چىڭ سۇلالىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىجتىمائىي ۋە كۈلتۈرەل سىياسىتى
كونۇر ئالپ ئەرجىلاسۇن
بۇ ئەسەر ئۇيغۇرلار ژۇرنىلىنىڭ 36-سانىدا ئېلان قىلىنغان
1759-يىلىدا مەزكۇر رايوننى (يەنى شەرقىي تۈركىستاننى) قولىغا كىرگۈزگەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ بۇ يەردە ئىجرا قىلغان ئىجتىمائىي ۋە كۈلتۈرەل سىياسەتلىرىگە نەزەر سېلىنغىنىدا، بۇنىڭ ئالدى بىلەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ بۇ رايوندىكى بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. بۇلار ئەڭ ئاساسلىقى ئايرىمچىلىق ۋە بېكىنمىچىلىك دەپ خاراكتېرلەشكە بولىدىغان تەدبىرلەردۇر. بۇ تەدبىرلەرنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە، رايوندا يېڭى شەھەرلەر بەرپا قىلىنغان ۋە مانجۇ مەمۇرلار بىلەن يەرلىك خەلقنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە نۇرغۇن چەكلىمىلەر قويۇلغان. مەزكۇر بۆلەكتە، بەرپا قىلىنغان يېڭى شەھەرلەرنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ئالاقىدار تەدبىرلەر توغرىسىدا توختىلىش ئارقىلىق بۇلارنىڭ رايونغا بولغان تەسىرى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
چىڭ سۇلالىسى شەرقىي تۈركىستاننى قولىغا كىرگۈزگەندىن كېيىن ئەسلىدە مەۋجۇت شەھەرلەرنىڭ يېنىغا يېڭى شەھەرلەرنى بەرپا قىلغانلىقىنى كۆرىمىز. مەزكۇر يېڭى شەھەرلەر مەركەزدىن رايونغا ئەۋەتىلگەن ئەسكەر ۋە مەمۇرلار ئۈچۈن بەرپا قىلىنغانىدى. چىڭ سۇلالىسى ئاۋۋال قۇمۇل بىلەن تۇرپاندا، ئاندىن ئىلىدا مۇقىم ئەسكەر تۇرغۇزۇشقا باشلىدى. بۇ قىسىملار دۆلەت قۇرۇلمىسىدىن ئورۇن ئالغان سەككىز تۇغ قىسىملىرى ۋە يېشىل برىگادىلاردىن تەشكىل قىلىنغان بولۇپ، تەركىبىدە مانجۇ، موڭغۇل ۋە خىتايلار بار ئىدى. بۇ قىسىملار ۋە قوماندانلىرى رايوندىكى مەۋجۇت شەھەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلماستىن، بۇلار ئۈچۈن يېڭىدىن شەھەر بەرپا قىلىنغان. قوشۇنلار ئاساسلىق جايلاشتۇرۇلغان ئىلى بۇ خىل قارارگاھلار ئەڭ كۆپ بەرپا قىلىنغان رايون ئىدى. بۇ يەردە «خۇييۈەن»، «خۇينىڭ»، «دالوچى» ۋە «نىڭيۈەن» قاتارلىق شەھەرلەر بەرپا قىلىنىپ، بۇ يەرلەرگە مانجۇ ۋە موڭغۇل مەمۇرلىرى جايلاشتۇرۇلغان؛ يەنە مەزكۇر رايوندا بەرپا قىلىنغان «سۈيدىڭ»، «گۇاڭرېن»، «چەندى»، «گوڭسېن» ۋە «شىسۈن» قاتارلىق شەھەرلەردە بولسا، خىتاي مەمۇرلار ۋە ئەسكەرلەر تۇرغۇزۇلغانىدى. بۇنىڭدىن سىرت، ئۈرۈمچىدە «گوڭنىڭ» ئىسىملىك مانجۇ-موڭغۇل شەھىرى ۋە «دىخۇا» ئىسىملىك خىتاي شەھىرى؛ باركۆلدىمۇ «خۇينىڭ» ئىسىملىك مانجۇ-موڭغۇل شەھىرى ۋە «جېنشى» ئىسىملىك خىتاي شەھىرى بەرپا قىلىنغان (348). مەلۇم بولغىنىدەك، چىڭ سۇلالىسى تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدا ئايرىم-ئايرىم شەھەرلەرنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، بۇ يەرگە ئەۋەتىلگەن ئەسكەر ۋە مەمۇرلارنى مىللىي تەركىبىگە كۆرە پەرقلىق جايلارغا ئورۇنلاشتۇرغان.
