مىخ مەتبەئە تېخنىكىسىنىڭ كەشپ قىلىنىشى ۋە غەرپكە تارقىلىشى

يۇرتىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر، يېڭىلىقلار ۋە ئەسلىمىلىرىمىز
باش سۈرەت
Uyghuryol
يازمىلار: 264
تىزىملانغان ۋاقتى: سېنتەبىر 28, 2018, 7:34 am

مىخ مەتبەئە تېخنىكىسىنىڭ كەشپ قىلىنىشى ۋە غەرپكە تارقىلىشى

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Uyghuryol » نويابىر 1, 2018, 12:04 pm

جۇڭگودا مىخ مەتبەئە تېخنىكىسىنىڭ كەشپ قىلىنىشى ۋە غەرپكە تارقىلىشى

ــــــ ئۇيغۇرلارنىڭ مىخ مەتبەئە تېخنىكىسى ئۈستىدە تەتقىقات



ياسىن ھوشۇرئەلى


بىرىنچى باب
مىخ مەتبەئە تېخنىكىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تارقىلىشى
بىرىنچى پاراگراف
ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى
1.ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى

مىلادى 12-ئەسىردىن 13-ئەسىرگىچە بولغان مەزگىلدە مىخ مەتبەئە تېخنىكىسىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان يەنە بىر مىللەت回鹘(خۇيگۇ(لاردۇر. خۇيگۇلار بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى بولۇپ،مىلادى 788-يىلدىن 13-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىغىچە يېزىلغان خەنزۇچە تارىخىي كىتابلاردا مۇشۇنداق ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە خاتىرىلەنگەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى مىلادىدىن بۇرۇنقى3-ئەسىردە تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالى بىلەن بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى بىپايان زېمىندا ياشىغان «دىڭلىڭ›› (丁零)لارغا تۇتىشىدۇ. مىلادى3-ئەسىردىن ئىلگىرى دىڭلىڭلار «دى››(狄)لار دەپ ئاتالغان. 3-ئەسىردىن كېيىن «دى››لار«چىلى››(«敕勒››) ياكى «گاۋچې››( «高车›› ـــــ ئېگىز ھارۋىلىقلارــــ قاڭقىللار) دەپ ئاتالغان. مىلادى 390-يىلى خەنزۇچە يازما خاتىرىلەردە «يۇەنخې››(«袁纥››) دېگەن مىللەت نامى خاتىرىلەنگەن، يۇەنخېلار قاڭقىللار ئېلىنىڭ تەركىبىي قىسمى ئىدى. يۇەنخې ۋە تارىخىي خاتىرىلەردە كېيىنچەرەك ئۇچرايدىغان «ۋېيخې››(韦纥)، «خۇيگۇ›› قاتارلىقلار «Uyghur›› نىڭ ئوخشاشمىغان تارىخىي دەۋردىكى ئاھاڭ تەرجىمىسىدۇر.
مىلادى487-يىلى قاڭقىللار تەڭرىتاغلىرىنىڭ شەرقىي قىسمىدا قاڭقىللار ئېلىنى قۇرغاندا خۇيگۇلار قاڭقىللار قەبىلە ئىتتىپاقىدىكى بىر ئۇرۇق ئىدى. 541-يىلى(غەربىي ۋېي دەۋرى داتۇڭ سەلتەنەتىنىڭ7-يىلى) قاڭقىللار ئېلى زاۋال تاپتى. مىلادى627-يىلى(تاڭ سۇلالىسى جېنگۇەن سەلتەنەتىنىڭ -1 يىلى) ئۇيغۇرلار(خۇيگۇ) ئاقساقىلى بۇساتنىڭ باشلىشى بىلەن سىرتاردۇش قاتارلىق تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ناھايىىتى تېزلا زوركۈچ ھاسىل قىلىپ تۈرك قاغانلىقى(كۆك تۈرك قاغانلىقى)نى ھالاك قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار قۇملۇقنىڭ شىمالى ۋە شەرقىي تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىدا كۈنسېرى كۈچىيىپ تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ سىرتاردۇش خانلىقىنى ھالاك قىلدى، دەل شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇرلار قۇملۇقنىڭ شىمالىدىن تەڭرىتاغلىرى ۋە تارىم ئويمانلىقىغىچە بولغان زېمىندا سەل چاغلىغىلى بولمايدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندى.
مىلادى 9-ئەسىردىن 13-ئەسىرگىچە ئۇيغۇرلار تۇرپان، دۇنخۇاڭ(دەشتئاتا) قاتارلىق جايلاردا يەرلىك ھاكىمىيەت قۇرغان. بۇ جايلار شەرق-غەرب مەدەنىيىتى ئالمىشىدىغان ئۆتۈشمەيول بولغاچقا شەرق-غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۈرلۈك مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئۇچرىشىش تۈگۈنى بولۇپ قالغان. ئۇيغۇرلار تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا سىرتتىن كىرگەن تۈرلۈك دىن ۋە مەدەنىيەتلەرنى سىغدۇرۇپ ۋە قوبۇل قىلىىش ئارقىلىق شانلىق مەدەنىيەت يارىتىپ، شەرق-غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئالماشتۇرۇلىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، مول تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قالدۇرغان. ئۇيغۇرلار قالدۇرغان بۇ قەدىمىي مىراسلار قەدىمقى غەربىي يۇرت ۋە شەرق-غەرب مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئىلمىي قىممەتكە ئىگە.
مىلادى745-يىلى ئۇيغۇرلار ئورخۇن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى ئوردۇبالىخ( قارابالاغاسۇن)نى پايتەخت ۋە سىياسىي مەركەز قىلغان قاغانلىق قۇرغان ھەمدە ئىدۇققۇت، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالى ۋە ئىككى دەريا ۋاداسى (ماۋارائۇننەھر) نى ئۆزىنىڭ كۈچ دائىرىسىگە ئالغان. مىلادى 755-يىلى تاڭ سۇلالىسى زېمىنىدە ئۆڭلۈگ-سۆيگۈن توپىلىڭى كۆتۈرۈلگەندە تاڭ سۇلالىسىنىڭ ياردەم سوراش ئىلتىجاسىغا بىنائەن ئۇيغۇر قاغانلىقى ئىككى قېتىم لەشكەر تارتىپ تاڭ سۇلالىسىنىڭ توپىلاڭنى تىنچتىشىغا ياردەم بەرگەن، شۇ مەزگىللەردە ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ قۇدرىتى تازا كۈچىيىپ مەنپەئەت دائىرىسىنى شەرقىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغىچە كېڭەيتكەن. 9-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغا كەلگەندە ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرى ئارىسىدا ئىچكىي نىزا كۆتىرىلىپ، قاغانلىق ۋەزىيىتى داۋالغۇپ ئارقا-ئارقىدىن قاغان ئالماشقان، ئۇدا بىرنەچچە يىل تەبىئىي ئاپەتنىڭ قۇيرىقى ئۈزۈلمەي قاغانلىق ئىگىلىكى ۋەيران بولغان. مۇشۇنداق ئەھۋالدا مىلادى 840-يىلى(تاڭ سۇلالىسى كەيچېڭ سەلتەنەتىنىڭ5-يىلى) قاغانلىق پۇقرالىرىدىن قىرغىزلار توپىلاڭ كۆتۈرۈپ پايتەخت قارابالاغاسۇنغا باستۇرۇپ كېلىپ قاغانلىقنىڭ ھالاكىتىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ چاغدا پانتېكىن قاتارلىق خان جەمەتى ئەزالىرى ۋەزىر-ۋۇزرالىرىنىڭ ھېمايىسىدە 15قەبىلىنى باشلاپ قاغانلىق ئوردىسىنى غەربكە كۆچۈرۈپ يەتتەسۇ ۋادىسىغا كەلدى ھەمدە پانتېكىن ئۆزىنى200مىڭ پۇقراغا يابغۇ، دەپ جاكارلاپ كېيىنكى قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالدى(1).
مىلادى866-يىلى ئۇيغۇلارنىڭ ئاتامانى بۆكەقۇن (仆固俊)ئۇيغۇر قوشۇنلىرىغا قوماندانلىق قىلىپ تۈبۈتلەر ئىلكىدىن ئىدۇققۇت، بېشبالىخ، بۈگۈر،كۈسەن قاتارلىق جايلارنى قايتۇرۇۋېلىپ تەڭرىتاغنىڭ شەرقى ۋە ئوتتۇرا قىسىمىدىكى ھەرقايسى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ كۈچىنى بىىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىدۇققۇتنى مەركەز قىلغان خاندانلىقنى شەكىللەندۈردى، بۇ تارىختا ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلى، دەپ ئاتالدى. ‹‹يۇەن سۇلالىسىتارىخى.بارچۇقئارت تېكىننىڭ تەرجىمىھالى››دا خاتىرىلىنىشىچە، ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خان جەمەتى ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى خان جەمەتىنىڭ بىۋاسىتە ئەۋلادلىرىدىن بولغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە گەنجۇ قاتارلىق جايلاردىكى خېشى( غەربىي خۇاڭخې) ئۇيغۇرلىرى گۇرۇھى ياغلاقارنى ئۆزىگە ئاتامان قىلغان. گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى ھۆكۈمرانلىقىدىكى ھەرقايسى قەبىلىلەر تارقاق بىرلەشمە ھاكىمىيەت بولۇپ، بۇ ھاكىمىيەت تەركىبىگە كىرگەن باشقا مىللەتلەرمۇ ئۇيغۇر قاغانىنىڭ ئالىي ھامىيلىقىنى ئېتراپ قىلغان، ئەمما ھەرقايسى قەبىلىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئۆزلىرى ئىگە بولغان، سۇڭ سۇلالىسىدە ئۆتكەن خوڭ خاۋ ‹‹ دەشت- چۆل دىيارىدا ئاڭلىغانلىرىم. ئۇيغۇرلار›› دا ئۇلار ھەققىدە «گەنجۇ، لياڭجۇ، گۇاجۇ، شاجۇلاردا ھەرقايسى قەۋملەر ئۆز ھۆكۈمرانلىرىنى تىكلىگەن ، تائىپىلەرمۇ ئۆز ئاتامانلىرىغا ئىتائەت قىلغان»دەپ خاتىرىلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە مۇستەقىللىقى بەكرەك كۈچلۈك بولغان خەنزۇلار ئاتامانىدىن جاڭ، ساۋ جەمەتلىرى شاجۇ، گۇاجۇغا ئىگىدارچىلىق قىلغان ھەمدە لياڭجۇدا ئولتۇراقلاشقان تۈبۈتلەرنىڭ جېلۇڭ، ليۇگۇ قەبىلىلىرىگە باش بولغان. گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى سىياسىي جەھەتتە ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلىگە تەۋە بولغان.
bilqut

بىلىشىنى بىلىدىغان ئادەمگە ئەگەش ، بىلىشىنى بىلمىگەننى ئاگاھلاندۇر ، بىلگەننى بىلمىگەنگە بىلدۈر ، بىلمەيدىغىنىنى بىلمەيدىغاندىن قاچ !
يۇقىرىغا قايتىش Posted: 2008-02-15 14:35 | [ئاپتور]
بۇ ئەزا نۆۋەتتە توردا يوق TarimDadxah

دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئاپتور ماتېرىيالىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاشدوستقا قوشۇش
نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01
كىچىك نورمال چوڭبۇ يازمىنى نەقىل ئېلىش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش

مىلادى10-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شەرقتە ئىۋىرغول،غەربتە كېنگىت (قاراشەھەر)، كۈسەن، شىمالدا بەشبالىخ ئىدۇققۇتنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر ئېلىگە قارىغان. شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئەلچىسى ۋاڭ يەندې مىلادى981-يىلى ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلىگە ئەلچىلىككە بارغاندا قالدۇرغان خاتىرىسىدە يېزىلىشىچە ئەينى چاغدا ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلى جەنۇبىي تۈركلەر(كۆكتۈركلەر)، شىمالىي تۈركلەر(كۆكتۈركلەر)، چوڭ چىگىللەر، كىچىك چىگىللەر،ياغما،قارلۇق،قىرغىز، بارمان، ئۈرۇن قاتارلىق نۇرغۇن قەبىلىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ زېمىنى كۈنچىقىشتا قۇمۇلدىن ئۆتۈپ تاڭغۇتلارغا، جەنۇبى تەكلىماكان قۇملىقىغا، كۈنپېتىشتا قاراخانىلار زېمىنىغا، شىمالدا قۇربانتوڭغۇس قۇملىقىغا تۇتاشقان(2).تۇرپاندىن قېزىۋېلىنغان بىرتاختايغائويۇلغان ئۇيغۇرچە ھۆججەتتە، ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ زېمىنى كۈنپېتىشتا ئىسسىقكۆلنىڭ غەربىدىكى بارسخانغا تۇتىشىدىغانلىقى خاتىرىلەنگەن(3).
ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەمۇرىي مەركىزى ئىدۇققۇت شەھىرى (بۈگۈنكى تۇرپاننىڭ سىڭگىم ئەتراپىدا)گە تەسىس قىلىنغان. بەشبالىخ ئۇيغۇر ئېلى قاغانىنىڭ سالقىندايدىغان جايى ياكى يازلىق ئاستانىسى بولۇشى مۇمكىن. ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالىي ھۆكۈمرانى «ئىدۇققۇت» ، دەپ ئاتالغان ، بۇ «مۇقەددەس بەخت» دېگەنلىكتۇر. خۇاڭ ۋېنبى ئەپەندى تۇرپاندىن تاپقان بىر پارچە ئۇيغۇرچە مانى دىنىغا ئائىت ھۆججەتكە خەنزۇچە« 大福大回鶻國»( بۈيۈك ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلى )دېگەن خەت ئويۇلغان تامغا بېسىلغان(4). ئىدۇققۇتلۇق(پادشاھلىق) قاغانلىقنىڭ نەسەبتىن نەسەبكە مىراس قالىدىغان ئالىي پەرمان چىقارغۇچىسى ۋە ئالىي ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولغان. ئىدۇققۇت 9 ۋەزىر، تۇتۇقبەگ (ۋالىي)، ئەدلىيە ئەمەلدارى ۋە ھەردەرىجىلىك بەگلەرنى تەيىنلىگەن.
ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلى قاغانلىق قۇرۇلغان دەسلەپكى چاغدىن باشلاپلا نۇرغۇن ئەل ۋە مىللەتلەر بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان، بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، ئىقتىساد جەھەتتىكى تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان. ئىدۇققۇت ئۇيغۇرلىرى ئۆزىنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى شىمالىي سۇڭ، لياۋ سۇلالىرى ۋە ئالتۇن خانلىقى(جىن سۇلالىسى)بىلەن بولغان سىياسىي، ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى كۈچەيتكەن.ئىدۇققۇت ئۇيغۇرلىرى شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىغا كۆپ قېتىم ئەلچى ئەۋەتىپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەرلىك تاۋارلىرىدىن سوۋغا تەقدىم قىلغان. مىلادى 981-يىلى(شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى تەيپىڭ شىڭگو سەلتەنەتىنىڭ6-يىلى) شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى ئۆزئەلچىسى ۋاڭ يەندېنى ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلىگە ئەۋەتكەن، ۋاڭ يەندېنىڭ ئەلچىلىك خاتىرىسى بۈگۈنكى كۈندە ئىدۇققۇت ئۇيغۇرلىرىنى تەتقىق قىلىشتا ناھايىتى قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىيال بولۇپ قالماقتا.
ئىدۇققۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كۈنپېتىش قوشنىسى قاراخانىلار دۆلىتى ۋە پېرسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرى ھەمدە ھىندىستان بىلەن بولغان ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاقىسىمۇ ناھايىتى قويۇق ئىدى. بۇدپەرەست ئىدۇققۇت ئۇيغۇرئېلى بىلەن كاشىغەرنى مەركەز قىلغان مۇسۇلمان قاراخانىلار دۆلىتى گەرچە بىربىرىگە مۇخالىپ ئىككى دىنغا ئېتىقاد قىلسىمۇ ئەمما ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ۋە سودا ئالاقىسى تەسىرگە ئۇچرىمىغان.
ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلىدە بوستانلىقلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، مول سۇ مەنبەسى ۋە خېلىلا ئىلغار سۇئىنشائاتى قۇرۇلۇشى بار ئىدى. بۇ ئەلدە كۈن نۇرىنىڭ يورۇتۇش ۋاقتى ئۇزۇن، كېچە بىلەن كۈندۈزدىكى تېمپراتۇرا پەرقى بىرقەدەر چوڭ بولۇپ، بۇلار يېزائىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت ئىدى. شۇ زاماندا ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلى ئۆزىنىڭ تەرەققىي قىلغان يېزا ئىگىلىكى ۋە باغۋەنچىلىكى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا مەشھۇر بولغان. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، شال، ئارپا، كۆممەقوناق، تۈرلۈك پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ئاشلىق زىرائەتلىرى ۋە پاختا، ئۈزۈم، تۈرلۈك مېۋە-چىۋە قاتارلىقلار ئىقتىسادىي زىرائەتلىرى بولغان. تۇرپاندىن چىقىدىغان پاختىنىڭ سورتى ناھايىتى ئەلا بولۇپ، ئەتراپتىكى ئەللەرگە مەشھۇر ئىدى. تۇرپاندا ئۆستۈرۈلىدىغان ئۈزۈمنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولغان ھەم بۇ يەردىن چىقىرىلىدىغان ئۈزۈم ھاراقلىرى ئۆزىنىڭ خۇشبۇيلىقى ۋە سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى بىلەن ئەتراپتىكى ئەللەردە داڭق چىقارغان.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە چارۋىچىلىق ھەم قول ھۈنەرۋەنچىلىكمۇ ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلىدە ناھايىتى تەرەققىي قىلغان. بۇ ئەلدىكى ئاتلارنىڭ نەسلى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە مەشھۇر ئىدى. چارۋىچىلىق ئىگىلىكى ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى. تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا بىپايان يايلاقلار بولۇپ، ئات، كالا، قوي، تۆگە، ئېشەك قاتارلىق ئۆ ھايۋانلىرىنى بېقىشقا تولىمۇ ماس كېلەتتى. ئۇيغۇر ئېتى ئۆزىنىڭ ئەلا نەسلى بىلەن قەدىمدىنلا مەشھۇر بولۇپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك خەلقىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇيغۇر ئاتلىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن بولىدىغان سودىدىكى ئاساسلىق تاۋار ئىدى. تارىختا ئۇيغۇر ئېلى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئوتتۇرىسىدا زور كۆلەملىك ئات سودىسى ئۈزۈلمەي كەلگەن، ئاز بولغاندا بىرەرمىڭ، كۆپ بولغاندا نەچچە مىڭ ئات سودىسى بولغان. تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، كۆلىمى ئەڭ زور بولغان بىر قېتىملىق ئات سودىسى مىلادى 1085-يىلى( يۇەنفېڭ سەلتەنەتىنىڭ 8-يىلى ) قىلىنغان بولۇپ، 20مىڭ ئۇيغۇر ئېتى سۇڭ سۇلالىسىگە ئېلىپ بېرىلىپ سودا قىلىنغان.
مىلادى1206-يىلى تېمۇرچىن غونان دەرياسى(ئونان دەرياسى؟)نىڭ باش ئېقىنىدا موڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرىنى قۇرۇلتايغا چاقىرىپ ئۆزىنى «چىڭگىزخان»،ئېلىنى«يەكە موڭغۇل ئۇلۇس ،Yeke Mongghul Ulusيەنى بۈيۈك موڭغۇل ئېلى»دەپ ئاتىدى. چىڭگىزخان دۆلەت قۇرۇش بىلەن بىللە يەنە موڭغۇل ئېلىنىڭ مىڭبېگى، يۈزبېگى، ھىماتچى قوشۇن، دارۇغاچ ، جاساق قاتارلىق بىرقاتار تۈزۈملىرىگە ئاساس سېلىپ بەردى. چىڭگىزخان ئۆزئېلىنى قۇرۇپ ئۇزاق ئۆتمەي ئىلگىر-ئاخىر تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى ھەمدە غەربىي لياۋ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلارنى بويسۇندۇرۇپ ئاندىن تاڭغۇتلارنى بويسۇندۇردى.
موڭغۇل ئېلى قۇرۇلغان دەسلەپكى چاغلاردا ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىدۇققۇتى(بارچۇقئارت تېكىن) چىڭگىزخانغا بەيئەت قىلىپ موڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ چوڭقۇرئىشەنچىسىگە ئېرىشتى ھەمدە چىڭگىزخان ئۇرۇق-تائىپىلەرنى ئۆزىگە ئوغۇل قىلىۋالىدىغان ئادىتى بويىچە ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىدۇققۇتىنى ئۆزىگە «5-ئوغۇل»قىلىۋالدى ۋە مەلىكىسى(چوڭ ئوغلى جۇجىنىڭ قىزى) ئالتان بېكەنى ئۇنىڭ نىكاھىغا بەردى. ئۇيغۇرلار كۆپ قېتىم جازا يۈرۈشىگە ئاتلىنىپ موڭغۇل قوشۇنلىرى بىلەن بىللە ئوتتۇرا ئاسىيا، تاڭغۇتلارنى بويسۇندۇرۇشتا كاتتا تۆھپىلەرنى ياراتتى. شۇ سەۋەبلىك بولسا كېرەك، تارىختا چىڭگىزخاننىڭ ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلى بىلەن باشقا بويسۇندۇرۇلغان ئەللەرگە تۇتقان مۇئامىلىسىمۇ ئوخشىمىغان ئىدى، يەنى ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلى داۋاملىق تۈردە موڭغۇل ئېلىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەت سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى موڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرىدىن خېلىلا يۇقىرى بولغانلىقتىن موڭغۇل ھۆكۈمرانلىرى ئۇيغۇرلارنى ناھايىتى ئەتىۋارلىدى. موڭغۇل ئېلى قۇرۇلغان دەسلەپكى چاغلاردا موڭغۇللارنىڭ يېزىقى يوق ئىدى، شۇڭا نۇرغۇن ئۇيغۇر باخشىلىرى موڭغۇل ئېلىنىڭ ھاكىمىيەت قاتلىمىغا قوبۇل قىلىنىپ ئۇلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى جارى قىلدۇرۇلدى، يەنە بەزى ئۇيغۇرلار چىڭگىزخاننىڭ ھوزۇرىدا باخشىلىق(ئوقۇتقۇچىلىق) قىلىشقا ئېلىپ قېلىندى، ھەتتا بەزىلىرى چىڭگىزخاننىڭ خاس مۇشاۋۇرلىقىغا ئېلىپ قېلىندى. مەسىلەن ئۇيغۇر باخشى تاتاتوڭا«پەم-پاراسەتلىك،سۆزمەن،ئۆزئېلىنىڭ تىل-يېزىقىغا پىششىق»بولغانلىقتىن دەسلەپتە نايمان ئوردىسىدا تايانخاننىڭ مۆھۈردارى ۋە خەزىنىچىسى بولغان. چىڭگىزخان نايمان ئېلىنى بويسۇندۇرغاندا تۇتقۇن قىلىنغان ، بۇ زاتنىڭ پاراسىتى ۋە ئۆزىنىڭ خانىغا ساداقەتمەنلىكى چىڭگىزخانغا ياراپ قالغانلىقتىن چىڭگىزخان ئۇنى ئوغۇللىرىغا ئۇيغۇر يېزىقىدا موڭغۇل تىلىنى يېزىشنى ئۆگىتىشكە بۇيرۇغان(5).
موڭغۇللار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى قولىغا ئېلىپ يۇەن سۇلالىسىنى قۇرغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرى ۋە زىيالىيلىرىنىڭ سىياسىي قابىلىيىتى ۋە يوشۇرۇن ئىقتىدارى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى ھەمدە ئىلگىر – ئاخىر 17 نەپەر ئۇيغۇر يۇەن سۇلالىسىنىڭ قارادىۋان مەھكىمىسىدە ۋەزىپە ئۆتىدى، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ كىشى قارادىۋان مەھكىمىسىدە سولقول ۋەزىر ( رەسمىي 1-دەرىجە )لىككە،يەنە 20ئادەم قېتىم قارادىۋان مەھكىمىسىدە خانلىق مۇئەككىلى [دىۋان ۋازارەت مۇئەككىلى] (قوشۇمچە1-دەرىجە)لىك ۋەزىپىسىگە،ئالتە ئادەم قېتىم ئوڭقول ۋەزىر ۋە سولقول ۋەزىر( رەسمىي 2-دەرىجە)لىككە، بەش ئادەم قېتىم دۆلەت ئىشلىرى بويىچە مۇئاۋىن ۋەزىر(قوشۇمچە2-دەرىجە) لىككە قويۇلدى(6). ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرى يۇەن سۇلالىسىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدە ياراتقان تۆھپىلەر ئۇلارنىڭ ئائىلە مۇھىتى ۋە يۈكسەك مەدەنىيەت ساپاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. مەسىلەن، ئارغۇن سالىنى ئالايلۇق، ئۇنىڭ بوۋىسى ئاتا سالى بۇددا ئىلمىدە كامالەتكە يەتكەن بولسا ، ئاتىسى قۇت سالى ترىپتاكا(بۇددا نوملىرىنىڭ جەمئىيسىنىڭ نامى) نى تولۇق تەفسىر قىلالايدىغان يېتۈك ئالىم ئىدى، شۇڭا ئۇ مىلادى 1275-يىلى(جىيۇەن سەلتەنەتىنىڭ 12-يىلى)«بۇددا تەفسىر مەھكىمىسىنىڭ ئالىي باشقۇرغۇچىسى، كاھىنلار كېڭىشىنىڭ بېگى، باش چاۋۇش مەھكىمىسىنىڭ ياردەمچى ئەمەلدارى، چاۋۇش بېگى »بولغان. مۇشۇنداق كاتتا مەرتىۋىلىك، ئالىي مەلۇماتلىق ئائىلە مۇھىتىدا ئۆسكەن ئارغۇن سالى«بالا چاغلىرىدىلا ئەقىللىق بولۇپ، دۆلەت ئۇستازى باسپادىن ئىلىم ئۆگەنگەن، ئۇ بىرنەچچە دۆلەتنىڭ تىلىنى پىششىق ئىگىلىگەن، پادشاھ ئۇنىڭ يەنە نوم – دەستۇرلارغا تەبىر بېرىش،تارىخشۇناسلىق، مۇنەججىملىك، كالېندارچىلىق ئىلمى، ئۆلچەش- سىزىش ئىلمى، تېبابەتچىلىك ، دورىگەرلىك ئىلمى ، كۈتۈنۈش ئىلمى قاتارلىقلارغا پىششىق ئىكەنلىكىدىنمۇ خەۋەر تاپتى(7). ليەن شىشيەننىڭ ئاتىسى بۇرۇلمىش قايا خوجايىنىغا ئەگىشىپ چىڭگىزخانغا بەيئەت قىلغاندىن كېيىن چىڭگىزخاننىڭ خاس قورۇقچىسى بولغان. چىڭگىزخان غەربكە يۈرۈش قىغاندا بۇرۇلمىش قايا قوشۇن بىلەن بىللە يولغا چىققان، بۇرۇلمىش قايا قورقۇنچنى، چارچاشنى بىلمەيدىغان باتۇر ئەزەمەت بولغاچقا چىڭگىزخان ئۇنى تارتتۇقلاپ قوي، ئات ۋە چېدىرئىنئام قىلغان ھەمدە قىتان مەلىكىسى يەنى گۆرخاننىڭ قىزى شىموشىنى نىكاھلاپ بەرگەن. سىباننىڭ ئاتىسى كۆلبىئۆز(يۇەن سۇلالىسىدە ئۆتكەن داڭلىق ئۇيغۇر سانغۇن) «چىڭگىزخاننىڭ جازا يۈرۈشى قىلىشقا ئاتلانغىنىنى ئاڭلاپ، قول ئاستىدىكى لەشكەرلىرىنى باشلاپ چىڭگىزخانغا بەيئەت قىلىدۇ ھەمدە مۇسۇلمان ئۇيغۇر ئېلىنى ئېلىشتا بىرنەچچە قېتىم تۆھپە يارىتىدۇ»(8). ئۇيغۇرلاردىن يەنە تابىن چىڭگىزخان جازا يۈرۈشىگە ئاتلانغان چاغدىكى موڭغۇل قوشۇنلىرىنىڭ ۋەھشىيلەرچە يۈرگۈزگەن قانخورلۇقلىرىنى كۆرۈپ قاتتىق قايغۇرغان ۋە ئۆكۈنگەن ھەمدە موڭغۇل قوشۇنىدىكى لەشكەربەگلىرىگە نەسىھەت قىلغان ھەم ئاگاھلاندۇرۇپ : «پۇقرا دۆلەتنىڭ ھۇلى، بۇنداق قىرغىنچىلىق قىلىشنىڭ دۆلەتكە نېمە پايدىسى؟ »دېگەن، ئۇنىڭ بۇنداق پۇقراپەرۋەرلىكىنى كۆرگەن چىڭگىزخان ئۇنى كاتتا ئىنئاملار بىلەن تارتتۇقلىغان (9).
چىڭگىزخان ئۇيغۇر ئېلىنى تىزگىنلەپ تۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن ئۇيغۇردارۇغاچ ( دارۇغاچ ــــــ يەرلىك لەشكىرىي، مۈلكىي ئەمەلدارلارنى ئۈستىدىن نازارەت يۈرگۈزىدىغان ئەڭ ئالىي ئەمەلدار) ،ئۇيغۇر باش جازا بېگى قاتارلىقلارنى ئەۋەتكەن.قۇبلايخان يۇەن سۇلالىسىنى قۇرغان چاغدا ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرى ۋە يۇقىرى تەبەقەلىرىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان. بۇرۇلمىش قايانىڭ ئوغلى ليەن شىشيەن بالا چاغلىرىدىن باشلاپلا ئائىلىدە ياخشى تەربىيە ئالغاچقا بۇددا دەستۇرلىرى ۋە تارىخنامىلەرنى شەرھلىيەلەيدىغان قابىلىيەت يېتىلدۈرۈپ «ليەن مېڭزى» دېگەن ئاتاققا نائىل بولغان. مىلادى 1249-يىلى ليەن شىشيەن ئاتىسى بۇرۇلمىش قاياغا ئەگىشىپ خانبالىختىكى قۇبلاي ھوزۇرىغا تاۋابقا بارغان ھەمدە تاۋابتىن كېيىن خانبالىختا قېلىپ قۇبلاي ئوردىسىدا خىزمەتتە بولغان، كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ قابىلىيىتى ئارقىلىق ئوڭقول ۋەزىر، خانلىق مۇئەككىلى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. كېيىنكى كۈنلەردە قۇبلاي بۈيۈك خانلىق تەختىگە ئولتۇرغاندا شەنشى-گەنسۇ رايونلىرىدىكى ئەلى بۇقا( ئەركبۇغ ؟ ئارىغ بۆكە؟ــــ تەرجىمان) گۇرۇھىنىڭ تەسىرىنى تازىلاش قاتارلىق بىر قاتار ۋەقەلەر ۋە موڭغۇللار، رەڭدار كۆزلۈكلەر ۋە خەنزۇلار جەمئىيىتىنى ماسلاشتۇرۇش جەھەتلەردە ليەن شىشيەن قاتارلىق ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان(10).
مىلادى 1269-يىلى قايدۇ يۇەن سۇلالىسىگە قارىشى توپىلاڭ كۆتۈرگەندە ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلى موڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ جازا يۈرۈش ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلاندى. 1275-يىلى ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاستانىسى ئىدۇققۇت شەھىرى مۇنقەرز بولۇپ پۇقرالار تەرەپ-تەرەپكە كۆچۈپ كەتتى، ئىگىلىك ۋەيران بولۇپ دۆلەت زاۋاللىققا يۈزلەندى. 1283-يىلى ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خان جەمەتى گەنسۇنىڭ يۇڭچاڭ ئايمىقىغا كۆچۈپ كەتتى، تۇرپان رايونىدا ئۇيغۇر خان جەمەتى بىلەن زىچ ئالاقىسى بولغان بۇددا دىنىمۇ خارابلاشتى.
1som

بىلىشىنى بىلىدىغان ئادەمگە ئەگەش ، بىلىشىنى بىلمىگەننى ئاگاھلاندۇر ، بىلگەننى بىلمىگەنگە بىلدۈر ، بىلمەيدىغىنىنى بىلمەيدىغاندىن قاچ !
يۇقىرىغا قايتىش Posted: 2008-02-15 14:38 | 1 -قەۋەت
بۇ ئەزا نۆۋەتتە توردا يوق TarimDadxah

دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئاپتور ماتېرىيالىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاشدوستقا قوشۇش
نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01
كىچىك نورمال چوڭبۇ يازمىنى نەقىل ئېلىش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش

مىلادى1346-يىلى تۇغلۇق تۆمۈر چاغاتاي خانلىقىنىڭ تەختىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئىسلام دىنى شەرقىي تەڭرىتاغ رايونىدىكى تۇرپان، بەشبالىخ قاتارلىق جايلاردا تەدرىجىي ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتتى. مىڭ سۇلالىسى يۇڭلې سەلتەنەتىنىڭ 12-يىلى ( مىلادى 1414-يىلى ) چېن چېڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھېرات، سەمەرقەند قاتارلىق جايلارغا ئەلچىلىككە بېرىش يولىدا تۇرپاندىن ئۆتكەندە بۇ يەردە «بۇدداغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ بارلىقىنى، راھىب ۋە بۇتخانىلارنىڭ كۆپلىكىنى»، ئەمما راھىب ۋە بۇتخانىلارنىڭ سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچراپ «چۆلدەرەپ» قالغانلىقىنى كۆرگەن. 15-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە ئەسلىدىكى ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلى زېمىنى تەلتۆكۈس ئىسلاملىشىپ بولغان(11).
دۇنخۇاڭ(دەشتئاتا) تارىخىدا ئۇيغۇرلار نەچچە ئەسىر پائالىيەت قىلغان،ھەتتابۇ يەردە يەرلىك ھاكىمىيەتمۇ قۇرغان. مىلادى1-ئەسىردىن ئېتىبارەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى بولغان تېلىلار ۋە قاڭقىللار بۇ يەردە ماكانلاشقان.9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شىمالىي چۆللۈك( ئورخۇن) ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ يىمىرىلىشى زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جەنۇبقا كۆچۈشىگە سەۋەب بولدى، يەنى بۇ چاغدا زور بىرتۈركۈم ئۇيغۇرلار گەنسۇنىڭ جاڭيې، دەشتئاتا (دۇنخۇاڭ)، ۋۇۋېي، خېلەنشەن، تيەنشۈي، ئېرگۇنا دەرياسى ۋادىسى، جيۇچۇەن قاتارلىق جايلىرىغا كېلىپ ماكانلاشتى(12). يۇقىرىقى رايونلار خېشى ئەتراپىدا (خۇاڭخېنىڭ غەربى رايونى) بولغاچقا تارىخىي ئەسەرلەردە بۇ رايونغا ماكانلاشقان ئۇيغۇرلارمۇ بىردەك «خېشى ئۇيغۇرلىرى»، دەپ ئاتالدى.
خېشى ئۇيغۇرلىرى ئىچىدە گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۈچى ھەممىدىن زور بولغان. بۇ ئۇيغۇرلار دەسلەپتە تۈبۈتلەرگە قارام بولغان، ئەمما تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى جاڭ يىچاۋ گۇاجۇ، شاجۇ، ئىۋىرغول، سۇجۇ، پشامشان، گەنجۇ قاتارلىق 11ئايماققا ھېراۋۇل بولۇپ تۇرغان چاغلاردا ۋاقتىنچە بىر مەزگىل جاڭ يىچاۋ ھاكىمىيىتىگە قارام بولغان. جاڭ يىچاۋنىڭ خېشى رايونىدىكى كۈچى تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى بىرنەچچە يىلىغىچە مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان. بەش دەۋر مەزگىلىدە تۈبۈتلەر زاۋال تېپىپ ئۇيغۇرلار باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى ھەمدە ئوردىسىنى گەنجۇغا قارارلاشتۇردى. كېيىنكى تاڭ سۇلالىسى تيەنچېڭ سەلتەنەتىنىڭ 3-يىلى (مىلادى 928-يىلى) يېڭىلا تەختكە چىققان ئادويۈ تېكىن(ياغلاقار ئۇرىقىدىن بولغان قاغان) تاڭ مىڭزۇڭ ئوردىسىغا ناھايىتى چوڭ بىر ئەلچىلەر ئۆمىكى ئەۋەتكەن، تاڭ مىڭزۇڭ بۇ ئەلچىلەر ئۆمىكىنى شەخسەن ئۆزى قوبۇل قىلغان ھەمدە ئادويۈ تېكىنگە«ئىتائەتمەن قاغان»دېگەن ئوتۇغات نامى بەرگەن. گۇاجۇ، شاجۇ قاتارلىق ئايماقلار جاڭ يىچاۋنىڭ قولىدىن جاڭ فېڭنىڭ ئىلكىگە ئۆتۈپ جاڭ فېڭ ئۆزىنى «ئالتۇنتاغدىكى ئاقيەكتەكلىك تەڭرىنىڭ ئوغلى»دەپ ئاتىۋالغان. دەل شۇ زاماندا گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى ئىچكىرىگە بارىدىغان يولنى تىزگىنلىۋالغان بولغاچقا ئالتۇنتاغ بەگلىكىنىڭ ئەشەددىي رەقىبى بولۇپ قالغان. بۇ «تەڭرى ئوغلى» بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇش بولۇپ، ئاخىرقى ھېسابتا ئۇيغۇرلار غالىب كەلگەن ھەمدە سۈلھى تۈزۈلۈپ جاڭ فېڭ ئۇيغۇر قاغانىنى «ئاتا» تۇتقان. 10-ئەسىردە گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ 300مىڭ ئاھالىسى بارلىقى خاتىرىلەنگەن. بۇ مەزگىلدىكى گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى فېئودال پاترىئارخاللىق جەمئىيەتتە ئىدى، خېشى ئۇيغۇرلىرى ھاكىمىيىتىنىڭ ئالىي ھۆكۈمرانى قاغان ئىدى. قاغاننىڭ ئاستىدا ۋەزىر، تېكىن، بۇيرۇق، تۇتۇق (باسقاقبەگ) ، سانغۇن قاتارلىقلار بولغان. 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا خېشى ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۈچى تەدرىجىي زورىيىپ دەشتئاتا(دۇنخۇاڭ) رايونىنى ئىلكىگە ئېلىۋالغان، مىلادى 1068-يىلى تاڭغۇت لەشكەرلىرى بۇ رايونغا ئومۇمىييۈزلۈك ھۇجۇم قوزغىغانغا قەدەر ئۇيغۇرلار بۇ رايوندىكى ئاساسلىق سىياسىي كۈچ بولۇپ قالغان(13).
مىلادى 1259-يىلى مۆڭگۈخان تەخت ئۆتكۈزۈپ بېرىشى بىلەنلا ئەلى بۇقا( ئەركبۇغ ؟ ئارىغ بۆكە؟ــــ تەرجىماندىن) توپىلىڭى پارتلاپ ئۇيغۇرلار يېرى ئۇدا بىرنەچچە يىل بالايىئاپەت پاتقىقىغا پېتىپ قالدى. قۇبلاي ئەلى بۇقانى تىنچىتقاندىن كېيىن يۇەن ئوردىسى ناھايىتى تېزلا ئۇيغۇر يېرىگە بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قوچقار تېكىننى داۋاملىق ئىدۇققۇتلۇققا تەيىنلىدى. ئۇزاق ئۆتمەي ئوگداينىڭ ئەۋلادىدىن بولغان قايدۇ لەشكەر تارتىپ تەپرىقىچىلىك (بۆلۈنمىچىلىك) يۈرگۈزدى، شىمالىي چۆللۈك بىلەن پۈتكۈل غەربىي شىمال قايتىدىن ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالدى. جىيۇەن سەلتەنەتىنىڭ 12-يىلى يەنى مىلادى 1275-يىلى دۇۋا لەشكەر تارتىپ قوچۇنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋالدى، ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىدۇققۇتى قوچقار تېكىن ئاستانىنى 6 ئايغىچە قاتتىق ساقلىغان بولسىمۇ ئاخىر ئوزۇق – تۈلۈك ئۈزۈلۈپ ئۇرۇشىۋېرىشكە ماجالى قالمىغاندا قىز بېرىپ سۈلھى قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ دۇۋانى مۇھاسىرىنى بوشاتقۇزدى. جىيۇەن سەلتەنەتىنىڭ 14-يىلى يەنى مىلادى 1277-يىلى ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىدۇققۇتى قوچۇدىن ۋاز كېچىپ قامىل (قۇمۇل) غا كۆچتى(14). ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي دۇۋا يەنە لەشكەر تارتىپ قامىلغا ھۇجۇم قىلغاندا قوچقار تېكىن ئۇرۇشتا قازا قىلدى، قوچقار تېكىننىڭ ئوغلى نۇرىن تېكىن لەشكەر – ئاۋاملىرىنى باشلاپ شەرق تامان يۈرۈپ گەنسۇنىڭ يۇڭچاڭ ئايمىقىغا كەتتى، شۇنى جەزملەشتۈرۈشكە بولىدۇكى ، بۇ كۆچكۈن ئاۋام ئارىسىدا نۇرغۇن بۇددىست ئۇيغۇر ئاۋام بار ئىدى(15).
قانداشلىق ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئىدۇققۇت ئۇيغۇرلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بولغانلاردىن يەنە قاراخانىلار دۆلىتى بار. 9-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە مەۋجۇد بولغان قاراخانىلار دۆلىتى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربى، پامىرنىڭ شىمالى ۋە يەتتەسۇ ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار قارلۇق ۋە باشقا تۈركىي قەۋملەرنى بىرلەشتۈرۈپ قۇرغان ھاكىمىيەت. بۇ خانلىقنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى تەبىقىنىڭ يادروسى ئۇيغۇرلارنىڭ ياغما قەبىلىسى. قاراخانىلار خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى كۆل بىلگە قادىرخاندۇر. قاراخانىلار خانلىقى گۈللەنگەن دەۋردە زېمىنى تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسىمىنى، ئىلى دەريا ۋادىسىنى ۋە بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبى، چۇ دەريا ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، غەربىي چېگرىسى ھەتتا سىر دەرياسى بىلەن ئامۇ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى رايونلارغىچە سوزۇلغان. قاراخانىلار خانلىقى بىلەن ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چېگرىسى كۇچا بىلەن بۈگۈر ئارىلىقىغا توغرا كەلگەن.


