ئاتا-ئانىلارنىڭ ئازابلىق كەچمىشلىرى بالىلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
رېچىل يەھۇدا
(بۇ ماقالە ئۇيغۇرلار ژۇرنىلىنىڭ 35-سانىدا ئېلان قىلىنغان)
2001-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى دۇنيا سودا مەركىزىنىڭ قوشماق بىناسى تەشۋىش ۋە ئىس-تۈتەك ئىچىدە يىقىلغاندىن كېيىن، مانخوتتوندىكى ئىكان تىببىي ئىنستىتۇتىنىڭ كلىنىكا دوختۇرلىرى شۇ كۈنى ۋەقە يۈز بەرگەن رايوندا تۇرغانلارنىڭ زەھەرلەنگەن-زەھەرلەنمىگەنلىكىنى تەكشۈرمەكچى بولغان. تەكشۈرتۈشكە كەلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا 187 نەپەر ھامىلدار ئايالمۇ بار ئىدى. بىر خىزمەتدىشىم مەندىن شۇلارغا دىياگنوز قويۇشنى ۋە ئۇلارنى كۆزىتىپ بېرىشنى ئۆتۈندى. چۈنكى، بۇ ئاياللارنىڭ «زەربىدىن كېيىنكى بېسىم بىنورماللىقى»غا (PTSD) گىرىپتار بولۇش خەۋپى بار ئىدى. يەنى شۇ قېتىملىق ۋەقە سەۋەبلىك، شۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا ئۇلاردا قورقۇنچلۇق كەچمىشلەرنىڭ تۇيۇقسىز كۆز ئالدىدا زاھىرلىنىشى، قارا بېسىش، ھېسسىي سېزىمسىزلىك (numbness) قاتارلىق پىسخولوگىيەلىك ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئىدى. بۇنىڭدىن سىرت، ھامىلە بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرامدۇ، يوق؟ بۇمۇ بىر مەسىلە ئىدى.
مېنىڭ روھىي زەربىنى تەتقىق قىلىش ئەترىتىم بۇ ئاياللارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇلارنى داۋالاش ئۈچۈن تېز سۈرئەتتە تىببىي خادىملارنى تەربىيەلىدى. بىز ئۇلارنى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ۋە شۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىزچىل كۆزەتتۇق. ئۇلارنىڭ تۇغقان بالىلىرى نورمال ئەھۋالدىكى بالىلاردىن كىچىك ئىدى ۋە بۇ دۇنيا سودا مەركىزىگە قىلىنغان ھۇجۇمدىن مەنبەلەنگەن روھىي زەربىنىڭ ھامىلىگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنىڭ تۇنجى ئىپادىسى ئىدى. ئارىدىن توققۇز ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، بىز 38 نەپەر ئايالنى ۋە ئۇلارنىڭ بوۋاقلىرىنى تەكشۈردۇق. پسىخولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەر بۇ ئانىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ «زەربىدىن كېيىنكى بېسىم بىنورماللىقى»غا گىرىپتار بولغانلىقىنى كۆرسەتتى. شۇنداقلا، «زەربىدىن كېيىنكى بېسىم بىنورماللىقى»غا گىرىپتار بولغان بۇ ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى، بېسىمغا ئالاقىدار كورتىزول (cortisol) ھورمۇنىنىڭ سەۋىيەسى تولىمۇ تۆۋەن ئىدى.
كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى ۋە تەشۋىشكە سالىدىغىنى شۇكى، «زەربىدىن كېيىنكى بېسىم بىنورماللىقى»غا گىرىپتار بولغان بۇ ئاياللارنىڭ توققۇز ئايلىق بولغان بالىلىرىنىڭ شۆلگىيىدىكى كورتىزول مىقدارىمۇ تۆۋەن ئىدى. بولۇپمۇ، «11-سېنتەبىر» ۋەقەسىگە شاھىت بولغاندا ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان ئاياللارنىڭ بالىلىرىدا بۇ خىل تەسىر ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك ئىدى. شۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرى مەن يېتەكچىلىك قىلغان بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ دوكلاتىدا، يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغانلارنىڭ قۇرامىغا يەتكەن بالىلىرىنىڭ تېنىدىكى كورتىزول مىقدارىنىڭمۇ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بايقىغان ئىدى، لېكىن بىز بۇنى «قاتتىق روھىي زەربىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئاسارىتىدە ياشىغان ئاتا-ئانىلار تەرىپىدىن بېقىپ چوڭ قىلىنغانلىق»نىڭ نەتىجىسى دەپ قارىغانىدۇق. لېكىن، (ئويلىغىنىمىزنىڭ ئەكسىچە) بۇ بالىلار تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرىلا ئاتا-ئانىسى باشتىن كەچۈرگەن روھىي زەربىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندەك قىلاتتى.
شۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە ئون يىلدا، مېنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپامنىڭ ۋە باشقا تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقاتلىرى سەلبىي كەچۈرمىشلەرنىڭ خىلمۇخىل ئۇسۇللاردا كېيىنكى ئەۋلادقا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى دەلىللىدى. بۇنىڭ (يەنى بالىلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنىڭ) ئىچىدە ئەڭ كۆرۈنەرلىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ قىلمىشى ئىدى، ئەلۋەتتە. لېكىن، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى تەسىرلەرنىڭ، ھەتتا تۇخۇم ۋە ئىسپېرمىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭمۇ تەسىرى بار ئىدى.
ئاتا-ئانىلار باشتىن كەچۈرگەن روھىي زەربىنىڭ بالىلارنىڭ روھىي مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىش خەۋپىنى كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقىغا ئالاقىدار مەزكۇر بايقاشلارنىڭ تەسىرى تولىمۇ قورقۇنچلۇقتەك كۆرۈنىدۇ. لېكىن، روھىي زەربىگە ئۇچرىغانلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىكى بۇ خىل ئىنكاسنىڭ ئۇلارنىڭ مۈشكۈلاتقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغان ماسلىشىش ئۇرۇنۇشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان پاكىتلارمۇ مەۋجۇت.
مەن 1990-يىللاردا كىلىۋلەندتىكى يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغۇچىلارنىڭ «زەربىدىن كېيىنكى بېسىم بىنورماللىقى»غا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، روھىي زەربىنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىدىغانلىقىغا تۇنجى قېتىم دىققەت قىلغانىدىم. بىزنىڭ ئەينى چاغدىكى تەتقىقاتىمىز مۇشۇ تۈردىكى تەتقىقاتلارنىڭ تۇنجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تاراتقۇلار تەرىپىدىن بەس-بەستە خەۋەر قىلىنغانىدى. ئارىدىن بىر قانچە ھەپتە ئۆتەر-ئۆتمەيلا، مەن «سىنا تېغى» دوختۇرخانىسىدىكى يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ قالدىم. بۇ مەركەز ئاساسلىقى كەسپىي پىدائىيلاردىن تەركىب تاپقانىدى. مەركىزىمىزگە توختىماي تېلېفون كېلىپ تۇراتتى. لېكىن، تېلېفون قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغۇچىلار بولماستىن، كۆپىنچىسى شۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئىدى. شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى جوسېف ئىسىملىك بىرەيلەن مېنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش كىشىلەرنى تەتقىق قىلىشىم كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، «مەنمۇ يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنىڭ قۇربانى» دېگەنىدى.
