يىغىۋېلىش لاگېرىدا غايب بولغان قىزىل كىيىملىك قىزچاق

ئېلشات ھەسەن

(بۇ ماقالە ئۇيغۇرلار ژۇرنىلىنىڭ 30-سانىدا ئېلان قىلىنغان، 2022-يىلى، 2-ئاي)

چەت ئەلگە چىقىشتىن ئىلگىرى، بىر دوستۇمنىڭ ئۆيىدە «شىنلېرنىڭ تىزىملىكى» (Schindler’s List) دېگەن فىلىمنىڭ سۈپەتسىز نەشرىنى كۆرگەنىدىم. فىلىم تۇتۇق، يەنە كېلىپ خىتايچە خېتىلا بار بولغاچقا، مەندە ھېچقانچە تەسىر قالدۇرمىغانىدى. ئامېرىكا كەلگەندىن كېيىن، بۇندىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى «شىنلېرنىڭ تىزىملىكى»نىڭ ئېنگلىزچە نۇسخىسىنى كۆرۈپ، كۆزلىرىمگە ياش كەلدى. يەھۇدىيلار دۇچ كەلگەن قەتلىئام ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇنچە مۇنەۋۋەر كۆرۈنىدىغان گېرمان خەلقىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھىتلېرنىڭ ئەسەبىيلىكى ۋە رەزىللىكىگە ئاۋاز قوشقانلىقىدىن ئېسەنكىرەپ قالدىم.

مېنىڭمۇ بىر قىزىم بارلىقىدىنمۇ ئەيتاۋۇر، «شىنلېرنىڭ تىزىملىكى» دېگەن فىلىمدىكى تىكەندەك يالغۇز قالغان، قەتلىئام يۈز بەرگەن كوچىدا مېڭىۋاتقان قىزىل كىيىملىك قىزچاقنىڭ كۆرۈنۈشى خېلى ئۇزۇنغىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمىگەنىدى.

2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، مېنىڭ يۇرتۇم شەرقىي تۈركىستاندىمۇ يىغىۋېلىش لاگېرلىرى بارلىقى ئاشكارىلانغاندىن باشلاپ، ئوغۇل-قىزلىرىدىن جۇدا بولغان ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاھۇ-زارلىرىنى كۆرگىنىمدە، ئاڭلىغىنىمدا؛ غايىپ بولغان پەرزەنتلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈپ، كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئەزگۈدەك نالە-پەرياد قىلغىنىچە خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا ھوشىدىن كەتكەن ئۇيغۇر ئانىلارنى كۆرگىنىمدە، ھېلىقى قىزىل كىيىملىك قىزچاقنىڭ سىيماسى قەلبىمدىكى ئۆچمەس ئىزغا ئايلاندى.

راستىنى ئېيتسام، تاكى (شەرقىي تۈركىستاندا) يىغىۋېلىش لاگېرلىرى بارلىقى ئاشكارىلانغانغا قەدەر، مەن ئۆز مىللىتىمنىڭ، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ يەھۇدىي پاجىئەسىگە قىسمەتداش بولۇپ، ناتسىستلارنىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىسى بولغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنىڭ ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قېلىشىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغانىدىم.

مەن ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، (بۇ جەھەتتە) بىرەر ئىش قىلىشىم كېرەك ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، مەن مىللەتنى قۇتۇلدۇرۇش چارىسىنى تېپىپ چىقىش، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ رەزىللىكىنىڭ مەنبەسى ھەققىدە ئىزدىنىش مەقسىتىدە، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا، جۈملىدىن يەھۇدىي قەتلىئامىغا ئالاقىدار كىتاب، ۋىدىيولارنى توپلاپ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ كىتاب ئوقۇپ، ۋىدىيو كۆرۈشكە باشلىدىم ۋە شۇ ئارقىلىق چىقىشنى يولىنى ۋە جاۋابنى تاپماقچى بولدۇم.

يېقىندا، مەن خاننا ئارېندىتنىڭ «ئايكمەن يېرۇسالىمدا: ئادەتلەشكەن رەزىللىك توغرىسىدىكى بىر پارچە دوكلات» دېگەن ئەسىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، شۇنىڭغا ئالاقىدار ۋىدىيو ھۆججەتلىرىنى ئىزدىدىم ۋە يەھۇدىي قەتلىئامى جەريانىدىكى يەنە بىر قىزىل كىيىملىك قىزچاقنىڭ ھېكايىسىنى بايقىدىم. شۇنداقلا، بۇ ۋەقەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇيقۇم قېچىپ، خېلى ئۇزۇنغىچە ئەسلىمگە كېلەلمىدىم.