باش سۈرەت
Uyghuryol
يازمىلار: 264
تىزىملانغان ۋاقتى: سېنتەبىر 28, 2018, 7:34 am

Re: مىخ مەتبەئە تېخنىكىسىنىڭ كەشپ قىلىنىشى ۋە غەرپكە تارقىلىشى

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Uyghuryol » نويابىر 1, 2018, 12:08 pm

قاراخانىلار خانلىقىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈمى كۆپ تەرەپلەردىن قارلۇق، ياغما قەبىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي قەۋملەرنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارسلىق قىلىش ئاساسىدا شەكىللەنگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە سامانىيلار قاتارلىق ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈم قۇرۇلمىسىنىڭ تەسىرىگىمۇ ئۇچرىغان. سۇلتان ساتۇق بۇغراخان سەلتەنەت سۈرگەن دەۋردە خانلىق ئومۇمىييۈزلۈك روناق تاپقان، ئىسلام دىنى ئومۇمىييۈزلۈك قوبۇل قىلىنغان. مىلادى 955-يىلى يەنى ھىجرىيە 344-يىلى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن تەخت ۋارىسى ــــ چوڭ ئوغلى بايتاش تەختكە چىقىپ ئۆزىنى ئارسلانخان، دەپ ئاتىغان ھەمدە 960-يىلى ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى ، دەپ جاكارلىغان. نەتىجىدە ئەرەب – پارسلارنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بۇخارا، سەمەرقەند، خارەزم قاتارلىق جايلىرىدىكى تۈرك ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى قاتتىق كۈچەيگەن⒃.
ھارون بۇغراخانⅡتەختتە ئولتۇرغان مەزگىل (مىلادى 1074-يىلدىن 1102-يىلغىچە) دۆلەت مۇقىم بولغان، ئىگىلىك گۈللەنگەن، مەدەنىيەت ۋە ئىلىم – پەن تەرەققىي قىلغان دەۋر بولغان. قاراخانىلار خانلىقى شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى، ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلى، تاڭغۇتلار بىلەن سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئىزچىل ئالاقە ۋە بېرىش – كېلىش قىلىپ كەلگەن.
12-ئەسىرنىڭ 20-،30-يىللىرى ئارىلىقىدا قاراخانىلار خانلىقى قىتانلار ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلىنىپ قالدى، بۇ ھال تاكى موڭغۇل كۈچلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاشىغەرىيەگە كىرگەنگە قەدەر داۋاملاشتى(17).


بىلىشىنى بىلىدىغان ئادەمگە ئەگەش ، بىلىشىنى بىلمىگەننى ئاگاھلاندۇر ، بىلگەننى بىلمىگەنگە بىلدۈر ، بىلمەيدىغىنىنى بىلمەيدىغاندىن قاچ !
يۇقىرىغا قايتىش Posted: 2008-02-15 14:39 | 3 -قەۋەت
بۇ ئەزا نۆۋەتتە توردا يوق TarimDadxah

دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئاپتور ماتېرىيالىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاشدوستقا قوشۇش
نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01
كىچىك نورمال چوڭبۇ يازمىنى نەقىل ئېلىش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش

2. ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى

ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى قەدىمقى شەرق-غەرب مەدەنىيىتى ئۇچرىشىدىغان مۇھىم جايدا بولۇپ، تۇرپان بىلەن دەشتئاتا(دۇنخۇاڭ) يىپەك يولىدىكى مۇھىم سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە سودا مەركىزى بولۇش سۈپىتىدە شەرق بىلەن غەربنىڭ تۈرلۈك مەدەنىيىتى بىلەن دىنلىرى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇلىدىغان تۈگۈن بولغان. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك، ھىندى، ئىران ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي قەۋملەرنىڭ مەدەنىيەتلىرى بىلەن مۇشۇ يەردە ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشىپ بىرىكىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياخشى مۇھىت ھازىرلانغان.
يىللار قىسمىتى، ئۇرۇش مالىمانچىلىقىنىڭ گۇمران قىلىشى ۋە سۈنئىي بۇزغۇنچىلىق تۈپەيلىدىن ئەينى چاغدىكى ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاستانىسى بولغان ئىدۇققۇت شەھىرى ئاللىقاچان خارابەلىككە ئايلانغان، ئۆز ۋاقتىدا جاھانغا نامى پۇر كەتكەن ئىدۇققۇت شەھىرىنىڭ ئاۋات، گۈللەنگەن مەنزىرىسىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى. ئارخېئولوگىيىلىك قېزىلما ماتېرىياللىرى ۋە تارىخىي ۋەسىقىلەردە خاتىرىلىنىشىچە ھازىر ساقلىنىپ قالغان قەدىمىي شەھەر خارابىسى ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلى دەۋرىدە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئىدۇققۇت شەھىرى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ۋە كېڭەيتىپ قۇرۇلغان. شەھەر خارابىسى ئوردا قەلئەسى، ئىچكى قەلئە ۋە تاشقى قەلئەگە ئايرىلغان. تاشقى قەلئە ئايلانمىسىنىڭ ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 10كلومېتىر بولۇپ، تاشقى قەلئەنىڭ شەرقىي جەنۇبى بىلەن غەربىي جەنۇبىغا ھەيۋەتلىك ئىبادەتخانا، سودا رايونى ۋە قول سانائەت رايونى جايلاشقان. شەھەر سېپىلى ئېگىز، قېلىن ھەم ھەيۋەتلىك بولۇپ، سېپىل ئۇلىنىڭ كەڭلىكى 12مېتىر، ساقلىنىپ قالغان سېپىل خارابىسىنىڭ ئېگىزلىكى 5مېتىردىن 11.5مېتىرغىچە كېلىدۇ، سېپىل تېمى توپىنى چىڭداپ قوپۇرۇلغان، ھازىر ساقلىنىپ قالغان چىڭدالغان سېپىل تېمى خارابىسىنىڭ قېلىنلىقى 8سانتىمېتىردىن 12 سانتىمېتىرغىچە بولۇپ، بەزى جايلىرىغا ئانچە- مۇنچە كېسەك قىستۇرۇپ قوپۇرۇلغان. ھازىر ساقلىنىپ قالغان خان ئوردىسىنىڭ خارابىسىنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان ئۇزۇنلىقى 60 مېتىر، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان كەڭلىكى 30مېتىر بولۇپ، يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستىدىن ئىبارەت ئىككى قەۋەتكە بۆلۈنگەن. ئىچكى قەلئەنىڭ شىمالىدا ئېگىز بىر قەلئە ئىستېھكامى بار، قەلئە ئىستېھكامىنىڭ غەربىي شىمالىدا 15 مېتىر ئېگىزلىكتە بىر بۇددا ئىبادەتخانىسى مۇنارى بار. قەلئە ئىچىدە قۇرۇلۇش كۆلىمى 10مىڭ كۋادراتمېتىرچە كېلىدىغان بىر ئىبادەتخانا بار. شەھەر سېپىلىنىڭ ئەتراپى مۇداپىئە خەندىكى بىلەن ئورالغان بولۇپ، ئىزنالىرى ھېلىھەم ساقلىنىپ قالغان(18).
9-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن (بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ بالدۇر بولۇشى مۇمكىن) 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان مەزگىل ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلىدە بۇددا دىنىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى بولغان. بۇددا دىنى گۈللەنگەن دەۋردە ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلى ھۆكۈمرانلىرى باشلامچىلىق بىلەن بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ۋە بۇددا دىنىنىڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىغان، نەتىجىدە تۇرپان رايونىدا نەچچە ئەسىرگىچە بولغان تارىخىي دەۋر بۇددا مەدەنىيىتىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى بولغان. ھازىرقى ۋاقىتتا تۇرپاننىڭ يارغول قەدىمىي شەھىرى، ئىدۇققۇت قەدىمىي شەھىرى، بېزەكلىك، تۇيۇق، سىڭگىم قاتارلىق جايلاردىكى مىڭئۆي (تاشكېمىر)خارابىلىرىنىڭ كۆلىمى ناھايىتى ھەيۋەتلىك، بۇ خارابىلىكتىن تېپىلغان نەفىس تام رەسىملىرى ۋە لاي ھەيكەللەر ناھايىتى كۆپ، مانا بۇلار بىزنىڭ ئەينى چاغدىكى ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلىدە بۇددا دىنىنىڭ قايسى دەرىجىدە گۈللەنگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىشىمىزغا يېتەرلىك. مەسەلەن بېزەكلىك مىڭئۆيى تۇرپان شەھىرىنىڭ شەرق شىمالىغا 50نەچچە كلومېتىر كېلىدىغان مۇرتۇق جىلغىسىنىڭ كۈنپېتىش قىرغىقىدىكى تىك ياردا بولۇپ، ھازىر 80نەچچە تاشكېمىر ساقلىنىپ قالغان، بۇ يەردىكى ئەڭ بالدۇرقى تاشكېمىر تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياسالغان بولۇپ، مۇتلەق كۆپچىلىكى ئۇيغۇرخانلىقى دەۋرىگە مەنسۇپ، سەل كېيىنرەك ياسالغانلىرىمۇ يۇەن سۇلالىسى دەۋرىگە مەنسۇپ. كېمىرنىڭ شەكلى ئاساسەن تۆت چاسا كېمىر، ئۇزۇن چاسا كېمىر ۋە مەركىزىي تۈۋرۈكلىك كېمىردىن ئىبارەت. تام راسىملىرى ئاساسەن ماھايانا دەستۇرلىرىدىكى مەزمۇنلار تېما قىلىنىپ سىزىلغان. «ئۆزگەرتىلمە»رەسىملىرىمۇ، سەۋەبىيەت ھېكايەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەرمۇ، يەنە بەزىلىرى كىشىلەر تەرىپىدىن ساخاۋەتچى، دەپ قارالغان رەسىملەرمۇ بۇ يەرگە سىزىلغان. تام رەسىملىرىدە نۇرغۇن ساخاۋەتچى شەخسلەرنىڭ ئوبرازى يارىتىلغان بولۇپ، ئادەتتە تاشكېمىر ئىشىكىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تامغا سىزىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە ساخاۋەتچى ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىملىرى ھەممىدىن كۆپ. ساخاۋەتچى ئەرلەر يۇمۇلاق ياقىلىق ئۇيغۇر تونى كىيگەن، بەلباغ باغلىغان، بېشىغا تاجسىمان باش كىيىم كىيگەن، بومبا ساقاللىق كىشىلەر بولۇپ، رەسىملەرگە ئۇيغۇرچە بېغىشلىما يېزىلغان. ئۇيغۇر ساخاۋەتچىلەرنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرى، راھىب كالانلار، بۇددا ئەھكاملىرىنى قوغدىغۇچى تۇتۇق راھىبلار ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئاقسۆڭەكلىرى، ساخاۋەتچى تەقسىر-خانىملارمۇ بار(19).
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يازلىق ئاستانىسى بەشبالىخمۇ ئۇيغۇرلاردىكى مۇھىم بۇددا دىنى پائالىيەتلىرى رايونى بولۇپ، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى بۇددا دىنى مەركىزى. 1979- يىلى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئارخېئولوگىيە تەقىقات ئورنى شىنجاڭنىڭ جىمساردىكى بەشبالىخ قەدىمىي شەھىرىدە ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلى دەۋرىگە تەۋە بىر بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىىسىنى بايقىدى، قېزىۋېلىنغان تېپىندىلارنى 14C بىلەن ئېنىقلاش ۋە قالدۇق ئىزلارنى ئانالىز قىلىش ھەمدە تارىخي ماتېرىياللاردىكى يازما مەنبەلەرگە سېلىشتۇرپ ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق بۇ ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلغان دەۋرىنىڭ تەخمىنەن 10-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىغا توغرا كېلىدىغانلىقى ۋە قايدۇ توپىلىڭىدا ۋەيران قىلىنغانلىقىنى دەلىللىدى.
جىمساردىكى ئۇيغۇر بۇددا ئىبادەتخانىلىرىدىن زور مىقداردىكى ئۇيغۇر ساخاۋەتچىلەرنىڭ رەسىمى ۋە ئۇيغۇرچە بېغىشلىما بايقالدى، بۇ بېغىشلىما مەزمۇنىدىن ئۇيغۇر خاقانى، ئۇيغۇر مەلىكىسى ۋە دورغابلىرىنىڭ رەسىمىنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ، يەنە تېخى بەشبالىخ شەھىرىنىڭ يازلىق ئاستانە ئىكەنلىكى، ئىبادەتخانا ئورنى ۋە كۆلىمى ھەمدە ھەيكەل-تام رەسىملىرىنىڭ نەفسلىك دەرىجىسى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن تەھلىل قىلىپ بۇنىڭ ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خان جەمەتى ئىبادەتخانىسى ئىكەنلىكى دەلىللەندى. چوڭ قەسىرنىڭ جەنۇبىدىكى يول ئاغزىدىن خېلى چوڭ بىر پارچە تام رەسىمىنىڭ پارچىسى تېپىلغان بولۇپ بۇنىڭدا ئۇيغۇر ئىدۇققۇتى ساخاۋەتچىسىنىڭ رەسىمى، ئۇيغۇر ئىدۇققۇتىنىڭ يايسىمان ئالتۇن تاج تاقىغاندا مۈرىسىگە چۈشۈپ تۇرغان قارا چېچى، قاڭشارلىق بۇرنى، ساقىلى ، يۇمىلاق ياقىلىق، تار يەڭلىك نىمچا كىيگەن، ئۇزۇن غوللۇق ئالتۇنگۈلنى كۆكسىگە بېسىپ كۆتۈرۈۋالغان تەسۋىرىمۇ سىزىلغا. ئۇيغۇر قاغانىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئاق قالغان يەرگە «كۈن-ئاي تەڭرىدە قۇتبولمىش ئەل ئارسلانى، تەڭرىم ئۆز پاناھىدا ساقلىغان دانىشمەن ئىدۇققۇتنىڭ رەسىمى»(20). دېگەن ئۇيغۇرچە بېغىشلىما قارا سىياھدا ئۈچ قۇر قىلىپ يېزىلغان. ئىبادەتخانا يان سارىيىنىڭ شىمال تەرىپىنىڭ كۈن چىقىش ئۇچىدىكى S105 نومۇرلۇق سارايدا ساقلىنىپ قالغان كەمتۈك تام رەسىمىدە بىرپارچە جەسەت كۈلى تالىشىۋاتقان رەسىم بار، «جەسەت كۈلى تالىشىش» بۇددا دەستۇرلىرىدا يەنە «سەككىز پادشاھنىڭ جەسەت كۈلى تالىشىشى» مۇ دېيىلىدۇ، يەنى بۇددا نېرۋاناغا يەتكەندىن كېيىن ئەتراپتىكى ئەللەر لەشكەر تارتىشىپ جەسەت كۈلىگە ئېرىشمەكچى بولغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايە كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بەشبالىخ بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىدىكى جەسەت كۈلى تالىشىۋاتقان رەسىمدە ھازىر پەقەت بىرنەچچە پادشاھلىقنىڭ كۇشىناگارا ئېلىگە يۈرۈش قىلىۋاتقانلىقى، كۇشىناگارا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقى ھەمدە براھمان مۇرىتى رۇننانىڭ قوللىرىغا جەسەت كۈلى قۇتىسى ئېلىۋالغان سەككىز ئەل پادشاھلىرى بىلەن بىللە تۇرغان كۆرۈنۈشىلا ساقلىنىپ قالغان. مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئانالىزى قىلىشىچە، بۇ رەسىم روشەن ئۇيغۇرچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەن، پېرسۇناژلار ئوبرازى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئۇيغۇرلاشتۇرۇۋېتىلگەن بولۇپ، بۇددا دىنىنىڭ مەزمۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈۋېتىلگەن ئىكەن(21).
سۇڭ سۇلالىسى تەيپىڭ شىڭگو سەلتەنەتىنىڭ 6-يىلى( مىلادى 981-يىلى) سۇڭ تەيزۇڭ خادىمئاغا ۋاڭ يەندې قاتارلىقلارنى ئىدۇققۇتقا ئەلچىلىككە ئەۋەتكەن. يۇڭشى سەلتەنەتىنىڭ تۇنجى يىلى (مىلادى 984-يىلى) 4-ئايدا ۋاڭ يەندې سۇڭ ئوردىسىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئەلچىلىك جەريانى بايان قىلىنغان «ۋاڭ يەندېنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەت خاتىرىسى»نى يېزىپ چىققان، بۇنىڭ قىسمەن پارچىلىرى «سۇڭ تارىخى»قاتارلىق كىتابلاردا ساقلانماقتا. ئىدۇققۇت رايونىنىڭ بۇددا ئىبادەتخانىلىرى ھەققىدە ۋاڭ يەندې«تاڭ سۇلالىسىدىن قالغان بۇددا ئىبادەتخانىسىدىن 50نەچچىسى بار ئىكەن، ئىبادەتخانىلىرىدا” گادىنجور نومى“ (” ترىپىتاكا “) ” تاڭ ئاھاڭلىرى “ ،” سۆزلەر جەۋھىرى“ ، ” سۇتراسۋادا “ قاتارلىق بۇددا دەستۇرلىرى بارئىكەن» دەپ يازغان. بۇ شۇنىڭدىن بىشارەتكى، ئەينى چاغدىكى ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىبادەتخانىلاردا زور مىقداردىكى خەنزۇچە بۇددا دەستۇرلىرى ساقلانغان، شۇنداقلا يەنە خەنزۇ تىلىنىڭ قاپىيە سۆزلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرمۇ ساقلانغان. خەنزۇلار رايونىدىكى بۇددا دەستۇرلىرى ۋە باشقا مەدەنىيەتكە ئائىت كىتابلار ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلىدە تارقىلىشى ئۇيغۇر بۇددا مەدەنىيىتى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئارقا كۆرۈنىشى بولۇپ قالغان. گېرمانىيەدە ساقلىنىۋاتقان تۇرپاندىن تېپىلغان خەنزۇچە قالدۇق نوم-سۇترالارغا جەمئىي 7مىڭ نومۇر سېلىنغان بولۇپ، ئاساسەن بۇددا دەستۇرلىرىنىڭ قالدۇقلىرىدۇر، مەزمۇنى ئاساسەن بۇددا دىنىدىكى نوم،قانۇن(ۋىنايا)،مۇھاكىمەدىن ئىبارەت ”گادىنجور نومى“ (” ترىپىتاكا “) نى ئاساس قىلغان. بۇ بۇددا نوملىرىنىڭ قالدۇقلىرى ئېھتىمال ئەينى يىللىرىدىكى ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۇددا ئىبادەتخانىلىرىدا ساقلىنىپ كەلگەن كىتابلارنىڭ مىڭ يىللار مابەينىدىكى قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىدىن پەيدا بولغان قالدۇق بولسا كېرەك(22).


