پەرزەنتىڭىزنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق تەۋسىيەلەر
ئەلىسا سولتېر
(بۇ ماقالە ئۇيغۇرلار ژۇرنىلىنىڭ 28-سانىدا ئېلان قىلىنغان)
شۇنىسى تەبىئىيكى، ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىنىڭ تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ۋە (يېڭى شەيئىلەرنى) ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولىدىغان مۇھىت يارىتىشنى ئويلايدۇ. تەتقىقاتلار ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ زېھنىي قابىلىيىتىگە ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر قىلالايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. ئۆي مۇھىتى بالىلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىيالايدۇ.
ئاتا-ئانىلارنىڭ مېھىر-شەپقىتى بالىلارنىڭ زېھنىي قابىلىيىتىنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولىدۇ (بايلېر ۋە شېيفېر، 1964). بۇنىڭ ھەيران قالغۇدەك يېرى يوق، ئەلۋەتتە. ئۆزلىرىنى بىخەتەر ھېس قىلغان ۋە (ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن) ياخشى كۆرۈلگىنىگە قەتئىي ئىشىنىدىغان بالىلار (مېھىر-مۇھەببەتكە قانمىغان بالىلاردەك) ھەرۋاقىت ئاساسىي ھېسسىي ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇشنىڭ كويىدا يۈرمىگەچكە، ئەتراپىدىكى شەيئىلەرنى تېخىمۇ بەك بايقىيالايدۇ ۋە ئاسانلا يېڭى شەيئىلەرنى ئۆگىنىشكە زېھنىنى مەركەزلەشتۈرەلەيدۇ.
ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا باشقۇرۇش مېتودىمۇ بالىلارنىڭ زېھنىي قابىلىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مۇستەبىتلەرچە بالا باشقۇرۇش مېتودى ۋە جازالار زېھنىي قابىلىيەتنىڭ يېتىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ (باۋمرىند، 1971). يەنە بىر تەرەپتىن، ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرى يولغا قويغان چەكلەش تەدبىرلىرىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، بالىلارنىڭ مەنتىقىسىنى غىدىقلايدىغان باشقۇرۇش مېتودىنى قوللانسا، بالىلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتى ئاشىدۇ (رادىن، 1970).
«ماختاش بالىلارنى ئۆگىنىشكە قىزىقتۇرۇش ۋە ئۆز قابىلىيىتىگە ئىشىنىشكە ئۈندەشتە كۆڭۈلدىكىدەك مېتودتۇر» دېگەن كۆز قاراش كىشىلەر ئارىسىدا ئومۇملاشقان. ھالبۇكى، بەزى ماختاش شەكىللىرىنىڭ كۈتۈلگەننىڭ دەل ئەكسىچە نەتىجە بېرىپ، باشقىلارنىڭ ئېتىراپىغا زىيادە باغلىنىپ قېلىشقا ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنىڭ تۆۋەنلىشىگە سەۋەب بولۇشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ماختاش بالىنىڭ جاسارىتىنى سۇندۇرغۇچى ئامىل بولۇپ قېلىشى، ھەتتا بالا تەرىپىدىن (ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىغا مەلۇم بىر ئىشنى قىلغۇزۇش جەھەتتىكى) تىزگىنلەش ئۇرۇنۇشى دەپ قارىلىشى مۇمكىن (ھىتىز ۋە دىرىسكول، 1988). بالىنىڭ ئىپادىسىگە قارىتا، (بۇنى ھەجەپ ياخشى قىپسەن، دېگەندەك) قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىنىڭ قىممىتىگە باھا بېرىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنى رىغبەتلەندۈرىدىغان، نەتىجىگە