جەك چەرچىۋارد كىم؟

(ئۇيغۇرلار ژۇرنىلىنىڭ بىرىنچى سانىدا – 2019-يىلى، سېنتەبىر- ئېلان قىلىنغان

جەك چېرچۋارد ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ تەۋرەنمەس قوللىغۇچىسى ۋە سادىق دوستلىرىدىن بىرى. ئۇ ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىدە ئالتە يىل ۋەزىپە ئۆتىگەندىن كېيىن، جەنۇبىي فىلورىدا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېلېكتىرون ئىنژېنېرلىقى بويىچە باكلاۋۇرلۇق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان. جەك ئاۋىياتسىيە ــ ئالەم بوشلۇقى( NASA) ۋە دۆلەت مۇداپىئە ساھەسىدە 40 يىللىقتىن كۆپرەك تەجرىبىگە ئىگە. جەك بۈركۈت رازۋېتچىك ئۇنۋانى ۋە «رازۋېتچىكلار ئاچقۇچى» مېدالىنى ئالغاندىن سىرت، يەنە 4 – ئەۋلاد ئىنژېنېر، 4 – ئەۋلاد پاتېنت ساھىبى.  جەك ئۆزىنىڭ ئېتىقادىنى تىبەت بۇددىزىمى دەپ تونۇيدۇ. 

جەك ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۆز ئۆيىنىڭ ئازراق نېرىسىدىلا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خاس تەشۋىقات باغچىسىدىن بىرى ئېچىلغانلىقىنى كۆرۈپ، سىياسىي ساھەگە قەدەم قويغان. ئۇ ھەقىقەتنى ياقىلاش ئۈچۈن، «كوممۇنىست خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا قارشى پۇقرالار» (CACCP) دېگەن نامدا بىر گۇرۇپپا قۇرۇپ، مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ پائالىيەتلىرىنى تەڭشەش – ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولغان. جەك ئەركسۆيەر كىشىلەر بىلەن بىللە خىتاينىڭ خاس تەشۋىقات باغچىسىدىكى كۆرگەزمىلەرگە قارشى پائالىيەت قىلغان. ئۇ تىبەتتىن، جەنۇبىي (ئىچكى) موڭغۇلىيەدىن، شەرقىي تۈركىستاندىن، تەيۋەندىن ۋە خىتايدىن كەلگەن ئىشتراكچىلار بىلەن بىللە نامايىش تەشكىللىگەن ۋە خەلقئارالىق يىغىنلارنى ئۇيۇشتۇرغان. 1998 – يىلى، ئۇ ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا شاھىد بولغان ۋە 2002 – يىلىدىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ 3 – قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا مۇئاۋىن رەئىسلىككە سايلانغان. 50 قېتىمدىن ئارتۇق نامايىش قىلىش نەتىجىسىدە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان خىتاينىڭ خاس تەشۋىقات باغچىسى 2003 – يىلى تاقالغان. شۇنداقلا، جەك بۇ ھەقتە گېزىتقا مەخسۇس سىتون ماقالىسى يېزىپ، خىتاينىڭ بۇ باغچىنى تاقىشىغا ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغانلىقى ئەمەس، بەلكى «كوممۇنىست خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا قارشى پۇقرالار» (CACCP) گۇرۇپپىسىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ سەۋەبچى بولغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنىڭدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا، خىتاينىڭ خيۇستوندىكى ئەلچىخانىسىدىكىلەر ئۇنىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلىپ، جەكنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھاياتى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر پۈتۈن ئاشكارا سىياسىي پائالىيەتلەرنى توختىتىشنى قارار قىلغان.

لېكىن جەك ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللاشنى ھېچقاچان توختىتىپ قويمىغان. جەك ئۇلۇغ بوۋىسى،  ئۇيغۇرلار مۇھىم مەزمۇن قىلىنغان «يوقالغان مۇ قۇرۇقلۇقى» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى جېيمىس چېرچۋاردنىڭ ھاياتى ۋە نەزەرىيەلىرىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان. جەكنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى « Lifting the Veil on the Lost Continent of Mu, Motherland of Men » (ئىنسانىيەتنىڭ ئانا ماكانى ـــ يوقالغان  مۇ قۇرۇقلۇقىنىڭ چۈمپەردىسىنى ئېچىش، 2011 – يىلى نەشىر قىلىنغان)، «Stone Tablets of Mu» (مۇ قۇرۇقلۇقىدىكى تاش ئابىدىلەر، 2014 – يىلى نەشىر قىلىنغان)، « Crossing the Sands of Time: An Examination of the History and Legends of the Great Uighur Empire » (زامان ھالقىش: بۈيۈك ئۇيغۇر ئېمپىرىيەسىنىڭ تارىخى ۋە ئەپسانىسى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش، 2019 – يىلى نەشىر قىلىنغان) دېگەن ئۈچ كىتاب ئارقىلىق جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

جاۋاب يېزىش

error: Content is protected !!