ئابلىكىم باقى ئىلتەبىرنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

 

ئىستېداتلىق يازغۇچى، ئوت يۈرەك ئىنقىلابچى ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر 1951-يىلى 2-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىدە مەرىپەتپەرىۋەر ئائىلىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۈرۈمچىدە ئوقۇغان. ئۇنىڭ مەرىپەتپەرىۋەر ئاتا-بوۋىسى خىتاينىڭ مۇستەقىل دۆلىتىمىزگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىدىن ئىلگىرى-كېيىنكى ۋەھشىيانە سىياسەتلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان. توغرا شەكىلدىكى ئائىلە تەربىيىسى ۋە ئىش-ھادىسىلەر ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىش سەۋەبلىك ئابلىكىم باقىنىڭ قەلبىدە كىچىدىنلا خىتاينىڭ زوراۋانلىقى، زۇلمى ۋە جىنايەتلىرىگە قارشى نەپرەت ۋە ئىسيانكارلىق شەكىللەنگەن. ئابلىكىم باقى مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا توققۇزتارا ناھىيىسىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان. 1975-يىلى 9-ئايدىن 1977-يىلى 7-ئايغىچە ئۈرۈمچى مائارىپ ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان، كېيىنكى مەزگىللەردە يەنە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر ئەپەندى 1992-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىن ئايرىلغانغا قەدەر ئۈرۈمچى تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق خىزمەتلەردە بولغان.

ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر «تەڭرىتاغ ژۇرنىلى» نىڭ باش مۇھەررىرلىكىدىن ئىبارەت ھەممە زىيالىي دېگۈدەك تەلپۈنىدىغان مۇھىم خىزمىتىنى تاشلاپ، 1992-يىلى ۋەتەننى تەرك ئېتىپ چەتئەلگە يېنىپ چىققان. تۈركىيەدە ياشاش جەريانىدا بىر كۈنمۇ بوش تۇرماي يەنىلا ئاقارتىش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان. خىتاي باش مىنىستىرى لى پىڭنىڭ تۈركىيە زىيارىتىگە توغرىلاپ، خىتايغا قارشى نامايىش تەشكىللىمەكچى بولغانلىقى سەۋەبلىك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارا قولىنى سوزىشى نەتىجىسىدە تۈركىيەدە بەش كۈن قاماقتا ياتقان.

2000-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە «ئامېرىكا ئەركىن ئاسيا راديوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى» دە ئىشلەپ، مۇشۇ ئورگاندىن پېنسىيىگە چىققان.

شېئىرلىرى ئارقىلىق بالىلارنىڭ قەلبىگە مەرىپەت ئۇرۇقى تېرىغان، ئوقۇتقۇچىلىق مۇنبىرىدە ئوقۇغۇچىلارغا مىللەتپەرىۋەرلىك روھىنى سىڭدۈرۈپ بىر ئەۋلاد ۋەتەنپەرىۋەر ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەپ چىققان، ژۇرنالىستلىق سالاھىيىتى بىلەن مىللەتنىڭ ئويغىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ماقالە-ئەسەرلەرنى نەشىر قىلدۇرۇش يولىدا تىنىمسىز ئىزدەنگەن ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر مىللەتنىڭ ئويغۇنىشىدا قولىدىن كەلگەنلىكى ھەممە تىرىشچانلىقنى كۆرسەتكەن.

ھاياتىدا كۆپلەپ شېئىر، ماقالە، مەسەل، ئەدەبىي ئاخبارات، تەرجىمھال، تارىخ، جۇغراپىيە قاتارلىق پەن ۋە ژانىرلاردا ئېسىل ۋە تەخىرسىز ئەسەرلەرنى روياپقا چىقارغان. زۇنۇن قادىرى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىر قاتارلىق مەشھۇر زىيالىي ۋە يازغۇچىلار بىلەن قويۇپ باردى كەلدىسى بولغان ئابلىكىم باقى بۇ زاتلاردىكى مىللەتپەرىۋەرلىك، مەرىپەتپەرىۋەرلىك، زۇلۇمغا باش ئەگمەسلىك ۋە ئىلىمنى سۆيۈش روھىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا سىڭدۈرۈشتە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان شەخىسلەردىن بىرىدۇر. ئەجدادىمىزنىڭ ياۋغا باش ئەگمەسلىك، ھەققانىيەت ئۈچۈن گېزى كەلسە جاندىن كېچىشتەك باتۇرانە خىسلىتىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن بۇ ئىنقىلابچىمىز ئادىمىيلىك پەزىلەتتىنمۇ ياخشى نېسىۋە ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ تۇز-تائامىنى يېگەن، ئۇنىڭدىن ئىلىم ئالغان، ئۇنىڭ بىلەن خىزمەتداش بولۇپ ئىشلىگەن ھەر-بىر ئۇيغۇرنىڭ ئابلىكىم باقىنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدىغانلىقىنى بايقايسىز.

پۈتكۈل ھاياتىنى مىللەتنى ئويغۇتۇشقا، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ۋە خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى ئازاد قىلىشقا ئاتىغان، بۇ يولدا ئۈن-تىنسىز ھالدا ئىنقىلاب سېپىنىڭ ئالدىدا خىزمەت قىلغان بۇ ئەركىنلىك جەڭچىسى 2019-يىلى، 8-ئاۋغۇست ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلغان.

 

جاۋاب يېزىش

error: Content is protected !!