قەشقەرنىڭ 16-ئەسىردىن 18-ئەسىرگىچە بولغان
سىياسي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى
كونۇرئالىپ ئەرجىلاسۇن
(بۇ ماقالە ئۇيغۇرلار ژۇرنىلىنىڭ 31-سانىدا ئېلان قىلىنغان)
تۆمۈرىيلەر ئاجىزلاشقان ۋە 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شىمالدىن كەلگەن شەيبانىيلار تەرىپىدىن غۇلىتىلغاندىن كېيىن، تۈركىستان بۆلۈنۈپ، ھەرقايسى رايونلاردا تۈرلۈك خانلىقلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى نەتىجىسىدە، مەزكۇر رايوندا بۆلۈنمە ۋەزىيەت شەكىللىنىشكە باشلىدى. شۇ تەرىقىدە، 16-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدىن ئېتىبارەن، شەيبانىيلار ماۋارائۇننەھىر رايونىغا، قازاقلار (82) قازاق بوزقىرلىرىغا، قالماقلار (83) شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىي قىسمىغا ھۆكۈمدارلىق قىلىشقا باشلىغان بولسا، تۆمۈرىيلەردىن بولغان بابۇر شىمالىي ھىندىستاندا، بابۇرنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى (نەۋرە ئىنىسى) بولغان سۇلتان سەئىدخان قەشقەردە ئۆز ھاكىمىيەتلىرىنى قۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولدى. سۇلتان سەئىدخان قۇرغان ياركەنت خانلىقى 1678-يىلى قالماقلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلدى ۋە قەشقەر رايونى قالماقلار تەيىنلىگەن خوجىلار تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىشقا باشلىدى.
1. ياركەنت خانلىقى دەۋرى
قەشقەر رايونىنىڭ سۇلتان سەئىدخان بۇ يەردە ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلەشتىن ئىلگىرىكى ۋەزىيىتىنى تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىلەش مۇمكىن. مەلۇم بولغىنىدەك، چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، خانلىقنى تەشكىل قىلغان بىر قاتار قەبىلىلەر چاغاتاي زېمىنلىرىدا خانلىققا قارشى تەرزدە كۈچىيىپ كەتكەنىدى. شۇلاردىن بىرى بولمىش بارلاس قەبىلىسىدىن بولغان (ئەمىر) تۆمۈر ماۋارائۇننەھىر ۋادىسىدا ھاكىمىيەتنى قولغا كىرگۈزگەندىن كېيىن، چاغاتاي خانلىقىنىڭ شەرقىي زېمىنلىرىنىمۇ ئۆزىگە بېقىندۇردى. لېكىن، قەشقەر رايونىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقتىكى بۇ زېمىنلاردا چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىن باشلاپ دوغلات قەبىلىسى كۈچىيىشكە باشلىغانىدى. تۆمۈر ۋە تۆمۈرىيلەرنىڭ بۇ رايوندىكى ھاكىمىيىتى مەزكۇر قەبىلىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاتقان بولسىمۇ، تەلتۆكۈس يوقىتىۋېتەلمىدى. شۇ ۋەجىدىن، تۆمۈرىيلەر ئاجىزلاشقاندا، بۇ رايوندا دوغلاتلار قايتىدىن باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى. دوغلاتلار دەسلەپتە چاغاتاي نەسلىدىن بولغانلارنى تەختكە چىقىرىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى ھاكىمىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۇرۇندى. لېكىن، دوغلات بەگلىرىدىن ئەبۇبەكىر مىرزا 1478-يىلى چاغاتاي نەسلىدىن بولغان يۇنۇسخاننى قەشقەردىن قوغلاپ چىقىرىپ، قەشقەرنى قولغا كىرگۈزدى ۋە بۇ يەردە چاغاتاي نەسلىدىن بولغانلارغا تايانماستىن، ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلىدى (84). ئەنە شۇ خىل ۋەزىيەتتە، سۇلتان سەئىدخان 1514-يىلى قەشقەر، ياركەنت ۋە خوتەن شەھەرلىرىنى ئەبۇبەكىر مىرزىدىن تارتىۋېلىپ، ئۆز خانلىقىنى قۇردى (85). بۇ خانلىق «ياركەنت خانلىقى»، «قەشقەر خانلىقى»، «موغۇلىيە مەملىكىتى»، «ياركەنت مەملىكىتى» ۋە «سەئىدىيە خانلىقى» دېگەندەك خىلمۇخىل ئىسىملار بىلەن ئاتالماقتا (86).
تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونغا ھۆكۈمدارلىق قىلغان ياركەنت خانلىقى قۇرۇلغان مەزگىلدە، غەربىي جەنۇبتا بابۇرىيلار سۇلالىسى قۇرۇلغان، غەربتە ماۋارائۇننەھىرگە شەيبانىيلار، غەربىي شىمالغا قازاقلار، شىمال ۋە شەرقىي شىمالغا قالماقلار ھۆكۈمدارلىق قىلىۋاتقانىدى. بۇنىڭدىن سىرت، جەنۇبتىكى تىبەت بولسا، لامائىزم (تىبەت بۇددىزمى)نىڭ تۈرلۈك پىرقىلىرى ئارىسىدىكى ھاكىمىيەت مۇجادىلىلىرى سەۋەبلىك، مۇرەككەپ بىر ھالەتتە ئىدى. شەرقتىكى قۇمۇل بولسا، مىڭ سۇلالىسى بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، گاھىدا بۇلارنىڭ ھامىيلىقىنى قوبۇل قىلغانىدى (87).
سۇلتان سەئىدخان خانلىقنى قۇرغاندىن كېيىن، تەختنى قېرىندىشى مەنسۇرخان بىلەن ئورتاقلاشتى. ھالبۇكى، مەنسۇرخان بۇ چاغدا خانلىقنىڭ شەرقىي قىسىملىرىدا پائالىيەت قىلىپ، گەنسۇ زېمىنلىرىغا ھۇجۇم قىلىۋاتاتتى (88). يەنە بىر تەرەپتىن، دوغلات بەگلىرىدىن بىرى بولغان، «تارىخىي رەشىدى»نىڭ ئاپتورى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەرمۇ تىبەتتە سۇلتان سەئىدخان ئۈچۈن فەتىھ يۈرۈشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى (89). سۇلتان سەئىدخان دەۋرىدىكى (1514~1533) مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ پائالىيەتلەرگە نەزەر تاشلانغاندا، ھەر ئىككىسىنىڭ مۇسۇلمان بولمىغانلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە شۇ سەۋەبلىك «جىھاد» خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ (90). سۇلتان سەئىدخانمۇ پەيغەمبەر نەسلىدىن ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىشقان خوجىلارغا زور ھۆرمەت-ئېھتىرام كۆرسەتكەنىدى. ھەتتا، تەختنى تاشلاپ، دەرۋىشلىك يولىغا قەدەم قويماقچى بولغىنىدا، توسۇپ قېلىنغانىدى (91). مەزكۇر خانلىقنى قۇرغان ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇرۇش قىلغان كىشىلەرنىڭ دىنغا ۋە خوجىلارغا بولغان بۇ خىل يېقىنلىقى، مەزكۇر خانلىقنىڭ ۋە رايوننىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى ئەسىرلەر مابەينىدىكى ئومۇمىي خۇسۇسىيىتىنى بەلگىلىگەنىدى.
سۇلتان سەئىدخان 1533-يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، تەختكە ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇررەشىدخان (1533~1565) چىقتى. ئابدۇررەشىدخان تەختكە چىقار-چىقماستىن، دادىسىنىڭكىگە قارشى يول تۇتۇپ، دوغلات بەگلىرىگە دۈشمەنلىك قىلدى ۋە بۇلاردىن سەيىد مۇھەممەد مىرزىنى ئۆلتۈردى (92). سەيىد مۇھەممەد مىرزىنىڭ جىيەنى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر بولسا، ئۇ مەزگىلدە ئابدۇررەشىدخاننىڭ قېرىندىشى ئىسكەندەر سۇلتان (93) (تۈركىستان خانلىقلىرىدا «سۇلتان» نامى خان جەمەتى ئەزالىرىغا ۋە شاھزادىلەرگە بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇلار تەختكە چىققاندا «خان» دەپ ئاتىلاتتى) بىلەن بىللە تىبەتتە، سەئىدىيە خانلىقى ئۈچۈن فەتىھ يۈرۈشلىرىنى قىلىۋاتاتتى. ئابدۇررەشىدخان ئىسكەندەر سۇلتانغا بىر پەرمان يوللاپ، تىبەت دىيارىنى ئۇنىڭغا بەرگەنلىكىنى ۋە مىرزا مۇھەممەد ھەيدەرنىڭمۇ ئىسكەندەر سۇلتان بىلەن بىللە تىبەتتە قېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. لېكىن، ئابدۇررەشىدخان تىبەتتىكى سەئىدىيە قوشۇنىغا ئايرىم پەرمان يوللاپ، قوشۇننى دەرھال (شەرقىي تۈركىستانغا) قايتىشقا بۇيرۇدى ۋە قوشۇن مەزكۇر پەرمانغا بىنائەن تىبەتنى تاشلاپ چىقىپ كەتتى (94). ئەنە شۇ رەۋىشتە، (ئۆز نەزىرىدىكى) بولغۇسى رەقىبلىرى بولغان قېرىندىشى ئىسكەندەر سۇلتان بىلەن دوغلات بېگى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەرنى ھەم ھاكىمىيەت مەركىزىدىن يىراقلاشتۇرۇشنى، ھەم ھەربىي كۈچتىن مەھرۇم قىلىشىنى كۆزلىگەن ئابدۇررەشىدخان ئۆز نىشانىغا يەتتى. ئاقىۋەتتە، قوشۇن تەرىپىدىن تەرك ئېتىلگەن مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر تىبەتتىن بەدەخشانغا باردى ۋە ياركەنت خانلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۈزۈلدى (95). شۇ تەرىقىدە، ئابدۇررەشىدخان دوغلات قەبىلىسىنىڭ نوپۇزىنى سۇندۇردى. لېكىن، خانلىقنىڭ دىنىي خۇسۇسىيىتى سەۋەبلىك، شۇنىڭدىن كېيىن، خوجىلارنىڭ ياركەنت خانلىقىغا بولغان تەسىرى بارغانسېرى كۈچىيىشكە باشلىدى (96).