تارىم ئويمانلىقىدىكى شەھەرلەردە بولسا، بۇ جايلارغا مەركەزدىن ئەۋەتىلگەن ھەربىي قىسىملار ۋە مەمۇرلار (شىمالدىكىگە قارىغاندا) ئازراق بولغانلىقى ئۈچۈن، كۆپىنچە ھاللاردا بۇلارغا مەۋجۇت شەھەرلەرنىڭ ئىچىگە تۇرالغۇلار سېلىپ بېرىلگەن. بۇ خىل تۇرالغۇلار كۆپىنچە ئەھۋاللاردا بىر قات تام ئارقىلىق مۇسۇلمانلار رايونىدىن ئايرىۋېتىلگەن. مەزكۇر رايوننىڭ ھاكىمىيەت مەركىزى بولغان قەشقەردە بولسا، ئوخشاشلا «يېڭى شەھەر» بەرپا قىلىنىپ، مانجۇ ۋە خىتاي ئەمەلدارلار شۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. نەتىجىدە، بۇ يەردە تۈركلەر يەرلەشكەن «كونا شەھەر» بىلەن مانجۇ-خىتاي ئەمەلدارلار جايلاشقان «يېڭى شەھەر» مەيدانغا كەلگەن. قەشقەرنىڭ كونا-يېڭى شەھەرلىرى توغرىسىدا، «خۇيجياڭ تەزكىرىسى»دە (回疆通志) تۆۋەندىكىدەك مەلۇماتلار يەر ئالغان:
قەشقەردىكى كونا شەھەر يۇمىلاقمۇ، تۆت چاسىمۇ ئەمەس، ئايلانمىسى ئۈچ چاقىرىم يەتتە پۇڭدىن (تەخمىنەن ئىككى كىلومېتىر ئەتراپىدا) ئۇزۇندۇر. شەرققە قاراپ ئېچىلغان ئىككى قوۋۇقى، شىمال ۋە جەنۇبقا قارايدىغان بىردىن قوۋۇقى بار. بۈگۈن «كونا شەھەر» دەپ ئاتالغان بۇ جايدا بەگلەر ۋە مۇسۇلمانلار تۇرىدۇ. چىيەنلوڭ سەلتەنىتىنىڭ 27-يىلى (1762-يىلى)دا مۇئاۋىن ھەربىي ۋالىي يوڭ گۈي (چىڭ سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە) سۇنغان دوكلاتىدا، كونا شەھەرنىڭ ئىككى چاقىرىم غەربىي شىمالىدىكى، ئىلگىرى بۇرھانىدىنغا تەۋە بولغان جايدا يېڭىدىن شەھەر بەرپا قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن ۋە بۇ تەكلىپكە بىنائەن، بۇ يەردە بىر شەھەر بەرپا قىلىنغان. شەھەرنى قورشاپ تۇرغان سېپىلنىڭ ئايلانمىسى ئىككى چاقىرىم بەش پۇڭدۇر. ئېگىزلىكى بىر جاڭ (ئۇزۇنلۇق بىرلىكى، 10 چىغا تەڭ) تۆت چى، تامنىڭ ئاستى تەرىپىنىڭ قېلىنلىقى ئالتە چى بەش سۈن، ئۈستى تەرىپىنىڭ قېلىنلىقى بولسا تۆت چى بەش سۈندۇر. تۆت تەرەپتە تۆت قوۋۇقى بار. شەرقتىكى قوۋۇقىغا «چېڭئېن»، غەربتىكى قوۋۇقىغا «فۇچياڭ»، جەنۇبتىكى قوۋۇقىغا «جاڭخۇا»، شىمالدىكى قوۋۇقىغا «پىيۈەن» دەپ ئىسىم قويۇلغان. چيەنلوڭ سەلتەنىتىنىڭ 35-يىلى (1770-يىلى)دا قوۋۇقلار ۋە ئىمارەتلەر قايتىدىن رېمونت قىلىنغان. شەھەرنىڭ ئىچىگە، جەنۇبىي قوۋۇقىنىڭ شەرقىگە «ئەبەدىيەت سارىيى» (万寿宫) (352)، غەربىگە «گۈەن غوجام بۇتخانىسى» (关帝庙) (353) سېلىنغانىدى. چيەنلوڭ سەلتەنىتىنىڭ 36-يىلى (1771-يىلى)دا بۇ شەھەرگە «لەينىڭ» شەھىرى دەپ ئىسىم قويۇلغان. چيەنلوڭ سەلتەنىتىنىڭ 59-يىلى (1794-يىلى)دا مۇئاۋىن ھەربىي ۋالىي يوڭ باۋ شەھەرنىڭ جەنۇبىي قوۋۇقىنىڭ سىرتىغا تۇرالغۇ بىنا قىلىپ، بۇ يەرگە ئىچكىرىدىن (خىتاي ئۆلكىلىرىدىن) تىجارەتچىلەرنى ئەكېلىپ يەرلەشتۈرۈش تەكلىپىنى بەرگەن. شەھەرنىڭ ئىچىدە ئاممىۋى ئىمارەتلەر، ئامبارلار، شۇنداقلا مەمۇرلار بىلەن ئەسكەرلەرنىڭ تۇرالغۇلىرى بار ئىدى (355).
