يېزىمىزدىكى تۇنجى خىتاي

ئېلشات ھەسەن

(ئېلشات ھەسەننىڭ «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى»نىڭ خىتايچە سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان

شۇ ناملىق ماقالىسىدىن تەرجىمە قىلىندى)

ئۇيغۇرلار ژۇرنىلىنىڭ 29-سانىدىن ئېلىندى

مېنىڭ كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن يۇرتۇم ـــ چۇلۇقاي يېزىسى غۇلجا شەھىرىنىڭ جەنۇبقا مايىل شەرق تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، غۇلجا شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن ئوتتۇز نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ. چۇلۇقاي يېزىسىغا يانداشقان چۇلۇقاي دەرياسى تەڭرىتاغ جىلغىلىرىنى بويلاپ چۈشۈپ، شەرقتىن غەربكە، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ، ئەگرى – بۈگرى ئاققىنىچە، غۇلجا شەھىرىگىچە سوزۇلاتتى. ئەتراپىنى تاغ – دەريالار قورشاپ تۇرغىنى ئۈچۈن، بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى ئالاھىدە گۈزەل ئىدى.

تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسىغا جايلاشقان چۇلۇقاي يېزىسىدا سۇلار شىرىلداپ ئېقىپ تۇراتتى، ئوت – چۆپلەر بولۇق ئۆسكەن بولۇپ، تاغ ئېتىكىدە سۈپسۈزۈك سۇلىرى بۇلدۇقلاپ ئېقىپ تۇرىدىغان سان – ساناقسىز بۇلاقلار بار ئىدى. گەرچە، قىشتا يېزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تاغلارنى ئاپئاق قارلار قاپلاپ تۇرسىمۇ، ئەمما تاغ ئېتىكى ئۇنچىۋالا سوغۇق ئەمەس ئىدى، دەريا سۈيىمۇ كۆپىنچە ۋاقىتتا مۇز تۇتمايتتى. ياز پەسلىدە بولسا، چۇلۇقاي يېزىسى بۈك – باراقسان يېشىللىققا پۈركىنىپ، مېۋە – چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدىنى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. ھاۋاسىمۇ سالقىن ئىدى. شۇ ۋەجىدىن، بۇ يەر بىر مەھەل غۇلجا شەھىرىدىكى مۆتىۋەرلەرنىڭ يازلىق ئارامگاھىغا ئايلىنىپ قالغانىدى.

مەن 1970 – يىللارنىڭ بېشىدا چۇلۇقاي يېزىسىدىن ئايرىلغانغا قەدەر، گەرچە ئۇيغۇرلار ئومۇمەن نامراتلىق ئىلكىدە ياشىسىمۇ، لېكىن چۇلۇقايدىكى ھەممە ئائىلىنىڭ چوڭ – كىچىك باغۋارانلىرى بولغاچقا، يازدا يېڭى مېۋە – كۆكتاتلار، قىشتا ھەرخىل قۇرۇق مېۋىلەر ئۈزۈلمىگەچە، يېزىدىكىلەر يەنىلا ئاچ قالماي، قەدىر ئەھۋال ياشايتتى. 

بوۋامنىڭ بېغى تولىمۇ چوڭ ئىدى، ھەتتا باغنىڭ ئىچىدە بىر ئۆستەڭ ئېقىپ ئۆتەتتى. يازدا مېۋىلەر پىشىپ مەي بولغاندا، بىز بالىلارغا بايرام بولاتتى. قورسىقىمىز ئاچسا، خالىغان بىرەرسىنىڭ بېغىغا كىرىپ، دەرەخلەرگە يامىشىپ، مېۋىلەرنى ئۈزۈپ يەيتتۇق. ياكى قايسىدۇر بىر ئۆيدىكى ئاپاشتىن بىرەر تال نان سوراپ، يولدا يەپ ماڭاتتۇق. ئۇسسىساق، دەريا بويىغا ياكى بۇلاق بويىغا بېرىپ، ھەم سوغۇق، ھەم لەززەتلىك تاغ سۈيىنى ئىچەتتۇق.

