«شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»: تەسەۋۋۇردىكى «تېرورلۇق» تەشكىلاتى
(ئۇيغۇر پروجېكت فودى قارمىقىدىكى ئۇيغۇرلار ژۇرنىلى تەرجىمىگە تەييارلىغان، ئۇيغۇرلار ژۇرنىلىدا ئۇلاپ بېسىلىۋاتقان، شان روبېرتسنىڭ «ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش » ناملىق ئەسىرىدىن ئارىيە)
مەن ئىگەللىگەن مەلۇماتلارغا كۆرە، ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ياكى ETIM دەپ ئاتىغان ھېچ قانداق بىر تەشكىلات مەۋجۇت ئەمەس. ھالبۇكى، 1998 – يىلىدىن 2001 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» قالپىقى كىيگۈزۈلگەن بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلار دەرۋەقە مەۋجۇت بولغان، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش نىيىتىدە ئافغانىستاندا بىر جامائەت قۇرغان، ھالبۇكى، (شەرقىي تۈركىستاندا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت) بۇ نىشان ئەزەلدىن ئىشقا ئاشمىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، تەشكىلىي جەھەتتىن چېچىلاڭغۇ بولغان بۇ تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى مەزكۇر ئۇيغۇر جامائىتىنى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» دەپ ئاتىماستىن، 1990 – يىلى بارىندا خىتاي بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا قارشى كۈرەش قىلغانلارنىڭ شەرىپىگە ئاتاپ، شۇلارنىڭ تەشكىلاتىنىڭكىگە ئوخشاش قىلىپ، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى» (ETIP) دەپ ئاتىغان. بارىندا زەيدىن يۈسۈپنىڭ، ئافغانىستاندا ھەسەن مەخسۇمنىڭ ئوخشاشلا بۇ ئىسىمنى ئىشلىتىشى نۇرغۇن «تېرورلۇق» تەھلىلچىلىرىنىڭ «ھەسەن مەخسۇمنىڭ تەشكىلاتى بارىندا خىتاي بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن توقۇنۇشقان تەشكىلات شۇ» دەپ قارىشىغا سەۋەب بولغان. بۇنىڭدىن سىرت، زەيدىن يۈسۇپ بىلەن ھەسەن مەخسۇم ئىككىلىسى قاغىلىقتىكى ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولغاچقا، نۇرغۇن مەنبەلەردە بۇ كىشىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى» («شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»مۇ دېيىلىدۇ) نىڭ ھەقىقىي قۇرغۇچىسى ئىكەنلىكى ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ 1940 – يىلى ياكى 1950 – يىللاردىلا قۇرۇلۇپ بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ھەسەن مەخسۇممۇ ئافغانىستاندىكى بۇ بولغۇسى قوراللىق تەشكىلاتنى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر دىنىي مىللەتچىلىكىگە باغلاش ئارقىلىق، بۇ خىل خاتا چۈشەنچىنىڭ شەكىللىنىشىگە مۇئەييەن دەرىجىدە سەۋەبچى بولغان. مەزكۇر مىللەتچىلىك ئېقىمى ئۆزىنىڭ 1930 – يىللاردىكى بىرىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى مەنبە قىلغانلىقىنى، ھەتتا گاھىدا ئۇيغۇر تارىخىدىكى تېخىمۇ ئىلگىرىكى مەزگىللەرگە تۇتىشىدىغانلىقىنى دەۋا قىلاتتى. 