رىقابەتچان دوستلۇقنىڭ ئىجابىي كۈچى
دېيۋىد روبسون
بۇ ماقالە ئۇيغۇرلار ژۇرنىلىنىڭ 36-سانىدا ئېلان قىلىنغان
ئادەتتە، كىشىلەرنىڭ كەسىپتىكى رىقابەتچىسى بىلەن دوست بولۇشى تەسكە توختايدۇ. ئەمما تەتقىقات دوستانە رىقابەتنىڭ بىزگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
كەسپىي رەقىبلەر بىلەن كۆڭۈلدىكىدەك دوستلۇق ئورنىتىش ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش ئاسان ئىش ئەمەس. مۇناسىۋىتىڭلار ياخشى باشلانغان تەقدىردىمۇ، رىقابەتتىن مەنبەلەنگەن رەشك-ھەسەت ئاسانلا بىر-بىرىڭلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىڭلارنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرىدىغان ئاداۋەتكە ياكى ئاشكارا توقۇنۇشقا سەۋەب بولىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، بۇ خىل رىقابەتنىڭ سىزنىڭ قابىلىيىتىڭىزنى ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىڭىزغا تۈرتكە بولۇشى ياكى سىزنى ئۆز ئىقتىدارىڭىزدىن گۇمانلاندۇرۇپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭىزغا توسقۇنلۇق قىلىشى سىزنىڭ مىجەزىڭىزگە ۋە رىقابەتچىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنىڭ خاراكتېرىگە باغلىق.
گەرچە بۇ نىسبەتەن ئاز تەتقىق قىلىنغان تېما بولسىمۇ، پسىخولوگىيىلىك تەتقىقاتلار رىقابەتنىڭ بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز ۋە ئىقتىدارىمىزغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ، شۇنداقلا بىزنى رىقابەتچىلىرىمىز بىلەن تېخىمۇ دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلىشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدىغان ئۇسۇللار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
تەھدىتمۇ، سىناقمۇ؟
مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، يېقىن خىزمەتداشلار ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ۋە رىقابەتتىن شەكىللەنگەن زىتلىق تۇيغۇسىدىن ساقلانغىلى بولماسلىقى مۇمكىن. سىزنىڭ ئۆزىڭىز بىلەن ئوخشاش كەسىپ باسقۇچىدىكى ۋە ئوخشاش كەچۈرمىشلەرگە ئىگە كىشىلەر بىلەن دوست بولۇش ئېھتىماللىقىڭىز يۇقىرى. لېكىن، كىشىلەرنى يېقىنلاشتۇرالايدىغان بۇ خىل ئوخشاشلىق تۇيغۇسى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە مۇقەررەر ھالدا ئىجتىمائىي سېلىشتۇرۇش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
بۇ خىل ئەھۋال مۇناسىۋەتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئانچە كۆرۈنەرلىك بولماسلىقى مۇمكىن. لېكىن، سىز بىلەن تەڭ ئىش باشلىغان كىشىلەر تېخىمۇ تېز ئىلگىرىلەپ كەتسە، سىزنىڭ «نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتسەم، مەنمۇ شۇنىڭدىن كۆپ ئۇتۇققا ئېرىشەلەمدىم، يوق؟» دېگەندەك سوئاللارنى سورىشىڭىز تەبىئىي ئەھۋال.
تەشكىللەش ئىلمى تەتقىقاتچىلىرى ئۇزۇندىن بۇيان «رىقابەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئاشۇرۇپ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەڭ ياخشى قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ» دەپ قاراپ كەلگەنىدى. دەل شۇ سەۋەبتىن، نۇرغۇن شىركەتلەر قەستەن خىزمەتچىلەرنى ئۆزئارا رىقابەتكە سېلىپ، ئۇلارنىڭ نەتىجىسىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ، ئەڭ يۇقىرى نەتىجىگە ئېرىشكەنلەرگە مۇكاپات بېرىپ كەلگەنىدى. لېكىن، رۇتگېرس ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش پەنلىرى دوتسېنتى كرىستوفېر تو (Christopher To) بۇ ھەقتە: «ئەمما، يېقىنقى پىسخولوگىيەلىك ئەسەرلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش نەتىجىسىگە كۆرە، بۇ ھەقتىكى دەلىل-ئىسپاتلار ئىككى بىسلىقتۇر» دېدى.