ھالبۇكى، جوسېف مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەندە، ئاللىقانداق ۋەقەنىڭ «قۇربانى»دەك كۆرۈنمەيتتى. ئۇ قىممەت باھالىق كاستيۇمنى قاتۇرۇپ كىيگەن، كېلىشكەن ۋە پۇلدار بانكىر ئىدى. لېكىن، جوسېفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ھەركۈنى بېشىغا بىرەر بالا-قازا كېلىدىغاندەك گۇڭگا تەشۋىش ئىچىدە ياشايدىكەن ۋە ئۆزىنى يا قېچىپ كېتىشكە، يا بولمىسا ھاياتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا مەجبۇردەك ھېس قىلىدىكەن. ئۇ يىگىرمە ياشلىرىدىن باشلاپلا ئەڭ يامان ئەھۋالغا تەييارلىنىپ ياشاۋاتقان بولۇپ، ھەر ۋاقىت يېنىدا نەق پۇل ۋە ئۈنچە-مارجانلارنى ساقلايدىكەن، شۇنداقلا بوكس ۋە چامباشچىلىققا ماھىر ئىكەن. ھالبۇكى، ئۇ مېنى ئىزدەپ كەلگەن مەزگىللەردە تۇيۇقسىز ئالاقىزادە بولۇپ كېتىدىغان ۋە دائىم قارا باسىدىغان بولۇپ قالغانىكەن. بۇنىڭغا بەلكىم (شۇ چاغدا يۈز بېرىۋاتقان) بوسنىيەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
جوسېفنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاشۋىتىس (Auschwitz) يىغىۋېلىش لاگېرىدا بىر قانچە يىل تۇرغاندىن كېيىن، مەلۇم بىر سەرگەردانلار لاگېرىدا تونۇشقانىكەن. كېيىن ئۇلار يېنىدا بىر تىيىنمۇ يوق ھالەتتە ئامېرىكاغا كەپتۇ. ئۇنىڭ دادىسى كۈندە 14 سائەت خىزمەت قىلىدىكەن، تولىمۇ ئاز گەپ قىلىدىكەن ۋە ئۇرۇش توغرىسىدا پەقەتلا ئېغىز ئاچمايدىكەن-يۇ، لېكىن ھەر كېچىدە دېگۈدەك، قاباھەتلىك چۈشلىرىدىن چۆچۈپ ئويغانغان چاغدىكى چىرقىراشلىرى سەۋەبلىك ئۆيىدىكىلەرنى ئويغىتىۋېتىدىكەن. جوسېفنىڭ ئاپىسى بولسا ئۇرۇش ھەققىدە، جۈملىدىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا قانداق ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىلىق توختىماي سۆزلەيدىكەن. ئۇ ئوغلىنى ياراملىق ئادەم قىلىپ چىقىشقا بەل باغلىغانىكەن. لېكىن، ئوغلىنىڭ (يەنى جوسېفنىڭ) بويتاق ئۆتۈش قارارى ۋە پەرزەنتسىزلىكى ئۇنى تولىمۇ تېرىكتۈرىدىكەن. ئۇ جوسېفقا: «مەن ئاشۋىتىس لاگېرىدىن <ئۆز پەرزەنتىم جەمەتىمنىڭ ئۇرۇقىنى قۇرۇتۇۋەتسۇن> دەپ ئامان قالغىنىم يوق. سېنىڭ مەن ۋە تارىخ ئالدىدا ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىڭ بار» دەيدىكەن.
كېيىن، بىز جوسېفقا ئوخشاش نۇرغۇن كىشىلەر، يەنى يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغانلارنىڭ قۇرامىغا يەتكەن پەرزەنتلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتۇق. ئۇلار تەشۋىش، ھەسرەت، ئۆكۈنۈش، فۇنكىسىيەسىنى يوقاتقان مۇناسىۋەتلەر ۋە يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىغا ئالاقىدار كۆرۈنۈشلەرنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان. جوسېفنىڭ ئېيتقىنىدەك، دەرۋەقە مەن ئۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەرنى تەتقىق قىلىشىم كېرەك ئىدى. چۈنكى، بىزگە تېلېفون قىلغانلارنىڭ ھەممىسى (تەتقىقاتقا تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇرۇلغان بولماستىن) ئۆزلىرى خالاپ تەتقىقاتقا قاتنىشىدىغانلار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، بىز ئۆزىمىز يېقىندىلا كىلىۋلەندتە تەتقىق قىلغان يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغۇچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەتقىق قىلىشنى قارار قىلدۇق. تەتقىقات نەتىجىسى تولىمۇ روشەن ئىدى. ئامان قالغۇچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ كەيپىيات ۋە تەشۋىش بىنورماللىقىغا، شۇنداقلا «زەربىدىن كېيىنكى بېسىم بىنورماللىقى»غا دۇچار بولۇش نىسبىتى باشقىلارنىڭكىدىن يۇقىرى ئىدى. بۇنىڭدىن سىرت، يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنى باشتىن كەچۈرگەنلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ نۇرغۇنىنىڭ تېنىدىكى كورتىزول سەۋىيەسى ناھايىتى تۆۋەن ئىدى. يۇقىرىدىمۇ ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، بىز «زەربىدىن كېيىنكى بېسىم بىنورماللىقى»غا گىرىپتار بولغان ئاتا-ئانىلارنىڭ تېنىدىمۇ مۇشۇ خىل ئەھۋالنى بايقىغانىدۇق.