ئەمەس، بەلكى جەريانغا ۋە بالىنىڭ تۇيغۇلىرىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغان ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرەلەيدۇ. بالىنىڭ ئىپادىسىگە قارىتا، (ياخشى ياكى يامان دېگەندەك) قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىگە مۇناسىۋەتلىك باھالارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان قايتۇرما ئىنكاسلار بالىلارنىڭ ئۆزلىرىدىكى ئىلگىرىلەشلەرنى كۆرۈپ يېتىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىدۇ ۋە بالىلارنىڭ بىر-بىرىگە سېلىشتۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
بالا يېڭى بىر ئىش قىلغاندا، مەسىلەن مەلۇم تۈردىكى قۇراشتۇرۇش ئويۇنىنى تاماملىغاندا، «غەلىبە قىلدىڭ!»، «چوقۇم ئۆزۈڭدىن پەخىرلىنىۋاتسەنغۇ دەيمەن!»، «بۇ ھازىرغا قەدەر سەن تاماملىغان ئەڭ قىيىن قۇراشتۇرۇش ئويۇنى ئىدى» دېگەندەك باھالارنى بەرسىڭىز بولىدۇ. پەرزەنتىڭىز ئۆزى سىزغان بىر پارچە مەنزىرە رەسىمىنى پەخىرلىنىش ئىلكىدە سىزگە كۆرسەتكىنىدە، رەسىم (يەنى نېمىلەرنى سىزغانلىقى، نېمىشقا سىزغانلىقى دېگەندەكلەر) توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭ سۆزلىرىنى زەن قويۇپ ئاڭلىسىڭىز، ئۇ رەسىمدە ئىشلەتكەن پەرقلىق رەڭلەرنى بايقىۋالغانلىقىڭىزنى ئېيتسىڭىز، ياكى رەسىمنىڭ سىزگە قانداق تۇيغۇ بەرگەنلىكىنى ئېيتسىڭىزمۇ بولىدۇ (مەسىلەن، «بۇ رەسىم ماڭا پىژغىرىم ياز كۈنلىرىنى ئەسلەتتى» دېگەندەك). بالىلار ئۆز ئۇتۇقلىرىنىڭ بايقىلىشىغا ۋە ئېتىراپ قىلىنىشىغا موھتاج، ئەمما ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشنىڭ «نەتىجىسى»گە قارىتا ھۆكۈم پىچىشنىڭ ئۇلارغا ھېچبىر پايدىسى يوق.
ئۆيدە غىدىقلىغۇچى ماتېرىياللارنىڭ بولۇشى زېھنىي قابىلىيەتنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولىدىغان يەنە بىر ئامىلدۇر. غىدىقلىغۇچى ئۆي مۇھىتىدا ياشىغان بالىلارنىڭ زېھنىي قابىلىيەت سىناقلىرىدا غىدىقلاش كەمچىل مۇھىتتا ياشىغان بالىلاردىن يۇقىرى نومۇر ئالغانلىقى بايقالغان (برەدلېي ۋە كالدۋېل، 1976).
كىچىك بالىلار يېڭى ماھارەتلەرنى ئۆگىنىش جەريانىدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپلا تۇرىدۇ. بىرەر شەيئىنى ھەقىقىي مەنىدە ئۆگىنەلەش ۋە تەپەككۇر قابىلىيىتىنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن، بالىلار ئۆزلىرىدىكى بۇ خىل مەغلۇبىيەت تۇيغۇسىنى يەڭمىسە بولمايدۇ. مەغلۇبىيەتتىن بەكرەك، ئۇتۇقنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان مۇھىت بەرپا قىلىش ئارقىلىق، بالىلارنىڭ ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، پەرزەنتىڭىز پېچىنە پىشۇرۇشىڭىزغا ياردەملەشكەندە، كېرەكلىك خۇرۇچلارنى ئاسان ئۆرۈلۈپ كەتمەيدىغان قاچىلارغا قويسىڭىز بولىدۇ. ئايىغىنىڭ بوغقۇچىنى ئۆزى چىگىشنى ئۆگىنىۋاتقان بالىلار دەسلەپتە نورمالدىكىدىن ئۇزۇنراق بوغقۇچقا موھتاج بولىدۇ. بالا ئۆزىگە نىسبەتەن تولىمۇ قىيىن بولغان بىر ئىشنى قىلىشقا ئۇرۇنسا ئۇنىڭغا ياردەم قولىنى سۇنۇشنىڭ، قىلماقچى بولغان ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشنىڭ ياكى ئۇنى تېخىمۇ رېئال بىر ئىشقا باشلاپ قويۇشنىڭ پايدىسى بار.
