رېماتىزملىق كېسەللىكلەرنى داۋالاش قوللانمىسى
دوكتور ئۈمىد ئاقتاش
بۇ ماقالە ئۇيغۇرلار ژۇرنىلىنىڭ 36-سانىدا ئېلان قىلىنغان
رېماتىزم بىمارلىرى بىرىنچى بولۇپ ئوزۇقلۇقنى تەڭشىشى كېرەك. ۋىتامىن D بىلەن رېماتىزمنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى ماقالەمدە تەپسىلىي چۈشەندۈرگىنىمدەك، رېماتىزم بىمارلىرى ئەڭ ئاۋۋال تەركىبىدە ۋىتامىن D مول يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشى كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇ گلۇتېن (gluten) ۋە تېز ئېرىيدىغان ئېچىتقۇدىن يىراق تۇرۇشى، ھەمدە چوقۇم تەركىبىدە پروبىيوتىك بار (Probiotic ـــ تەركىبىدە كىشىنى ساغلاملاشتۇرىدىغان پايدىلىق باكتېرىيە بولغان) يېمەكلىكلەرنى يېيىشى كېرەك. خۇددى دىيابىت كېسىلى بىمارلىرىغا ئوخشاشلا، ئۇ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ھەرقانداق يېمەكلىكلەرنى ھاياتىدىن سىقىپ چىقىرىشى كېرەك.
ئىككىنچىدىن، رېماتىزم كېسەللىكلىرىدە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن مۇئەييەن داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش كېرەك. بۇنى خىمىيەلىك دورىلار بىلەن روياپقا چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ جەھەتتە، ئوزون بىلەن داۋالاش ۋە ئۆسۈملۈك بىلەن داۋالاشتىن ئىبارەت ئىككى خىل داۋالاش ئۇسۇلى ئىنتايىن مۇھىم. ئوزون بىلەن داۋالاش ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى تەڭشەيدىغان داۋالاش ئۇسۇلىدۇر. ئۇ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغان بولغاچقا، رېماتىزم كېسەللىكلىرىدىكى زىيادە ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئىنكاسىنى نورماللاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ. ئوزون بىلەن داۋالاشنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ پۈتۈن بەدەندىكى قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق قاندىكى ئوكسىگېن سەۋىيەسىنى ئاشۇرىدۇ. شۇ تەرزدە، ئۇ يەنە رېماتىزم بوغۇملاردا كەلتۈرۈپ چىقارغان زەخمىلەرنىمۇ داۋالايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆسۈملۈك بىلەن داۋالاش بولسا كىشىلەرگە ئايرىم-ئايرىم ئۇسۇلدا تەدبىقلاشنى ھەمدە رېماتىزمغا قارشى ئۈنۈملۈك ئۆسۈملۈكلەرنى توغرا ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، رېماتىزم بىمارلىرىنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن فىزىكىلىق داۋالاش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش زۆرۈردۇر. بىمارلار بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر لايىھەلىگەن ۋە بىمارنىڭ ئېھتىياجى نەزەردە تۇتۇلغان فىزىكىلىق داۋالاشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. رېماتىزم بىمارلىرى ھەرگىز ئۇزۇن مۇددەت جىم تۇرۇپ قالسا بولمايدۇ، بولمىسا بوغۇم توقۇلمىلىرى قېتىپ كېتىدۇ.
سوزۇلما كېسەللىكلەرنى داۋالاش سەۋر تەلەپ قىلىدۇ
ئۆز تەجرىبىلىرىمگە ئاساسەن، كۆپ يىل رېماتىزم كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، ئەمما دورا ئىشلەتمىگەن كىشىلەرنى داۋالاش تېخىمۇ ئاسان دېيەلەيمەن. لېكىن، بىمارغا يېڭى دىياگنوز قويۇلغان تەقدىردىمۇ، ئەگەر (خىمىيەلىك) دورا ئىشلىتىلگەن بولسا، بۇنداق بىمارنى داۋالاش بەكلا تەسكە توختايدۇ. چۈنكى، دورىلار بىمارنىڭ داۋالاشقا ئىنكاس قايتۇرۇشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئەمما نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن سەل ئۇزۇن ۋاقىت كەتكەن بولسىمۇ، بۇلارنىڭ كېسىلىنى يەنىلا داۋالىغىلى بولىدۇ. بىمارلار يېمەك-ئىچمىكىدىكى ئۆزگىرىشلەر، ئوزون ۋە ئۆسۈملۈك بىلەن داۋالاشنىڭ شاراپىتىدە، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر يىلدا داۋالاشنىڭ ئىجابىي نەتىجىسىنى كۆرىدۇ.