مەزكۇر مەنبەدە كۆرسىتىلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولغىنىدەك، قەشقەردە ئەمەلدارلار تۇرىدىغان يېڭى شەھەر بەرپا قىلىنىپ، بۇ شەھەرگە «لەينىڭ» دەپ ئىسىم قويۇلغان. ئەنە شۇ رەۋىشتە، شەرقىي تۈركىستاندا ھۆكۈمدارلار تەبىقىسى بىلەن خەلق بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن. بۇنىڭدىن سىرت، تۈركلەرنىڭ يېڭى شەھەرگە، مانجۇلارنىڭ نازارەتچىلىك قىلغاندىن باشقا ۋاقىتلاردا كونا شەھەرگە كىرىشى چەكلەنگەن (356).
يۇقىرىدا تەرجىمە قىلىنغان (خىتايچە) مەنبەدە، بۇ ئۇچۇرلاردىن كېيىن، يېڭى شەھەردە سېلىنغان ئىمارەتلەر بىر-بىرلەپ ساناپ ئۆتۈلگەن. بۇنىڭغا كۆرە، يېڭى شەھەرنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىدە ھەربىي ۋالىي مەھكىمىسى ۋە بۈيۈك مەمۇرىي ئەمەلدار بىناسى، شەھەرنىڭ دەل شەرقىي شىمالىدا بولسا قورال-ياراغ ئامبىرى بار ئىدى.
شەھەرنىڭ غەربىي تەرىپىدە يېڭىھىسار بۈيۈك ھەربىي ئەمەلدار مېھمانسارىيى، ياردەمچى ئەمەلدارلار ۋە ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى پۈتۈكچىلەر ئىشلىتىدىغان ئۈچتىن ئىشخانا، دوكلات بىناسى، مانجۇ ۋە خىتاي مۆھۈردارلار بىناسى، دۆلەت چارۋىلىرىنى نازارەت قىلىدىغان مانجۇ ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ بىردىن بىناسى، گارنىزون ۋە پوچتا پونكىتلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارلار بىناسى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئالاقىدار بىر بىنا سېلىنغانىدى.
شەھەرنىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكىدە بىر تۈرمە بار ئىدى. بۇ يەردىن غەربىي قوۋۇققىچە بولغان ئارىلىقتا، مانجۇ گارنىزون قوماندانى ۋە ئۇنىڭ مۇئاۋىنىنىڭ بىردىن خىزمەت ئىشخانىسى، ئەترەت قوماندانىنىڭ تۇرالغۇسى ۋە شەھەر مۇداپىئە قاراۋۇلخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەر ئۈچۈن ياتاق بىناسى سېلىنغانىدى. بۇ ياتاق بىناسىدا مانجۇ ئەسكەرلەر ئۈچۈن سەكسەن ياتاق، خىتاي ئەسكەرلەر ئۈچۈن 103 ياتاق بار ئىدى. غەربىي قوۋۇقنىڭ يېنىدا يېشىل بىرىگادالارنىڭ باتالىيون قوماندانلىق شتابى بار ئىدى.
شەھەرنىڭ غەربىي جەنۇبىدا، ئارمىيەنىڭ ئوزۇق-تۈلۈكلىرىگە مەسئۇل خادىملار ئىشلەيدىغان بىر بىنا ۋە ئۇلارنىڭ ياتاق بىناسى، روتا كوماندىرلىرى جايلاشقان بىنا، مانجۇچە ۋە خىتايچە ھۆججەتلەر ساقلانغان بىردىن ئارخىپ بىناسى، ئامبار سۈپىتىدە قوللىنىلغان ئالتە ئېغىز ئۆي، بىر دورا ئامبىرى، ئون سەككىز ئاشلىق ئامبىرى، ھەربىي ئوزۇق-تۈلۈك ئامبىرى ۋە قاراۋۇللارنىڭ ئالتە ياتاق بىناسى بار ئىدى. جەنۇبىي قوۋۇقنىڭ غەربىدە «گۈەن غوجام بۇتخانىسى» بار ئىدى. يەنە شۇ جەنۇبىي قوۋۇقنىڭ يېنىدا يېشىل بىرىگادانىڭ ئالىي ئىش بېجىرىش ئورنى بولمىش رايون قوماندانلىق شىتابىمۇ بار ئىدى. بۇ قوۋۇقنىڭ شەرقىدە بولسا «ئەبەدىيەت سارىيى» بار ئىدى.
