چېچىنىيە، رۇسىيە ۋە قانلىق ئۇرۇش

(بۇ ماقالە ئۇيغۇرلار ژۇرنىلىنىڭ 22-سانىدا ئېلان قىلىنغان)

نۇرغۇن پەرقلىق مىللەتلەر ​​ياشايدىغان چېچىنىيە شىمالىي كاۋكاز رايونىغا جايلاشقان. بۇ رايون يەر ئاستى بايلىقلىرى ۋە گېئوپولىتىك ئورنى سەۋەبلىك، تارىختىن بۇيان رۇسىيە تەرىپىدىن ئىستراتېگىيىلىك جاي دەپ قارىلىپ كەلگەن. ۋە شۇ سەۋەبلىك چېچىنلەر بىلەن رۇسلارنىڭ تىركىشىشى رۇسلارنىڭ ئۆزلىرى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارىغان شىمالىي كاۋكاز زېمىنىغا كۆز تىكىشى بىلەن باشلىنىپ، تاكى بۈگۈنگە قەدەر داۋاملاشماقتا.
چېچىنلەر شەيخ مەنسۇر ۋە شەيخ شەمىل قاتارلىق يولباشچىلارنىڭ رەھبەرلىكىدە چاررۇسىيەگە قارشى جەڭ قىلغانىدى. شۇنىڭدىن تارتىپ، تاكى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغانغا قەدەر مۇستەقىللىق نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن بەزى ئۇرۇنۇشلار بولغان بولسىمۇ، ئەمما شەيخلەر دەۋرىدىكىگە ئوخشاش ھەرىكەتلەر يۈز بەرمىدى.
ھالبۇكى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەۋە جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ بەس – بەستە مۇستەقىللىق جاكارلىشى بىلەن چېچىنلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى باشلىدى. 1994 – ۋە 1999 – يىللىرى رۇسلار قوزغىغان ئىككى قېتىملىق ئۇرۇشتا، چېچىنلەر ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىدى، نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمى يا ھاياتىدىن ئايرىلدى، يا يۇرتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى. رۇسلارمۇ ھەربىي جەھەتتىن تالاپەتكە ئۇچراش بىلەن بىرگە، ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىدى.
چېچىنىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنى چوڭ جەھەتتىن تۆۋەندىكىدەك ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ:
1. چاررۇسىيە دەۋرى
چېچىنلەرنىڭ رۇسلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى چارپادىشاھ دەۋرىگە تۇتىشىدۇ. چارپادىشاھ 1 – پېتېر 1722 – يىلى «ئىمكانقەدەر ھىندىستان ۋە ئىستانبۇلغا يېقىن بېرىشىمىز كېرەك. چۈنكى بۇ يەرلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغانلار دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلالايدۇ» دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن باشلاپ، ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان چارپادىشاھلارنىڭ ھەممىسى قىرىم، تۈركىستان، شىمالىي كاۋكاز رايونلىرىنى ۋە خەلقلىرىنى بۇ نىشانغا يېتىشتىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ دەپ قارىدى. رۇسىيەنىڭ (ھىندى ئوكيان قاتارلىق) ئىللىق دېڭىز – ئوكيانلارغا قاراپ كېڭىيىش سىياسىتى سەۋەبلىك، رۇسىيە بىلەن كاۋكاز خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت 18 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا باشلانغان بولۇپ، شۇ يىللاردىن باشلاپ، چېچىنلەر شەيخ مەنسۇر ۋە شەيخ شامىل قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ باشچىلىقىدا رۇسىيەگە قارىتا قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى قوزغىغان.
رۇسلارغا نىسبەتەن، چېچىن مەسىلىسى چاررۇسىيەنىڭ 1783 – يىلى ئازاك قەلئەسىنى قولغا كىرگۈزۈپ، كاۋكاز رايونىغا قوشنا بولۇشى بىلەن باشلانغان. چېچىنلەرمۇ باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرگە ئوخشاش، پراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان چاررۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەن. چېچىنلەرنىڭ قارشىلىقى 19 – ۋە 20 – ئەسىرلەردە ئارىلاپ – ئارىلاپ داۋاملاشقان.
شەيخ مەنسۇر 1785 – يىلى چېچىن خەلقىنى رۇسلارغا قارشى تەشكىللىك قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان ۋە ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ قوللىشى ئاستىدا، «غازات ھەرىكىتى» نامىدا رۇسلارغا قارشى تۇنجى قوراللىق قارشىلىقنى باشلىغان.
ھالبۇكى، كاۋكازلىقلارنى رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى بىر بايراق ئاستىدا توپلىغان تۇنجى رەھبەر ـــ شەيخ مەنسۇر چاررۇسىيەنىڭ مۇنتىزىم قوشۇنلىرىغا تاقابىل تۇرالماي، ئەينى ۋاقىتتا ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگە تەۋە بولغان ئاناپا قەلئەسىگە چېكىنگەن بولسىمۇ، قەلئە قولدىن كەتكەن كېيىن، رۇسلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ، ئۆلگۈچە ئەسىر تۇتۇلغان.