بۇ (يەنى كېيىنكى) قىزىل كىيىملىك قىزچاقنىڭ ھېكايىسىنى ئايكمەننى سوتقا تارتقان ئىسرائىلىيەلىك تەپتىش ئەمەلدارى سۆزلىگەنىدى. مەزكۇر تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ئايكمەننىڭ سوتىدا گۇۋاھچىلار سوتقا چىقىپ گۇۋاھلىق بېرىدىغان باسقۇچقا كەلگەندە، يىغىۋېلىش لاگېرىدىن ئامان قالغان بىرەيلەن ئۆز ئائىلىسى دۇچار بولغان قىسمەتلەرنى بايان قىلغان. ئەينى چاغدا، ھەرقايسى جايلاردىكى ئەر-ئايال، قېرى-ياش يەھۇدىيلار يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئاپىرىلغاندىن كېيىن، ناتسىستلار ئۇلارنى تۈرگە ئايرىغان. يەنى، ئۆزلىرى كارغا كېلىدۇ، دەپ قارىغانلارنى مەجبۇرىي قۇللۇق ئەمگىكىگە سېلىش ئۈچۈن ئېلىپ قېلىپ، كارغا كەلمەيدۇ دەپ قارىغانلارنى زەھەرلىك گازخانىغا، جەسەت كۆيدۈرۈش پېچلىرىغا يوللىغان. 

مەزكۇر گۇۋاھچى ئائىلىسى بويىچە مەلۇم بىر يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، ئۇ ئىنژېنېر بولغانلىقى ئۈچۈن ناتسىستلار تەرىپىدىن ئېلىپ قېلىنغان ۋە ئوڭ تەرەپتە ساقلاپ تۇرۇشقا بۇيرۇلغان؛ ئۇنىڭ ئايالى ناتسىستلار تەرىپىدىن سول تەرەپتىكى كىشىلەرگە ئەگىشىپ مېڭىشقا بۇيرۇلغان؛ بۇ گۇۋاھچىنىڭ ئىككى يېرىم ياشلىق بىر قىزى بار بولۇپ، ناتسىستلار شۇ كىچىك قىزغىمۇ ئاپىسىغا ئەگىشىپ مېڭىشنى ئېيتقان؛ ئاندىن ناتسىستلار گۇۋاھچىنىڭ 11 ياشلىق ئوغلىنىمۇ (ئۆلتۈرۈلۈش ئۈچۈن ئېلىپ مېڭىلغان) ئاپىسىنىڭ قاتارىدىكىلەرگە يېتىشىۋېلىشقا بۇيرۇلغان. 

گۇۋاھچى سوتتا شۇنداق دېگەن: «ئايالىم بىلەن ئوغلۇم جۇل-جۇل كىيىملەرنى كىيگەن كىشىلەر توپى ئارىسىدا ئاستا-ئاستا كۆزۈمدىن غايىب بولدى. لېكىن، كىچىك قىزىم كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان قىزىل چاپىنىنى كىيىۋالغانىكەن. ئاشۇ قىزىل رەڭ كۆز ئالدىمدا بارغانسېرى كىچىكلەپ، ئاستا-ئاستا بىر چېكىتكە ئايلاندى ۋە ئاخىرىدا تولۇق غايىب بولدى… ئائىلەم، ئەنە شۇ رەۋىشتە كۆزۈمدىن غايىب بولدى».

ئىسرائىلىيەلىك تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ قىزىمۇ دەل ئىككى يېرىم ياشقا كىرگەنىكەن، شۇنداقلا شۇ سوتتىن يېرىم ئاي ئىلگىرى، ئۇمۇ قىزىغا بىر دانە قىزىل چاپان ئېلىپ بەرگەنىكەن. شۇ ۋەجىدىن، ئۇ يىغىۋېلىش لاگېرىدىن ئامان قالغان مەزكۇر كىشىنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، گېلىنى بىر نەرسە كېسىۋەتكەندەكلا، گەپ قىلالماي قالغان. پۈتۈن سوت زالى تىمتاسلىققا چۆمگەن.

