شەيخ ئەھمەد دىداتنىڭ تەرجىمىھالى
(ئۇيغۇرلار ژۇرنىلىنىڭ 10-سانىدا – 2020-يىلى، 3-ئايدا ئېلان قىلىنغان)
جەنۇبىي ئافرىقا تىلغا ئېلىنغان ھامان، مۇسۇلمان دۇنياسىدىكىلەرنىڭ، شۇنداقلا دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئېسىگە نېلسون ماندىلا، شۇنداقلا جۇشقۇن، ھارماس ئىسلام دەۋەتچىسى ئەھمەد دىدات (Ahmed Deedat) كېلىدۇ.
ئەھمەد ھۇسەيىن دىدات 1918 – يىلى 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ھىندىستاندا تۇغۇلغان، توققۇز يېشىدا جەنۇبىي ئافرىقىغا كۆچۈپ كەلگەن ۋە ۋاپات بولغانغا قەدەر شۇ يەردە ياشىغان. ئۇ ئىنگىلىزتىلىدا يېزىقچىلىق قىلىدىغان مۇسۇلمان يازغۇچى، ناتىق، شۇنداقلا يەھۇدىي ۋە خىرىستىيانلارغا نازىل قىلىنغان ساماۋى كىتابلار (تەۋرات ۋە ئىنجىل) ھەققىدە مۇتەخەسسىسكە ئايلانغان ۋە دىققىتىنى مۇشۇ دىندىكىلەرنى ئىسلامغا كىرگۈزۈشكە مەركەزلەشتۈرگەن ئىسلام دەۋەتچىسىدۇر.
ئۇ مەكتەپتە ناھايىتى ياخشى ئوقۇغان بولسىمۇ، 16 ياشقا كىرگەندە، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى تۈپەيلى ئوقۇشتىن توختاپ خىزمەت قىلىشقا باشلىغان.
1936 – يىلى، ئۇ ئۆي جاھازىلىرى ساتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقاندا، ئۇنىڭ ئىشلەۋاتقان يېرىگە يېقىن جايدا بىر «مىسسىيونېر تەربىيەلەش مەكتىپى» بار ئىدى. ئەھمەد دىدات بۇ مەكتەپنىڭ مۇسۇلمانلارنى دىندىن چىقىرىپ، خىرىستىيان دىنىغا كىرگۈزۈش ھەلەكچىلىكىدە يۈرىدىغان ۋە ئىسلام پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قارىلايدىغان بىر تۈركۈم مىسسىيونېرلار بىلەن ئۇچراشقان. ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئاساسسىز ئەيىبلەشلىرى دىداتنى رەنجىتكەن. نەتىجىدە ئۇ شۇلارغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈن ئىزدىنىپ، سېلىشتۇرما دىنشۇناسلىق يولىغا قەدەم قويغان.
ئەھمەد دىدات ئۆزى ئىشلەۋاتقان جاينىڭ يەرئاستى ئۆيىدىن ئوقۇغۇدەك كىتاب ئىزدەۋاتقاندا، ھىندىستانلىق رەھمەتۇللاھ كەيراناۋى (رحمت الله الكيراناوي) نىڭ «ئىزھارۇل ھەق» دېگەن كىتابى قولىغا چىقىپ قالغان. بۇ كىتابتا ھىندىستاندىكى خىرىستىيان مىسسىيونېرلىرىنىڭ شۇنىڭدىن بىر ئەسىر ئىلگىرىكى مۇسۇلمانلارنى خىرىستىيان دىنىغا چاقىرىش ئۇرۇنۇشلىرى تونۇشتۇرۇلغانىدى. بۇ كىتاب ئەھمەد دىداتتا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. ئۇ بۇ كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئىسلامىي ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن، باشقا ساماۋى دىندىكىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە بولغان قىزىقىشى تېخىمۇ كۈچەيگەن، شۇنداقلا ئىنجىلدىن بىرنى سېتىۋېلىپ ئوقۇغان. بۇ تەرىقىدە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «مىسسىيونېرلار مەكتىپى»دىكى پراكتىكانت مىسسىيونېرلار بىلەن مۇنازىرىلەشكەن.
شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ئەسلى خىرىستىيان بولۇپ، كېيىن مۇسۇلمان بولغان فەيرفەكس (Fairfax) ئىسىملىك كىشىنىڭ ئىلىم مەجلىسلىرىگە قاتنىشىشقا باشلىغان. فەيرفەكس دەرسكە قاتنىشىدىغانلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، (جەنۇبىي ئافرىقىدا خىرىستىيانلارنىڭ كۆپلۈكىنى نەزەردە تۇتقان ئاساستا) ئىنجىل ھەققىدە ۋە خىرسىتىيانلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئۇسۇللىرى ھەققىدە قوشۇمچە دەرس بېرىشكە باشلىغان. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، فەيرفەكس ئۇ يەردىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئەھمەد دىدات دەرس ئۆتۈشكە باشلىغان ۋە بۇ ئىشنى ئۈچ يىل داۋاملاشتۇرغان.