شەيخ مەنسۇرنىڭ دەۋرىدىن كېيىن، 30 يىل داۋاملاشقان ۋە ھالقىلىق كۈرەشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەيخ شەمىل دەۋرى باشلانغان.
شەيخ شەمىل 1834 – يىلى «غازات ھەرىكىتى»نىڭ رەھبىرى بولۇپ تاللانغان. شۇنداقلا، شامىل ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى 1837 – يىلى رۇسلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا رۇسلارنى زور تالاپەتكە ئۇچراتقان. گەرچە چارپادىشاھ بۇ مەغلۇبىيەتتىن كېيىن شەيخ شامىلغا ئۇرۇشتىن ۋاز كېچىش خۇسۇسىدا تەكلىپ خېتى يازغان بولسىمۇ، ئەمما شەيخ شامىل بۇنىڭغا كۆنمىگەن. كاۋكاز خەلقىنىڭ قارشىلىقى سەۋەبلىك ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان رۇسلار قىرىم ئۇرۇشىدىمۇ مەغلۇپ بولغان. بۇ مەغلۇبىيەتلەردىن كېيىن، يېڭىدىن تەختكە چىققان چارپادىشاھ 1859 – يىلى يېڭىدىن تەرتىپكە سېلىنغان قوشۇنى بىلەن شەيخ شامىلنى ئەسىرگە ئالغان. شەيخ شامىل تەخمىنەن 10 يىل ئەسىرلىكتە تۇرغاندىن كېيىن، ھەجگە بېرىش ئۈچۈن چارپادىشاھتىن ئىجازەت ئالغاندىن كېيىن، مەدىنەدە ۋاپات بولغان. شەيخ شامىل تۇتۇلغاندىن كېيىن، چېچىنلەر رۇسلارغا قارشى كۈرەشنى يەنە بەش يىل داۋاملاشتۇرغان بولسىمۇ، 1864 – يىلى ئاساسەن باستۇرۇلغان.
شەيخ شامىل ئانا ۋەتىنىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ مۇستەملىكە قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، پراۋۇسلاۋىيە دىنىنى ئاساس قىلغان چاررۇسىيەگە قارشى جىھادىي ئاڭ بىلەن داۋاملاشتۇرغان كۈرەشنىڭ ئاخىرىدا ئەسىرگە چۈشكەندىن كېيىن، چاررۇسىيە بۇ رايوننىڭ سەزگۈرلۈكى ۋە ئەنئەنىسىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا سىياسەت يۈرگۈزگەن. نەتىجىدە، بۇ رايون ئىقتىسادىي جەھەتتە رۇسىيە بىلەن بىر گەۋدىلىشىشكە باشلاپ، 1912 – يىلى رۇسىيە ئىشلەپچىقارغان نېفىتنىڭ 11.5 پىرسەنتى چېچىنىيەدىن ئېلىنغان بولسا، 1918 – يىلىغا كەلگەندە بۇ نىسبەت 25 پىرسەنتكە ئۆرلىگەن. ئەمما، رايوندىكى بۇ ئۆزگىرىشلەر چېچىنلەرگە پايدا ئېلىپ كەلمىگەن. چېچىنلەر بۇ يەرنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا ياشىغان بولسا، بۇ رايونغا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن رۇسلار ۋە ئۇكرائىنلار ئىقتىسادىي يۈكسىلىشتىن نەپكە ئېرىشكەن (بۇ جەھەتتىكى ئەھۋال شەرقىي تۈركىستاندىكىگە ئاساسەن ئوپمۇئوخشاش، ت).
2. سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدىكى چېچىنىيە
1917 – يىلىدىكى بولشېۋىك ئىنقىلابى نەتىجىسىدە، كوممۇنىست تۈزۈلمىنى ياقىلىغان سوۋېت ئىتتىپاقى چاررۇسىيەنىڭ ئورنىنى ئالدى ۋە چېچىنىيە داۋاملىق رۇسلارنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا قالدى. 1922 – يىلى 5 – ئايدا گرۇزىيە، ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە قاتارلىق دۆلەتلەر مۇستەقىللىقىنى جاكارلاپ، سوتسىيالىستىك تۈزۈلمىنى قوبۇل قىلغان جۇمھۇرىيەتلەرگە ئايلاندى. مەزكۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان شىمالىي كاۋكازمۇ مۇستەقىللىق جاكارلىماقچى بولغان بولسىمۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى ۋە 1936 – يىلىدىن كېيىنكى سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە چېچىنلەر چېچېن – ئىنگۇش ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىگە تەۋە بولدى.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانلار بىلەن ھەمكارلاشقان دەپ ئەيىبلەنگەن چېچىن ۋە ئىنگۇشلار 1944 – يىلى مىڭلىغان كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان كۆچ – كۆچكە مەجبۇرلاندى. ئۇلارنىڭ سەپەرگە تەييارلىق قىلىۋېلىشىغا ناھايىتى ئاز ۋاقىت بېرىلگەچكە، چېچىنلەر يېنىغا يوقنىڭ ئورنىدا نەرسە – كېرەك ئېلىۋالالىدى، ئۇلارنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن مال – مۈلۈكلىرى ۋە مال – چارۋىلىرى مۇسادىرە قىلىندى. چېچېن – ئىنگۇش ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
قازاقىستان ۋە سىبىرىيەگە مەجبۇرىي سۈرگۈن قىلىنغان بۇ چېچىن ۋە ئىنگۇشلارنىڭ يىگىرمە پىرسەنتى ناچار ھاۋارايى ۋە ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتتى. ئەمما، ھاياتىدىن ئايرىلغانلار بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمىدى. نۇرغۇن كىشىلەر سۈرگۈن قىلىنغان جايلاردىكى كىلىمات شارائىتى ۋە ۋابا سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلدى. سۈرگۈندىكى چېچىن ۋە ئىنگۇشلىقلارنىڭ 38 پىرسەنتىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. شۇ قېتىملىق كۆچۈش جەريانىدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن 200 مىڭ چېچىننىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى خاتىرىلەنگەن.
