كۆڭۈلدىكىدەك ئاڭلىغۇچى بولۇشنىڭ ئون چارىسى
سۇسان كراۋس ۋايتبورن
(ئامېرىكا ماسساچۇستېس ئۇنىۋېرسىتېتى پروفىسورى، پسخولوگىيە دوكتورى، ئامېرىكا كەسپىي پسخولوگىيە ھەيئىتى ئەزاسى)
بۇ ماقالە ئۇيغۇرلار ژۇرنىلىنىڭ 28-سانىدا ئېلان قىلىنغان
ئاچقۇچلۇق نۇقتىلار
باشقىلارنىڭ سۆزىنى زەن قويۇپ ئاڭلاش ئۇللۇق ئىجتىمائىي ماھارەتلەردىن بىرى بولۇپ، مەزكۇر ماھارەتنى ياخشىلاش كىشىدىن تەكرار مەشىق قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
قارشى تەرەپنىڭ سۆزلىرىنى زەن قويۇپ ئاڭلاش ۋە «ھېس قىلىنغان غەمخورلۇق» ئىجابىي مۇناسىۋەتلەرنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاكتىپ ئىنكاس ھالقىسىنى (feedback loop) شەكىللەندۈرىدۇ.
زەن قويۇپ ئاڭلاش قارشى تەرەپنىڭ ئېچىلىپ-يېيىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۆزئارا مايىللىقنى ئاشۇرىدۇ.
ئاڭلاشقا ماھىر كىشىلەر بىلەن پاراڭلاشقىنىڭىزدا، چوقۇم پاراڭدىن ھۇزۇر تاپالايسىز. بۇ كىشىنىڭ سىزگە قاراش ياكى سۆزلىرىڭىزنى قۇۋۋەتلەيدىغان رەۋىشتە ئىنكاس قايتۇرۇش تەرزى سىزگە ئازادىلىك بەخش ئەتكەچكە، ئۇنىڭغا ئىچىڭىزدىكى تېخىمۇ كۆپ سىرلارنى ئېيتىپ بېرىش ئېھتىمالىڭىز يۇقىرى بولىدۇ. ئەگەر بۇ كىشى جۆرىڭىز بولسا، ئۇنىڭدىكى بۇ خىل قۇلاق سېلىش ماھارىتى سەۋەبلىك، سىز ئۆزىڭىزدە (ئۇنىڭغا بولغان) ھېسسىي يېقىنلىقنى، ئۇنىڭ سىزنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەۋاتقانلىقىنى ۋە چۈشەنگەنلىكىنى ھېس قىلىسىز.
گەرچە سىز كۆڭۈلدىكىدەك ئاڭلىغۇچى بىلەن ئالاقە قىلىشتىن زور خۇشاللىق ھېس قىلسىڭىزمۇ، ئەمما ئۆز نۆۋىتىدە ئۆزىڭىزنىڭ باشقىلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىش ماھارىتىدىن ئۇنچە رازى بولماسلىقىڭىز؛ كىشىلەرنىڭ، ھەتتا جۆرىڭىزنىڭ سىزنىڭ ئۆز تەلەپلىرىگە لايىقىدا ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقىڭىزدىن ئىچى پۇشۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان بولۇشىڭىز؛ سىز كىشىلەر بىلەن تۇنجى كۆرۈشكەندە، سۆھبىتىڭلار باشلىنار – باشلانمايلا مەززىسىنى يوقىتىشى؛ خىزمەتداشلىرىڭىز سىزنى ئىشتىن سىرتقى پائالىيەتلەرگە چىللىماسلىقى (يەنى ئارىغا ئالماسلىقى)؛ ھەتتا، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىڭىزمۇ، جەمەت يىغىلىشلىرىدا پاراڭلاشقۇدەك باشقا ئادەم تاپقان ھامان، دەرھال سىزدىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشى مۇمكىن.