شۇ مەزگىلدىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاندىكى نوپۇزى بارغانسېرى كۈچەيگەن خوجىلار ئۈچ تارماققا بۆلۈندى. بۇلار كۇچا خوجىلىرى، ئاق تاغلىق خوجىلار ۋە قارا تاغلىق خوجىلاردۇر (97). بۇلارنىڭ ئارىسىدا، تۇنجى بولۇپ كۇچا خوجىلىرىنىڭ نوپۇزى 14-ئەسىردىلا كۆرۈلۈشكە باشلىغانىدى. تۇغلۇم تۆمۈرنىڭ (1329~1365) مۇسۇلمان بولۇشىغا تۈرتكە بولغان كىشى مەزكۇر خوجىلاردىن بىرى بولغان ئەرشىدىندۇر (98). ئەرشىدىن تۇغلۇق تۆمۈرخان مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئۆزىگە ھەدىيە قىلىپ بەرگەن كۇچا شەھىرىگە يەرلەشكەن ۋە شۇ يەردە ۋاپات بولغانىدى. ئەرشىدىننىڭ ئەۋلادلىرى شۇنىڭدىن كېيىن «كۇچا خوجىلىرى» دېگەن نام بىلەن ئاتالدى (99). 16-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا (1599/1600)، نەسەبى كۇچا خوجىلىرىنىڭكىدىن ئايرىم بولغان مەخدۇم ئەزەمنىڭ ئوغۇللىرىدىن خوجا ئىسھاق ياركەنتكە كەلدى. شۇ مەزگىلىدە، ياركەنت خانلىقىنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇۋاتقان مەھمۇدخان (1591~1609) ئۇنىڭغا (قول بېرىپ) مۇرىت بولدى. ئەنە شۇ رەۋىشتە ياركەنت خانلىقىدا نوپۇز تىكلىگەن خوجا ئىسھاقنىڭ ئەۋلادلىرى «قارا تاغلىقلار» دەپ ئاتالدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ياركەنت خانى ئابدۇللاھ خان دەۋرىدە (1638~1668) مەخدۇم ئەزەمنىڭ چوڭ ئوغلى خوجا كالاننىڭ ئوغلى بولمىش خوجا يۈسۈپ ياركەنتكە كەلدى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى «ئاق تاغلىقلار» دەپ ئاتالدى (100). خوجا يۈسۈپنىڭ ياركەنت خانلىقىغا كېلىشى بىلەن، ئۆزىدىن ئىلگىرى كەلگەن خوجا ئىسھاقنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن بولغان نوپۇز كۈرىشى باشلاندى. بۇ كۈرەش خانلىقنىڭ سىياسىي نوپۇزىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىپ، ئابدۇللاھ خان بىلەن ئوغلى يولۋاسخاننى بىر-بىرىگە دۈشمەنلەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن، ئابدۇللاھ خان 1662-يىلى ئوغلى يولۋاسخاننى پايتەختتىن يىراقلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، قەشقەرگە نائىب خان قىلىپ تەيىنلىدى. خوجا كالاننىڭ نەسلىدىن بولغان ئاق تاغلىق خوجىلارمۇ يولۋاسخانغا بولۇشۇپ، قەشقەرگە كەتتى (101). بۇ ۋەقەلەرنىڭ نەتىجىسىدە، شەرقىي تۈركىستاندا خوجىلارنىڭ تۆۋەندىكى ئۈچ نوپۇز رايونى شەكىللەندى: قەشقەر ئاغ تاغلىق خوجىلارنىڭ؛ ياركەنت قارا تاغلىق خوجىلارنىڭ؛ كۇچا بولسا، كۇچا خوجىلىرىنىڭ نوپۇز مەركىزىگە ئايلاندى.
ياركەنت خانلىقىدا خوجىلارنىڭ نوپۇزى ئېشىۋاتقان بۇ مەزگىلدە، سىرتتا، يەنى خانلىقنىڭ شىمالى ۋە شەرقىي شىمالىدىكى قالماقلار كۈچىيىشكە باشلىدى. قالماقلار 16-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا شەرقىي (شىمالىي) موڭغۇللارغا نىسبەتەن زەئىپلەشكەن بولسىمۇ (102)، پائالىيەت مەركىزى تەدرىجىي ھالدا غەربكە سۈرۈلگەنلىكتىن، تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالىدا بارغانسېرى كۈچەيدى (103). 17-ئەسىرگە كەلگەندە بولسا، قالماقلار باغاتۇر قۇنتەيجىنىڭ رەھبەرلىكىدە (1634~1653) «جۇڭغار» دېگەن نامدا يېڭى بىر گەۋدە بولۇپ ئۇيۇشتى (104) ۋە شۇنىڭدىن كېيىن، بۇلارنىڭ ياركەنت خانلىقىغا بولغان تەسىرى بارغانسېرى كۈچەيدى.