1953 – يىلى 3 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ستالىننىڭ ئۆلۈشى بىلەن چېچىنلەرگە قارىتىلغان بېسىم بىرئاز پەسىيىپ، 1957 – يىلى چېچىن – ئىنگۇش جۇمھۇرىيىتى سوۋېت رۇسىيەسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە قايتىدىن قۇرۇلۇپ، سۈرگۈندىكى چېچىنلەر ۋەتىنىگە قايتىشقا باشلىدى. لېكىن، چېچىنلەر ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، يەر مەسىلىسى ۋە ئىشسىزلىق قاتارلىق ئېغىر مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى.
3. رۇسىيە فېدېراتسىيەسى مەزگىلىدىكى چېچىنىيە
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ، 1980 – يىللارنىڭ ئاخىرىدا چېچىنلەرنىڭ ئېتىرازى كۈچىيىشكە باشلىدى ھەمدە 1989 – يىلىدىن كېيىن، چېچىنىيەدە سىياسىي ھەرىكەتلەر ۋە دىنىي مۇددىئاغا ئىگە تەشكىلاتلار بارلىققا كېلىشكە باشلىدى.
سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ تەسىرىنىڭ يوقىلىشى بىلەن بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىدىمۇ قوزغىلاڭ باشلاندى. بىرىگادا گېنېرالى جەۋھەر دۇدايېف بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىدىكى قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا بۇيرۇلدى. ئەمما، ئۇ بۇيرۇقنى ئورۇندىمىغانلىقى ئۈچۈن، يۇرتى چېچىنىيەگە سۈرگۈن قىلىندى.
چېچىن مىللىتىدىن بولغان جەۋھەر دۇدايېف 1944 – يىلىدىكى چوڭ سۈرگۈندە ئائىلىسى بىلەن بىللە قازاقىستانغا كېتىشكە مەجبۇر بولغان. كېيىن يۇرتىغا قايتىپ، تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى تاماملىغاندىن كېيىن، 1960 – يىلى ۋىلادىكافكاستىكى ئىلىم – پەن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن ۋە رۇسىيەنىڭ تومبوۋ شەھىرىدىكى ھاۋا ئارمىيىسى مەكتىپىگە تىزىملاتقان. ئارمىيەدە تېزلىكتە باش كۆتۈرگەن دۇدايېف 1984 – يىلى پولتاۋا شەھىرىگە باتالىيون كوماندىرى، 1986 – يىلى ئېستونىيەنىڭ تارتۇ شەھىرىگە گارنىزون قوماندانى قىلىپ تەيىنلەنگەن. ئۇنىڭغا ھەربىي ساھەدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئۈچۈن بىرىگادا گېنېرالى ئۇنۋانى بېرىلگەن.
بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىدىكى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە بىۋاسىتە شاھىت بولغان دۇدايېف ئۆز ۋەتىنىدىكى مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى قوللىغان ۋە بىۋاسىتە ئىشتىراك قىلغان.
1990 – يىلى، چېچىن – ئىنگۇش جۇمھۇرىيىتى ئىچىدىكى پائالىيەتلەر تېخىمۇ جانلىنىپ، چېچىن خەلق مىللىي مەجلىسى قۇرۇش قارار قىلىندى. قۇرۇلتاي چېچىن – ئىنگۇش يېزىلىرى ۋە شەھەرلىرىدىن تاللانغان ۋەكىللەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن گروزنىيدا ئۆتكۈزۈلدى. قۇرۇلتايدا ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېلان قىلغان چېچىن جۇمھۇرىيىتى جەۋھەر دۇدايېفنى قۇرۇلتاي باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىدى.
1991 – يىلى، چېچىن خەلق مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسى جەۋھەر دۇدايېفنىڭ قوللىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي ئۆزگىرىشتە چېچىنىيەدىكى كوممۇنىست ھاكىمىيەت ئاغدۇرۇلدى ۋە ئارقىدىنلا ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا، دۇدايېف پرىزدېنت بولۇپ سايلاندى. موسكۋا ھۆكۈمىتى بولسا سايلام نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. چېچىنىيەنىڭ رۇسىيە، ئۇكرائىنا ياكى ئېستونىيە قاتارلىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلغان 15 ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتنىڭ بىرى بولماستىن، بەلكى يىقىلغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەكسىچە قانۇنىي مەۋجۇتلۇقى داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدىن ئىبارەت بىر قۇرۇلمىغا تەۋە ئىكەنلىكى، چېچىنىيەنىڭ سىياسىي ئورنى مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلدى.
