ئۆز مەپتۇنلۇقتىن كېلىپ چىققان خاراكتېر بىنورماللىقى
بۇ ئەسەر ئۇيغۇرلار ژۇرنىلىنىڭ 36-سانىدا ئېلان قىلىنغان
ئۆز مەپتۇنلۇق تىپىدىكى خاراكتېر بىنورماللىقىنىڭ (narcissistic personality disorder) ئەڭ تىپىك ئىپادىلىرى چوڭچىلىق، باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلماسلىق، شۇنداقلا ماختىلىش ئېھتىياجىدۇر. بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ھەمىشە تەكەببۇر، ئۆزمەركەزچى، باشقىلارنى تىزگىنلەش ئىستىكى كۈچلۈك ۋە تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەيدۇ، دەپ تەسۋىرلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ يەنە رېئاللىقتىن چەتنىگەن فانتازىيەلىك خىياللىرى بولۇشى ۋە ئۆزلىرىنى ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىنىشقا ئەرزىيدىغان كىشىلەر دەپ قارىۋېلىشى مۇمكىن. بۇ خۇسۇسىيەتلەر ئادەتتە قۇرامىغا يېتىش دەۋرىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا باشلىنىدۇ ۋە مۇقەررەر ھالدا خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت قاتارلىق كۆپ خىل مۇھىتلاردا تەكرار ئىپادىلىنىدۇ.
ئۆز مەپتۇنلۇق تىپىدىكى خاراكتېر بىنورماللىقىغا گىرىپتار بولغانلار ھەمىشە ئۆزى ئالاھىدە ياكى تالانتلىق دەپ قارىغان كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشقا تىرىشىدۇ ۋە بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرالايدۇ. ئۇلار ماختىلىشقا ۋە دىققەت-ئېتىبارغا سازاۋەر بولۇشقا چېكىدىن ئاشقان دەرىجىدە خۇشتار؛ تەنقىد ياكى مەغلۇبىيەتكە زىنھار بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.
گەرچە ئۆز مەپتۇنلۇق تىپىدىكى خاراكتېر بىنورماللىقىنى داۋالاش قىيىن بولسىمۇ، ئەمما پىسخىكىلىق داۋالاش بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ ئۆزلۈك ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشىگە ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ.
ئۆز مەپتۇنلۇق تىپىدىكى خاراكتېر بىنورماللىقى دىياگنوز قويغىلى بولىدىغان روھىي توسالغۇنى كۆرسىتىدۇ. «ئۆز مەپتۇنلۇق» بولسا ئادەمگە قاراپ پەرقلىنىدىغان خۇسۇسىيەتتۇر.
ئالامەتلىرى
«روھىي كېسەللىكلەرگە دىياگنوز قويۇش ۋە ئىستاتىستىكىلاش قوللانمىسى»نىڭ (Diagnostic and Statistical Manual of Mental Disorders ـــ «ئامېرىكا روھ تىبابىتى جەمئىيىتى» تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىدىغان، ئامېرىكا ۋە باشقا ئەللەردە روھىي كېسەللىكلەرگە دىياگنوز قويۇشتا ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان يېتەكچى قوللانما، ت) بەشىنچى نەشرىگە كۆرە، ئۆز مەپتۇنلۇق تىپىدىكى خاراكتېر بىنورماللىقىغا گىرىپتار بولغانلار تۆۋەندىكى ئالامەتلەردىن بەشىنى ياكى تېخىمۇ كۆپرەكىنى ئۆزىدە ئىپادىلەيدۇ، بۇلار قۇرامىغا يېتىش دەۋرىنىڭ دەسلىپىدە ۋە باشقا تۈرلۈك مۇھىتلاردا ئىپادىلىنىدۇ:
* ئۆزىنى رېئاللىقتىن چەتنىگەن دەرىجىدە مۇھىم دەپ قارىۋېلىش
* چەكسىز مۇۋەپپەقىيەت، ھوقۇق، تالانت، گۈزەللىك ياكى غايىۋى مۇھەببەت توغرىسىدىكى فانتازىيەلىك خىياللارغا چۆمۈش
* ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئىكەنلىكىگە، پەقەت ئالاھىدە كىشىلەر ۋە ئورگانلارنىڭلا ئۆزىنى چۈشىنەلەيدىغانلىقىغا ۋە ئۆزى بىلەن باردى-كەلدى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىش
* ھەددىدىن زىيادە ماختىلىش ئىستىكى
* ئىمتىياز (ئۆزىنى ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىنىشقا لايىق دەپ قاراش) تۇيغۇسى
* باشقىلاردىن پايدىلىنىش
* باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلالماسلىق
* باشقىلارغا ھەسەت قىلىش ياكى ئۆزىنى ھەسەت ئوبيېكتى دەپ قارىۋېلىش
* تەكەببۇرانە، ھاكاۋۇر قىلمىش ياكى پوزىتسىيە
«روھىي كېسەللىكلەرگە دىياگنوز قويۇش ۋە ئىستاتىستىكىلاش قوللانمىسى»نىڭ بەشىنچى نەشرىگە كۆرە، ئۆز مەپتۇنلۇق تىپىدىكى خاراكتېر بىنورماللىقىغا گىرىپتار بولغانلار ئاسانلا تەنقىد ياكى مەغلۇبىيەتتىن زەربە يەيدۇ ۋە ئۇلار بۇنىڭغا مەنسىتمەسلىك ياكى غەزەپ بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇشى مۇمكىن؛ ئەمما بۇلار شۇ سەۋەبلىك ئىجتىمائىي ئالاقىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى ياكى ساختا كەمتەرلىك قىلىشىمۇ مۇمكىن.
ئۆز مەپتۇنلۇق تىپىدىكى خاراكتېر بىنورماللىقىنىڭ ئىمتىياز تۇيغۇسى، باشقىلارنى نەزەرگە ئالماسلىق ۋە باشقا تەرەپلىرى مۇناسىۋەتكە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن. گەرچە ئۆز مەپتۇنلۇق تىپىدىكى خاراكتېر بىنورماللىقىغا گىرىپتار بولغۇچى زور ئۇتۇق قازانغان بىرى بولۇشى مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما خاراكتېر بىنورماللىقى (مەسىلەن، شۇ كىشىنىڭ تەنقىدكە بولغان زىيادە سەزگۈرلۈكى سەۋەبىدىن) ئىقتىدارغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
تەتقىقاتچىلار ئۆز مەپتۇنلۇق تىپىدىكى خاراكتېر بىنورماللىقى بىلەن زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش، كەيپىيات ۋە تەشۋىش بىنورماللىقى نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بارلىقىنى دوكلات قىلدى. بۇلار ئۆز مەپتۇنلۇق تىپىدىكى خاراكتېر بىنورماللىقى بىمارلىرىدىكى ئاسان ھاياجانلىنىش ۋە نومۇسقا قالغانلىق تۇيغۇسى قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرنىڭ مەھسۇلى بولۇشى مۇمكىن.
بالاغەتكە يېتىش دەۋرىدە ئۆز مەپتۇنلۇق ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن كىشىنىڭ قۇرامىغا يەتكەندە چوقۇم ئۆز مەپتۇنلۇق تىپىدىكى خاراكتېر بىنورماللىقىغا گىرىپتار بولۇشى ناتايىن.
ئۆز مەپتۇنلۇقنىڭ قايسى خىل ئوخشىمىغان تۈرلىرى بار؟
ئۆز مەپتۇنلۇق ھاكاۋۇرانە (ياكى ئاشكارا) ۋە ئاجىزانە (ياكى يوشۇرۇن)دىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ.
ھاكاۋۇرانە ئۆز مەپتۇنلۇق تاش مىجەزلىك، ئۆزىگە ئىشىنىش، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ۋە ھۇجۇمخۇمارلىق بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ.
ئاجىزانە ئۆز مەپتۇنلۇق ئىچ مىجەزلىك، زىيادە سېزىمچانلىق، سەلبىي كەيپىيات، ھەر دائىم تەستىق ۋە ئېتىراپقا موھتاج بولۇش بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. ئۆز مەپتۇنلۇق تىپىدىكى خاراكتېر بىنورماللىقىنىڭ ھەرقانداق تۈرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئالاھىدىلىكى ئۆزىنى چوڭ كۆرۈش، ئۆزىنىڭ ئوي-پىكىرلىرى ۋە قىلمىشلىرىنىڭ ئۇلارنى باشقىلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىشتۇر.
