ۋەتەنپەرۋەر زىيالىلارنىڭ بايراقدارى تۇرسۇن ئەپەندى

بۇ ئەسەر ئۇيغۇرلار ژۇرنىلىنىڭ 36-سانىدا ئېلان قىلىنغان

 تۇرسۇن ئەپەندى 1886-يىلى ھازىرقى ئاتۇشقا قاراشلىق ئېكىساقتا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى ھەسەنئاخۇن شۇ يەردىكى مەرىپەتپەرۋەر دېھقانلارنىڭ بىرى ئىدى. دادىسىدىن باشلانغۇچ سەۋىيەدىكى بەزى بىلىملەرنى پۇختا ئۆزلەشتۈرۈپ، بەزى مۇھىم دىنى ساۋاتلارنى ئىگىلەپلا قالماي يەنە قۇرئان كەرىمنىڭ مەلۇم قىسمىنى يادلىغان تۇرسۇن ئەپەندى 1894-يىلىدىن باشلاپ ھۈسەنباي ۋە باۋۇدۇنباي يۇرتى ئېكىساقتا قۇرغان ھۈسەينىيە مەكتىپىدە ئوقۇشقا باشلىغان. 

 1899-يىلى مەزكۇر مەكتەپ ئاتۇشتىكى يەنە باشقا ئۈچ چوڭ ئائىلىنىڭ قوللىشى بىلەن تۇنجى تۈركۈمدە سەككىز ئەلاچى ئوقۇغۇچىنى چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىرىپ، زو زۇڭتاڭ ئىشغالىيىتىدىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق چەتئەلگە ئوقۇغۇچى چىقىرىش خىزمىتىنى باشلىغان. تۇرسۇن ئەپەندىمۇ شۇ سەككىز نەپەر ئوقۇغۇچى ئىچىدە بار ئىدى. ئۇلار شۇ چاغدىكى ئوسمانىيلارنىڭ پايتەختى ئىستانبۇل شەھىرىدە ئوقۇشنى باشلاپ، 1905-يىلى ھەر بىرى بىردىن پەننى پۇختا ئىگىلەپ، شۇ يىلىلا ئېكىساققا قايتىپ كېلىپ ھۈسەينىيە مەكتىپىدە ئىشقا چۈشكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ سانى ۋە سۈپىتى زور دەرىجىدە يۈكسەلگەن. بىراق تۇرسۇن ئەپەندى باشقا يەتتە ساۋاقدىشى بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ كەتمەي، داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇپ، 1910-يىلى خان جەمەتى ئۇنۋېرسال بىلىملەر ئالىي بىلىم يۇرتىدىكى ئوقۇشىنى تولۇق تۈگىتىپ، شۇ يىلىدىن باشلاپ مەزكۇر ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە بىر مەزگىل ئىشلىگەن. 1912-يىلى ئۇ ئەمدىلا مەزكۇر مەكتەپتىكى ئۆزى بۇرۇن ئوقۇغان فاكۇلتېتنىڭ ئىلمىي مۇدىرلىقىغا تەكلىپ قىلىنغاندا، ئوسمانىيلار ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق بالقان ئەللىرى ئارىسىدا تۇنجى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى پارتلىغان. ئوخشاش ۋاقىتتا تۇرسۇن ئەپەندىگە ئانا يۇرتىدىن ھاياجانلىق خۇش خەۋەرلەر كېلىشكە باشلىغان. ئۇ يىراق ئىستانبۇلدا تۇرۇپ، 1912-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى قايتا يۇتۇۋالغىنىغا 33 يىل بولغان مەنچىڭ خانلىقىنىڭ زاۋال تاپقانلىقىنى، قۇمۇلدا تۆمۈر خەلىپە ۋە تۇرپاندا مۆيدىن خەلپەتنىڭ چوڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، مەنچىڭ خانلىقىنىڭ قالدۇق مىلىتارستلىرىغا قارشى ئازاتلىق ئۇرۇشىنى باشلاپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپلا قالماي، يەنە قەشقەر تەرەپتىمۇ ئاۋام ئىچىدە ئاقارتىش ۋە ئويغىنىش ھەرىكىتى بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان. شۇ ۋەجىدىن تۇرسۇن ئەپەندى ئالىي مەكتەپتىكى بارلىق خىزمەتلىرى ۋە ئىمتىيازلىرىدىن ۋاز كېچىپ، ۋەتىنىدىكى خەلقىگە خىزمەت قىلىشتەك ئۇلۇغۋار غايە بىلەن قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن. 