ئۇنىڭ نەقىل قىلىشىچە، مەلۇم بىر گۇرۇپپا تەتقىقاتچىلار يۈگۈرۈش كۇلۇبى ئەزالىرىدىن ئۆز گۇرۇپپىسىدىكى كونكرېت رىقابەتچىلەرنىڭ ئىسمىنى ئېيتىشنى تەلەپ قىلغان. تەتقىقاتقا قاتناشقۇچىلار ئومۇمەن رەقىبى مەيداندا بولغاندا تېخىمۇ روھلانغانلىقىنى ھېس قىلغان ۋە بۇ خىل روھلىنىش ئۇلار يۈگۈرگەندە ئۆز كۈچىنى كۆرسەتكەن. ئۇلار رەقىبى نەق مەيداندا بار ۋاقىتتا، بەش كىلومېتىر ئارىلىقنى رەقىبى يوق ۋاقىتتىكىگە سېلىشتۇرغاندا 25 سېكۇنت تېز يۈگۈرۈپ بولغان.
لېكىن، باشقا تەتقىقاتلاردا رىقابەتلىك مۇناسىۋەتنىڭ سىجىل پايدىسى بايقالمىغان. ھەتتا بەزى ئەھۋاللاردا، مۇئەييەن رىقابەتچىلەرنى گەۋدىلەندۈرۈش ۋە تەتقىقاتقا قاتناشقۇچىلاردىن ئۇلارنى مەغلۇب قىلىشنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق شۇلار بىلەن بولغان رەقىبلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلىنغاندا، بۇ ئىشتىراكچىلارنىڭ ئىپادىسى ناچارلىشىپ كەتكەن. بۇ تەجرىبىلەردە، ئىجتىمائىي سېلىشتۇرۇشتىن خالىي ھالدا، قاتناشقۇچىلاردىن ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىش تەلەپ قىلىنغاندا، ئۇلارنىڭ ئىپادىسى تېخىمۇ ياخشى بولغان.
ھالبۇكى، كرىستوفېر بۇ زىددىيەتلىك بايقاشلارنى ماسلاشتۇرۇشنىڭ بىر يولى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ نەزەرىيەسى ئىشتىراكچىلارنىڭ «بېسىم مۆلچەرى»گە، يەنى ئۇلارنىڭ رىقابەتنى تەھدىت ياكى سىناق دەپ قارايدىغانلىقىغا مەركەزلەشكەن ئىدى. كۆپ تۈرلۈك تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىز مەلۇم بىر ئەھۋالنى تەھدىت دەپ تونۇساق، ئۆزىمىزنى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا قادىر ئەمەستەك ھېس قىلىپ، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندا يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان بارلىق ناچار ئىشلارنى، جۈملىدىن خورلۇق، ھۆرمەتتىن مەھرۇم قېلىش دېگەنلەرنى كاللىمىزغا كىرگۈزۈۋالىمىز-دە، بۇ خىل تەشۋىش جىسمانىي ۋە روھىي ئۈنۈمىمىزنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
ئەكسىچە، بىز ئەھۋاللارنى «سىناق» دەپ تونۇغىنىمىزدا، تەييارلىقىمىزنىڭ پۇختىلىقىغا ۋە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمىزغا تېخىمۇ بەك ئىشىنىمىز. مەغلۇبىيەتنى كاللىغا كىرگۈزۈۋالغاننىڭ ئورنىغا، تىرىشچانلىقىمىزدىن نېمىگە ئېرىشىدىغانلىقىمىزغا ئەھمىيەت بېرىمىز. مەزكۇر بېسىم ئىنكاسى دىققەتنىڭ چېچىلىشىغا سەۋەب بولماستىن، بەلكى شىجائەتنىڭ ئۇرغۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. «بۇ <رىقابەت سىزنى تەمتىرىتىۋېتەمدۇ ياكى ھاياجانلاندۇرامدۇ؟> دېگەن مەسىلىدۇر» دەيدۇ كرىستوفېر.
سىزنىڭ رىقابەتچىلىرىڭىز بىلەن بىلەن بولغان رىقابەتنى سىناق ياكى تەھدىت دەپ قارىشىڭىزغا نۇرغۇن ئوخشىمىغان ئامىللار ـــ جۈملىدىن، كىشىدىكى «ھۆددىسىدىن چىقالاش» تۇيغۇسى ـــ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر سىز قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىڭىزغا بەكرەك ئىشەنسىڭىز، رىقابەتنى سىناق دەپ قارايسىز. شۇنداقلا، بۇ جەھەتتە رەقىبىڭىز بىلەن بولغان ئۆتمۈشىڭىزنىڭمۇ تەسىرى بار. ئەگەر سىز ھېلىقى يۈگۈرۈش كۇلۇبىنىڭ ئەزالىرىغا ئوخشاش، رەقىبىڭىز بىلەن كۆپىنچە ئەھۋاللاردا تەڭلىشىپ قالسىڭىز ۋە سىلەر ئۆزئارا رىغبەتلەندۈرۈشۈپ تۇرساڭلار، مەغلۇپ بولغان تەقدىردىمۇ، خىجىللىق ياكى خورلۇق ھېس قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ خىل ئەھۋالدا، سىز رىقابەتنى ھەر ئىككىڭلار ئۈچۈن قابىلىيىتىڭلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ جارى قىلدۇرۇش پۇرسىتى دەپ قارىشىڭىز مۇمكىن ۋە بۇ خىل تونۇش ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.
