ياقۇپبەگ دەۋرىدىكى قەشقەر خانلىقىنىڭ

ھەربىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى

(بېشى ئالدىنقى ساندا)

(ئۇيغۇرلار ژۇرنىلىنىڭ 35-سانىدا ئېلان قىلىنغان)

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ياقۇپبەگكە ياردەم سۈپىتىدە ئەۋەتكەن ھەربىي ئەمەلدارلار ئارىسىدىكى ئىسمايىل ھاككى ئەپەندى زەمبىرەكچىلەر ئوفىتسېرى ئىدى. ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى زەمبىرەكچى مايور ئەلى ئاغا، پىيادە قوشۇن مايورى يۇسۇف جەمىل ئەپەندى، مەمۇرىي خادىملاردىن زامان بەي، زەمبىرەكخانا ئۇستىلىرىدىن مىلتىقچى ھاجى مەھمەت ئەپەندى، كاپسۇللۇق ئوق-دورا ئۇستىسى ھاجى ئىسمايىل ئەپەندى ۋە ئوغلى مەھمەت ئەپەندى قاتارلىقلار قەشقەر قوشۇنىدا بىر قاتار ئىسلاھ ھەرىكەتلىرىنى باشلىغاندا، زەمبىرەكچىلەر قىسمىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمىغانىدى. ئۇلار قوشۇننىڭ قۇرۇلمىسىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، قوشۇننى زامانىۋى زەمبىرەكچىلىك تەلىملىرى ئارقىلىق ئىسلاھ قىلىشقا تىرىشتى. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدىن كەلگەن ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ قوشۇننىڭ تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىغا يېقىندىن قول تىققانلىقى مەلۇم. بۇنىڭدىن سىرت، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىمۇ قەشقەر قوشۇنىنى تەربىيەلەش ۋە رۇس چېگراسىدا مۇداپىئە ئىستىھكامى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئاتمىش نەپەر ھەربىي ئەمەلدار ئەۋەتكەن (60).

قەشقەر زەمبىرەكچىلەر قىسىملىرىغا مەسئۇل زەمبىرەكچى باشلىرى بار ئىدى. زەمبىرەكچى باشلىرىنىڭ قول ئاستىدا ئىككى نەپەر يۈز بېشى، ھەر يۈز بېشىنىڭ قول ئاستىدا پەنجاھ باشلىرى، بۇلارنىڭ قول ئاستىدىمۇ ئون باشلىرى بار ئىدى. زەمبىرەكچى باشلىرى ئالتىدىن 12 گىچە زەمبىرەككە مەسئۇل ئىدى. زەمبىرەكلەر ئاز ھەم قولدا ياسالغان قەدىمىي زەمبىرەكلەر بولسىمۇ، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدىن ئېلىنغان كرۇپ ماركىلىق زەمبىرەكلەر ئىدى. قارا قالپاق كىيگەن زەمبىرەكچى ئەسكەرلەر مىلتىق ۋە قىلىچ ئاساتتى. زەمبىرەكخانىنىڭ مەسئۇلىمۇ ئوخشاشلا زەمبىرەك بېشى ئىدى (25).

