چۈمۈلىدىن ئۆگىنىشكە تېگىشلىك رەھبەرلىك سەنئىتى
فىلو فالايى
(بۇ ئەسەر ئۇيغۇرلار ژۇرنىلىنىڭ 36-سانىدا ئېلان قىلىنغان)
چۈمۈلىلەرنىڭ تولىمۇ تەرتىپلىك ھالدا توپلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغان، ئىشچان جانىۋارلار ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم. ئەمما، چۈمۈلىلەردىكى «رەھبەرلىك سەنئىتى»نى ئاڭلاپ باققانلار تولىمۇ ئاز بولۇشى مۇمكىن. بىز بۇ ماقالىدە چۈمۈلىلەرنىڭ رەھبەرلىك سەنئىتىدىن مەنبەلەنگەن تۆت مۇھىم ئۆگۈتنى بايان قىلىمىز. بۇ ئۆگۈتلەرگە ئەمەل قىلسىڭىز، مۇۋەپپەقىيەت يولىڭىز تېخىمۇ راۋانلاشقۇسى!
دەۋرىمىزدە رەھبەرلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپ تولىمۇ يۇقىرى. تەلتۆكۈس ئۆزگىرىشلەر مەۋجۇت ھالىتىمىزنىڭ پاسىللىرىنى توختاۋسىز تەرزدە بۆسۈپ تۇرغاچقا، ماسلىشىشچانلىق، جانلىقلىق ۋە يىراقنى كۆرەرلىك قاتارلىق ساپالار نورمال ئۆلچەمگە ئايلىنىپ، قول ئاستىدىكىلەرنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ قابىلىيىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرالايدىغان، شۇنداقلا ئۆزىنىمۇ توختاۋسىز ئىسلاھ قىلىپ تۇرالايدىغان رەھبەرلەرلا يېتۈك رەھبەر ھېسابلىنىدۇ.
مەن چۈمۈلىلەرنىڭ تىپىك تۇرمۇش ئەندىزىسى ھەققىدە تەپەككۇر يۈرگۈزگىنىمدە، ئۇلارنىڭ مىسلىسىز ئەستايىدىللىقى ۋە شىجائىتىگە ھەيران بولىمەن. بۇ تەبىئىي ھالدا كاللامدا مۇنداق بىر سوئالنى پەيدا قىلىدۇ: چۈمۈلە نېمە ئۈچۈن ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە بۇنچە جاپالىق ئىشلەيدۇ؟ ئەلۋەتتە، بۇ سوئالنىڭ ئاللىقانداق سىرلىق جاۋابى يوق. ئۇلار ئاپەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن شۇنداق جاپالىق ئىشلىشىدۇ. ئەگەر چۈمۈلە توپى قىشقا تەييارلىق قىلمىسا، نېمە ئىشلار يۈز بېرىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟
مەن سىزنىڭ «ئەڭ ياخشىسىنى ئۈمىد قىلىپ، ئەڭ يامىنىغا تەييارلىق كۆر!» دېگەن سۆزنى قەلب خاتىرىڭىزگە يېزىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈمۈلىلەر قىشقا ھەرگىز سەل قارىمايدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇنداق قىلىشنىڭ تەلتۆكۈس ھالاكەتتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. تۆۋەندىكى ئۆگۈتلەر بۇ دەۋر ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە مۇھىم بولۇپ، بىز چوقۇم چۈمۈلىلەرنى ئۈلگە قىلىشىمىز كېرەك.
1. ئاساسسىز پەرەزنى قويۇپ، ئەڭ يامان ئەھۋالغا تەييارلىق قىلىڭ.
چۈمۈلىلەر ئۆزلىرىنىڭ قىشتىكى مەۋجۇتلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يازدا تىنىم تاپماي ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەيدۇ، پىلان تۈزىدۇ، تەييارلىق كۆرىدۇ ۋە پىلانلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ. چۈمۈلىلەر ئۆز مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئۈنۈملۈك پىلانلاش ۋە توپتوغرا ئىجرائاتقا باغلىق ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدۇ. ئەنە شۇنىڭدەك، رەھبەرلەر چوقۇم دىققىتىنى ئۆز نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈشى؛ كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارنى مۆلچەرلەشكە، تەسەۋۋۇر قىلىشقا، پىلانلاشقا ۋە تەييارلىق كۆرۈشكە ۋاقىت ئاجرىتىشى كېرەك.