بۇ مەزگىلدە، ھەرقانداق تەدبىر قوللىنىلىشىدىن قەتئىينەزەر، مۇكەممەل ۋە قابىلىيەتلىك ئادەم بولۇشقا تىرىشقان بالىنىڭ بىر تالاي خاتالىقلارنى سادىر قىلىشىدىن ياكى توسالغۇلارغا ئۇچراپ، ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئىلگىرىمۇ ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، ئۈمىدسىزلىنىپ كەتكەن بالىلارنىڭ يىغلاش ياكى ئاچچىقلىنىش ئارقىلىق ئىچىنى بوشىتىۋېلىش جەھەتتە ئاتا-ئانىلارنىڭ سەبىر قىلىشىغا ۋە چۈشىنىشىگە ئېھتىياجى بار. گاھىدا بالىلارنىڭ روياپقا چىقارماقچى بولغان ئىشىنى قىلالىشى ئۈچۈن ئاشۇ خىل ئىپادىلىۋېلىش (ئىچىنى بوشىتىۋېلىش) پۇرسىتىگە ئېھتىياجى بار. (بۇنداق چاغلاردا) بالىلارنىڭ يىغلىشىنى توسۇشنىڭ ئانچە كۆپ پايدىسى يوق. چۈنكى، بالا بۇ ۋاقىتتا قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن بولغاچقا، ئاشۇ ھېسسىياتىنى ئىپادىلەشكە موھتاجدۇر.
ئۈمىدسىزلىك ۋە مەغلۇبىيەت تۇيغۇسى بالىلارنى ئىچىدە جۇغلىنىۋەرسە، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنىڭ تۆۋەنلىشىگە، ياكى بىر نەرسە ئۆگىنىۋاتقاندا توغرا تەپەككۇر قىلالماسلىققا يول ئېچىشى مۇمكىن. تۆۋەندىكى مىسالدا، ئۈچ ياشلىق بىر ئوغۇل بالىنىڭ يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىشكە بولغان ئىستەكسىزلىكى سۆزلەنگەن. بالىنىڭ بۇ خىل ئىستەكسىزلىكى شۇنىڭدىن ئىلگىرى مەغلۇبىيەت بىلەن نەتىجىلەنگەن ئۆگىنىش ئۇرۇنۇشلىرىدا باشتىن كەچۈرگەن (سەلبىي) تۇيغۇلىرىدىن مەنبەلەنگەنىدى. دادىسى بۇ بالىنىڭ ئاشۇ خىل تۇيغۇلىرىنى يېڭىشىگە قانداق ياردەم قىلىدىغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
ئوغلۇم تۈگمىلىك كۆڭلىكىنى ئۆزى كىيەلمىگەنلىكىنى ئېيتىپ، يىغلاشقا باشلىدى. كۆڭلەكنى كىيىشكە ئۇرۇنۇپ باقماستىن، بېشىنىڭ ئۈستىدە تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم-دە، كۆڭلەكنى كىيەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچىم بولغاچقا، ياردەم قىلىشقا ئالدىرىماستىن، ئۆزىنى سىناپ بېقىشقا ئۈندىدىم. 15 مىنۇت توختىماي يىغلىغاندىن كېيىن، ھېچقانچە قىينالمايلا كۆڭلىكىنى كىيەلىدى. بۇنىڭدىن ئۆزىمۇ قالتىس پەخىرلىنىپ كەتكەنىدى. بۇ يېڭى «ھۈنىرى»نى كۆرسىتىش ۋە قايتا سىناپ كۆرۈش ئۈچۈن، كۆڭلىكىنى تەكرار-تەكرار سېلىپ-كىيىشكە باشلىدى.
كۆپىنچە ھاللاردا، ئۆگىنىش مۈشكۈلاتلىرىنىڭ يىلتىزىدا، بالىلار دۇچ كەلگەن، ئەمما ئىپادىلەشتىن ۋە تەھلىل قىلىشتىن ئاجىز كەلگەن، ئادەمنى قايمۇقتۇرىدىغان ۋە بىئارام قىلىدىغان تەجرىبىلەر ياتىدۇ (ۋېيسگلەس، 1987). پەۋقۇلئاددە ئەھۋاللاردا، بەزى بالىلار تولىمۇ ئېغىر سوزۇلما بېسىمغا دۇچ كەلگەن ۋە بۇ خىل (پاسسىپ) تۇيغۇلار شۇ قەدەر جۇغلىنىپ كەتكەنكى، ئۇلار دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋە زېھنىي كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ئەھۋاللارغا قىزىقىش ئىقتىدارىنى يوقاتقان. ئۇلارنىڭ پۈتۈن دىققىتى ئۆز تۇيغۇلىرىغا مەركەزلىشىپ قالغاچقا، شۇنىڭدىن باشقىغا زېھىن ئاجرىتالماس بولۇپ قالغان. «دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش توسقۇنلۇقى» دەپ ئىسىم قويۇلغان بۇ مەسىلىگە دۇچ كەلگەن بالىلارغا ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلىشىگە رۇخسەت قىلىنغان پىسخىك داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ياردەم قىلغىلى بولىدۇ (ئوكلاندېر، 1978).