بىر تەرەپتىن، 16-ئەسىردە تۈركىستاننىڭ بوزقىر ۋادىلىرىدىمۇ دىننىڭ تەسىرى كۈچىيىشكە باشلىدى. قازاق بوزقىرلىرىغا ھۆكۈمدارلىق قىلغان قازاقلار ئارىسىدا، ئىلى دەرياسى ۋە ئىسسىق كۆل ئەتراپىدىكى قىرغىزلار ئارىسىدا ۋە شۇ ئەسىرنىڭ بېشىدىن تارتىپ، مەنسۇرخاننىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىغا كىرگەن رايونلاردا ئىسلامىيەت خېلىلا يېيىلدى ۋە يىلتىز تارتتى (105). يەنە بىر تەرەپتىن، تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالىدا ھۆكۈم سۈرگەن قالماقلار بىلەن تېخىمۇ شەرقتىكى شەرقىي موڭغۇللار بۇ (يەنى 16-) ئەسىرگە قەدەر ھەم كۆچمەن-چارۋىچىلىق ھاياتىنى، ھەم ئەبجەش ھالەتتە كۆك تەڭرى دىنىغا، بۇددىزمغا ۋە تىبەت بۇددىزمىغا (106) ئېتىقاد قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانىدى. لېكىن، شەرقىي موڭغۇللاردىن ئالتانخان 1576-يىلى تىبەت بۇددىزمىنى قوبۇل قىلىپ، تىبەتتىن بىر لامانى تەكلىپ قىلدى ۋە 1577-يىلى ئۇنىڭغا «دالاي لاما» ئۇنۋانىنى بەردى (107) («دالاي» موڭغۇلچىدە «دېڭىز، بۈيۈك، كەڭ» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان بولغاچقا، «دالاي لاما»نىڭ مەنىسى «بۈيۈك لاما» دېگەنلىك بولىدۇ)، شۇنداقلا ئۆزىنى بۇ دىننى قوغداشقا ۋە تارقىتىشقا ئاتىدى. بۇ ۋەقە بارلىق موڭغۇللار ئۈچۈن بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ، تىبەت بۇددىزمى نوقۇل ھالدا شەرقىي موڭغۇللارنىڭلا ئەمەس، بەلكى قالماقلارنىڭ ئارىسىدىمۇ، كۆڭ تەڭرى دىنى بىلەن بۇددىزمنىڭ ئورنىغا دەسسەپ، يىلتىز تارتتى (108). شۇ تەرىقىدە، بۇ دەۋردە، تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبى كۈلتۈرەل جەھەتتە ئىككىگە ئايرىلدى. ياركەنت خانلىقى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن مۇسۇلمان تۈرك ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى جەنۇبتا ئولتۇراق ھايات خۇسۇسىيىتى بارغانسېرى كۈچەيسە، شىمالدا تىبەت بۇددىزمىغا ئېتىقاد قىلىدىغان، كۆچمەن-چارۋىچى ھاكىمىيەت قالماقلار تەرىپىدىن قۇرۇلدى (109).
ئىچكى قىسىمدا خوجىلارنىڭ نوپۇزىنىڭ كۈچىيىشى، سىرتتا بولسا جۇڭغارلارنىڭ كۈچىنىڭ زورىيىشى ياركەنت خانلىقىنىڭ غۇلىشىغا زېمىن ھازىرلىدى. 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، ياركەنت خانلىقىدا ئاق تاغلىق ۋە قارا تاغلىق مۇجادىلىسى خېلى بەكلا ئەۋجىگە چىقتى. (شۇ مەزگىلدە) خانلىق تەختىدە ئولتۇرۇۋاتقان ۋە قارا تاغلىق خوجىلارنى قوللىغان ئىسمايىلخان (1670~1678) 1677-يىلى ئاق تاغلىق خوجىلارنىڭ كاتتىبېشى ئاپپاق خوجىنى قەشقەردىن قوغلاپ چىقاردى. 1676-يىلى، تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى جۇڭغارلارغا غالدان باش بولغانىدى. قەشقەردىن قوغلانغان ئاپپاق خوجا تىبەتكە بېرىپ، دالاي لامادىن ياردەم تىلىدى. دالاي لامامۇ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش خۇسۇسىدا غالدانغا مەكتۇپ يوللىدى. بالىلىق مەزگىللىرىنى تىبەتتە دالاي لامانىڭ يېنىدا ئۆتكۈزگەن غالدان ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىغا كېڭىيىشىگە ئىمكان يارىتىدىغان بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمىدى. 1678-يىلى ياركەنت خانلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىسمايىلخاننى ئەسىر ئالغان غالدان قەشقەر ۋە ياركەنتنى ئاپپاق خوجىغا تاپشۇرۇپ، ئۇنى بۇ رايونلارغا ۋالىي قىلىپ تەيىنلىدى. ئىسمايىل خان بولسا، ئائىلىسى بويىچە ئىلىغا ئېلىپ كېتىلدى (110). شۇ تەرىقىدە، قەشقەر رايونىدا ياركەنت خانلىقى غۇلاپ، جۇڭغارلارنىڭ ئەسكىرىي كۈچىگە تايانغان خوجىلارنىڭ بىۋاسىتە ھاكىمىيىتى باشلاندى.