2002 – يىلى ھەسەن مەخسۇم «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز تەشكىلاتىنىڭ مەنبەسى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. ئىسلام شەرقىي تۈركىستانغا كىرگەندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىسلامىي ھەرىكەت ھېچقاچان توختاپ باقمىدى؛ ئۇلار گاھىدا ئىسلام بويىچە ياشاش ھەققى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان بولسا، گاھىدا ھۆرلۈك ۋە مۇستەقىل ئۈچۈن كۈرەش قىلدى؛ ئۇلار گاھىدا بىرلىكتە كۈرەش قىلغان بولسا، گاھىدا گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ھەرىكەت قىلدى» دېگەنىدى (3). شۇنىڭغا دىققەت قىلىش زۆرۈركى، ھەسەن مەخسۇم ئاشۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ داۋامىدا مۇشۇ نۇقتىنى ئىزاھلاپ، ئۇنىڭ تەشكىلاتىنىڭ روھى 1990 – يىلى بارىندا ۋۇجۇدقا كەلگەن بولسىمۇ، تەشكىلاتنىڭ 1998 – يىلى ئافغانىستاندا قۇرۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ھەسەن مەخسۇم بۇ باياناتى ئارقىلىق ئۆز – ئۆزىگە زىت گەپ قىلغىنى يوق، باشقىلارنى قايمۇقتۇرغىنىمۇ يوق. ئەكسىچە، ئۇ ئاشۇ سۆزىدە نۇرغۇن ئۇيغۇر مىللەتچىلىرىگە – مەيلى دىندار، ياكى دەھرىي بولسۇن – ئورتاق بولغان بىر ھېسسىياتنى، يەنى ئۆزلىرىنىڭ (ئۇيغۇرلارنىڭ) ھازىرقى زامان خىتاي دۆلىتى بىلەن بولغان تىركىشىشىنىڭ ئەبەدىي ۋە توختاۋسىز ئىكەنلىكىگە بولغان چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئۇيغۇر مىللەتچىلىك تارىخشۇناسلىقىدا ھازىرقى زامان خىتاي دۆلىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەملىكە قىلىش تارىخىدىكى نۇرغۇن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھەرىكەتلىرى ئۆزئارا ئارىلاشتۇرۇۋېتىلىدىغان بولۇپ، كۆپىنچە ھاللاردا ئوخشىمىغان دەۋرلەردىكى بۇ ھەرىكەتلەردە مەۋجۇت بولغان ئوخشىمىغان ئىدىئولوگىيەلەر بىر – بىرىدىن پەرقلەندۈرۈلمەيدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ھەسەن مەخسۇم «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى»نىڭ ئۇزۇن تارىخىنى تىلغا ئالغاندا، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامدىن ئوزۇق ئالغان ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇزۇن تارىخىنى نەزەردە تۇتقان بولۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىنى ئازاد قىلىش كۈرەشلىرىنىڭ توختاۋسىز داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئەمەلىيەتتە، ھەسەن مەخسۇم 1998 – يىلىنىڭ بېشىغا كەلگەندە ئاندىن ئافغانىستاندا ئۆز تەشكىلاتىنى قۇرغان، شۇنداقلا ئۇنى ھېچقاچان ئۇيۇشۇشچان بىر تەشكىلاتقا ئايلاندۇرالمىغان. ئەكسىچە، مەزكۇر تەشكىلات ئۆز تارىخى مابەينىدە، بىرەسمىي جامائەتلىك ھالىتىنى ساقلاپ، ھامان بىر كۈنى ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي دۆلىتىگە قارشى جەڭ قىلالايدىغان ئارمىيەنى يېتىشتۈرۈپ چىقماقچى بولغان، ئەمما بۇ نىشاندىمۇ ئۆز كونتروللۇقىدىن ھالقىغان كۈچلەرنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان. گەرچە، ھەسەن مەخسۇم ئاشكارا باياناتلىرىدا بۇ تەشكىلاتنى دائىم «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى» دەپ ئاتايدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ ساقلىنىپ قالغان ۋىدىيولىرىدا، تېخىمۇ كۆپ ھاللاردا بۇ تەشكىلاتنى «جامائەت» دەپلا ئاتىغان. ماھىيەتتە، بۇ جامائەت ھەسەن مەخسۇم تەشەببۇس قىلغان ۋە روياپقا چىقارغان بىر پروجېكت ئىدى. نەتىجىدە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تۈپ ئىدىئولوگىيەسىنى ۋە نىشانىنى چۈشىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى، ئىشنى ھەسەن مەخسۇمنىڭ بۇ جامائەتنى، ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ رەھبەرلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى ئوينىغان ئۇيغۇرچە سىياسى ئىسلام نۇقتىئىينەزىرىدىن باشلاشتۇر.