 تۇرسۇن ئەپەندى قايتىپ كەلگەندە گەرچە قۇمۇل ۋە تۇرپاندىكى ئۇيغۇر قوزغىلاڭلىرى قانلىق باستۇرۇلغان بولسىمۇ، بىراق تارىم ۋادىسىدىكى قەشقەردە ھېلىھەم ئۇيغۇر خەلقىنى ئويغىتىش ۋە ئاقارتىش خىزمەتلىرىگە پۇتلىكاشاڭ بولغىدەك يامان ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. شۇڭلاشقا تۇرسۇن ئەپەندى پۈتۈن كۈچى بىلەن ھۈسەينىيە مەكتىپىنىڭ ھەر جەھەتتىن مۇكەممەل بىر ئالىي مەكتەپكە ئايلىنىشى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىدۇ. ئۇ ھىممەت كۆرسىتىشتە تولىمۇ يالغۇزلۇق ھېس قىلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئېكىساققا ئوسمانىيلار ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەخسۇس ئەۋەتىلگەن زىيالى ئەھمەد كامال يېتىپ كېلىدۇ. ئەسلىدە تۇرسۇن ئەپەندى ۋە مەسئۇت سەبىرى بايقۇزى ئەپەندى قاتارلىقلار 1909-يىلى ئابدۇلھەمىدخاننى ئاغدۇرۇپ تەختكە چىققان ئۈچ پاشا باشچىلىقىدىكى «بىرلىك ۋە تەرەققىيات ھۆكۈمىتى» گە كۆپ قېتىم شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر خەلقىنى ھەر جەھەتتىن يۈكسەلدۈرۈش ھەققىدە كۆپلىگەن مۇھىم تەكلىپلەرنى بەرگەن بولۇپ، ئوسمانىيلار ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ تەكلىپلىرىگە ئاۋاز قوشۇپ ئەمەلىي ئىش قىلغۇچە 1911-يىلى ئىتالىيە ئوسمانىيلارغا قاراشلىق «ترابلۇس غەرب»كە (ھازىرقى لىۋىيەنىڭ شۇ چاغدىكى نامى) ھۇجۇم قىلغان. نەتىجىدە ئەنۋەر پاشا ۋە مۇستاپا كامال پاشالار شىمالىي ئافرىقا ئالدىنقى سېپىگە بېرىپ ئىتالىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرغان. ئوسمانىيلار يىراق ئافرىقىدا جەڭ قىلىۋاتقاندا ئوسمانىيلارغا قاراشلىق بالقاندىكى ھەر قايسى ئاپتونۇم رايونلار ۋەكېنەزلىكلەر ئوسمانىيلارغا قارشى ئىتتىپاق قۇرۇپ، 1912-يىلى بىرىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشىنى قوزغىغان. 1913-يىلى مەزكۇر بالقان دۆلەتلىرى ئوسمانىيلاردىن شۈلۈۋالغان زېمىنلارنى تىنىچ بۆلۈشەلمەي ئۆز ئىچىدە ئىككىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشىنى قوزغىغاندا، ئوسمانىيلارنىڭ قەھرىمانى ئەنۋەر پاشا ئوسمانىيلار بىلەن بىۋاستە چېگرالانمايدىغان باشقا بالقان ئەللىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ بۇلغارىيەگە ھۇجۇم قىلىپ، شۇ يىلى ئىيۇلدا بۇرۇنقى پايتەخت ئەدىرنە ۋە ئەتراپىدىكى جايلارنى بۇلغارىيەدىن قايتۇرۇۋالغان. يۇقىرىقى بىر قاتار چوڭ كېلىشمەسلىكلەر ئوسمانىيلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئاقارتقۇچى زىيالىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئەۋەتىش ئىشىنى 1914-يىلغىچە كېچىكتۈرۈپ قويغان. 