ئۇنداقتا، بۇ بايقاشلار زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ شۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە ئون يىلدا، روھىي زەربە، كورتىزول ۋە «زەربىدىن كېيىنكى بېسىم بىنورماللىقى» ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قانداق ئىزاھلاش كېرەكلىكى ئىزچىل ھالدا مېنىڭ ۋە باشقا تەتقىقاتچىلارنىڭ بېشىنى قاتۇرۇپ كەلدى. 1920-يىللاردا مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن «كۈرەش قىلىش ياكى قېچىش»تىن (fight-or-flight) ئىبارەت كىلاسسىك ئىنكاس ئەندىزىسىگە كۆرە، تەھدىتلىك ھادىسىلەر بۆرەك ئۈستى بېزى ھورمونى ۋە كورتىزولغا ئوخشاش بېسىم ھورمونلىرىنىڭ ئاجرىلىشىغا تۈرتكە بولاتتى. ئاندىن ھورمونلار تومۇر سوقۇشىنىڭ تېزلىشىشى ۋە سەزگۈلەرنىڭ ئۆتكۈرلىشىشى قاتارلىق بىر مۇنچە ئۆزگىرىشلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، تەھدىتكە ئۇچرىغان ئادەم ياكى ھايۋاننى پۈتۈن زېھنىنى كۆز ئالدىدىكى خەتەرگە مەركەزلەشتۈرۈش ۋە شۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلاتتى. مەزكۇر ئەندىزىدە: «خەتەر يوقىغان ھامان ئىنسان بەدىنىدىكى بۇ خىل جىددىي تەسىرلەرمۇ توختايدۇ» دەپ قارىلاتتى.
ھالبۇكى، 1980-يىلى، ۋىيېتنام ئۇرۇشىغا قاتناشقان سابىق ئەسكەرلەرنى داۋالىغان روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرلىرى ۋە باشقا قوللىغۇچىلار ئۇزۇن مەزگىللىك «كۈرەش»تىن كېيىن، «زەربىدىن كېيىنكى بېسىم بىنورماللىقى»نى «روھىي كېسەللىكلەرگە دىياگنوز قويۇش ۋە ئىستاتىستىكىلاش قوللانمىسى»نىڭ (Diagnostic and Statistical Manual of Mental Disorders ـــ «ئامېرىكا روھ تىبابىتى جەمئىيىتى» تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىدىغان، ئامېرىكا ۋە باشقا ئەللەردە روھىي كېسەللىكلەرگە دىياگنوز قويۇشتا ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان يېتەكچى قوللانما، ت) ئۈچىنچى نەشرىگە كىرگۈزۈشكە مۇۋەپپەق بولدى. بۇ روھىي زەربىنىڭ تەسىرىنىڭ ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنىڭ تۇنجى قېتىم رەسمىي ئېتىراپ قىلىنىشى ئىدى. لېكىن، «زەربىدىن كېيىنكى بېسىم بىنورماللىقى»غا قويۇلغان دىياگنوز ھەققىدە تالاش-تارتىشلار مەۋجۇت ئىدى. نۇرغۇن پىسخولوگلار «زەربىدىن كېيىنكى بېسىم بىنورماللىقى»نى «روھىي كېسەللىكلەرگە دىياگنوز قويۇش ۋە ئىستاتىستىكىلاش قوللانمىسى»غا كىرگۈزۈشكە ئىلىم-پەن ئامىلى ئەمەس، بەلكى سىياسىي ئامىل سەۋەب بولغان، دەپ قارايتتى. ئۇلارنىڭ بۇنداق دەپ قارىشىنىڭ قىسمەن سەۋەبى شۇ ئىدىكى، ئەينى چاغدا تەھدىت يوقالغاندىن كېيىنمۇ، ئۇنىڭ بەدەنگە قايسى رەۋىشتە ئۇزۇن مۇددەت تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدا تېخى ئىلمىي شەرھلەر مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.
