بىر ئىنقىلابچىنىڭ ھەسرىتى
(تېما تەھرىر تەرىپىدىن قويۇلدى؛ بۇ ئەسەر ئۇيغۇرلار ژۇرنىلىنىڭ 24-سانىدا ئېلان قىلىنغان)
ئېلشات ھەسەن
3 – ئاينىڭ 31 – كۈنى، چۈشتىن كېيىن ۋاقىتلىرى بولسا كېرەك، ئىشخانىدا پۈتۈن دىققىتىم بىلەن ھۆججەت رەتلەۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز تېلېفونۇم سايراپ كەتتى. تېلېفوننى ئېلىۋىدىم، «نيۇيوركلۇق» (NewYorker) ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرىدىن كەلگەنىكەن.
سالام – سەھەتتىن كېيىن، مۇخبىر سەل ئىككىلىنىپرەك: «بىر ماقالە بار ئىدى، ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن سىزگە بىر ئىشنى ئېيتماقچى ئىدىم، ئىدىيەڭىزدە تەييارلىق بولۇپ قالار» دېدى. شۇئان يۈرىكىم بوغۇزۇمغا قاپلىشىپ قالغاندەك بولدۇم ۋە گەپ قىلالماي، جىممىدە تۇرۇپ قالدىم. مۇخبىرمۇ بىر ئاز تۇرۇۋېتىپ: «ئاڭلاۋاتامسىز؟» دېدى.
«ئاڭلاۋاتىمەن، دەۋېرىڭ» دېدىم مەن.
«مۇنداق گەپ. بىزنىڭ تەكشۈرۈشىمىز ۋە گۇۋاھچىلار بىلەن ئۆتكۈزگەن زىيارىتىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، چوڭ سىڭلىڭىز، ئىككىنچى سىڭلىڭىز، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئېرى ۋە چوڭ قىزى بىردەك كۇيتۈن جازا لاگېرىدا ئىكەن. ئىككىنچى سىڭلىڭىزنىڭ يۈرەك كېسىلى بولغاچقا، دائىم ھوشىدىن كېتىدىكەن. ھەر قېتىم، شۇنداق ئىش يۈز بەرگەندە، ساقچىلار ھېچقايسى تۇغقىنىڭىزنىڭ ياردەملىشىشىگە يول قويماستىن، سىڭلىڭىزنى سۆرەپلا ئەچىقىپ كېتىدىكەن. چوڭ سىڭلىڭىزمۇ روھىي جەھەتتىن تۈگىشىپلا كەتكەنمىش … ئاڭلاۋاتامسىز؟».
«ئاڭلاۋاتىمەن» دېدىم – يۇ، ئاۋازىمنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ۋە شۇنچىكى تىترەپ چىقىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم.
«گۇۋاھچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، جازا لاگېرىنىڭ رەھبىرى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا سىڭىللىرىڭىزغا <سىلەرنىڭ مەسىلەڭلەر ئاكاڭلار! ئاكاڭلار ئۆلسە، مەسىلەڭلار ئاندىن ھەل بولىدۇ> دەپتۇمىش».
مۇخبىرنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى تەسەللى سۆزلىرىگە تەكەللۇپ يۈزىسىدىنلا «بولىدۇ، بولىدۇ، چاتاق يوق، خاتىرجەم بولۇڭ» دەپ گەپنى تۈگەتتىم. تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، جايىمدا قانچە ئۇزۇن ئولتۇرغىنىمنى بىلمەيمەن. يىغلىغۇم كېلەتتى – يۇ، يىغلىيالمايتتىم. يۈرىكىم ئاغرىۋاتاتتى، ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدنى ئۆرتەيدىغان، ئاجايىپ ئېغىر ئاغرىق ئىدى.
لاگېر مەسئۇلىنىڭ «سىلەرنىڭ مەسىلەڭلەر ئاكاڭلار! ئاكاڭلار ئۆلسە، مەسىلەڭلار ئاندىن ھەل بولىدۇ» دېگەن سۆزى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلايتتى. مەن ياشىغان مۇددەتتە، ئاتا – ئانام، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتقۇنلىرى ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى مېنىڭ ئاتا – ئانام، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمنى لاگېرلارغا سولاپ قىيناش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەندەك بىر «قاچقۇن»نىمۇ روھىي جەھەتتىن قىيناۋاتاتتى.