ئەينى چاغدا، تاكى 1960 – يىللارنىڭ ئاخىرىلىرىغىچە، چۇلۇقايدىكى ئومۇمىي نوپۇس ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. نەچچە ئون ئۆيلۈك قازاقلارنى ۋە بىر – ئىككى ئائىلە تۇڭگانلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئىدى. پۈتۈن يېزا تەۋەسىدە بىرمۇ خىتاي يوق ئىدى. شۇ ۋەجىدىن، ئۇيغۇر تىلىنى يېزىمىزدىكى ئورتاق تىل دېيىشكە بولاتتى، كىشىلەر ئارىسىدا ھېچقانداق ئۆرپ – ئادەت پەرقى يوق ئىدى.

يېزىدىكى بىر قانچە ئۆيلۈك تۇڭگانلارمۇ ئۇيغۇرچىنى سۇدەك راۋان سۆزلەيتتى. بوۋامنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرىدىغان، تەمىنات – سودا كوپىراتىپىدا خىزمەت قىلىدىغان بىر ئائىلە تۇڭگانلار ئۆي بويىچە ئۇيغۇرچە سۆزلەيتتى. ئۇلارنىڭ ئوغلى ۋالى بىز بىلەن بىللە، ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇيتتى. بىز بالىلارنىڭ نەزىرىدە، ئۇلار بىزگە ئوخشاش ئىدى، بىزگە ئوخشاش تىلدا سۆزلەيتتى، بىزگە ئوخشاش تۇرمۇش كەچۈرەتتى. ئېھتىمال، شۇ مەزگىللەردە چوڭلارمۇ، بالىلارمۇ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ياكى ئەمەسلىكىنى ئويلاپ يۈرمىگەن بولسا كېرەك.

چۇلۇقاي يېزىسىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا، مەن بىلگەن، كۆرگەن تۇنجى خىتاي لى فامىلىك سېكرېتار ئىدى. لى سېكرېتارنىڭ ئىسمىنىڭ نېمىلىكىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. ئۇنىڭ كوپېراتسىيەنىڭ سېكرېتارى ياكى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ سېكرېتارى ئىكەنلىكىنىمۇ ھېچكىم بىلمەيتتى. ئېھتىمال ئۇ غۇلجا ناھىيەسىدە تۇرسا كېرەك، ئىشقىلىپ يېزىدا تۇرمايتتى،. ئۇ پەقەت ھەر قېتىم يىغىن ئېچىلغاندا جىپ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ كېلەتتى ۋە يىغىندا سۆز قىلىپ بولغاندىن كېيىن، قانداق جىددىي كەلگەن بولسا، شۇنداق جىددىي كېتىپ قالاتتى. ئۇ ئۇيغۇرچە بىلمىگەچكە، ھەر قېتىم گەپ قىلسا، چوقۇم بىر ئۇيغۇر ئۇنىڭغا تەرجىمانلىق قىلاتتى.

بۇنىڭدىن سىرت، بىز پەقەت غۇلجىدا ۋە يىراق چېگرادىكى ھەربىي قىسىم بىلەن «ئىش – قۇر قىسىملىرى» (بىڭتۈەن)دا خىتايلار بارلىقىنى ئاڭلايتتۇق – يۇ، ئۇلارنىمۇ يېقىندىن كۆرۈپ باقىمغانىدۇق. بىر قانچە قېتىم، دالا مەشىقىگە چىققان «خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى»نىڭ ئەسكەرلىرى كەنتىمىزنىڭ ئۇدۇلىدىكى تاغدىن ئۆتكەندە، بىز كىچىك بالىلار (ئۇلارنى كۆرۈش ئۈچۈن) بېرىپ بولغۇچە، ئۇلار ئاللىقاچان كۆزدىن غايىب بولغانىدى. شۇ ۋەجىدىن، ئەينى چاغدىكى چۇلۇقايلىقلارغا نىسبەتەن، خىتايلار تولىمۇ ناتونۇش كىشىلەر ئىدى.