ئەھمەد دىدات 1942 – يىلى دۇربان (Durban) كىنوخاسىدا «تىنچلىق پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام» دېگەن تۇنجى لېكسىيەسىنى سۆزلىگەن بولۇپ، بۇ لېكسىيەگە ئارانلا 15 ئادەم قاتناشقانىدى.
ئەھمەد دىدات ئۆزىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى دەۋەت ئىشلىرىدا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دۇربان شەھىرىدىكى جۈمە مەسچىدىنىڭ «ھىدايەت سەپىرى» تېمىسىدىكى پائالىيىتىدىن پايدىلانغان. بۇ پائالىيەتتە دۇربان شەھىرىگە ساياھەتكە كەلگەنلەرگە ئىسلام ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلەتتى، ھەقسىز تاماق ۋە سوۋغا تارقىتىلاتتى، شۇنداقلا بۇ ئاشۇ ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشى بولۇپ قالاتتى. ئەھمەت دىداتمۇ بۇ پائالىيەتلەردە ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالاتتى ۋە ئۇلارغا ئىسلام دىنىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ خىرىستىيان دىنى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تونۇشتۇراتتى.
ئەھمەد دىدات 1949 – يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن پاكىستانغا كۆچۈپ كېلىپ، كاراچى شەھىرىدە ئۈچ يىل تۇرغان. شۇنداقلا كېيىن پاكىستاندىكى بىر تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ئىسلامىي دۆلەت قۇرۇشنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇ 1957 – يىلى يېقىن دوستلىرىدىن غۇلام ھۇسەين ۋانكېر (Goolam Hoosein Vanker) ۋە تاھىر رەسۇل (Taahir Rasool) بىلەن بىرلىشىپ، ئىسلامىي بىلىملەر ھەققىدە تۈرلۈك كىتابلارنى نەشر قىلىش، شۇنداقلا ئىسلام دىنىغا يېڭى كىرگەنلەرگە دەرس بېرىش مەقسىتىدە، خەلقئارالىق ئىسلامىي تەشۋىقات مەركىزى (IPCI) نى قۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى يىلى، ئۇ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ناتال (Natal) ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىدىكى بىرېيمار (Braemar) دېگەن جايدىكى ئۆزىگە ئىئانە قىلىنغان 75 گېكتار يەردە «ئەسسالام مائارىپ ئىنستىتۇتى» (As-Salaam Educational Institute) دېگەن نامدا بىر دىنىي مەكتەپ قۇرغان بولسىمۇ، ئادەم كۈچى ۋە مەبلەغ كەمچىل بولغاچقا، بۇ مەكتەپنىڭ ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق بولمىغان ۋە 1973 – يىلى «جەنۇبى ئافرىقا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى» تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈۋېلىنغان. شۇنىڭ بىلەن، ئەھمەد دىدات يەنە دۇربان شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ، خەلقئارالىق ئىسلامىي تەشۋىقات مەركىزى (IPCI) نىڭ پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرغان.
مەزكۇر مەركەزنىڭ سابىق دىرېكتورى، شۇنداقلا ئەھمەد دىداتنىڭ يېقىن دوستى فۇئاد ھېندىرىكس (Fuad Hendricks) ئۇنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە شۇنداق دېگەن: «ئۇ ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش كىتابلىرى ئارقىلىق ئىسلام ۋە خىرىستىيان دىنىغا ئالاقىدار باتىل كۆز قاراشلارنى يوقىتىشقا تىرىشتى. شۇنداقلا، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاملارغا ئوخشاشلا ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىنى قايىل قىلارلىق رەۋىشتە ئىسپاتلاپ بەردى.»
1980 – يىللارنىڭ باشلىرىدا، ئۇنىڭ دەۋەت ئىشلىرى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سىرتىدىمۇ تونۇلۇشقا باشلىغان. شۇنداقلا، ئۇ 1986 – يىلى ئىسلامغا قىلغان خىزمەتلىرى سەۋەبلىك سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ ئالىي دىنىي مۇكاپاتى بولغان «پادىشاھ فايسال مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەندىن كېيىن، خەلقئارادا تونۇلۇشى يەنىمۇ بىر بالداق ئاشقان. شۇنىڭدىن كېيىن 66 ياشقا كىرىپ قالغان ئەھمەد دىدات ئۆزىنىڭ ئون يىلدەك داۋاملاشقان دۇنيانى ئايلىنىپ نۇتۇق سۆزلەش سەپىرىنى باشلىغان. ئەھمەد دىدات بۇ جەرياندا بارغان دۆلەتلەر تۆۋەندىكىچە:
سەئۇدىي ئەرەبىستان، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئەنگلىيە، شىۋېتسارىيە، شىۋېتسىسيە، دانىيە، كانادا،
پاكىستان: ئۇ بۇ يەردە پاكىستاننىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلگەن داھىيسى زىيائۇل ھەق بىلەن كۆرۈشكەن.