ياقۇپبەگ قوشۇننىڭ قورال ۋە كىيىم-كېچەك ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن دۆلەت ئىچىدە ھەربىي كارخانىلارنى قۇردى. ئېچىلغان بۇ كارخانىلاردا ھەربىي فورما ۋە قورال-ياراغ ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىناتتى. ياقۇپبەگ بۇ كارخانىلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ساقلاش ئۈچۈن بەزى شەھەرلەردە ھەربىي ئىسكىلات تەسىس قىلدى. كارخانىلاردا تىكىلگەن ھەربىي فورمىلار ئۈچۈن ئاساسلىقى رۇسىيە ۋە ئەنگلىيەدىن سېتىۋېلىنغان رەختلەر ئىشلىتىلدى. ياۋروپا مىلتىقلىرىنى ياساش ئۈچۈن قەشقەردە زاۋۇت قۇرۇلدى (26). قوشۇننىڭ ئېھتىياجى بارغانسېرى كۈچەيگەنلىكتىن، كورلا بىلەن ئاقسۇدا يېڭىدىن ئىككى ھەربىي كارخانا ئېچىلىپ، «ئېنفىيلىد» (enfield) تىپلىق مىلتىقلار ئىشلەپچىقىرىلدى. مەزكۇر ھەربىي كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئىشچى ۋە ئۇستىلارغا كۆرە ئۆزگىرىپ تۇراتتى (27). قوشۇننىڭ زەمبىرەككە بولغان ئېھتىياجى بولسا، مىلتىققا بولغان ئېھتىياجغا قارىغاندا، ھەل قىلىش تېخىمۇ قىيىن بولغان بىر مەسىلە ئىدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى ھېچبىر شەھەردە زەمبىرەك قۇيۇش زاۋۇتى يوق ئىدى. شۇ ۋەجىدىن، زەمبىرەك قۇيۇشتا تولىمۇ زور قىيىنچىلىقلار كۆرۈلدى. ياقۇپبەگ ئاقسۇدا بىر زەمبىرەك قۇيۇش زاۋۇتى قۇرۇپ، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ھەيئەتنىڭ ئەزاسى بولمىش مەھمۇد ئەپەندىنى زەمبىرەك قۇيۇشقا مەسئۇل قىلدى. لېكىن، مەھمۇد ئەپەندى قۇيدۇرغان زەمبىرەكلەر دەسلەپكى توپ ئېتىشتىن كېيىنلا كاردىن چىقاتتى. مەھمۇد ئەپەندى بۇ ئىشنى ئەپلەشتۈرەلمىگەندىن كېيىن، قوقەندلىك قورال ياساش ئۇستىسى ئابدۇررەشىد ئىسىملىك بىرى زەمبىرەك ئوچاقلىرىغا مەسئۇل قىلىندى (28). لېكىن، زەمبىرەك جەھەتتە يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجە ھاسىل بولمىدى. شۇ سەۋەبتىن، شەرقىي تۈركىستان قوشۇنلىرىنىڭ زەمبىرەككە بولغان ئېھتىياجى ئاساسەن ئەنگلىيە مۇستەملىكىسى بولغان پەنجاب ئەمىرلىكى ئارقىلىق قاندۇرۇلاتتى.

ياقۇپبەگ زامانىۋى قوشۇن قۇرۇش ئۈچۈن كۈچىگە بولسىمۇ، قوشۇننىڭ مەۋجۇت قۇرۇلمىسىدىكى ئاجىزلىق تولىمۇ روشەن ئىدى. ياقۇپبەگ قەشقەرگە سىرتتىن كەلگەن ئادەم بولغاچقا، يەرلىك قىسىملارنىڭ غوللۇق كۈچى بولغان سەرۋازلارغا ئانچە ئىشىنىپ كەتمەيتتى. ئاتلىق پولكلاردا بولسا، قوقەندلىكلەر ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەچكە، ئۇلار (ياقۇپبەگنىڭ نەزىرىدە) پىيادە قىسىمدىكىلەرگە قارىغاندا ئىشەنچلىكرەك ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ياقۇپبەگ تۇڭگان ۋە خىتاي ئەسكەرلەرگە پەقەتلا ئىشەنمەيتتى، ئۇلارنى قەشقەرنىڭ ئەتراپىدىن باشقا يەرگە بارغۇزمايتتى. ئۇنىڭ يەرلىك قىسىملارغا بولغان ئىشەنچسىزلىكى تۈپەيلى، ئەسكەرلەرنىڭ قوشۇندىن قېچىش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلۈپ تۇراتتى. دەرۋەقە، بىرىنچى قېتىملىق فەتىھلەر دەۋرىدە، يەرلىك قىسىملارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن قەشقەر قوشۇنىنىڭ تەڭدىن تولىسى يوقالغانىدى (29).