ئۆز مەپتۇنلۇق قاچان كېسەللىك ھېسابلىنىدۇ؟
«ئۆز مەپتۇن» دېگەن بۇ سۆز ئاللىقاچان كىشىلەرنىڭ كۈلتۈرىگە سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، بەزىدە نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئىشلىتىۋېتىلىدۇ. كىشىلەردە شۇنچىكى (يەنى «ئۆزىگە لايىقىدا ئىشىنىش» دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمىگەن) ئۆز مەپتۇنلۇق بولۇشى نورمال بولۇپ، ئۇ باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ھايات ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش جەھەتلەردە كىشىگە ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ. ئۆز مەپتۇنلۇق كىشىنىڭ مۇناسىۋەتلىرى، ئۆزلۈك ئېڭى، كەسپى ياكى قانۇنىي رولى ئارقىلىق ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا زىيان يەتكۈزگەندىلا، ئاندىن كېسەللىك ھېسابلىنىدۇ.
قايسى خىل روھىي بىنورماللىقلار ئۆز مەپتۇنلۇق تىپىدىكى خاراكتېر بىنورماللىقىغا ياندىشىپ كېلىدۇ؟
تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشچە، ئىجتىمائىيلىققا قارشى خاراكتېر بىنورماللىقى، تەرسالىق تىپىدىكى خاراكتېر بىنورماللىقى ۋە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش بىنورماللىقى ھەمىشە ھاكاۋۇرانە ئۆز مەپتۇنلۇق بىلەن تەڭ كۆرۈلىدىكەن. چۈشكۈنلۈك، تەشۋىش ۋە ئۆزىگە زىيان سېلىش دائىم ئاجىزانە ئۆز مەپتۇنلۇق بىلەن تەڭ يۈز بېرىدىكەن. ھالبۇكى، ئۆز مەپتۇنلۇق تىپىدىكى خاراكتېر بىنورماللىقىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ ھەممىسىدىلا يانداشما ئالامەتلەر كۆرۈلۈۋەرمەيدىكەن.
سەۋەبلىرى
ئۆز مەپتۇنلۇق تىپىدىكى خاراكتېر بىنورماللىقىنىڭ سەۋەبى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس، ئەمما بىيولوگىيىلىك ئامىل ۋە مۇھىت ئامىلى بۇنىڭغا ئوخشاشلا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ كېسەللىكنىڭ ئىرسىيەت يىلتىزىدىن باشقا، (ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسلۇبى، ئىجتىمائىي ۋە كۈلتۈرەل مۇھىت قاتارلىق) بالىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىك كەچمىشلىرىمۇ كېسەللىك جەريانىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. مەسىلەن، شەخسنىڭ رولى تەكىتلىنىدىغان كۈلتۈرلەردىكى ئۆز مەپتۇنلۇق خاھىشى كوللېكتىپلىق كۈلتۈرلەردىكىگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدىكەن؛ نيۇيورك قاتارلىق رىقابەتچان مۇھىتتىكى ئۆز مەپتۇنلۇق خاھىشى ئىئوۋا شىتاتىغا ئوخشاش رىقابەت تۆۋەن مۇھىتتىكىدىن يۇقىرى بولىدىكەن.
پەرزەنت تەربىيەسى جەھەتتە، رىقابەتكە ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە بەك ئەھمىيەت بېرىش ئۆز مەپتۇنلۇقنى پەيدا قىلىدۇ. ھالبۇكى، مېھىر-مۇھەببەت ۋە بالىلارنىڭ قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىش ساغلام تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئۆز مەپتۇنلۇق تىپىدىكى خاراكتېر بىنورماللىقى قانچىلىك كۆپ ئۇچرايدۇ؟
تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئۆز مەپتۇنلۇق تىپىدىكى خاراكتېر بىنورماللىقىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بىر پىرسەنتتىن بەش پىرسەنتكىچە ئىكەن. بۇ كېسەللىك ئەرلەردە ۋە ياشلاردا تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلىدىكەن.
