نۇرغۇن ئىلىم ئەھلى جېنىنى پىدا قىلغان كىتاب — دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك

(ئۇيغۇرلار ژۇرنىلىنىڭ 35-سانىدا ئېلان قىلىنغان)

قەغەز-قەلەم بىلەن ئازدۇر-كۆپتۇر ھەپىلىشىپ باققان ھەر بىر تۈرك قەۋمىنىڭ پەرزەنتىگە مەلۇمكى، 1008~1102-يىللىرى ئارىسىدا قاراخانىيلار خانلىقى تەۋەسىدىكى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان ۋە شۇ يەردە ۋاپات بولغان بۈيۈك ئالىم مەھمۇد قەشقەرىي تەرىپىدىن خاقانىيە (ئۇيغۇر) تىلىدا يېزىلغان «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» (تۈرك تىلى دىۋانى) ھازىرغىچە مەلۇم بولغان تۈرك دۇنياسىدىكى ئەڭ قەدىمىي تۈركچە لۇغەتتۇر.

مەزكۇر ئەسەر مۇنداق بىر قانچە تۈرلۈك مەقسەتتە يېزىلغان:

1. تۈرك تىلىنىڭ ئەرەبچىدىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە مۇكەممەل تىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش.

2. ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن ئۈستۈن سەۋىيەدە سىزىلغان خەرىتىلەر ئارقىلىق تۈرك قەۋملىرى جايلاشقان رايونلارنى كۆرسىتىش.

3. تۈركلەرنىڭ ياشاش شەكلى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى كەلگۈسىدىكىلەرگە يەتكۈزۈش.

ھالبۇكى، يۇقىرىقىلاردىن سىرت، بۇ ئەسەر توغرىسىدا بىلمەيدىغانلىرىمىز ھېلىھەم بىلىدىغانلىرىمىزدىن تولىمۇ كۆپتۇر. مەسىلەن، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئەسەرنى يېزىلغاندىن تارتىپ ئىزچىل ھالدا كىشىلەر تەرىپىدىن بىلىنىپ كەلگەن مەشھۇر ئەسەر دەپ ئويلايدۇ. لېكىن، ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس. ئەلۋەتتە، تۈرك دۇنياسى بۇ ئەسەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن خەۋەردار ئىدى. لېكىن تاكى 1914-يىلىغا قەدەر ھېچكىم ھېچيەردە بۇ ئەسەرنى ئۇچرىتىپ باقمىغانىدى. يەنى، تۈرك دۇنياسى 1914-يىلىغا قەدەر مەھمۇد قەشقەرىينىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ئىسىملىك بىر ئەسىرى بارلىقىنى بىلەتتى-يۇ، لېكىن ھېچكىم بۇ ئەسەرنى قولىغا ئېلىپ ئوقۇشقا مۇۋەپپەق بولمىغانىدى. ئۇنداقتا، 1914-يىلىغىچە بۇنداق بىر كىتاب ھېچكىمنىڭ قولىدا يوق بولسا، بىز ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قانداق بىلەتتۇق؟ 

جاۋاب شۇكى، بىز باشقا كىتابلار ئارقىلىق بۇ ئەسەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلگەنىدۇق. مەسىلەن، ئەڭ دەسلەپتە «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» توغرىسىدا توختالغانلاردىن بىرى بەدرىددىن مەھمۇدتۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ «ئىكدۇل جۇمان فىي تارىخى ئەھلى زامان» ناملىق ئەسىرىنىڭ بىرىنچى تومىدا مەھمۇد قەشقەرىينىڭ ئەسىرىدىن نەقىل ئالغان. بەدرىددىن مەھمۇد يالغۇز بۇ ئەسەردىلا ئەمەس، بەلكى قېرىندىشى شاھابەددىن ئەھمەد بىلەن بىرلىكتە يازغان «تارىخ ئەششىھابى»دىمۇ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»تىن نەقىل ئالغان. كېيىنچە، كاتىپ چەلەبى ئۆزىنىڭ «كەشفۇز زۇنۇن» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»نى تىلغا ئالغان. 