ياقۇپبەگ دەۋرىدىكى مائارىپ ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيەت

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تۇرمۇش ـــ بولۇپمۇ 1759-يىلىدىكى مانجۇ ئىشغالىيىتىدىن كېيىن ـــ تولىمۇ ناچارلىشىپ كەتكەن ئىدى. بۇنىڭ ئەڭ زور سەۋەبى شەرقىي تۈركىستاندىكى مانجۇ ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ يەرنى تامامەن ئېكسپلاتاتسىيە قىلغانلىقىدىن مەنبەلىنەتتى. ئېغىر باج سېلىقلىرىغا دۇچار بولغان خەلق پات-پاتلا مانجۇ ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولغانىدى. مەزكۇر قوزغىلاڭلار ۋە چىڭ سۇلالىسى ھاكىمىيىتىنىڭ قوزغىلاڭلارنى ئۆز ۋەزنىدىن بەكلا ئېشىپ كەتكەن دەرىجىدە قاتتىق باستۇرۇشى نەتىجىسىدە، بۇ دۆلەتتىكى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تۇرمۇش بۇزۇلۇپ، كىشىلەر تولىمۇ ئېغىر مۈشكۈلاتلار ئىچىدە قالغانىدى. ياقۇپبەگ 1864-يىلى چىڭ سۇلالىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكىچى ھاكمىيىتىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، يۇقىرىدا قىسقىچە قەيت قىلىنغان مۈشكۈلاتلار قەدەممۇ قەدەم ئازىيىشقا باشلىغانىدى (30).

ياقۇپبەگ شەرقىي تۈركىستان شەھەرلىرىدىكى چىڭ سۇلالىسى پەيدا قىلغان ۋەيرانچىلىقلارنى تۈگىتىشكە تىرىشقانىدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى ۋەزىيەتنى ئۆزى بىلەن سودا مۇناسىۋىتى ئورناتماقچى بولغان رۇسىيە ھۆكۈمىتىگە شۇنداق چۈشەندۈرگەنىدى:

«بىزنىڭ زېمىنلىرىمىز سىلەرنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا تولىمۇ پېقىر ۋە ۋەيرانەدۇر. نۆۋەتتە مانجۇ ھاكىمىيىتى قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئۇلار قالدۇرغان ۋەيرانچىلىقلارنى ئوڭشاشقا تىرىشىۋاتىمىز. ئۇلار بۇ دۆلەتتىكى ياخشى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ۋەيران قىلىپ، ئارقىسىدا ھېچنەرسە قالدۇرمىدى. ئەنە شۇ سەۋەبتىن، باي سودىگەرلىرىڭلارنىڭ دۆلىتىمىزگە كىرىشى ھازىرچە چەكلەندى. چۈنكى، ئۇلار بۇ يەردە تىجارەت قىلغۇدەك ھېچنەرسە تاپالمايدۇ، پەقەت بىر خارابىلىقنىلا كۆرىدۇ» (31).

ياقۇپبەگ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنى ئوڭشاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مەركىزىي ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش جەھەتتە تەدبىر قوللاندى. ئاندىن دۆلەت ھاكىمىيىتىنى تولۇق قولىغا كىرگۈزگەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي قىيىنچىلىقلارنى تۈگىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ياقۇپبەگ ۋەيران بولغان دۆلىتىنىڭ ئورنىغا يېڭى بىر دۆلەت قۇرۇشقا تىرىشىش جەريانىدا، ئەڭ ئاۋۋال مائارىپ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگەنىدى.

