ئۇيغۇردىكى بۈيۈك مىللىي ئويغىنىش

ئويلىنىش، مۇلاھىزە، تەپەككۇر
باش سۈرەت
Uyghuryol
يازمىلار: 264
تىزىملانغان ۋاقتى: سېنتەبىر 28, 2018, 7:34 am

ئۇيغۇردىكى بۈيۈك مىللىي ئويغىنىش

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Uyghuryol » نويابىر 16, 2018, 11:58 am

ئۇيغۇردىكى بۈيۈك مىللىي ئويغىنىش
ئابدۇۋەلى تۇرسۇن

(بىڭتۇەن مىللىي پېداگوگىكا مەكتىپى)


جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيىتى بار . ئۇ بولسىمۇ جەمىيەت توختىماي تەرەققى قىلىدۇ ، ئىلگىرىلەيدۇ ، ئالغا باسىدۇ ، گەرچە پۈتكۈل ئىلگىرىلەش جەريانىدا قىسمەن دائىرىلىك ياكى قىسقا ۋاقىتلىق كەينىگە چېكىنىش كۆرۈلۈپ تۇرسىمۇ . ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماس كېلىشى كېرەك . ئۈستقۇرۇلما ئىقتىسادىي بازىسقا ماس كېلىشى كېرەك . ماس كەلمىگەندە ئىنقىلاپ ياكى ئىسلاھات بولۇپ ، بۇ ئىش ۋۇجۇتقا چىقىدۇ . شۇنىڭ بىلەن جەمىيەت يەنە ئىلگىرىلەش يولىغا كىرىدۇ . مانا بۇ جەمىيەت تەرەققىياتىدىكى ئوبىكتىپ قانۇنىيەتتۇر.
بىر مىللەت بىر جەمىيەت ياكى ئۇنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ تەرەققىياتىمۇ قانۇنىيەت بويىچە بولىدۇ . بۇمۇ ئوخشاشلا ئىلگىرىلەش ، ئالغا بېسىش، زامانىۋىلىشىشقا قاراپ مېڭىشنى ئاساسىي ئېقىم قىلىپ كەلگەن . مىللەت تەرەققىياتىدىمۇ مەلۇم مەزگىللىك چېكىنىش ياكى بېكىنمىچىلىك كۆرۈلسىمۇ ئومۇمىي يۈزلىنىش يەنىلا ئۈزلۇكسىز مۇكەممەللىشىش ، تەرەققى قىلىش تارىخى بولغان .
ئۇيغۇر مىللىتىمۇ ئەلۋەتتە بۇ ئەھۋالدىن مۇستەسنا ئەمەس . بىز مىللىتىمىزنىڭ تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق نۇرغۇن داۋالغۇشقا ، بەزىدە چېكىنىشكە دۇچار بولغان . ئەمما مىللىتىمىزنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى يەنىلا ئالغا بېسىش تارىخى ، ئىلگىرىلەش تارىخىدۇر.
قانۇنىيەت بولغان ئىكەن ئىنسانلار پەقەتلا قانۇنىيەتنى بىلىشى ، ئۇنى ئىگەللىشى ۋە قانۇنىيەت بويىچە ئىش كۆرۈشى كېرەك . ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ئىقتىسادىي قانۇنىيەتكە بوي سۇنۇش كېرەك .بىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا بۇ قانۇنىيەتكە خىلاپلىق قىلىپ ، مۇھىتنى بۇزۇش نەتىجىسىگە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغان ئىدۇق ، ھازىر قانۇنىيەتكە بويسۇنمىغانننىڭ زىيىنىنى تارتىۋاتىمىز . ھەتتاكى بۇ بەدەل بەزى جايلاردا ھايات بەدىلىگە بولۇۋاتىدۇ .مۇتەخەسىسلەر بىزنىڭ يۇقىرى بولغان GDPنى مۇھىت بولغاش ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۇرۈپ ئانالىز قىلغاندا بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭGDPسىنىڭ ئۆسۈش پىرسەنتىنىڭ ئەمەلىيەتتە يېرىمى تۆۋەنلەپ كېتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى . مەدەنىيەت تەرەققىياتىمۇ قانۇنىيەتكە بويسۇنۇشى كېرەك . شۇنداق قىلغاندا مىللەت ئاندىن ئالغا باسىدۇ. مىللىيلىكنى ، ئىسل ئەنئەنەلىرىنى ساقلاپ قالالايدۇ ۋە ئۇنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈلەيدۇ .ئەگەر ئۇنىڭنغا خىلاپلىق قىلىدىكەن چېكىنىش كېلىپ چىقىدۇ ، رىياللىق تەرىپىدىن شاللىۋېتىلىدۇ . بۇنىڭ ئۇچۈن بەدەل تۆلەيدۇ .

