىتىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىگە شاھىت بولدى. 1945-يىلى ب د ت دا ئاران 51 دۆلەت بار بولغان بولسا، ھازىر بۇ سان 193 كە چىقتى.

لېكىن، بۇ ئىشنىڭ زىددىيەتلىك بىر تەرىپى بار.

كۆپلىگەن خەلقئارا قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى مۇستەملىكە زېمىن مۇستەقىللىققە ئېرىشكەندىن كېيىن، تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ بۆلۈنۈشكە ياكى چېگرانى ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدۇ. 

لېكىن، بۇ «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» ئىدىيەسىگە زىت.

«<چېگرانى ئۆزگەرتكىلى بولماسلىق> (يەنى مەۋجۇت زېمىن پۈتۈنلۈكىگە دەخلى-تەرۇز قىلماسلىق) بىلەن <كىشىلەرنىڭ ئۆز كېلەچىكىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بولۇشى كېرەك>لىكىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى پىرىنسىپنى قانداق ياراشتۇرۇش كېرەك؟» دەيدۇ لوندون سىياسىي-ئىقتىساد ئىنىستىتۇتىنىڭ شەرقىي جەنۇبى ياۋروپا سىياسىتى جەھەتتىكى ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى جېيمىس كېر-لىندسېي (James Ker-Lindsay).

ئاپتونومىيە

بۇنى ياراشتۇرۇش چارىسى «ئۆزى مۇستەقىل بولۇپ چىقىشنى خالايدىغان دۆلەتنىڭ تېررىتورىيەسى ئىچىدە ياشايدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن، <ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش> ئۇلارغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بەرسىمۇ، ئۇلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا يول قويمايدۇ» دېيىشتىن ئىبارەتتۇر. 

كوسوۋو مەسىلىسىدە دەل ئاشۇنداق ئەھۋال يۈز بەرگەنىدى.

1992-يىلى 1-ئايدا، يۇگوسلاۋىيە پارچىلانغاندا، ئالتە جۇمھۇرىيەت ئۇنىڭ ئورنىنى ئالغان بولۇپ، شۇلاردىن بىرى سېربىيە ئىدى.

كوسوۋو سېربىيەنىڭ چېگراسى ئىچىدىكى بىر ئۆلكە بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەردە خېلىلا يۇقىرى دەرىجىلىك ئاپتونومىيەدىن بەھرىمەن بولىدىغان، سېربلاردىن پەرقلىق مىللەت (ئالبانلار) ياشايتتى. 

شۇ ۋەجىدىن، كوسوۋونىڭ مۇستەقىل بولۇشى سېربىيەنىڭ چېگراسىنى ئۆزگەرتىپ، زېمىن پۈتۈنلۈكى پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولاتتى.

«خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ دەسلەپكى ئىنكاسى <كوسوۋو ئىچكى قىسىمدا (يەنى سېربىيەدىن ئايرىلمىغان ئاساستا) ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. چۈنكى، ئۇ سېربىيەنىڭ بىر ئۆلكىسى بولغاچقا، باشقا ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەرگە ئوخشاش مۇستەقىل بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس> دېيىشتىن ئىبارەت بولغانىدى. نەتىجىدە، كوسوۋولىقلار تىنچ ئۇسۇلدا مۇستەقىللىققە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغاچقا، (قوراللىق) قوزغىلاڭ كۆتۈردى» دەيدۇ دوكتور كېر-لىندسېي.

كوسوۋولىقلار بىلەن سېربىيە دائىرىلىرى ئارىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇش 1999-يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي مۇداخىلىسى بىلەن ئاياغلاشتى. 

ئاندىن، 2008-يىلىغا كەلگەندە، كوسوۋو ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق جاكارلىدى. 

سېربىيە بۇ قىلمىشنى ئىناۋەتسىز دەپ قاراپ، ب د ت نىڭ خەلقئارالىق قانۇنىي ئىختىلاپلار توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدىغان سوتىغا، يەنى «خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى»غا ئەرز سۇندى.

«ئۇلارنىڭ ئالدىغا تاشلانغىنى <كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىق جاكارى ئومۇمىي خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپمۇ-يوق؟> دېگەن سوئال ئىدى. دەرۋەقە، سوت مەھكىمىسىمۇ <خەلقئارا قانۇندا مەلۇم بىر زېمىن (دىكى خەلق) مۇستەقىللىق جاكارلىسا بولمايدۇ> دەيدىغان بەلگىلىمە يوق، دېدى» دەيدۇ دوكتور كېر-لىندسېي.

ھالبۇكى، بۇ قانداقتۇر قانۇنىي ئۇقۇم مەسىلىسى بولۇشتىن بەكرەك، كوسوۋونىڭ دۆلەتلىك سالاھىيىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىش-قىلىنماسلىق مەسىلىسى ئىدى.

«ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى كوسوۋونى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ب د ت بىر تەشكىلات سۈپىتىدە ئۇنى ئۇنى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلمىغاچقا، ئۇنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت ئىكەنلىكى تا ھازىرغىچە ئېتىراپ قىلىنماي كەلدى» دەيدۇ ئۇ يەنە.

بۇ خىل قىسمەن ئېتىراپ كوسوۋونىڭ «دۆلەت» سۈپىتىدە دۇنيا بانكىسىدىن ۋە خەلقئارا پۇل فوندىدىن قەرز ئېلىش، شۇنداقلا خەلقئارالىق ئولىمپىك كومىتېتىغا ئەزا بولۇش قاتارلىق بەزى «ئىمتىيازلار»غا نائىل بولۇشىغا ئىمكانىيەت ياراتتى.

كۈچلۈك قوللىغۇچىلار

ئامېرىكا كلېۋېلاند شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەلقئارا قانۇندىن دەرس بېرىدىغان پروفېسسور مىلېنا ستېريو (Milena Sterio) شۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر باشقىلارنىڭ، جۈملىدىن كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ قوللىشى بولمىسا، مەلۇم بىر خەلقنىڭ مۇستەقىل بولۇپ، دۆلەت قۇرغانلىقىنى جاكارلىيالىشى ئىمكانسىز».

ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟

شەرقىي تىمور تاكى 1960-يىللىرى ھىندونېزىيەنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغانغا قەدەر، پورتۇگالىيەنىڭ مۇستەملىكىسى ئىدى.

ئەمما، ھىندونېزىيە سوغۇقچىلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكانىڭ مۇھىم ئىتتىپاقداشلىرىدىن بىرى بولغاچقا، ئەينى چاغدا شەرقىي تىمورلۇقلارنىڭ مۇستەقىللىق مۇجادىلىسى ھېچقانچە قوللاشقا ئېرىشەلمىگەنىدى.

1990-يىللاردا سوغۇقچىلىق ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەت دىققەت نەزىرىنى قايتىدىن شەرقىي تىمورغا ئاغدۇردى. ھالبۇكى، بۇ چاغدا (سوۋېت ئىتتىپاقى باشچىلىقىدىكى) كوممۇنىزم لاگېرى غۇلاپ چۈشكەچكە، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھىندونېزىيەدىن ئىبارەت بۇ «ئىتتىپاقداش»قا ئېھتىياجى قالمىغانىدى. 

«ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شەرقىي تىموردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى (ئۆزلىرىنى <كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ھامىيسى> دەيدىغان) غەرب ئەللىرىنى تەڭقىسلىقتا قويغانىدى. شۇڭا ئۇلار كەينىگە چېكىنىپ، <ئى شەرقىي تىمور خەلقى، ئەمدى كېچىكتۈرۈلگەن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقۇڭلارنى ئىشقا سالساڭلار بولىدۇ> دېيىشتى» دەيدۇ پروفېسسور ستېريو.

1999-يىلى شەرقىي تىمورلۇقلار مۇستەقىللىق ئۈچۈن بېلەت تاشلاشتى ۋە 2002-يىلى مۇستەقىللىققە ئېرىشتى.

لېكىن، بۇ جەرياندىكى زوراۋان قالايمىقانچىلىقلار سەۋەبلىك، ب د ت سىياسىي جەھەتتىن، خەلقئارا تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى ھەربىي جەھەتتىن مۇداخىلە قىلىشقا مەجبۇر بولدى.

ھالبۇكى، ئىسپانىيەدىكى ئەھۋال بۇنىڭدىن بەكلا پەرقلىق.

گەرچە مەۋجۇت خەلقئارالىق قانۇن پىرىنسىپلىرىغا بىنائەن، كاتالونىيەلىكلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بار بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن قانۇنشۇناسلار ئىسپانىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى سەۋەبلىك، كاتالونىيەلىكلەرنىڭ مۇستەقىللىق ئەمەس، پەقەت ئاپتونومىيەلا تەلەپ قىلالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

«ئىشىنىڭ قىزىقارلىق تەرىپى شۇكى، ئىسپانىيە كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ بىرىدۇر. چۈنكى، ئۇلار مۇستەقىللىق ئۈچۈن بۇ خىل ئۈلگە تىكلەنگەن تەقدىردە، كاتالونىيەنىڭ ئىسپانىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە تەھدىت سېلىشىدىن قورقىدۇ» دەيدۇ پروفېسسور ستېريو.

گەرچە كۇردلارنىڭ ئەھۋالى بەكلا پەرقلىق بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارمۇ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ قوللىماسلىقىدىن ئىبارەت مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ.

ئىگىلىزچىدىن ھېكمەتيار ئىبراھىم تەرجىمىسى

مەنبە:

https://www.bbc.com/news/world-40803430

جاۋاب يېزىش

error: Content is protected !!