ئورتا ياۋرۇپادىن ئورتا ئاسىياغا تۇتاشقان كۆڭۈل

مارتىنا كوكۇتكىۋىكس

(ئۇيغۇرلار ژۇرنىلىنىڭ بىرىنچى سانىدا ئېلان قىلىنغان)

بىر نەچچە يىل ئاۋۋال ئوتتۇرا ئاسىيالىق بىر دوستۇم بار ئىدى. ئۇ دوستۇم توغرۇلۇق تۇغقانلىرىمدىن بىرى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدۇق. ئۇ توغرۇلۇق نېمىلەرنى دېيىشكىنىمىزنى ئېنىق ئەسلىيەلمەيمەن. ئەمما، پاراڭ جەريانىدا «ئۇ تۈرك» دېيىشىم بىلەن، تۇغقىنىم ھەيران قېلىپ، «قانداقمۇ تۈرك بولسۇن؟ ئۇ ئاسىيالىق ئىكەنغۇ» دېگەن ئىدى. شۇ كۈنى مائارىپ تەربىيىسى ھەققىدە دۆلىتىمىزدە قىلىنىشى كېرەك بولغان خىزمەتلەرنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدىم. مەن بۇ يەردە يېڭىلىق ياراتماقچىمەن. بىراق، ھەممىدىن ئاۋۋال كىشىلەرگە بىر نەچچە ئىشتا چۈشەنچە بېرىشىم كېرەك.

مەن پولشالىق بىر قىز. بىر چاغدا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم ئارىسىدا بەزى گەپ – سۆزلەر بولۇندى . ئۇلارنىڭ دېيىشىچە ئائىلىمىزگە بىر ۋېنگىرىيىلىك كىرمەكچىمىش. شۇنىڭ بىلەن، تۇرانچىلىق، تۈركىي مىللەتلەر ۋە تۈركىي تىللار بىلەن ھەپىلىشىشكە باشلىدىم. سەۋەبى ،  تۈركلەر بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئۇلارنى ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم. شۇنداق، ئۇلار بىلەن ئۇچراشتىم، چۈنكى، ئۇنۋېرسىتىتتا فىن ۋە ۋېنگىر تىلىدا ئوقۇغان ئىدىم. بۇ تولىمۇ ئاددىي ھېكايە، شۇنداقلا چېگىش بىر ھېكايە.

تەتقىقاتىم پەقەت تىللار ۋە كۈلتۈرلەر جەھەتتىلا ئەمەس ئىدى. بۇ جەرياندا ئۆزۈم ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم يۈكسىلىشلەر مەيدانغا كەلدى. تۈرك كۈلتۈرى سەۋەبلىك ئىسلام دىنى توغرۇلۇق تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىشكە باشلىدىم. شۇ چاغلاردىن بېرى تۈركلەر ۋە تۈرك كۈلتۈرى ماڭا مۇناسىۋەتلىك ساھە دەپ قاراشتىن ھالقىپ، ئۇلارغا قېرىنداشلىرىم سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىپ كەلدىم. ئۇلارمۇ مېنىمۇ قېرىندىشىدەك كۆرۈپ، ماڭا كۆپلەپ ياردەم بېرىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ قوللىشى بىلەن تۈركىيەنى زىيارەت قىلدىم. مەن يەنە تۈرك دۇنياسىدىكى مەسىلىلەرگىمۇ دىققەت قىلىشقا باشلىدىم. بىزنىڭ دۇنيارىمىز ئەسلىدىنلا راھەت بىر يەر ئەمەس، بۇ سەۋەبلىك باشتىن باشلاپلا تۈرك دۇنياسىدىكى مەسىلىلەر ئاددىي مەسىلىلەر ئەمەس دەپ ھېس قىلدىم.

ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشايدىغان بارلىق تۈركىي خەلقلەر توغرىسىدا بىلىم ئېلىۋاتقانلىقىم ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق تۇنجى قېتىم نەچچە يىل ئاۋۋال ئاڭلىغان ئىدىم. ئەپسۇسكى، ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق تۇنجى قېتىم ئاڭلىغىنىمدا ئەھۋالنىڭ ئۇ دەرىجىدە ئېغىر ئەمەسلىكىنى چۈشەنمەستىن خاتالاشقان ئىدىم. بۇ خاتا چۈشەنچەمگە ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق يېتەرلىك مەلۇماتىم يوق بولغانلىقى سەۋەب بولغان ئىدى. مەن شۇنداق ھېس قىلدىمكى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەھۋاللاردا بەزى ئوخشاشلىقلار بار ئىدى. كىشىلەر، بولۇپمۇ دىندار كىشىلەر بەزى قىيىنچىلىقلار ئىچىدە ياشايتتى، دىنىي ھاياتىنى مەخپىي تۇتۇشى كېرەك ئىدى، بەزى جەھەتلەردە ئوچۇق ئاشكارا گەپ قىلالمايتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشايدىغانلىقىنى بىلەتتىم. ئەمما، بۇمۇ مېنى ھېچقانچە راھەتسىز قىلمىغان ئىدى. كېيىن شۇنى چوڭقۇر چۈشەندىمكى، خىتايدا خىتايلار بىلەن پەرقلىق بولغان، خىتايلار بىلەن پەرقلىق ھالەتتە ئويلايدىغان كىشىلەر ئۆزىنى ئوتقا ئاتقان ئىنسانلار ئىكەن. مەن باشتا بۇلارنى چۈشەنمىگەنلىكىم ئۈچۈن، ئۆزۈم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مىللەتلەردىن بىرىنىڭ تەسۋىرلىگۈسىز ئېغىر زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالمىغان ئىكەنمەن. تەتقىقاتلىرىمنى داۋاملاشتۇردۇم، تەتقىقاتىمنىڭ مەركىزىدە تىل جەھەتكە ھەممىدىن بەك ئەھمىيەت بەردىم. تۈركچە، ئۆزبېكچە، قازاقچە ئۆگىنىشكە باشلىدىم. ئۇيغۇرلارغا دۇنيا سۈكۈت قىلغان، مەنمۇ دۇنيا بىلەن قوشۇلۇپ سۈكۈت قىلغان ئىدىم.

ئۈچ يىلچە ئاۋۋال ئەھۋال ئۆزگىرىشكە باشلىدى. شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى خەۋەرلەر كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. تۈرك دوستلىرىم ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا ماقالە-ئەسەرلەرنى تارقىتىشقا، ئىسلام توغرىسىدىكى تور بەتلەر مەسىلىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتى. مۇشۇلارنى ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا تولىمۇ مۇھىم بىر ئىشنى چۈشەندىم. ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر ئىشلەۋاتقان مەنبەلەرنىڭ ھەممىسى چەتئەل تىلىدىكى خەۋەرلەر ئىدى. چەتئەل تىلىدىكى خەۋەردىن كۆزدە تۇتقىنىم شۇكى، شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن خەۋەرلەرنىڭ ھېچبىرىنى ئۆز ئانا تىلىمدا ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولالمىدىم. پولشا تېلۋىزىيىلىرى پەقەتلا «مۇسۇلمان تېرورىستلار» تىپىدىكى خاتا مەلۇماتلارنى تارقىتاتتى. بۇ سەۋەبلىك، پولشا تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرۇلۇق ئىنكاس قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىپمۇ يۈرمىدىم. ئۆزۈم تۈركچە ۋە ئىنگىلىزچە بىلگەنلىكىم ئۈچۈن بۇ جەھەتلەردە يۈزەكى چۈشەنچىلەرگە ئىگە ئىدىم. ئەمما، ۋەتىنىمدە بۇ جەھەتلەرگە كۆڭۈل بۆلۈۋتقانلاردىن بىرىمۇ يوق ئىدى.