1 ، ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي ئويغىنىش ھەركىتى
يېقىنقى 5 يىلدىن بۇيان مىللىتىمىز ئىچىدە ئۆزىنى ئىزدەش ، ئۆزىنى تونۇش ، ئۆزىنى تونۇتۇش ، مىللىي ھېسسىيات ، مىللىي ئاڭ ،مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ۋە مەۋجۇلىقى ، مىللىي مەدەنىيەتىنى ساقلاش ، تەرەققى قىلدۇرۇش ئىدىيىۋى ئېقىمى كەڭ تۇردە مەۋجۇت بولۇپ كەلدى . بۇنى بىر بۈيۈك مىللىي ئويغىنىش ھەركىتى دېسەك خاتالاشمايمىز .بۇ يەردىكى مىللىي ئويغىنىش باشقا نەرسىنى كۆرسەتمەستىن مىللەت ئەزالىرىنىڭ مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ، مىللىي مەدەنىيەتنى ساقلاپ قېلىشقا بولغان كۈچلۈك ئارزۇ -ئىستىكىنى ۋە ئىرادىسىنى كۆرسىتىدۇ . مىللەت مىللەت بولۇپ شەكىللىنىپ ، بۇنداق كەڭ دائىرىلىك ئۆز - ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈش بولۇپ باقمىغان . ھازىر ئىككى زىيالىلا ئەمەس ھەتتا ئىككى دېھقان ، ئىككى ئىشچى ، ئىككى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىىسى بىر يەرگە كەلسىمۇ مىللىي مەۋجۇتلۇق ھەققىدە گەپ قىلىشىدىغان ، مۇلاھىزە قىلىشىدىغان ئەھۋال شەكىللەندى . يېقىندىن بۇيانقى تور تۇرمۇشۇمدىن شۇنى ھېس قىلىدىمكى مىللىي مەۋجۇتلۇق ، مىللىي مەدەنىيەت ، مىللىي تارىخ ، مىللىي تەرەققىيات ھەققىدىكى تېمىلارنىڭ كۆرۈلشى باشقا ھەرقانداق تېمىدىن نەچچە ھەسسە ، ھەتتا نەچچە ئون ھەسسە كۆپ بولىدىكەن . بۇ نىمىنى چۇشەندۇرىدۇ دېگەندە بىزنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇق ، مىللىي مەدەنىيەت ئەنەئەنىمىز ھازىر ھەقىقەتەن ئاچا يول ئېغىزىغا كېلىپ ، كىرزىس ، بۆھران ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ . قاياققا مېڭىش - مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا تەقدىرىمىزنى ، بىز ئەڭ كۆڭۈل بۆلۇۋاتقان مەۋجۇتلىقىمىزنى بەلگىلەيدۇ . ئۇيغۇر مىللىتى مەدىنىيەت ئاساسى پۇختا بولغانلىقى ئۈچۈن، توپلىشىپ ياشاش مۇھىتى بەك زىچ بولۇپ، سىغدۇرۇشچان بولمىغاچقا ھازىرغىچە نۇرغۇن سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلىدى . ھازىر مىللىتىمىزنىڭ ھەربىر پۇقراسى بۇ خىل مەدىنىيەت ئاساسىنىڭ تەۋرىنىپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ . باشقا مىللەتلەردىمۇ بۇ خىل ئەھۋال بولغان . ھەتتاكى بۇرۇن ئىنگىلىز تىلىدىكى گېزىتلاردىن رۇسلار ، فرانسۇزلاردەك چوڭ مىللەتلەرمۇ ئۆزىنىڭ تىل ساپلىقىنى قوغداش(ئىنگىلىز تىلىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى توسۇش) ئۇچۈن چارە -تەدبىر قوللىنىپ ، بۇ ھەقتە مەخسۇس سىياسەت چىقارغانلىق ھەققىدىكى ماقالىنى ئوقۇغان ئىدىم . دېمەك بۇ ھېسسىيات ھەممە مىللەتتە ئورتاق دېگەن سۆز . مىللىتىمىز ياشىلىرى ھازىر بۇ كىرزىس ، بۇ خىرىسلارنى ھېس قىلىپ ، بىر جەھەتتىن بۇ يولدا توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ ، يەنە بىر تەرەپتىن گاڭگىراپ ، بىر يول كۆرسىتىلىپ بېرىلىشىنى ئارزۇ قىلىۋاتىدۇ . بۇنى ياخشى ئەھۋال دېمەي تۇرالمايمىز . چۈنكى مۇشۇنداق بولغاندا ئاندىن مىللىي روھ ئۇرغۇيدۇ ، مىللەت ئەزالىرى مىللەت ئىشلىرىغا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ . ئۆز مەۋجۇتلىقى ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ ۋە يول تاپىدۇ .بۇ دەل خەنزۇ خەلقىنىڭ 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ،20- ئەسىرنىڭ بېشىدا پەيدا بولغان مىللىي ئويغىنىش ھەركىتى ، مىللەتنى قۇتۇلدۇرۇش ھەركىتى بىلەن ئوخشايدۇ . ‹‹زىمىندا ئەسلى يول يوق ئىدى ، ماڭىدىغان كىشىلەر كۆپەيگەچكە يول ھاسىل بولغان ›› دېگەندەك بۇ تېخى بىرىنچى قەدەم ، مۇشۇنداق يول مېڭىش ئارزۇسى ، ئىرادىسى پەيدا بولغاندىن كېيىن يول ماڭىدىغانلار چىقىدۇ . ماڭىدىغانلار چققاندىن كېيىن يول چوقۇم ئېچىلىدۇ.
تەلىيىمىزگە ھازىرقى دۇنيا كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا ، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت تەكىتلىنىۋاتقان دۇنيا . دۆلىتىمىزنىڭ ماناسىۋەتلىك سىياسەت ۋە قانۇنىلىرىدىمۇ كۆپ مەنبەلىك مەدىنىيەتنىڭ مەۋجۈت بولىشى ، قوغدىلىشى تەكىتلەنگەن . ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەدىنىيىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ ، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا مۇناسىپ ئورۇن بېرىلىدۇ . دىمەك بىز بۇ ھەقتە ئىزدەنسەك بىزگە ئاشۇنداق ئىزدىنىش بوشلۇقى ھازىرلانغان . مېنىڭچە بۇ مىللەت يولباشچىلىرى بولغان مىللەت رەھبەرلىرىنىڭ ، مىللەت ئىلغارلىرى سانىلىدىغان زىيالىلارنىڭ بۇرچى .