شۇنداق، تۈرك دۇنياسىدا زور قىزىقىشقا سازاۋەر بولغان بۇ ئەسەر كىشىلەرنىڭ قوللىرىدا يوق ئىدى. ھالبۇكى، ئەسلىدە بۇ كىتاب سابىق مالىيە نازىرى نازىف بەينىڭ ئۆيىدىكى كىتابلار ئارىسىدا بار ئىدى. نازىف بەي گەرچە بۇ كىتابنىڭ قىممەتلىك ئەسەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ زادى قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى يەنىلا تونۇپ يېتەلمىگەنىدى. شۇ ۋەجىدىن، ئۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا بۇ كىتابنى تۇغقانلىرى ئارىسىدىكى بىر ئايالغا ھەدىيە قىلىپ: «بۇ قىممەتلىك كىتابتۇر. بېشىڭىزغا كۈن كەلگەندە سېتىپ پايدىلانسىڭىز بولىدۇ. لېكىن، بۇنى ئوتتۇز لىرادىن ئەرزان باھادا سېتىۋەتمەڭ» دېگەن. دەرۋەقە، بىر مەزگىلدىن كېيىن، ھېلىقى ئايال پۇلغا موھتاج بولغاچقا، بەيازىدتىكى نىمكەش كىتابچىلار بازىرىغا بېرىپ، كىتابنى بۇرھان ئىسىملىك بىر كىتابچىغا تۇتقۇزۇپ: «بۇنى مەن ئۈچۈن سېتىپ قويۇڭ، قانچە پۇلغا ساتسىڭىز ئىختىيارىڭىز، ماڭا پەقەت ئوتتۇز لىراسىنى بەرسىڭىزلا بولىدۇ» دېگەن. ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، تۈرك كۇتۇپخانىچىلىقىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بولغان ئەلى ئەمىرى ئەپەندى «يېڭى كىتابلار كېلىپ قالغانمىدۇ؟» دېگەن ئۈمىدتە، ئادىتى بويىچە نىمكەش كىتاب بازىرىنى ئايلانغىلى كەلگەن. ئۇ بۇرھان بەينىڭ دۇكىنىدا «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»نى كۆرگەندىن كېيىن، مىسلىسىز ھاياجان ۋە خۇشاللىققا چۆمگەن ھەمدە كىتابنى ئوتتۇز لىراغا سېتىۋېلىپ، كىتابچى بۇرھانغا ۋاكالەتچىلىك ھەققى سۈپىتىدە ئۈچ لىرا بەرگەن.

ئاندىن ئەلى ئەمىرى يېڭى قولغا كىرگۈزگەن بۇ كىتابنى ھەر تەرەپتە تونۇشتۇرۇپ شۇنداق دېگەن: «بۇ كىتاب ئەمەس، بەلكى تۈركىستاندۇر. تۈركىستانمۇ ئەمەس، بەلكى پۈتۈن جاھاندۇر. تۈرك ۋە تۈرك تىلى مۇشۇ كىتابنىڭ شاراپىتىدە تېخىمۇ يۈكسەك پەللىلەرگە چىقىدۇ. ئەرەب تىلىدا سىبەۋەيھنىڭ كىتابى قانداق ئورۇن تۇتسا، بۇ كىتابمۇ تۈرك تىلىدا شۇنداق ئورۇن تۇتىدۇ. تۈرك تىلىدا ھازىرغىچە بۇنداق بىر كىتاب يېزىلغان ئەمەس. بۇ كىتابقا لايىقىدا ئېتىبار بېرىشكە توغرا كەلسە، دۇنيا خەزىنىلىرى يېتىشمەي قالىدۇ …»

نەتىجىدە بۇ خەۋەر قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئاۋۋال ئىستانبۇلدا، ئارقىدىن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ھەممە جايلىرىدا، ئاخىرىدا پۈتۈن تۈرك دۇنياسىدا قۇلاقتىن قۇلاققا يېتىپ، كۈچلۈك داغدۇغا قوزغىغان. ئەسىرلەر بويى مەۋجۇتلۇقى بىلىنىپ كەلگەن، ئەمما ھېچكىم كۆرۈپ باقمىغان «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ئەنە شۇنداق ئوتتۇرىغا چىققان. دەسلەپتە، زىيا گۆكئالىپ قاتارلىق نۇرغۇن تۈرك مىللەتچىلىرى بۇ كىتابنى كۆرۈپ بېقىشقا تەشنا بولغان بولسىمۇ، ئەلى ئەمىرى ئەپەندى ئۇنى ھېچكىمگە كۆرسەتمىگەن. لېكىن، ئەلى ئەپەندى يەنىلا بۇ كىتابنى باشقىلارغا كۆرسىتىشكە مەجبۇر ئىدى. چۈنكى، كىتاب نىسبەتەن رەتسىز ۋە پارچە ھالەتتە بولۇپ، ئەلى ئەپەندى قولىدىكى بۇ كىتابنىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»نىڭ ئەسلى نۇسخىسى ياكى ئەمەسلىكىنى بىلەلمىگەنىدى ۋە بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىشنى ئويلايتتى. 

ئەينى چاغدىكى ئىستانبۇلدا، بۇ سوئالغا پەقەت كىلىسلىق (كىلىس ـــ تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئانادولۇ رايونىدىكى كىلىس ۋىلايىتىنىڭ مەركىزىدۇر، ت) مۇئەللىم رىفات ئەپەندىلا جاۋاب بېرەلەيتتى. رىفات ئەپەندى بۇ كىتابنى تولۇق ئىككى ئاي تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈرگەن، ئۇنىڭغا بەت نومۇرى قويغان ۋە: «بۇ <دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك>نىڭ كەمتۈك ئەمەس، تولۇق نۇسخىسى ئىكەن» دەپ يەكۈن چىقارغان. كېيىن، بۇ خەۋەر مەشھۇر تەلئەت پاشانىڭ قۇلىقىغا يەتكەن ۋە تەلئەت پاشا بۇ ئەسەرنىڭ يوقىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن مەتبەئەدە باستۇرۇشنى تەۋسىيە قىلغان. نەتىجىدە، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى يىللىرىدا، «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ئەلى ئەمىرى ئەپەندىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، كىلىسلىق مۇئەللىم رىفاتنىڭ تەھرىرلىكىدە مەتبەئەدە بېسىلغان.

