خىتاي قانداق چوت سوقۇۋاتىدۇ؟

(بۇ ئەسەر ئۇيغۇرلار ژۇرنىلىنىڭ 25-سانىدا ئېلان قىلىنغان)

تەرجىماندىن ئىلاۋە: ئەشەددىي دۈشمىنىمىز بولمىش خىتايلاردا «ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ بىلگەنلەر، جەڭلەردە يېڭىلمەس» دېگەن سۆز بار. ئەمما، خىتاينىڭ بىز كەبى رەقىبلىرىنى تەلتۆكۈس تەتقىق قىلىپ، ئوي – پىكىر، خۇي – پەيلىمىزنى بىلىشكە ئۇرۇنۇشىغا سېلىشتۇرغاندا، بىزنىڭ خىتاي ۋە ئۇنىڭ غەرەز – مۇددىئالىرى توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرىمىز خېلىلا چولتا.
يېقىنقى بىرەر ئاي مابەينىدە دۇنياۋى تاراتقۇلارنىڭ باش خەۋەرلىرىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەن تالىباننىڭ ئافغانىستاندا ھاكىمىيەتنى قولغا كىرگۈزگەنلىكى مەسىلىسىدىمۇ، بۇ ئىشنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىگە، ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ ھەقتە قانداق چوت سوقۇۋاتقانلىقى ۋە بىزنىڭ بۇنىڭغا قارشى نېمىلەرنى قىلالىشىمىز مۇمكىنلىكى توغرىسىدا بىزدە ھېلىھەم نىسبەتەن بىرلىككە كەلگەن، ئەتراپلىق تونۇش يوقنىڭ ئورنىدا.
ھالبۇكى، ژۇرنىلىرىمىزغا نۆۋەتتە ئۇلاپ بېسىلىۋاتقان، دوكتور شان روبېرتىسنىڭ «ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش» دېگەن كىتابىدا ئىنتايىن تەپسىلىي بايان قىلىنغىنىدەك، خىتاي 2000 – يىللارنىڭ بېشىدىن تارتىپلا، ئافغانىستاندا بارلىققا كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» دېگەن مەۋھۇم تەشكىلاتنىڭ «تېرورلۇق» تەھدىتىنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇم – سىتەملىرىنى قەدەممۇ قەدەم كۈچەيتىپ كەلدى.
ھالا بۈگۈنگە كەلگەندىمۇ، خىتاي تالىباننىڭ ئافغانىستاندا ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ «پۇرسەت»كە زىنھار سەل قارىماي، ئۆز ئىچىدىكى بىر تالاي ئاتالمىش «تېرورلۇق مۇتەخەسسىسلىرى»نىڭ ئاساسسىز، تەرەپباز «تەھلىل»لىرى ئارقىلىق، مەۋھۇم «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»نىڭ تەھدىتىنى ھەدەپ كۆپتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇش ئۈچۈن پىكرىي زېمىن ھازىرلاشقا ئۇرۇنماقتا. شۇڭا، دەماللىققا خىتاينىڭ مىكىرلىرىنى بىتچىت قىلىش قولىمىزدىن كەلمىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ نېمە چوت سوقۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ قويۇش بىز ئۈچۈن پايدىلىقتۇر.
تۆۋەندە خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئەڭ يادرولۇق، ئاشقۇن مىللەتچى تاراتقۇلىرىدىن بىرى بولغان «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 9 – ئاينىڭ 16 – كۈنى ئېلان قىلغان، تالىبان ۋە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» توغرىسىدىكى ئېنگلىزچە ماقالىسىنىڭ تەرجىمىسىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.
***
تالىبان خىتايغا بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزەمدۇ؟
«يەرشارى ۋاقىت گېزىتى»
تالىباننىڭ باياناتچىسى «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «<شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى>نىڭ نۇرغۇن ئەزالىرى ئافغانىستاندىن ئايرىلىشقا بۇيرۇلدى» دېگەندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەر «ئۇنداقتا، <شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى> نىڭ (ETIM) ئەزالىرى ئافغانىستاندىن ئايرىلغاندىن كېيىن قەيەرگە كەتتى؟ ئۇلارنىڭ قانچىلىكى ئافغانىستاندا قالدى؟» دېگەندەك سوئاللارنى ئوتتۇرىغا تاشلىدى. بۇ تېما ھەم خىتايدا ۋە چەتئەللەردە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. مەزكۇر تېرورلۇق تەشكىلاتى خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان بولغاچقا، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىسىنى قايتا تەكىتلىدى.
«شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» «شىنجاڭ» رايونىنى خىتايدىن ئايرىپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان ئەڭ خەتەرلىك ۋە ئاشقۇن تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خىتايدىكى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»دىكى يۈزلىگەن تېرورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ جاۋابكارىدۇر. بۇنىڭدىن سىرت، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى ئەلقائىدەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق تېرورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن قويۇق ئالاقە ئورناتماقتا ھەمدە «شىنجاڭ»دىكى ئۇيغۇرلارنى ياكى باشقا مىللەتلەردىن بولغان كىشىلەرنى «يەر شارىۋى جىھاد»قا قاتنىشىشقا ئۈندىمەكتە.
ئۆتكەن نەچچە ئون يىل مابەينىدە، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»نىڭ قوراللىق ئۇنسۇرلىرى ئافغانىستان، ئىراق ۋە سۈرىيە قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىگە تارالدى. شۇنداقلا، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى يەرشارىۋى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقىغا تەھدىت ئېلىپ كەلدى. «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرى»گە كۆرە، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»نىڭ نەچچە يۈزلىگەن ئەزاسى ھېلىھەم ئافغانىستاندا بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، تالىباننىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»گە زەربە بېرىش ۋەدىسىدە تۇرۇش – تۇرماسلىقى يەنىلا نائېنىق.
بۇنىڭدىن سىرت، تالىباننىڭ ئافغانىستاندا ھاكىمىيەتنى قولغا كىرگۈزگەنلىكى ۋە ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرگەنلىكىنڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تېرورلۇق كۈچلىرىگە جاسارەت بېغىشلىشى مۇمكىنلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئافغانىستاننىڭ قوشنا دۆلەتلىرىگە بولغان بېسىم زور دەرىجىدە ئاشتى. بۇ مەزكۇر رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ (ئاتالمىش «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش» جەھەتتە) تېخىمۇ كۈچلۈك ھەمكارلىشىشىنى تەقەززا قىلىدۇ.
تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى»غا ئەزا دۆلەتلەر رايوننىڭ كۈنسېرى تۇراقسىزلىشىۋاتقان بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە، پەيشەنبە كۈنى تاجىكىستاندا باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى.
مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر
تالىبان باياناتچىسى سۇھەيل شاھىن 9 – ئاينىڭ 9 – كۈنى «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «<شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى>نىڭ نۇرغۇن ئەزالىرى ئافغانىستاندىن ئايرىلدى، چۈنكى بىز ئۇلارغا باشقا دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئافغانىستاندىن پايدىلىنىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئوچۇق ئېيتتۇق» دېدى.
ھالبۇكى، شاھىن «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»نىڭ زادى قانچىلىك ئادىمىنىڭ ئافغانىستاندىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە قانچىلىك كىشىنىڭ ھېلىھەم ئافغانىستاندا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىدى. خىتاي بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرى «ئۇلارنىڭ سانى ئاز بولغان تەقدىردىمۇ، خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2020 – يىلى 5 – ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىغا قارىغاندا، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ئاساسلىقى ئافغانىستاننىڭ بەدەخشان، قۇندۇز ۋە تاخار ئۆلكىلىرىگە تارقالغان. «بۇ تەشكىلاتنىڭ ئافغانىستاننىڭ شىمالى ۋە شەرقىي شىمالىدا ھەرىكەت قىلىدىغان تەخمىنەن 500 جەڭچىسى بار بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى بەدەخشان ئۆلكىسىنىڭ راغىستان ۋە ۋاردۇج ۋىلايەتلىرىگە جايلاشقان بولۇپ، مالىيە ئىشلىرى ئاساسلىقى راغىستاندا».
پاكىستاندىن كەلگەن سانلىق مەلۇماتلارغا كۆرە، ھازىر ئافغانىستاندا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»نىڭ 200 دىن 300 گىچە ئەزاسى بولۇشى مۇمكىن. «خىتاي زامانىۋى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات ئورنى»دىكى دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش مۇتەخەسسىسى لى ۋېي «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»گە مۇنداق دېدى: «گەرچە ئۇلار بىرەسمىي ھەربىي كۈچ بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار مەۋجۇتلا بولىدىكەن، تېرورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇقىمسىزلىقىمۇ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ».