ئۆز مەپتۇنلۇق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئېغىرلامدۇ؟
ئۆز مەپتۇنلۇقنىڭ بىر خۇسۇسىيەت ياكى خاراكتېر بىنورماللىقى سۈپىتىدە، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئېغىرلايدىغان-ئېغىرلىمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئىختىلاپلار مەۋجۇت. بەزى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، كىشىدىكى ئۆز مەپتۇنلۇق خۇسۇسىيىتى كۈچەيسىمۇ، كېسەللىك (يەنى ئۆز مەپتۇنلۇق تىپىدىكى خاراكتېر بىنورماللىقى) ئېغىرلىشىپ كەتمەي بىر ئىزىدا تۇرىدىكەن. ئەمما، تېخنىكا، جەمئىيەت ۋە ئىجتىمائىي ئۆلچەملەر بىردەك ئۆزگەرگەن بولغاچقا، بۇ جەھەتتىكى نەسىللەر ئارا سېلىشتۇرۇش تازا ئىشەنچلىك بولماسلىقى مۇمكىن.
شەخسلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، كىشىلەر ئادەتتە ياش ۋاقتىدا ـــ يەنى ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە ۋە قۇرامىغا يېتىش دەۋرىنىڭ دەسلىپىدە ـــ بەكرەك ئۆز مەپتۇن بولۇپ، يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۆز مەپتۇنلۇق خاھىشى تۆۋەنلەيدىكەن.
ئۆز مەپتۇنلۇق قانداق ۋاقىتتا شەكىللىنىدۇ؟
بەزى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشچە، ئۆز مەپتۇنلۇق سەككىز ياش ئەتراپىدا، يەنى بالىلاردا ئۆزلۈك ئېڭى يېتىلىۋاتقاندا كۆرۈلۈشكە باشلايدىكەن. ھالبۇكى، «روھىي كېسەللىكلەرگە دىياگنوز قويۇش ۋە ئىستاتىستىكىلاش قوللانمىسى»نىڭ بەشىنچى نەشرىگە كۆرە، بۇ مەزگىلدە كىملىك يەنىلا داۋاملىق شەكىللىنىۋاتقان (تامامەن قېتىپ كەتمىگەن) بولۇشى مۇمكىن بولغاچقا، بالاغەتكە يېتىش دەۋرىدە ئۆز مەپتۇنلۇق ئالامەتلىرى كۆرۈلگەنلىكى شۇ كىشىنىڭ چوقۇم ئۆز مەپتۇنلۇق تىپىدىكى خاراكتېر بىنورماللىقىغا گىرىپتار بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىكەن.
داۋالاش
ئۆز مەپتۇنلۇق تىپىدىكى خاراكتېر بىنورماللىقىنى داۋالاش قىيىنغا توختىشى مۇمكىن، چۈنكى بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلاردا مەنمەنچىلىك ۋە قوغدىنىش ئېڭى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلىنى ۋە ئاجىزلىقلارنى ئېتىراپ قىلىشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
گەرچە ئۆزگەرتىش قىيىن بولسىمۇ، لېكىن ئىمكانسىزمۇ ئەمەس. بۇ جەھەتتە، ئۆز مەپتۇنلۇق تىپىدىكى خاراكتېر بىنورماللىقىغا گىرىپتار بولغان بىمارلار بىلەن مۇئامىلە قىلىشالايدىغان، مەخسۇس تەربىيەلەنگەن داۋالىغۇچىنى تېپىش ئەڭ مۇھىم.
داۋالاش ئۆز مەپتۇنلۇق تىپىدىكى خاراكتېر بىنورماللىقىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا تېخىمۇ مېھىر-شەپقەتلىك مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ. داۋالىغۇچىلار بىمارلارنىڭ كەچۈرمىشلىرى توغرىسىدا ئىزدىنىش، داۋالاش مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە بىمارلارنى تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەرگە ۋە رىشتىگە ئىزچىل دىققەت قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلاردا تېخىمۇ ساغلام ئۆزلۈك تۇيغۇسىنى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ ۋە نەتىجىدە بۇ كىشىلەر باشقىلار بىلەنمۇ ساغلام مۇناسىۋەت ئورنىتالايدىغان بولىدۇ.
ئىنگىلىزچىدىن ئۆتكۈر ئالماس تەرجىمىسى
مەنبە:
https://www.psychologytoday.com/intl/conditions/narcissistic-personality-disorder