دەرۋەقە 1914-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئۇرۇشلاردا ئىقتىسادىي جەھەتتىن قاتتىق خوراپ، باشقا تۈرلۈك ئېغىر كىرىزسلارغا پاتقان ئوسمانىيلار سۇلتانلىقى بىر مەيدان دۇنياۋى زور ئۇرۇشنىڭ قاينىمىغا سۆرۈلۈپ كىرىش ئالدىدا تۇراتتى. بۇ ۋاقىتتا ئەنۋەر پاشا، تالات پاشا قاتارلىق ياش تۈركلەر گۇرۇھى ئوسمانىيلار سۇلتانلىقىنىڭ بارغانسېرى زەئىپلىشىۋاتقان ھاكىمىيەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، رۇس ۋە خىتاي ئىشغالىيىتىگە چۈشۈپ قالغان بىپايان تۇران تۇپراقلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش، شۇنداقلا پۈتكۈل تۈرك قەۋملىرىنىڭ تۈركلۈك ئېڭىنى ئويغىتىش ئۈچۈن مەركىزىي ئاسىياغا قايتىش ئىستراتېگىيەسىنى رەسمىي كۈنتەرتىپكە قويغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە 1914-يىلىنىڭ باشلىرىدا «بىرلىك ۋە تەرەققىيات ھۆكۈمىتى» ھەج سەپىرىدىن قايتىپ ئىستانبۇلغا كەلگەن ئوبۇلھەسەن مۇساباي ( 1933-يىلى قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتتە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى بولغان كىشى ) بىلەن كۆرۈشۈپ، ياش تۈرك ئوقۇتقۇچى ئەھمەد كامالنى شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتكەن. ئەھمەد كامال داڭلىق تۈرك زىيالىيسى زىيا كۆكئالىپنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىسى ئىدى. زىيا كۆكئالىپ ۋە تالات پاشانىڭ ئۇنى ئۇزىتىش ئالدىدا قىلغان ھاياجانلىق سۆزلىرى ھېلىھەم ئارخىپ ماتېرىياللىرىدا ساقلانماقتا. بەختكە يارىشا بۇ چاغدا تېخى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىمىغان بولغاچقا، ئەھمەد كامالنى باشلاپ ماڭغان بەش ئۇيغۇر 1914-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى ئىستانبۇلدىن ئۇدۇل ئودېسساغا قاراپ يولغا چىققان ئورۇس پاراخوتىغا ئولتۇرۇپ سەپەرنى باشلىغان. ئۇلار ئودېسسا ئارقىلىق خاركوف ۋە سامارا قاتارلىق جايلارنى كېسىپ ئۆتۈپ، ھازىرقى ئورىنبۇرگ شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، ئاندىن ئۇ يەردىن پويىز بىلەن كابىلساينى كېسىپ ئۆتۈپ تاشكەنتكە كەلگەن. ئاخىرىدا ئاتلىق يول يۈرۈپ، تاشكەنتتىن قوقان، مەرغىلان ۋە ئەنجان ئارقىلىق ئوشقا كېلىپ، ئوشتىن كارۋانلارغا قوشۇلۇپ قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقىپ، شۇ يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى قەشقەرگە سالامەت يېتىپ كەلگەن. بۇ قېتىمقى سەپەر 27 كۈن داۋام قىلغان. قەلبىگە ئۇلۇغۋار غايىلەرنى پۈككەن ياش تۈرك ئوقۇتقۇچى ئەھمەد كامالنىڭ قەشقەرگە كېلىشى ئەينى ۋاقىتتا مىللەتنى زامانىۋىي مائارىپ ئارقىلىق ئويغىتىش ئۈچۈن تىپىرلاۋاتقان ئۇيغۇر سەرخىللىرىغا ئۈمىد بېغىشلىغان. بولۇپمۇ تۇرسۇن ئەپەندى ۋە ئابدۇقادىر داموللام قاتارلىق مائارىپ سەركىلىرى ۋە ئىسلاھاتچىلارنىڭ ئۆچۈپ قالاي دېگەن مەرىپەت چوغلىرىنى قايتا يالقۇنجاتقان. 