«غەربىي شىمال سىياسىي – قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى»نىڭ پروفېسسورى شۇ خوڭشۈي «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»گە مۇنداق دېدى: «<شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى>نىڭ ئەزالىرى ئافغانىستاندىن سىقىپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، پاكىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەرگە يۆتكەلمەكتە».
تاجىكىستان بىلەن چېگرالىنىدىغان بەدەخشان ئۆلكىسى ئافغانىستاندىكى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ئەزالىرىنىڭ ئاساسلىق جەمگاھىدۇر. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 2018 – يىلى 2 – ئايدىكى خەۋىرىگە كۆرە، ئامېرىكانىڭ بەدەخشان ئۆلكىسىنىڭ شىمالىغا قىلغان ھۇجۇمىدا تالىباننىڭ مەشىق گازارمىسى ۋەيران قىلىۋېتىلگەن بولۇپ، مەزكۇر گازارما «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»نىڭ خىتاي بىلەن تاجىكىستان چېگراسىدا قوراللىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىنى شارائىت بىلەن تەمىنلىگەنىدى.
شۇ خوڭشۈينىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 6 – ئايدا، تەخمىنەن 200 دەك «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» جەڭچىلىرىنىڭ بەدەخشاندىكى خاش ۋە جورم شەھەرلىرىدە تالىبانلار بىلەن بىر سەپتە ئۇرۇش قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»نىڭ ئاز بىر قىسم جەڭچىلىرى تاخار ئۆلكىسىدىكى باھاراك بازىرىغا يېقىن جايدا ياشىماقتا ئىكەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «شام ۋە ئىراق ئىسلام دۆلىتى» (ISIS) ۋە باشقا خەلقئارالىق تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ زاۋال تېپىشىغا ئەگىشىپ، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»مۇ چەتئەلدىكى ماكانىنى ئۆزگەرتتى. شاڭخەيدىكى فۇدەن ئۇنۋېرسىتېتى ئامېرىكا تەتقىقات مەركىزىنىڭ پروفېسسورى جاڭ جيادوڭ «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى»گە مۇنداق دېدى: «<شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى>نىڭ ئەزالىرىنىڭ ئېنىق سانىنى بىلىش تەس بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يادرولۇق ئەزالىرى پاكىستان، سۈرىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە سۈرىيەدە تۇرىدىغانلار ئافغانىستاندىكىدىن كۆپ، شۇنداقلا ئۇلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاساسەن ئۆزىنى كۆرسەتمەي كەلدى».
جاڭ جيادوڭ يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تالىباننىڭ باياناتچىسى شاھىننىڭ «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» بىلەن ئۆتكۈزگەن زىيارىتى تالىباننىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»نىڭ ئەزالىرىنىڭ كىملىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلار بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئاشكارىلىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 9 – ئاينىڭ 10 – كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا شاھىننىڭ سۆزىگە قارىتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خىتاي ئۆزىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» توغرىسىدىكى ئەندىشىسىنى تالىبانغا كۆپ قېتىم بىلدۈردى. تالىبانمۇ بۇنىڭغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، قاتتىق ۋەدىلەرنى بەردى. بىز ئۇلارنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىشىنى، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» قاتارلىق تېرورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان چەك – چېگرانى ئېنىق ئايرىشىنى ھەمدە ئۆز زېمنىدىكى مەزكۇر تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قەتئىي زەربە بېرىش ئۈچۈن ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تالىبان ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ تەسىرىنىڭ سىرتقا كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئافغانىستاننىڭ تېرورلۇق كۈچلىرىنىڭ ماكانىغا، پاناھگاھىغا ياكى مەنبەسىگە ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى بىلدۈرۈپ: «تالىبان بىلەن <شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى> ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەتنى نەزەردە تۇتقاندا، ئۇلارنىڭ <شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى> بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزىدىغان – ئۈزمەيدىغانلىقىنى يەنىلا كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ» دېيىشتى.