ئالاھەزەل 1960 – يىللارنىڭ ئاخىرلىرى بولسا كېرەك، يېزىدا تىلەمچىلىك قىلىدىغان بىر خىتاينىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقى توغرىسىدا گەپ تارقالدى. ئۇنىڭ ئىسىم – فامىلىسىنى، قەيەردىن كېلىپ قالغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. دەسلەپتە، ئۇ ئۇيغۇرچىنى چالا – بۇلا سۆزلەيتتى. لېكىن، يېزىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى ۋە قىزىقتۇرغىنى شۇ ئىدىكى، ئۇ مۇسۇلمان تىلەمچىلەرگە ئوخشاش قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشنى بىلەتتى، ھەتتا نېمىلەرنىدۇر ئوقۇپمۇ قوياتتى.

بوۋامنىڭ ئۆيى چۇلۇقاي يېزىسىدىكى چوڭ يولنىڭ بويىدا بولۇپ، ھويلىنىڭ ئىشىكى يولغا قارايتتى. يولنىڭ قارشى قاسنىقىدا بىر دەريا، دەريانىڭ يەنە بىر تەرىپىدە بىر قانچە ئۆيلۈك ئۇيغۇرلار ۋە تەمىنات – سودا كوپىراتىپى بار ئىدى. ئۇ چاغلاردا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھويلىلىرىنىڭ دەرۋازىلىرى ئوچۇق تۇراتتى. ئىشىكمۇ يوق ئىدى. مال – چارۋىلارنىڭ قالايمىقان ئۈسۈپ كىرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈنلا، دەرۋازىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تۈۋرۈككە بىر قانچە تال كالتەك چېتىپ قويۇلاتتى. 

 چوڭ يول تەرەپتىن كىرگەندە بوۋاملارنىڭ كەڭرى ھويلىسى كۆزگە چېلىقاتتى. ھويلىنىڭ ئالدى تەرىپىدە ئۈزۈم بارىڭى ۋە ئۈچ تەرىپى يېرىم ئېتىلگەن سۇپىسى بار ئىدى. چۇلۇقايدا ھەممىلا ئۇيغۇر ئائىلىسىدە دېگۈدەك سۇپا بار بولۇپ، يازدا ناشتا قىلىش، تاماق يېيىش قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلىتىلەتتى. ئۆيىمىزنىڭ سۇپىسى بىۋاسىتە چوڭ يولغا قاراپ تۇرىدىغان بولۇپ، چوڭ يولدىن ئۆتكەن – كەچكەنلەر كۆرەلەيتتى. شۇ سەۋەبتىن، ناشتىدا ياكى كەچلىك تاماق ۋاقتىدا، يولدىن ئۆتكەنلەر بوۋامغا سالام قىلاتتى. بەزىدە بوۋاممۇ ئۇلارنى بىللە چاي ئىچىپ، تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلاتتى.

ئېسىمدە قېلىشىچە، بىر كۈنى ناشتا قىلىۋاتاتتۇق. ھويلىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىغا بىر تىلەمچى كېلىپ قالدى. ئۇ ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىۋاتقاندەك ۋە يەنە باشقا نېمىلەرنىدۇر دەۋاتقاندەك قىلاتتى. بوۋام ئۇنىڭغا قاراپ قويۇپ، كۈلۈمسىرىگىنىچە: «ساھىل («تىلەمچى»نىڭ سىلىق نۇسخىسى) ئىكەن، ئۇنى باشلاپ كىرىڭلار، بىرەر چىنە قىزىق چاي ئىچىپ، قورسىقىنى توقلىۋالسۇن» دېدى.

تاغام ئىككىمىز چىقىپ، ئۇنى سۇپىغا باشلاپ كىردۇق. ئەمما، ئۇ ئۇيغۇر ئەمەس ئىدى. لېكىن، بوۋام يەنىلا تەبەسسۇم قىلغىنىچە ئۇنى يېنىدا ئولتۇرغۇزدى. مومام ئۇنىڭغا ھورى ئۆرلەپ تۇرغان بىر چىنە ئەتكەن چاي سۇندى. ئۇ بىر تەرەپتىن چاي ئىچكەچ، يەنە بىر تەرەپتىن چالا – بۇلا ئۇيغۇرچىسى بىلەن كەچمىشىنى سۆزلەشكە باشلىدى. مەن ئۇنىڭ گەپلىرىنى پەقەتلا چۈشىنەلمىدىم. كېيىن، بوۋامنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، بۇ دەل ھېلىقى يېزىمىزغا پەيدا بولۇپ قالغان خىتاي تىلەمچى شۇ ئىكەن. بوۋام ماڭا ئۇنىڭ ئۆيىمۇ، خىزمىتىمۇ، نوپۇسىمۇ يوق بولغاچقا، تولىمۇ بىچارە بولۇپ قالغانلىقىنى دەپ بەرگەنىدى.