2. خوجىلار دەۋرى (1678~1759)
1678-يىلى، ئاق تاغلىق خوجىلاردىن ئاپپاق خوجا بىلەن باشلانغان يېڭى دەۋر، ئەمەلىيەتتە ۋاسىتىلىك جۇڭغار ھاكىمىيتى ئىدى. بۇ ھاكىمىيەت مانجۇلار مەزكۇر رايوننى ئىشغال قىلغانغا قەدەر گاھى ۋاسىتىلىك، گاھى بىۋاسىتە داۋاملاشتى.
مەزكۇر رايوننى ئاپپاق خوجىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۆزىگە بېقىندۇرغان جۇڭغار خانى غالدان 1681-يىلىدىن كېيىن قۇمۇل بىلەن تۇرپاننى قولغا كىرگۈزدى (111) ۋە بارغانسېرى كۈچىيىپ، جۇڭغار ئىتتىپاقىنى شەرقىي موڭغۇللارغا ۋە مانجۇلارغا قارشى تۇرغۇدەك قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇردى.
ئاپپاق خوجا بولسا، دالاي لامادىن ياردەم تەلەپ قىلىپ، مەزكۇر رايوننىڭ جۇڭغارلارنىڭ ھۆكۈمدارلىقى ئاستىدا قېلىشىغا سەۋەب بولغانلىقى ئۈچۈن، خەلق ئارىسىدا ئېتىرازلارغا ئۇچرىماقتا ئىدى. بۇنىڭدىن سىرت، قارا تاغلىق خوجىلارنى ياقىلايدىغان ئاۋاممۇ ئىلگىرىدىن تارتىپلا ئۇنىڭغا قارشى ئىدى. بەلكىم مۇشۇ ئېتىرازلار ئالدىدا، ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈنمۇ ئەيتاۋۇر، ئاپپاق خوجا ئاخىرقى ياركەنت خانى ئىسمايىلخاننىڭ قېرىندىشى بولغان مۇھەممەد ئەمىن (باھادىر)نى خان قىلىپ جاكارلاشقا مەجبۇر بولدى. ھەم ئاپپاق خوجىنىڭ ھەقلىق تەخت ۋارىسى بولمىش مۇھەممەد ئەمىننى تەختكە چىقارغانلىقى، ھەم مۇھەممەد ئەمىننىڭ خان قىلىپ جاكارلانغاندىن كېيىن، جۇڭغارلارغا قارشى مەۋقەدە بولغانلىقى، جۇڭغارلارنى مەلۇم دەرىجىدە بۇ رايوندىن يىراقلاشتۇردى. لېكىن، ئۇزۇن ئۆتمەيلا مۇھەممەد ئەمىن خان ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاپپاق خوجا 1694-يىلى ئۆلگەنگە قەدەر، جۇڭغارلارغا تايىنىپ تۇرۇپ، ھاكىمىيىتىنى داۋاملاشتۇردى (112). شۇنداقلا، 1678-يىلىدىن ئېتىبارەن جۇڭغارلارغا يىللىق ئولپان تاپشۇردى (113).
ئاپپاق خوجا ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئايالى خانىم پادىشاھمۇ (بۇ ئايالنىڭ ئۆز ئىسمىنىڭ مۆھتىرەم خېنىم ئىكەنلىكى مەلۇم، ت) ئىشتىراك قىلغان تەخت جېدىلى باشلاندى-دە، ئاق تاغلىق ۋە قارا تاغلىق خوجىلار ئارىسىدىكى جېدەل-غوۋغا قايتىدىن ئەۋج ئالدى. نەتىجىدە، ياركەنتتە قارا تاغلىق خوجىلاردىن دانىيال خوجا، قەشقەردە بولسا ئاق تاغلىقلاردىن ئەھمەد خوجا ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت تىكلەپ، ئۆزئارا ئۇرۇشتى. بۇ مەزگىلدە، 1697-يىلى ئۆلگەن غالداننىڭ ئورنىغا تەختكە چىققان سېۋان ئارابتان (1697~1727) ياركەنت خانلىقىنىڭ زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلىپ، بۇ رايوننى بىۋاسىتە ئۆزىگە بېقىندۇردى ۋە ھەر ئىككى خوجىنى ئەسىر ئېلىپ ئەكەتتى. جۇڭغارلار مەزكۇر رايوننى 1720-يىلىغىچە بىۋاسىتە ئىدارە قىلغاندىن كېيىن، شۇ يىلى قارا تاغلىق دانىيال خوجىنى ياركەنتكە ۋالىي قىلىپ تەيىنلىدى. ئەمما، بۇنىڭ بەدىلى سۈپىتىدە، ئۇنىڭ ئوغلى خوجا جاھاننى بارىمتاي (تۇرغاق) قىلىپ تۇتۇپ قالدى ۋە دانىيال خوجىنىڭ جۇڭغارلارنىڭ ئىلىدىكى پايتەختىگە كېلىپ، ساداقەت بىلدۈرۈشىنى شەرت قىلدى. شۇنداقلا، بۇ مەزگىلدە جۇڭغار بەگلىرى مەزكۇر رايوندا (يەنى ياركەنت زېمىنلىرىدا) كەڭ كۆلەمدە يەر-زېمىن سېتىۋېلىشقا باشلىدى (114).