ۋەھالەنكى، ئەگەر سىزنىڭ (رەقىبىڭىز بولمىش) بۇ كىشىگە ئەسلىدىنلا ئازدۇر-كۆپتۇر غۇمىڭىز بار بولسا، ئۇنداقتا ئىشنىڭ ئاكتىپ تەرىپىنى كۆرۈپ يېتىشىڭىز تەسكە توختايدۇ. بەلكىم رەقىبىڭىز ئىلگىرىكىدىنمۇ تەكەببۇرلىشىپ كەتكەن بولۇشى ۋە سىز شۇ سەۋەبلىك ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ ئەرزىمەس ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن. سىز رەقىبىڭىزنىڭ كەلگۈسى غەلىبىسىنىڭ ئاراڭلاردىكى دەرىجە پەرقىنى تېخىمۇ زورايتىۋېتىشىدىن تەشۋىشلىنىشىڭىز مۇمكىن. بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان تەھدىت تۇيغۇسى ئۈنۈمىڭىزگە تەسىر يەتكۈزىدۇ ھەمدە سىزدە ئەسلىدىنلا بار بولغان غۇمنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ.
كرىستوفېر ئىلمىي ئەسەلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا، پاسسىپ ئاقىۋەتنىڭ كۆپىنچە ھاللاردا تەھدىت تەپەككۇرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەھۋاللاردا يۈز بېرىدىغانلىقىنى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىشتىراكچىلار رىقابەتنى ئاكتىپ سىناق دەپ قارىغاندا، بۇنىڭ كىشىگە رىغبەت سۈپىتىدە پايدا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بايقىغان.
ئۆز مەپتۇنلار بىلەن بولغان رىقابەت
كىشىلىك رىقابەتنىڭ خىزمەتداشلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى مۇقەررەر ھالدا ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ مىجەزىگىمۇ باغلىقتۇر. مەسىلەن، ئۆز مەپتۇنلۇق خاراكتېرىگە ئىگە كىشىلەر رىقابەتنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇپ چۈشىنىۋېلىشى مۇمكىن.
ھەددىدىن زىيادە ئۆزىگە مەپتۇن كىشىلەردە ئىمتىياز تۇيغۇسى ۋە ماختىلىش ئېھتىياجى بار بولىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئورنىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە توختىماي باشقىلار بىلەن بەسلىشىدۇ. ئۇلار بۇ خىل تۇتۇمى سەۋەبلىك، ئۆزى بىلەن تونۇشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى سېلىشتۇرۇشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرىنى ئارقىدا قالغاندەك ھېس قىلسا، بۇنىڭغا ئانچە دوستانە مۇئامىلە قىلالماسلىقى مۇمكىن.
«ئۆز مەپتۇنلار ھەممە نەرسىنى دېگۈدەك ئەسلىدىنلا رىقابەتچان دەپ قارايدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆزىنى قەدىرلەش تۇيغۇسى باشقىلاردىن ئېشىپ كېتىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ» دەيدۇ مىچىگان شىتاتىدىكى ئوكلاند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىسخولوگىيە پەنلىرى پروفېسسورى ۋىرگىل زېيگلېر ھىل (Virgil Zeigler-Hill).
تەكىتلەشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئۆز مەپتۇنلارنىڭ ھەممىسى بىر خىل بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ باشقىلارنى چۈشىنىش ئۇسۇلىدا زور پەرقلەر مەۋجۇت. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇنداقلار راي سىناش جەدىۋەللىرىدىكى «مەن رەقىبىمنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن خۇشالمەن» دېگەندەك بايانلارغا قوشۇلۇشى؛ ئۆز ئورنىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقىنى ھېس قىلغاندا، تۈگىشىپ كېتىشى مۇمكىن.
يەنە بىر تۈردىكى ئۆز مەپتۇنلار بولسا باشقىلارنى چۆكۈرۈشتىن بەكرەك، ئۆزىنى ماختاپ-ئۇچۇرۇشقا مايىل كېلىدۇ (بۇلار راي سىناش جەدىۋەللىرىدىكى «مەن تولىمۇ قالتىس» دېگەندەك بايانلارنى تاللايدۇ). گەرچە ئۇلارمۇ ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ ئورنىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ دوستلۇق جەريانىدا قارشى تەرەپكە زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىماللىقى تۆۋەن.