2، مىللىتىمىز دۇچ كېلىۋاتقان مەدەنىيەت كىرزىسى
مەدەنىيەت كىرزىسى - بۇ دۇنياۋى مەسىلە . ھازىرقى دۇنيادا مەدەنىيەتلەر بىرگە مەۋجۇت بولۇش جەريانىدا چوڭ مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى كىچىك مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى بېسىپ كېتىدىغان ، بەزىدە توقۇنۇشۇپمۇ قالىدىغان ، بەزىدە ئۆز ئارا قوبۇل قىلىشىپ سىڭىشىپ كېتىدىغان ، قوشۇلۇپ كېتىدىغان ، بەزىدە تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ھادىسە مۇۋجۇت . موڭغۇلىيە، كورىيە ۋە ياپونىيە تىپىك ھالدىكى ساپ بىر خىل مەدەنىيەت مۇھىتى ئىچىدە تۇرۇۋاتقان مىللەت . ئامېرىكا ، كانادا قاتارلىقلار تىپىك ھالدىكى ئارىلاشما مەدەنىيەت ھالىتىدىكى دۆلەت . بىز ئۇيغۇرلارمۇ تىپىك ھالدىكى ئارىلاشما مەدەنىيەت ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان مىللەت . كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ دېگەن سۆز بار . ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن ئارىلاش ياشاپ كېلىۋاتقىنىغا ئۇزۇن زامان بولدى . بۇ بىزنىڭ ئىردىمىزگە بېقىپ ئۆزگىرىدىغان ئەھۋال ئەمەس . مۇھىت ئوخشىمىغان ئىكەن شۇ ئوخشىمىغان مۇھىت ئالاھىدىلىكىدىن چىقىپ مەسىلىلەرنى ئويلاش كېرەك . ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىشلىرىنى يەككە مەدەنىيەت ھالىتىدىكى مىللەتلەرگە سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىش ۋە خۇلاسە قىلىشتىن توغرا يەكۇن كېلىپ چىقمايدۇ . بۇ ئالاھىدىلىك زادى نىمە ؟
ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان بۇ دىياردا بىزدىن باشقا يەنە سانى نىسبەتەن كۆپ بولغان مىللەتتىن 13 بار . بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇ مىللىتىنىڭ نوپۇسى كۆپ ، ئۇلارنىڭ ئۆرپ - ئادەت ، ئېتىقاد ئەنئەنەسى بىز بىلەن تۈپتىن ئوچشىمايدۇ، پەن - مەدەنىيەتتە ئالغا كەتكەن ، كۈچلۇك ئىقتىساد، پەن- تېخنىكا ۋە باشقۇرۇش كۈچى بار ، دۇنيادىمۇ باشقا دۆلەت ۋە مەدەنىيەتلەرگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ . بەزى ساھەلەردە يېتەكچىلىك رول ئويناپ كېلىۋاتىدۇ . بىز ئاشۇنداق چوڭ مىللەت بىلەن ئارىلىشىپ ياشاۋاتىمىز . بۇ بىزنىڭ بۇ مىللەتلەر بىلەن بىرگە ياشاپ ، بىرگە تەرەققى قىلىشىمىز لازىملىقىنى ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە توغرا يوللار بىلەن مىللىي مەدەنىيەتنى ساقلاپ قېلىشىمىز لازىملىقىنى ، شۇنداق بولغاندا ئاندىن جوڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسى ئىچىدىكى بىر ئۆزگىچە گۈل بولالايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . مانا بۇ بىز ياشاۋاتقان مۇھىتنىڭ ئالاھىلىكىدۇر.
بىر مىللەت تەرەققى قىلىش ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە مىللىي مەۋجۇتلىقنىمۇ تەڭ ساقلاش مەسىلىسىنى تىلغا ئالغاندا مىللەت ئەنئەنىسى بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ مۇناسىۋىتنى تەتقىق قىلىشقا ، ئىككىسىنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى قانداق ئىشقا ئاشۇرىمىز دېگەنگە جاۋاپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ . بۇلار ئاساسەن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ:
1 ، يەر شارىلىشىش كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان ، چوڭ مىللەتلەر بىلەن كىچىك مىللەت مەدەنىيىتى بىرگە تۇرۇش ئۆزگەرمەس رىيالللىققا ئايلانغان ، سىياسى ھاۋا مىللەت مەدەنىىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ تۇرۇۋاتقان مۇھىتتا بىز زادى باشقا مىللەت مەدەنىيىتىگە قانداق پوزىتسىيە تۇتۇشىىمىز كېرەك؟ باشقىلارنىڭ ئىلغار مەدىنىيەتنى قوبۇل قىلىش كېرەكمۇ - يوق ؟
2 ، ئىلغار دىيىلگەننىڭ ھەممىسى بىزگە مۇۋاپىق كېلەمدۇ؟ قوبۇل قىلغاندا قانداق قوبۇل قىلىش كېرەك ؟ تاللاپ قوبۇل قىلىش ، شاللىۋېتىشنى قانداق قىلىپ ، ئەمەلىيەتتە ھەقىقى رەۋىشتە نامايەن قىلىش كېرەك؟ ئۆزىمىزنىڭ قايسى مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى چوقۇم ساقلاپ قېلىش كېرەك ؟ قايسىلىرى شاللىنىپ كەتسىمۇ مەيلى دىيىش كېرەك ؟
3 ، باشقا مەدىنىيەتنى قوبۇل قىلىش قىلىش بىزنىڭ مىللىي مەدەنىيەتنىڭ نېگىزى ۋە يىلتىزى بولغان تىل، دىنىي ئېتىقاد ۋە ئۆرپ ئادەتكە خىرىس پەيدا قىلغاندا قانداق تەدبىر بىلەن بۇ خىرىسنى يېڭىش كېرەك؟ قوبۇل قىلىش بۇلارنى يوقىتىۋېتىشتىن دېرەك بېرىدىغان بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟
بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرىنچى مەسىلە مۇھاكىمە قىلىدىغان مەسىلە ئەمەس . بۇرۇنقىلار بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىپ بولغان . يەنى بىز چوقۇم ئىنسانىيەت ياراتقان بارلىق مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزلەشتۇرۈشىمز كېرەك . شۇنداق قىلماي بولمايدۇ . ئەمەلىيەتتە بىز شۇنداق قىلىپ كېلىۋاتىمىز . مەكتەپلەردە بالىلىرىمىز ئۆگىنىۋاتقان ئىلىم - پەن بىلىملىرى دەل شۇنداق مەدەنىيەتتۇر . بىز تۇرۇۋاتقان مۇھىت ، ئىساندىكى ماددى ۋە مەنىۋى ئېھتىياج ئاشۇنداق قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن . . بۇنداق قىلمىغاندا بېكىنمە ھالەتتە تۇرۇپ قالىمىز ، تەرەققىياتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. مىللىتىمىز خەلقىنى بەخت -سائادەتلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۇرگىلى بولمايدۇ.