چوڭ سىڭلىم ماڭا قەۋەتلا ئامراق ئىدى. ۋەتەندىكى چاغلىرىمدا، ئۇنى كۆرگىلى بارساملا، يانچۇقۇمغا پۇل تىقىپ، «سىزدەك <مۇئەللىملەرنىڭ مائاشى يۇقىرى بولمايدۇ، سىز كىتابقا ھېرىسمەن ئادەم، بۇ <پارچە پۇل>لارغا كىتاب سېتىۋالارسىز» دەيتتى. مەن چەتئەلگە چىقىپ بىرەر يىلچە بولغاندا، ئۇ ئېرى بىلەن ئاجرىشىپ، ئىككى بالىسىغا ئۆزى يالغۇز قاراۋاتقان بولغاچقا، تۇرمۇشى بەكلا جاپالىق ئىدى.
شۇ ۋەجىدىن، مەن ئامېرىكاغا كېلىپ، ھال – ئەھۋالىم ياخشىلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا بىر قانچە قېتىم پۇل ۋە پوسۇلكا ئەۋەتكەنىدىم. كېيىن ئۇ (مەن ئەۋەتكەن) پۇلنى ئېلىشنىڭ پەۋقۇلئاددە تەسلىشىپ كەتكەنلىكىنى يوپۇتۇپ ئېيتتى. كېيىن ئۇنىڭ قىزى بىر خاتىرە كومپيۇتېر ئالغۇسى بارلىقىنى ئېيتقانىكەن، سىڭلىم ئامالسىز ماڭا ئېغىز ئېچىپ، كومپيۇتېردىن بىرەرنى ئەۋەتىپ بېرەلەيدىغان – بېرەلمەيدىغانلىقىمنى سورىۋىدى، مەن «چاتاق يوق» دېدىم.
مەن ھەر تەرەپتىن سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ، تېكساستىكى بىر دوستۇمنىڭ تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن ۋەتەنگە قايتىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم – دە، ئۇنىڭدىن كومپيۇتېردىن بىرنى ئالغاچ كېتىشنى ئۆتۈندۈم. ئۇمۇ ماقۇل بولدى. شۇنىڭ بىلەن، مەن ئۇدۇل تېكساستىكى ئاشۇ دوستۇمنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىلىدىغان قىلىپ، توردىن خاتىرە كومپيۇتېردىن بىرنى زاكاس قىلدىم. دوستۇم كومپيۇتېرنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قۇتىسىنى ئېچىپ باقمايلا ئۈرۈمچىگە ئەكەتتى.
كېيىن شۇنىڭدىن خەۋەر تاپتىمكى، ئايرودرومدا ساقلاپ تۇرغان جىيەن قىزىم كومپيۇتېرنى ئېلىپ، دوستۇمغا رەھمەت ئېيتىپ بولۇپ ئايرودرومدىن چىقىشىغىلا، ئىككى ساقچى ئۇنى ئاللىقاياقلارغا ئەكېتىپتۇ. مەن جىيەن قىزىمنىڭ شۇ يەردە «بىر ئاز» ھايال بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم – يۇ، ئەمما، بۇ «بىر ئاز» بىر نەچچە سائەتمۇ، بىر – ئىككى كۈنمۇ ياكى بىر – ئىككى ھەپتىمۇ، بۇنىڭدىن خەۋىرىم يوق.
2014 – يىلى 8 – ئاينىڭ 15 – كۈنى، سىڭلىم ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلىپتۇ. مەن پەقەت ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىغىچە چالا قويماي ئاختۇرۇلغانلىقىدىن، ھەتتا كىچىك جىيەنىمنىڭ ئۈستەل كومپيۇتېرىنىڭمۇ ئېلىپ كېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىم. شۇنداقلا، ساقچى ئىككىنچى سىڭلىم ئارقىلىق «ئاكاڭ پائالىيەتلىرىنى توختاتسۇن، بولمىسا … » دەپ، ماڭا گەپ ئەۋەتىپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۈچ سىڭلىم بىلەن بولغان ئالاقەم تەلتۆكۈس ئۈزۈلدى.