2. ۋاقتىڭىزدىن ئەڭ يۇقىرى چەكتە پايدىلىنىڭ
چۈمۈلىلەر قىش كېلىشتىن نەچچە ئايلار ئىلگىرىلا قىشتىكى مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق كۆرىدۇ. بۇ رەھبەرلەرنى تىرىشچان بولۇشقا، ئىنچىكە پىلان تۈزۈشكە ئۈندەيدىغان كۈچلۈك ساۋاقتۇر. ۋاقىتنىڭ نە قەدەر مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىش ھەمدە ئىشنىڭ قىممىتىنى ئاساس قىلغان ئىچكى سىستېما ئارقىلىق ئىشلارنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنى باھالاپ چىقىش تولىمۇ مۇھىم.
3. كەلگۈسىگە تەييارلىنىش
كەلگۈسىنى ۋە مۇھىم ئىشلارنى نەزەردىن ساقىت قىلماڭ. چۈمۈلىلەر نېمىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ۋە پۈتۈن دىققىتىنى تامامەن شۇ ئىشقا مەركەزلەشتۈرىدۇ. ئۇلار پىلانلىق ھالدا قىش كېلىشتىن ئىلگىرىلا ئوزۇق-تۈلۈك توپلىۋالىدۇ. ئۇلارنىڭ پىلانى ئوزۇق-تۈلۈك تېپىش، ساقلاش ۋە تارقىتىش قاتارلىق ھالقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رەھبەرلەر ئىلگىرى تاپاۋەت قىلىنغان، توپلانغان ياكى ئېرىشىلگەن بايلىقلارنى سورۇپ تۈگىتىۋەتمەستىن، يېڭى بايلىقلارنى توپلىشى ۋە كۆپەيتىشى كېرەك. يىغىپ ئېيتقاندا، رەھبەرلەرنىڭ چوقۇم راھەت كۆرۈشنى كېچىكتۈرىدىغان ئادىتى بولۇشى ۋە بۇ ئادىتىگە ئىزچىل رىئايە قىلىشى كېرەك.
4. ئادەم كۈچىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش
قول ئاستىڭىزدىكى مۇۋاپىق كىشىلەر يوشۇرۇن كۈچىڭىزنى ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىمكانىيىتىڭىزنى ئاشۇرىدۇ. چۈمۈلىلەرنىڭ توپلىشىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشى تولىمۇ ھەيران قالارلىق ئەمەسمۇ؟ كۆڭۈلدىكىدەك كوللېكتىپ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ۋە مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئاچقۇچىدۇر.
چۈمۈلىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدىكى مۇۋاپىق ئەزالارنى ئوزۇقلۇق توپلاش ۋەزىپىسىگە مەسئۇل قىلىشىدۇ. مەن بۇ كوللېكتىپنى بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە، دىققىتىنى پۈتۈنلەي مەركەزلەشتۈرگەن ھالدا، تولۇپ-تاشقان قىزغىنلىق بىلەن خىزمەت قىلىدۇ، دەپ ئويلايمەن. شۇنىڭدەك، رەھبەرلەرنىڭمۇ كىمنىڭ ئۆز كوللېكتىپىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ۋە قاچان باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش كېرەكلىكىنى بىلىۋېلىشى زۆرۈر. توغرا پەيتنى تاللىغان توغرا كوللېكتىپ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ.
ئىنگىلىزچىدىن ھېكمەتيار ئىبراھىم تەرجىمىسى
مەنبە:
https://www.forbes.com/sites/forbescoachescouncil/2020/01/30/four-lessons-ants-can-teach-us-about-leadership/?sh=7650e26d580c