بۇ خىل مۈجمەللىكنى كۈچەيتىۋەتكىنى شۇ بولدىكى، ۋىيېتنام ئۇرۇشىغا قاتناشقان سابىق ئەسكەرلەرگە قارىتىلغان تەتقىقاتتىن كىشىنى تېخىمۇ گاڭگىرىتىدىغان نەتىجىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. 1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، يېيىل ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نېرۋا ئىلمى مۇتەخەسسىسلىرىدىن جون ماسون (John Mason)، ئېرل گىللېر (Earl Giller) ۋە توماس كوستېن (Thomas Kosten) ئۆز تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە شۇنى ئېلان قىلدى: «زەربىدىن كېيىنكى بېسىم بىنورماللىقى»غا گىرىپتار بولغان سابىق ئەسكەرلەرنىڭ تېنىدىكى بۆرەك ئۈستى بېزى ھورمونىنىڭ مىقدارى يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما كورتىزولنىڭ سەۋىيەسى باشقا خىل روھىي كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانلارنىڭكىدىن تۆۋەن ئىدى. ئادەتتە، بېسىم كورتىزولنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بېسىم ھورمونلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولىدىغان بولغاچقا، نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار (مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) ئۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىتا گۇمانىي پوزىتسىيەدە بولغانىدى. ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، مەن دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچى سۈپىتىدە يېيىل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەجرىبىخانىسىغا كىردىم ھەمدە باشقا بىر تۈركۈم ۋىيېتنام ئۇرۇشىغا قاتناشقان سابىق ئەسكەرلەرنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا، كورتىزول مىقدارىنى ئۆلچەش ئۈچۈن باشقىچە ئۇسۇل قوللاندىم. لېكىن، مېنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى، مەن ئېرىشكەن نەتىجە ئۇلارنىڭكىگە ئوخشاش ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن، مەن بەش كىشىلىك تەتقىقات گۇرۇپپامدىكىلەر بىلەن بىللە مەركەزدىن قاچۇرۇش ماشىنىسى (centrifuge) ۋە باشقا ئەسلىھەلەرنى ئېلىپ، كىلىۋلەندكە باردىم. بىز ئاتا-ئانامنىڭ ئۆيىدە يېتىپ-قوپۇپ، كۈندۈزى ئۆيمۇئۆي قاتراپ، كىشىلەرنى زىيارەت قىلدۇق. ئاخشىمى قايتىپ كېلىپ قان ۋە سۈيدۈك ئەۋرىشكىلىرىنى تەكشۈردۇق. ھالبۇكى، بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسىمۇ ئوپئوچۇق ئىدى: يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغانلارنىڭ يېرىمى «زەربىدىن كېيىنكى بېسىم بىنورماللىقى»غا گىرىپتار بولغان، شۇنداقلا بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كورتىزول سەۋىيەسى نىسبەتەن تۆۋەن ئىدى. شۇنىسى شەكسىز ئىدىكى، بۇلار باشتىن كەچۈرگەن روھىي زەربىنىڭ ئۆتۈپ كەتكىنىگە نۇرغۇن يىللار بولغان بولسىمۇ، لېكىن «زەربىدىن كېيىنكى بېسىم بىنورماللىقى» بىلەن كورتىزولنىڭ تۆۋەن بولۇشى بىر-بىرىگە يانداشقان ھالدا داۋاملىشىۋاتاتتى.