شۇ خوڭشۈي مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تالىبان بىلەن ھەمكارلىشىشى مۇمكىن. «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» قۇرۇلغاندىن تارتىپلا، ئافغانىستاننى مەشىق بازىسى قىلىپ كەلدى. تالىبان ئىلگىرى «يەر شارىۋى جىھاد»قا قاتناشقان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»نىڭ رەھبىرى ھەسەن مەخسۇم ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىنى پۇل، ماشىنا ۋە قوراللار ئارقىلىق قوللاپ كەلگەنىدى.
تالىبان ئالدىنقى قېتىم ئافغانىستاندا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، ئۇلارنىڭ قوشۇنىدا خىتاينىڭ «شىنجاڭ» رايونىدىن بارغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»نىڭ تەخمىنەن 320 ئەزاسى بار ئىدى. تالىبان يەنە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»نىڭ ئەزالىرىنى تەربىيەلەشكە ياردەم بەرگەن بولۇپ، ئۇلارغا ئادەمبومبا ھۇجۇمىنى قانداق روياپقا چىقىرىش ۋە بومبا ياساش قاتارلىقلارنى ئۆگەتكەن. بۇنىڭ بەدىلىگە، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»نىڭ ئەسكەرلىرى زۆرۈر تېپىلغاندا، تالىبان بىلەن بىر سەپتە جەڭ قىلغان.
گەرچە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»نىڭ تالىبان بىلەن ھەمكارلىقى بار بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى مۇقىم ئەمەس. شۇ خوڭشۈي بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بەزى پەرقلەر مەۋجۇت: تالىباننىڭ سىياسىي مەقسىتى دۆلەت قۇرۇش، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» بولسا، ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشنى قەستلەيدۇ؛ تالىباننىڭ ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، ئەمما «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ئامېرىكادىن ياردەم ئالىدۇ؛ تالىبان خىتاينىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» بولسا خىتايغا قارشى.
شۇ خوڭشۈي مۇنداق دېدى: تالىبان ئافغانىستاندا ھاكىمىيەتنى قولغا كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» بىلەن بولغان ئىختىلاپى زورايدى، ئەمما «بۇ ئۇلارنىڭ ئوخشاش مۈشكۈلاتقا دۇچ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بىز ئۇلارنىڭ مۇرەككەپ مۇناسىۋىتىنى ۋە ئۆزئارا ئالاقىسىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق كۆزىتىشىمىز كېرەك».
تالىبان خىتايغا بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلامدۇ؟
فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى جاڭ جيادوڭ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»نىڭ ئافغانىستاندا بەلگىلىك تەسىرى بارلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئۇنى تەلتۆكۈس يوقىتىش تەس. «تالىبان ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىشنى ئويلىغان تەقدىردىمۇ، بۇ يەنىلا تەسكە توختايدۇ. چۈنكى، تالىبان ئاساسىي قاتلامدىكى قوراللىق ئۇنسۇرلارنى ۋە قەبىلە رەھبەرلىرىنى تولۇق كونترول قىلالمايدۇ. بىز <شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى>نىڭ ئىسلام شەرىئىتى بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان بۇ دۆلەتتە تېخىمۇ ئەۋزەل زورىيىش شارائىتىغا ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكىنى يوققا چىقىرىۋېتەلمەيمىز».
لەنجوۋ ئۇنىۋېرسىتېتى ئافغانىستان تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جۇ يوڭبياۋغا كۆرە، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»نىڭ ئەزالىرى ئافغانىستاندا ھېلىھەم بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە. تالىباننىڭ ئافغانىستاندىكى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»نىڭ بارلىق ئەزالىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تەلتۆكۈس ئۈزۈشى ئاسان ئەمەس، چۈنكى بۇ ئىلگىرى ئۇنى قوللىغان باشقا ھەربىي قوراللىق تەشكىلاتلارنى نارازى قىلىپ قويۇشى مۇمكىن.
ھالبۇكى، گەرچە تالىبان بىلەن «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت مۇرەككەپ بولسىمۇ، شۇنىسى ئېنىقكى، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» مەسىلىسى خىتاينىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە تاقىشىدىغان بولغاچقا، ئەگەر بۇ مەسىلە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىسا، ئۇ خىتاي بىلەن ئافغانىستاننىڭ كەلگۈسى مۇناسىۋىتىگە توسقۇنلۇق قىلىشى مۇمكىن.