ئىككىنچى سىڭلىمنىڭ مىجەزى تۈز، كەسكىن، گېپى يوللۇقلا بولسا، ھېچكىمدىن تارتىنىپ ئولتۇرمايدىغان تىپتىن ئىدى. خىتاي تىلىنىمۇ ناھايىتى ياخشى بىلەتتى. ئۇنىڭ خاراكتېرى مېنىڭكىگە ئوخشاپ كېتەتتى، ناھەقچىلىكلەرنى كۆرسە چىداپ تۇرالمايتتى. ئۇ تۆمۈر يول ساھەسىدە ئىشلەيدىغان بولۇپ، بۇ تامامەن خىتايلار تەرىپىدىن مونوپول قىلىنغان، ئۇيغۇرلار ئوچۇق – ئاشكارا كەمسىتىشكە ئۇچرايدىغان ساھە بولغاچقا، ئىككىنچى سىڭلىم (مۇشۇ خىل ناھەقچىلىكلەرگە ئېتىراز بىلدۈرگەنلىكى سەۋەبلىك) نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ، جۈملىدىن رەھبەرلىرىنىڭ چىشىغا تېگىپ قويغانىدى.
پەرىزىمچە، ئىككىنچى سىڭلىمنىڭ ئەڭ چوڭ «جىنايەت»لىرى، ئالدى بىلەن، تولىمۇ يۈرىكى كىچىك، ئەمما مەن سەۋەبلىك سىياسىي قالپاق كىيگۈزۈلگەن چوڭ سىڭلىمنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداشقا ئۇرۇنغانلىقى؛ ئىككىنچىدىن، ھاكىمىيەتنىڭ نوپۇزىغا جەڭ ئېلان قىلالايدىغان بىر ئاكىسى بولغانلىقتىن پەخىرلەنگەنلىكىدۇر. يەنە كېلىپ، ئۇ ئىلگىرى خېلى كۆپ سورۇندا بۇ خىل ئىپتىخارىنى ئاشكارا ئىپادىلىگەنىدى.
چوڭ سىڭلىم تۇتۇپ كېتىلگەندىن ئېتىبارەن، دائىم ئۇنىڭ مىڭبىر جاپادا قامداشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىۋەتكەندەك ئويلاپ، ئۆزۈمنى جىنايەتچىدەك ھېس قىلاتتىم.
2016 – يىلى، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئاپام بىلەن تېلېفون سۆزلەشكەن چېغىمدا، ئاپام: «ئۈچىلا سىڭلىڭىزنىڭ بالىلىرى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەت تاپالمىدى. چوڭ جىيەن قىزىڭىڭىز خىزمەت تاپقان بولسىمۇ، بىر نەچچە ئايدىن كېيىن سەۋەبسىزلا ئىشتىن بوشىتىۋېتىلدى. باش ئاغرىقىمىز بەك كۆپ، بالام، دادىڭىزمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئىنىڭىزنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە، سىڭلىڭىزنىڭ تۇتۇلغىنىغا چىدىيالماي، ياشلا تۈگەپ كەتكەنىدى! ئەمدى بىزگە تېلېفون قىلماڭ، ئاللاھقا ئامانەت، بالام» دېگەنىدى.
ئاپامنىڭ شۇ قېتىمقى سۆزلىرى مېنى ئىزچىل قىيناپ، ئۆكۈندۈرۈپ كەلدى. گەرچە، مەن بۇنىڭغا مۇستەملىكىچى، نومۇسسىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى، شۇ مۇستەملىكىچى ھۆكۈمەتنىڭ گويا قارا جەمئىيەت كەبى مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەرنى گۆرۈگە ئېلىۋالغانلىقىنى بىلسەممۇ، لېكىن مەن ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمغا زىيانكەشلىك قىلىپ قويغانلىق تۇيغۇسىدىن پەقەتلا قۇتۇلالمىدىم. بۇ خىل جىنايەتكارلىق تۇيغۇسى مېنى ئىچ – ئىچىمدىن يەپ كېتىۋاتاتتى.