خايفا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى گاي ئىزشاكوف (Guy Itzchakov)، روچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خارىي رېيس (Harry Reis) ۋە رىيدىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نېتتا ۋېينستېين (Netta Weinstein) بىرلىشىپ ئېلان قىلغان (2021 ‐ يىلىدىكى) يېڭى ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن نەچچە ئون يىل مابەينىدىكى تەتقىقاتلار «(قارشى تەرەپنىڭ سۆزلىرىگە) قۇلاق سېلىش ئىجتىمائىي ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان… كىشىلەر ئارىسىدا ھېسسىيات ۋە تونۇش جەھەتتىكى نۇرغۇن ئىجابىي ھاسىلاتلارغا تۈرتكە بولىدىغانلىقى بىلىنگەن مېخانىزمدۇر» دېگەن قاراشنى قۇۋۋەتلەيدىكەن. ئۇلار بۇ ھەقتە يەنە شۇنداق دەيدۇ: «قۇلاق سېلىش ئۇللۇق ئىجتىمائىي قىلمىش، شۇنداقلا ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرىدىن بىرىدۇر». باشقىلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشنى نەزەردە تۇتقاندا، (ئىجتىمائىي) قابىلىيىتىڭىزنىڭ ئۇشبۇ ئاچقۇچلۇق تەرىپىنى ياخشىلاش، سىز ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
باشقىلارنىڭ سۆزلىرىنى زەن قويۇپ ئاڭلاشنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى رولى
رېيىس بىلەن فىل شاۋېر (1988 – يىلى) ئىجاد قىلغان «يېقىنلىق جەريانى ئەندىزىسى»دە (Intimacy Process Model) باشقىلارنىڭ سۆزلىرىنى زەن قويۇپ ئاڭلاشنىڭ «ھېس قىلىنغان غەمخورلۇق»نى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى، يەنى سۆھبەت ھەمرايىڭىزغا سىزنىڭ ئۇلارنى چۈشىنىدىغانلىقىڭىزنى، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىڭىزنى ھەمدە ئۇلارنىڭ دۇنياغا ۋە ئۆزىگە بولغان قاراشلىرىنى قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
باشقىلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىش ۋە «ھېس قىلىنغان غەمخورلۇق» ئاكتىپ ئىنكاس ھالقىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ھەر خىل ئاكتىپ مۇناسىۋەت ھاسىلاتلىرىنى روياپقا چىقىرىدۇ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ قارشى تەرەپنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق ئوچۇق-يورۇق، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان كەيپىيات بەرپا قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن، سۆھبەت ھەمرايىڭىز ئارتۇقچە تەشۋىشلىنىپ، قورۇنۇپ كەتمەيدۇ. شۇنداقلا، سىز (كۆپىنچە ھاللاردا قارشى تەرەپنىڭ گېپىگە قۇلاق سېلىپ، گەپنىڭ بېلىگە تەپمەسلىك ئارقىلىق) ئۆزىڭىزنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرگەچكە، قارشى تەرەپ خاتا گەپ قىلىپ قويۇشتىنمۇ ئارتۇقچە ئەنسىرەپ كەتمەيدۇ.
«ھېس قىلىنغان غەمخورلۇق»نىڭ تەسىرى نوقۇل ھالدا يېقىن مۇناسىۋەتلەر بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. سىز يېڭى تونۇشقان بىرەيلەن بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا، ئۇ كىشى بىلەن ئاراڭلاردا (خىتاي ۋىرۇسى ۋاباسى سەۋەبلىك ماسكا تاقاش-تاقىماسلىق، ۋاكسىنا ئۇرغۇزۇش-ئۇرغۇزماسلىق دېگەندەك) مەلۇم بىر مەسىلىدە ئىختىلاپ بارلىقىنى بايقىشىڭىز، ھەتتا قارشى تەرەپنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى تۇتۇمى سىزنىڭ خۇيىڭىزنى تۇتقۇزۇشى مۇمكىن. لېكىن، ئەگەر سىز يەنىلا ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى زەن قويۇپ ئاڭلىسىڭىز، گەرچە ئاراڭلاردىكى پىكىر ئىختىلاپى ئەڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشقان تەقدىردىمۇ، ھەر ئىككىڭلار ئۆزئارا ھۆرمەتنى ھېس قىلىشىڭلار مۇمكىن.
كۆڭۈلدىكىدەك «ئاڭلىغۇچى»لىقنىڭ ئون تۈرلۈك ئىپادىسى
بەلكىم سىز «بۇ گەپلەرغۇ ئورۇنلۇق، ئەمما ياخشى <ئاڭلىغۇچى>لىقنىڭ ئىپادىسى زادى نېمە؟» دېيىشىڭىز مۇمكىن.
ئۆزىڭىزنىڭ سىز ياخشى ئاڭلىغۇچى دەپ قارىغان بىراۋ تەرىپىدىن چۈشىنىلگەن، ئېتىراپ قىلىنغان ۋە كۆڭۈل بۆلۈنگەنلىكىگە دالالەت قىلىدىغان قىلمىشلارنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟
ئىزشاكوف ۋە ئۇنىڭ كەسىپداشلىرى بۇ خىل قىلمىشلارنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ سۆزلىرىنى زەن قويۇپ ئاڭلىغانلىققا ۋە «ھېس قىلىنغان غەمخورلۇق»نىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان 19 تۈرلۈك ئىپادىنى، نوقۇل ھالدا «باشقىلارنىڭ سۆزلىرىنى زەن قويۇپ ئاڭلىغانلىق»نىلا كۆرسىتىدىغان ئون تۈرگە قىسقارتقان.