خىتاي تىلەمچى ئەتكەن چايغا نان تۈگۈرۈپ يەپ بولغاندىن كېيىن، بوۋام دۇئاغا قول كۆتۈرۈۋىدى، ھېلىقى تىلەمچىمۇ بىز بىلەن بىللە قولىنى كۆتۈردى. بوۋام بۇنىڭدىن ھەم ھەيران قالدى، ھەم خۇشال بولۇپ كەتتى ھەمدە شۇنىڭدىن كېيىن خېلى كۈنلەرگىچە: «كۆرمەمسىلەر، بىر خىتاي جېنىدا بىزنىڭ دۇئايىمىزنى ئۆگىنىۋاپتۇ» دەپ يۈردى.

بۇ خىتاي بۈگۈنى بۇنىڭ، ئەتىسى ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ يۈرۈپ، چۇلۇقايلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دائىمىي مېھمىنىغا ئايلىنىپ قالدى ۋە ئۇيغۇرچە سەۋىيەسىمۇ ئىلگىرىلەشكە باشلىدى. بىر مەزگىلدىن كېيىن، كىشىلەر ئۇنىڭ كېسەل داۋالىيالايدىغانلىقىنى بايقاشتى ۋە  ئۇ بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ كېسىلىنى كۆرۈشكە باشلىغاندىن كېيىن، كىشىلەرنى ئۇنى «لى دوختۇر» دەپ ئاتاشقا باشلىدى.

كېيىن، چوڭلاردىن ئاڭلىشىمچە، «لى دوختۇر» ئەسلىدە خىتاينىڭ قايسى بىر يېرىدە دوختۇر ئىكەنمىش. كېلىپ چىقىشى سەۋەبلىكمۇ ئەيتاۋۇر، «قارا بەش خىللار» (ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدىكى «پومېشچىك، باي دېھقان، ئەكسىلئىنقىلابچى، بۇزۇق ئۇنسۇر، ئوڭچى» دەپ بېكىتىلگەن بەش تۈرلۈك كىشىلەر، ت) قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنىكەن. لى دوختۇر زىيانكەشلىكلەرگە بەرداشلىق بېرەلمەي، خوتۇن – بالىلىرىنى تاشلاپ، پىيادە مېڭىپ، پويىزلارغا يامىشىپ دېگەندەك، مىڭبىر جاپادا خىتاي زېمىنىدىن بىزنىڭ غۇلجىغا، ئەڭ ئاخىرىدا چۇلۇقايغا كېلىپ قالغانىكەن.

يەنە بىر مەزگىلدىن كېيىن، يېزىدىكى چوڭلارنىڭ ھەيدەكچىلىك قىلىشى نەتىجىسىدە، يېزا كادىرلىرى يېزىنىڭ تاغقا يېقىن يېرىدىن لى دوختۇرغا بىر پارچە يەر بۆلۈپ بەردى. لى دوختۇرمۇ ئۆيلۈك بولۇپ قالغاچقا، تىلەمچىلىك قىلماس بولدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۇ بىر – ئىككى يىل ئىچىدىلا تامامەن ئۇيغۇرلىشىپ، چۇلۇقاي ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئارىسىغا سىڭىپ كەتتى. ئۇ ئۇيغۇرچىنى سۇدەك سۆزلەيتتى، ئۇيغۇرلار بىلەن ئارىلىشاتتى ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە «دۇئا» قىلاتتى.