بۇلاردىن باشقا، شەھەر قەلئەسىنىڭ شەرقىي، غەربىي ۋە جەنۇبىي قوۋۇقلىرى ۋە ھەربىي ۋالىي مەھكىمىسى ئالدىدا قاراۋۇلخانىلار قۇرۇلغانىدى.
قەلئە سىرتىدىكى رايونغا كەلسەك، غەربىي قوۋۇقنىڭ سىرتىدا باج ئىشلىرىغا مەسئۇل بىر ئىدارە بار ئىدى. جەنۇبىي قوۋۇقنىڭ سىرتىدا، خىتاي سودىگەرلىرى تۇرىدىغان بىنالار بار ئىدى. بۇ سودىگەرلەر 1794-يىلدىن كېيىن بۇ يەرگە ئەكېلىنگەن ۋە ئۇلارنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن باتالىيون قوماندانلىق شىتابى قۇرۇلغانىدى. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە مۇشۇ رايوندا شەھەرگە كەلگەن مەمۇرىي خادىملارغا زىياپەت بېرىش ئۈچۈن سېلىنغان «كۈتۈۋېلىش قەسىرى»مۇ بار ئىدى.
جەنۇبىي قوۋۇقنىڭ سىرتىدا، شەرقىي جەنۇب تەرەپتە، كونا شەھەر بىلەن يېڭى شەھەر ئوتتۇرىسىدىكى رايون ھەربىي مەشىق ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنىدى (357).
بىنالارنىڭ ئورنى تەپسىلىي يېزىلغان بۇ شەھەرنىڭ پىلانلانغان ئولتۇراق رايون ئىكەنلىكى ۋە تۆت چاسا شەكلىدە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. خىتاي شەھەرلىرىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى، تۆت چاسا ئىكەنلىكى ۋە ئىچىدىكى ئىمارەتلەرنىڭ مەلۇم تەرتىپ بويىچە سېلىنىدىغانلىقىدۇر. شۇ ۋەجىدىن، قەشقەر ۋە باشقا جايلاردا بەرپا قىلىنغان بۇ «يېڭى شەھەر»لەر پىلانلىنىش جەھەتتە تامامەن خىتايغا خاس ئالاھىدىلىكلەرنى ئەكس ئەتتۈرگەن. قەشقەرنىڭ يېڭى شەھىرىگە سېلىنغان بۇ بىنالارنىڭ ئورۇنلىرىغا قارايدىغان بولساق، شەھەرنىڭ شەرقىي شىمالىنىڭ مەمۇرىي مەركەز، غەربىي شىمالىنىڭ بولسا تۈرمە ۋە قوشۇننىڭ قارارگاھى ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. غەربىي جەنۇب تەرەپ ئادەتتە ئوزۇق-تۈلۈك ساقلاش ئۈچۈن ئامبار ئورنىدا ئىشلىتىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا، بىز جەنۇب قوۋۇقنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە خىتاي ھۆكۈمرانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ساراي ۋە بۇتخانا قاتارلىق ئىمارەتلەر بارلىقىغا؛ قەلئەنىڭ سىرتىدا، ئوخشاشلا جەنۇب تەرەپتە خىتايلارنىڭ ئۆيلىرى ۋە مەمۇرلارنى كۈتۈۋېلىش بىناسى بارلىقىغا قارايدىغان بولساق، جەنۇبىي قوۋۇقنىڭ شەھەرنىڭ ئاساسلىق كىرىش ئېغىزى ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. ھەربىي مەشىق ئۈچۈن ئايرىلغان رايوننىڭ كونا شەھەر بىلەن يېڭى شەھەرنىڭ ئارىسىدىكى ئىكەنلىكىمۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر نۇقتىدۇر. كونا شەھەردە مەركەزدىن تەيىنلەنگەن مۇئاۋىن باتالىيون كوماندىرىدىن باشقا، خىتاي ياكى مانجۇ ئەمەلدارلىرى يوق بولۇپ، بۇ يەردىكى مۇسۇلمانلار ياتلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن يىراقتەك كۆرۈنەتتى. شۇڭلاشقا، (يېڭى شەھەر بىلەن كونا شەھەر ئارىسىدىكى) بۇ رايوندىكى ھەربىي مەشىقلەر ئارمىيە ئۈچۈن زۆرۈر مەشىق بولۇپلا قالماي، مۇسۇلمانلار ئۈچۈنمۇ ئاگاھلاندۇرۇش بولۇشى كېرەك ئىدى.