بارلىق بىئارامچىلىقلىرىنى ئوچۇق ئىپادىلىشىگە رۇخسەت قىلىنغان بالىلار مۇكەممەل ئۆگىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇپ، ئۇلار بۇ قابىلىيىتى ئارقىلىق باشقىلارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرالايدۇ. پىسخىك داۋالاشلارنى (بۇ بالىلارنىڭ ئۆزىگە ھېسداشلىق قىلىدىغان ئاڭلىغۇچىغا ئۆز ھېسسىياتلىرىنى ئىپادىلىۋېلىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تاماملىغان بالىلارغا قارىتىلغان ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشتە، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى ناھايىتى ياخشى مەركەزلەشتۈرەلەيدىغان بولغانلىقى ۋە بەزى ساھەلەردە تولىمۇ قالتىس نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى بايقالغان. پىسخىك داۋالاشنى يېڭى باشلىغان، ئەمما تېخى تاماملىمىغان بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا، (داۋالاشنى تاماملاپ بولغان) بۇ بالىلارنىڭ ھەم كۆپ قىرلىق، ھەم ئاكادېمىك ۋە ئىجتىمائىي قابىلىيەتلىرىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان (ئېمېرسون، 1989). بىئارامچىلىق سەۋەبلىك پىسخىكىسى بۇزۇلمىغان بالىلارنىڭ مېڭىسى ۋە بەدىنى ئۆز فۇنكىسىيەسىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە جارى قىلدۇرالايدۇ. ھامان بىر كۈنى «نورمال» ياكى «ئوتتۇراھال»لىق توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىمىزنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىمىز، چۈنكى ھەرقانداق بالا بۈگۈن «قالتىس» دېيىلىۋاتقان سەۋىيەگە يەتكۈدەك يوشۇرۇن كۈچكە ئىگىدۇر.
خۇلاسە كالام، زېھنىي قابىلىيەتنىڭ ئەڭ ياخشى تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بالا تۇغۇلغاندىن تارتىپ، ئائىلىدە تۆۋەندىكى خىلمۇخىل ئامىللار ھازىرلانغان بولۇشى كېرەك: مېھىر-شەپقەتكە تولغان ۋە ھە دېگەندە بالىنى جازالىمايدىغان ئائىلە مۇھىتى؛ بالىلاردىكى ئىلگىرىلەشلەرگە نەتىجىنىلا ئەمەس، جەرياننى نەزەردە تۇتقان ھالدا باھا بېرىش ۋە ئېتىراپ قىلىش؛ مۇۋاپىق غىدىقلىغۇچى؛ بالىنىڭ يىغلىشىغا ۋە ئاچچىقلىنىشىغا يول قويۇلغان مۇھىت.
ھېلىھەم بالىڭىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مۇھىت بەرپا قىلالمىغان تەقدىردىمۇ، جىددىيلىشىپ كەتمەڭ. چۈنكى، پايدىلىق ئۆزگىرىشلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن ھېچقاچان كېچىككەن ھېسابلانمايسىز. ئىنساننىڭ مېڭىسى پەۋقۇلئاددە ئېلاستىكلىققا ئىگە ۋە چىداملىقتۇر. بالىلار دەسلەپكى مەزگىلدە باشتىن كەچۈرگەن بىئارامچىلىق ۋە غىدىقلىغۇچى كەملىكىدىن مەنبەلەنگەن مەسىلىلەرنى (يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تەدبىرلەر ئارقىلىق) يېڭىپ كېتەلەيدۇ.
ئەلىسا سولتېر يازغان «بالىڭىزغا قۇلاق سېلىڭ» ناملىق ئەسەردىن ئۆتكۈر ئالماس تەرجىمىسى