1991 – يىلى 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنى مۇستەقىللىقىنى رەسمىي جاكارلىغان چېچىنىيە سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە رۇسىيەدىن ئايرىلدى. رۇسىيە تېررىتورىيە پۈتۈنلۈكىگە تەھدىت سالغان بۇ مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنى ئېتىراپ قىلمىغان فېدېراتسىيەسى چېچىنىيەنىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇردى. 1991 – يىلى 11 – ئاينىڭ 7 – كۈنى، رۇسىيە پرىزدېنتى يېلتسىن «ئاساسىي قانۇن تەرتىپىنى قوغداش»نى باھانە قىلىپ، چېچىنىيەدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى.
چېچىنلەر 1991 – يىلى 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنى مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، چېچىن – ئىنگۇش جۇمھۇرىيىتى تارقىتىۋېتىلدى. بۇ زېمىننىڭ ساھىبلىرى بولغان چېچىنلەر ۋە ئىنگۇشلار بۇ مەسىلىنى تىنچ ھەل قىلدى ۋە نەتىجىدە 1991 – يىلى 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنى قۇرۇلغان مۇستەقىل «ئىچكىرىيە چېچىن جۇمھۇرىيىتى» ۋە 1994 – يىلى 6 – ئاينىڭ 4 – كۈنى قۇرۇلغان ئىنگۇش جۇمھۇرىيىتىدىن ئىبارەت ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلدى.
بىرىنچى قېتىملىق چېچىن – رۇس ئۇرۇشى
1991 – يىلى نويابىردا چېچىنلەرنىڭ مۇستەقىللىق جاكارلىشى بىلەن، چېچىنلەر بىلەن رۇسلار ئارىسىدىكى تىركىشىش باشلاندى. ئەمما، 1994 – يىلى يازغىچە، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى يېلتسىن، گورباچېۋ ۋە كوممۇنىستلار ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق كۈرىشى سەۋەبىدىن، چېچىنىيەگە ھەربىي مۇداخىلە قىلالمىدى. ھەتتا بۇ جەرياندا، 1993 – يىلى، رۇسىيەدە ئىچكى ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كەتكىلى تاس قالغان ئاساسىي قانۇن كرىزىسى يۈز بەردى.
گەرچە رۇسىيە فېدېراتسىيەسى چېچىنىيەگە ئەسكەر ئەۋەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما دۆلەتچىلىك تەجرىبىسى مول رۇسلار چېچىنىيەنىڭ مۇستەقىللىق قارارىنى ئېتىراپ قىلماسلىق ۋە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىشتىن باشقا، چېچىنىيەگە ئىقتىسادىي ئېمبارگو يۈرگۈزدى. ئەمما، ھەممىدىن مۇھىمى، رۇسلار دۇدايېفقا قارشى بارلىق چېچىن ئۆكتىچىلەرنى «ۋاقىتلىق كېڭەش» نامىدا بىر يەرگە يىغىپ، قوراللاندۇردى.
1994 – يىلى 26 – نويابىر، «ۋاقىتلىق كېڭەش» نامىدىكى موسكۋاپەرەس ئۆكتىچىلەر دۇدايېفنىڭ قىسىملىرىغا قوراللىق ھۇجۇم قوزغىدى ۋە دۇدايېف كۈچلىرى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى. دۇدايېفنىڭ قوشۇنلىرى پايتەخت گروزنىينى ئالغاندىن كېيىن، موسكۋادىكى بورىس يېلتسىن ھۆكۈمىتى چېچىنىيەگە بىۋاسىتە مۇداخىلە قىلىشنى قارار قىلدى.
دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەر سەۋەبىدىن، چېچىنىيەگە ھەربىي مۇداخىلە قىلىش بۇ مەسىلىلەرنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ دەپ قارىغان رۇس خەلقى ئېلىپ بېرىلغۇسى ھەرىكەتكە ئىجابىي نەزەردە قارىمىدى. ئەمما، (ئۆزىنى چاغلىماي) چېچىنىيەنى ئىككى سائەت ئىچىدە قولغا كىرگۈزىمىز دەپ ئويلىغان قوماندانلار ھەربىي مۇداخىلە قىلىش زۆرۈر دەپ قارىدى. ئەمما، رۇس قوماندانلىرى «بىردەمدىلا ئاياغلىشىدۇ» دەپ قارىغان چېچىنىيە تۇپراقلىرىدىكى ئۇرۇش ئالاھەزەل ئىككى يىلغا يېقىن داۋاملاشتى.
موسكۋاپەرەس ئۆكتىچىلەر جىمىقتۇرۇلغاندىن ۋە رۇسىيەنىڭ ھەربىي مۇداخىلە قارارىدىن كېيىن، چېچىنىيەدىكى ئىچكى توقۇنۇشتىن پاراكەندە بولغان چېچىنلەر جەۋھەر دۇدايېفنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشتى.