رايوندا يېڭى شەھەرلەرنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئەمەلىيەتتە مەمۇرىي تەشكىلىي قۇرۇلمىنىڭ نامايەندىسى ئىدى. چىڭ سۇلالىسى شۇ رەۋىشتە ئەمەلدارلارنى خەلقتىن ئايرىۋەتكەنىدى. چىڭ سۇلالىسى بۇ خۇسۇستا يېڭى شەھەرلەرنى بەرپا قىلىپلا قالماستىن، يەنە رايوندىكى ئەمەلدارلارغا قارىتا بەزى تەدبىرلەرنى بېكىتكەنىدى. مەلۇم بولغىنىدەك، مانجۇلار خىتاينى ئىستېلا قىلغان ۋە خىتايلارغا سېلىشتۇرغاندا نوپۇسى ئىنتايىن ئاز بولغان، خىتايغا يات ھېسابلىنىدىغان بىر قەۋم ئىدى. شۇ ۋەجىدىن، مانجۇلار 1644-يىلى خىتاينى بېسىۋالغاندىن كېيىن، كەڭ كەتكەن خىتاي زېمىنىدا ۋە غايەت زور خىتاي نوپۇسى ئىچىدە ئۆز كىملىكىنى يوقىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن، بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللاندى. ئۈچىنچى بۆلۈمدە تىلغا ئېلىنغىنىدەك، قوشۇننىڭ تۇغ ۋە گارنىزون (باتالىيون)نى ئاساس قىلغان ھالدا ئىككى ئايرىم سىستېمىغا ئايرىلغانلىقى بۇ تەدبىرلەردىن بىرىدۇر. يەنە بىر تەدبىر بولسا، «نەسەبدار» مانجۇلارنىڭ خىتايلار بىلەن توي قىلىشىنى چەكلەش ئىدى. بۇ جەھەتتىكى يەنە بىر ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى خىتايلارنىڭ سەددىچىننىڭ سىرتىغا چىقىشىنى ئىمكانقەدەر چەكلەش ئىدى. مانجۇلار بۇ تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۆز كىملىكىنى يوقىتىپ قويمايدىغانلىقىنى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقىنى ئويلىغانىدى. ئۇلار يەنە سەددىچىننىڭ شىمالىنى كۈتۈلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا قېچىپ بېرىپ پاناھلىنىشقا بولىدىغان جاي دەپ قارايتتى.
بۇ تۈپكى سىياسەت شەرقىي تۈركىستاندىمۇ ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن. ئالدى بىلەن، تىلغا مۇناسىۋەتلىك بىر يۈرۈش تەدبىرلەرگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرايلى. مەلۇم بولغىنىدەك، مانجۇلار خىتايدا ھاكىمىيەت تىكلىگەن مەزگىلدە مانجۇ ۋە موڭغۇل تىلى بىلەن بىللە خىتاي تىلىنىمۇ دۆلەت تىلى سۈپىتىدە قوللانغان ۋە بۇ سەۋەبتىن، مانجۇ ئەمەلدارلار خىتايچە ئۆگىنىشكە باشلىغانىدى. ھالبۇكى، چىڭ سۇلالىسى شەرقىي تۈركىستاندىكى مانجۇ ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتايچە ئۆگىنىشىنى چەكلەشكە ئۇرۇنغان. بۇ جەھەتتە، رايوندا ۋەزىپە ئۆتىگەن ئەمەلدارلار پات-پاتلا مانجۇلار ئەڭ كۆپ توپلاشقان ئىلى رايونىدا خىتاي تىلى ئۆگىتىدىغان مەكتەپ قۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ تەكلىپلەر قوبۇل قىلىنمىغان ۋە پادىشاھ چيەن لوڭ 1767-يىلى تۆۋەندىكىدەك پەرمان چىقارغان:
ئىلى رايونى تېخى ئەمدىلا تەسەررۇپىمىزغا ئۆتتى. گەرچە مانجۇ-موڭغۇل ئەمەلدار-ئەسكەرلەر بۇ رايوندا دائىمىي تۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەھۋالى خىتايدا دائىمىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەمۇرلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. بۇ يەرگە ئولتۇراقلاشقانلار ئىلگىرىكىدەك مانجۇچە ئۆگىنىشكە، ئات مىنىپ، ئوقيا ئېتىشنى مەشىق قىلىشقا ھېرسمەن ئەمەس. يەنە كېلىپ، بۇلارنىڭ خىتايچە ئۆگىنىشىنىڭ زادى نېمە زۆرۈرىيىتى بار؟ (358)
كېيىن ئوخشاش مەسىلە يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان ۋە بۇ خۇسۇستا تەكلىپ بەرگەن سۇڭ يۈنگە قارىتا، پادىشاھ جىيا چىڭ 1803-يىلى تۆۋەندىكىدەك پەرمان چىقارغان:
ئىلى رايونى چېگراغا جايلاشقان بولۇپ، يات ئەللەر بىلەن قوشنىدۇر (359). بۇ يەردە ئۈرۈمچىدىكىدەك ئايماق-ناھىيە سىستېمىسى تەسىس قىلىنمىغان. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ يەردىكى چېگرامىزنى قوغداش مەكتەپ ئېچىشتىنمۇ مۇھىمدۇر. ئەگەر بۈگۈن خىتايچە ئۆگىتىلىشكە باشلانسا، ھەربىي ئىشلارغا بولغان قىزىقىش تۆۋەنلەيدۇ ۋە بۇ خۇسۇسىيەت بارغانسېرى يوقىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە كەلگەن ئەسكەرلەر، دېھقانلار ۋە سودىگەرلەر قەغەز-قەلەم ئىشلىرىدىن ئانچە-مۇنچە خەۋەرداردۇر. ئىلگىرى، يوڭ زونىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتى مۇزاكىرە قىلىنغان ۋە ئېنىق رەت قىلىنغانىدى. سوڭ يۈننىڭ بۇ دوكلاتتىكى كۆز قارىشىمۇ يوڭ زونىڭكىگە ئوخشاشتۇر (361).
ھەر ئىككى ھۆججەتتىن مەلۇم بولغىنىدەك، شەرقىي تۈركىستان خىتايلار ئولتۇراقلاشقان رايون بولمىغاچقا، بۇ يەردىكى ئەمەلدارلارنىڭ خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشى ھاجەتسىز دەپ قارالغان؛ ھەتتا بۇ ئەھۋالدىن (يەنى مانجۇ-موڭغۇل ئەمەلدارلارنىڭ خىتايچە ئۆگىنىشىدىن) ئامال بار ساقلىنىشقا تىرىشىلغانىدى. بۇنىڭدىن سىرت، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمدارلىرىنىڭ «خىتايچە ئۆگىنىش خىتايلىشىپ كەتكەنلىكتۇر. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئاللىقاچان ئاجىزلاشقا باشلىغان ئات مىنىش ۋە ئوقيا ئېتىش قاتارلىق ھەربىي ماھارەتلەر تامامەن يوقىلىدۇ» دەپ قارىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال مانجۇلارنىڭ كونا تۇرمۇش ئۇسۇلىنى داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆز كىملىكىنى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مەلۇم بولغىنىدەك، ئىلى رايونى مانجۇ-جۇڭغار ئۇرۇشى مەزگىلىدە قۇرۇقدىلىپ قالغان ھەمدە بۇ يەرگە مانجۇ، موڭغۇل، خىتاي ۋە تۈركلەر يەرلەشتۈرۈلگەنىدى. ئىلى رايونى چېگراغا جايلاشقان ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغاچقا، چىڭ سۇلالىسىنىڭ مانجۇ ۋە موڭغۇللاردىن تەركىب تاپقان سەككىز تۇغ قوشۇنى ئاساسەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇشۇ رايونىغا جايلاشقانىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، قەشقەر رايونىغا سېلىشتۇرغاندا، ئىلىدا تۈرك نوپۇسى شالاڭ، خىتاي نوپۇسى كۆپرەك ئىدى. شۇڭلاشقا، ئىلىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ پەرمانلارنى خىتاينىڭ تەسىرى خېلى بەكلا تۆۋەن بولغان تارىم ئويمانلىقى ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە دەپ قاراشقا بولىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ مەمۇرلىرى ھېسابلىنىدىغان بەگلەرنىڭ مانجۇچە ئۆگىنىشى قارشى ئېلىنغان. بۇ مەسىلىگە قارىتا، پادىشاھ چيەن لوڭنىڭ بىر پەرمانىدا مۇنداق دېيىلگەن:
فۇ چۇنىڭ دوكلاتىغا كۆرە، ھاكىمبەگ مەمەت ئابدۇللاھ بىر مانجۇچە مەكتەپ ئېچىشنى ھەمدە شۇ يەردە ئۇنىڭ ۋە باشقا بەگلەرنىڭ بالىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەرلىرىگە قائىدە-يوسۇن ۋە مانجۇچە ئۆگىتىشنى تەۋسىيە قىلغان. بۇ ئىنتايىن ياخشى، ماختاشقا ئەرزىيدىغان تەكلىپتۇر. مەن پادىشاھ بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنىڭدىن تولىمۇ مەمنۇن بولدۇم. مەمەت ئابدۇللاھقا بىر توپ ئەتلەس سوۋغا قىلىش كېرەك. فۇچۇ بۇ تەكلىپنى ئويلىشىپ كۆرۈپ، مانجۇچە دەرسلەرنى ئۇيۇشتۇرسۇن ۋە بۇ مەكتەپكە ئۆزى خالاپ مانجۇچە دەرس ئۆتۈپ بېرىدىغان ئەمەلدارلارنى تاللىسۇن (362).
پەرماندىنمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، مانجۇچە ئۆگىنىشنى مەمەت ئابدۇللاھ ئىسىملىك ھاكىمبەگ تەۋسىيە قىلغان. بۇ تەكلىپ قارشى ئېلىنغان ۋە بەگلەرنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ مانجۇچە ئۆگىنىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بېرىش خۇسۇسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەن. چىڭ سۇلالىسى بۇ رەۋىشتە شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركلەرنى باشقۇرۇش ئۈچۈن قۇرغان ھاكىمىيەت ئاپپاراتلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان (يەرلىك) ئەمەلدارلارنىمۇ تەربىيەلەپ چىقالايتتى.
چىڭ سۇلالىسىنىڭ يەنە بىر تەدبىرى كىيىم-كېچەككە مۇناسىۋەتلىك ئىدى. مانجۇلارنىڭ ئۆز تىلى بار بولغىنىدەك، ئۆزىگە خاس كىيىم-كېچەكلىرى ۋە خۇسۇسىيەتلىرى بار ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى چاچ پاسونى ئىدى. مانجۇلار چېچىنى ئۇزۇن ئۆستۈرۈپ، قۇيرۇق شەكلىدە ئۆرۈۋالاتتى. مانجۇلار خىتايدا ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، دۆلەت ئاپپاراتلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان خىتايلارنىڭمۇ ئوخشاش شەكىلدە چاچ ئۆستۈرۈشى كېرەكلىكىنى بەلگىلىدى (363). لېكىن، بۇ بەلگىلىمىنىڭ پەقەت سەددىچىننىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا، خىتايلارغىلا قارىتىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا بولسا، بۇنداق بەلگىلىمە يولغا قويۇلمىغان. ھالبۇكى، بۇ رايوندا ۋەزىيەت تەتۈر تەرەققىي قىلىپ، بىر قىسىم شەرقىي تۈركىستانلىقلار مانجۇلارنى دوراپ، چېچىنى ئۇزۇن قۇيرۇقسىمان ئۆستۈرمەكچى بولغان. بۇ خۇسۇستا، چىڭ سۇلالىسىنىڭ قانۇنلار توپلىمىدىكى بىر ماددىدا شۇنداق دېيىلگەن:
دوكلاتلارنىڭ نەتىجىسىدە شۇنداق قارار چىقىرىلدىكى، ھاكىمبەگ ۋە باشقا تۆتىنچى دەرىجىلىك بەگلەرنىڭ، شۇنداقلا خانلىققا ساداقەتمەن ۋە پايدىسى يەتكەن كىشىلەرنىڭ ئوغۇللىرى ۋە نەۋرىلىرى چېچىنى قۇيرۇقسىمان ئۆستۈرمەكچى بولسا، بۇنىڭغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. بۇلاردىن باشقىلارنىڭ چېچىنى قۇيرۇقسىمان ئۆستۈرۈشى مەنئى قىلىنىدۇ (364).
بۇنىڭدىنمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، چىڭ سۇلالىسىغا خىزمەت قىلغان بەگلەردە تاشقى قىياپەتنى مانجۇچىلاشتۇرۇش دولقۇنى قوزغالغان، ئېھتىمال بەگلەر تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ ھۆكۈمدارلار تەبىقىسىگە قوشۇلۇش ئۈچۈن مانجۇلارغا ئوخشىۋېلىشقا تىرىشقان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، بۇنداق بولغاندا ئۇلار تاشقى قىياپىتى ئارقىلىق خەلقتىن پەرقلىنىپ تۇرالايتتى ۋە ھۆكۈمدار تائىپە سۈپىتىدە بۇنىڭدىن نەپ ئالالايتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۆۋەن دەرىجىلىك مەمۇرلارنىڭ چېچىنى قۇيرۇقسىمان ئۆستۈرۈشىگە يول قويۇلمىغان. چىڭ ھۆكۈمدارلىرى (شەرقىي تۈركىستاندىكى) بەگلەرنىڭ ئۆزىگە ياخشىچاق بولۇش ئىستىكىنى بايقىغان ۋە (ئۇلارنىڭ رايىغا ماس ھالدا) تۆۋەن ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئارىسىدا مۇشۇ شەكىلدە ئىمتىياز پەرقى يارىتىپ، قۇيرۇقسىمان چاچنى ئۈستۈن ماقامنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندۇرغان.