 رودۇس ئارىلىدا تۇغۇلغان ئەھمەد كامال ئىلقۇل قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن ئەڭ دەسلەپكى مەزگىللەردە ھەر جەھەتتىن بىر قاتار توسالغۇلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھەر ۋاقىت قەتئىيلىك بىلەن چىڭ تۇرۇشى، مەرىپەتپەرۋەر باھاۋۇدۇن مۇساباينىڭ ھامىيلىق قىلىشى، تۇرسۇن ئەپەندى باشلىق سەپداشلىرىنىڭ پوزىتسىيىسى، شۇنداقلا ئابدۇقادىر داموللام، ئەلى ھاجى قاتارلىق يەرلىك سەرخىللارنىڭ قوللىشى نەتىجىسىدە، 1914-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى ئاتۇشتا ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەيدىغان «دارىلمۇئەللىمىن ئىتتىھاد ( بىرلىك — ئوقۇتقۇچىلار ئالىي بىلىم يۇرتى)» مەكتىپى ئېچىلغان. 

 1914-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قەشقەر ۋە ئاتۇشتا بىر مەھەل جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان يېڭى مائارىپ ھەرىكىتى ئەھمەد كامالنىڭ ئالدى بىلەن جەمئىيەت قۇرۇش، يەنى «ئىسلامىي خەيرىيە جەمئىيىتى» قۇرۇپ، خەلقنىڭ كۈچى ئارقىلىق مائارىپقا ئىئانە توپلاش ھەمدە ئۇنى كەڭ خەلقنىڭ ئاممىۋى ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش تەشەببۇسىدىن باشلانغان. بۇ تەشەببۇسقا ئالدى بىلەن تۇرسۇن ئەپەندى قاتارلىق سەپداشلىرى ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئاۋامغا ئۈلگە بولغان. گەرچە «خەيرىيە جەمئىيىتى»نى قەشقەر شەھىرىدە قۇرۇش پىلانلانغان بولسىمۇ، ئەمما قەشقەردىكى ئەڭ چوڭ باي بولغان ئۆمەر ئاخۇنباينىڭ توسقۇنلۇقى بىلەن ئاقارتىش تەرەپدارلىرى بۇ ئورگاننى ئاتۇشتا قۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. 

 1914-يىلىنىڭ ياز ئايلىرىغا كەلگەندە، ئوسمانىيلار سۇلتانلىقىنىڭ ئىستىخبارات تەشكىلاتى بولغان «تەشكىلاتى مەخسۇسە» ناملىق ئورگان تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىلگەن ئادىل ھېكمەت بەي، سەلىم سامى بەي، ھۈسەيىن ئەمرۇللا بەي قاتارلىق بەش نەپەر تۈرك خادىم قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن. بۇ تەشكىلاتنى ئەنۋەر پاشا بىر قوللۇق قۇرۇپ چىقىپلا قالماي، يەنە ئەزالىرىنىمۇ ئەڭ قابىل ۋە سەرخىل ۋەتەنپەرۋەرلەردىن تاللاپ قوبۇل قىلغانىدى. شۇڭلاشقا ئۆزى ھەربىي بولغىنى بىلەن ئاغزىدىن ئىلىم-مەرىپەت ۋە جاھان يېڭىلىقلىرى تۆكۈلۈپلا تۇرىدىغان بۇ بەش تۈركنىڭ قەشقەرگە يېتىپ كېلىشى بىلەن قەشقەردىكى يېڭىچە مائارىپ ئاقارتىش ۋە مىللىي ئويغىنىش ھەرىكەتلىرى تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن. ئۇلارنىڭ باشلىقى بولغان ئادىل ھېكمەت بەينىڭ «ئاسىيادا بەش تۈرك» ناملىق ئەسلىمىسىگە قارىغاندا، شۇ مەزگىللەردە باھاۋۇدۇن مۇساباي ۋە ئابدۇقادىر داموللام قاتارلىق يەرلىك نوپۇزلۇق سەرخىللار ئۇلارنىڭ قەشقەردىكى پائالىيەتلىرىنى قوللىغان. باھاۋۇدۇن مۇساباينىڭ ھامىيلىقى بىلەن ئەھمەد كامال ئاتۇشتا دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى ئېچىپ، «خەيرىيە جەمئىيىتى»نى قۇرغاندىن كېيىن، بۇنىڭ تەسىرى قەشقەر شەھىرىدىكى ياشلارنى ۋە يەرلىك مۇنەۋۋەرلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن قەشقەر مۇنەۋۋەرلىرىمۇ ئۆمەر باينىڭ توسقۇنلۇقىغا قارىماي قەشقەردە «خەيرىيەت جەمئىيىتى» قۇرغان. ئەينى چاغدا قەشقەر ۋە خوتەندە زىيارەتتە بولغان تاتار مۇخبىرى نوشىرۋان يائۇشېف بۇ جەمئىيەتنىڭ «كاشغەر نەشىر-مائارىپ جەمئىيىتى» دەپ ئاتالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 