بىلىشىنى بىلىدىغان ئادەمگە ئەگەش ، بىلىشىنى بىلمىگەننى ئاگاھلاندۇر ، بىلگەننى بىلمىگەنگە بىلدۈر ، بىلمەيدىغىنىنى بىلمەيدىغاندىن قاچ !
يۇقىرىغا قايتىش Posted: 2008-02-15 14:40 | 4 -قەۋەت
بۇ ئەزا نۆۋەتتە توردا يوق TarimDadxah

دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئاپتور ماتېرىيالىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاشدوستقا قوشۇش
نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01
كىچىك نورمال چوڭبۇ يازمىنى نەقىل ئېلىش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش

3.ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقى

ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىلى سىستېمىسى تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە تەۋە. ئۇيغۇرلار ناھايىتى بۇرۇنلا يېزىق ئىجاد قىلىپ ئۇيغۇر تىلىنى يازغان. بايقالغان ۋەسىقىلەردىن ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇرلار ئىلگىر-ئاخىر تۈرك-رۇنىك يېزىقى، مانى يېزىقى، ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللانغان. بۇنىڭ ئىچىدە مانى يېزىقىنى ئاساسەن مانى دىنىغا كىرگەن ئۇيغۇرلارلا قوللانغان. يۇقىرىقى ئۇچ خىل يېزىقتا قالدۇرۇلغان ۋەسىقىلەر(يازما ھۆججەتللەر) بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىنى تەتقىق قىلىشتا تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭدىن باشقا يەنە براھمان يېزىقى ، سۈرىيە يېزىقى، باسپا يېزىقى ۋە تىبەت يېزىقىمۇ ناھايىتى تار دائىرىدە ئۇيغۇر تىلىنى يېزىش ئۈچۈن قوللىنىلغان(23).
ئۇيغۇرلار ئەڭ دەسلەپتە قەدىمقى تۈرك يېزىقىنى قوللانغان ، بۇ يېزىق شەكىل جەھەتتىن قەدىمقى شىمالىي ياۋروپا مىللەتلىرى ئىشلەتكەن رۇنىك يېزىقىغا ئوخشىشىپ كەتكەنلىكتىن تۈرك-رۇنىك يېزىقىمۇ دېيىلىۋاتىدۇ. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانى قارا قاغان (مويونچۇر قاغان، مىلادى 747-يىلىدىن 759-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) مەڭگۈ تېشى مۇشۇ يېزىقتا (تۈرك-رۇنىك يېزىقى) خاتىرىلەنگەن. ئادەتتە تۈرك-رۇنىك يېزىقىنىڭ كېلىپ چىقىشى قەدىمقى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئارامى يېزىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بۇ خىل يېزىق ئالدى بىلەن پارسلار ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پارس تىللىق مىللەتلەرگە تارقىلىپ ئاندىن شۇلار ئارقىلىق تۈركلەرگە تارقالغان، دەپ قارالماقتا. تۈرك-رۇنىك يېزىقى ھەرپ ۋە بوغۇم ئۆزئارا ئارىلاش بولغان ئەبجەش يېزىق بولۇپ، 38~40 ھەرپ بار، 5 ھەرپ ئارقىلىق 8 سوزۇق تاۋۇش ئىپادە قىلىنىدۇ؛ 8ئۈزۈك تاۋۇش جۈملىدە كېلىدىغان فونېتىك (تاۋۇش)مۇھىتقا ئاساسەن ئىككى يۈرۈش ئوخشاشمايدىغان ھەرپ ئارقىلىق ئىپادە قىلىنىدۇ. سوزۇق تاۋۇش ھەرپلىرى دائىم جۈملە ئوتتۇرىسى ۋە جۈملە ئاخىرىدا قىسقىراپ كېتىدۇ. تۈرك-رۇنىك يېزىقى ئادەتتە ئوڭدىن سولغا يېزىلىدۇ. يەنسەي ۋادىسىدىن بايقالغان تۈرك-رۇنىك يېزىقىدىكى مەڭگۈتاشلاردا سولدىن ئوڭغا يېزىلغانلىرىمۇ بار. سۆز-جۈملىلەر ئادەتتە قوشچېكىت (:) ئارقىلىق ئايرىلغان(24). ئۇيغۇرلار ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە تۈرك-رۇنىك يېزىقىنى قوللانغان.
ئۇيغۇرلار سوغدى يېزىقى ئاساسىدا يېڭى بىر يېزىق ئىجاد قىلغان، بۇ يېزىق ئۇيغۇرلار ئىلگىرى قوللانغان باشقا يېزىقتىن پەرقلەندۈرۈلۈش ئۈچۈن ئادەتتە ئۇيغۇر يېزىقى، دەپ ئاتالدى.
ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىشلىتىلىشكە باشلىغان دەۋرى توغرىلىق ئېنىق يازما خاتىرىلەر يوق، ئەمما مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، مىلادى9-ئەسىرنىڭ ئالدى-كەينىگە ئائىت كۆپلىگەن يازما ھۆججەتلەر مۇشۇ يېزىقتا خاتىرىلەنگەن. ئۇيغۇر يېزىقى كېيىنكى بىرنەچچە ئەسىردە ئىزچىل تۈردە ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزىقى بولۇپ، قاغانلىقنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرى، دىنىي دەستۇرلار، پۇقرالار ئارا ئىقتىسادىي ئېلىم-بېرىم ھۆججەتلىرى، ئەدەبىي ئەسەرلەر، تېببابەت ۋە دورىگەرلىككە ئائىت ۋەسىقىلەر قاتارلىقلارنى خاتىرىلەشتە قوللىنىلغان. ئۇيغۇر يېزىقى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتىگىمۇ خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇيغۇر يېزىقى13-ئەسىردىن15-ئەسىرگىچە بولغان دەۋردە ئالتۇن ئوردا خانلىقى(قىفچاق خانلىقى)، تۆمۈرىيلەر ئىمپېرىيىسى ۋە چاغاتاي خانلىقىنىڭ يېزىقى بولغان. 11-ئەسىردىكى مەشھۇر ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى، شائىرى يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ شاھانە ئەسىرى«قۇتادغۇ بىلىگ» ناملىق ئەسىرىنىڭ 1439-يىلى باشقىلار تەرىپىدىن مۇشۇ ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن. تۇرپان رايونىدا بۇ يېزىق 15-ئەسىرگىچە قوللىنىلغان. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جيۇچۇەندىكى سېرىق ئۇيغۇرلار رايونىدا 17-ئەسىردە كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرچە«ئالتۇن ئۆڭلۈگ يارۇغ يالتىراغلىق قوپتا كۆتىرىلمىش نوم ئىلىكى ئاتلىغ نوم بىتىك»(«ئالتۇن يارۇق»)نىڭ نۇسخىسى تېپىلدى.
ئۇيغۇرلار قارلۇق قاتارلىق قەبىلىلەر بىلەن بىرلىشىپ قۇرغان قاراخانىيلار تەسەررۇپىدا 10-ئەسىردە ئىسلام دىنى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى خاقانىيە تۈرك يېزىقى قوللىنىلىشقا باشلىدى، بۇ كېيىنكى دەۋردە چاغاتاي يېزىقى شەكىللىنىشىنىڭ مۇھىم ئاساسى بولۇپ قالغان. ئۇيغۇر يېزىقى قاراخانىلاردىمۇ قوللىنىلغان، بۇ يېزىق ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۈچى ئاجىزلىشىپ تاكى تۇرپان قاتارلىق جايلار تەلتۆكۈس ئىسلاملاشقانغا قەدەر قوللىنىلغان، 15-ئەسىرگە كەلگەندە چاغاتاي يېزىقى تەدرىجىي ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئورنىنى ئالغان. ئۇيغۇر يېزىقى ھەرپلىك يېزىق بولۇپ، 19~20ھەرپتىن تەركىب تاپقان. ھەرپلەرنىڭ باش ھەرپ، ئوتتۇرا ھەرپ ۋە ئاخىرقى ھەرپتىن ئىبارەت ئوخشاشمىغان شەكلى بولغان. دەسلەپتە ئۇيغۇر يېزىقى ئوڭدىن سولغا توغرىسىغا يېزىلغان بولسا، كېيىنچە سولدىن ئوڭغا تىك(يۇقىرىدىن تۆۋەنگە) يېزىشقا ئۆزگەرتىلگەن. ئۇيغۇر يېزىقى ئۆزىنىڭ خەتتاتلىق شەكلىگە ئاساسەن تېزيازما نۇسخىسى، يازما نۇسخىسى، نوم-سۇترا نۇسخىسى ۋە ئويما مەتبەئە نۇسخىسىدىن ئىبارەت نەچچە خىل شەكىلدىن تەركىب تاپقان. ئادەتتە قوشچېكىت(:) ياكى تۆتچېكىت(::) تىنىش بەلگىسى قىلىنغان. بەزى نوم-سۇترا يازما نۇسخىلاردا دائىم يۇقىرىقى تىنىش بەلگىلىرىدىن باشقا يەنە قىزىل، قارا چەمبەرلەرمۇ قوللىنىلغان.
يېزىق ئىشلىتىشكە باشلىغاندىن كېيىنكى ھەرقايسى دەۋرلەردە ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئەدەبىي تىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. نەچچە ئەسىرگە سوزۇلغان تارىخىي دەۋردە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىي قىسىمىدىكى ئالاقە قورالى بولۇپلا قالماستىن يەنە ئىزچىل تۈردە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭمۇ قوبۇل قىلىپ قوللىنىشىغا ئېرىشكەن. ئىدۇققۇت ئۇيغۇر . ئېلى بىلەن قاراخانىيلار تەسەررۇپىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ھەمدە خارەزىم تۈركچىسى ئەدەبىي تىلى (خاقانىيە تۈركچىسى بىلەن خارەزىم تۈركچىسىنىڭ ئەدەبىي تىلى) موڭغۇل يۇەن سۇلالىسى دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە شەكىللەنگەن ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي ئەدەبىي تىلى بولغان چاغاتاي تىلىنىڭ ئىككى مەنبەسىدۇر.
ئۇيغۇر ئېلىپبە جەدۋىلى(1) (نوم-سۇترا نۇسخىسى ئاساس قىلىنغان):
ئۇيغۇر يېزىقىدا سوزۇق تاۋۇش o (ئو) ھەرپى بىلەنu (ئۇ)ھەرپى ۋە ó (ئۆ) ھەرپى بىلەن ú (ئۈ) ھەرپى تېكىستتە پەرقلەندۈرۈلمىگەن .o ھەرپىنىڭ كەينىگە سوزۇق تاۋۇش ھەرپى y (ي) ھەرپىنى قوشۇش ئارقىلىق ó بىلەن ú ھەرپى ئىپادە قىلىنغان. ó بىلەن ú سوز - جۈملىنىڭ بىرىنچى بوغۇمىدا يېرىم سوزۇق تاۋۇش y ۋە ئۈزۈك تاۋۇش k ۋە g دىن كېيىن كەلسە u ياكى o لا يېزىلىپ يېرىم سوزۇق تاۋۇش بولغانy چۈشۈپ قالغان (قىسقارتىلغان)؛ سۆز بېشى ياكى بىرىنچى بوغۇمدىكى ئۈزۈك تاۋۇشتىن كېيىن (يېېرىم سوزۇق تاۋۇشy ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلاردىن k بىلەن g دىن باشقىلىرى ) كەلگەن يېرىم سوزۇق تاۋۇش ھەرپى y قىسقارتىلمىغان.ئۈزۈك تاۋۇشلاردىن b(ب) ھەرپى بىلەن p (پ)ھەرپى شەكىلدە ئوخشاش بولۇپ، پەرقلەندۈرۈلمىگەن. ئۈزۈك تاۋۇشلاردىن s (س)ھەرپى بىلەنš(ش) ھەرپى شەكىل جەھەتتىن ئوخشاش بولسىمۇ ئەمماš نى ئىپادە قىلىدىغان ھەرپنىڭ باشقا بىر ئۆزگەرگەن شەكلى بولغان، يەنى s نىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئىككى چېكىت قويۇش ئارقىلىق ئىپادە قىلغان. q (ق) ھەرپى بىلەن γ (غ) ھەرپى شەكىل جەھەتتىن پەرقلەندۈرۈلمىگەن بولسىمۇ ئەمما q نىڭ يەنە بىرخىل ئۆزگىرىش شەكلى بولغان، يەنى qنىڭ سول تەرىپىگە ئىككى چېكىت ياكى بىر سىزىق قوشۇش ئارقىلىق ئىپادىلىگەن .سۆز ئوتتۇرىسىدا ۋە سۆز ئاخىرىدا كەلگەن i(ئى) بىلەن y (ي)تاۋۇشى يېزىقتا پەرقلەندۈرۈلمىگەن.
باش سۈرەت
Uyghuryol
يازمىلار: 264
تىزىملانغان ۋاقتى: سېنتەبىر 28, 2018, 7:34 am

Re: مىخ مەتبەئە تېخنىكىسىنىڭ كەشپ قىلىنىشى ۋە غەرپكە تارقىلىشى

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Uyghuryol » نويابىر 1, 2018, 12:08 pm