1994 – يىلى ئۇرۇش باشلىنىشى بىلەن چېچىن زېمىنىدا، بولۇپمۇ پايتەختتە رۇس ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوللىشى ئاستىدا نۇرغۇن ھۇجۇملار ئېلىپ بېرىلدى. چېچىنلەر ھاۋا ھۇجۇمىدا تولىمۇ پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى. رۇسلار كېيىنچە چېچىنىيەگە قۇرۇقلۇقتىنمۇ كىردى – يۇ، ئەمما ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە قارشىلىققا دۇچ كەلدى. پارتىزانلىق تاكتىكىسى بىلەن كۈرەش قىلغان چېچىنلەر رۇسلارنى زور تالاپەتكە ئۇچراتتى. رۇسلار 1995 – يىلى يازدىكى چوڭ جەڭدىن كېيىن بۇ رايوننى ئىشغال قىلدى.
رۇسلارنى چېكىنىشكە مەجبۇرلاش ئۈچۈن، چېچىن مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق قوماندانلىرىدىن بىرى بولغان شامىل باسايېۋ موسكۋادا ۋەقە چىقىرىشنى قارار قىلدى ۋە جەسەت ساندۇقىغا سېلىنغان رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلۈكىنى ئەكېتىۋاتقان قىياپەتتە 150 كىشى بىلەن يولغا چىقتى. ئەمما، بۇدېننوۋىسكىدىكى بىر ساقچى بۇنى بايقاپ قالغاچقا، باسايېۋ باشچىلىقىدىكى بۇ پىدائىيلار ھۇجۇمنى شۇ يەرگە قىلىشقا مەجبۇر بولدى. نۇرغۇن ساقچىلار بويسۇندۇرۇلغاندىن كېيىن، 700 دىن ئارتۇق كىشى بىر دوختۇرخانىدا گۆرۈگە ئېلىندى. رۇسلارنىڭ قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى كارغا كەلمىگەچكە، بۇ ھەرىكەت دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا كۈچلۈك زىلزىلە قوزغىدى.
چېچىنىيەدە ئويلىمىغان قارشىلىققا دۇچ كېلىپ، مىڭلىغان ئەسكىرىدىن ئايرىلغان رۇسىيە بۇ ۋەقە سەۋەبىدىن دۆلەت ئىچى سىياسىتىدىمۇ كونترول كىرىزىسىگە دۇچ كەلدى ۋە خەلقئارا سىياسىي سەھنىدە يۈزىنى تۆكۈۋالدى. رۇسلارنىڭ سۆھبەت داۋامىدا چېچىنلەرگە قانداق يول قويغانلىقى تېلېۋىزور خەۋەرلىرىدىن ئورۇن ئالدى. رۇسلار دۇدايېف بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا كۆندۈرۈلگەن ۋە باسايېف باشچىلىقىدا ھەرىكەتكە قاتناشقانلارنىڭ چېچىنىيەگە قايتىپ كېتىشى ئۈچۈن زۆرۈر شارائىت ھازىرلانغاندىن كېيىن، ئۇشبۇ كرىزىس ئاخىرلاشتى.
ئەمما، 1996 – يىلى 4 – ئاينىڭ 23 – كۈنى، چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى پرىزدېنتى جەۋھەر دۇدايېف رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى بىلەن ئۆلتۈرۈلدى. ھالبۇكى، چېچىنلەر دۇدايېفنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە قارىماي، 1996 – يىلى 8 – ئايدا گروزنىينى قايتۇرۇۋالدى ھەمدە 1996 – يىلى 8 – ئايدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن، رۇسىيە ئىككى يىل داۋاملاشقان ئۇرۇشتىكى مەغلۇبىيىتىنى قوبۇل قىلىپ چېچىنىيەدىن چېكىندى.
«خاساۋيۇرت تىنچلىق شەرتنامىسى»
بىرىنچى چېچىن ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا «خاساۋيۇرت تىنچلىق شەرتنامىسى» ئىمزالاندى. مەزكۇر شەرتنامىدە چېچىنىيەنىڭ سىياسىي ئورنىنى بېكىتىش ئۈچۈن بەش يىل مۇددەت بېكىتىلگەن ۋە شۇنىڭ بىلەن بىللە، چېچىنىيەدىكى گروزنىينى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇرۇشتىن كېيىن ئاساسەن ۋەيران بولغان بارلىق شەھەرلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش چىقىملىرىنى رۇسىيەنىڭ ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى بەلگىلەنگەنىدى. ھالبۇكى، بۇ شەرتنامىنىڭ چېچىنلەر ۋە باشقا بەزى كىشىلەر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم يەنە بىر تەرىپى شۇكى، بۇ شەرتنامە چېچىنلەرگە كۆرە، رەسمىي بولمىسىمۇ، ئەمەلىي رەۋىشتە چېچىنلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىق ئىدى. چېچىنلەر «رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىلەن ئىچكىرىيە چېچىن جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق ۋە مۇناسىۋەت پرىنسىپلىرى شەرتنامىسى» دېگەن جۈملىنىمۇ بۇنىڭغا دەلىل سۈپىتىدە كۆرسىتىشىدۇ. چۈنكى، خەلقئارا قانۇنلارغا كۆرە، «شەرتنامە» پەقەت مۇستەقىل دۆلەتلەر ئارىسىدىلا ئىمزالىنىدۇ. بۇ يەردىمۇ «شەرتنامە» سۆزى ئىشلىتىلگەنلىكى ئۈچۈن، مۇستەقىللىق قوبۇل قىلىنغان بولىدۇ.