شەرقىي تۈركىستاندىكى شەھەرلەر قاراخانىيلار دۆلىتى دەۋرىدە ئالتۇن مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرگەنىدى. قەشقەر شۇ دەۋردىكى مائارىپ ۋە تىجارەت مەركىزى ئىدى. لېكىن، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆزگەرگەن سىياسىي شەرت-شارائىتلار بۇ خىل ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتكەنىدى. شەرقىي تۈركىستاندا مائارىپنىڭ ئاساسى مەكتەپ ۋە مەدرىسە ئىدى. مەكتەپلەردە قۇرئان، تەجۋىد-قىرائەت، ئەرەبچە ۋە پارسچە ئۆگىتىلەتتى. مەدرىسەلەردە بولسا دىنىي ئىلىملەرگە قوشۇپ، باشقا تۇرمۇش ئىلىملىرىمۇ ئۆگىتىلەتتى. لېكىن، بۇلارمۇ چەكلىك دائىرىدىلا ئۆگىتىلەتتى. مەدرىسەلەردە ئۆگىتىلگەن تارىخ دەرسلىرى ئىسلام تارىخىدىن ئىبارەت ئىدى. فىزىكا، خىمىيە، ھېساب قاتارلىق دەرسلەر ئۆگىتىلسىمۇ، ئەمما دائىرىسى پەۋقۇلئاددە چەكلىك ئىدى. كونا ئۇسۇل ۋە مېتودلار بويىچە ئۆتۈلگەن دەرسلەر دۇنيانىڭ مەۋجۇت تېخنىكىۋى تەرەققىياتىدىن خەۋەرسىز تەرزدە ئۆتۈلەتتى. لېكىن، شۇنداق بولۇشىغا قارىماستىن، مەدرىسەدە ئۆگىتىلگەن دىنىي ئىلىملەر خېلىلا ئۈستۈن سەۋىيەدە ئىدى، بولۇپمۇ ئەرەبچە-پارسچە گرامماتىكىسى، ھەدىس ۋە مەنتىقە دەرسلىرى ئىلمىي رەۋىشتە ئۆتۈلەتتى. مائارىپ تىلى پارسچە ئىدى. مەدرىسەلەردە تەربىيەلىنىپ چىققانلار دۆلەت ئاپپاراتلىرىدا خىزمەت قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن جەمئىيەتتە ئىمتىيازلىق تەبىقە ھېسابلىناتتى. شەرقىي  تۈركىستان ئۆزىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە سىياسىي ئاتموسفېراسى سەۋەبلىك، غەربىي تۈركىستاندىكى نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەردىن بىخەۋەر ئىدى. ياقۇپبەگ دەۋرىگە قەدەر گاھىدا چىڭ سۇلالىسىنىڭ، گاھىدا رۇسىيەنىڭ بېسىمى ئاستىدا ياشىغان مەزكۇر رايون مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ئاندىن دۇنيانىڭ باشقا جايلىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا مۇۋەپپەق بولغانىدى. شەرقىي تۈركىستان چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا قالغان يىللاردا پەقەت مائارىپتىلا ئەمەس، بەلكى تىجارەت جەھەتتىمۇ قاتتىق زىيانغا ئۇچرىغانىدى. شەرقىي تۈركىستاندا چىڭ سۇلالىسى ھاكىمىيىتىگە قارشى ئايىغى ئۈزۈلمەس قوزغىلاڭلار نەتىجىسىدە، ھەرقايسى شەھەرلەردىكى تىجارەتلەر توختاش گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى (32). ياقۇپبەگ ئەنە شۇنداق بىر مەزگىلدە، ئالدى بىلەن بۇ يەرنى ئاۋاتلاشتۇرۇشقا تىرىشىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى ۋەيرانچىلىقلارنى ئوڭشاشقا ئۇرۇندى. شەھەرلەرنىڭ قايتىدىن تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىقتىسادمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى.