دانىيال خوجا ۋالىي بولۇشتىن ئىلگىرى، جۇڭغارلار مەزكۇر رايوندىن يىلىغا 100 مىڭ تەڭگە ئولپان يىغاتتى. دانىيال خوجا ۋالىي قىلىپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن بولسا، بۇ پۇللارنى توپلاش ۋەزىپىسى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلدى ۋە شۇنىڭ بەدىلىگە، ئۇنىڭغا ئۆشرە-زاكات قاتارلىق دىنىي كىرىملەردىن پايدىلىنىش ئىمتىيازى بېرىلدى (115).
بۇ مەزگىلدە، سېۋان ئارابتان ئۆلگەندىن كېيىن، جۇڭغار تەختىگە غالدان سېرىن (1727~1745) چىقتى. بۇ دەۋردە، جۇڭغار خانلىقى بارغانسېرى ئاجىزلىشىپ، مانجۇلار ۋە شەرقىي موڭغۇللارنىڭ زەربىلىرى ئالدىدا چېكىنىشكە باشلىدى. دانىيال خوجا 1735-يىلى ئۆلگەندىن كېيىن، تارىم ۋادىسىنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدە ھالىتىگە كېلشىدىن تەشۋىشلەنگەن جۇڭغارلار دانىيال خوجىنىڭ تۆت ئوغلىنى تۆت شەھەرگە، يەنى خوجا جاھاننى ياركەنتكە، يۈسۈپ خوجىنى (116) قەشقەرگە، ئەييۇب خوجىنى ئاقسۇغا ۋە ئابدۇللاھ خوجىنى خوتەنگە ۋالىي قىلىپ تەيىنلىدى. لېكىن، جۇڭغارلار ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بۇ تۆت خوجىنىڭ ھەربىرىنىڭ يېنىغا ئۆزلىرىگە (جۇڭغارلارغا) قاراشلىق ھاكىمبەگلەرنى تەيىنلىدى (117).
1745-يىلى جۇڭغار خانى غالدان سېرىن ئۆلگەندىن كېيىن، جۇڭغارلار ئارىسىدا تەخت غەۋغاسى ئەۋج ئالدى ۋە داۋاچى قىسقا بىر مۇددەت تەختتە ئولتۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولدى. بۇ مەزگىلدە، قەشقەر ۋالىيسى بولغان يۈسۈپ خوجا داۋاچى تەرىپىدىن ئىلىدە ياشاشقا مەجبۇرلانغانىدى. يۈسۈپ خوجا بۇ يەردە تۇرۇش جەريانىدا، جۇڭغارلارنىڭ ئىچكى نىزالىرىدىن ۋاقىپلاندى ۋە بۇنى جۇڭغار ھاكىمىيىتىنى غۇلىتىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى دەپ قارىدى. ئۇ بۇ خىيالىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن، «قەشقەر قىرغىزلارنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىماقتا» دەپ باھانە كۆرسىتىپ، قەشقەرگە قايتىش ئۈچۈن داۋاچىدىن ئىجازەت ئالدى. ئۇ 1754-يىلى قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن، جۇڭغارلارغا قارشى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش ئۈچۈن، قەشقەر قەلئەسىنى يېڭىدىن بىنا قىلىشقا ۋە قوشۇن توپلاشقا باشلىدى. بۇ جەرياندا، ئاقسۇ ۋە ئۈچتۇرپاندىكى ھاكىمبەگلەر بىر تەرەپتىن بۇ ئەھۋالنى جۇڭغارلارغا مەلۇم قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن يۈسۈپ خوجىنى ئۆلتۈرۈشنىڭ كويىغا چۈشتى. لېكىن، يۈسۈپ خوجا بۇ سۇيقەستتىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭغا ئىشتراك قىلغانلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۆلتۈردى. يۈسۈپ خوجىنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنغانلار ئارىسىدىكى ئارتۇش ئىشىكئاغىسى ئابساتاربەگ (جۇڭغارلارنىڭ يېنىغا) قېچىپ كەتتى ھەمدە قەشقەر ۋە ياركەنتنىڭ جۇڭغارلارغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى. گەرچە داۋاچى جاسۇسلىرى ئارقىلىق ۋە ياركەنت ھاكىمبېگى ھاجىبەگنىڭ ياردىمىدە بۇ شەھەرنى باشقۇرۇۋاتقان خوجا جاھاننى تۇتقۇن قىلغان بولسىمۇ، يۈسۈپ خوجا قەشقەردە پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇردى. يۈسۈف خوجا ئالدى بىلەن