ياپونىيەدىكى بەزى ئۆزگىچىلىكلەر

(بۇ ئەسەر ئۇيغۇرلار ژۇرنىلىنىڭ 36-سانىدا ئېلان قىلىنغان)

«ياپونىيە» دېيىلگەن ھامان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا «پەن-تېخنىكىدا ئىلگىرىلىگەن، زامانىۋىلاشقان، ئىنتىزامچان، مائارىپ سەۋىيەسى ئۈستۈن» دېگەندەك بىر قاتار ئىجابىي باھالار كېلىدۇ. دېمىسىمۇ، تەبىئىي بايلىقلىرى پەۋقۇلئاددە قىس بولغان بۇ ئارال دۆلىتى ئىقتىساد، پەن-تېخنىكا، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردە ئۆز ئىمكانلىرىدىن ھالقىغان نۇرغۇن ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇنداق بىر دۆلەتنىڭ بۇ قەدەر ماددىي ئۇتۇقلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى ئامىللار ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىش ئۈچۈن ئايرىم كىتاب يېزىشقا توغرا كېلىدىغانلىقى ئېنىق، ئەمما بىز بۈگۈن ياپونلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە تۈرتكە بولغان، ئاددىيدەك كۆرۈنسىمۇ، ھەممىمىز ئۆرنەك ئېلىشقا ئەرزىيدىغان بەزى ئارتۇقچىلىقلىرى ھەققىدە نۇقتىلىق توختىلىمىز.

ئۇستازشاگىرت مۇناسىۋىتى

ياپونىيەدە ئۇستاز-شاگىرت مۇناسىۋىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. ياپون ئۇستىلار شاگىرتلىرىنىڭ ھۈنەر ئۆگىنىشى ئۈچۈن مۇۋاپىق مەنىۋى مۇھىت ھازىرلاشقا تىرىشىدۇ. بۇ جەھەتتە شاگىرتنىڭ بويسۇنۇشى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇ تۇنجى سىناقتۇر. ئۇستاز ئۆز ھاياتىنى بېغىشلىغان ۋە ئۆز ئۇستىسىدىن ھەققىنى ئادا قىلىپ ئۆگەنگەن ماھارەتلەرنى ئۇدۇل كەلگەنلا ئادەمگە ئۆگىتىۋەرمەيدۇ. ئەمما، ئۆز نۆۋىتىدە ياپون ئۇستىلارنىڭ ئۆز كەسپىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۆگىتىش ئارقىلىق، ھۈنەر چىرىغىنى ئۆچۈرۈپ قويماسلىق ئىستىكى تولىمۇ كۈچلۈك.

بويسۇنۇش مەزگىلى ئۇستاز-شاگىرت مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ مۇھىم مەزگىللەرنىڭ بىرىدۇر. ياپونىيەدە، شاگىرت ئۆز ساھەسىدە ماھىرلاشقان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئۇسلۇبى يەنىلا ئۇستىسىنىڭ تەسىرىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ. يېڭىدىن ئۇستىلىق دەرىجىسىگە يەتكەن كىشى ئۆز ئۇستازىنى مەڭگۈ ھۆرمەتلەيدۇ. ئۇستازمۇ ھۈنەردە ئۆزىدىن ئۈستۈن بىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقالىسا، ئاندىن ھەقىقىي ئۇستازلىق كامالىتىگە يەتكەن ھېسابلىنىدۇ.

بىزدىچۇ؟ بىزدە شاگىرت ئادەتتە «ئۇستازىمدىن ھەممە نەرسىنى ئۆگىنىپ بولدۇم» دەپ قارىغانغا قەدەر ئۇستازىنى ھۆرمەتلەيدۇ. لېكىن، ھۈنەردە پىشىپ يېتىلگەنلىكىگە ئىشەنگەن ھامان، ئۇستازىنى چەتكە قېقىپ، ئىلگىرىكىدەك ھۆرمەت كۆرسەتمەس بولۇۋالىدۇ. ياپونىيەدە شاگىرتلار ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇستازىنىڭ ئىسمىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە تىرىشسا، بىزدە شاگىرتلار ئۆز نامىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئۇستازلىرىنىڭ ئىسمىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا ياكى قىممىتىنى تۆۋەنلىتىشكە ئارانلا تۇرىدۇ (يەنى «مەن بۇ ھۈنەرنى پالانىدىن ئۆگەنگەن» دېيىشنىڭ ئورنىغا، دائىم «مېنىڭ ھۈنىرىم ئۇنداق، ماھارىتىم بۇنداق» دەپ ھارمايدۇ). ھەتتا، شۇ سەۋەبتىن ئۇستازلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىدلەشتىن ياكى ھاقارەتلەشتىنمۇ يانمايدۇ. ئەلۋەتتە، ھەممىلا شاگىرت بۇنداق بولمىسىمۇ، ئومۇمىي ئەھۋال ئاشۇنداق.

مۇكەممەللىككە ئىنتىلىش

بۇ ياپونلارنىڭ كىلاسسىك خۇسۇسىيىتىدۇر. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كىشىلەر بەزى پرىنسىپلارنى جان-جەھلى بىلەن قوغدايدۇ. مەسىلەن، ياپونلار دۇنيادىكى ۋاقىتقا ئەڭ قاتتىق رىئايە قىلىدىغان مىللەتلەردىن بىرىدۇر. ھەتتا، ئۇلارنىڭ پويىزلىرىمۇ دۇنيا بويىچە ۋاقىتقا ئەڭ قاتتىق رىئايە قىلىدىغان پويىزلاردىن بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن پەقەت 18 سېكۇنتلا كېچىكىدۇ.

يۇقىرى مائارىپ سەۋىيەسى

ياپونىيەدە ساۋاتلىقلار نىسبىتى 100 پىرسەنت. خاتا ئوقۇمىدىڭىز، پۈتكۈل خەلق ساۋاتلىق. ئەلۋەتتە، ساۋاتلىق دېگىنىمىزدە، لاتىنچە ھەرپلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ۋە قىيىن بولغان (خىتاي يېزىقىغا ئوخشاپ كېتىدىغان) ياپون ئېلىپبەسىنى كۆزدە تۇتۇۋاتىمىز. ياپونىيەدە تولۇق كۇرس ۋە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئىگە كىشىلەر ئەللىك پىرسەنتتىن ئاشىدۇ.

مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ياردىمىدە، نۆۋەتتە ياپونىيەدە 19 نوبېل مۇكاپات ساھىبى (بۇ تېرىسىگە سىغمايدىغان خىتايلارنىڭكىدىن بەكلا كۆپ)، دۇنيا رەت-تەرتىپىدە ئالدىنقى ئەللىكنىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئالىدىغان يۇقىرى سەۋىيەلىك مائارىپ ئۆلچىمى، دۇنياۋى ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن توكيو ۋە كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتلىرى، كىشىلەر ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىشقا ئورۇنلىشالايدىغان توشىبا، خىتاچى، تويوتا، خوندا، سۇزۇكى قاتارلىق سان-ساناقسىز خەلقئارالىق شىركەتلەر بار.

يىگىرمە نەچچە خىل ئەپۇ سوراش شەكلى

ياپونلار ئەپۇ سوراشنى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پەزىلەت دەپ قارايدۇ ۋە ئۇلاردا كەم دېگەندە يىگىرمە خىل كەچۈرۈم سوراش شەكلى بار. مەمۇرلاردىن تارتىپ داڭلىق شەخسلەرگىچە، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىدىن كارخانا باشقۇرغۇچىلىرىغىچە، بارلىق ئىجتىمائىي قاتلاملاردا ئەپۇ سوراش ئادىتى ئومۇملاشقان.

ماشىنا ئادەملەر دۆلىتى

ياپونىيە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماشىنا ئادەم ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت بولۇپ، دۇنيادىكى 800 مىڭدىن ئارتۇق سانائەت ماشىنا ئادىمىنىڭ يېرىمى بۇ دۆلەتتە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ماشىنا ئادەم سانىنىڭ كۆپىيىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ياشلار نوپۇسىنىڭ ئازىيىشى بولۇپ، بۇنىڭغا قارىتىلغان تەدبىر سۈپىتىدە 2020-يىلى ئىشچى سۈپىتىدە ئىشلەيدىغان ماشىنا ئادەم سانىنىڭ مىليوندىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەنىدى. نۇرغۇن ئوخشىمىغان ساھەلەردە ئىشلىتىلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ماشىنا ئادەملەر ـــ ئىنسانسىمان ماشىنا ئادەملەر، تۆت پۇتلۇق ھايۋانسىمان ماشىنا ئادەملەر، ئىجتىمائىي ماشىنا ئادەملەر ۋە قاراۋۇل ماشىنا ئادەملەر قاتارلىق تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ. ئەڭ داڭلىق ئىنسانسىمان ماشىنا ئادەملەرنىڭ ئىچىدە خوندا شىركىتىنىڭ ASIMO، سونىي شىركىتىنىڭ QRIO ۋە خىتاچى شىركىتىنىڭ EMIEW قاتارلىق ماشىنا ئادەملىرى بار.