بىر قانچە ئاي ئىلگىرى يەھۇدىي قەتلىئامىنى تېما قىلغان، «سارانىڭ ئاچقۇچى» ناملىق بىر فىلىم كۆرگەنىدىم. بۇ فىلىمدە 1942 – يىلى گېرمانىيە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى فىرانسىيەدە ساقچىلارنىڭ يەھۇدىيلارنى تۇتۇپ، سۈرگۈن قىلىۋاتقانلىقى سۆزلەنگەنىدى. ساقچىلار سارانىڭ ئۆيىگە ئۇلارنى تۇتقىلى كەلگەندە، ساددا سارا كىچىك ئۇكىسىنى ئىشكاپقا سولاپ، ئىشكاپنى تېشىدىن قۇلۇپلاپ، ئاچقۇچىنى ئېلىۋالىدۇ. چۈنكى، ئۇ يەنە قايتىپ كېلەلەيمىز دەپ ئويلايدۇ. لېكىن، تولىمۇ ئەپسۇس، ئاتا – ئانىسىدىن ئايرىۋېتىلگەن سارا مىڭبىر جاپادا بالىلار لاگېرىدىن قېچىپ چىققاندىن كېيىن، ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە، ئىنىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پارىژغا قايتىپ كېلەلىگەن بولسىمۇ، ئەمما بىردىنبىر تۇغقىنى بولغان ئىنىسى ئاللىقاچان ئىشكاپتا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالغانىدى.
گەرچى سارا ئاق كۆڭۈل فىرانسۇز ئائىلىسىنىڭ ياردىمىدە، ناتسىستلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلۇپ، پارىژنىڭ (ناتسىستلاردىن) ئازاد بولغانلىقىنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولغان بولسىمۇ، لېكىن، ئۇ ئىزچىل چۈشكۈنلۈك ئىچىدە ياشاپ، ئۆزىنى كەچۈرۈۋېتەلمەيدۇ. ئاشۇ خىل جىنايەتكارلىق تۇيغۇسى، ئۆزىنى ئەيىبلەش، ئۆكۈنۈش ئۇنى چىرمىۋالىدۇ.
كېيىن، پارىژدىكى بۇ كەچمىشنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بولسا كېرەك، ئۇ ئۆزىنى بېقىۋالغان ئاتا – ئانىسى بىلەن ۋىدالىشىپ، ئامېرىكاغا كۆچۈپ كېتىدۇ، شۇنداقلا بۇ يەردە توي قىلىپ، بالىلىقمۇ بولىدۇ. لېكىن، قەلبىدىكى جىنايەتكارلىق تۇيغۇسىدىن، ئۆكۈنۈشتىن يەنىلا قۇتۇلالمايدۇ – دە، نەتىجىدە، ئوماق ئىنىسى ۋە قەتلىئام لاگېرىدا غايىپ بولغان ئاتا – ئانىسى بىلەن جەم بولۇش ئۈچۈن، ماشىنىسىنى بىر يەرگە سوقۇپ، بۇ دۇنيادىن ئايرىلىدۇ.
تولىمۇ ئېچىنىشلىقى شۇكى، بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار باشقا بىر شەكىلدە، يەھۇدىي قىز سارانىڭ تراگېدىيەسىگە دۇچار قىلىنماقتا. گەرچە ئۇيغۇرلاردا ئىشكاپقا سولاپ قويۇلغان ئىنىسى ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن ئەھۋال كۆرۈلگەنلىكى مەلۇم بولمىسىمۇ، لېكىن ئاتا – ئانىسى تۇتقۇن قىلىنغان سەبىي بالىلارنىڭ گاھى توڭلاپ، گاھى سۇغا غەرق بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەردىن بىر نەچچىسىگە شاھىت بولدۇق.
مېنىڭ ئۈچ سىڭلىم بار، چوڭ سىڭلىمنىڭ ئىككى بالىسى بار، مەن ئۇلارنىڭ قەيەردىلىكىنى، ھەتتا ئۆلۈك – تىرىكلىكىنىمۇ بىلمەيمەن. مەن پەقەت چوڭ سىڭلىمنىڭ 2014 – يىلى تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى، ئاتا – ئانىسىز قالغان ئىككى بالىسىنىڭ جەبىر – جاپالار ئىچىدە، ئاران – ئاران جان كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلىمەن.
«نيۇيوركلۇق» ژۇرنىلى مۇخبىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككىنچى سىڭلىمنىڭ چوڭ قىزى شۇلار بىلەن بىللە جازا لاگېرىغا قامالغان بولۇپ، كىچىكىنىڭ ئىز – دېرىكى نائېنىق.
كىچىك سىڭلىمنىڭمۇ ئىككى بالىسى بار بولۇپ، ئۇ ئاپام بىلەن قۇمۇلدا ياشايتتى. ھازىر چوڭلارنىڭمۇ، بۇ بالىلارنىڭمۇ ئىز – دېرىكى يوق، بۇلارنىڭمۇ ئۆلۈك – تىرىكلىكىنى بىلمەيمەن.