ئۇنداقتا، «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»نىڭ ھېكايىسى شۇنىڭلىق بىلەن ئاخىرلاشتىمۇ؟ ئەلۋەتتە، ياق! 

تۈرك دۇنياسىنىڭ شاھانە ئەسىرى بولغان «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» تەبىئىي ھالدا تۈرك دۇنياسىنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ خۇشاللىق ۋە ھاياجانغا سەۋەب بولدى ھەمدە تۈركىيەنىڭ سىرتىدىكى تۈرك ئەللىرىدىكىلەرمۇ بۇ كىتابنى نەشر قىلىشقا تۇتۇندى. تۈرك دۇنياسىدا، ئەزەربەيجان تۇنجى بولۇپ بۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلىشقا ئۇرۇندى. سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەزەربەيجان شۆبىسى خالىد سەئىد خوجايېفنى بۇ خىزمەتكە مەسئۇل قىلدى. خوجايېف 1935~1937-يىللىرى بۇ ۋەزىپىنى تاماملىغان بولسىمۇ، ئەمما خوجايېف ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە بېرىلگەن «مۇكاپات» ئۆلۈم بولدى.

ئۇيغۇرلار 1944-يىلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغاندا، ئەڭ دەسلەپكى ئىشلار قاتارىدا، «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچىسىغا تەرجىمە قىلىش (ئۆزلەشتۈرۈش) ئىشىنى باشلىدى ۋە بۇ خىزمەتكە داڭلىق ئالىم ئىسمائىل داموللام تەيىنلەندى. بىرىنچى تومنىڭ تەرجىمىسى تاماملىنىپ بولغاندا، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ تىل بىرىكتۈرۈشى نەتىجىسىدە، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئاغدۇرۇلدى ۋە ئىسمائىل داموللام ئۆلتۈرۈلدى.

شەرقىي تۈركىستان قىزىل خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلدى. قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ شۇ چاغدىكى ۋالىيسى سەيدۇللاھ سەيپۇللايوف مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، مەشھۇر شائىر ۋە تارىخچى ئەھمەد زىيائىنى «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»نى تەرجىمە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى. 1952~1954-يىللار ئارىلىقىدا، دىۋاننىڭ تەرجىمىسى تاماملىنىپ، بېسىش ئۈچۈن بېيجىڭغا ئەۋەتىلدى ۋە بېسىش چىقىملىرىمۇ قەشقەر مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ خامچوتىدىن ئاجرىتىلدى. لېكىن، بېيجىڭ دائىرىلىرى ئەھمەد زىيائىغا «ئەكسئىنقىلابچى ۋە مىللەتچى»لىق قالپىقىنى كىيدۈرۈپ، ئۇنى يىگىرمە يىللىق ئېغىر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى، ئەھمەد زىيائى تۈرمىدە قىيىن-قىستاقتا ئۆلۈپ كەتتى، دىۋاننىڭ بارلىق تەرجىمىلىرى كۆيدۈرۈۋېتىلدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى يەنە بىر قېتىملىق ئۇرۇنۇشى 1960~1963-يىللىرىدا، خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقىي تۈركىستان شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئۇيغۇر سايرانى تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا چىقىرىلدى. ئەمما، كېيىن ئۇيغۇر سايرانى ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىمۇ تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆلتۈرۈلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، تەرجىمىنىڭ تېكىستلىرىمۇ كۆيدۈرۈۋېتىلدى. لېكىن، بۇنچە مۈشكۈلاتقا قارىماستىن، ئۇيغۇرلارنىڭ دىۋانغا بولغان قىزىقىشى تۆۋەنلىمەستىن، تېخىمۇ كۈچەيدى. ئاۋام ۋە زىيالىيلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە بىنائەن، «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ئىبراھىم مۇتىئى باشچىلىقىدا، ئابدۇسالام ئابباس، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇرېھىم ھەبىبۇللاھ، ئابدۇرەشىت كېرىم سايىت، ئابدۇلھەمىت يۈسۈفى، ھەلىم سالىھ، ھاجى نۇر ھاجى، ئوسمان مۇھەممەد نىياز، ئىمىن تۇرسۇن، سابىت روزى، مۇھەممەت ئىمىن ۋە مىرسۇلتان ئوسمانوفتىن تەركىب تاپقان 12 كىشىلىك گۇرۇپپا تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى ۋە دىۋاننىڭ مەزكۇر تەرجىمىسى 1981~1984-يىللىرى ئۈرۈمچىدە ئۈچ توملۇق ھالەتتە ئون مىڭ نۇسخا بېسىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» قازاقىستان ۋە ئەزەربەيجاندىمۇ نەشر قىلىندى.

تۈركچىدىن ھېكمەتيار ئىبراھىم تەرجىمە قىلدى

جاۋاب يېزىش

error: Content is protected !!