چەكسىز تىرىشچانلىق

ياپونىيەدە سەھەردە ئىشنى باشلاپ كەچ بولغۇچە ئىشلەش تەبىئىي ئەھۋال. ئۇلار زۆرۈر تېپىلغاندا، تىنىم تاپماي ناھايىتى جاپالىق ئىشلىيەلەيدۇ.

ھەتتا كەچكىچە ئىشلىگەن ياپونلار ئۈچۈن، بىر ئاز مۈگدىۋېلىپلا يەنە داۋاملىق ئىشلەشمۇ نورمال ئەھۋال.

ھۆرلۈك

ياۋروپا تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنالمىغان بەش دۆلەتنىڭ بىرى ياپونىيەدۇر. قالغان تۆتى بولسا لىبېرىيە، تايلاند، جەنۇبىي ۋە شىمالىي كورېيەدۇر. ئەركىنلىك ئۈچۈن زۆرۈر تېپىلغاندا جېنىنى پىدا قىلىش ياپونلارنىڭ مۇھىم خاراكتېرلىرىدىن بىرىدۇر.

كۆڭۈلسىز خەۋەر: ئىجتىمائىي مېدىيا ياپونلارنىڭ كىتابخۇمارلىق ئادىتىنى يىمىرىپ تاشلاشقا باشلىغان

ياپونلار ئىزچىل ھالدا دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ كىتاب ئوقۇيدىغان مىللەتلەر ئارىسىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەنىدى. ھالبۇكى، ياپونىيە «دۆلەتلىك ياشلار مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەشكىلاتى» يېقىندا ئېلان قىلغان، يىگىرمە ياشتىن ئاتمىش ياشقىچە بولغان ئەر ۋە ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5000 كىشىنىڭ كىتاب ئوقۇش ئادىتى توغرىسىدىكى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتىكى ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر مۇھىتى ياپونلارنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىغىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن.

مەزكۇر تەتقىقاتقا كۆرە، ياپونىيەدىكى ھەر خىل ياشتىكى كىشىلەرنىڭ 49.8 پىرسەنتى ئايدا بىر پارچىمۇ كىتاب ئوقۇمايدىكەن. ھالبۇكى، 2013-يىلىدىكى تەكشۈرۈشتە بۇ نىسبەت 28.1 پىرسەنت بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان بۇ ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەن.

بولۇپمۇ يىگىرمە ياش ئەتراپىدىكىلەردىن «مەن پەقەت كىتاب ئوقۇمايمەن» دەپ جاۋاب بەرگەنلەرنىڭ سانى خېلى بەكلا كۆپەيگەن. 2013-يىلىدىكى راي سىناشتا، بۇنداق دېگەن يىگىرمە ياش ئەتراپىدىكىلەرنىڭ نىسبىتى 25.1 پىرسەنت ئىدى، ئەمما بۇ قېتىم ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەك ئېشىپ، 52.3 پىرسەنتكە چىققان. ئوتتۇز ياش ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئىچىدە بۇنداق دېگۈچىلەرنىڭ نىسبىتى 54.4 پىرسەنت بولغان.

ئاتمىش ياش ئەتراپىدىكىلەرنىڭ 2013-يىلىدىكى كىتاب ئوقۇماسلىق نىسبىتى 23.3 پىرسەنت بولغان، بۇ قېتىم بولسا 44.1 پىرسەنتكە چىققان.