مەزكۇر ۋەقەنى بايان قىلغاندا توقسان ياشقا كىرىپ قالغان تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ زىيارەت قىلغۇچىغا ئېيتىشىچە، ئۇ ئاشۇ سوتتىن كېيىن، كوچىدا، ئاشپۇزۇلدا ياكى باشقا جايلاردا، قىزىل كىيىم كىيىۋالغان كىچىك قىزلارنى ياكى ئوغۇللارنى كۆرسىلا، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ، يىغىۋېلىش لاگېرىدىن ئامان قالغان ھېلىقى كىشىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرى ۋە قىزىل كىيىملىك قىزچاق ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا زاھىرلىنىپ، ئۇنى تەگسىز ئازاب قاينىمىغا سۆرىگەن.

مېنىڭمۇ بىر كىچىك قىزىم بار، مەنمۇ ئۇنىڭغا قىزىل كىيىملەرنى ئېلىپ بېرىشنى ياقتۇرىمەن.

ھازىر، مەن دادىلىق سالاھىيىتىمدە، ھەر قېتىم قىزىمنىڭ قىزىل كىيىم كىيگىنىنى كۆرگىنىمدە، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ قۇربانلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، «شىنلېرنىڭ تىزىملىكى»دىكى ھېلىقى قىزىل كىيىملىك قىزچاق، ياكى ئايكمەننىڭ سوتىغا مەسئۇل تەپتىش ئەمەلدارى گېپىنى قىلغان ئىككى يېرىم ياشلىق كىچىك قىزچاقلا ئەمەس، بەلكى قىزىل كىيىم كىيگەن سانسىزلىغان كىچىك ئۇيغۇر ئوغۇل–قىزلىرى كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ.

ئالاھەزەل يېرىم يىل ئىلگىرى، ياۋروپادىكى بىر ئۇيغۇر باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ، مېنىڭ تېلېفون نومۇرۇمنى تېپىپ، ماڭا تېلېفون قىپتۇ. ئۇ تېلېفوندا ئىككى قىزىنى چەتئەلگە ئېلىپ چىقالمىغانلىقى توغرىسىدا دەرت تۆكۈپ، قىزلىرىغا ئازراق پۇل ئەۋەتىپ بېرىشكە ياردەم قىلالايدىغان-قىلالمايدىغانلىقىمنى سورىدى. ئۇ مېنىڭ خىتايلار بىلەن خېلى كۆپ باردى-كەلدى قىلغىنىمغا قاراپ، بۇ ئىشتا ئەسقاتقۇدەك بىرەر-ئىككى دوستى بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئويلىغانىكەن. مەن دەرھال ئۆزۈم ئىشەنچ قىلالايدىغان خىتاي دوستلارنى سەپەرۋەر قىلدىم ۋە ئاخىرىدا بۇ ئىشقا ياردەم قىلىشنى خالايدىغان خىتايدىن بىر تاپتىم. پۇلمۇ ئۇنىڭ قىزلىرىنىڭ قولىغا تەگدى.

ۋەھالەنكى، بۇ ئۇيغۇر دادا يەنىلا تەلەيلىك ھېسابلىناتتى. چۈنكى، ئۇنىڭ ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىسى ئىككى قىزىغا قارايدىكەن. گەرچە ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنتلەر بىردەك ھالدا جۇدالىق دەردىدە پۇچۇلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ يېنىدا ئىدى ۋە ئۇلارنىڭ دېرىكىنى ئېلىپ، پۇل سېلىپ بەرگىلى بولاتتى.

ئەمما، يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى، ھەتتا ئۆلۈك-تىرىكلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ.

تۈركىيەدىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ ئايالى 2017-يىلى تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن ۋەتەنگە قايتقان ۋە شۇ كەتكەنچە، خۇددى غايىب بولغاندەكلا، زىنھار ئىز-دېرىكى بولمىغان. شۇنىڭ بىلەن، بۇ كىشى توختىماي ئايالى بىلەن بالىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلغان ۋە 2019-يىلى خىتاينىڭ «مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى»دا قويۇلغان «بەختلىك ئۇيغۇر بالىلار يېتىمخانىسى (دارىلئېتامى) تۇرمۇشى» دېگەن پروگراممىدا، كىچىك ئوغلىنىڭ ئاشۇ ئاتالمىش «پەرىشتىلەر يېتىمخانىسى»دا ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئەمما، ئايالىدىن يەنىلا خەۋەر ئالالمىغان.