يەنە بىر نۇقتا شۇكى، فېدېراتىپ دۆلەت بىلەن ئۇنىڭ بىر پارچىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئاساسىي قانۇن تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر شەرتنامىنىڭ تېكىستىدە رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئاساسىي قانۇنى تىلغا ئېلىنمىغان. ئاخىرىدا، شەرتنامىدە «ئىچكىرىيە چېچىن جۇمھۇرىيىتى»دىن ئىبارەت چېچىنلەر ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىگە قويغان ئىسىم قوللىنىلغان. رۇسىيە بۇ ئىسىمنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە چېچىنىيەنىڭ مۇستەقىللىقنى ئېتىراپ قىلغانىدى.
گەرچە بۇ تىنچلىق شەرتنامىسىدىن كېيىن ھەربىي توقۇنۇشلار توختىغان بولسىمۇ، سىياسىي ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇشلار داۋاملاشتى. بۇ توقۇنۇشلارنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى تىنچلىق شەرتنامىسىنىڭ مۇكەممەل بىر شەرتنامە بولمىغانلىقى ئىدى. جۈملىدىن، مەزكۇر شەرتنامىدە ئىككى تەرەپنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئېنىق بېكىتىلمىگەنىدى. نەتىجىدە، رۇسىيە چېچىنىيەنى ئۆزىگە تەۋە فېدېراتسىيە قىلىشقا ئۇرۇنسا، چېچىنىيە مۇستەقىللىق كويىدا يۈردى.
ئىككىنچى قېتىملىق چېچىن – رۇسىيە ئۇرۇشى
2 – قېتىملىق چېچىن – رۇسىيە ئۇرۇشىغا سەۋەب بولغان ئەڭ مۇھىم ۋەقە چېچىن رەھبىرى جەۋھەر دۇدايېفنىڭ بىرىنچى قېتىملىق چېچىن ئۇرۇشىدا رۇسلارنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلۈشى ئىدى. دۇدايېف شەيخ مەنسۇر ۋە شەيخ شامىل دەۋرىدىن كېيىن بارلىق چېچىنلەرنى ئۆز ئەتراپىغا توپلىيالىغان تۇنجى كىشى ئىدى. ھالبۇكى، چېچىنلەرنىڭ بۇ ئۆملۈكى دۇدايېف ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى سايلامدا تەۋرىنىپ قالدى. دۇدايېفتىن كېيىن، شامىل باسايېف ۋە ئاسلان ماسخادوف قاتارلىق چېچىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق شەخسلەر پرىزدېنتلىق سايلىمىغا قاتناشتى. بۇ سايلامدا، ئاسلان ماسخادوف پرىزدېنت بولۇپ سايلاندى، شامىل باسايېفمۇ ئۇنى تەبرىكلىدى. ئەمما، ئۇ دۇدايېفقا ئوخشاش ھەممەيلەننى ئەتراپىغا توپلىيالمىدى. بۇنىڭدىكى بىر سەۋەب چېچىن قەبىلىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇش ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، بىرىنچى چېچىن ئۇرۇشىنىڭ سەرخىل قوماندانلىرى ئۆز ئالدىغا ياكى ماسلاشماي ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغانىدى.
چېچىنىيە ۋە پۈتكۈل شىمالىي كاۋكاز رايونىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قاتارلىق يەر ئاستى بايلىقلىرىدىن، شۇنداقلا ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ رايوندىن مەھرۇم قېلىش رۇسىيە ئۈچۈن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، رۇسىيە چېچىنىيەگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتتە قوللاش ۋە ئورۇنلۇق باھانە ئىزدەۋاتاتتى. نەتىجىدە، چېچنىيەدىكى ئۇرۇشنى پۈتكۈل شىمالىي كاۋكاز رايونىغا كېڭەيتمەكچى بولغان شامىل باسايېف ۋە خەتتاب باشچىلىقىدىكى چېچىن قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم قوماندانلىرى موسكۋا ھۆكۈمىتىنى ئۇلار ئېھتىياجلىق بولغان كوزېر بىلەن تەمىنلىدى. ئۇلار 1998 – يىلى رۇسىيە بىلەن بولغان مەسىلىنى يەنە بىر قېتىملىق ئۇرۇش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلماقچى بولغان پرىزدېنت ئاسلان ماسخادوفنى خەۋەرلەندۈرمەيلا، ئۆزلىرى قوماندانلىق قىلغان ئەسكەرلەر بىلەن داغىستان رايونىغا كىردى ۋە يەرلىك خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەر خىل يىغىنلارنى ئۆتكۈزدى. جەنۇبىي داغىستاندىكى ئىككى يېزا باسايېف ۋە خەتتابنىڭ تەسىرىدە شەرىئەت ئېلان قىلغاندا، رۇسلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، قول ئاستىدىكى ئەسكەرلىرى بىلەن رۇسىيەنىڭ داغىستاندىكى ھەربىي بازىلىرىغا ھۇجۇم قوزغىغان خەتتاب ۋە باسايېۋ زۆرۈر قوللاشقا ئېرىشەلمىگەچكە چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى ۋە ئارقا – ئارقىدىن يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەلەر دەل رۇسىيە كۆزلىگەن ۋەزىيەتنى ياراتتى.