4. ئۇيغۇرلارنىڭ تىلشۇناسلىق بىلىملىرى

ئۇيغۇرلار قەدىمقى شەرق-غەرب مەدەنىيىتى ئۆزئارا ئۇچرىشىدىغان غەربىي يۇرتتا ياشىغان ، قەدىمقى جۇڭگو مەدەنىيىتى ، ھىندىستان مەدەنىيىتى ، پارس – ئەرەب مەدەنىيىتى، تۈرك ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن بۇ يەردە ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشكەن. مانامۇشۇنداق مەدەنىيەت مۇھىتىدا ئۇيغۇرلار شەرق بىلەن غەربنىڭ تۈرلۈك مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى قوبۇل قىلىپ، مول ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدا مەدەنىيەت تارقىتىش ۋە ئالماشتۇرۇشقا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تىلشۇناسلىق جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى كىشىلەرنى بەكرەك جەلپ قىلىدۇ.
ۋېي-جىن دەۋرىدىن سۈي-تاڭ دەۋرىگىچە بولغان غەربىي يۇرتتا بۇددىزم تازا روناق تاپقان، ئىدۇققۇت، كۈسەن، سۇللاغ(كاشىغەر يېڭىشەھەر)، ئۇدۇن (خوتەن) قاتارلىق جايلار ئەينى زاماندا بۇددا مەدەنىيىتىنىڭ مەركەزلىرىدىن ئىدى. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن غەربكە نوم ئىستەپ كەلگەن فاشيەن، شۇەنزاڭ، يىجىڭ قاتارلىق راھىبلار بۇددىزمنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىياتى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشقان. توخارىستان، ئارساك (بۇخارا)، كانجۇت (سوغدىيانا)، ھىندىستان قاتارلىق ئەللەردىن شەرققە كېلىدىغان راھىبلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىگەن، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خان جەمەتى ۋە بۇددا دىنى ساھەسىنىڭ تەكلىبىگە بىنائەن جۇڭگونىڭ ئىچكىرى جايلىرىغا بۇددا ئەقىدىلىرىنى تەرجىمە-تەرغىب قىلىشقا كەلگەن بولسا، يەنە بەزىلىرى ئۆز ئالدىغا جاھان كېزىپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى بۇددا دىنى ساھەسىدىكىلەر بىلەن بۇددا ئەقىدىلىرى ھەققىدە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش باھانىسىدە ھىندىستان ۋە غەربىي يۇرتنىڭ بۇددا دەستۇرلىرى، ئىلمىي نۇجۇم ئىلمى (ئاسترونومىيە ئىلمى)، تەقۋىمچىلىك ئىلمى(كالېندارچىلىق ئىلمى)، تلشۇناسلىق ئىلمى، تېبابەت ئىلمى، ئاسترولوگىيە ئىلمى(يۇلتۇزلارنىڭ جايلىشىشىغا قاراپ كېلەچەككە پال ئېچىش ئىلمى) قاتارلىقلارنى تارقىتىش ئۈچۈن جۇڭگونىڭ ئىچكىرى جايلىرىغا كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر بۇددا دىنىنىڭ جۇڭگوغا تارقىلىشىدا ئالاھىدە تۆھپە ياراتقىنى ئۈچۈن تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالغان. مەسىلەن ئەنەتكەكنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىن(ئوتتۇرا ھىندىستاندىن) كەلگەن سرامانالاردىن(راھىبلاردىن) كاسياپاماتانگا، دىھارماراتنا، دىھارماراكسا، غەربىي يۇرت راھىبلىرىدىن جۇدالى، سروكاشا، سېخار، ئارساكتىن(بۇخارادىن) كەلگەن پارتھاماسىرس، كۈسەنلىك كومراجىۋا، شىمالىي ئەنەتكەكلىك(شىمالىي ھىندىستانلىق) بۇددىرۇتچى، سۇللاغلىق(كاشىغەرلىك) خۇيلان، ھىندىستانلىق مۇنەججىم( ئاسترونومىيە ئالىمى) كاسياپا، گائۇتاما، شاھزادە كومارا قاتارلىقلار جۇڭگونىڭ بۇددا دىنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان ھىندىستان ۋە غەربىي يۇرتلۇق راھىبلاردۇر. ئۇلار بۇددا نوملىرىنى كۆپلەپ تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق بۇددا ئەھكاملىرى ۋە بۇددا تەلىماتلىرىنى ئۇيغۇر يېرى ۋە جۇڭگونىڭ ئىچكىرى رايونلىرىغا تارقىتىپلا قالماستىن بەلكى قەدىمقى ھىندىستان، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تىلشۇناسلىق بىلىملىرىنىمۇ ئۇيغۇر يېرى ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقىتىپ، قەدىمقى جۇڭگونىڭ تىلشۇناسلىقى ئۈچۈن مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن.
قەدىمقى ھىندىستاندا تىلشۇناسلىق ناھايىتى تەرەققىي قىلغان، براھمان مۇرىتلىرى نوم-سۇترالارنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە توغرىلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇلار نوم-سۇترالارنى ئېغىزدىن قۇلاققا يەتكۈزۈپ ئوقۇشتا قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، يېزىق، فونېتىكا(تاۋۇش) ۋە گرامماتىكا ئۈستقدە ئىزدىنىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. قەدىمقى ھىندىستاننىڭ تۆت خىل ماھارىتىنىڭ بىرى بولغان «ئاۋاز ماھارىتى» يەنى تىلشۇناسلىققا ئائىت بىلىمى مۇشۇنداق ئىجتىھات بىلەن ئىزدىنىش نەتىجىسىدە تەرەققىي قىلغان. قەدىمقى ھىندىستاننىڭ تىلشۇناسلىق نەزەرىيىسىدە فونېتىكا، سۆز يىلتىزى (سۆز تومۇرى)، سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلار، سۆزياسىغۇچى ئالدى قوشۇمچىلار، سۆز ئارقا قوشۇمچىلىرى، ياسالما سۆز ۋە بىرىككەن سۆزلەر ناھايىتى ئەتراپلىق ھەم ئىنچىكە تەھلىل قىلىنغان. ھىندىستانلىق تىلشۇناس پانىنى(Panini)قەدىمقى ھىندىستاننىڭ تىلشۇناسلىقىنى سىستېمىلىق يەكۈنلەپ زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەسىرى«پانىنى گرامماتىكىسى» نى يېزىپ چىقىپ، كېيىنكى ئەسىرلەردىكى تىلشۇناسلىققا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. ھىندىستان تىلشۇناسلىقىدىكى فونېتىكاغا ئائىت بىلىملەرنىڭ قەدىمقى جۇڭگونىڭ فونېتىكا ئىلمىغا بولغان تەسىرى ناھايىتى زور بولغان.
شەرقىي خەن سۇلالىسىدىن كېيىن بۇددا نوملىرىنىڭ تەرجىمە قىلىنىپ جۇڭگوغا كىرىشىگە ئەگىشىپ خەنزۇلار رايونىدىكى ئىلىم ساھەسىدە تارقالغان«سىددام» سانسىكرىت تىلىنىڭ قولدىن قولغا ئۆتۈپ شەكىللەنگەن سوزۇق تاۋۇش ۋە ئۈزۈك تاۋۇش بوغۇم جەدۋىلىدۇر. «سىددام» جۇڭگوغا كىرگەندىن كېيىن بۇددا دىنى ساھەسىدىكىلەرلا سانسىكرىت تىلىنىڭ فونېتىكا قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ قالماستىن بەلكى ئىلىم ساھەسىدىكىلەر، زىيالىيلار ۋە ئەدىبلەرمۇ «سىددام»تەلىماتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. ھازىر بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئەڭ بالدۇرقى سانسىكرىتچە كىتاب«سىددام تەلەپپۇزى دەستۇرى» بولۇپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ تاڭ دېزوڭ دەۋران سۈرگەن جېنگۇەن سەلتەنەتى مەزگىللىرىدە(مىلادى 785~805-يىللىرى) يېزىلغان، دېمەك تاڭ دەۋرىدىكىلەر «سىددام» شەكلى(ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپلىرى) نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ھەمدە تىبەت يېزىقى ھەرپلىرى تىزىسلىرى بويىچە خەنزۇ يېزىقىغا ھەرپ ئىجاد قىلىشقان. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دۇنخۇاڭدىن بايقالغان ۋەسىقىلەر ئىچىدىن مۇشۇنىڭغا ئائىت ئىككى پارچە كەمتۈك جىلد تېپىلدى، بۇنىڭ بىرى «30ھەرپكە تەۋە مىساللار»، يەنە بىرى«شوۋۋېن قاپىيەلىرىنىڭ كەمتۈك جىلدى»دىن ئىبارەت.
«سىددام» تەلىماتىنىڭ تەسىرىدە، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەنزۇلار رايونىدا تەڭداش قاپىيەشۇناسلىق ئىلمى بارلىققا كېلىپ، تەڭداش قاپىيە قوللانمىلىرى يېزىلغان. تاڭ دەۋرىدە، ئىلىم ساھەسىدىكىلەر خەنزۇ تىلىنىڭ ئوقۇلۇش تەلەپپۇزىغا ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەن، بۇددا ئىلىم ئەھلىلىرى بولسا «قاپىيە ئىلمىنى ئېتىكاپتا ئولتۇرۇپ، پۈتۈن ئەقىل-ئىدراكىنى يىغىپ ئۆگىنىپ»، سانسىكرىت، خەنزۇ يېزىقىنىڭ تاۋۇش قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. مەسىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدىكى راھىب يىجىڭ يازغان«سانسىكرىتچە-خەنزۇچە مىڭ سۆزلۈك ماقالىلەر»(25)، چۇەنجېننىڭ «سانسىكرىتچە-خەنزۇچە ماقالىلەر»نىڭ ھەممىسى خەنزۇچە-سانسىكرىتچە سېلىشتۇرمىسى بولغان سانسىكرىتچە ئوقۇشلۇق.
«سىددام» تەلىماتى يەنە داۋاملىق شەرققە تارقىلىپ ياپونىيەگىچە بارغان، 8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ياپونىيەلىك راھىب ئەنرەن 880-يىلى (ياپونىيە يۇەنچىڭ سەلتەنەتىنىڭ 4-يىلى) يازغان 8جىلدلىق «سىددام دەستۇرى»دا سانسىكرىت يېزىقى ھەرپلىرىنىڭ شەكلى، تەرتىپى، ئوقۇلۇش تەلەپپۇزى ھەمدە ھەرپنى زورلاپ قوشۇشنىڭ ئەھمىيىتى قاتارلىقلار تەپسىلىي بايان قىلىنغان(26).
جۇڭگونىڭ بۇددا راھىبلىرى بىلەن زىيالىيلىرى سانسىكرىت تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ترانسكرىپسىيە قائىدىسىدىن ئىلھاملىنىپ خەنزۇچە خەتلەرنى ترانسكرىپىسىيە قىلىپ يېزىشتا قوللىنىلىدىغان ترانسكرىپسىيە قائىدىسىنى ئىجاد قىلغان(27). سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى جېڭ چياۋ يازغان«ئومۇمىي تەزكىرە»36-جىلدىنىڭ «7 تاۋۇشنىڭ بىرىنچىسى» دە : « يەتتە خىل تۈپ تاۋۇشتىن تەركىب تاپقان ئوقۇش ھەرپى غەربىي يۇرتتا بارلىققا كېلىپ كېيىنچە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرگەن، ھىندىستانلىق راھىبلار بۇ ئوقۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ دۇنيا مىقياسىدا دىن تارقىتىش يۈزىسىدىن بۇ كىتابنى يېزىپ چىققان. گەرچە ناھايىتى مۇرەككەپ بولغان تۈپتىن ئوخشىمايدىغان تىللار بىلەن تەرجىمە قىلىنىپ چۈشىنىش بەك قىيىن بولسىمۇ ئەمما خەتنىڭ ئوقۇلۇشى ۋە مەناسى بويىچە تارقالغان، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك راھىبلىرى مۇشۇنىڭغا ئاساسەن يەتتە خىل تاۋۇشنى قايتىدىن سېلىشتۇرۇپ 36 خىل ئەڭ ئاساسىي ئوقۇش ئۇسۇلىنى بەلگىلەپ چىققان، جاراڭسىز تاۋۇش، يېنىك تاۋۇش، جاراڭلىق تاۋۇش، تىترەڭگۈ تاۋۇش قاتارلىقلار ئۆز قانۇنىيىتى بىلەن ئالەمدىكى بارلىق شەيئىلەر چىقارغان تاۋۇشنى ئىپادە قىلغىلى بولىدۇ» دەپ يازغان بولسا يەنە 64-جىلدنىڭ «دەسلەپ ئۆگەنگۈچىلەرئۈچۈن تاۋۇش ۋەزنى»دە« ئوقۇلۇش بەلگىسى بىلەن تاۋۇش بەلگىلەش غەربىي يۇرتتىن كىرگەن بولۇپ، ئۇزۇندىن بېرى داۋام قىلىپ كەلگەن 14 خەت بىلەن بارلىق تاۋۇشنى ئىپادىلەش ئۇسۇلىدۇر، قوللىنىلغان يېزىق (ئوقۇلۇش بەلگىسى) ناھايىتى ئىخچام بولسىمۇ ئەمما ئىپادە قىلغان تاۋۇشلار ناھايىتى كۆپ بولغان، بۇ براھمان دەستۇرى، دېيىلىدۇ، ھالبۇكى تاۋۇشقا بەلگە قويۇش ئۇسۇلىنى مۇكەممەل ، دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ، سەل كېيىنرەك 36ئوقۇلۇش بەلگىسى ھەرپى بارلىققا كەلگەندىن كېيىنلا ئوقۇلۇش بەلگە سىستېمىسى ۋە ئۇنىڭ نەزەرىيەسى ئاندىن مۇكەممەللەشتى» دەپ يازغان.
بۇددا نوملىرىنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى بۇددا ئىدىيىسى، بۇددا تەلىماتىنىڭ تارقىلىش ئاساسى. شۇڭا ئۇيغۇر راھىبلىرى بۇددا ھەقىقىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بەس-بەستە سانسىكرىت تىلىنى ئىجتىھات بىلەن تەتقىق قىلىپ، سانسىكرىت تىلىدىن ناھايىتى كۆپ مۇھىم بۇددا نوملىرىنى تەرجىمە قىلغان. زور مىقداردىكى سانسىكرىتچە بۇددا دەستۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇر يەرلىرىگە تارقىلىشى ۋە سانسىكرىت تىلىنىڭ ئۇيغۇر بۇددا ئىبادەتخانىرىغا كىرىشى بۇدددا دىنىنىڭ سانسىكرىتچە ئەسلىي دەستۇرلىرىنى ئۇيغۇر بۇددىستلىرى ئىچىدە كەڭ تارقىلىشىغا ئاساس يارىتىپ بېرىپلا قالماستىن بەلكى ئۇيغۇر راھىبلىرىنى ھىندىستاننىڭ تىلشۇناسلىق بىلىملىرىنى ئۆگىنىش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشتۈردى.
10-ئەسىردىن كېيىن ئىسلام دىنىنىڭ كىرىشىگە ئەگىشىپ ئەرەب تىلشۇناسلىقىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قاراخانىلار تەۋەلىكىگە ھەم ئۇيغۇر يەرلىرىگە تارقالدى. كاشىغەرىيەنىڭ ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيىتىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە گۈللىنىش بارلىققا كەلدى، مەكتەبلەردە «قۇرئان كەرىم»، ھەدىس، ئەرەب تىلى، پارس تىلى، ئىسلام ئەقىدىلىرى نەزەرىيىسى، ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى، ماتىماتىكا ۋە ئىلمىي نۇجۇم(ئاسترونومىيە) دەرسلىرى ئۆتۈلدى. نەتىجىدە تۈرك ئىسلام مەدەنىيىتى روناق تېپىپ، تىلشۇناسلىققىمۇ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىلدى. بۇ مەزگىللەردە بىر تۈركۈم مەشھۇر ئالىملار ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى، ئۇلار ئىسلام ئەقىدىلىرىگە ئائىت ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ ۋە شەرھلەپ، ئۆلمەس ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، نۇرغۇن تېببىي، ئاسترونومىيە ئەسەرلىرىنى يېزىپ ۋۇجۇدقا چىقاردى، يەنە تېخى شۇ چاغدىكى تىللار ئۈستىدە نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ، تۈركىي تىللار ۋە شېۋىلەرنى توپلاپ، شۇ زاماندىكى تىلشۇناسلىق نەزەرىيەسى بويىچە تۈركىي تىللارنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئومۇمىيۈزلۈك تەتقىق قىلدى. 11-ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشىغەرى دەل شۇلارنىڭ بۈيۈك ۋەكىلىدۇر.
كاشىغەر شەھىرىدە تۇغۇلغان مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ بوۋىسى ۋە ئاتىسى قاراخانىيلار خانىدانلىقىنىڭ خانزادىلىرىدىن بولۇپ، قاراخانىلار ھاكىمىيىتىنى تىكلىگەن ھارون بۇغراخانلار جەمەتىنىڭ ئەۋلادى. بالىلىقى ۋە ياشلىقىدا ئۆز يۇرتىدا ياخشى تەربىيە كۆرگەن مەھمۇد كاشىغەرى ئەينى زاماندىكى ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى بولغان باغدادقا بارغان ھەمدە كېيىنچە تۈركىي قەۋملەر ئولتۇراقلاشقان يۇرتلارنى ئارىلاپ چىققان، تارىم ئويمانلىقى، يەتتەسۇ ۋادىسى، ئىلى يايلاقلىرى، ماۋاررائۇننەھر، دەشتى قىفچاق تۈركىي قەۋملىرى ئارىسىدا تۈركىي تىللارنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ۋە شېۋىسىنى نەچچە يىللاپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، زور مىقداردىكى تىل، تارىخ، ئەل ئېغىز ئەدەبىياتى، جۇغراپىيە ۋە ئۆرپ-ئادەتكە ئائىت ماتېرىياللارنى توپلاپ، 1074-يىلى يەنى ھىجىرىيە 464-يىلى قامۇس كەبى شاھانە ئەسەر «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى تاماملىدى.
مەھمۇد كاشىغەرى تەكشۈرۈپ ماتېرىيال توپللاشتىن بۇرۇن ئەتراپلىق تىلشۇناسلىق نەزەرىيىسىنى ئىگىلەپ، ناھايىتى يۇقىرى ئىلمىي ساپا ھازىرلىغان، شۇڭا ئۇ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى تۈركىي تىللارنىڭ فونېتىكا ۋە سۆزلىكلىرىنى توغرا خاتىرىلىگەن، ھەتتا ئۇنىڭ «دىۋان»دىكى فونېتىكا ۋە گرامماتىكا ئۈستىدە يۈرگۈزگەن تەھلىل-يەكۈنلىرى، تۈركىي تىللار ئۈستىدىكى ئاجايىب چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق تەتقىقاتى ھازىرغا قەدەر يىگانىلىقى بىلەن ناھايىتى زور ئىلمىي قىممەتكە ئىگە.
مەھمۇد كاشىغەرى بۇ لۇغەتنى تۈزۈشتىن بۇرۇن ئەرەب تىلشۇناسلىقى ۋە لۇغەت تۈزۈش جەھەتتىكى نەزەرىيە ھەم ئەمەلىيىتى ھەققىدە ئەتراپلىق ھەم چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولغان. ئۇ ئەرەبلەرنىڭ لۇغەت تۈزۈش جەھەتتىكى ئۇسۇلى ۋە تەجرىبىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كۆپ تەرەپلەردىكى ئارتۇقچىلىقلارنى قوبۇل قىلغان. «تۈركىي تىللار دىۋانى»8جىلدقا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەربىر جىلدى يەنە ئالدىنقى ۋە كېيىنكى دەپ ئايرىمچە ئىككى جىلدقا يەنى ئىملىق(静词) ۋە پېئىلغا ئايرىلغان، بۇ ئايرىمچە جىلد يەنە كۆرسەتكۈچكە(门)ئايرىلغان، ھەربىر كۆرسەتكۈچتىكى سۆزلۈكلەر سۆزدىكى ھەرپنىڭ ئاز-كۆپلىكى بويىچە يەنە ئىككى ھەرپلىك سۆزلەر، ئۈچ ھەرپلىك سۆزلەر، تۆت ھەرپلىك سۆزلەر قاتارلىق تۈرلەرگە ئايرىلغان. ھەربىر تۈردىكى سۆزلەر يەنە سۆزتۈركۈمى(سۆزقۇرۇلمىسى ۋەشەكلى) ۋە سۆز ئالاھىدىلىكى بويىچە تىزىلغان. مۇئەللىپ ھەربىر سۆزنىڭ تاۋۇشىنى ئىمكان قەدەر توغرا شەرھلەپ بەرگەن، «دىۋان»دا تۈركىي تىللارنىڭ گرامماتىكىسى، سۆزياسىغۇچى قوشۇمچىلىرى ۋە فونېتىكىسىغا ئائىت چۈشەنچە، ئىزاھات ۋە سېلىشتۇرمىلار ئالاقىدار باب-پاراگراف ۋە سۆزلەرنىڭ كەينىگە بېرىلگەن ؛ قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى بىلەن باشقا تۈركىي قەۋملەر تىلىنىڭ گرامماتىكىلىق ھالەتلىرىنى تەھلىل قىلىش ۋە سېلىشتۇرۇش جەھەتتە ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن.
ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە توختالغاندا مەھمۇد كاشىغەرى «دىۋان»نىڭ كىرىش سۆز قىسىمىدا: «ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ساپ تۈركچىدۇر،ئۇلارنىڭ ئىچكىي قىسىمدا ئۆزئارا قوللىنىدىغان يەنە بىر تىلى بار. (ئۇلار) بىرخىل تۈرك يېزىقى قوللىنىدۇ، بۇ يېزىق 25ھەرپتىن تۈزۈلگەن، باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك ئۇلار بۇ يېزىق بىلەن يازىدۇ، ئۇلارنىڭ چىننىڭكىگە (جۇڭگونى دېمەكچى)ئوخشاپ كېتىدىغان يەنە بىر يېزىقى بار، ئۇلار بۇخىل يېزىقتا ئىمزا قويىدۇ ياكى تىزىملايدۇ. كاپىرلار ۋە چىنلىقلاردىن باشقىلار بۇ يېزىقىنى بىلمەيدۇ»(28).بۇ يەردىكى«چىنلىقلارنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان يېزىق» خەنزۇ يېزىقى. دۇنخۇاڭ ۋە تۇرپان رايونىدىكى ئۇيغۇر بۇددا ئىبادەتخانىلىرىدا خەنزۇ تىل-يېزىقى مۇھىم تىل-يېزىق بولغان، نۇرغۇن ئۇيغۇر راھىبلار خەنزۇ تىل-يېزىقىنى پۇختا ئىگىلىگەن. ئۇيغۇر راھىبلىرى يەنە خەنزۇ يېزىقىنى ئۇيغۇر يېزىقى ھەرپى بىلەن ترانسكرىپسىيە قىلغان، بۇ رايوندىن بايقالغان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ھەرپى بىلەن ترانسكرىپسىيە قىلىنغان خەنزۇچە بۇددا نوملىرىدىن«تەڭرى ئىبادەتخانىسىدىكى قۇت ئاتلىغ نوم»بىلەن«ئېتىكاپتىكى بىكسۇ(راھىب)» ھازىر روسىيە ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ سانكت-پېتىربۇرگ شۆبىسىدە ساقلانماقتا(29).
غەربىي يۇرتتىكى ئۆزئارا سىڭىشىپ كەتكەن تۈرلۈك تىلشۇناسلىق تەلىماتىنىڭ تەسىرىدە ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلى ۋە دۇنخۇاڭدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت بىلىملەرنى تەرەققىي قىلدۇرغان. ھازىرغىچە بايقالغان ئۇيغۇرچە بۇددا دىنىغا ئائىت يازما يادىكارلىقلار ئىچىدە ئۆزگىچە بىرخىل مەزمۇندىكى يازما يادىكارلىق ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەردۇر، بۇ خىل يازما يادىكارلىقلاردا ئۇيغۇرچە تېكىست ئارىلىرىغا خەنزۇچە خەت يېزىلغان ئەھۋال دائىم ئۇچرايدۇ.
ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان يازما يادىكارلىقلار تەھلىلىدىن قارىغاندا، خەنزۇچە خەتلەرنى قىستۇرۇپ يېزىش ھادىسىسى خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىنغان ئۇيغۇرچە يازما يادىكارلىقلاردىلا ئۇچرايدۇ. بۇ تۈردىكى يازما يادىكارلىقلاردا خەنزۇچە خەتلەرنىڭ تېكىستتىكى رولى ۋە ئورنى بىرنەچچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇچە خەت قىستۇرۇلغان بىرتۈردىكى خەنزۇچە خەت ئۇيغۇرچە تېكىست مەزمۇنىنىڭ ئايرىلماس بىر تەركىبى بولۇپ قالغان. مەسىلەن، ئۇيغۇرچە«ئابىدارما كۇشاۋاردى شاشتىرغا مەدھىيە» بىلەن «تىلاۋەتتىكى بۇدساتۋا» قاتارلىقلاردا بۇ ھال كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇيغۇرچە«ئابىدارما كۇشاۋاردى شاشتىرغا مەدھىيە»نىڭ ھازىر سارقلىنىۋاتقىنى كەمتۈك بىر بەت بولۇپ، باشقا ئۇيغۇرچە يازما يادىكارلىقلار بىلەن بىرلىكتە تۈپلەنگەن، 1907-يىلى مارك ئاۋرېل شتايىن (سىتەيىن) دۇنخۇاڭ تاشكېمىرىنىڭ نوم ساقلاش خانىسىدىن ئېلىپ كەتكەن، ھازىر برىتانىيە كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇ ئۇيغۇرچە يازما يادىكىارلىقنىڭ مەزمۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا دىنىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلشۇناسلىق بىلىملىرىنى تەتقىق قىلىشتىمۇ مۇھىم ئىلمىي قىممەتكە ئىگە.
«ئابىدارما كۇشاۋاردى شاشتىرغا مەدھىيە»نىڭ بۇ كەمتۈك بېتىدە جەمئىي 13 قۇر ئۇيغۇرچە خەت بولۇپ، ئۇيغۇرچە قۇر ئىچىگە 127خەنزۇچە خەت قىستۇرۇپ يېزىلغان. بۇ خەنزۇچە خەتلەر بىلەن ئۇيغۇرچە خەتلەر ئۇلاپ يېزىلغان بۇ كەمتۈك بەتتە خەنزۇچە خەت تەرجىمىسىز بولۇپ، ئۇيغۇرچە جۈملىنىڭ ئايرىۋەتكىلى بولمايدىغان تەركىبىي قىسىمى بولغان، يەنى خەنزۇچە خەتنىڭ ئارقىسىغا ئۇيغۇر تىلىنىڭ گراماتىكا تەركىبىنى ئۇلاپ يازغان، بۇنداق تېكىستتە خەنزۇچە خەت ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىسىم ، تۈپ سۆز قاتارلىقلارنىڭ رولىنى ئوينىغان، خەنزۇچە خەتنىڭ كەينىگە ئۇلاپ يېزىلغان ئۇيغۇرچە خەت بولسا ئاشۇ ئىسىمنىڭ كەينىگە ئۇلانغان قوشۇمچە ياكى كۆپلۈكنىڭ رولىنى ئوينىغان، بەزىلىرىدە ئالماش ئىسىم تەۋەلىك قوشۇمچىسى ۋە سۈپەت ياسىغۇچى تەركىبلەر قاتارلىق گراماتىكىلىق ياكى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە تەركىبلەرنىڭ ئورنىدا كەلگەن. مەسىلەن، (ئىككىنچى قۇر) 无病__ tag، بۇيەردە بۇ خەنزۇچە خەت ئۇيغۇر تىلىدىكى«ساق،ساغلام»دېگەن سۆز يىلتىزىنىڭ ئورنىدا كەلگەن(شۇ كەمتۈك يازما يادىكارلىقنىڭ 2-قۇرىدا)؛ 根_ lar، (4-،9-قۇردا)، بۇ خەنزۇچە خەت «يىلتىز»دېگەن سۆزنىڭ ئورنىدا كەلگەن؛ يەنە مەسىلەن 良药-tag(4-قۇر)، 惭愧-ta 6-قۇر، 相应-intin (6-،13-قۇر)، 水-tin (7-قۇر)، 色-li (7-قۇر)، 心-taki (7-قۇر)، 喻-I (10-قۇر)، 毒药-tag(10-قۇر)، 无记-ning(13-قۇر)، 等起-si(13-قۇر) قاتارلىق خەنزۇچە خەتلەر تېكىستتە ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز يىلتىزى ياكى تۈپ سۆزنىڭ ئورنىنى ئالغان، بۇ خەتلەر ئىپادىلىگەن مەنا ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزنىڭ ئىپادىلىمەكچى بولغان مەناسى بىلەن ئوخشاش، دېمەك، خەنزۇچە خەتلەر شەكىل ۋە گرامماتىكىلىق ئىقتىدار جەھەتتە ئۇيغۇر تىلى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە بولغان. بۇ كەمتۈك يازما يادىكارلىق بېتىدىن شۇنى بايقايمىزكى، ئۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇچە خەتلەرگە ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياسىغۇچى ياكى گرامماتىكىلىق تەركىبلەرنى قوشۇپ يېزىش تەھلىلى ھازىرقى زامان تۈرك تىلشۇناسلىقىنىڭ تۈپ پرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن. (7-رەسىم 81~82-بەتلەرگە چۈشسە مۇۋاپىق). يەنە مەسىلەن، پېللىئوت ساقلىغان يادىكارلىقلار ئىچىدە بىر پارچە ئۇيغۇرچە «ئىستىقامەتتىكى بۇدساتۋا»نىڭ كەمتۈك جىلدى بولۇپ، ھازىر فرانسىيە دۆلەت كۇتۇپخانىسىددا ساقلانماقتا، ئۇنىڭ ھەربىر بېتىدە ئوخشاشلا ئۇيغۇرچە قۇرلار ئارىلىرىغا خەنزۇچە خەت قىستۇرۇپ يېزىلغان. بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان«ئابىدارما كۇشاۋاردى شاشتىرغا مەدھىيە»گە ئوخشاشلا تېكىستتىكى خەنزۇچە خەتلەرنىڭ ھېچقانداق ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى يوق بولۇپ، ئۇيغۇرچە جۈملىلەرنىڭ ئايرىلماس تەركىبى قىلىنغان، خەنزۇچە خەتلەرگە ئۇلاپ يېزىلغان ئۇيغۇرچە خەتلەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ گرامماتىكىلىق ياكى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلىرى تەركىبى بولغان، خەنزۇچە خەت ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىسىم ياكى پېئىل قاتارلىقلارنىڭ سۆز تومۇرىلىق رولىنى ئوينىغان(30).
تىلشۇناسلىق بىلىمىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئومۇملىشىشى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر تىلىنى تەھلىل قىلىپ، سۆز يىلتىزى، تۈپ سۆز، تۈرلۈك سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار ياكى گرامماتىكىلىق ئۇلانمىلارنى پەرقلەندۈرۈپ، تۈرلۈك سۆزلەرگە ئۇلىنىدىغان گرامماتىكىلىق ئىقتىدارلارغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرغان. بىز ھازىرغىچە ئۇيغۇر راھىبلىرىنىڭ بۇددا نوملىرىنى تەرجىمە قىلغاندا قانداق مۇددىئا-مەقسەتتە ئۇيغۇرچە نوم تېكىستلىرىگە خەنزۇچە خەت قىستۇرۇپ يېزىش شەكلىنى بىلمەيمىز، شۇڭا بۇ ھەقتىكى تارىخىي ماتېرىياللار ياكى يازما يادىكارلىقلار بولمىغاچقا بۇ خىل ھادىسىگە ھازىرچە يەكۈن چىقىرىشقىمۇ ئامالسىزمىز. ئەمما خەنزۇچە خەت قىستۇرۇپ يېزىلغان بۇ ئۇيغۇرچە يازما يادىكارلىقلار يەنە بىر نۇقتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرچە سۆز ياسىغۇچى ئۇلانمىلاردىن جانلىق پايدىلىنىپ ئۆز تىلىنى خەنزۇچە خەتكە ئۇلاپ يېزىش ئارقىلىق چوڭقۇر ئىدىيىۋىي مەزمۇنلۇق بۇددا نوملىرىنى ئىپادە قىلغانلىقىدەك بىر پاكتنى ھەمدە ئۆز تىلىنىڭ قۇرۇلمىسىغا بولغان تونۇش سەۋىيىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.
بۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇرچە بۇددا نوملىرى يادىكارلىقلىرىنىڭ باسما نۇسخىسى بىلەن كۆچۈرۈلمە نۇسخىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈپ سۆز ئاخىرى ياكى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنىڭ بېشىدا كەلگەن بەزى ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ جاراڭلىق، بوم بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئاڭلىق رەۋىشتە تۈپ سۆز بىلەن سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنى ئايرىپ يازغانلىقىنى ئۇچرىتىمىز. بۇنداق ئەنئەنە يەنەبىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارئۆز تىلىنىڭ قۇرۇلمىسى، مەسىلەن پېئىل قوشۇمچىلىرى، ئىسىم قوشۇمچىلىرى ۋە سۈپەت قوشۇمچىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى خېلى بۇرۇنلا تونۇپ يەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
مىلادى 10-ئەسىر بىلەن 11-ئەسىرنىڭ ئالمىشىش مەزگىللىرىدە ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلىدە سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ ۋەكىللىكىدىكى بىر تۈركۈم يېتۈك ئىلىم ئەھلىلىرى مەيدانغا كېلىپ، بۇددا نوملىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش ۋە ئۇيغۇر تىلى ۋەكىللىكىدىكى تۈركىي ئەدەبىي تىلنىڭ تەرەققىياتى ھەم قېلىپلىشىشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى(31). بۇدددا نوملىرىنى تەرجىمە قىلىش داۋامىدا سوغدى، توخار، خەنزۇ تىللىرىدىن نۇرغۇن سۆز قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز بايلىقىنى تېخىمۇ موللاشتۇردى؛ نوم تەرجىمە تىلىنىڭ تاۋلىنىشى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ بايان قىلىش ئىقتىدارى سېمانتىكا(سۆز مەنالىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىشى) جەھەتتىن يەنىمۇ تاكامۇللاشتى، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ نەزمىي ۋە نەسرىي شەكلى تەرەققىي قىلىپ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.
گەرچە ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلى بىلەن كاشىغەرىيەنى مەركەز قىلغان قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ئوخشىمىسىمۇ ئەمما قاراخانىيلار دۆلىتىنى قۇرغانلار ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلار ئوخشاشلا ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىلى خاقانىيە تىلى، دەپ ئاتالغان ئەمەلىيەتتىكى ئۇيغۇر تىلى ئىدى(32).خاقانىيە تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنى سېلىشتۇرىدىغان بولساق، فونېتىكا، بەزى گرامماتىكىلىق سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار، شېۋە ئامىلى پەرقى ھەم ئالدىنقىسىنىڭ ئەرەب-فارس تىلىدىن كۆپرەك سۆز قوبۇل قىلىش خاھىشى قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان پەرقتىن باشقا بۇ ئىككى تىل ئاساسەن بىر مىللەتنىڭ ــــــ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىي تىلى ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ ئىككى رايوننىڭ يېزىقىمۇ ئوخشىمايتتى، ئالدىنقىسى ئەرەب يېزىقىنى قوبۇل قىلغان، كېيىنكىسى بولسا يەنىلا ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىۋاتاتتى. ئەمما شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، ئۇيغۇر يېزىقى قاراخانىلار دۆلىتىدە يەنىلا ئەرەب يېزىقى بىلەن بىللە قوللىنىلغان، بۇ ئەھۋال ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقت داۋام قىلغان(33). ئۇيغۇرلار ئاساسلىق مىللەت بولغان بۇ ئىككى رايوننىڭ دىنىي ئېتىقادى ئوخشاش بولمىغىنى بىلەن ئوخشاش بىر مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىگە توسالغۇ بولالمىغان، مەھمۇد كاشىغەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا ئىدۇققۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلى ۋە يېزىقىغا مەخسۇس ئورۇن بەرگەن. مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ نەزەرىدە «ئۇيغۇر تىلى ئەڭ ساپ تۈركچىدۇر»، ئۇ «دىۋان»دا ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ھەممىسىنى مەخسۇس تىزىپ تونۇشتۇرۇپ، قاراخانىلار ئۇيغۇرلىرى قوللىنىۋاتقان ئەرەب يېزىقى بىلەن سېلىشتۇرغان، بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، مەھمۇد كاشىغەرى ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەھۋالىنى ناھايىتى پىششىق بىلگەن.
شۇنداق قاراشقا بولىدۇكى، گەرچە قاراخانىيلار دۆلىتىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلى ئوخشاشمىغان دىنغا ئېتىقاد قىلسىمۇ ئەمما ئىككى ئەل پۇقرالىرى بىلەن ئىلىم ساھەسىدىكىلەر ئارا ناھايىتى قويۇق ئالاقە ساقلىنىپ كەلگەن. ئىدۇققۇت بىلەن دەشتئاتا(دۇنخۇاڭ) دىكى ئۇيغۇر راھىبلىرىمۇ مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ تىلشۇناسلىق جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن خەۋەردار بولغان بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىنى كەشپ قىلىشىنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى.
bilik munbiri

بىلىشىنى بىلىدىغان ئادەمگە ئەگەش ، بىلىشىنى بىلمىگەننى ئاگاھلاندۇر ، بىلگەننى بىلمىگەنگە بىلدۈر ، بىلمەيدىغىنىنى بىلمەيدىغاندىن قاچ !
يۇقىرىغا قايتىش Posted: 2008-02-15 14:44 | 6 -قەۋەت
بۇ ئەزا نۆۋەتتە توردا يوق TarimDadxah

دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئاپتور ماتېرىيالىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاشدوستقا قوشۇش
نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01
كىچىك نورمال چوڭبۇ يازمىنى نەقىل ئېلىش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش

5. ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى

ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلى ھاكىمىيەت تىكلەشتىن بۇرۇنلا تۇرپان رايونىدا مانى دىنى بىلەن بۇددا دىنى تازا گۈللەنگەن. كيۇ جەمەتى خانىدانلىقى(鞠氏王朝) دەۋرىدە بۇ يەردە بۇدخانىلار كۆپلەپ قۇرۇلغان بولۇپ، غەربىي يۇرتتىكى مەشھۇر بۇددا دىنى مەركىزى بولۇپ قالغان. تۇرپاندىن تېپىلغان ۋەسىقىلەرگە ئاساسەن بىىز تۇرپان رايونىدىلا كيۇ جەمەتى خانىدانلىقى دەۋرىدە 150 نەچچە بۇددا ئىبادەتخانىسى بارلىقىنى بىلىمىز(34).قوچۇدىكى ئىبادەتخانىلاردا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ راھىبلىرى ئۆزئارا ئۆگىنىپ، بۇددا ئەھكاملىرىنى بىرلىكتە مۇتالىئە قىلغان.
غەربىي يۇرتتىكى مۇھىم شەھەر دەشتئاتا(دۇنخۇاڭ) بىلەن تۇرپان راھىبلارنىڭ غەربتىن بۇددا نوم-ئەھكاملىرىنى ئېلىپ كېلىشىدە ئۆتۈدىغان جاي بولغان، مەسىلەن خېشىلىق سرامان شى تەنشۆ قاتارلىق 8 راھىب ئۇدۇنغا(خوتەنگە) بېرىپ بۇددا دەستۇرلىرىنى تاۋاب قىلغان ھەمدە«بەس-بەستە غۇزچە مۇتالىئە قىلىپ، خەنزۇچە تەفسىر بېرىپ، راۋان ھەم پاساھەتلىك تەرجىمە قىلىپ، ھەرقايسىسى ئىگىلىگەنلىرىنى جىلد قىلىپ قوچۇغا قايتقاندىن كېيىن جەمئىيلەپ كىتاب قىلغان»(35).
«شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى»دا خاتىرىلىنىشىچە، تاڭ سۇلالىسىدە ئۆتكەن راھىب شۇەنزاڭ غەربكە نوم ئالغىلى مېڭىپ، قوۋۇقتىن چىقىپ ئىۋىرغولغا كەلگەندىن كېيىن شىمالىي يول ئارقىلىق ماڭماقچى بولۇپ بۇ يەردىكى قاغانلىقنىڭ قاغانبۇت شەھىرىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ غەربكە ماڭغان. ئىدىۇققۇت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قاغانى بۇ خەۋەرنى ئىشتكەندىن كېيىن ۋەزىرلىرىنى ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋېلىشقا ئەۋەتىپ، شۇەنزاڭنى ئىدۇققۇت شەھىرىگە ئېلىپ كەلگەن ھەمدە بۇ تاڭ راھىبىنى ئىدۇققۇتتا ئېلىپ قالماقچى بولغان. قاغاننىڭ تەكلىبىنى قەتئىي رەت قىلىپ، ئاچلىق ئېلان قىلىش ئارقىلىق غەربكە بېرىپ نوم ئەكىلىش ئىرادىسىنى نامايان قىلغان شۇەنزاڭ ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلى قاغانىنىڭ ھوزۇرىدا«دىيانەتلىك راجەنىڭ پرەجناسى»نومىدىن بىر ئاي ساۋاق بېرىپ، ئىدۇققۇت قاغانى كيۈۋىنتاي(鞠文泰) بىلەن ئاغا-ئىنى بولۇپ ئاندىن غەربكە يولغا چىقىشنى ۋەدە قىلغان. كۈنۋىنتاي قاغان شۇەنزاڭنىڭ نومدىن تەلىم بېرىشىدىغان ئورنى قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس چېدىر تىكتۈرگەن، «چېدىرغا 300دىن كۆپ ئادەم سىغاتتى، خانىشتىن باشقا يەنە بۇيرۇق-تۇتۇقلار،تارخانبەگلەر ئۆز رەت-تەرتىپلىرى بويىچە ئورۇن ئېلىشقان، ھەر قېتىم ساۋاق باشلىنىش ئالدىدا قاغان تەكەللۇب سالام-ساھەتلىرى بىلەن قارىشى ئالغىلى چىقىپ مېنى ئورنۇمغا تەكلىپ قىلاتتى، قاغان تېخى ئىبادەتتە يەنە يۈكۈنۈپ ھۆرمەت بىلەن ئولتۇراتتى، بۇ رەسمىيەت ھەر كۈنى شۇنداق داۋام ئەتتى»(36). كۈنۋىنتاينىڭ تاڭ راھىبى شۇەنزاڭغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدىن قاغاننىڭ قانچىلىك تەقۋادار بۇددىست ئىكەنلىكى ۋە بۇددا دىنىنىڭ ئىدۇققۇتتىكى ئورنىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋېلىش مۇمكىن.
مىلادى7-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بۇددا دىنى ئۇيغۇرلارغا خېلىلا زور تەسىر كۆرسەتكەن، «كونا تاڭنامە. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى»دە خاتىرىلىنىشىچە، ئۇيغۇر قاغانى سۇكۇن ئېركىن« بۇدساتۋادەك دانىشمەن بولغاچقا قەبىلىلەر دانىشمەن بىلىپ باش قىلغان»، بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «بۇدساتۋادەك» دېگىنى بۇددا دىنىدىكى «رەھىمدىل، دىيانەتلىك» ئادەم ، دېگەنلىكتۇر، بۇنىڭدىن بۇ ئۇيغۇر قاغانىنىڭ ئىسمىنىڭ بۇددا دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىكلىكىنى بىلىۋېلىش مۇمكىن. ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى بۇددا دىنى تۈرك قاغانلىقىدا تارقالغان، تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدىكى شاكرەماتال (شىفالىن، 释法琳) يازغان «بۇددا ئەھكاملىرىغا ئىسپات»نىڭ 3-جىلدىدا شىمالىي جۇ سۇلالىسىنىڭ پادشاھى تەي زۇۋېن يەنى يۇ ۋېنتەينى« قاغانلىقنىڭ بۈيۈك ئىنان قاغانى ئۈچۈن تۈرك ئىبادەتخانىسى سالدۇرۇپ بەرگەن»دەپ خاتىرىلىگەن. «سۈينامە. تۈركلەر تەزكىرىسى»دە:«چى بەگلىكىدىكى سرامان خۇيلىن تۈركلەر ئېلىگە بۇلاپ كېلىنگەندە ئۇ تاسبارقاغانغا‹چى بەگلىكى قۇدرەتلىك ئەل، بۇددا ئەقىدىسى ھۆكۈمراندۇر›دېگەندە، تاسپار قاغان ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشەنگەن...
ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلى دەۋرىدە بۇ يەردە بۇددا دىنى تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە مانى دىنىمۇ ئۇيغۇرلارئىچىگە تارقىلىپ كىرىپ ئۇيغۇر خان جەمەتى ۋە ئاقسۆڭەكلىرى ئارىسىدا قوللاشقا ئېرىشىپ بۇددا دىنى بىلەن بىللە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مەۋجۇدلىقىنى ساقلاپ كەلگەن. بۇ دەۋردە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتى تازا روناق تاپقان، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار جۇڭگو، ھىندىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئىران مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھەرلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزگىچە خاس بىرخىل مەدەنىيەت يارىتىپ، شەرق-غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تارقىلىشى ۋە ئالماشتۇرۇلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان.
مانى دىنى خەنزۇچە تارىخ كىتابلىرىدا«يورۇق دىن»دەپ ئاتالغان، بۇ دىننى پېرسىيىلىك مانى مىلادى 3-ئەسىردە زوروئاستېر(ئاتەشپەرەست) دىنى ئاساسىدا خرىستيان، بۇددا دىنى ۋە نېستورىيان مەزھىبى ئەھكاملىرىنى يۇغۇرۇپ ئۆزىگە خاس ئېتىقاد ۋە تەلىمات شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇ دىن مىلادى3-ئەسىردىن 15-ئەسىرگىچە ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپانىڭ نۇرغۇن رايونلىرىغا تارقالغان. بىر مەزگىل ئىران ساسانىيلار خانىدانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى شاپۇرⅠ (مىلادى 241-يىلدىن 272-يىلغىچە تەختتە ئوتۇرغان) تەرىپىدىن قوغدالغان. كېيىنچە ۋەللامⅠ نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان. ئۇزاق ئۆتمەي مانى دىنى يەنە بىر قېتىم زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، مانىنىڭ ئۆزى بەھرامⅠ تەرىپىدىن دارغا ئېسىلغان، ئۇنىڭ مۇرىتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۇرپان قاتارلىق جايلارغا قېچىپ كېلىپ پاناھلانغان، ھەتتا بەزىلىرى جۇڭگوغىچە قېچىپ بېرىپ پاناھلانغان. مانى دىنى 9-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ دۆلەت دىنى بولغان، مانى روھانىيلىرى قاغانلىقتا ھەتتا ھاكىمىيەت قاتلاملىرىغىچە كۆتۈرۈلگەن. ئۇيغۇر قاغانىمۇ مانى مۇرىتلىرىغا يۈكسەك ئىمتىيازلارنى بېرىپ مانى ئىبادەتخانىلىرىنى سالدۇرغان، ئۇلارنىڭ دىن تارقىتىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىغان. لى جاۋ يازغان«تاڭ سۇلالىسى تارىخىغا تولۇقلىما»نىڭ 9-جىلدىدا:«ئۇيغۇرلار ئادەتتە مانى روھانىيلىرى بىلەن ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشەتتى، ئوردۇبالىختا مانى ئىبادەتخانىلىرى قۇرۇپ بەرگەن ئىدى. مانى ئەھكامىدا ئەتىگەن ۋە كەچتىلا غىزالىنىش، سۇنى ئۇلۇغلاش، توخۇ-ئۆردەك ، بېلىق يېيىش تەرغىب قىلىناتتى، سۈت-قايماق مەنئىي قىلىناتتى. مانىنىڭ ئالىي روھانىيسى نەچچە يىلدا بىر جۇڭگوغا بېرىپ تۇراتتى»دەپ خاتىرىلەنگەن.
مانى مۇرىتلىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىمۇ ناھايىتى جانلانغان بولۇپ، پائال دىن تەشۋىق قىلىپ، ئىبادەتخانا سېلىپ، قەدەملىرىنى چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىغىچە كېڭەيتكەن.«كىتابلار جەۋھىرى. خارجى ۋەزىرلىكى مەھكىمىسى. ئۆتۈنۈشنامە» دە خاتىرىلىنىشىچە، يۇەنخې سەلتەنەتىنىڭ 2-يىلى(مىلادى 803يىلى) «ئۇيغۇر يالاۋاچلىرى‹ئەلچىلىرى› خېنەن مەھكىمىسى بىلەن تەييۇەن مەھكىمىسىدىن ئۈچ جايدا مانى ئىبادەتخانىسى قۇرۇپ بېرىشنى ئۆتۈنگەن» يەنە «بۇددا بۇزۇرۇگلىرى ئومۇمىي تەزكىرىسى» نىڭ 54-جىلدىدا خاتىرىلىنىشىچە، تاڭ سۇلالىسى دالى سەلتەنەتىنىڭ 6-يىلى(مىلادى 771-يىلى)«ئۇيغۇرلار جىڭ، ياڭ، خۇڭ، يۆ قاتارلىق ئايماقلاردا يورۇق بۇلۇت ئىبادەتخانىسى قۇرۇپ بېرىشنى ئۆتۈنگەن، بۇ دىن مۇرىتلىرى ئاق لىباس، ئاق تاج كىيەتتى» دېيىلگەن.
مانى دىنى ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلىدە داۋاملىق ھامىيلىققا ئېرىشكەن بولۇپ، خان جەمەتى، ئوردا ئەھلى ۋە ئاقسۆڭەكلەر تەبەقىسىدە نۇرغۇن مۇرىتلىرى بولغان. مانى دىنى ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەن، قاغانلىقنىڭ نۇرغۇن مۇھىم سىياسىي ۋە خارجى قارارلىرىنى كېڭىشىشكە مانى روھانىيلىرى ئىشتراك قىلغان. ئىدۇققۇت ئۇيغۇر قاغانىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ئەۋەتكەن يالاۋاچلىرىغا كۆپىنچە مانى روھانىيلىرى باش بولغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندىمۇ مانى روھانىيلىرى ئۇيغۇر قاغانىنىڭ ئەلچىسى بولغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلىگە ئەۋەتكەن ئەلچىسى ۋاڭ يەندې ئۆزىنىڭ ئەلچىلىك خاتىرىسىدە«...قەلئەنىڭ ئارقىسىدا مانى ماناستىرى بار ئىكەن، ئىران راھىبلىرى ئۆز قانۇنلىرىنىڭ مەزھىبىنى قوغدايدىكەن» دەپ يازغان. ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلىدە مەخسۇس مانى ئىبادەتخانىلىرى بولغان، مانى دىنى سۈلۈكى نۇرغۇن تېرىلغۇ يەر، ئۈزۈمزارلىق ۋە چارۋىغا ئىگە بولغان. مانى دىنى سۈلۈكىنىڭ ئىچكىي قىسمىدا قاتتىق دەرىجە ۋە تەبەقە تۈزۈمى بولغان، بۇلار مانى كاھىنلىرى، مانى تەپتىشلىرى، مانى چوپان راھىبى، سايلىغۇچى بودۇن قاتارلىق تەبەقىلەرگە بۆلۈنگەن (37).
دەشتئاتا(دۇنخۇاڭ) بىلەن ئىدۇققۇت رايونىدا مانى دىنىنىڭ نۇرغۇن نادىر دەستۇرلىرى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىنغان.ھازىرغىچە بايقالغان ئۇيغۇرچە مانى دىنى دەستۇرلىرىدىن «مانى مۇخلىسلىرىنىڭ تۆۋىنامىسى»، «يورۇق-زۇلمەت دەستۇرى»قاتارلىقلاربار(38). ئۇيغۇر مانى مۇخلىسلىرى مانى دىنى دەستۇرلىرىنى ئۇيغۇرچە ۋە مانىچە يازغان. ھازىر ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرچە مانى دىنى ۋەسىقىلىرىدىن مۇھىمراق بولغانلىرى««مانى مۇخلىسلىرىنىڭ تۆۋىنامىسى» بولۇپ، بۇنىڭ دەسلەپكى ئەسلىي نۇسخىسى ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋردىكى ئىران تىلىدا يېزىلغان بولۇشى مۇمكىن، ھازىرغىچە بۇنىڭ سوغدى تىلىدىكى كەمتۈك پارچىسى بايقالدى. مەزمۇنى مانى مۇخلىسلىرىنىڭ گۇناھىغا تۆۋە قىلىدىغان تۆۋىنامىدىن ئىبارەت. ھازىرغىچە بۇ ۋەسىقىنىڭ ئوخشاشمىغان كۆچۈرۈلمىسى بايقالدى، بۇنىڭ ئىچىدە مۇھىمراقى ئۈچ خىل بولۇپ، بىرىنچى خىلى مانى يېزىقىدا يېزىلغان يۆگىمە شەكىلدىكى ئۇزۇنلۇقى 454سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى 10.5سانتىمېتىرلىق كۆچۈرۈلمىسى. بۇنىڭغا قاتتىق قەلەمدە مانى يېزىقىدىكى مانى دەستۇرى ئەقىدىلىرى ناھايىتى چىرايلىق ۋە رەتلىك قىلىپ يېزىيلغان. بۇ يۆگىمە كىتابنىڭ ئاخىرقى بېتىدە يەككە سىزىق بىلەن سىزىلغان مانى مۇخلىسىنىڭ رەسىمى بار. مۇشۇ يۆگىمە كىتاب تېكىستىنىڭ ئالدىنقى قىسىمىنىڭ ئارقا يۈزىگە ئۇيغۇرچە«bitigim(a?) »(مېنىڭ مانى دەستۇرنامەم) دېگەن بېغىشلىما يېزىلغان. بۇنىڭدىن مانى يېزىقىدا كۆچۈرگۈچىنىڭ ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىن خەۋىرى بارلىقى مەلۇم. ئېھتىمال كۆچۈرگۈچى بۇ مانى دەستۇرىنى مانى يېزىقىدا كۆچۈرگەن بولۇشى مۇمكىن، شۇنىڭدەك يەنە سوغدى يېزىقى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان ئۇيغۇر يېزىقى ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئالاقە قىلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇ كۆچۈرۈلگەن نۇسخىنى ئاۋرېل شتايىن (ستەيىن) دۇنخۇاڭدىكى تاشكېمىرلەرنىڭ نوم-دەستۇر ساقلايدىغان خانىسىدىن بايقىغان، ھازىر برىتانىيە كۇتۇپخانىسىىدا ساقلانماقتا. ئىككىنچى خىلى چارروسىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق كونسۇلى دىياكوۋ 1908-يىلى تۇرپان ئاستانىدىن بايقىغان ئۇيغۇرچە يېزىلغان نۇسخىسى، بۇ نۇسخا ھازىر روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى يىراق شەرق تەتقىقات ئورنىنىڭ سانكت-پېتىربۇرگ شۆبىسى قوليازما بۆلۈمىدە ساقلانماقتا. ئۈچىنچى خىلى گېرمانىيە ئارخېئولوگىيە ئەترىتى 1907-يىلى تۇرپاندىن قېزىۋالغان نۇسخا (39).
ئارخېئولوگىيىلىك قېزىلمىلارنىڭ تەھلىل قىلىنىشىچە، تۇرپاندىكى ئىغۇققۇت قەدىمىي شەھىرى، يارغول قەدىمىي شەھىرى، بېزەكلىك تاشكېمىرىدىكى 52كېمىر، سىڭگىم ئېغىزى تاشكېمىرى، تۇيۇق قاتارلىق جايلاردا تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە ئائىت مانى خارابىسى ساقلانغان. گېرمانىيە ئارخېئولوگىيە ئەترىتى 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئىدۇققۇت قەدىمىي شەھىرى خارابىسىدىن مانى دىنى ئىبادەتخانىسىنى بايقىغان ھەمدە مانى دىنىغا ئائىت قوليازما چەسىقىلەر بايقالغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە مانىچىلىرىمۇ، ئۇيغۇرچىلىرىمۇ بار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە مانى دىنى ئىبادەخانىسىنىڭ تۇغ-ئەلەملىرى، مانى دىنى مەزمۇنىدىكى شايى رەسىم ۋە تام رەسىملىرىمۇ بايقالدى. مانى ئىبادەتخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە تام رەسىملىرى مەزمۇنىنى تەھلىل قىلغاندا، مانى دىنى بۇ يەردە بۇددا دىنى بىلەن ناھايىتى زور دەرىجىدە بىر گەۋدىلىشىپ، بۇ ئىككى دىن ئىناق مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان، ئارخېئولوگلار يارغول قەدىمىي شەھەر خارابىسىدىنمۇ مانى دىنى ۋەسىقىلىرىنىڭ كەمتۈك پارچىلىرىنى تاپقان(40).
گەنجۇ، شاجۇ ۋە دۇنخۇاڭلاردىكى ئۇيغۇرلار مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. ئۇيغۇرلار گۇرۇھى بۇ يەرلەرنىڭ ھۆكۈمران يادروسىغا ئايلانغاندىن كېيىن ئۇيغۇر خان جەمەتى، ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە پۇقرالىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىشى بىلەن دۇنخۇاڭدىكى بۇددا دىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلغان، ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرى موگاۋ تاشكېمىرى قۇرۇش ۋە بۇددا دىنىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغان، نەتىجىدە زور مىقداردىكى بۇددا نوملىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرقىمە قىلىنغان، نۇرغۇن تاشكېمىرلەر يېڭىدىن ياسالغان، تام رەسىملىرى سىزىلغان ۋە رېمونت قىلىنغان. دۇنخۇاڭدىكى نوم-سۇترا ساقلاش ئۆيىدە ساقلانغان زور مىقداردىكى بۇددا نوملىرى، موگاۋ غارىدىكى ئۇيغۇرچە بېغىشلىمىلار ھەمدە ئۇيغۇر خان جەمەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تام رەسىملىرى قاتارلىقلار بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر.
دۇنخۇاڭ تاشكېمىر ئىبادەتخانىسىدىكى بىر قىسىم تاشكېمىرلەر ئۇيغۇرلارغا تەۋە تاشكېمىرلەردۇر. موگاۋ غارى تاشكېمىرلىرىدىكى ئۇيغۇر ساخاۋەتچىلەرنىڭ رەسىملىرى ۋە بېغىشلىمىلىرى بۇ يەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا تەۋە ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە ۋە ئەڭ قايىل قىلارلىق ئاساسىدۇر. يەنە بەزى تاشكېمىرلەردىكى ئۇيغۇر سەنئىتى ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئۇسلۇبى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تام رەسىملىرىمۇ بۇنىڭ مۇھىم دەلىلىدۇر. شۇنىڭدەك يەنە تاشكېمىرلەرنىڭ شەكىل قۇرۇلمىسى ۋە تام رەسىملىرىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئۇيغۇر بۇددا سەنئىتى ھەمدە ئۇنىڭدىكى مىللىيچە ئالاھىدىلىك ۋە دەۋر ئامىلى بۇلارنىڭ ئۇيغۇرغا تەۋە ئىكەنلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسىدۇر. ئالاقىدار تەتقىقاتچىلار يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن موگاۋ غارى، كۈنپېتىش مىڭ ئۆي، قاراياغاچلىق غارى قاتارلىق جايلاردىكى كېمىرلەرنى ئۇيغۇرلارغا تەۋە، دەپ ئايرىدى. دەسلەپكى تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، موگاۋ غارىدىكى 306-، 307-، 308-، 363-، 399-، 418-، 244-(ئۆتۈشمە يول)، 409-، 237-(ئۆتۈشمە يول ۋە دالان)، 148-(ئۆتۈشمە يول ۋە ھۇجرا ئۆينىڭ يېرىمى)، 309-، 97-، 330-، 310-، 245-، 207-، 464-قاتارلىق تاشكېمىرلەرنىڭ ئۇيغۇر دەۋرىگە ئائىت ئىكەنلىكىنى تەھقىقلىگەن. يەنە كۈنپېتىش مىڭ ئۆيدىكى 4-، 9-، 10-(ئۆتۈشمە يول)، 12-، 13-دىن ئىبارەت بەش غار ۋە قاراياغاچلىق غارىدىكى 21-(دالان ئۆيدىكى ئۆتۈشمەيول)،39- قاتارلىق غارلارنىڭمۇ ئۇيغۇر دەۋرىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى تەھقىقلىدى. دۇنخۇاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا تەۋە غارلاردا نۇرغۇن ئۇيغۇر ساخاۋەتچىلەرنىڭ رەسىمى بولۇپ، بۇلار بۇ غارلارنىڭ تولىمۇ مۇھىم ئالاھىدىلىكىدۇر. ئۇيغۇر ساخاۋەتچىلەرنىڭ رەسىمىدە ئۇيغۇر خانى ياكى ئاتامانىنىڭ رەسىمى ھەم ئۇيغۇر خانىشىنىڭ رەسىمى بار. مەسىلەن، 100-غارنىڭ كۈنچىقىش تېمىدا «□ تەڭرى قۇنچۇسى(مەلىكىسى) گەنجۇ ئۇيغۇر قاغانىنىڭ ...» ۋە «خاتۇن گەنجۇ قاغانىنىڭ تەڭرى مەلىكىسى بىلەن بىللە خەيرىخاھ بولدى» دېگەندەك بېغىشلىما بار. بۇ بېغىشلىمىلارنىڭ مەزمۇنىدىن ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرى ۋە يۇقىرى تەبەقەلىرىدىكىلەرنىڭ بۇددا دىنىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن(41).
مىلادى 11-ئەسىردە، ئۇيغۇرلارنىڭ قوشنىسى بولغان تاڭغۇتلارمۇ بۇددا دىنىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چوڭ تىپتىكى ئىبادەتخانا سالغان، بۇددا نوملىرىنى تەرجىمە قىلغان. ئۇيغۇر راھىبلىرى تاڭغۇت خان جەمەتىنىڭ تەكلىپى بويىچە تاڭغۇت ئېلىگە بېرىپ بۇددا نوملىرىنى تەرجىمە قىلىش، بۇددا ئىبادەتخانىلىرىنى سېلىش قاتارلىق بۇددا دىنىنى گۈللەندۈرۈش ئىشلىرىغا قاتناشقان. ئۇيغۇر راھىبلىرى تاڭغۇت ئېلىدە ناھايىتى يۇقىرى نوپۇزغا ئىگە بولغان. تاڭغۇت خانلىقىنىڭ ئىككىنچى خانى تيەنيۇ چۇيشېڭ سەلتەنەتىنىڭ تۇنجى يىلى(مىلادى 1050-يىلى) قىشتا تاڭغۇت ئېلى تەڭرى مەدىتى ئىبادەتخانىسى (چېڭتيەنسى)نى سېلىشقا باشلىغان، بۇ ئىبادەتخانا پۈتكەندىن كېيىن ئۇيغۇر راھىبىنى ئىبادەتخانا مۇنارىغا چىقىپ نوم ئوقۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان، تاڭغۇتلارنىڭ ئالىي ھۆكۈمرانى خانىش موساڭ بىلەن تېخى بالاغەتكە يەتمىگەن تەخت ۋارىسى لياڭ زو دائىم كېلىپ نوم تىڭشىغان. ئۇيغۇر راھىبنىڭ يېڭىدىن پۈتكەن ئىبادەتخانىغا تەكلىپ قىلىنىپ نوم ئوقۇغاندا دۆلەت ئانىسى بىلەن بالا ۋەلىئەھد قەدەم تەشرىپ قىلىپ نوم ئاڭلىشىدىن ئۇيغۇر راھىبنىڭ ئالاھىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. يەنە مەسىلەن«تاڭغۇت خاتىرىلىرى»نىڭ 11-جىلدىدە خاتىرىلىنىشىچە، تاڭغۇت ئېلىنىڭ ئىبادەتخانىلىرى«ئۇيغۇر راھىبلىرىنى كۆپلەت تەكلىپ قىلىپ نوم تېكىستلىرىگە شەرھ يازدۇراتتى، نوم تەرجىمە قىلدۇراتتى». تاڭغۇت ئېلىنىڭ ھۆكۈمرانى (يىزۇڭ) لياڭ زو ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن زاماندا لياۋ سۇلالىسى بىلەن بۇددا تەلىماتلىرى ئالماشتۇرغان، لياۋ سۇلالىسىغا ئۇيغۇر راھىبلىرىنى، ئالتۇن بۇتلارنى ۋە براھمانچە نوم قاتارلىقلارنى تەقدىم قىلغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، ئۇيغۇر راھىبلىرى تاڭغۇت ئېلىدە نوم تەرجىمە قىلىش، نوم-سۇترالارغا تەپسىر-شەرھ يېزىش بىلەنلا قالماي يەنە تېخى ئىككى ئەل بىلەن بولغان باردى-كەلدىدە«سوۋغاتلىق» سۈپىتىدە لياۋ سۇلالىسىگە يوللانغان (42).
ئۇيغۇرلار بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان بىرقانچە يۈز يىلدا ئۇيغۇر راھىبلىرى ۋە تەقۋادار بۇددىستلىرى سانسىكرىت، توخار، خەنزۇ، تىبەت تىلىدىن زور مىقداردىكى بۇددا نوملىرىنى تەرجىمە قىلغان. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە روسىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئەترەتلىرى تۇرپان، كۇچا قاتارلىق جايلاردا زور كۆلەمدە ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئارقىلىق ئون نەچچە خىل تىل-يېزىقتىكى نۇرغۇنلىغان قەدىمىي ۋەسىقىلەرگە ئېرىشتى، بۇنىڭ خېلى كۆپلىرى ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەر ئىدى(43). بۇ ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەر ھازىر ئاساسەن روسىيە ئاكادېمىيىسى يىراق شەرق تەتقىقات ئورنى سانكت-پېتېربۇرگ شۆبىسىدە، گېرمانىيە بېرلىن ئاكادېمىيىسى، بېرلىن ھىندىستان سەنئەت مۇزېيى، فرانسىيە دۆلەت كۇتۇپخانىسى، پارىژ گۇيمېت مۇزېيى، ئەنگلىيە كۇتۇپخانىسى، ياپونىيە لوڭگۇ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى، يولىڭگۇەن كۇتۇپخانىسى، تيەنلى ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى قاتارلىق جايلاردا ساقلانماقتا(44).
ھازىرغىچە بايقالغان ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەردىن قارىغاندا، بۇددا دىنى ھىنايانا مەزھىبى بىلەن ماھايانا مەزھىبىنىڭ ئاساسلىق دەستۇرى (بالدۇرقى بۇددا دىنى مەزھىبى دەۋرىدىكى سۇدۇر ئاغىلىق نوم بىلەن ئابىدارام ئاغىلىق نومنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، نوم تەپسىرلىرى، بۇددا راھىبلىرىنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەنزۇلار رايونىدا بارلىققا كەلگە«گۇمانلىق ساختا سۇترا»(مەسىلەن«ئىلاھى ئەفسۇن سۇترىسى»)لارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ قوليازما ياكى باسما شەكىلدە ئۇيغۇر يېرىدە كەڭ تارقالغان.ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىنغان بۇ بۇددا نوملىرىنىڭ ئىچىدە سانسىكرىتچىدىن بىۋاسىتە تەرجىمە قىلىنغانلىرىمۇ، توخار تىلى ۋە خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىنغانلىرىمۇ بار، مەخپىيەت مەزھىبىگە ئائىت يەنە بىر قىسىم ۋەسىقىلەر تىبەتچىدىن تەرجىمە قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە قوليازما نۇسخىلارمۇ، باسما نۇسخىلارمۇ بار. تۆۋەندە بىرنەچچە خىل مۇھىمراق ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەر تونۇشتۇرۇلدى:
باش سۈرەت
Uyghuryol
يازمىلار: 264
تىزىملانغان ۋاقتى: سېنتەبىر 28, 2018, 7:34 am