ئەسلى ماھىيىتى «تېرورلۇق»تۇر
«تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» 2002 – يىلى 9 – ئاينىڭ 11 – كۈنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن تېرورلۇق تەشكىلاتى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ خىتايدا مۇستەقىل «شەرقىي تۈركىستان» دۆلىتى قۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن زوراۋانلىق قىلىدىغان تەشكىلاتتۇر. ئۇ قۇرۇلغاندىن تارتىپلا، خەلقئارا تېرورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتتى، بۇ خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگىلا ئەمەس، يەنە يەر شارىۋى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقىغىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ.
خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئۇچۇر ئىشخانىسىنڭ 2002 – يىلى 1 – ئايدا تارقاتقان ھۆججىتىگە كۆرە، 1990 – يىلىدىن 2001 – يىلىغىچە، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى «شەرقىي تۈركىستان» قوراللىق ئۇنسۇرلىرى خىتايدا كەم دېگەندە 200 قېتىم تېرورلۇق ھۇجۇمى قوزغاپ، ھەر مىللەتتىن بولغان 162 نەپەر ئاھالە، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە دىنىي زاتلارنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ھەمدە 440 دىن ئارتۇق ئادەمنى يارىلاندۇرغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» چەتئەللەردە «تېرورچى»لارنى تەربىيەلەش بازىلىرىنى قۇردى، شۇنداقلا ئۆز ئەزالىرىنى خىتاينىڭ «شىنجاڭ» رايونىغا تېرورلۇق پائالىيەتلىرىنى پىلانلاش ۋە ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتتى. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دوكلاتىغا كۆرە، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ئەزالىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتىگە، جۈملىدىن بىشكەكتىكى باش ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغانلىقىغا ئائىت پاكىتلارمۇ مەۋجۇت.
لى ۋېي مۇنداق دېدى: «<شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى>نىڭ خاراكتېرى ۋە پائالىيىتى جەھەتتە تېرورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكى شەكسىز. ئۇ خىتاي ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەردە تېرورلۇق ھۇجۇمىنى پىلانلىدى ۋە ئېلىپ باردى. «شام ۋە ئىراق ئىسلام دۆلىتى» جانلانغان مەزگىللەردە، <شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى> تەرىپىدىن كۈشكۈرتۈلۈپ، <يەر شارىۋى جىھاد>قا قاتنىشىش ئۈچۈن خىتايدىن ئايرىلغان كىشىلەرنىڭ سانى 5000 غا يېتىدۇ».
لى ۋېينىڭ سۆزى خىتاي دۆلەتلىك تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى لى جۈن 2015 – يىلى 5 – ئايدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇنبىرىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئۇچۇرلار بىلەن بىردەكلىككە ئىگە. لى جۈن (ئەينى چاغدا) مۇنۇلارنى كۆرسەتكەنىدى: «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»نىڭ تور تەشۋىقاتى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە، بىر قىسىم «ئاشقۇن»لار خىتاينىڭ يۈننەن، گۇاڭشى ئۆلكىلىرى ئارقىلىق چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈپ، يەرلىك قارا گۇرۇھلارنىڭ ياردىمى بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە كىرگەن، ئاندىن «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ئەزالىرىنىڭ ياردىمىدە ساختا كىملىك ​​بىلەن تۈركىيەگە قاراپ ئۇچقان. ئاخىرىدا، سۈرىيە – تۈركىيە چېگراسى ئارقىلىق سۈرىيەگە كىرىپ ئۇرۇشقا قاتناشقان.
«شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ـــ «شەرقىي تۈركىستان» تېرورلۇق كۈچلىرى ئىچىدىكى ئەڭ خەتەرلىك تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرىدۇر. 2003 – يىلى، خىتاي «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى»، «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلار قۇرۇلتىيى» ۋە «شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى» قاتارلىقلارنى تېرورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنىدى.