 تولىمۇ ئەپسۇس، 1912-1914-يىللىرى قۇمۇل، تۇرپان، ئالتاي، چۆچەك ۋە ئىلى قاتارلىق جايلاردىكى مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى تۈرلۈك ھىيلە-نەيرەڭلەر بىلەن پاجىئەلىك باستۇرغان مىلىتارست ياڭ زېڭشىن 1914-يىلى يازدا باشلانغان بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ تەسىرىدە تېزلا پۈتۈن دىققىتىنى تېخىچە ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسى سىرتىدا تۇرۇۋاتقان بىپايان تارىم ۋادىسىغا يۆتكەپ، 1914-يىلى كۈزدە ئۈرۈمچىدە تۇرۇۋاتقان تۇڭگان باتاليونىنىڭ باشلىقى ما فۇشىڭ ئىسىملىك ھىيلىگەر تۇڭگاننى ئالاھىدە چاقىرتىپ، ئۇنى تارىم ۋادىسىنىڭ مەركىزى بولغان قەشقەر ۋىلايىتىگە تىتەي قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان. ئاندىن ما فۇشىڭدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى، ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى ھاكىمىيەت باشقۇرۇشتىكى بىر قاتار مۇھىم سىياسىي قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، مۇشۇ بويىچە ئىش كۆرۈشىنى قاتتىق جېكىلەپ، ئۇنى قەشقەرگە يولغا سالغان. ما فۇشىڭ شۇ يىلى كۈزدە قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن، چېڭسەن دارىن دېگەن كىشىدىن تىتەيلىك تامغىسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، رەسمىي تىتەيلىك مەنسىپى بىلەن يېڭىشەھەردىكى ئوردىدا ئولتۇرۇپ، ئالدى بىلەن ئۆزىگە قاراشلىق ھەربىي قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، تارىمدىكى ھەر قايسى جايلارنىڭ بارلىق سىياسىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلىرىنى، ھەتتا قەشقەردە تۇرۇشلۇق چاررۇسىيە، بۈيۈك بېرىتانىيە كونسۇلخانىسىنىڭ خادىملىرىنى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى چاقىرىپ، كاتتا زىياپەت قىلىپ كۈتۈۋالغان. ئۇ زىياپەتتە سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ ياڭ زېڭشىن تەرىپىدىن قەشقەرگە تىتەيلىككە بەلگىلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ۋە ئارقىدىنلا ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت باشقۇرۇشتىكى سىياسىي كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، بۇرۇنقىلار ماڭغان يولدا ماڭىدىغانلىقى، ياڭ زېڭشىننىڭ بارلىق سىياسىتىنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىجرا قىلىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ توختالغان. دەرۋەقە، تۇنجى زەربە نىشانى يەنىلا ئېكىساقتىكى ھۈسەينىيە مەكتىپى ۋە ئۇنىڭ ھامىيلىرى بولغان. ئاقىۋەت، ئەھمەد كامال 1914-يىلى 2-نويابىر مەسچىت ئىچىدە ئاۋامغا قويۇپ بەرگەن دىراممىدىن كېيىنلا قەشقەر شەھىرىدىكى جاھالەت پىرلىرىنىڭ ئاتامانى سېلىم داموللا ۋە ئۇنىڭ ئارقا تېرىكى ئۆمەر ئاخۇنباينىڭ كۈشكۈرتۈشى نەتىجىسىدە تۇنجى قېتىم قولغا ئېلىنغان. چۈنكى شۇ يىلى 12-نويابىر ئوسمانىيلار گېرمانىيە بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ، چاررۇسىيە ۋە ئەنگىلىيە باشچىلىقىدىكى ئانتانتا ئەللىرىگە قارشى ئۇرۇشقا كىرگەن بولۇپ، بۇ ھال قەشقەردىكى ئورۇس ۋە ئېنگىلىز كونسۇللىرىنى ئەھمەد كامالغا قارىتا ئالاھىدە سەزگۈر قىلىۋەتكەن ئىدى. شۇڭلاشقا ئەھمەد كامال بۇ قېتىم تۈرمىدە 75 كۈن سولاپ قويۇلغان. ئەھمەد كامال بۇ قىلمىشنى دەل ۋاقتىدا شۇ چاغدىكى خىتايدا تۇرۇشلۇق گېرمانىيە كونسۇلىغا تېلېگرامما ئارقىلىق مەلۇم قىلغاچقا، بۇ قېتىم گېرمانىيە كونسۇلى خىتايدىكى شىمال مىلىتارستلىرى ئارقىلىق ياڭ زېڭشىنغا بېسىم ئىشلەتكەن. نەتىجىدە ياڭ زېڭشىن ئەھمەد كامالنى شەھەردىن سىرتقا چىقماسلىق، ئاۋام بىلەن ئارىلاشماسلىق ۋە مەكتەپ ئىشلىرى بىلەن ئەمدى مەشغۇل بولماسلىق شەرتى ئاساسىدا كاپالەت بىلەن قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇ چاغدا خىتاي بىلەن ئوسمانىيلار ئارىسىدا ھېچبىر مۇناسىۋەت بولمىغاچقا، خىتايدىكى تۈرك پۇقرالىرى گېرمانىيە كونسۇلىنىڭ ۋاستىسى بىلەن قوغدىلىۋاتقان ئىدى. 