شەرقىي تۈركىستاندىكى شەھەرلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ھەرقايسى جەھەتلەردە تەرەققىي قىلىشقا باشلىغانىدى. توقۇمىچىلىق ساھەسى ۋە شۇنىڭغا ياندىشىپ تەرەققىي قىلغان ساھەلەر تىجارەتنىڭ ئۇلى ئىدى. توقۇمچىلىق كىلاسسىك قول دەستىگاھلىرىدا ئېلىپ بېرىلسىمۇ، لېكىن كىرىمى يۇقىرى ئىدى. بولۇپمۇ يىپەك ۋە يىپەكتىن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار بازارلاردا ئاز ئۇچرايدىغان، ئەمما قوشۇمچە قىممىتى بەكلا يۇقىرى مەھسۇلاتلار ئىدى (33). ئەنگلىيەلىك تىجارەتچىلەر ھەممىدىن بەك قىزىقىدىغان بۇ مەھسۇلاتلار ئۈچۈن مەخسۇس زاكاس ئالىدىغان زاۋۇتلار قۇرۇلغانىدى. توقۇمىچىلىق ساھەسىنىڭ خام ماتېرىيالى بولغان پاختا شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇھىم تىجارەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى ئىدى. «ماتا» دەپ ئاتالغان رەخت ۋە بۇنىڭدىن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار قەشقەر ۋە باشقا شەھەرلەردىكى بازارلارنىڭ تولىمۇ ئەتىۋارلىق مەھسۇلاتلىرى ئىدى. ماتانىڭ ئېكسپورت مىقدارى ئىمپورت قىلىنغان بارلىق ماللارنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلەتتى. خانلىقنىڭ تىجارەت ساھەسىدە، توقۇمىچىلىق ئېكسپورتنىڭ 81 پىرسەنتىنى ماتا، بەش پىرسەنتىنى يىپەك، تۆت پىرسەنتىنى پەلتۇ، ئىككى پىرسەنتىنى رەڭلىك كىگىز، سەككىز پىرسەنتىنى باشقا مەھسۇلاتلار ئىگىلەيتتى (35). ھىندىستان باش ۋالىيلىقى ئارقىلىق ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن، تۈركىستان باش ۋالىيلىقى (گوبېرناتورلۇقى) ئارقىلىق رۇسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن سودا كېلىشىملىرى ئىمزالىغان ياقۇپبەگ شۇ ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىگە كەلگەن تىجارەتچىلەرنىڭ سانىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغانىدى. شۇنداقلا، ئۇ شۇ ئارقىلىق چەتئەل مەھسۇلاتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان بازىرىغا توسقۇنسىز كىرىشىگە ئىمكانىيەت ياراتقانىدى. رۇسىيە بىلەن قىلىنغان تىجارەتتە، ئىسسىقكۆل ۋە شۇنىڭ ئەتراپىدا قىلىنغان تىجارەتلەردىن كېلىدىغان پايدا راۋۇرۇس كۆپ ئىدى. 1869-يىلى يۈز بەرگەن سەلبىي ۋەقەلەر تۈپەيلى، بۇ تىجارەت توختاپ قالغانىدى. لېكىن، شۇنىڭدىن كېيىن، مەزارات تېغى ئەتراپىدىكى تىجارەت جانلىنىپ، تاپاۋىتى تولىمۇ يۇقىرى بولغان (36).

شەرقىي تۈركىستان بازارلىرى مەزكۇر رايوندىكى ئەڭ قايناق بازارلار ئىكەنلىكى بىلەن دىققەتكە سازاۋەر ئىدى. بازارلار شەھەرنىڭ نوپۇس جەھەتتىكى يوشۇرۇن كۈچىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇراتتى. بۇ بازارلاردا ياۋروپالىق تىجارەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى بىرىنچى بولۇپ تارتقىنى بومبا ساقال تۈرك تىجارەتچىلەرنىڭ كۆپلۈكى ئىدى (37). بۇ يەرنىڭ ئايتاغا ۋە چارسۇ دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى چوڭ بازىرى بار ئىدى. قەشقەر تىجارەت جەھەتتە مۇھىم بىر تۈگۈن ئىدى. بۇ بازارلار تىجارەتنىڭلا ئەمەس، كۈندىلىك ھاياتنىڭمۇ داۋاملىشىشىغا ئىمكانىيەت ياراتقان جايلار ئىدى. رۇسلار ماللىرىنى ئاۋۋال قەشقەرگە ئەكېلىپ، ئاندىن شۇ يەردىن باشقا شەھەرلەرگە تارقىتاتتى (38).