رۇسىيە جامائەتچىلىكىدە چېچىنلەرگە بولغان نارازىلىقنىڭ كۈچىيىشى موسكۋا ھۆكۈمىتىنىڭ چېچىنىيەگە قايتا تاجاۋۇز قىلىشىنى ئاسانلاشتۇردى. 1999 – يىلى 10 – ئايغا كەلگەندە، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ باش مىنىستىرى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە پرىزدېنت يېلتىسىن چېچىنىيەگە قارشى يېڭى ئۇرۇشنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇرۇش ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن چېچىن ھۆكۈمىتى، پرىزدېنتى ۋە پارلامېنتىنى قانۇنسىز دەپ جاكارلىدى. موسكۋا ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق ھەم ئۆزى ئۈچۈن قانۇنىي ئاساس ھازىرلاشنى، ھەم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نارازىلىقىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشنى مەقسەت قىلغانىدى. قانۇنسىز دەپ ئېلان قىلىنغان ماسخادوف ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچلىق تەكلىپى، توپىلاڭچىلارنى باستۇرۇش تەكلىپى، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەسىلىنى تىنچ يول ئارقىلىق ھەل قىلىش تەكلىپى بىردەك پۇتىن تەرىپىدىن قەتئىي رەت قىلىندى.
ئۆكتەبىرنىڭ بېشىدىن باشلانغان ئۇرۇشنىڭ بىرىنچى ھەپتىسىدە چېچىنىيە زېمىنىنىڭ ئۈچتىن بىرى بېسىۋېلىندى. رۇسىيە ئارمىيىسى پايتەخت گروزنىيغا 25 كىلومېتىر ئارىلىققىچە يېقىنلاشقاندىن كېيىن، چېچىنىيە پرېزىدېنتى ئاسلان ماسخادوف ھەربىي ھالەت ئېلان قىلدى ۋە بارلىق چېچىنلەرنى رۇسىيەگە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى. بەك كۆپ تالاپەتكە ئۇچراپ، رۇس جامائەتچىلىكىنىڭ ئېتىرازىنى قوزغاشتىن قورققان رۇسىيە ئارمىيىسى ئاستا – ئاستا ئىلگىرىلىدى. رۇسىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن تامامەن قورشىۋېلىنغان چېچىنىيە زېمىنى ئالدى بىلەن ھاۋادىن بومباردىمان قىلىنىپ، ئاندىن قۇرۇقلۇق ئارقىلىق ئىشغال قىلىندى. شۇ رەۋىشتە نۆۋەت پايتەخت گروزنىيغا كەلدى. 1999 – يىلى 12 – ئاينىڭ 5 – كۈنى، گروزنىي پۈتۈنلەي قورشاۋدا قالدى، 11 – دېكابىر ھۇجۇم باشلاندى ۋە 2000 – يىلى 2 – ئاينىڭ 3 – كۈنى، گروزنىينىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى رۇسىيەنىڭ قولىغا ئۆتتى.
چېچىنىيەگە قارشى ھەرىكەتلەر باشلىنىپ، ئۇرۇش جىددىي داۋام قىلىۋاتقان بۇ جەرياندا، رۇسىيە پرىزدېنتى بورىس يېلتىسىن 1999 – يىلى 12 – ئايدا ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ، رۇسىيەدىكى تېرورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ مەنبەسىنى چېچىنىيە دەپ قارايدىغان ۋە ئۇنى ھەل قىلىشقا قەتئىي بەل باغلىغان باش مىنىستىر پۇتىن پرىزدېنت بولۇپ سايلاندى.
چېچنىيەنىڭ چوڭ شەھەرلىرى ۋە پايتەختى رۇسىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەندە، مۇجاھىدلار تاغقا چېكىندى. گەرچە مۇجاھىدلارنىڭ تاغقا چېكىنىشى بىلەن ئۇرۇشنىڭ جىددىيلىكى پەسەيگەن بولسىمۇ، لېكىن شەكلى ئۆزگەرگەن رەۋىشتە داۋاملاشتى، يەنى پارتىزانلار ئۇرۇشىغا ئايلاندى ۋە 2009 – يىلىغا كەلگەندە بۇ خىل پارتىزانلىق ئۇرۇشىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن ئاياغلاشتى.
«خەلقئارا جامائەتچىلىك موسكۋا ھۆكۈمىتىگە قىرغىنچىلىق ۋە ئۇرۇش جىنايىتى توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىدۇ ۋە قىرغىنچىلىققا يول قويمايدۇ» دەپ ئويلىغان چېچىنلەر خاتالاشقانىدى. پۈتۈنلەي قامال قىلىنغان، ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن بومباردىمان قىلىنغان، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈۋېتىلگەن ۋە تاراتقۇ خادىملىرىنىڭمۇ كىرىشى چەكلەنگەن چېچىنىيەدە سادىر قىلىنغان جىنايەتلەرگە قارشى خەلقئارادىن «بېسىم» دېگۈدەك بىرەر ئىنكاس چىقمىدى.