 ئەھمەد كامال قويۇپ بېرىلىپ ئۈچ ئايدىن كېيىن، 1915-يىلى يازدا تۇڭگان ما تىتەي تاقىۋەتكەن قۇتلۇق مەكتەپ قايتىدىن ئېچىلغان. 1915-يىلى 3-نويابىر كۈنى، قەشقەر يارباغدا قەشقەردىكى 114 نەپەر يۇرت ئاقساقاللىرى، قەشقەرنىڭ مۇپتىسى ئابدۇقادىر داموللام ۋە قەشقەرنىڭ ئۇيغۇر ساقچى باشلىقى قاتارلىقلارنىڭ قوللىشىدا قەشقەردە بىرلا ۋاقىتتا «ھىلالىيە» ۋە «رېشادىيە» مەكتىپى قۇرۇلغان. بىراق 1916-يىلى يازدا ئۈچ نەپەر گېرمانىيەلىك ئافغانىستان ئارقىلىق يەكەنگە كەلگەندە، ياڭ زېڭشىن ۋە ماتىتەي ئەھمەد كامال ۋە يېڭى قۇرۇلغان مەكتەپلەرنى يەنە بىر قېتىم پېچەتلەش پۇرسىتى كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئەھمەد كامالنى يەنە تۇتقۇن قىلغان. بۇ قېتىم ئەھمەد كامال تۈرمىدىن چىقالمىغاننى ئاز دەپ، يەنە تېخى 1917-يىلى 5-ئىيۇل كۇچارغا يۆتكەپ كېتىلگەن. بىراق ياڭ زېڭشىن ئۇنىڭدىن يەنە خاتىرجەم بولالماي، 15 كۈندىن كېيىن ئۇنى ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىگە يۆتكەپ تاكى 1918-يىلى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى تولۇق ئاخىرلاشقۇچە تۇتۇپ تۇرغان. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خىتايدىكى تۈركلەر، گېرمانلار ۋە ياۋروپالىقلار شاڭخەي ئارقىلىق ئۆز ۋەتىنىگە قايتۇرۇلۇشقا باشلىغان. شۇ قاتاردا ئۈرۈمچىدىكى ئىككى يىللىق تۈرمە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان ئەھمەد كامالمۇ 1920-يىلى 2-ئايدا تۆت خىتاي چېرىكنىڭ نازارىتىدە شاڭخەيگە يېتىپ كېلىپ، بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ياپونلار چىڭداۋدا ئەسىرگە ئالغان گېرمانىيەلىكلەر بىلەن بىللە ياپونلارنىڭ ناۋكاۋمارۇ ناملىق پاراخوتىغا ئولتۇرۇپ ھامبۇرگقا كېلىپ، ئۇ يەردىن رېشىت پاشا ناملىق پاراخوت بىلەن 1920-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاران ئىستانبۇلغا قايتىپ كەلگەن. شۇنداق قىلىپ ئەھمەد كامال يۇرتىدىن ئايرىلغان 6 يىل 4 ئاي ئىچىدە، قەشقەردە جەمئىي 95 كۈن، كۇچاردا 15 كۈن، ئۈرۈمچىدە 2 يىل، شاڭخەيدە يېرىم يىلغا يېقىن زىندانغا سولانغان. ئۇ 1966-يىلى 22-ماي ۋاپات بولغان. 