بۇنىڭدىن سىرت، «شەرقىي تۈركىستان» تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ نۇرغۇنى 2001 – يىلدىن باشلاپ «ئۆزگىرىش»كە ئۇرۇنۇپ كەلدى. شۇنداقلا، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»نىڭ ئەزالىرى ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ قوللىشى بىلەن ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى قۇردى ۋە پائالىيەتچى سۈپىتىدە ئۆزىنى ئاقلىدى. ئۇلار «شىنجاڭ»دىكى مىللىي توقۇنۇش ۋە زوراۋانلىقنى كۈشكۈرتۈپ، خىتاينىڭ «شىنجاڭ»دىكى سىياسىتىنى «مىللىي باستۇرۇش» دەپ ئىنكار قىلدى ۋە ئامېرىكانىڭ گېئوپولىتىك سىياسىتىگە ماسلىشىپ، «شىنجاڭ»غا مۇناسىۋەتلىك «كىشىلىك ھوقۇق» مەسىلىلىرىنى كۆتۈرۈپ چىقتى.
مەسىلەن، 2004 – يىلى قۇرۇلغان ئامېرىكادىكى خىتايغا قارشى تەشكىلات بولغان «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» (WUC) خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «تېرورلۇق تەشكىلاتى» قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلار قۇرۇلتىيى»دىن (WUYC) ئۆزگەرگەن. «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»نىڭ رەھبىرى دولقۇن ئىيسامۇ «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلار قۇرۇلتىيى»دىن چىققان.
«شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»نىڭ قوراللىق ئۇنسۇرلىرى ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان. جۇ يوڭبياۋنىڭ «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى»گە ئېيتىشىچە، ئۇلار ئۆز كىملىكىنى پەردازلاپ، گېرمانىيە، تۈركىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدە، شۇنداقلا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئەزاسى ياكى «كىشىلىك ھوقۇق» پائالىيەتچىسى بولۇۋالغان.
جۇ يوڭبياۋ يەنە مۇنداق دېدى: بۇ ئەزالار مەيلى قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. گەرچە ئۇلار «شىنجاڭ» رايونىنى خىتايدىن ئايرىۋېتەلمىسىمۇ، ئەمما يەنىلا دۆلەت ئىچىدىكى ئاشقۇن ئۇنسۇرلارنى تېرورلۇق ھۇجۇمى قوزغاشقا قۇترىتىشى مۇمكىن.
ئۇنداقتا، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»دىن ئىبارەت تېرورلۇق تەشكىلاتىنى تەلتۆكۈس يوقىتىش نېمىشقا شۇنچە قىيىن؟ نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەرگە كۆرە، ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى غەرب بىلەن ئامېرىكا قوللانغان قوش ئۆلچەمدۇر.
ئامېرىكا ۋە غەرب خىتاينىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇنۇشىنى قەستەن بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈپ، خىتاينى (ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت) كونكرېت كىشىلەر توپىنى نىشانلىدى دەپ ئەيىبلىدى.
2003 – يىلى، ئامېرىكا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش بايرىقى ئاستىدا ئىراققا تاجاۋۇز قىلدى. بۇ ئۇنىڭ «تېرورلۇققا قارشى مۇجادىلىسى»نىڭ پەقەتلا ئامېرىكاچە دېموكراتىيە ۋە قىممەت قاراشلارنى بازارغا سېلىشنىڭ باھانىسى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. شۇنداقلا، بۇ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»نىڭ تېرورچىلىرىغا ئۈمىد بېغىشلىدى. چۈنكى، لى ۋېينىڭ ئېيتقىنىدەك، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى نىشانغا ئالغان مۇددەتتە، غەربنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەنىدى.
ئامېرىكانىڭ نېمىلەرنى قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»نىڭ تېرورلۇق خاراكتېرىنى، شۇنداقلا تېرورلۇق تەشكىلاتلىرى خىتايغا ۋە دۇنياغا ئېلىپ كېلىدىغان ئەمەلىي تەھدىتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.
(ئىنگىلىزچىدىن ئۆتكۈر ئالماس تەرجىمىسى)
ماقالە ئاستىدا ماڭدامدا بىر دېگۈدەك ژۇرنال تەھرىراتى تەرىپىدىن ئىزاھاتلار بېرىلگەن بولۇپ، ئىزاھاتىنى 25-ساندىكى شۇ ناملىق ماقالىدىن كۆرۈۋالغايسىز.
ئۇيغۇرلار ژۇرنىلىنىڭ 25-سانىدا ئېلان قىلىنغان
مەنبە:

جاۋاب يېزىش

error: Content is protected !!