ئىككىنچى مەسىلىگە كەلسەك قوبۇل قىلغاندا چوقۇم شاكىلىنى چىقىرىۋېتىپ ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىشىمىز ، قوبۇل قىلىپ ، ئۆزىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇىشىمىز ، قوبۇل قىلىش ئارقىلىق تەرەققى قىلىشىمىز ، زامانىۋى مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىمىز، زامانىۋىلىق بىلەن مىللىلىكنى بىرلەشتۇرۈش يولىدا مېڭىشىمىز كېرەك . تۇرمۇش مەدەنىيىتىدىكى مېغىز نىمە ، شاكال نىمە دېگەنلەرنى كىم ئايرىپ بېرىدۇ؟ بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېيتساق خەلق ئۆزى ، ۋاقىت ئايرىپ بېرىدۇ .
بەزى نەرسىلەرگە ئەنئەنە دەپ بەك ئېسلىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق . ھەم ئۇنداق ئېسىلىۋالغانلىق بىلەن ئۇ نەرسە ساقلىنىپ قېلىنىشىمۇ ناتايىن. مەسىلەن :ھازىر بىز يېزىلاردىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈۋاتىمىز ، ھېس قىلىۋاتىمىز . بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ كىشىلەر تۇرمۇشىغا ئېلىپ كەلگەن قولايلىقلىرىنى كۆرمەي ، بەزى پاسسىپ تەرەپلەرگە ئېسىلىۋېلىپ ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىز تەسىرگە ئۇچرىدى دەپ قاقشىساق بولمايدۇ . ئەڭ ئاددىسى بىز كىچىك ۋاقىتلاردا ئوينىلىدىغان بالىلار ئويۇنلىرى ھازىر ئوينالمايدۇ . بۇنىڭ سەۋەبى زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ تەسىرى بىلەن ئەنئەنىۋى ئادەتلەرنىڭ بەزىلىرى ئۆزگىرىشكە باشلىىدى . مەسلەن: ھازىر يېزىلاردا ئەينى چاغدا بىز ئوينىغان ئويۇنلار يوق .ئۇنىڭ ئورنىنى تېلىۋىزور كۆرۈش ، تورغا چىقىش ، قول تېلىفون ئويناش دېگەنلەر ئىگەللىدى . بۇلارنى بىزنىڭ قوبۇل قىلماسلىقىمىز مۇمكىنمۇ ؟ بۇ مۈمكىن ئەمەس . گەرچە بۇلارنىڭ تەسىرى بىلەن يېزىلاردىكى بەزى ئەنئەنىلەر ئۆزگىرىشكە باشلىغان بولسىمۇ ، ئۇلار يوقىلىشقا قاراپ ماڭغان بولسىمۇ بىزنىڭ يەنە جاھىللىق بىلەن ئۇنىڭ كىرىشىنى توسۇشقا ئامالىمىز يوق . ھەم ئۇنداق قىلىش تارىخنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە پۇت ئاتقانلىق بولىدۇ . بەزى يولداشلار بۇنى كۆرۈپ تۇرسىمۇ ، بىلىپ تۇرسىمۇ ئەمما ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايۋاتىدۇ . مەيلى ئېتىراپ قىلايلى ياكى قىلمايلى رىياللىق بىزگە باقمايدۇ. ئىشلار ئۆزىنىڭ يولى بويىچە تەرەققى قىلىپ مېڭىۋېرىدۇ . بىزنىڭ بۇ رىياللىققا تەن بەرمەي باشقا ئامالىمىز يوق .
دەل شۇلارنىڭ تەسىرىدە دېھقانلىرىمىز بىز قوبۇل قىلغان ئۇچۇرلارنى بىزگە ئوخشاش دەل ۋاقتىدا قوبۇل قىلىپ ، زامانىۋى مەدىنىيەتنى قوبۇل قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ شەيئىلەر مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۇرۈشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە . شۇڭا بۇنى ئىلغار مەدەنىيەت دەيمىز . يەنە ئالساق بىزدە قوشنىلار ئارا تاماق سۇنۇشۇش ئەسلى ناھايىتى ياخشى بولغان ئەنئەنە . ئەمدى ھازىر بۇ ئەنەنە شەھەرلەردە تەل- تۆكۈس يوقالدى . يوقالدىلا ئەمەس ئۆتكەنكىگە ئوخشاش باشقىلارغا ياردەم قىلىش ئىشىنىمۇ ئويلىشىپ قىلىشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ. يەنە مەسىلەن : تۈنۈگۈنلا تېخى توردىن ‹‹ بىزدىكى قوشنىدارچىلىق يوقاپ كېتەرمۇ ››دېگەن ماقالىنى كۆردۈم .بۇ ماقالىدىكى ئىدىيىمۇ بۇ نۇقتىنى چۇشەندۇرۇپ بېرىدۇ . بۇلارنى چوقۇم ساقلاپ قالىمىز دەپ كۈچەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق . بەزى مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنە مەلۇم تارىخىي دەۋرىدە پەيدا بولىدۇ ،يەنە مەلۇم دەۋرىدىن كېيىن يوقىلىدۇ . كونىنىڭ ئورنىنى يېڭىسى ئالىدۇ . قالاقراق بولغان مەدىنىيەت ئىلغارراق بولغان مەدەنىيەتكە ئۇرۇن بوشىتىدۇ . تۇرمۇش مەدەنىيىتىدە مەڭگۈ مەۋجۇت بولىدىغان مەدىنىيەت مەۋجۇت ئەمەس . مەسىلەن:30 يىلنىڭ ئالدىدا توي مۇراسىمىدىكى نۇرغۇن قائىدە يوسۇنلار ھازىرقىغا ئوخشىمايتتى. دېمەك بەزى مەدەنىيەتلەر قېلىپ قالدى . بەزىلىرى يېڭىدىن پەيدا بولدى . ھازىر ئۆزىمىزگە خاس بولغان ، باشقا مىللەتنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان توي مەدەنىيىتىمىز بار . بۇنداق مەدەنىيەتلەر بىزنىڭ ئىرادىمىزگە باغلىق بولمىغان ھالدا پەيدا بولىدۇ ، مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن يەنە يوقىلىدۇ.باشقا مەدەنىيەتتىمۇ مۇشۇ ئەھۋال بار، پەقەت ۋاقىت پەرقى بولۇپ ، بەزىلىرى ئۇزۇنراق ۋاقىتتا ئىپادىلىنىشى ،بەزىلىرى قىسقىراق ۋاقىتتا ئىپادىلىنىشى مۇمكىن .
شۇڭا شۇنداق دېسەك خاتا بولمايدۇكى جاھاننىڭ ئىشلىرى بىز ئويلىغاندەك ماڭماي بەلكى ئۆزىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى بويىچە ماڭىدۇ . ياشاش ئىنسان تەبئىتى ، ياخشى ياشاشمۇ ئىنسان تەبئىتى . شۇڭا ھەرقانداق مىللەت كىشىلىرىنىڭ تەرەققىيات يولىدا ئىزدەنمەسلىكى مۈمكىن ئەمەس . گەپنىڭ نوچىسى تەرەققىيات ، خەلقنىڭ ئارزۇسى تەرەققىيات . تەرەققىياتتا كەينىدە قالغان مىللەتنى باشقىلار تونۇمايدۇ ، ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشەلمەيدۇ . ئىلغارلىققا قاراپ مېڭىش - دۇنيانىڭ ئاساسىي ئېقىمى . بەزى نەرسىلەر بىز خالايلى ياكى خالىمايلى ھامان بولىدۇ . ئۇ بىزنىڭ ئىرادىمىزگە باغلىق ئەمەس . شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئىدىيىنى يېڭىلاپ ، تەرەققىياتنى قوبۇل قىلىشىمىز ، تەرەققىياتقا ماسلىشىشىمىز كېرەك . ئۇ ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن مەنپەئەتلىنىش كېرەك . ئۆزگەرتىش مۈمكىن بولمىغان ئىشنى ئۆزگەرتىمەن دىمەي ، ئەڭ ياخشىسى ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىش ، ماسلىشىش ئەڭ ئاقىلانە ئۇسۇل . بىزدىكى‹‹ زامان ساڭا باقمىسا سەن زامانغا باق›› دېگەن ھېكمەتلىك سۆز دەل مۇشۇنى كۆرسەتسە كېرەك .
مەسلىنىڭ يادروسى ئۈچىنچى مەسىلىدۇر . مىللەتنى مىللەت قىلىپ تۇرىدىغان تۈپ ئالاھىدىلىك تىل يېزىق، ئېتىقاد ، ئۆرپ- ئادەت ، ۋە ئۇزاق مەزگىلىلك تۇرمۇش جەريانىدا شەكىللەنگەن مىللىي روھ بولۇشى مۇمكىن . بۇلار يوقالسا مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇش بەلگىلىرى يوقالغان بولىدۇ . بۇ نەرسىلىرى يوقالغان مىللەتنى مەۋجۇت دىيىشكە بولمايدۇ . بىزدىكى ھەربىر ئادەمنىڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقىنى دەل مۇشۇ مەسىلىدۇر. بىز باشقا مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلغان ، ئۇنىڭ بىزگە كىرىشنى توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان رىيال ئەھۋالدا ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىپ ، قوبۇل قىلىش بىلەنلا قالماي ، مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق بەلگىسى بولغان بۇ نېگىزنى ساقلاشتا چىڭ تۇرۇش ، بۇنىڭ ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش ، بەدەل تۆلەش كېرەك . ئەمما قانداق ساقلاپ قېلىش كېرەك دېگەندە كىشىلەرنىڭ قارىشى ئوخشىماسلىقى مۈمكىن .
مېنىڭ قارىشىمچە بۇنداق قىلىش ئۈچۈن‹‹ قۇرۇق مىللىي ھېسسىيات ، قۇرۇق مىللىي غۇرۇر ›› غا بېرىلمەي ، مىللەت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى تىرىشىپ ، ئەمەلىي ئىش قىلىش كېرەك . مەۋجۇتلۇقنى ھەرگىزمۇ قۇرۇق شوئار توۋلاپ ، ‹‹ مىللىي غۇرۇر نامايەن قىلىش››تىن ئزىدىمەي بەلكى مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ماھىيەتتىن چۈشىنىش ، ماھىيەتتىن تونۈش ، مىللىي روھنى ئۇرغۇتۇپ ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى قولغا كەلتۇرۈشتىن ئىزدەش كېرەك . مىللىي روھ - بىر مىللەتنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىدۇر ، ئۇ مىللىي ئاڭ ۋە مىللىي ئازاتلىقنىڭ مەنىۋى شەرتى . بىر مىللەتنىڭ مۇھىتقا ماسلىشىش ، دۇنيانى ئۆزگەرتىش ، ئۆزىنى شەكىللەندۇرۈشتىكى تىل ، ئۆرپ - ئادەت ،مەدەنىيەت ئەنئەنەسىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىدا ئىپادىلەنگەن مۇنەۋۋەر ئىدىيە ، ئىسىل پەزىلەت ۋە مۇستەھكەم ئىرادىنى كۆرسىتىدۇ . ھەقىقى يوسۇندا مىللىي روھنى ئۇرغۇتۇش بىزنى يۇقىرىدا دېگەنلەرنى ساقلاپ قېلىشقا يېتەكلەيدۇ . قۇرۇق شوئار توۋلاپ ، ‹‹ مىللىي غۇرۇر›› نى بازارغا سېلىش بىلەن بەنت بولغانلار ئەمەلىي تەرەققىيات ئالدىدا ھاڭۋېقىپ ، ئاغزىنى ئېچىپ قاراپ قېلىشتىن باشقا نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ.
بەزىلەر مىللىي مەۋجۇتلىقنى قۇرۇق شوئار توۋلاشتىن ، يېڭىلىقنى بايقۇت قىلىپ قارشىلىق كۆرسىتىشىتىن ، زامانىۋى مەدىنىيەتنى چەتكە قېقىپ ، ئۆزىنى دۇنيادىن چەتكە ئېلىپ ، بېكىنمىچىلىك ئىچىدە ياشاشتىن ئىزدەۋاتىدۇ . بۇ ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنى بىچارىلەرچە يوقىتىشقا ئېلىپ باردىغان تۇيۇق يول . بىزدەك بۇنداق ئارىلاشما مەدەنىيەت مۇھىتىدا تۇرۇۋاتقان مىللەت ئۇچۈنلا ئەمەس بەلكى ساپ مەدەنىيەت مۇھىتىدا تۇرۇۋاتقان مىللەت ئۇچۈنمۇ داغدام يول ئەمەس . شوئار توۋلىغانلار مىللەت كىشىلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمەس . بەلكى ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىدۇر . يېڭىلىققا ، زامانىۋىلىشىشقا قارىتا ئاڭسىز رەۋىشتە شوئار توۋلاپ قارشىلىق قىلماستىن ، ئاڭلىق رەۋىشتە ئىش قىلىپ ، يۇقىرىدىكى مەدەنىيەت ئاساسىمىزنى ساقلاش ، قوغداش يولىدا مېڭىش ھەم دانالىق ، ھەم مۇقەررەرلىك . مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى (تىل ، ئۆرپ - ئادەت ، مىللىي روھ) ساقلاش ئۇچۈن تاكتىكا ، ئىرادە ۋە ئەمەلىي ھەركەت كېرەك . قۇرۇق شوئار توۋلاشتىن ھېچنىمە چىقمايدۇ . بىزگە ئوخشاش مەدەنىيەتلەر بىللە مەۋجۇت بولغان مۇھىتتا ياشاۋاتقانلار يېڭلىقىنى قوبۇل قىلمىساق چوقۇم كەينىدە قالىمىز .كەينىدە قالدى دېگەن سۆز باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتىنى مەجبۇرى قوبۇل قىلىسەن دېگەن سۆز بولىدۇ . بىر خىل مەدەنىيەت بولغان مۇھىتتىمۇ بۇنى قوبۇل قىلمىساق ھامان كەينىدە قالىمىز . تەرەققىيەت بولمىسا بىكار ، تەرەققىيات بولمىغان جەمىيەتنى خەلق قوبۇل كۆرمەيدۇ .

3، كىرزىسقا تاقابىل تۇرۇش يولى
بىر مىللەتنىڭ ئختىمائى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تەرەققىياتىنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش مەسلىسىدە قارار چىقىرىدىغان گەۋدە ھاكىمىيەتتۇر . ماقالە تەشەببۇس ئوتتۇرىغا قويىدۇ . ئەمما قوبۇل قىلىنىش - قىلىنماسلىق ئۇ باشقا مەسىلە . ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغىنى يەنىلا ھاكىمىيەت ئورنىدا تۇرۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئىرادىسى ۋە ئۇلار بەلگىلىگەن تەدبىرلەردۇر. يۇقىرىدا بىز دەپ ئۆتكەن يېزىلاردا بولۇۋاتقان تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەر ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۇتاش پىلانلىغان سىياسەتلىرىنىڭ نەتىجىسى . ھۆكۈمەت خەلقنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلىشىپ ، چىقارغان تەرەققىيات سىتىراتىگىيىسىنىڭ نەتىجىسى .شۇڭا بەزى ئىشلارنىڭ بولۇش - بولماسلىقىغا ھەل قىلىغۇچ رول ئوينايدىغىنى يەنىلا ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى ۋە رولى . شۇڭا بەزى ئىشلارغا ئامال يوق . ئەمما يەنە بەزى ئىشلارغا ئامال بار . مىللەت ئەزالىرىنىڭ قىلالايدىغان ئىشى بولىدۇ . قىلالمايدىغان ئىشى بولىدۇ . قىلالايدىغان ئىشنى ياخشى قىلىشىمىز ، قىلالمايدىغان ئىشقا باش قاتۇرۇپ يۇرمەسلىكىمىز كېرەك.
مېنىڭ قارىشىمچە بر مىللەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائى تەرەققىيات يولىدا مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئۆز مىللىي مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتا قىلالايدىغان ئىشلىرى تۆۋەندىكىچە:
1،ئۆز ئانا تىلىنى ۋە يېزىقىنى ئىشلىتىش مۈمكىنچىلىكى بارلا ۋاقىت ۋە ئورۇندا چوقۇم ئىشلىتىش؛
2، ئائىلىدە ئۆزىنىڭ بالىلىرىغا مىللى ئەنئەنە ۋە مىللىي مەدەنىيەت تەربىيەسى بېرىش؛
3، بالىلىرىغا ئۆز ئانا تىل يېزىقىنى ئۈگىتىش ، بىلدۇرۈشنى چوڭ ئىش قاتارىدا تۇتۇش ؛
4، ئائىلىدە ۋە ئۆزئارا بىللە بولغاندا ئۆز ئانا تىلىدا سۆز قىلىشنى قەتئى ئادەت قىلىش؛
5، ئانا تىلىدىكى تېلىۋىزور ، كىتاپ ،گېزىت - ژورناللارنى كۆرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش؛
6، تىل يېزىق ۋە ئىسل مەدەنىيەت ئەنئەنەلەرنى ساقلاشنى بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ مەنىۋى تۇۋرۈكى بولغان مىللىي روھقا سىڭدۇرۈش.
بۇنداق دىيىش ھازىر تەكىتلىنىۋاتقان قوش تىل سىياسىتى بىلەن زىتمۇ قانداق؟ مېنىڭچە ئازراقمۇ زىت ئەمەس .چۇنكى قوش تىللىق بولۇش ، كۆپ تىللىق بولۇش بۇ چوڭ يۈزلىنىش . بۇنداق بولۇشنىڭ پايدىسىنى دەپ ئولتۇرمىساقمۇ ناھايىتى چۈشنىشلىك . ئىككى تىل بىلگەنلەرنىڭ كۆزى تۆت ، ئۈچ تىل بىلگەنلەرنىڭ كۆزى ئالتە. دېمەكچىمەنكى كۆپ تىل بىلگەنلەرنىڭ نەزەر دائىرىسى كەڭ ، بىلىدىغىنى كۆپ بولىدۇ .ئۇچۇر قوبۇل قىلىش يولى نەچچە خىل بولىدۇ . تىل بىلگەنگىلا مەدەنىيەت ئەنئەنەلىرىنى يوقىتىپ قويىدىغان ئىش يوق .بىزدىكى بۇرۇنقى زىيالىلارنىڭ ھەممىسى ئالدى بىلەن باشقىلارنىڭ تىلىنى بىلگەنلەر ، ئۇنى ئۆز مىللىتى ئۈچۈن ئۇنۈملۈك خىزمەت قىلدۇرغانلار.كونىلارنىڭ بەزىلىرى خەنزۇ تىلى بىلمىگەندەك قىلغان بىلەن باشقا تىللارنى مەسىلەن ئەرەپ تىلى ، پارىس تىلى ، تۇرك تىلى قاتارلىقلارنى پۇختا بىلگەنلىكى ئۈچۈن كۆپ خىل تەتقىقاتلارنى قىلالىغان .ھازىرقى دۇنيادا بىز خەنزۇ تىلىنى بىلىشىمىز كېرەك ، چۇنكى ھازىر ئىنگىلىز تىلىدا ياكى باشقا ھەرقانداق تىلدا تارقىتىلىدىغان ئۇچۇر شۇ زامات خەنزۇ تىلىدا بار بولىدۇ . بۇ تىلدا ھازىر ھەممە نەرسە بار دېسەك بولىدۇ .
تىل ئۈگىنىش بىلەن ئۇنى قانداق ئىشلىتىش باشقا - باشقا مەسىلە .ئۈگىنىشتىن مەقسەت ئۆزىمىزنىڭكىنى يوقىتىش ئەمەس ، بەلكى ئۆزىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ، ئۆزىمىىزنىڭكىنى ياخشى ساقلاپ ، ئۆزىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇش بولسا بولىدۇ .شۇڭا خەنزۇچىنى ئۈگىنىش كېرەك ، ئىنگىلىزچىنىمۇ ئۈگىنىش كېرەك . ئەمما قانداق ئىشلىتىش تامامەن ئۆزىمىزنىڭ ئىشى . بۇنى ھېچكىم باشقۇرالمايدۇ . بىزگە تاڭالمايدۇ . كىم سىزگە ئائىلىدىڭىزدە ياكى ئۆزئارا بىللە بولغاندا ئىنگىلىز تىلىنى ئىشلىتىشكە زورلىيالايدۇ؟باشقا ئىشلارنىمۇ مۇشۇنداق تەپەككۇر قىلساق بولىدىغۇ؟شۇڭا قەيەردە ئىشلىتىش ، قەيەردە ئىشلەتمەسلىك ، قاچان ئىشلىتىش ، قاچان ئىشلەتمەسلىك بۇ - بىزنىڭ قولىمىزدىكى ئىش.بىز پەقەت ئۆز ئائىلىمىزدە مىللىي مەدەنىيەت تەربىيەسى ، مىللىي ئەنئەنە تەربىيەسى ، مىللىي تىل -يېزىق تەربىيەسىنى ياخشى بېرەلىسەكلا ھەممە ئىش ئۆز يولىدا مېڭىۋېرىدۇ . گەپ بىزنىڭ مۇۋاپىق ۋاقىت ، زېھنىي كۈچ سەرپ قىلىپ ، مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلالايمىزمۇ ياكى قىلالمايمىزمۇ دېگەندە . مېنىڭچە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان قۇرۇق گەپ ساتماي ، ئەمەلىي بولۇپ ، ئەمەلىي ئىش قىلساق بولىدۇ . باشقىلارنىڭكىنى ئۈگەن دېگەن گەپ باشقىلار بولۇپ كەت دېگەنلىك ئەمەس .
يۇقىرىدا دېگەنلەرنى چوقۇم قىلىغىلى بولىدۇ .ئۆتكەندە بانكىدىن پۇل ئالغاندا ئۇيغۇر تىلى ئىشلىتىش مەسلىسى ئوتتۇرىغا چىقتى . بۇ ئەسلى ھۆكۈمىتىمىز نۇرغۇن پۇل سەرپ قىلىپ ، سېستىما ئىشلەپ ئورناتقان بىر ياخشى ئىش ئىدى .ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر باشتا بۇنىڭغا ئانچە دىققەت قىلمىغان . بۇ گەپ چىققاندىن كېيىن ھەممە ئادەم دىققەت قىلىدىغان بولدى . نەتىجىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ قوللىنىلىش نىسبىتى نەچچە ھەسسە ئۆرلىدى . بۇ ھالقىدا بۇ تىلنى ئىشلىتىشكە بازار بار بولدى .مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلەتكەندىن كېين بازار چىقىدىغان گەپ . بالا تالادا ئەتىۋار بولۇشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆيدە ئەتىۋار بولۇشى كېرەك.
زىيالىلار ئىلغار ئىدىيە ۋە قاراش بىلەن مىللەتكە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. شۇڭا ئۇلار ئېقىمغا ۋەكىللىك قىلىپ ، مىللەت ئالدىدىكى بۇرچىنى ئادا قىلىش كېرەك. ئالدى بىلەن شۇلار ئاشۇنداق قىلىشى كېرەك . بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە ئادەم ئۆزىنى ئۆزگەرتىشى ، چوڭ ئىشقا ئېسلماي كىچىك ئشلاردىن باشلاپ تۇتۇشى ، ئۆزىگە ،ئائىلىسىدىكىلەرگە ئىگە بولۇشى كېرەك . ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنى ئىشلىتىش بىزنىڭ قولىمىزدا . بالىلىرىمىزنى قانداق ئۇسۇلدا تەربىيەلەش ئۆزىمىزنىڭ قولىدا . مىللىي ئەنئەنە ، مەدەنىيەت ھەققىدە تەبىيە بېرىش -بەرمەسلىك بىزنىڭ قولىمىزدا . گەپ بىزنىڭ ئىدىيىمىزدە ، بىزنىڭ مەسىلىنى قانداق تونۇشىمىزدا . ئاخىرقى گەپ ئاشۇنداق قىلىشقا ۋاقىت سەرپ قىلىشنى، بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلەشنى خالايمىزمۇ ياكى خالىمايمىزمۇ دېگەندىلا قالدى . مىللىي غۇرۇر ، مىللىي ھېسسىيات ۋە مىللىي روھنى ئىغىزدا ئەمەس بەلكى ئەمەلىي ھەركەتتە كۆرسىتەيلى.
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 7-8-كۈنلىرى.
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالا تۇنجى بولۇپ ‹‹باغداش›› مۇنبىرىگە يوللاندى.باشقا ھەرقانداق تور بەتلىرى ياكى تاراتقۇلار، مەتبۇئاتلار ئاپتوردىن سوراپ ئولتۇرماي ، مەزمۇنىنى ئۆزگەرتمەي ، مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ئىشلەتسە بولىۋېرىدۇ.


JoshuaHig
يازمىلار: 5
تىزىملانغان ۋاقتى: مارت 11, 2024, 7:12 pm

Top Rated Carpet Care In Phoenix.

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان JoshuaHig » مارت 18, 2024, 1:52 pm

Are you tired of dealing with dirty carpets in your home? Look no further than the top-rated carpet care services in Phoenix! With professional cleaning techniques and top-notch customer service, you'll have your carpets looking brand new in no time. Don't settle for subpar cleaning services, trust the experts to get the job done right.

https://cikavinka.kr.ua/
FrankJScott
يازمىلار: 2603
تىزىملانغان ۋاقتى: ئاپرىل 10, 2024, 6:59 am

Great Product Website

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان FrankJScott » ماي 11, 2024, 4:08 am

Please try Google before asking about Useful Product Site c90_595
FrankJScott
يازمىلار: 2603
تىزىملانغان ۋاقتى: ئاپرىل 10, 2024, 6:59 am

High Rated Clothing Store Simulator Site

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان FrankJScott » ماي 14, 2024, 7:10 pm

In reply to the guy inquiring about clothing brand about, clothing offer, & clothing brand, all clothing store, we are design clothes, in store fashion, customized clothing websites, you designer, clothes store in, be your clothes, I highly recommend this additional reading on clothing store simulator url or you as clothing, i fashion store, here clothing brand, you store, i believe clothing, clothes new clothes, clothing design store, new clothes fashion, top clothing, fashion clothing company, alongside all this my review here about simulator site and don't forget www clothing brand, branded clothing shops, in touch clothing, clothing sy, touch clothing, clothing dept stores, mart clothing, clothing store accessories, & brand clothing, get fashion, on top of this on yahoo on dress shop url which is also great. Also, have a look at this clicking here about clothing store simulator blog not to mention here clothing brand, clothes so, you are here clothing, as you clothing brand, fashion clothing store, about you brand, back clothing, in fashion clothing, things for clothes, clothes to get, and don't forget this see on dress shop details with new clothes fashion, store wear, the have boutique, designer fashion, things fashion, clothing departments, dress brand store, the business store, all of clothing, all clothing, for good measure. Check more @ New Clothing Store Simulator Site 73c90_d
FrankJScott
يازمىلار: 2603
تىزىملانغان ۋاقتى: ئاپرىل 10, 2024, 6:59 am

Awesome Clothing Store Simulator Website

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان FrankJScott » ماي 14, 2024, 10:00 pm

To the guy talking about f?r clothing, you fashion store, design clothing websites, be your clothes, dress clothes, retail clothes, the brand clothing store, clothing starting with an a, clothing dept stores, the clothing store, I highly recommend this read more for clothing store simulator details or new clothing shops, new clothing brand, all clothing websites, mart clothing, in clothing brand, clothing store, www clothing brand, you clothing brand, perfect clothes, go clothing store, and don't forget this a total noob on fashion simulator tips and don't forget you store, here clothing, we will fashion store, the perfect shop, the store fashion, in touch clothing, new clothes fashion, all fashion store, fashion & fashion, for you clothing, alongside all this super fast reply about simulator details which is also great. Also, have a look at this what is it worth about simulator site and don't forget & clothing brand, be clothing brand, top clothes store, their clothing, you are here store, about you clothing brand, your clothing store, you fashion store, from clothing store, variety in fashion, not to mention this great dress shop advice with re clothing, your clothes, clothes to get, fashion cloth store, all that fashion, unique clothing, for all clothing, as design clothing, fashion ki dukaan, fashion store clothing, for good measure. Check more @ Awesome Clothing Store Simulator Site 3c94_ae
FrankJScott
يازمىلار: 2603
تىزىملانغان ۋاقتى: ئاپرىل 10, 2024, 6:59 am

High Rated Asian Escorts Site

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان FrankJScott » ماي 20, 2024, 9:55 pm