لېكىن، نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدۇ؟ (يەنى نورمال ئەھۋالدا بېسىم كورتىزولنى ئۆرلىتىۋېتىدىغان تۇرۇقلۇق، بۇلارنىڭ تېنىدىكى كورتىزول سەۋىيەسى نېمىشقا تۆۋەن بولىدۇ؟) زادى روھىي زەربە كورتىزولنىڭ تۆۋەن بولۇشىغا سەۋەب بولغانمۇ؟ ياكى كورتىزولنىڭ تۆۋەن بولۇشى كىشىلەرنىڭ «زەربىدىن كېيىنكى بېسىم بىنورماللىقى»غا گىرىپتار بولۇشىغا سەۋەب بولغانمۇ؟ 1984-يىلى، گېيسېل تىببىي ئىنستىتۇتىدىكى ئالان مانك (Allan Munck) ۋە باشقا تەتقىقاتچىلار ئوتتۇرىغا قويغان بىر يەكۈن بۇ ھەقتىكى مۇھىم يىپ ئۇچىلىرىدىن بىرى بولدى. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېسىم ھورمونلىرى ئارىسىدا، كورتىزول ئالاھىدە تەڭشىگۈچىلىك رولىغا ئىگە ئىكەن. نورمال ئەھۋالدا، ئەگەر كۆپ مىقداردىكى بېسىم ھورمونلىرى بەدەندە ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرسا، خىلمۇخىل شەكىلدە بەدەنگە زىيان يەتكۈزىدىكەن. جۈملىدىن، كىشىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، بەدەننىڭ يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىق مەسىلىلەرگە بولغان سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. لېكىن، جىددىي خاراكتېرلىك روھىي زەربىلەردە، كورتىزول ـــ يۇقىرىقىغا زىت ھالدا ـــ قوغدىغۇچىلىق رولى ئوينىشىمۇ مۇمكىن ئىكەن. يەنى كىشى جىددىي خاراكتېرلىك روھىي زەربىگە دۇچ كەلگەن ۋە شۇ سەۋەبلىك بەدەندە بېسىم ھورمونلىرى كۆپلەپ ئاجرىتىلغاندا، كورتىزول (ئۆزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) بېسىم ھورمونلىرىنىڭ ئاجرىتىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، بۇ ھورمونلارنىڭ مېڭە ۋە باشقا ئەزالارغا سالىدىغان زىيىنىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.
بۇ ھەقتىكى يەنە بىر بايقاش شۇ بولدىكى، بىز 1990-يىللارنىڭ دەسلىپىدە، ۋىيېتنام ئۇرۇشىغا قاتناشقان سابىق ئەسكەرلەرنىڭ ئارىسىدىكى كىچىك ۋاقتىدا خارلاشقا ئۇچرىغانلارنىڭ «زەربىدىن كېيىنكى بېسىم بىنورماللىقى»غا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدۇق. نەتىجىدە، بالىلىق مەزگىلىدىكى ئاچچىق كەچمىشلەرنى، كورتىزول مىقدارىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى ۋە كەلگۈسىدە «زەربىدىن كېيىنكى بېسىم بىنورماللىقى»غا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى بىر-بىرىگە باغلايدىغان رامكا ئاستا-ئاستا زاھىرلىنىشقا باشلىدى. بىز باسقۇنچىلىققا ياكى قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىپ كېلىنگەن كىشىلەرنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، شۇلارنىڭ ئارىسىدا تېنىدىكى كورتىزول مىقدارى تۆۋەن بولغان كىشىلەرنىڭ ھۇجۇم ياكى ھادىسىدىن كېيىن «زەربىدىن كېيىنكى بېسىم بىنورماللىقى»غا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىدۇق.
ئۇنداقتا، ئۇلار جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىپ كېلىنىشتىن ئىلگىرىلا تېنىدىكى كورتىزول مىقدارى تۆۋەن بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ بىز شۇنداق يەكۈن چىقاردۇقكى، ئەگەر تېنىدىكى كورتىزول مىقدارى ئەسلىدىنلا تۆۋەن بولغان كىشىلەر روھىي زەربىگە ئۇچرىسا، ئۇلارنىڭ تېنىدىكى كورتىزول مىقدارى بەك تۆۋەن بولغانلىقتىن بېسىم رېئاكسىيونىنى تىزگىنلەشتىن ئاجىز كېلىشى(كورتىزولنىڭ جىددىي تەھدىتلىك ئەھۋاللاردا بېسىمنى تىزگىنلەش رولى بارلىقى يۇقىرىدا قەيت قىلىنغانىدى، ت)؛ نەتىجىدە، بۆرەك ئۈستى بېزى ھورمونى كۆپلەپ ئاجرىلىپ، يېڭى روھىي زەربىگە ئالاقىدار خاتىرىلەرنى مېڭىگە ئورنىتىۋېتىشى، كېيىن مەزكۇر خاتىرىلەر تۇيۇقسىز پەيدا بولىدىغان ئەسلىمە ياكى قاباھەتلىك چۈش قاتارلىق شەكىللەردە كىشىنىڭ ئېسىگە كېلىشى مۇمكىن. يەنى، تەندىكى كورتىزول مىقدارىنىڭ تۆۋەن بولۇشى كىشىنىڭ «زەربىدىن كېيىنكى بېسىم بىنورماللىقى»غا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن.
يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغانلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە قارىتىلغان تەتقىقاتمۇ بۇ پەرەزنى قۇۋۋەتلەيدۇ. يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغان ۋە «زەربىدىن كېيىنكى بېسىم بىنورماللىقى»غا گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئۆزى «زەربىدىن كېيىنكى بېسىم بىنورماللىقى»غا گىرىپتار بولمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ تېنىدىكى كورتىزول مىقدارى نىسبەتەن تۆۋەن بولىدۇ. يەنى پەرەز قىلغىنىمىزدەك، كورتىزول مىقدارىنىڭ تۆۋەن بولۇشى بىلەن كىشىنىڭ «زەربىدىن كېيىنكى بېسىم بىنورماللىقى»غا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئارىسىدا باغلىنىش باردەك قىلىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، روھىي زەربە كىشىلەرنىڭ ئىرسىيەت ئۇچۇرلىرىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن تۇخۇم ۋە ئىسپېرمىغا تەسىر كۆرسىتىشتىن سىرت، گاھىدا ھامىلدارلىقتىن نەچچە ئون يىل ئىلگىرىلا بالىياتقۇ مۇھىتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغاندەك قىلىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتسىستلارنىڭ گوللاندىيەنىڭ ئاشلىق تەمىنات لىنىيەسىنى ئۈزۈپ قويغانلىقى سەۋەبلىك كۆرۈلگەن گوللاندىيەدىكى ئاچارچىلىق مەزگىلىدە ھامىلدار بولغان ئاياللارنىڭ پەرزەنتلىرىگە قارىتىلغان تولىمۇ ئىنچىكە تەتقىقاتلار «بالىياتقۇ ئىچى ئېففېكتى»نىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى بىلەن تەمىنلىدى. تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، شىددەتلىك بېسىم بىلەن ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ (مېتابولىزمنىڭ يېتەرسىزلىكى ۋە يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ يۇقىرى بولۇشى قاتارلىق) بىرلەشمە تەسىرى ئانىنىڭ روھىي زەربىگە ئۇچرىغان ۋاقىتتا ھامىلدارلىقنىڭ قايسى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىغا باغلىق ئىكەن.
ھامىلدارلىق ھالىتىدە «11-سېنتەبىر» ۋەقەسىگە شاھىت بولغان ئاياللار تۇغقان بوۋاقلارمۇ بالىياتقۇدىكى چېغىدىلا مەزكۇر ۋەقەنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئەينى چاغدا ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان ئاياللار تۇغقان بوۋاقلارنىڭ تېنىدىكى كورتىزول سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولغان. لېكىن، ئەپسۇسلىنارلىقى مەن بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئۇلارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى تەكشۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولالمىدىم. ھامىلدارلىق ھالىتىدە «11-سېنتەبىر» ۋەقەسىگە شاھىت بولغان ئاياللارغا قارىتىلغان كېيىنكى تەكشۈرۈش داۋامىدا، «زەربىدىن كېيىنكى بېسىم بىنورماللىقى»غا گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ توققۇز ئايلىق بالىلىرىدا بىنورمال تەشۋىش كۆرۈلگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ناتونۇش كىشىلەردىن زىيادە قورقىدىغانلىقىنى ئېيتقانلار «زەربىدىن كېيىنكى بېسىم بىنورماللىقى»غا گىرىپتار بولمىغانلارغا قارىغاندا كۆپ بولدى. لېكىن، بىز بۇ بوۋاقلارنى چوڭ بولغانغا قەدەر ئىز قوغلاپ تەكشۈرگۈدەك مەبلەغكە ئېرىشەلمىدۇق.
ئىنگىلىزچىدىن ئۆتكۈر ئالماس تەرجىمىسى
مەنبە: