ئۇيغۇريول مۇنبىرى - ئىشىلتىش بەلگىلىمىسى

“ئۇيغۇريول مۇنبىرى” (تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا “بىز”, “مۇنبىرىمىز”, “بىزنىڭ”, “ئۇيغۇريول مۇنبىرى”, “https://uyghuryol.com/forum”) غا تىزىملىتىش ئۈچۈن , سىز چوقۇم تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى تەپسىلىي ئوقۇپ بىزنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىمىزگە رىئايە قىلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر ئۇلارغا قوشۇلغىڭىز كەلمىسە، بىزنىڭ مەسلىھەتىمىز ئەڭ ياخشىسى مۇنبىرىمىز “ئۇيغۇريول مۇنبىرى” گە تىزىملاتماڭ. ئەگەر قائىدە-تۈزۈملىرىمىزدە ئۆزگىرىش بولۇپ قالسا بىز چوقۇم ئامال بار سىزگە خەۋەر قىلىمىز. سىزنىڭ مۇنبەرنى داۋاملىق ئىشلەتكىنىڭىز ئۇ ئۆزگەرتىشلەرگىمۇ قوشۇلغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.

مۇنبىرىمىزگە ئەزا بولۇشىڭىزنى ۋە ئەركىن پىكىر بايان قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
ئۇيغۇريول مۇنبىرى ئاشكارا مۇنازىرە مۇنبىرى بولۇپ، توردا پىكىر بايان قىلىش (يازما يوللاش) ئالدىدا چوقۇم تۆۋەندىكى قائىدىلەرگە بويسۇنىشىڭىز كېرەك.
1. باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە، ئىززەت-ھۆرمىتىگە، ئىناۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى، كەمچىلىكىنى، ئەيىپلىرىنى ئاشكارىلايدىغان، كوللېكتىپ ۋە ئاممىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرز قىلىدىغان تۆۋەندىكىدەك مەزمۇن، يازمىلارنى مۇنبەردە ئېلان قىلىشقا، باشقا ئورۇندىن كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ:
(1)تۇرۇۋاتقان دۆلەتنىڭ ئاساسى قانۇن، جىنايى ئىشلار قانۇنى، مەمۇرىي قانۇنىغا خىلاپ يازمىلار؛
(2)تۇرۇۋاتقان دۆلەتنىڭ قانۇن-سىياسىتى ۋە قائىدە-تۈزۈملىرىگە قارشى يازمىلار؛
(3)ئاساسىي مۇنازىرە ئەخلاقىغا يات بولغان يازما ۋە ئىنكاسلار؛
(4)مىللىي، دىنىي ئۆچمەنلىك، مىللىي، دىنىي كەمسىتىش تۈسىنى ئالغان ۋە ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان يازمىلار؛
(5)ھەقىقەتنى بۇرمىلاپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلىدىغان، جەمئىيەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇدىغان يازمىلار؛
(6)خۇراپىي، بىدئەت، قىمار ئويناش، تېررورلۇققا مۇناسىۋەتلىك يازمىلار؛
(7)شەخسىنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان، ھاقارەتلەيدىغان ۋە باشقا يامان غەرەزدىكى يازمىلار؛
(8)تۇرۇۋاتقان دۆلەتتىكى دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىناۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان يازمىلار؛
(9)رۇخسەتسىز ئېلان قىلىنغان سودا ئېلانى خاراكتېرىدىكى يازمىلار؛
(10)تۇرۇۋاتقان دۆلەتنىڭ قانۇن-سىياسىتىگە خىلاپ باشقا يازمىلار؛

2. مۇنبەردىكى ئەزالار بىر-بىرىنى ھۆرمەتلىشى، ئېلان قىلغان ھەر قانداق يازمىسىغا ئۆزى مەسئۇل بولۇشى، مۇنبەر قائىدە-تەرتىپىگە ۋە مۇنازىرە ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشى كېرەك. بىردەكلىكىنى ساقلىشى كېرەك؛
3. يېڭى ئەزا بولغۇچىلار يازما يوللاشتىن ئاۋال مۇنبەردىكى تەۋسىيە قىلغان تېمىلارنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىشى، يازمىلارنىڭ يېڭى، پايدىلىق بولۇشىغا دىققەت قىلىشى، ئوخشاش مەزمۇندىكى يازمىلارنىڭ تەكرار يوللىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، ماقۇللاش-تەستىقلاش خاراكتېردىكى ئىنكاس ۋە يازمىلارنى يوللىماسلىغى كېرەك؛
ئەگەر يۇقىرىدىكىلەرگە خىلاپ يازمىلار بايقالسا، مەسئۇل خادىملارنىڭ ئۆچۈرۈۋېتىش ھوقۇقى بار. ئەگەر يوللىغان يازمىسى سەۋەبلىك بىرەر مەسىلە چىقسا يوللىغۇچى ئۆزى مەسئۇل، مۇنبىرىمىز مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ.


ئالدىنقى بەتكە قايتىش