ئىككى يىل ئاۋۋالقى رامزاندا ئۆزۈم ياشاۋاتقان شەھەردىكى مۇسۇلمانلاردىن بۇ ھەقتە چۈشەنچە ئالالايدىغان مۇمكىنچىلىكىم ئەقلىمگە كەلدى. رامزان كەچلىرىدىن بىرىدە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمغا «خىتاي ئىشغالىيىتىدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن دۇئا قىلايلى» دېدىم. ئەسلىدىنلا، ھەر رامزان كېچىسى ھەر قايسى مەملىكەتلەردىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن دۇئا قىلىنىۋاتاتتى. مېنىڭ كاللامدا دۇئا قىلىنىشى كېرەك بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدە خىتاي ئىشغالىيىتىدىكى مۇسۇلمانلارمۇ بولۇشى كېرەك ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسى مېنى ھەيران قالدۇردى. «نېمىشقا خىتاي (ئىشغالىيىتىدىكى) مۇسۇلمانلارغا دۇئا قىلىمىز؟ ئۇ يەردە نېمە ئىش بوپتۇ؟ خىتايدا مۇسۇلمانلار بارمۇ؟» دېگەندەك سوئاللارغ دۇچ كەلدىم. بۇ ھەقتە ئۇزۇندىن-ئۇزۇن سۆزلەشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن، خىتاينىڭ ئۇلارغا ناچار مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى قىسقىچە چۈشەنچە بەردىم. ئۇ ئاخشىمى مەن غەلىبە قىلدىم، (ئۇيغۇرلار ئۈچۈن) دۇئا ئوقۇلدى. بىراق، شۇ قېتىمقىدىن سىرت بۇ ھەقتە پىكىرلەشمىدۇق. شۇ يىلى، بۇ توغرۇلۇق بىر قانچە قېتىم تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولساممۇ، ئۈنۈمى بولمىدى. ساخاۋەت ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان بىر قانچەيلەنگە بۇ ھەقتە مەكتۇپ يازدىم، ئەمما، ھازىرغىچە ئۇلاردىن جاۋاب كەلمىدى. ئۇ چاغلاردا ئۆزۈمنىڭ مەسىلىلىرىمۇ كۆپ ئىدى. قىيىن ۋە مۇسىبەتلىك نەرسىلەرنى تەرك ئېتىش ئاسان ئەمەس ئىدى. شۇندىمۇ، باشقا ساھەلەردە ئاكتىپ بولۇشقتا تىرىشتىم. ئۆز مىللىتىمگە ئىسلام دىنىنى ۋە كۈلتۈرىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتىم، بىراق، بەزى جەھەتلەردە پۇرسەت بولمىدى.

ئىككى يىل كېيىن، يەنى مۇشۇ يىلى ئەھۋالنى قانچىلىك دەرىجىدە خاتا چۈشەنگەنلىكىمنى، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتقىقاتتىن ۋاز كېچىپ بەكمۇ خاتا قىلغانلىقىمنى چۈشەندىم. مەن ھاياتىمدىكى تاسادىپىيلىقلارغا ئىشىنەلمەي قالىمەن. ھەر ئىشتا بىر ھېكمەت بار، شۇ چاغدا گوياكى ئاللاھ قەلبىمگە ئىلھام سالغاندەكلا بىر ئىش بولدى. بىرەيلەن بىلەن تونۇشۇپ قالدىم، ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىم ئۈچۈن، ئۇ ماڭا ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ پولشادا ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بىلىدىغان ھېچكىم يوقلۇقىنى بىلەتتى. ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ قېلىشىم مەن ئۈچۈن ھەيران قالارلىق بىر ئىش بولدى، ئۇنىڭ ھىكايىسىنى ئاڭلاپ بەكمۇ ئازابلاندىم. دۇنيادىن، ئىنسانلاردىن، ھەتتا ئۆزۈمدىنمۇ رايىم قايتقاندەك بولدى. چۈنكى، ئۆزۈمنى بەكلا يارىماس ھېس قىلغان ئىدىم. قەلب تېۋىشىمدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى قىسمىتى توغرىلىق ئىجابىي نۇقتىدىن بىر ئىش قىلالمىسام، ھاياتىمنى نورمال ھالەتتە داۋاملاشتۇرالمايتتىم. يىللاردىن بېرى كىشىلەرگە تۈركلەرنىڭ مەن ئۈچۈن ئۆز ئائىلە كىشىلىرىمگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئاڭلىتىپ كېلىۋاتاتتىم. تۈركلەر دېيىشتە پەقەتلا تۈركىيەدىكى تۈركلەرنى كۆزدە تۇتمىدىم. ئۆزۈم ئۈچۈن تولىمۇ گۈزەل تەشۋىقات قىلىۋتقان ئىدىم، ئەمما زۇلۇم ئىچىدە ياشاۋاتقان تۈرك قېرىنداشلىرىم ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمەيۋاتاتتىم. بۇ ھالەتتە ياشاشنى خالىمايتتىم. دوستلىرىمغا پائالىيەتچى بولغۇم بارلىقىنى بايان قىلدىم. بىراق، ئىشنى نەدىن باشلىشىم كېرەكلىكى توغرۇلۇق كاللامدا سان يوق ئىدى.