قەشقەر ئەتراپىدىكى جۇڭغارىيەلىك 300 سودىگەرنى ئىسلام دىنىغا كىرىشكە دەۋەت قىلىش، ئەگەر ئۇنىمىسا ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا پەرمان چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قەشقەردە مۇھاپىزەتچى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاز ساندىكى جۇڭغارلارنى رايوندىن قوغلاپ چىقاردى. خوجا جاھاننىڭ ئوغلى سادىق خوجىمۇ خوتەندە ئىككى كۈن ئىچىدە يەتتە مىڭ كىشىلىك بىر قوشۇن ھازىرلاپ، بىر قىسىم قىرغىزلار بىلەن بىرلىشىپ، ياركەنتكە قاراپ ماڭدى ۋە ياركەنت ھاكىمبېگى ھاجىبەگنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ (تۇتقۇن ھېسابىدا) يېنىغا ئېلىپ، دادىسىغا بىرەر ئىش بولغان تەقدىردە، ئۇلارنى قىيناپ ئۆلتۈرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ياركەنتكە ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن، ھاجىبەگ جۇڭغارلاردىن يۈز ئۆرۈپ، خوجا جاھاننىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقاردى. بۇنىڭدىن سىرت، ھاجىبەگ جۇڭغار جاسۇسلىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىش ئۈچۈن ئىجازەت سورىغان بولسىمۇ، خوجا جاھان كاپىرلارنى پەقەت ئۇرۇش جەريانىدىلا ئۆلتۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارنى شەھەر سىرتىغا چىقىرىۋەتتى ۋە بۇ رايونغا ئىككىنچىلەپ ئاياغ باسماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى. بۇ جەرياندا، يۈسۈپ خوجىمۇ قوقەند بىلەن بۇخاراغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇلاردىن ياردەم تەلەپ قىلدى (118).
بۇ مەزگىلدە، داۋاچىنىڭ رەقىبى بولغان ئامۇرسانا مانجۇلاردىن پاناھلىق تىلىگەنىدى. بارغانسېرى كۈچەيگەن مانجۇ تەھلىكىسىگە دۇچ كەلگەن داۋاچىنىڭ قەشقەر رايونىغا كۆڭۈل بۆلگۈدەك ماجالى قالمىغانىدى. ئاخىرىدا، ئامۇرسانانىڭ جۇڭغار تەختىنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىشى نەتىجىسىدە، 1755-يىلى مانجۇلار جۇڭغارلارنىڭ ئۈستىگە يۈرۈش قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. مانجۇلارنىڭ ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن داۋاچى ئۈچتۇرپانغا قاچقان بولسىمۇ، ئۈچتۇرپاننىڭ ھاكىمبېگى ئۇنى مانجۇلارغا تاپشۇرۇپ بەردى ۋە مانجۇلار داۋاچىنى بېيجىڭغا ئەكېتىپ، ئىلى رايونىنىڭ ھۆكۈمدارلىقىنى ئامۇرساناغا تاپشۇردى (119).
ئەنە شۇ رەۋىشتە، جۇڭغارلار مانجۇلارغا بېقىندى بولۇپ قالدى. مانجۇلار تەرىپىدىن بۇ رايونغا تەيىنلەنگەن ئامۇرسانانىڭ ئىلگىرىكى جۇڭغار خانلىرىنىڭكىدەك كۈچى يوق ئىدى. جۇڭغارلارنىڭ بىر قىسمى ئۇنى ئېتىراپ قىلمىغاندەك، قەشقەر رايونىمۇ مۇستەقىل ھالەتكە كەلگەنىدى. ئامۇرسانا قەشقەرنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن، ئۆز يېنىدىكى مانجۇ سانغۇنى پانتىنىڭ ئىجازىتىنى ئالغان ھالدا، شۇ ۋاقىتتا ئەسىر سۈپىتىدە ئۆز قولىدا تۇرۇۋاتقان بۇرھانىدىن خوجا بىلەن ئۇنىڭ قېرىندىشى جاھانگىر خوجىنىڭ (ئەل ئارىسىدىكى) نوپۇزىدىن پايدىلانماقچى بولدى. جاھانگىر خوجا تۇرغاق ھالەتتە تۇتۇپ تۇرۇلۇپ، بۇرھانىدىن خوجا قوشۇننىڭ سەركەردىسى سۈپىتىدە قەشقەر رايونىغا ئەۋەتىلدى. بۇنىڭغا قارىتا، قەشقەر رايونىغا ھۆكۈمدارلىق قىلىۋاتقان يۈسۈپ خوجا بۇرھانىدىن خوجىغا ئىلگىرىكى دۈشمەنلىكلەرنى ئۇنتۇپ ئىتتىپاقلىشىش ۋە شۇ تەرىقىدە ئىلىغا (يەنى جۇڭغارلارغا قارشى) يۈرۈش قىلىش خۇسۇسىدا تەكلىپ ئەۋەتتى ھەمدە (جۇڭغارلارنى مەغلۇپ قىلغان تەقدىردە) قەشقەر، ئاقسۇ ۋە تۇرپاننى بۇرھانىدىن خوجىغا بېرىشكە رازى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. لېكىن، جۇڭغارلار ۋە مانجۇلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشكەن بۇرھانىدىن خوجا يۈسۈپ خوجىنىڭ تەكلىپىگە جاۋاب سۈپىتىدە، ئۇنى ئىلىغا بېرىپ، جۇڭغارلاردىن ئەپۇ تىلەشكە ئۈندىدى ۋە توختىماستىن قەشقەرگە قاراپ ئىلگىرىلىدى. ئاق تاغلىق خوجىلاردىن بولغان بۇرھانىدىن خوجا قەشقەر ئەتراپىدا پەيدا بولۇشى بىلەن، قەشقەر خەلقى توپ-توپ بولغان ھالەتتە ئۇنى قارشى ئالغىلى چىقتى. يۈسۈپ خوجا ۋە ئۇنىڭ تەرەپتارلىرى قەشقەردىن چېكىنىپ، ياركەنتكە پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولدى. بۇرھانىدىن خوجىمۇ تاپ بېسىپ ياركەنتكە يۈرۈش قىلدى ۋە بىر قېتىملىق مۇھاسىرىدىن كېيىن شەھەرنى قولغا كىرگۈزدى (120). شۇ تەرىقىدە، قەشقەر رايونى ئامۇرساناغا بېقىندى بولۇپ، يەنە بىر قېتىم مۇستەقىللىقتىن مەھرۇم بولدى. شۇ ۋەقەدىن كېيىن، جاھانگىر خوجىمۇ قويۇپ بېرىلدى ۋە ئاكىسى بۇرھانىدىن خوجا بىلەن بىللە، ئامۇرسانانىڭ بېقىندى بەگ (ۋاسسال)لىرى سۈپىتىدە، (جۇڭغارلارغا بېقىندى بولغان قەشقەر رايونىغا) ھۆكۈمدارلىق قىلىشقا باشلىدى. مەلۇم بولغىنىدەك، بۇ مەزگىلدە ئامۇرسانا مانجۇلارغا بېقىناتتى. شۇ ۋەجىدىن، قەشقەر رايونى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بېقىندىنىڭ بېقىندىسى بولۇپ قالغانىدى.
لېكىن، مانجۇلارنىڭ بۇ رايوندىكى ھاكىمىيىتى ھېلىھەم مۇقىم ئەمەس ئىدى. ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ مانجۇ دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشىدىن شۈبھىلەنگەن ئامۇرسانا ئىسيان كۆتۈرگەندە، يەنى 1757-يىلى بۇرھانىدىن بىلەن جاھانگىر خوجىمۇ (جۇڭغارلارغا قارشى) ئىسيان كۆتۈردى. مانجۇلار بولسا، ئاۋۋال ئامۇرساناغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بىر قوشۇن ئەۋەتىپ، ئامۇرسانىنى يەڭدى ۋە جۇڭغارلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىۋېتىشكە ئازلا قالدى (121). مانجۇلار ئامۇرسانانى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىلى رايونىنى تامامەن ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالغاندىن كېيىن، قەشقەر رايونىغا قوشۇن تارتتى ھەمدە بۇ رايوندىكى شەھەرلەرنىمۇ قولغا كىرگۈزۈپ، 1759-يىلى بۇ رايونغا ھەقىقىي رەۋىشتە ھۆكۈمدارلىق قىلدى (122). (بۇ يەردە) ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە خوجىلارغا ئېھتىياجى قالمىغان مانجۇلار شۇنىڭدىن كېيىن خوجىلاردىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنمىغاچقا، خوجىلار ھۆكۈمدارلار تەبىقىسىدىن تامامەن سىقىپ چىقىرىلدى. لېكىن، خەلقنىڭ نەزىرىدە يۈكسەك ئېتىبارغا ئىگە خوجىلارنىڭ بۇ تەرزدە چەتكە قېقىلىشى 19-ئەسىردە سۈرگۈندىكى خوجىلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ پات-پاتلا ئىسيان كۆتۈرۈشىگە، شۇنداقلا خەلقنىڭمۇ ئۇلارنى قوللىشىغا سەۋەب بولدى.
تۈركچىدىن ھېكمەتيار ئىبراھىم تەرجىمە قىلدى
(داۋامى كېيىنكى ساندا)
* نەقىل مەنبەلىرى ئۈچۈن ئەسەلنىڭ ئەسلى نۇسخىسىغا مۇراجىئەت قىلىڭ