 ياڭ زېڭشىن ئەھمەد كامال ۋە باشقا بەش تۈرك ھەربىي بىلەن تارىمغا كەلگەن بارلىق گېرمانىيەلىكلەرنى يۇقىرىقىدەك بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىنلا، 1917-يىلدىن باشلاپ پۈتۈن تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە سولاپ، چەتئەل بىلەن بولغان باردى-كەلدىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋەتكەن. قوشنا ئەللەردىكىلەر ۋەتەنگە قايتىپ كېلەلمىگەن. تارىمدىكىلەر سىرتقا چىقالمىغان. ئەنە شۇنداق ئىشىكنى چىڭ تاقىۋېلىش يولى ئارقىلىق ياڭ زېڭشىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئويغىنىشى ۋە مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى چارەك ئەسىر كەينىگە سۈرۈۋەتكەن. چۈنكى 1917-يىلدىن 1932-يىلغىچە بولغان 15 يىلدا تارىم ۋادىسى زۇلمەت ئىچىدە قالغان. بۇچاغدا پەقەت قەشقەردىلا ئابدۇقادىر داموللام ۋە قۇتلۇق ھاجى شەۋقى باش بولغان ئاقارتىش ھەرىكىتى 1919-يىلىدىن 1924-يىلىغىچە داۋام قىلىپ، ئابدۇقادىر داموللام 1924-يىلى 14-ئاۋغۇست كۈنى سۇيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنگە قەدەر ئۈزۈلمەي داۋام قىلغان. نەتىجىدە تۇرسۇن ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىمۇ تاكى 1933-يىلىغا قەدەر ئاقارتىش ئىشلىرىنى مەخپىي ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولغان. 

 1933-يىلى قەشقەردە يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى تولۇق غەلىبە قىلىپ، شۇ يىلى 12-نويابىر «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» ئىسىملىك تۇنجى مىللىي دۆلەت قۇرۇلدى. بۇ دۆلەت شۇ كۈنىلا ھەرقايسى ۋازارەتلەرنى تەسىس قىلىپ، ئىشلىرىنى باشلاپ كەتتى. شۇ قاتاردا ئوبۇلھەسەن مۇساباي دېھقانچىلىق مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەندى. گەرچە بۇ دۆلەت 1934-يىلى يازدا سىتالىن ۋە شېڭ شىسەينىڭ قوللىشىدىكى تۇڭگان باندىتلىرى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ھالاك بولغان بولسىمۇ، بىراق تۇرسۇن ئەپەندى قاتارلىقلار ئەڭ ئارزۇلۇق ئوقۇغۇچىسى بولغان مەمتېلى ئەپەندى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە 1934-يىلى يازدىن باشلاپ، گېنىرال مەھمۇت مۇھىتىنىڭ قوللىشىدا ئاتۇشتا قايتىدىن نۇرغۇن مەكتەپلەرنى ئېچىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا قەشقەر ۋە ئاتۇشتا نۇرغۇن ۋەتەنپەرۋەر ئوغلانلارنى يېتىشتۈردى. 