پائالىيەتچى بولۇشنىڭ ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى باشتىنلا بىلەتتىم. باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، مەملىكىتىمىزدىكىلەرنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن سىرتقى دۇنيادىكى كىشىلەر توغرۇلۇق تەپسىلىي مەلۇماتى يوق ئىدى. ئۇلار «ئاسىيادا ياشىغان ھەركىم ئاسىيالىق، خىتايلار بۇنىڭدىن بىر ئاز پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى، ئۇلار ئەڭ چوڭ، ئۇ يەردە خىتايلار ياشايدۇ» دېگەندەك چۈشەنلەردە ئىدى. مەن ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالغىنىمدا ئۇلار ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قالاتتى. ۋەتەنداشلىرىمغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشتىن نېمىگە ئېرىشمەكچى ئىدىم؟ يەسلىدە ئوقۇۋاتقىنىمدا بىر ساۋاقدىشىم فىنلاندىيەنى بىر ئارال دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. دۇنيا ھەققىدە بۇنداق خاتا چۈشەنچىلەردە بولغان باشقا بىر مىللەتنى تاپماق ھەقىقەتەن قىيىن. بۇ يەردىكى ئىنسانلار بەلكىم يېتەرلىك دەرىجىدە بىلمەيدۇ، ئەمما لازىم بولسا، مەن ئۇلارغا دەرس بېرىمەن. دېمىسىمۇ، مەن بىر ئوقۇتقۇچى، دەرس بېرىمەن. 