تۈركىستان شەھەرلىرىدە چەتئەللىك تىجارەتچىلەرنىڭ ماللىرىغا بولغان قىزىقىشمۇ ئاجايىپ يۇقىرى ئىدى. بولۇپمۇ ئەنگلىيە ماللىرى ۋە رۇس تىجارەتچىلەر ئەكەلگەن مەھسۇلاتلار يۇقىرى باھادا سېتىلاتتى. بەزى تىجارەتچىلەر پۇل ئىشلەتمەستىن، مالغا مال تېگىشەلەيتتى. غەربلىكلەر گىلەم قاتارلىق گۈل كەشتىلەنگەن توقۇلما بۇيۇملارغا قىزىقاتتى ۋە بۇ ماللارغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى شۇ نەرسىلەر بىلەن تېگىشەتتى. بۇ مەھسۇلاتلار فارفۇر بۇيۇملار قاتارلىق غەربچە تۇرمۇشقا خاس ئائىلە بۇيۇملىرى بىلەن ئالماشتۇرۇلاتتى (39). رۇسىيەلىك ۋە ئەنگلىيەلىك تىجارەتچىلەر بۇ رايوندىن خام يىپەك، ماتا، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن خۇرۇم، يۇڭ قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ، ئومۇمەن تۆمۈردىن ياسالغان بۇيۇملارنى، شېكەر، بوياق ۋە باشقا سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ساتاتتى.

خانلىقتىكى باجلار

قەشقەر خانلىقىدا تىجارەت مۇھىم كىرىم مەنبەسى بولغاچقا، باجمۇ دۆلەتنىڭ ئۇللۇق تاپاۋەت مەنبەسى ئىدى. خانلىق ھاكىمىيىتى پۇقرالاردىن بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك ھالدا باج يىغاتتى. خەلقتىن بىۋاسىتە يىغىلىدىغان باجلار تۇپراق بېجى، تاناپ (قەشقەر خانلىقىدا قوللىنىلغان يۈز ئۆلچىمى بىرلىكى، ت) بېجى ۋە زاكاتتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنەتتى. «چارۋىچىلىق ۋە تىجارەت بېجى» دەپمۇ ئاتالغان زاكاتنىڭ مىقدارى مەۋجۇت مال مىقدارىنىڭ قىرىقتىن بىرى (يەنى 2.5 پىرسەنتى) ئىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى (مېلى شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن 85 گرام ئالتۇننىڭ قىممىتىگە يەتسە) زاكات بېرىشكە مەجبۇر ئىدى. تاناپ بېجى بولسا ئالاھىدە باج تۈرى ئىدى. مۇنبەت زېمىن ئىگىلىرىدىن يىغىلىدىغان بۇ باج شۇ يەردىن چىققان مەھسۇلاتنىڭ بازار باھاسىغا ئاساسەن ئېلىناتتى. مەزكۇر دۆلەتتە ئاز مىقداردا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان مەھسۇلاتلاردىن ئېلىنىدىغان بۇ باجنىڭ نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، خەزىنىگە كۆپ كىرىم ئەكېلەتتى. تۇپراق بېجىدا بولسا، دېھقانلارنىڭ ئېتىزىدىكى مەھسۇلاتنىڭ ئوندىن بىرىنى دۆلەت باج سۈپىتىدە ئالاتتى. مەزكۇر باج تۈرى خەلقنىڭ خانلىققا بولغان ساداقىتىنى ۋە ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىگە بولغان ئىشەنچىنى ئېغىر دەرىجىدە زېدىلىگەنىدى. خانلىقتا باجگىرلار مائاش ئالمايتتى. شۇ ۋەجىدىن، باج مىقدارىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ يۈكى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىلگەنىدى. بۇ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى يولغا قويغان سىستېما بىلەن ئوخشاش ئىدى ۋە (پۇقرالار ئارىسىدا) ئىنتايىن ئېغىر بىئارامچىلىققا سەۋەب بولغانىدى (41).