مەزكۇر ئون تۈرلۈك ئىپادە ئۆز ئىچىدىن يەنە ئاغزاكى ۋە غەيرىي ئاغزاكىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدىغان بولۇپ، تۆۋەندە بۇلارنىڭ ھەربىرى مىساللىرى بىلەن قوشۇپ تونۇشتۇرۇلىدۇ.
ئاغزاكى ئىپادىلەر: سىزنىڭ قارشى تەرەپنىڭ سۆزىنى چۈشەنگەنلىكىڭىزگە دالالەت قىلىدۇ.
1. ئىنكاس: قارشى تەرەپنىڭ گېپىنى ئاڭقىرىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى (ئۆز پېتى تەكرارلىماستىن) باشقا ئىبارىلەر بىلەن ئىزاھلاڭ.
2. جاۋابى ئېنىق بولمىغان، مۇھاكىمە تەلەپ قىلىدىغان سوئاللارنى سوراڭ: سۆھبەتنىڭ راۋان داۋاملىشىشى ئۈچۈن، جاۋابى «ھەئە» ياكى «ياق»تىنلا ئىبارەت بولمىغان، مۇئەييەن دەرىجىدە مۇھاكىمە تەلەپ قىلىدىغان سوئاللارنى سوراڭ.
3. قۇۋۋەتلەڭ: قارشى تەرەپنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلەش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭقىرىغىنىڭىزنى بىلدۈرۈڭ.
4. گەپ قىستۇرۇش: قارشى تەرەپنى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۈندەش ئۈچۈن، «توغرا، توغرا!»، «مۇنداق دەڭ»، «راست ئېيتتىڭىز» دېگەندەك ئاددىي سۆزلەرنى قىستۇرۇپ تۇرۇڭ.
5. گەپ قىلغۇچىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىڭ: سۆھبەتتىكى ئوخشىمىغان پەيتلەردە ياكى قارشى تەرەپنىڭ سۆزىنى زەن قويۇپ ئاڭلاۋاتقانلىقىڭىزنى ئىپادىلىمەكچى بولغىنىڭىزدا، ئۇ كىشىنىڭ ئىسمىنى ئاتاش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئۆزىنى قەدىرلىك ھېس قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىڭ.
غەيرىي ئاغزاكى ئىپادىلەر: سىزنىڭ زەن قويۇۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرسىتىدىغان قىلمىشلار.
1. چىراي ئىپادىلىرى: چىرايىڭىزدىن قىزىقىش، ھېسداشلىق ئىپادىلىنىپ تۇرسۇن.
2. باش لىڭشىتىش: قارشى تەرەپنىڭ سۆزىگە ماس ھالدا ـــ بولۇپمۇ سۆھبەتنىڭ ھالقىلىق پەيتلىرىدە ـــ پات-پات بېشىڭىزنى لىڭشىتىڭ.
3. بەدەن يۆنىلىشى: زەن قويۇپ ئاڭلاۋاتقانلىقىڭىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، بەدىنىڭىزنى شۇ ئادەم تەرەپكە قارىتىڭ.
4. كۆزنى ئۈزمەسلىك: پەرۋاسىزلارچە ئۇياق-بۇياقلارغا قاراپ يۈرمەستىن، كۆزىڭىز قارشى تەرەپنىڭ كۆزى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرسۇن.
5. سۈكۈت: باشقىلارنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتمەڭ ياكى جىددىي گەپ قىستۇرۇش ئىستىكىڭىزنى ئىپادىلىمەڭ.
باشقىلار بىلەن بولغان ئالاقە جەريانىدا، يۇقىرىقىلارنىڭ قانچىسىنى تەبىئىي رەۋىشتىلا قىلىدىكەنسىز؟ ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى قىلىشنى باشقىلىرىغا قارىغاندا ئاساندەك ھېس قىلدىڭىزمۇ؟ گەرچە ئاپتور بۇلارنى قىيىنلىق دەرىجىسى بويىچە رەتكە تۇرغۇزمىغان بولسىمۇ، ئەمما «ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە قۇۋۋەتلەش» دېگەندەك تۈرلەرنىڭ باشقا تۈرلەرگە قارىغاندا خېلى زور تىرىشچانلىق تەلەپ قىلىدىغانلىقى ئېنىق.
(بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا) باش لىڭشىتىش ئوڭاي، قارشى تەرەپنىڭ ئىسمىنى ئاتاش تېخىمۇ ئوڭاي. ئەمما، ئۆزىڭىزنىڭ (قارشى تەرەپنىڭ سۆزىگە) زەن قويۇپلا قالماستىن، ئۇلارنى ئاڭقىرىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بىر مەزگىل مەشىق قىلىشقا موھتاج بولۇشىڭىز مۇمكىن.