ئىجتىمائىي مېدىيانىڭ ياپونلاردەك بىلىمخمار بىر مىللەتنىڭ كىتاب ئوقۇش نىسبىتىگىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى — ئۇنىڭ سەللا بوش تۇرغان ئادەمنى ئۆزىنىڭ دەھشەتلىك قاينىمىدا تۇنجۇقتۇرۇپ قويىدىغان خەتەرلىك ھەمراھ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىنتايىن تۆۋەن ئىشسىزلىق نىسبىتى

نۇرغۇن جايلاردا ئىشسىزلىق نىسبىتىنى ئون پىرسەنتتىن تۆۋەنلىتىش مۇۋەپپەقىيەت دەپ قارىلىۋاتقاندا، ياپونىيەدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى ئارانلا 2.4 پىرسەنتتۇر.

ياپونىيەنىڭ ماشىنا ئادەملەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ۋە زاۋۇت ئىشچىلىرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئازلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى (يەنى بۇلاردىكى «ئىش»نىڭ نوقۇل ھالدا زاۋۇت ئىشچىلىقى ئەمەسلىكىنى) نەزەردە تۇتقاندا، بۇ نىسبەت كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ.

ئوقۇغۇچىلارغا ھاياتلىق تەربىيەسى بېرىش

ھاياتنىڭ ھەقىقەتلىرى ھەر پۇرسەتتە ئوقۇغۇچىلارغا ئەسكەرتىلىدۇ. مەسىلەن، ياپونىيىدە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار دەرسخانا ۋە ئاشخانا رايونلىرىنى بىرلىكتە تازىلايدۇ. ئەمما، نۇرغۇن جايلاردا بۇنداق قىلىشقا ئۇرۇنۇلسا، ئاتا-ئانىلار: «بالامنى مەكتەپ تازىلىغىلى سالساڭلار قانداق بولىدۇ؟» دەپ ئۆكتە قوپىدۇ. شۇ سەۋەبلىك، ئۆزىنى چوڭ چاغلايدىغان، ھاياتقا ھېچقانداق تۆھپىسى يوق، ھەممىدىن نارازى بولۇپلا يۈرىدىغان ئەركە بالىلار يېتىشىپ چىقىدۇ.

تېجەشچانلىق كۈلتۈرى

ياپونلار ئىسراپخورلۇق قىلماسلىق ئۈچۈن ھەتتا ئۆزىنىڭ راھىتىدىنمۇ ۋاز كېچەلەيدۇ. مەسىلەن، قىشتا ئۇلار پەقەت ئۆزلىرى ئولتۇرغان ھۇجرىدىلا پار ئېچىپ، قالغان ئۆيلەرنىڭ پارىنى ئېتىۋېتىدۇ. تېجەشچانلىق ئاۋۋال ئاڭدىن باشلىنىدۇ، ئەلۋەتتە.

زۆرۈر تېپىلغاندا، ئۇلار يەنە ئىسراپچىلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان تېخنىكا ۋە ئەندىزىلەرنىمۇ ئىجاد قىلىشىدۇ. مەسىلەن، ياپونىيەدە قول يۇيىدىغان تۇرۇبا تەرەت تۇڭىنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا قولنى يۇغاندا سۇ بۆلۈمچىسىگە كېلەر قېتىم تەرەت تۇڭىنى تازىلاشقا يەتكۈدەك سۇ قاچىلىنىدۇ. ياپونىيە مۇشۇ شەكىلدە ھەر يىلى نەچچە مىليون لىتىر سۇنى تېجەپ قالىدۇ. دۇنيا سۇ قىسلىقىدىن ئىزتىراپ چېكىۋاتقان بۇ دەۋردە، بۇ نېمە دېگەن ياخشى كەشپىيات ھە؟! 

دەرۋەقە، ئىسراپچىلىقتىن ساقلىنىش ۋە ساغلام ئايلىنىشچان ئىقتىسادقا ماس ھالدا ياشاش ئۈچۈن يەنىلا قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلار بار. كىلىمات ئۆزگىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، 21-ئەسىردە بارلىق كىشىلەر ۋە دۆلەتلەر ھەممە نەرسىنى ئايلىنىشچان ئىقتىسادنىڭ تەقەززاسىغا كۆرە تەڭشىشى كېرەك.

ئۆتكۈر ئالماس تەييارلىدى

پايدىلانغان مەنبە:

https://www.serhansuzer.com/tr/japon-kulturunde-gipta-ettigim-ozellikler

https://www.japonyapostasi.com/blog/2020/01/02/japonyanin-meshur-kitap-okuma-orani-artik-eski-gunlerde-mi-kaldi/

جاۋاب يېزىش

error: Content is protected !!