مالدىۋى: بۇ يەردىمۇ ئۇنى مالدىۋى پرېزدېنتى ماۋمۇن ئابدۇل گايۇم (Maumoon Abdul Gayoom) كۈتۈۋالغان.
ئامېرىكا: ئۇ بۇ يەردە خىرسىتىيان پوپلىرىدىن سۋاگگارت (Swaggart) ۋە روبېرت دوگلاس (Robert Douglas) بىلەن مۇنازىرىلەشكەن، شۇنداقلا ئارىزونا شىتاتىدا ئىككى قېتىم ۋە باشقا جايلاردىمۇ بىر قاتار لېكسىيەلەرنى سۆزلىگەن.
ئاۋسترالىيە: بۇ ئۇنىڭ 1996 – يىلى پالەچ بولۇپ قېلىشتىن ئىلگىرىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق سەپىرى ئىدى.
ئۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان خىرىستىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان دۆلەتلەردىكى ھەر خىل مەجلىسلەردە خىرىستىيان دىنىغا سوئال قويغان ۋە نۇرغۇنلىغان داڭلىق خىرىستىيان دىنىي زاتلىرى بىلەن مۇنازىرىلەشكەن. مەسىلەن، ئۇ 1981 – يىلى دۇربان شەھىرىدە داڭلىق ئېپسكوپ جوش ماكدوۋېل (Josh McDowell) بىلەن «ئىيسا ئەلەيھىسسالام كرېستقا مىخلانغانمۇ؟» دېگەن تېمىدا بىر مەيدان مەشھۇر مۇنازىرە ئۆتكۈزگەن. ئۇ يەنە ۋاتىكاندىكى خىرىستىيان پاپاسى جون پاۋل (John Paul II) نى مۇنازىرىگە ۋە ئىسلام دىنىغا كىرىشكە تەكلىپ قىلغان.
ئۇ 1996 – يىلى 5 – ئاينىڭ 3 – كۈنى، سەكتە بولۇپ قالغانلىقتىن، مېڭە قان تومۇرلىرى ۋە مېڭە غولى زەخمىگە ئۇچراپ، بەدىنى پالەچلىنىپ، سۆزلىيەلمەس ۋە بىر نەرسە يۇتالماس بولۇپ قالغان ۋە داۋالاش ئۈچۈن سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتىكى «پادىشاھ فايسال مەخسۇس كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى»غا ئاپىرىلغان.
گەرچە ئۇ ئاشۇ ھالەتتىن ساقىيىپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ،لېكىن شۇنچە قىيىن ھالەتتىمۇ ئېلىپبە ئارقىلىق مەقسىتىنى ئۇقتۇرۇپ، يەنە ئون يىل ئىسلام ئۈچۈن خىزمەت قىلغان. ئەتراپىدىكىلەرنى ئىسلامىي دەۋەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئۈندىگەن ۋە 2005 – يىلى 8 – ئاينىڭ 8 – كۈنى 87 يېشىدا ۋاپات بولغان.
كىچىك چاغلىرىدىن باشلاپلا، ئىسلامغا ئىشتىياق باغلاپ، پۈتكۈل ھاياتىنى ئىسلام ئۈچۈن ئاتىغان شەيخ ئەھمەد دىدات زامانىمىزدىكى داڭلىق دەۋەتچىسى، ئۇيغۇر پاجىئەسىنى مۇسۇلمان دۇنياسىغا ئاڭلىتىشتا ئىنتايىن لىللا مەيداندا تۇرۇپ گەپ قىلغان دوكتور زاكر نايكنىڭ ئۇستازىدۇر.
ئەھمەد دىدات سەئۇدىي ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار كىتابلارنى يېزىپ نەشر قىلدۇرغان:
- «ئىنجىل ئاللاھنىڭ سۆزىمۇ؟» (Is the Bible God’s Word)
- «ئىنجىل مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟» (What The Bible Says About Muhammad)
- «كرېستقا مىخلاشمۇ ياكى كرېست ئويدۇرمىسىمۇ؟» (Crucifixion or Cruci-Fiction)
- «ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەبىئىي ۋارىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام» (Muhammad: The Natural Successor to Christ)
- «ئىسلام دىنىدا ئىيسا ئەلەيھىسسالام» (Christ in Islam)
- «قۇرئان مۆجىزىلەرنىڭ مۆجىزىسىدۇر» (Al-Qur’an the Miracle of Miracles)
ئەنۋەر قاراقۇرۇم تەييارلىدى
پايدىلىنىلغان بەزى مەنبەلەر:
https://www.aljazeera.com/archive/2005/08/2008410112033900506.html
https://en.wikipedia.org/wiki/Ahmed_Deedat#cite_note-25