چىڭ سۇلالىسىنىڭ يەنە بىر تەدبىرى توي قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇلار مانجۇلارنىڭ خىتايلار بىلەن توي قىلىشىنى چەكلىگەندەك، شەرقىي تۈركىستاندىكى توي ئىشلىرىغىمۇ بىر قاتار چەكلىمىلەرنى قويغان. بۇلاردىن بىرى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ چېگراسى سىرتىدىكى رايونلاردىكى خەلقلەر بىلەن توي قىلىشنىڭ؛ شۇنداقلا مۇسۇلمانلار بىلەن خىتايلارنىڭ توي قىلىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى ئىدى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چېگراسى سىرتىدىكى رايونلاردىن قەشقەرگە ئەڭ كۆپ كېلىپ-كېتىدىغانلار خىتاي مەنبەلىرىدە «ئەندىجانلىقلار» دەپ ئاتالغان قوقەند خانلىقىنىڭ كىشىلىرى ئىدى. پادىشاھ چيەن لوڭنىڭ 1796-يىلدىكى بىر پەرمانىدا مۇنداق دېيىلگەن:
ئەندىجانلىقلارغا ياتلىق بولغان مۇسۇلمان قىزلارنىڭ ئەندىجانغا كېتىشىگە رۇخسەت بېرىلمەسلىكى كېرەك. لېكىن، بۈگۈنگە قەدەر بىر قانچە ئەۋلاد توي قىلغان كىشىلەر بولسا، ئۇلارنىڭ بۇ قېتىم كېتىشىگە رۇخسەت قىلىشقا بولىدۇ. مەھمۇد شېرىفنىڭ ئايالىغىمۇ مۇشۇ قائىدە تەدبىقلىنىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، مۇسۇلمان قىزلارنىڭ ئەندىجانلىقلار بىلەن توي قىلىشى قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ. قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارغا قاتتىق جازا بېرىلگەي! (366)
بۇنىڭدىن مەلۇم بولغىنىدەك، چىڭ سۇلالىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولمىغان جايلاردىن سودا ياكى باشقا مەقسەتلەر بىلەن قەشقەر رايونىغا كەلگەنلەرنىڭ يەرلىك كىشىلەر بىلەن توي قىلىش مەنئى قىلىنغان. يەنە مۇشۇ خۇسۇستا، پادىشاھ داۋ گۇاڭنىڭ 1829-يىلىدىكى پەرمانى تۆۋەندىكىچە:
مۇسۇلمان زېمىنىدىكى شەھەرلەردە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئەندىجان نوپۇسىنى تەكشۈرۈش ھاكىمبەگلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر. ئۇلار ھەر ئايدا نوپۇس ئۆزگىرىشىنى تەكشۈرۈپ، بۈيۈك مەمۇرىي مەھكىمىلەرگە دوكلات قىلىدۇ. ئەگەر ئەندىجانلىقلارنىڭ مۇسۇلمانلار بىلەن نىكاھ مۇناسىۋىتى بارلىقى بايقالسا، ئۇلار ئاجراشتۇرۇلىدۇ. (يەرلىك) مۇسۇلمانلار نىكاھ چەكلىمىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن جازالىنىدۇ، ئەندىجانلىقلار دەرھال چېگرا قاراۋۇلخانىلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ. ئەگەر ئۇلارغا كۆز يۇمۇلغانلىقى ئېنىقلانسا، مۇناسىۋەتلىك بەگ ئىشتىن بوشىتىلسا بولىدۇ. ئەگەر ھاكىمبەگ بۇ ئەھۋالنى بايقىمىغان بولسا، مەنسىپى بىر دەرىجە تۆۋەنلىتىلىپ باشقا يەرگە يۆتكىلىدۇ (367).
(داۋامى كېيىنكى ساندا)
«تارىخنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىدىن 19-ئەسىردىكى قەشقەر» ناملىق كىتابتىن ھېكمەتيار ئىبراھىم تەرجىمىسى
* نەقىل مەنبەلىرى ئۈچۈن ئەسەرنىڭ ئەسلى ئورگىنالىغا قارالسۇن.