بۇ قېتىملىق ئۇرۇشتا چېچىنلەر پەۋقۇلئاددە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى بەزى ئىستاتىستىكىلار تۆۋەندىكىچە:
چېچىن ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مۆلچەرىگە كۆرە، پارتىلاشتا بۇزۇلغان ئۆيلەرنىڭ سانى ئەللىك مىڭدىن ئاشىدۇ؛ 420 يېزىنىڭ 270 ى پۈتۈنلەي، 68 ى قىسمەن ۋەيران بولغان؛ 23 ۋىلايەتنىڭ 14 ى ئاساسەن خارابىلىككە ئايلانغان. 1999 – يىلدىن 2001 – يىلغىچە بولغان ئۇرۇشتا سەكسەن مىڭ چېچىن ھاياتىدىن ئايرىلغان، 30 مىڭدىن ئارتۇق چېچىن جازا لاگېرلىرىدا قىيىن – قىستاققا ئۇچرىغان، 20 مىڭ چېچىن سوتلانمايلا ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچرىغان. 6000 چېچىن يوقاپ كەتكەن ۋە 30 مىڭ چېچىن مېيىپ قىلىنغان.
ئىككىنچى قېتىملىق چېچىن – رۇس ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دەۋر: «قادىروفلار دەۋرى»:
رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە، 2000 – يىلى 6 – ئاينىڭ 8 – كۈنى چېچىنىيەنى رۇسىيەنىڭ بىر قىسمى دەپ جاكارلىدى. بىرىنچى قېتىملىق چېچىن ئۇرۇشىدا مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان ۋە «بىر چېچىن ئون رۇسنى ئۆلتۈرمەي تۇرۇپ ئۆلمەسلىكى كېرەك» دېگەن چېچىنىيە مۇپتىسى ئەھمەد قادىروف چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرىزدېنتلىقىغا تەيىنلەندى. بۇنىڭدىن سىرت رۇسىيەگە بولغان ساداقەت 2003 – يىلى چېچىنىيەدە ماقۇللانغان ئاساسىي قانۇندىن رەسمىي ئورۇن ئالدى.
پۇتىن تەرىپىدىن چېچىن قوزغىلاڭچىلىرىنى تېپىپ يوقىتىش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغان تەشكىلات 2004 – يىلى قاتاردا بىرىنچى قېتىملىق چېچىن ئۇرۇشى دەۋرىدىكى رەھبەرلەرنىڭ بىرى بولغان ۋە دۇدايېف ۋاپات بولغاندىن كېيىن چېچنىيە ھاكىمىيىتىگە ۋاقىتلىق رىياسەتچىلىك قىلغان زېلىمخان يانداربىيېۋنى قەستلەپ ئۆلتۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن، چېچىن قوزغىلاڭچىلىرى شۇ يىلى بومبا ھۇجۇمى ئارقىلىق ئۆزلىرى «رۇسىيەنىڭ قورچىقى» دەپ قارىغان ئەھمەد قادىروفنى ئۆلتۈردى.
ئەھمەد قادىروف ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، موسكۋاغا تېزلىكتە ئېلىپ كېلىنگەن ئوغلى رامزان قادىروف ياش چەكلىمىسى سەۋەبىدىن پرىزدېنت بولالمىغاچقا، باشقا بىرەيلەن بۇ ئورۇنغا ۋاقىتلىق تەيىنلەندى. 2006 – يىلى 3 – ئاينىڭ 4 – كۈنى رامزان قادىروف ۋەزىپە ئۆتىسە بولىدىغان ياشقا توشقان ھامان چېچنىيەنىڭ پرىزدېنتلىقىغا تەيىنلىدى ۋە بۈگۈنگىچە بۇ ۋەزىپىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
رامزان قادىروف تەختتە ئولتۇرغان بۇ مەزگىلدە، 2010 – يىلى 3 – ئاينىڭ 30 – كۈنى، چېچىنىيە ئۇرۇشىدا قازا قىلغانلارنىڭ تۇل ئاياللىرىنىڭ موسكۋادا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقى؛ يەنە شۇ يىلى 10 – ئاينىڭ 19 – كۈنى، گروزنىينىڭ لېنىن رايونىدىكى چېچىن پارلامېنت بىناسىنىڭ قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئالتە ئادەم ئۆلۈپ، 17 ئادەم يارىلانغانلىقى دېگەندەك ساناقلىق بىر قانچە ۋەقەنى ھېسابقا ئالمىغاندا، رۇسىيەگە قارشى پائالىيەتلەر ئاساسەن كۆرۈلمىدى، كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭدىن سۆز ئېچىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، رۇسىيە ھازىرچە بولسىمۇ چېچىنىيەنى «ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش» جەھەتتە ئۇتۇق قازانغاندەك تۇرىدۇ.

جاۋاب يېزىش

error: Content is protected !!