ئارىدىن يەنە بىر – ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، لى دوختۇر خوتۇن – بالىلىرىنىمۇ يېنىغا ئەكېلىۋالدى. كېيىن، شۇلارنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمۇ كېلىشكە باشلىدى. مەن يۇرتتىن ئايرىلىدىغان چاغدا، چۇلۇقايدىكى خىتايلار ئەسلىدىكى يالغۇز لى دوختۇردىن كۆپىيىپ، ئالتە – يەتتە ئائىلە بولۇپ كەتكەنىدى. لېكىن، لى دوختۇرنىڭ ئىلگىرىكىدەكلا ئۇيغۇرلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتكىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغان بىر قانچە ئۆيلۈك خىتاينىڭ ئۇيغۇرچە ئۆگىنىشكە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىغا سىڭىپ كىرىشكە رەغدى يوقتەك قىلاتتى. ئەكسىچە، ئۇلار ئۆز ئالدىغا بىر مەھەللە شەكىللەندۈرگەنىدى.

ئاتالمىش «ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش» مەزگىلىگە كەلگەندە، چۇلۇقايدىكى خىتايلار ئەسلىدىكى لى فامىلىك تىلەمچى دوختۇردىن كۆپىيىپ، رەسمىي «خىتاي كەنتى»نى شەكىللەندۈرۈشتى. يەنە كېلىپ، بۇ خىتايلار ئۆزلىرىدىكى سىياسىي ھوقۇق، پۇل ۋە ئۇچۇر ئەۋزەللىكى سەۋەبلىك، تېز سۈرئەتتە بېيىپ كېتىشتى. شۇنداقلا، خىتاي كۆچمەن (كەلگۈندى)لەرنىڭ يەرلىرى بارغانسېرى كېڭىيىپ، ئۆيلىرى بارغانسېرى چوڭايدى. گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي شارائىتىمۇ ئومۇمەن ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن، تۈرلۈك توسالغۇلار ئەسلىدىكىدىنمۇ كۆپەيگەچكە، بىر قىسىم كىشىلەر تېخىمۇ نامراتلىشىپ كەتتى. 

يېزىدىكى خىتاي كەنتىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، يېزىلىق ھۆكۈمەت، ساقچىخانا، باجخانا قاتارلىق جايلاردىكى خىتاي ئەمەلدارلارمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. يېزا ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەر خىل يوقىلاڭ ئىشلارنى تېپىپ، بۈگۈنى پىلانلايمىز دېسە، ئەتىسى تەرەققىي قىلدۇرىمىز دەپ خەلقنى بىسەرەمجان قىلىشى نەتىجىسىدە، نەچچە يىل ئىچىدىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرى بارغانسېرى ۋەيرانىلىشىپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلادمۇ داۋاملىشىپ كەلگەن باغلارنىڭ كۆلىمى بارغانسېرى كىچىكلەپ كەتتى. بوۋامنىڭ بېغىمۇ بۆلۈشۈلۈپ، ئالقانچىلىك قىسمى ئۆزىمىزگە قالدى.

1990 – يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا يۇرتقان تۇغقان يوقلاپ بارغىنىمدا، لى دوختۇرنىڭ بىر ئوغلىنىڭ يېزىلىق پارتكومغا سېكرېتار بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. گەرچە ئۇ ئۇيغۇرچىنى راۋان سۆزلىيەلىسىمۇ، ئەمما كۆپىنچە ۋاقىتلاردا خىتايچە سۆزلەپ، گېپىنى تەرجىمان ئارقىلىق ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدۇرىدىكەن. ئۇنى ھالى تولىمۇ ئۈستۈن بولۇپ، دادىسىنىڭ ئەينى يىللىرى تىلەمچىلىك قىلغان چاغلاردىكى كىچىك پېئىل ۋە بىچارە ھالىتىدىن ئەسەرمۇ يوقمىش.

1997 – يىلى 2 – ئاينىڭ 5 – كۈنى، غۇلجىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ نامايىشى قانخورلارچە باستۇرۇلغاندىن كېيىنكى (يەنى 1998 -) يىلى چۆلدەرەپ قالغان چۇلۇقايغا كەلدىم. بىر كۈنى، كىچىكىمىزدە بىللە ئويناپ چوڭ بولۇپ، كېيىن كەنت باشلىقى بولغان ئاكىمىزدىن: «لى دوختۇرنىڭ ئوغلى قانداقراق؟ ئۇيغۇرلارغا خېلى ياخشى مۇئامىلە قىلىۋاتقاندۇ ھەقاچان؟» دەپ سورىدىم.