خەلقتىن ئېلىنىدىغان ۋاسىتىلىك باجلار تۆۋەندىكىدەك ئىدى:

1. ئوت-سامان پۇلى: دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلاردىن ئېلىنىدىغان ئوت-سامان پۇلى ئاساسەن (نەق پۇل ئەمەس) زىرائەت شەكلىدە ئېلىناتتى.

2. كەپسەن: زىرائەتتىن ئېلىنىدىغان باج بولۇپ، بۇنىڭدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن كىرىم باجگىرلارنىڭ چىقىمى ئۈچۈن ئىشلىتىلەتتى. قەشقەر خانلىقىدا باجگىرلارغا مائاش بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ باج مائاشنىڭ ئورنىدا ئىدى.

3. تەرى قارا: پۇقرالاردىن بىرى ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بارلىق مال-بىساتىنىڭ قىممىتى ھېسابلىنىپ، شۇنىڭ بەش پىرسەنتى دۆلەتكە تاپشۇرۇلۇشى كېرەك ئىدى. بۇنى «مىراس بېجى» دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ (42).

دۆلەت توپلايدىغان باجلار بۇلار بىلەنلا چەكلەنمەيتتى. قەشقەر خانلىقى تەۋەسىگە كىرگەن ھەرقانداق تىجارەتچى چېگرا بېجىدىن سىرت، ئۆزىنىڭ بارلىق خىراجەتلىرى ئۈچۈن باج تۆلەيتتى. بۇنىڭدىن سىرت، يەرلىك خەلقتىن ئېلىنغان باجلارمۇ شۇ شەكىلدە ئىدى. دۆلەتكە كەلگەن چەتئەللىك ئەلچىلەرنىڭ چىقىملىرىنى قامداش ئۈچۈن ئۈچۈنمۇ خەلقتىن «ئەلچىلىك بېجى» ئېلىناتتى.

ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقان ئۇرۇشلار نەتىجىسىدە ۋەيران بولغان شەرقىي تۈركىستان شەھەرلىرىدىكى ئىقتىسادىي ۋەيرانچىلىقلار ئاسانلا ھەل قىلغىلى بولىدىغان مەسىلە ئەمەس ئىدى. بۇنىڭدىن سىرت، شەرقىي تۈركىستاننىڭ زامانىۋى دۇنيادىكى ئۆزگىرىشلەردىن بىخەۋەر قالغانلىقى ۋە سىرتقى دۇنيا كېچىكىپ تونۇشۇشى ئۇنىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەردىن ئارقىدا قېلىشىغا سەۋەب بولغانىدى. سانائەتكە سېلىنغان مەبلەغلەر تىجارەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى قوشۇننىڭ ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ھەربىي كارخانىلارغا ئىشلىتىلگەنىدى. شۇنداقلا، بۇ ئەھۋال دۆلەت ئىقتىسادىغا زور پايدا ئەكېلەلىگۈدەك سەۋىيەدە بولماستىن، ئارانلا ئۆز ئېھتىياجىنى قاندۇرغۇدەك دەرىجىدە ئىدى. مەسىلىنى بۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈشتە تەھلىل قىلغاندا، قەشقەر خانلىقىدىكى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئۆز ئىچىدە ئايلىنىدىغان ئىقتىسادىي ئەندىزىگە ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.

(تۈگىدى)

«ياقۇپ بەگ» ناملىق ئەسەردىن ھېكمەتيار ئىبراھىم تەرجىمىسى

جاۋاب يېزىش

error: Content is protected !!