مەن ئاتا – ئانام، ئىنى – سىڭىللىرىمنىڭ بۇ قەدەر سورۇقچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. مەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىتائەت قىلىپ ياشىغان تەقدىردىمۇ، بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار قارىقويۇق تۇتقۇن قىلىنىۋاتقان، ھەتتا ئىلگىرى كومپارتىيەگە سادىق ئۆتكەن ئۇيغۇرلارمۇ ئاياپ قويۇلمايۋاتقان ۋەزىيەتتە، مەن ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىم يەنىلا جازا لاگېرلىرىغا سولىنىش، ئۆلتۈرۈلۈش قىسمىتىدىن قۇتۇلالماسلىقىمىز تامامەن مۇمكىن ئىدى.
خۇددى يەھۇدىي قىز سارانىڭ مىسالىدىكىدەك، ئۇنىڭ ئىنىسى ئىشكاپتا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتمىگەن تەقدىردىمۇ، ناتسىستلارنىڭ جازا لاگېرلىرىدىن، زەھەرلىك گازخانىلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالماسلىقى ئېنىق ئىدى.
ھالبۇكى، چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار گويا ئاشۇ فىلىمدىكى ساراغا ئوخشاشلا، يۈرەكلىرىنىڭ قات – قېتىدىكى جىنايەتكارلىق ۋە ئۆكۈنۈش تۇيغۇسىدىن قۇتۇلالمايۋاتىدۇ. ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمىزنىڭ يوقاپ كېتىشى، تۇتقۇن قىلىنىشى ئەسلىدىنلا بىزلەرنى ئائىلە سورۇقچىلىقىنىڭ دەردىگە مۇپتىلا قىلغان بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «سەن تاز دېگۈچە مەن تاز دەي» دېگەندەك، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمىزنىڭ بىزنىڭ چەتئەلدە ھۆرلۈك، ئىززەت – غۇرۇر مۇجادىلىسى قىلغانلىقىمىز، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمىزنىڭ ئىز – دېرىكىنى قىلغانلىقىمىز سەۋەبلىك تۇتۇلغانلىقىنى دەۋا قىلىشى، ئېچىشقان يەرگە تۇز سەپكەنلىك بولۇپ، ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ دەردىگە دەرت قوشماقتا.
ئۇزۇن كېچىلەردە، قانچىلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلەر ۋە ئاتا – ئانىلار ئۈن – تۈنسىز ياش تۆكىدۇ؟ ئۇزۇن كېچىلەردە، قانچىلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلەر ۋە ئاتا – ئانىلار ئۇيقۇسىزلىقتىن پۇچۇلىنىدۇ؟ ئۇزۇن كېچىلەردە، قانچىلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلەر ۋە ئاتا – ئانىلار ئۆزلىرىنى چىرمىۋالغان جىنايەتكارلىق تۇيغۇسىنىڭ ئىسكەنجىسىدە، ئۆزىنى ئەيىبلەپ، ئۆكۈنۈپ چىقىدۇ؟ بۇ ھەسرەتنى، بۇ قىيناقنى، بۇ ھېسسىياتنى پەقەت باشتىن كەچۈرۈپ باققانلارلا بىلەلەيدۇ.
مەن يەھۇدىي قەتلىئامىدىن ئامان قالغان ساراغا ئوخشاش ماشىنامنى ئاللىقەيەرلەرگە سوقۇپ ئۆلۈۋالمايمەن. لېكىن، بۇ خىل جىنايەتكارلىق ۋە ئۆكۈنۈش تۇيغۇسى روھىيىتىمنى پۇچىلاپ، ھاياتىمنى ئاستا – ئاستا نابۇت قىلماقتا. مەنچە، بىز قاچقۇنلار ياكى ئامان قالغۇچىلار پەقەتلا ئائىلىمىزدىكىلەر بىلەن جەم بولىدىغان ئاشۇ مۆجىزىنى كۈتۈپ ياشاۋاتىمىز.
خىتايچىدىن ھېكمەتيار ئىبراھىم تەرجىمىسى
مەنبە:
https://www.rfa.org/mandarin/pinglun/jujiaoweiwuer/ylxt – 04262021132726.html