قوللاشقا ۋە ياردەم ھەقىقەتەن ئېھتىياجىم بار ئىدى. بىراق، ھېچكىمنى ئۇ يېڭى ئىشىمغا ئىشتىراك قىلىشقا زورلاشنى خالىمىدىم. كۆپلىگەن ئىشلارنى ئۆزۈم يالغۇز قىلىشىم كېرەكلىكىنى چۈشەنگەن ئىدىم. ئەڭ دەسلىۋىدە، ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا كۆپلەپ ئۇچۇر تارقىتىشقا باشلىدىم. پولشادا بىرمۇ ئۇيغۇر يوق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر دوستلارنى ئىزدەشكە باشلىدىم. نۇرغۇن كىشىلەرگە دوستلۇق ئىستىكى ئەۋەتتىم. ئۇيغۇرلار بىلەن ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا دوستلاشقىنىمدىن خۇشال بولدۇم، شۇنداقلا بىئاراممۇ بولدۇم. چۈنكى، يىراقلاردا ياشايدىغان، مېنى ئاز-تولا تونۇيدىغان كىشىلەر مېنى قوللاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما، ماڭا ئەڭ يېقىن ئىنسانلار قىلىۋاتقان ئىشلىرىمنى چۈشەنمەيۋاتاتتى ۋە قىلغانلىرىم ئۇلارغا غەيرىي تۇيۇلۇۋاتاتتى. «ئۆز ھالىڭ بىلەن بول، ئۆزۈڭنىڭ ھاياتىغا كۆڭۈل بول» دېگەندەك سۆزلەرنى ئاڭلىدىم. جاۋاب سۈپىتىدە «بۇمۇ مېنىڭ ھاياتىمدۇر، شۇنداقلا سېنىڭمۇ ھاياتىڭدۇر، بۇ ھەممىز قىلىشىمىز كېرەك بولغان ئىش» دېدىم. دۇنيا يامان تەرەپكە ئالدىنى قىلىپ كېتىۋاتىدۇ. سەن بۈگۈن ئەركىن، بىراق، بەلكىم ئەتە ئۆزۈڭنى لاگىردا كۆرۈشۈڭ مۇمكىن. شۇ چاغدا دەيسەنكى «بۇ مېنىڭ ھاياتىم.» ئەجابا، بۇلارنى چۈشەنمەك مۇشۇنچىۋالا قىيىنمۇ؟ باشقا كىشىلەرگە ھېچقانداق ئىش قىلىپ بېرىشنى خالىمىساڭ، قىلمىساڭ بولىدۇ. ئەمما، ئەڭ بولمىغاندىمۇ ئۆزۈڭ ئۈچۈن بولسىمۇ قىل. شۇندقلا، ماڭا ھەرگىزمۇ «بۇ مېنىڭ ئىشىم ئەمەس» دېمىگىن. مېنىڭ قارارلىرىم ئۆزۈم ئۈچۈن. 

تومۇز ئېيىدا (يەتتىنجى ئاي) خەلقئارالىق «WhiteBlue19» پائالىيىتىگە قاتناشتىم. 2019-يىلى، 7-ئاينىڭ 21-كۈنى دۇنيانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى  بىلدىم. مەن دۆلىتىمدىكى كىشىلەر توغرۇلۇق ئۈمىدۋار بولدۇم. شەھىرىمىزدە دىن مەركىزى بار، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىم بۇرۇندىن پەلەستىن ۋە يەمەن مەسىلىلىلىردە ئۇلارنى قوللاپ، ئاكتىپ ئاۋاز قېتىپ كەلدى. ئۇلارغا نامايىش ھەققىدىكى پىكىرلىرىمنى چۈشەندۈردۈم ۋە ھەممە ئىشنى ئۆزۈمنىڭ ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىمغا ۋەدە بەردىم. ئەپسۇسكى، تولىمۇ دېپلوماتىك بىر جاۋاب كەلدى، كىشىلەر مەسىلىنى ياخشى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن قورقۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندىم. ئۆزۈمنى بىر ئاز يالغۇز ھېس قىلدىم، ھەمدە بىر ئاز ئۆزۈمدىن نومۇس قىلدىم، ئەمما بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيمەن. بىراق، دوستلۇق تىزىملىكىمگە بىر قۇر نەزەر تاشلاپ، ئۆزۈمدە يېڭى كۈچ ھېس قىلدىم. گەرچە بۇ ئىش قىيىن بولسىمۇ، ئاشۇ دوستلىرىمنى قوللىماي تاشلاپ قويۇشنى توغرا تاپمىدىم. ئۇ كۈنى ـــ 2019، 21- تومۇز كۈنى ئۆزۈم تۇرۇشلۇق شەھەردە رەسىملىك نامايىش ئېلىپ باردىم. كۆپ شۈكۈركى، ماڭا ياردەمچى بولىدىغان بىر نەچچە قېرىندىشىمىز چىقتى، يالغۇز كىشىلىك نامايىشىمنى رەسىمگە تارتىپ بەردى. تولىمۇ مەمنۇن بولدۇم، ھاياجاندىن تىتىرەيتتىم. ئۆزۈم يالغۇز بولسام بىر تالمۇ رەسىمگە تارتالمىغان بولاتتىم.