بۇ جەھەتتە ئەڭ مۇھىم ئامىل سەۋردۇر. بارلىق سوزۇلما كېسەللىكلەر سەۋرچانلىق تەلەپ قىلىدۇ، يەنى داۋالاشنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئۆسۈملۈك ئىلمىدە، يەنى ئۆسۈملۈك بىلەن داۋالاشتا «تېز ئۈنۈم» دەيدىغان ئۇقۇم مەۋجۇت ئەمەس. خىمىيەلىك دورىلار بەدەنگە قايسى رەۋىشتە تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ بېشىڭىز ئاغرىسا، ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىستېمال قىلسىڭىزلا ئاغرىق توختايدۇ. گەرچە بۇ تېز ئۈنۈملۈك چارە بولسىمۇ، ئەمما سىز ئىستېمال قىلغان بۇ خىل دورىلار مەسىلىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلالمىغاچقا، پەقەت ۋاقىتلىق چارە بولالايدۇ. چۈنكى، خىمىيەلىك دورىلار كېسەلنى داۋالىيالمايدۇ، پەقەت كېسەللىك ئالامەتلىرىنى بىر مەزگىل باستۇرىدۇ، خالاس.
رېماتىزمنى داۋالاشتا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۈچى
ھالبۇكى، ئۆسۈملۈك دورىلىرى ئۇنداق ئەمەس. دۇنيانىڭ ھېچيېرىدە بېشىڭىز ئاغرىغاندا ئاغرىقنى دەرھال پەسەيتىدىغان ئۆسۈملۈك تاپالمايسىز. ئۆسۈملۈك دورىلىرى خېلى ئۇزۇن مۇددەتتە ئاندىن ئۈنۈمىنى كۆرسەتسىمۇ، ئەمما كېسەلنى يىلتىزىدىن داۋالايدۇ. بۇ (يەنى دورىلارنىڭ كېسەلنى يىلتىزىدىن داۋالىيالايدىغان-داۋالىيالمايدىغانلىقى) ئىنتايىن مۇھىم بىر نۇقتىدۇر. ئۆسۈملۈك دورىلىرى بىلەن داۋالانغان كېسەللىكلەر سەۋر تەلەپ قىلىدۇ، ئەمما بۇ جەريان ئاخىرلاشقاندا، كېسەل سەللىمازا ساقىيىپ، دورا ئىشلىتىشتىن تولۇق قۇتۇلىسىز.
ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى تەنقىدلەيدىغان ۋە ئۇلارنىڭ بەدەنگە زىيان سالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر بۆلۈك ئىنسانلار بار. ئالدى بىلەن، ئۆسۈملۈكلەرنى توغرا ئىشلىتىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئۇنى دوختۇرنىڭ نازارىتىدە ئىشلىتىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، قايسى ئۆسۈملۈكنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىشىڭىز كېرەك. «سەكسەن خالتا» (دورىپۇرۇش)دىن ئېلىنغان ئوچۇق قويۇلغان ئۆسۈملۈك ۋە مۇنداقلا تەييارلاپ قويۇلغان ئۆسۈملۈك ئارىلاشمىلىرى بىلەن كېسەل داۋالىغىلى بولمايدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ زىيىنى خىمىيەلىك دورىلارنىڭكىگە يېقىنمۇ كېلەلمەيدۇ. بۇنىڭ دەلىلىمۇ ئېنىق. مەسىلەن، دۇنيادىكى جىگەر زەئىپلىشىش كېسىلىنىڭ 99 پىرسەنتى خىمىيەلىك دورىلاردىن مەنبەلىنىدۇ. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىدە، كلىنىكىلىق داۋالاش جىگەر كۆچۈرۈشكىچە بارىدۇ. جىگەر زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىلنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ پاراسېتامول (paracetamol). بۇ ماددا ھەركۈنى تاماقنىڭ ئورنىدا ئىستېمال قىلىنىۋاتقان ۋېرمىدون ۋە مىنوسېت قاتارلىق ئاغرىق توختىتىش دورىلىرىنىڭ ئاكتىپ تەركىبىدۇر. نۆۋەتتە پاراسېتامول دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، ھەتتا بازارلاردا سېتىلماقتا. ئاددىي ئاغرىق پەسەيتكۈچى دەپ قارالغان پاراسېتامولمۇ جىگەر زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۇرۇقلۇق، كىشىلەر يەنىلا تەپتارتماستىن ئۆسۈملۈك دورىلىرىنىڭ زىيىنى ھەققىدە سۆزلەشكە جۈرئەت قىلىشماقتا.
كۆپ سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۆسۈملۈك سەۋەبىدىن جىگىرى كاردىن چىقىپ، ئېغىر كېسەللەر بۆلۈمىدە ياتقان بىمارلار بىلەن خىمىيەلىك دورىلار سەۋەبلىك دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان، ھەتتا ھاياتىدىن ئايرىلغان بىمارلارنىڭ سانىنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى. نەتىجە ئوپئوچۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىمىيەلىك دورىلارنىڭ ئونلاپ، يۈزلەپ، ئىنساننىڭ ئەقلىگە كەلمەيدىغان ئەكس تەسىرلىرى بارلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك.
تۈركچىدىن ھېكمەتيار ئىبراھىم تەرجىمىسى