ئۇ ئاكىمىز: «ئىنىم، ئۇ نېمىلا دېمىگەن بىلەن خىتاي ئەمەلدار ئەمەسمۇ؟ خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ قايسىبىرى ئۇيغۇرلارغا ياخشىلىق قىلىپ باققان دەيسىز؟ قارىغاندا، بىز ئۇيغۇرلار بەكلا ئاق كۆڭۈل، زىيادە مېھماندوست خەق ئىكەنمىز. بەزىدە تولىمۇ ئاددىي – ساددا بولغانلىقىمىز سەۋەبلىك، باشقىلار بىزنى ئەخمەق كۆرۈپ قالىدىغان ئوخشىمامدۇ؟ دەپمۇ قالىمەن. سىزمۇ كۆردىڭىز، چۇلۇقاي ھازىر سىز كۆرۈپ چوڭ بولغان، تاغلىرى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك، ئۇيغۇرلارلا بار يېزا ئەمەس. ياخشى كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى» دېدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، چۇلۇقايغا يەنە بىر قانچە قېتىم قايتتىم. ئەمما، ھەر قېتىملىق سەپىرىم ئانچە كۆڭۈللۈك ئەمەس ئىدى. ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، ئاخىرقى قېتىم چۇلۇقايغا بارغىنىمدا، چۇلۇقاي دەرياسى قۇرۇپ، دەريا قىنى ئېچىلىپلا قالغان، ھەممە يېرىنى تاش – شېغىل قاپلاپ كەتكەنىدى. ئوت – چۆپ، دەل – دەرەختىن ئەسەر يوق، بۇلاقلارنىڭمۇ مۇتلەق كۆپ قىسمى تىنىپ كەتكەنىدى. بۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈپ بىلىشىمچە، دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىندا سۇ ئامبىرى ياسىلىپ، يېقىن ئەتراپقا زاۋۇت قۇرۇلماقچى بولغانلىقتىن، دەريا سۈيى توسۇۋېتىلگەنىكەن. يېزىدىكىلەر تولىمۇ يىراقتىكى تاغ تۈۋىدىكى بۇلاقتىن سۇ ئەكېلىشكە مەجبۇر بولغان بولۇپ، چۇلۇقايلىقلارنىڭ ئىچىملىك سۇ تېپىشى بىر مەسىلىگە ئايلانغانىدى.

چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن، بالىلىق چاغلىرىمدىكى دوست – بۇرادەر، قولۇم – قوشنىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇش ئۈچۈن، تاغامغا بىر قانچە قېتىم تېلېفون قىلغانىدىم. لېكىن، تاغامغا ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىغا بىر قانچە قېتىم پوسۇلكا ئەۋەتكەندىن كېيىنلا، تاغام بىلەن زىنھار ئالاقىلىشالمىدىم. كېيىن، چوڭ سىڭلىمدىن ئاڭلىسام، تاغامنىڭ ئوغلى (مەن ئامېرىكادىن سالغان) پوسۇلكىنى ئالغىلى بارغاندا، ساقچىخانىدىكىلەر تۇتۇۋېلىپ، قاتتىق ئۇرۇۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، مەنمۇ قايتا تېلېفون قىلماس بولدۇم، چۇلۇقاي توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارمۇ ئۈزۈلۈپ قالدى.

يېقىندا، باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە، بىر نەچچە يىل ئىلگىرى «چىڭخۇا ئېنېرگىيە گۇرۇھى» چۇلۇقايدا دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تىپتىكى خىمىيە سانائىتى زاۋۇتى قۇرۇپ، نەچچە مىڭ خىتاي ئىشچى قوبۇل قىپتۇ. يەنە كېلىپ، بۇ زاۋۇتنىڭ يۇندىلىرى ئۇدۇللا (سۈيى توختىتىۋېتىلگەن) چۇلۇقاي دەرياسىغا قۇيۇۋېتىلىدىكەن. 

مەن چوڭ بولغان چۇلۇقاي يېزىسى كەلمەسكە كەتكەنىدى.

خىتايچىدىن ئۆتكۈر ئالماس تەرجىمىسى

مەنبە:

https://www.rfa.org/mandarin/pinglun/jujiaoweiwuer/ylxt-10222021154249.html

جاۋاب يېزىش

error: Content is protected !!