بۇ كۈن مېنىڭ ھاياتىمنى ئۆزگەرتتى. مەن بۇنى ھېچقاچان ئويلاپ باقمىغان ئىدىم. تەرەپ تەرەپتىن قوللاش سادالىرى كېلىشكە باشلىدى. (بىراق، ئەتراپىمدىكىلەردىن كەلمىدى.) كۆپ كىشىلەر بىلەن تونۇشتۇم، ئەلۋەتتە، بۇ تونۇشۇشۇم پەقەت ئېنتىرنېتتىلا بولمىدى، چۈنكى، يېقىندا پولشادىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بارلىقىنى بىلگەن ئىدىم. ئۆز ئىشىمدىن ناھايىتى تەسىرلەندىم، قىلغىنىم كىچىك ئىش بولغان بولسىمۇ، ھەر ئىشنىڭ مەنىسى بار ئىدى. بەلكىم، ئۆزۈم يالغۇز كۆپ ئىش قىلالماسمەن، ئەمما، ئەڭ كامىدا بىر قانچە كىشىگە مەنىۋىي ياردەم بېرەلەيتتىم. بېشىغا كەلگەن دەرتلەر ئۈچۈن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى بۇ ئارقىلىق بولسىمۇ كۆرسىتەلەيتتىم. شۇ چاغلاردىن باشلاپ، دائىملا «ھەركىم يالغۇز بولسىمۇ، ئەڭ بولمىسا بىر ئىشلارنى قىلالايدۇ» دەيتتىم.

بىر پۈتۈن خەلقنى ھېچكىم ئۆزى يالغۇز قۇتقۇزالمايدۇ. ئەمما، يېقىن كەلگۈسىدە يالغۇز بىر كىشى ھېچبولمىس بىر ئائىلىنى، ياكى بىر كىشىنى بولسىمۇ قۇتقۇزالىشى مۇمكىن. ياردەمگە ھەر زامان تەييار تۇرۇشۇم كېرەك، باشقىلارغىمۇ مۇشۇنى ھېس قىلدۇرۇشنى خالايمەن. بۇ سەۋەبلىك ھەرىكەتلىرىمنى داۋاملاشتۇرىمەن. ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا ماقالە ۋە رەسىملەرنى ئورتاقلىشىمەن. ئۇيغۇرغا ياردەم ( Uyghur Aid) ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئۇچۇر ئامبىرىغا( Xinjiang Victims Database ) ھەمدەم بولۇشنى ئارزۇ قىلمەن. «ئۇ مېنىڭ ئىشىم ئەمەس» دېگەن چۈشەنچىلەر توغرا ئەمەس. بىرلا دۇنيارىمىز بار، تولىمۇ ئەپسۇسكى، دۇنيارىمىزنى بۇزۇۋەتتۇق. ھەممەيلە جىنايەتكار ئەمەس، بىراق ھەممەيلەننىڭ مەسئۇلىيىتى بار.

ئالدىنقى ھەپتە يەنە رەسىم تارتقۇزماقچى بولدۇم، بىراق، يالغۇز قالدىم، پەقەتلا سۈپىتى ياخشى چىقمىغان بىر نەچچە نامايىش رەسىمىم چىقتى. بىراق، سۈپەت بەك مۇھىم ئەمەس. ئەڭ مۇھىمى، ئۇ كۈنى بىر ئۇيغۇر بۇنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ ئۇچىۋالا يالغۇز ۋە ياردەمچىسىز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى. بۇ ھال ماڭا تېخىمۇ كۈچ ۋە جاسارەت بېغىشلايدۇ. بۇنداق بولۇشىغا قارىماي بەزى يەرلەردە قاراڭغۇلۇقلار ساقلاپ تۇرماقتا. شۇندىمۇ، ھاياتنى داۋاملاشتۇرالايمىز، ئەلۋەتتە.

تۈركچىدىن ھېكمەتيار ئىبراھىم ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان.

جاۋاب يېزىش

error: Content is protected !!