زەن قويۇپ ئاڭلاش باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىڭىزگە قايسى رەۋىشتە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
مەزكۇر ئەندىزىدە، تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر زەن قويۇپ ئاڭلاش بىلەن «ھېس قىلىنغان غەمخورلۇق»نى باغلاپ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، بۇنىڭ نۇرغۇن ئىجابىي ھاسىلاتلىرىنى بايقىغان. مەزكۇر ھاسىلاتلارنىڭ ئىچىدىكى «بىلىشكە ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەر» دېگەن تۈر تېخىمۇ ئوچۇق-يورۇق بولۇش، پوزىتسىيەنىڭ ئۆزگىرىشى (يۇمشىشى) ۋە قارشى تەرەپتە ياخشى تەسىر قالدۇرۇش مەقسىتىدىكى رول ئېلىش خاھىشىنىڭ پەسىيىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. «ھېسسىي ئۆزگىرىشلەر» بولسا، ئۆزىنى قەدىرلەش تۇيغۇسىنىڭ كۈچىيىشى، تېخىمۇ ئاكتىپ كەيپىيات ۋە تېخىمۇ كۈچلۈك بەخت تۇيغۇسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
ئاخىرىدا، قىلمىش جەھەتتە، زەن قويۇپ ئاڭلاش بىر قاتار ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرگە، جۈملىدىن قارشى تەرەپنىڭ ھەقىقىي يۈرەك سۆزلىرىنى ئېيتىشىغا ۋە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا تېخىمۇ كۈچلۈك مايىللىق شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا (يەنى كۆڭۈلدىكىدەك ئاڭلىغۇچىنى تاپقىنىڭىزدا)، سىز ئۇنىڭ ئاسانلا كۆزىڭىزگە ئىسسىق كۆرۈنۈپ قالىدىغانلىقىنى بايقايسىز.
زەن قويۇپ ئاڭلاش بىلەن «ھېس قىلىنغان غەمخورلۇق» ئارىسىدىكى باغلىنىش ئۇزۇن مۇددەتلىك يېقىن مۇناسىۋەتلەردە تېخىمۇ مۇھىمدۇر. ئىزشاكوف ۋە ئۇنىڭ كەسىپداشلىرىنىڭ قارىشىچە، سىز ۋە جۆرىڭىزنىڭ ئارىسىدا كۈچلۈك ئىجابىي ھېسسىيات رىشتىسى (يەنى مۇھەببەت) بولۇشىلا كۇپايە قىلمايدۇ. «گەرچە بۇ (ئائىلە مۇناسىۋىتىدىكى) زۆرۈر تەركىب بولسىمۇ، ئەمما كۆپىنچە ھاللاردا قانائەتلىنەرلىك چارە بولالمايدۇ؛ ئەكسىچە، كىشىلەرنىڭ ئېتىبارغا ئېلىنىش ۋە ئىنكاس قايتۇرۇلۇشقىمۇ ئېھتىياجى بار» دەيدۇ ئۇلار.
جۆرىڭىز سىزگە بىر كۈنلۈك خىزمىتىنىڭ تولىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغانلىقىنى ئېيتىشى، ئەمما سىز زەن قويۇپ ئاڭلاۋاتقانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈشنىڭ ئورنىغا، زېرىككەنلىكىڭىزنى ئىپادىلىشىڭىز ياكى شۇ كۈندىكى كۆڭۈلسىز ئىشلارنى تەگەپ تۇرۇۋېلىشىڭىز مۇمكىن. تەتقىقاتچىلار بۇ خىل ئاڭلاشقا تاقەت قىلالماسلىقنىڭ «مۇناسىۋەت ئىزتىراپى» (relationship distress) بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
خۇلاسىلىگەندە، مەزكۇر تەتقىقاتچىلارنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، «ئاڭلاش ـــ پاسسىپ ھالدا ئۇچۇر قوبۇل قىلىش بولماستىن، سۆھبەتلەرنىڭ ئاكتىپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدۇر».
يۇقىرىدىكى ئون ئىپادىنى ئەمەلىيىتىڭىزگە تەدبىقلاش ئارقىلىق ئاڭلاش ماھارىتىڭىزنى ئاشۇرسىڭىز، كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرىڭىزنى زور دەرىجىدە ياخشىلىيالايسىز.
ئىنگىلىزچىدىن ئۆتكۈر ئالماس تەرجىمىسى
مەنبە:
https://www.psychologytoday.com/intl/blog/fulfillment-any-age/202112/10-ways-become-great-listener