ئايال-بالىلىرى بىلەن ئايرىلىپ ياشاشقا مەجبۇر بولغان ئاۋسترالىيەدىكى مامۇتجان ئارىدىن تۆت يىل ئۆتكەندىن كېيىن، مىڭبىر تەسلىكتە CNN نىڭ مۇخبىرى ئارقىلىق ئون ياشلىق قىزىنىڭ يىغا-زارىسىنى، ئۇنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى دادىسىغا، خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدا غايىب بولغان ئاپىسىغا بولغان سېغىنىشلىرىنى ئاڭلىغان. لېكىن، تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى، مامۇتجان ئايالى ۋە قىزىغا بولغان سېغىنىش، شۇنداقلا (خىتاينىڭ بۇ زۇلمىغا بولغان) قايغۇ-نەپرەت ئىلكىدە پۇچۇلىنىۋاتقاندا، ئارىدىن بىرەر ھەپتە ئۆتەر-ئۆتمەستىن، خىتاينىڭ «يەرشارى تېلېۋىزىيە تورى»دا خىتاي مۇخبىرلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرىي «بەختلىكلەشتۈرۈلگەن» كىچىك قىزىنىڭ ئۇنى ئەيىبلىگەنلىكىنى كۆرگەن.

يەنە شۇ گۇرۇپپىدىكى CNN مۇخبىرلىرى ئىتالىيەدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇرنىڭ تۆت پەرزەنتىنى تاپقان بولۇپ، بۇ بالىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يېتىمخانا»سىغا بەند قىلىنغانىدى. (مەزكۇر مۇخبىرلار تارتقان) يېتىمخانىدىكى بۇ تۆت بالىنىڭ قوللىرىدا «دادا، ئاپا! سىلەرنى سېغىندۇق» دېگەن خەتلەر يېزىلغان تاختىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان سۈرىتى ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بولغان چەكسىز سېغىنىشىنى ئىپادىلىگەن.

(پەرزەنتلىرىنىڭ سۈرىتىنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولغان) بۇ ئۇيغۇر ئەر-ئايالنىمۇ نىسبەتەن بەختلىك دېمەي بولمايتتى، چۈنكى ئۇلار ھېچبولمىسا ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ دېرىكىنى قىلالىغان، پەرزەنتلىرىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ئىدى. ھالبۇكى، يەنە سانسىزلىغان ئۇيغۇر ئاتا-ئانا بالىلىرىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى، ھەتتا ئۆلۈك-تىرىكلىكىنىمۇ بىلمەيتتى. ئۇلاردىن بەزىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى ئۇرۇق-تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ۋەتەنگە قايتىدىغان ئايروپىلانغا چىققان پېتى، ئىككىنچىلەپ ئىز-دېرىكى بولمىغان ۋە شۇ كەتكەنچە نە ئۆلۈكى، نە تىرىكى كۆرۈنمىگەن.

ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىن كېيىن پەيدا بولغان مەسىلە ئەمەس. 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل قەتلىئامى»دىن كېيىن، بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرلار يوقاپ كەتكەن. ئۇيغۇر ئانا پاتىگۈل 2009-يىلىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆيىدىن ئېلىپ كېتىلگەن ئوغلىنىڭ دېرىكىنى قىلغان ۋە 2014-يىلى ئۆزىمۇ مەخپىي سوتلانغان ھەمدە شۇنىڭدىن كېيىن، پەرزەنتىنى تاپالمىغان بۇ ئانىمۇ خىتاينىڭ قاراڭغۇ زىندانىدا غايىب بولغان.

ئۇيغۇر ئانا پاتىگۈلنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ مۇخبىرغا ئېيتقان شۇ سۆزلىرى پەقەت ئېسىمدىن چىقمايدۇ: «مەن پەلەستىندىكى، سۈرىيەدىكى ئانىلارغا ھەۋەس قىلىمەن، چۈنكى ئۇلار ھېچبولمىسا ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئۆز قولى بىلەن دەپنە قىلالايدۇ. مېنىڭ پەقەت بالامنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنىلا بىلگۈم بار. ئەگەر بالام ئۆلگەن بولسا، جەسىتىنى ماڭا قايتۇرۇپ بېرىڭلار. مەن پەقەت ئوغلۇمنى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈپ، ئۆز قولۇم بىلەن دەپنە قىلىشنىلا ئويلايمەن».

خىتايچىدىن ھېكمەتيار ئىبراھىم تەرجىمىسى

مەنبە:

https://www.rfa.org/mandarin/pinglun/jujiaoweiwuer/ylxt-03302021094038.html

جاۋاب يېزىش

error: Content is protected !!