 تولىمۇ ئەپسۇس، 1937-يىلى ئاپرىلغا كەلگەندە، قەشقەر ۋە ئاتۇشنى يەنە بىر قېتىملىق چوڭ پاجىئە باستى. شۇ يىلى 2-ئاپرىل مەھمۇت مۇھىتى قەشقەردىن ئايرىلىپ ھىندىستانغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىنلا قادىر ھاجى باشچىلىقىدىكى ك گ ب كۈچلىرى شۇ يىلى 5-ئايدا قەشقەر ۋە ئاتۇشتا كەڭ كۆلەملىك چوڭ تېررورلۇق ھەرىكىتى قوزغاپ، بارلىق داڭدار ئۆلىمالار ۋە زىيالىلار، ئىسلاھاتچىلار، ئويغاق يۇرت ئاقساقاللىرى ۋە بارچە ۋەتەنسۆيەر جەسۇر ئوغلانلارنى تۇتقۇن قىلىپ، قەشقەرنى شۇ چاغدىكى ئەڭ چوڭ ئۈستى ئوچۇق تۈرمە قىلىپ قويدى. قادىر ھاجى ۋە كاللا كېسەر جاللات رازاق مەۋلانوف ئالدى بىلەن قۇتلۇقھاجى شەۋقى ۋە تۇرسۇن ئەپەندى قاتارلىق ئاقارتقۇچى ئۇستازلارنى قىيناپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ئاخىرىدا ئۆلتۈرۈشكە ئۈلگۈرەلمەي قالغان مەمتېلى ئەپەندى باشلىق 300 نەپەردىن ئارتۇق مائارىپ سەركىلىرىنى 1937-يىلى 30-ماي كېچە ئوققا تۇتۇپ ۋە ئۈستىگە بېنزىن چېچىپ كۆيدۈرۈۋېتىپ قەشقەر يېڭىشەھەرگە قېچىپ كەتكەن. ئەتىسى قەشقەرگە زەپەر قۇچۇپ كىرگەن ئابدۇنىياز كامال قوشۇنى قەشقەر ياۋاغ تۈرمىسىدىكى بۇ پاجىئەلىك كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ، پۈتۈن ۋەتەننى ئازاد قىلىش يولىدا ئاداققىچە ئۇرۇش قىلىشقا قەسەم بېرىشكەن. ئۇلار قەسىمىگە سادىق بولدى. ئۆزىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن ئۇستازلىرىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن پۈتكۈل تارىم ۋادىسىنى ئازاد قىلاي دەپ قالغاندا، سىتالىن موسكۋادىن ئەۋەتكەن ئالاھىدە ئۇرۇش قىسمى تارىمغا كىرىپ، يەنە بىر قېتىم جاللات شېڭ شىسەينى قۇتقۇزۇپ قالدى. 

 1937-يىلىدىكى پاجىئە 1957-يىلى، 1966-1978-يىللىرى، 1990-يىلى، 1997-يىلى، 2009-يىلى ۋە2017-يىللىرى قايتا-قايتا تەكرارلاندى. بىراق ئۇيغۇرلار زۇلۇمغا قىلچە تىز پۈكمىدى. بۇندىن كېيىنمۇ تىز پۈكمەيدۇ. تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز زىيانكەشلىكلەرنى ۋە زۇلۇم-سىتەملەرنى سالغان دۈشمەنلەر ئارقا-ئارقىدىن ھالاك بولۇپ تارىخنىڭ سەھنىسىدىن چۈشۈپ قالغان بولسا، دەل ئەكسىچە ئۇيغۇرلار بىلەن ھەمكارلاشقان ۋە ئۇيغۇرلارنى ئۇستاز تۇتقانلارنىڭ دۆلىتى ۋە نەسلى ھېلىھەم داۋاملاشماقتا. شۇڭلاشقا ئۇيغۇرلار نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيەتتە ئۈمىدىنى يوقىتىپ قويماسلىقى كېرەك. تارىخنىڭ زۇلمەتلىك سەھىپىلىرى ئاساسەن يېتەرلىك قايتىلىنىپ بولدى. ئەمدى بىز يۇقىرىقى «ئىزچىلار» ۋە پېشۋالارنىڭ يولىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇيغۇر تارىخىنىڭ شانلىق سەھىپىلىرىنى قايتىلاش ئۈچۈن تەييار بولۇشىمىز كېرەك. 

جاۋاب يېزىش

error: Content is protected !!