To the man asking about unique manhattan experiences, free in manhattan, visiting new york in may, best new york city travel guide, a week in new york city, nice place to visit in new york, the best place to go in new york, new york one week, best areas to visit in nyc, new york trip guide, I highly suggest this click here for asian escort tips or safest part of nyc to stay, best to visit new york, cheapest way to visit new york, exclusive nyc experiences, explore nyc free, luxury experiences new york, best are to stay in new york, new york one week, first time in new york where to stay, tours around new york, not to mention this top asian escort url not to mention entertainment in new york, romantic events nyc, cheap areas to stay in new york, nyc vip experiences, chinatown new york, fun free nyc, new york events this summer, first time trip to new york city, free things to do in newyork, top to do in new york, as well as this recommended asian escort forum which is also great. Also, have a look at this more hints for asian escort blog alongside all must see in new york for first timers, best place to stay in new york city, free tourist attractions in new york, best month to go to new york city, best thing to do in new york, trip in nyc, upcoming events new york city, fun in manhattan, good time to go to new york, top five places to visit in new york, as well as this helpful resources for asian escort link with new york destinations, best places manhattan, first time nyc trip, best thing to do in manhattan, cool events in new york, travel in manhattan new york, only in new york, part of new york city, nyc week, beauty of new york city, for good measure. Check more @ Updated Garden Offices Guide 91_6560
FrankJScott
يازمىلار: 2603
تىزىملانغان ۋاقتى: ئاپرىل 10, 2024, 6:59 am

Top Aman 88 Slot Blog

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان FrankJScott » ماي 29, 2024, 4:43 pm

In reply to the people talking about ib88 play, slot selalu gacor, slot gacor login, play olympus, gacor slot 88, web slot online, prag matic play, slot 88 gacor, login slot hoki, download slot, I highly recommend this my website for Aman88 url or download slot88, casino indonesia, slot slot online, link alternatif cuan88, game slot88 online, slot online populer, slot online rtp, pragmatic situs, slot88 online, home slot88, and don't forget this more tips here on Aman88Slot forum and don't forget pragmatik bonanza, slot yang, rtp live slot 88, slot user, freespin gratis, aplikasi pragmatic, hot hot slot, masuk slot rtp, link alternatif slot online, aplikasi slot online, not to mention this basics for Aman88 url which is also great. Also, have a look at this the advantage on Aman 88 Slot blog alongside all situs logo slot, olympus login slot, cuan88 slot link alternatif, habanero 88 slot, rtp slot88, slotgames online, pragmaticplay rtp, masuk slot online, pragmatic situs, slot yang, not to mention this see page about Aman88Slot info with play slot88, pragmatic hot, official slot, aplikasi gacor slot, nexus slot, apa itu rtp slot online, heat slot, hoki cuan 88, apa itu rtp slot, slot 088, for good measure. Check more @ Recommended AMAN 88 SLOT Guide c958fe7
FrankJScott
يازمىلار: 2603
تىزىملانغان ۋاقتى: ئاپرىل 10, 2024, 6:59 am

Awesome Dvl Toto Site

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان FrankJScott » ئىيۇن 12, 2024, 7:09 am

For the people asking about slot streaming, daftar slots, bandar judi terpercaya di indonesia, main game slot online, aman judi, web slot online, rtp slot malaysia, bandar online deposit pulsa, rtp bolaxx slot, bandar slot indonesia, I highly suggest this best dvltoto blog or judi indo slot, slot 4d login, bandar slot 2021, playtech rtp, slot yg, judi slot 7, sistem to slot, mau slot 88, slot88 rtp, www judi slot online, alongside all this cool dvl toto blog alongside all apa game slot, casino slot login, agen judi slot online terpercaya, cara main judi online, game slot playtech, agen slot pragmatic play terpercaya, casino live online asia, macau casino online, pragmatic slot login, jadi agen judi slot, on top of this new dvltoto forum which is also great. Also, have a look at this awesome dvl toto forum and don't forget web judi, slot yggdrasil indonesia, mesin judi online, bandar judi hongkong, situs bandar judi slot online, bandar online deposit pulsa, login toto judi 4d, slot 09, game judi slot online, keren 4d slot login, as well as this get redirected here for dvltoto site with slot online yggdrasil, live22 slot login, bandar judi indo slot online, all spin slot, game slot login, bandar judi 4d, bandar slot login, judi slot online 24 jam, link judi online, website judi slot online, for good measure. Check more @ Best Home Pub Signs Site 3c90_d0

To the people inquiring about game slot login, minimal deposit togelup, ion casino slot, free spin slot, agen play, judi slot online, bandar slot 88 login, game slot apa, main slot live, antara slot login, I highly suggest this get more information for 7rajatogel info or slot online play, slot itu judi, main slot online, slot dunia, live judi slot, apa itu judi slot, apa itu slot judi, cara main judi game online, game slot jackpot, slot casino online gratis, alongside all this website for 7 raja togel url not to mention indo judi slot, indonesia slot online, slot flow gaming, game online slot indonesia, antara slot login, link alternatif slot online, game judi, slot online yggdrasil, link ion casino, mesin judi online, and don't forget this updated blog post for 7rajatogel details which is also great. Also, have a look at this excellent 7 raja togel link alongside all main slot login, casino online login, aman judi login, judi slot88 online, slot game yang mudah menang, main slot live, slot casino online indonesia, mau slot 88, bandar slot88 login, game slot sexy, and don't forget this super fast reply on 7 raja togel details with seven slot login, macau casino online, spin slot 88 link alternatif, judi slot online indonesia, slot virtual, website game slot, sbo play slot, online casino login, main slot online, slot online play, for good measure. Check more @ Top Rated Aman88 Website
FrankJScott
يازمىلار: 2603
تىزىملانغان ۋاقتى: ئاپرىل 10, 2024, 6:59 am

New Slot Gampang Menang Site

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان FrankJScott » ئىيۇل 11, 2024, 4:17 am

In reply to the guy talking about a casino game, real casino real money, online casino sites, online casino games no download no registration, online casino 1, win online casino, play games for money no deposit, best online legit casino, best online casino real money free spins, online casino games with free signup bonus, I highly recommend this new slot online info or free gambling win real money, deposit free slots, gambling game sites, best bonus games slots, free online casino slots real money, join online casino, online casino sign up, free play no deposit win real money, popular casino games, casino feedback, and don't forget this home page about bandar slot advice not to mention casino game with free bonus, popular online gambling games, best gambling to win money, register slot game, best casino games for beginners, casino web, free online casino card games, casino in login, casino win real money, casino login bonus, on top of this his comment is here about situs slot tips which is also great. Also, have a look at this new link slot gacor forum not to mention casino easy win, secure online casino sites, free online slots for real money no deposit, play casino login, trusted online gambling, slot games free credit no deposit, casino with real money online, free online casino card games, real online casino sign up bonus, login bonus casino, and don't forget this article source on slot gampang menang info with urgent games, free spins gambling sites, casino real money free play, gamblii casino, live free casino, make money gambling online free, online casino games with free bonus, site slot, best online casino free signup bonus, casino on line, for good measure. Check more @ Useful Usaha188 Slot Login Guide 511650a
xewley
يازمىلار: 106818
تىزىملانغان ۋاقتى: ئىيۇل 31, 2024, 12:33 pm

Re: ئۇيغۇردىكى بۈيۈك مىللىي ئويغىنىش

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان xewley » ئاۋغۇست 2, 2024, 3:17 am

ئىنكاس يوللاش