ئەگەر سىز بىرەر دوستىڭىز ياكى خىزمەتدىشىڭىز بىلەن ئارىڭىزدا جىددىيلىك پەيدا بولغانلىقىنى بايقىسىڭىز، بۇ نازرۇك پەرقلەرنى تونۇپ يېتىشىڭىز تولىمۇ مۇھىم بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئۆزىنى قوغداش تىپىدىكى ئۆز مەپتۇنلار (ئىقتىدار، ئۈنۈم جەھەتلەردىكى) ھەر قانداق سېلىشتۇرۇشتىن رىقابەتنىڭ پۇرىقىنى ھىدلاپ ئۈلگۈرۈشى مۇمكىن.
زېيگلېر ئۆز مەپتۇنلارنى لايىقىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىڭ بۇ جەھەتتە خېلى ئوبدان پايدىسى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ شۇنداق دېگەن: «ئەگەر سىزنىڭ ھەردائىم بەسلەشكۈسى كېلىپلا تۇرىدىغان دوستىڭىز ياكى خىزمەتدىشىڭىز بار بولسا، شۇنداقلا سىز بۇ مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالىسىڭىز، ئامال تېپىپ ئۆزىڭىزنىڭ ئۇلارنى چوڭ بىلىدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلىسىڭىز بولىدۇ.»
يىرىكچىلىكتىن ساقلىنىش
ئەگەر سىز دوستىڭىز ياكى خىزمەتدىشىڭىز بىلەن بىۋاسىتە رىقابەتلىشىشكە مەجبۇر بولسىڭىز، كرىستوفېر سىزگە بۇ خىل رىقابەتتىن ئەڭ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش جەھەتتە مەسلىھەت بېرەلەيدۇ.
بېسىم مۆلچەرى جەھەتتىكى تەتقىقاتلارنى نەزەردە تۇتقاندا، ئالدى بىلەن پۇرسەتنى تەھدىت ئەمەس، بەلكى سىناق دەپ قاراشنىڭ يوللىرىنى تېپىش كېرەك. سىز مەغلۇپ بولغان تەقدىردە، ئۆز ئورنىڭىزنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ۋە خىجىللىقتا قېلىشىڭىز مۇمكىنلىكى ھەققىدە كاللا قاتۇرغاننىڭ ئورنىغا، ئۇنى ئۆز ئىقتىدارىڭىزنى سىنايدىغان ۋە غايىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان پۇرسەت دەپ قارىسىڭىز بولىدۇ.
ئۇنىڭ ئىككىنچى تەكلىپى «ئادەم بىلەن مەسىلىنى ئايرىش»تۇر. ئەگەر بىز ئۆزىمىزنى قاتتىق بېسىمغا دۇچ كەلگەندەك ھېس قىلساق، ھەر خىل قورقۇنچلۇق سىنارىيەلەر كاللىمىزدا زاھىرلىنىشى؛ مەسىلەن، ئوي-خىيالىمىز قارشى تەرەپنىڭ قىلمىشلىرىدىلا قېلىشى، ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقلىرىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىدىكى بارلىق مۇمكىنچىلىكلەرنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىشىمىز مۇمكىن. ھالبۇكى، بۇ بىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمىزغا ھەرگىز ياردەم بېرەلمەيدۇ، ئەكسىچە غۇم-ئاداۋەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ، خالاس. «(باشقىلارنىڭ قىلمىشىغا ئەمەس) پەقەت ئۆزىڭىزگە نەپ يەتكۈزۈش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىڭىزغىلا كۆڭۈل بۆلۈڭ» دەيدۇ ئۇ.
ئاخىرىدا، ئۆز قىلمىشىڭىزنىڭ ئىمكانقەدەر ئوچۇق-يورۇق ۋە ھەمكارلىشىشچان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك. مەسىلەن، ئەگەر سىز يېقىن خىزمەتدىشىڭىز بىلەن ئوخشاش بىر ئورۇنغا ئۆسۈشكە ئىلتىماس سۇنغان بولسىڭىز، بۇنى قارشى تەرەپكە ئوچۇق-ئاشكارە بىلدۈرۈشىڭىز كېرەك. ئەگەر ھەر ئىككىڭلار ھەممە ئىشنى ئوچۇق-ئاشكارا قىلساڭلار، بىر-بىرىڭلارنىڭ ناچارلىق قىلىپ قويۇشىدىن گۇمانلانماسلىقىڭلار مۇمكىن. بۇ مۇناسىۋىتىڭلارنىڭ يىرىكلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
دوستانە رىقابەتكە ئاقىلانە ھالدا، سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا، ھەممەيلەن ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. غەلىبە قىلىش ياكى مەغلۇپ بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ئۆز-ئارا ھۆرمەتلىشىش ۋە قايىل بولۇش، ئۆزئارا قوللىشىدىغان دوستلۇقنى ساقلاپ قېلىش تەبرىكلەشكە ئەرزىيدىغان ئىشلاردىندۇر.
ئىنگىلىزچىدىن ئۆتكۈر ئالماس تەرجىمىسى
مەنبە:
https://www.bbc.com/worklife/article/20220824-the-positive-power-of-competitive-friendship