Re: مىخ مەتبەئە تېخنىكىسىنىڭ كەشپ قىلىنىشى ۋە غەرپكە تارقىلىشى

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Uyghuryol » نويابىر 1, 2018, 12:09 pm

1. «مائىترى سىمىت»
بۇ بۇددا دىنىدىكى سەرۋاستە ۋادە مەزھىبىنىڭ ۋىپەشيىن دەستۇرى بولۇپ، كەلگۈسىدە يارالمىش مائىترىنىڭ ئىش ئىزلىرى بايان قىلىنغان. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گېرمانىيەنىڭ ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئەترىتى تۇرپان سىڭگىم ئېغىزىدىكى بۇددا تاشكېمىرى خارابىسى بىلەن مۇرتۇق جىلغىسى قاتارلىق جايلاردىن بۇ ۋەسىقىنىڭ نەچچە خىل قوليازما نۇسخىسىنى بايقىغان(45).1959-يىلى قۇمۇلدا يەھيا رەھىم دېگەن پادىچى ئۇيغۇرچە«مائىترى سىمىت»نىڭ 586 بەتلىك كەمتۈك جىلدىنى تېپىۋالغان. بۇ نۇسىىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ۋاقتى بىرقەدەر بۇرۇن بولۇپ، توخار تىلىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان، شۇنى قەيت قىلىش زۆرۈركى، ھازىرغىچە بايقالغان نۇسخىلىرىنىڭ ھەممىسى 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇرۇنقى دەۋرگە تەۋە.
2. «ۋاجرا سۇترىسى»
بۇ نومنىڭ ھازىر ساقلىنىۋاتقانلىرى ئاساسەن دېگىدەك كەمتۈك جىلد. گېرمانىيە تۇرپان ئارخېئولوگىيە ئەترىتى قېزىۋالغان ۋەسىقىلەر ئىچىدە بۇ نومنىڭ تۈرلۈك ھەجىمدىكى 8پارچە كەمتۈك جىلدى بار(46).
3. «ئالتۇن يارۇق»
تولۇق نامى«ئالتۇن ئۆڭلۈگ يارۇق يالتىراغلىق قوپتا كۆتۈرۈلمىش نوم ئىلىكى ئاتلىغ نوم بىتىك» بولغان بۇ ۋەسىقە تاڭ دەۋرىدە يى جىڭ تەرىپىدىن خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلىنغان، بەش دەۋرنىڭ كېيىنكى تاڭ دەۋرىدە(مىلادى923~936-يىللىرى) بەشبالىخلىق ئۇيغۇر بۇددا ئالىمى سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. بۇ نومنىڭ بىر بۆلىكى، مەسىلەن بىرىنچى جىلدى تىبەت تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان. بۇ نومنىڭ بىرىنچى جىلدىنىڭ خاتىمىسىدە تەرجىمان سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ:« män Tübüt tilindin Uyγur tilingä äwirdim» دەپ يازغان(47).بۇ ھازىرغىچە بايقالغان ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەر ئىچىدىكى ھەجمى بىرقەدەر چوڭراقى بولۇپ، چۈنكى ھازىرغىچە بۇ تۈردىكى ۋەسىقىلەرنىڭ بىرقانچە خىل قوليازما نۇسخىسى ۋە باسما نۇسخىسى بايقالدى. بۇ نومنىڭ ئەڭ مۇكەممەل نۇسخىسىنى روسىيەلىك تۈركولوگ مالوۋ 1910-يىلى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جيۇچۈەن ۋىلايىتىدىكى سېرىق ئۇيغۇرلار رايونىدىن(يۈگۇ رايونىدىن) سېتىۋالغان 1687-يىلى(چىڭ سۇلالىسى كاڭشىنىڭ 26-يىلى) كۆچۈرۈلگەن جەمئىي 397ياپراق(بەت)لىق نۇسخىسى بولۇپ، ھازىر روسىيە ئاكادېمىيىسى شەرق تەتقىقات ئورنى سانكت-پېتېربۇرگ شۆبىسى قوليازما بۆلۈمىدە ساقلانماقتا(48). بۇنىڭدىن باشقا يەنە گېرمانىيە تۇرپان ئارخېئولوگىيە ئەترىتىمۇ تۇرپاندىكى بۇددا خارابىلىكىدىن«ئالتۇن يارۇق» نىڭ كەمتۈك جىلدىدىن بىرنەچچە خىلنى تاپقان بولۇپ، شۇلارنىڭ ئىچىدە ئويما مەتبەئەدە بېسىلغان كەمتۈك بەتمۇ بار(49).
4. «ئەمىتايۇر-دىيانا سۇترا»
بۇددا دىنىدىكى سۇكاۋەتى مەزھىبى(پاك ئالەم قارىشىدىكىلەر مەزھىبى) نىڭ ئۈچ بۆلۈملىك دەستۇرىنىڭ بىرى بولغان «ئەمىتايۇر-دىيانە سۇترە»دىكى نوم نامى«ئەمىتايۇر»ـــــ ئامىتابا بۇددا بولۇپ، بۇ نومدا ساكيامونىنىڭ ماگات ئېلىنىڭ خانلىق سەدىقە قورغىنىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى قۇماي(تازقارا ـــــ بۈركۈت) تېغىغا ئەرۋاھلارغا سەدىقە بەرگىلى چىققاندا 1250 نەپەر شاگىرتىغا ۋە 32مىڭ شەپقەتچى(بۇدساتۋا)گە خانلىق سەدىقە قورغىنىدا يۈزبەرگەن ئوردا ئىشلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ھەققىدىكى بايانى مەزمۇن قىلىنغان. بۇ نومنىڭ نەسرىي ۋە نەزمىيدىن ئىبارەت ئىككىلا خىل شەكلى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىنغان، بۇلارنىڭ ھەم قوليازما نۇسخىسى ھەم باسما نۇسخىلىرىنىڭ نەچچە خىل كەمتۈك جىلدى بار. بۇلارنىڭ كۆپىنچىلىرىنى گېرمانىيەنىڭ 2-قېتىملىق ئارخېئولوگىيە ئەترىتى 1904~1905-يىللىرى ئارىلىقىدا تۇرپاندىكى سىڭگىم ئېغىزىدىكى تاشكېمىر خارابىسىدىن ئېلىپ كەتكەن؛ يەنە بىر قىسىم كەمتۈك جىلدلىرىنى ياپونىيەنىڭ ئوتانى باشچىلىقىدىكى3-قېتىملىق ئارخېئولوگىيە ئەترىتى 1908~1909-يىللىرى ئارىلىقىدا تۇرپاندىن ئېلىپ كەتكەن(50).
5. «بۇدساتۋانىڭ بۈيۈك تاڭ ئېلىدىكى ترىپىتاكا چارياسىنىڭ تەرجىمىھالى» (قىسقارتىپ«شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى»مۇ دېييىلىدۇ)
بۇ شۇەنزاڭنىڭ شاگىرتى خۇي لىنىڭ ئۇستازىنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى بايانى بولۇپ، مىلادى 10-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۇيغۇر بۇددا ئالىمى سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان. قوليازما نۇسخىسى 1906-يىلى شىنجاڭدا بايقالغاندىن كېيىن بىر قىسىمىنى فرانسىيىلىك پېللىئوت فرانسىيەگە ئېلىپ كەتكەن، ھازىر پارىژدىكى گۇيمېت ئاسىيا سەنئەت مۇزېيىدا ساقلانماقتا؛ بىر قىسمىنى يەنى 204پارچە ياپراقنى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى يۇەن فۇلى ئەپەندى سېتىۋېلىپ بېيجىڭ كۇتۇپخانىسىنىڭ ساقلىشىغا ھەدىيە قىلغان. 1951-يىلى پروفېسسور فېڭ جياشېڭ بۇنى رەتلەپ چىققاندىن كېيىن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى بىلەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە فاكسىمىل نۇسخىسىنى نەشىر قىلغان. يەنە بىر قىسىمى ھازىر روسىيە ئاكادېمىيىىسى شەرق تەتقىقات ئورنى سانكت-پېتېربۇرگ شۆبىسىنىڭ قوليازمىلار بۆلۈمىدە ساقلانماقتا، بۇ جەمئىي 94 ياپراق بولۇپ، 1991-يىلى تۇگۇشېۋا تەرىپىدىن رەتلىنىپ نەشىر قىلىنغان(51).
6. « ManjuŠrinamasamgiti نومى » («مانچۇشرى ئاتلىق نوم بىتىك »)
بۇ بىر مەخپىي دەستۇر. بۇ نوم يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇيغۇر بۇددا ئالىمى جارۇناداس تەرىپىدىن مىلادى 1302-يىلى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان، ھازىر بۇ نومنىڭ نەچچە خىل كەمتۈك جىلدىنىڭ باسما نۇسخىسى ھەم قوليازما نۇسخىسى بولۇپ، گېرمانىيە تۇرپان ئارخېئولوگىيە ئەترىتى تۇرپاندىكى ئۇيغۇر بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىدىن بۇ نومدىن خېلى كۆپ تاپقان، نۆۋەتتە ھەممىسى گېرمانىيە بېرلىن ئاكادېمىيىسىدە ساقلانماقتا(52).
7. «بۇددانىڭ بۈيۈك چوققىسىغا تەلپۈنگەن ئۇلۇغ دەرەنى نومى»
ھازىرغىچە بۇ نومنىڭ نەچچە خىل كەمتۈك جىلدى بايقالدى، بۇنىڭ ئىچىدە باسما نۇسخىلىرىمۇ، قولويازما نۇسخىلىرىمۇ بار، ئەمما يەنىلا باسما نۇسخىسى كۆپرەك. باسما نۇسخىسىنىڭ كەمتۈك جىلدى ئاساسەن گېرمانىيە بېرلىن ئاكادېمىيىسىدە ساقلانماقتا. ئاز بىرقىسىم قوليازما نۇسخىسى روسىيە ئاكادېمىيىسى شەرق تەتقىقات ئورنى سانكت-پېتېربۇرگ شۆبىسىدە ساقلىنىۋاتىدۇ. خۇاڭ ۋېنبى ئەپەندى تۇرپاندىن تاپقان كەمتۈك ياپرىقىمۇ بىرنەچچە خىل بولۇپ ھازىر بېيجىڭدا ساقلانماقتا(53).
8. «ئابىدارما كوشا شاسترانىڭ شەرھى»
Abhidharma دېگەن بۇ سۆز سانسىكرىت تىلىدا نۇقسانسىز قانۇن، تەڭداشسىز قانۇن، بۈيۈك قانۇن، دېگەنلىكتۇر. ئەسلىسى مىلادى5-ئەسىردە ھىندىستانلىق بۇددا ئالىمى ئانخۇي تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، بۇددا دىنىدىكى سەرۋاستى ۋادە مەزھىبىگە ئائىت مۇھىم يادىكارلىق. ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى تەرجىمان نامەلۇم. دۇنخۇاڭ تاشكېمىرىنىڭ نوم ساقلاش ئۆيىدە ساقلانغان بولۇپ، كېيىن ئاۋرېل شتايىن(ستەيىن) ئەنگلىيەگە ئېلىپ كەتكەن، ھازىر برىتانىيە كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا. كىتاب شەكلىدىكى بۇ ۋەسىقە ئىككى كىتابچە قىلىپ تۈپلەنگەن، بىرىنچى كىتابچىسى 67 ياپراق(بەت)، ئىككىنچى كىتابچىسى 82 ياپراق بولۇپ، بۇنىڭ بىرىنچى كىتابچىسىدىكى 12 ياپراق باشقا بىر ئۇيغۇرچە ۋەسىقە«ئاۋالۇكسۇۋارانىڭ تەقەززالىق ھەققىدىكى پەندى-نەسىھەتلىرى»دۇر. بۇ قوليازمىغا تۇرغان تۆمۈر دېگەن كىشىنىڭ ئىسمى يېزىلغان. بۇ ئۇيغۇرچە ۋەسىقىنىڭ ھەربىر بېتىدە ئاۋۋال خەنزۇچە خەت(سۆز) يېزىلىپ، ئاندىن شۇنىڭغا مۇناسىپ ئۇيغۇرچە تەرجىمە تېكىستى يېزىلغان(54).
9. «بۇددا تەلىماتىدا ئەرش-پەرشتىكى سەككىز قۇياش ئىلاھىنىڭ ئەپسۇن نومى»
ئەسلىي مەنبەسى خەنزۇچە بولغان بۇ نوم بۇددا دىنى ساھەسىدە گۇمانلىق ساىتا نوم، دەپ قارالماقتا. ئەمما بۇ نوم ئۇيغۇرلار ئىچىدە ناھايىتى كەڭ تارقالغان بولۇپ، بۇددا دىنىدىكى ئالتە ئەسلىيەت، سەككىز نىيەت قاتارلىق ئۇقۇملار ھەم بۇ نومنى«ئوقۇش،كۆچۈرۈش»نىڭ ساۋابلىرى مەزمۇن قىلىنغاندىن باشقا يەنە جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت ئېتىقادچىلىقىدىكى يەرلىك كۆرۈش ئىلمىگىمۇ خېلى كۆپ ئورۇن بېرىلگەن. جۇڭگونىڭ قەدىمقى زامان پەلىسەپەسىدىكى مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى مۇزەككەر-مۇئەننەس بەش ئاناسىر تەلىماتىدۇر. مۇزەككەر-مۇئەننەس بەش ئاناسىر تەلىماتىدىكى يەرلىك كۆرۈش ئىلمى(يەر شارائىتى ئىلمى، سىنچىلىق ئىلمىمۇ دېيىلىدۇ) بىر خىل قورۇ-جاي، قەبرە يېرىنىڭ جۇغراپىيىلىك شارائىتىنى ۋە ئەتراپىدىكى مۇھىتىنى كۆزىتىپ، بۇ يەرلەرنىڭ ياخشىلىق، بەخت-سائادەت، يامانلىق، بالايىئاپەتتىن بىشارەت بېرىدىغان ئىلىم بولۇپ، ئەينى زاماندىكى ئوردا ۋە پۈتكۈل جەمئىيەت بۇنىڭغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلگەن ھەمدە بۇنى كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى، ئۆلۈم-يېتىم، توي-تۆكۈن ئادەتلىرىدىلا ئەمەس بەلكى جەمئىيەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە خارابلىشىشى، دۆلەتنىڭ ئەمىن-ئاسايىشلىقى ھەم زاۋاللىقى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم، دەپ بىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ نومنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە قەدىمقى ئىراننىڭ ناھايىتى قويۇق ئاتەشپەرەستلىك(زوروئاستېر)دىنىنىڭ ئامىللىرى بار، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئىدىيىسىنىڭ تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە. ھازىرغىچە بۇ نومنىڭ 70 نەچچە خىل تۈرلۈك كەمتۈك جىلدلىرى تېپىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە قوليازما نۇسىىمۇ، ئويما مەتبەئەدە بېسىلغان نۇسخىسىمۇ بار. بۇنىڭ ئەڭ مۇكەممەل نۇسخىسىنى ئاۋرېل شتايىن(ستەيىن) دۇنخۇاڭدىكى موگاۋ تاشكېمىرىنىڭ نوم ساقلاش ئۆيىدىن بايقىغان قول يازما نۇسخىسى بولۇپ، يىل دەۋرىمۇ بىرقەدەر بۇرۇن، ھازىر برىتانىيە كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا. بۇ ۋەسىقىنىڭ ئارقا تەرىپىدە تۈرك-رۇنىك يېزىقىدا«(مەنكى) قۇغۇر كۆچۈرگەن» دېگەن سۆز يېزىلغان(55).
ئاۋالوكسۇۋاراغا ئائىت دەستۇرلارمۇ ئۇيغۇرلاردا ناھايىتى كەڭرى تارقالغان، ئاۋالوكسۇۋاراغا ئائىت دەستۇرلارمۇ ناھايىتى كۆپ، ئۇيغۇرلاردا ئەڭ كۆپ ھەم كەڭ تارقالغىنى«ساددارما پۇندارىكا سۇترا»دىكى «ئاۋالوكسۇۋارا بۇدساتۋا سۇترىسى»، بۇ پەقەت ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا تارقالغان بولۇپ «ئاۋالوكسۇۋارا سۇترىسى»مۇ دېيىلىدۇ، ئاۋالوكسۇۋارا دېگەن بۇ نام سانسىكرىت تىلىدىكى«Avalokitešvara »نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىدۇر. بۇددا دىنى دەستۇرىغا ئاساسلانغاندا، ئاۋالوكسۇۋارا ھەممىگە قادىر بۇدساتۋا بولۇپ، ئادەم قىيامەتكە يولۇققاندا«ئاۋالوكسۇۋارا بۇدساتۋا» دېگەن ئىسىمنى چاقىرسىلا بۇ بۇدساتۋا ئاۋازنى ئاڭلاپ قىيامەتتە قالغان كىشىنى قۇتقۇزغىلى نەق مەيداندا تەق بولارمىش. بۇ نومنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، تۇرپاندىن تېپىلغان، ھازىر روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرق تەتقىقات ئورنى سانكت-پېتېربۇرگ شۆبىسىنىڭ قوليازما بۆلۈمىدە ساقلىنىۋاتىدۇ(56).
مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئەترەتلىرى تۇرپاندىكى قەدىمىي خارابىلىكلەردىن ۋە دۇنخۇاڭ تاشكېمىرىدىن سانسىزلىغان نوملارنىڭ كەمتۈك جىلدلىرىنى قېزىۋالغان. بۇ ۋەسىقىلەرنىڭ خېلى كۆپ قىسىمى ئۇيغۇرچە يېزىلغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە قوليازما نۇسخىلارمۇ، باسما نۇسخىلارمۇ بار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە فرانسىيەنىڭ ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئەترىتى دۇنخۇاڭ تاشكېمىرلىرىدىن ناھايىتى نۇرغۇن ئۇيغۇرچە ياغاچ مىخ مەتبەئە ھەرپى قېزىۋالغان. بۇ ياغاچ مىخ مەتبەئە ھەرپى ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى مىخ مەتبەئە تېخنىكىسىنىڭ ماددىي پاكىتى، بۇ جۇڭگو ۋە دۇنيا مىخ مەتبەئە تېخنىكىسىنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلىشتىكى تولىمۇ قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپ، ناھايىتى مۇھىم ئىلمىي قىممەتكە ئىگە، مانا بۇ كىتابىمىزدا نۇقتىلىق مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلىدىغان مەزمۇنلارنىڭ بىرىدۇر.

بىلىشىنى بىلىدىغان ئادەمگە ئەگەش ، بىلىشىنى بىلمىگەننى ئاگاھلاندۇر ، بىلگەننى بىلمىگەنگە بىلدۈر ، بىلمەيدىغىنىنى بىلمەيدىغاندىن قاچ !
يۇقىرىغا قايتىش Posted: 2008-02-15 14:47 | 8 -قەۋەت
بۇ ئەزا نۆۋەتتە توردا يوق TarimDadxah

دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئاپتور ماتېرىيالىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاشدوستقا قوشۇش
نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01
كىچىك نورمال چوڭبۇ يازمىنى نەقىل ئېلىش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش

ئىككىنچى پاراگراف
ئۇيغۇرلارنىڭ ئويما مەتبەئەسى
1.ئۇيغۇرلارنىڭ ئويما مەتبەئەسىدە بېسىلغان ۋەسىقىلەر خاتىرىسى

ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ ئويما مەتبەئە تېخنىكىسى غەربىي شىمالدىكى ئۇيغۇر ۋە تاڭغۇتلار رايونلىرىغىمۇ تارقالغان. ئۇيغۇرلار رايونىدىكى ئويما مەتبەئە باسمىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى بۇددا دىنىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى تەسىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
دۇنخۇاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاچاندىن باشلاپ ئويما مەتبەئە تېخنىكىسىنى قوللانغانلىقى توغرىسىدا ھازىرغىچە ئېنىق يازما تارىخ ماتېرىيالى بايقالمىدى. ئەمما دۇنخۇاڭدىكى موگاۋ تاشكېمىرىدىن بايقالغان خەنزۇچە ۋەسىيەتنامىلەر ئىچىدە نۇرغۇن ئويما مەتبەئەدە بېسىلغان ماددىي بۇيۇملار ھەم ئويما مەتبەئە باسمىسىغا ئائىت قىسمەن يازما خاتىرىلەر بار. بۇ ماتېرىياللار ئېلىمىزنىڭ قەدىمقى ئويما مەتبەئە تېخنىكىسىنىڭ غەربىي شىمال رايونىدا قوللىنىلغانلىق ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئىلمىي قىممەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئويما مەتبەئە تېخنىكىسىنىڭ غەربىي شىمالدىكى ئۇيغۇرلارغا تارقالغانلىقى ۋە بۇ تېخنىكىنى ئۇيغۇرلارنىڭ قوللانغانلىق دەۋرىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئۆرنەكلىك ئەھمىيىتىگە ئىگە.
ئەنگلىيىدىكى ئاۋرېل شتايىن (ستەيىن) يىغىپ ساقلىغان بۇيۇملار ئىچىدە بىرنەچچە پارچە خەنزۇچە باسما بۇيۇمى بار، بۇنىڭ يىل دەۋرى خېلىلا بۇرۇن بولغاچقا مەتبەئە تېخنىكىسىنىڭ دۇنخۇاڭ رايونىدىكى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم ئىلمىي قىممەتكە ئىگە. مەسىلەن ئىلىم ساھەسىگە مەلۇم بولغان تاڭ سۇلالىسى شيەنتۇڭ سەلتەنەتىنىڭ 9-يىلى(مىلادى 868-يىلى) بېسىلغان«ۋاجرا سۇترا» يەتتە ۋاراق قەغەز تۇتاش چاپلىنىش ئارقىلىق يۆگىمە تۈپلەنگەن بولۇپ، بۇ يۆگىمە جىلدنىڭ باش-ئاخىرى مۇكەممەل ساقلانغان. بىرىنچى ۋارىقىنىڭ بېشىغا ئۇزۇنلۇقى 48.8سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا، 30.5سانتىمېتىر ئېگىزلىكتە قىستۇرما رەسىم سىزىلغان. تىتولىغا ئېتىكاپخانىدا ئاقساقال سۇبۇتىنىڭ ساكيامونىدىن تەلىم سوراۋاتقانلىق رەسىمى ئويما باسمىدا بېسىلغان، بۇ رەسىم ناھايىتى نەفىس ئويۇلغان بولۇپ، ئويمىچى ئۇستىنىڭ پىچاق ئىشلىتىش ماھارىتىنىڭ كامالەتكە çšيەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، سۇترا تېكىستىنىڭ ھەر بىر قۇرىغا 19خەت ئويۇلغان. جىلدنىڭ ئاخىرقى ۋارىقىغا«شيەنتۇڭنىڭ 9-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، ۋاڭ جيې ئىككىنچى قېرىندىشىغا ئېھترام بىلەن تەقدىم قىلدى» دېگەن خەت يېزىلغان. بۇ ھازىرقى كۈندە ساقلىنىپ قالغان ئېنىق يىل، ئاي، كۈن پۈتۈلگەن، نەفس تىتول ۋە قىستۇرما رەسىم ئىشلەنگەن ئەڭ بۇرۇنقى باسما كىتابتۇر.
ئەنگلىيىدە ساقلىنىۋاتقان ۋەسىقىلەر ئىچىدە يەنە دۇنخۇاڭدىكى ھەقىقەتكە قايتقان لەشكەرلەرنىڭ ھېراۋۇلى ساۋ يۇەنجۇڭ ( مىلادى 974-يىلى ئۆلگەن قازا قىلغان) ساخاۋەت كۆرسىتىپ ئويدۇرۇپ باستۇرغان بىرنەچچە خىل كەمتۈك جىلد بار، بۇنىڭ ئىچىدە بۇددا، بۇدساتۋا، ئەرش شاھى قاتارلىقلارنىڭ رەسىمى ئويۇلغان ياغاچ ئويما مەتبەئەدە بېسىلغان باسما نۇسخىسى بار، بۇلاردا بۇددانىڭ رەسىمى ئوتتۇرىغا، باشقا رەسىم ئۈستىگە، تېكىست ئاستىغا بېرىلگەن، رەسىم ئىچىدە بېغىشلىما بار. ئالايلۇق، G8087 دېگەن نومۇر سېلىنغان ئاۋالوكسۇۋارا(شەپقەتچى مەبۇدە) نىڭ رەسىمى ئاۋالوكسۇۋارانىڭ دەستۇردىن كالام بېرىۋاتقان رەسىمى بولۇپ، سول تەرىپىگە «ھەقىقەتكە قايتقان لەشكەرلەر ھېراۋۇلى مۇپەتتىش خەلپەتبەگ ساۋ يۇەنجۇڭ ھەزرەتنىڭ ساخاۋىتى بىلەن سىزدۇرۇلغان» دېگەن بېغىشلىما يېزىلغان. بېغىشلىمىنىڭ 13-قۇرىغا ھەقىقەتكە قايتقان ساۋ يۇەنجۇڭنىڭ تۆھپىلىرى يېزىلغاندىن كېيىن«كەييۈننىڭ 4-يىلى7-ئاينىڭ 15-كۈنى» دېگەن يىل، ئاي، كۈن ئېنىق يېزىلغاندىن باشقا يەنە باسما ئىشچىسىنىڭ «باسقۇچى لېي يەنمېي»دېگەن خەتمۇ يېزىلغان.يەنە بىر پارچە پارىژدا ساقلىنىۋاتقان «ۋاجرا چېدىكا پراجنا پارامىتا سۇترا»نىڭ كەمتۈك جىلدىدىكى بېغىشلىمىدا«ھەقىقەتكە قايتقان لەشكەرلەرنىڭ ھېراۋۇلى مۇپەتتىش خەلپەتبەگ ساۋ يۇەنجۇڭ ھەزرەتنىڭ ساخاۋىتىدە باستۇرۇلدى»دەپ يېزىلىپ«تيەنفۇ سەلتەنەتىنىڭ 15-يىلى يەنى 6-توخۇ يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى» دېگەن يىلنامە يېزىلغان. بۇ مىلادى 949-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭغىمۇ «لېي يەنمېي ئۇستام باستى» دەپ يېزىلغان. بۇ يەردە لېي يەنمېي ئىشچىلىقتىن ھېراۋۇل مەھكىمىسى باسمىخانىسىنىڭ ئۇستىكارى يەنى مەسئۇلىققا ئۆستۈرۈلگەن(57).
يۇقىرىقى ماتېرىياللاردىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، دۇنخۇاڭ رايونىدا مىلادى 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىنكى مەزگىلدە مەتبەئە تېخنىكىسى خېلىلا ئومۇملاشقان، بېسىش تېخنىكىسىدىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەر بولغان. ساۋ يۇەنجۇڭ قىسقا ۋاقىتتىلا زور مىقداردا بۇددا نوملىرى، بۇددا رەسىملىرى جىلدلىرىنى باستۇرغان ھەمدە مەھكىمىسىدە باسما زاۋۇتىمۇ قۇرغان. مانا بۇ بىز ھازىرغىچە بىلگەن ھەم زور مىقداردىكى مەتبەئە بۇيۇمى زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن دۇنيا بويىچە ئەڭ بالدۇرقى باسما زاۋۇتىدۇر. بۇ باسمىخانىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئېنىقكى، دۇنخۇاڭ رايونىدىكى باسمىچىلىق ئىشلىرىنى يۈكسەلدۈرەۈشكە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ ھەم ئوخشاشلا دۇنخۇاڭ رايونىدا ياشاۋاتقان بۇددىست ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەتبەئەچىلىك ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇيغۇرچە ئويما مەتبەئە تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرچە بۇددا نوملىرى ۋە رەسىملىرىنى بېسىشى ئۈچۈن ياخشى مەدەنىيەت ۋە تېخنىكا مۇھىتى بىلەن تەمىن ئەتكەن، بۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەتبەئەچىلىك ئىشلىرىغا تەسىر كۆرسەتمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس. دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان خەنزۇچە ئويما مەتبەئە بۇيۇملىرىنىڭ يىل دەۋرى بۇددىست ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنخۇاڭ بىلەن تۇرپاندا ئويما مەتبەئەچىلىك پائالىيەتلىرىنىڭ يىل دەۋرىگە ھۆكۈم قىلىشتىمۇ ۋاسىتىلىك پايدىلىنىش ئاساسلىرى بىلەن تەمىن ئەتتى، كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، دۇنخۇاڭ بىلەن تۇرپاندىكى بۇددىست ئۇيغۇرلارنىڭ ئويما مەتبەئە تېخنىكىسىنى قوللىنىشقا باشلىغان ۋاقتىمۇ ئانچە كېيىن ئەمەس.
دۇنخۇاڭ بىلەن تۇرپان رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئويما مەتبەئەسىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن بولغان يەنە بىر ئامىل تاڭغۇتلاردۇر. مەسىلەن مۇشۇ كىتابنىڭ 2-بابىدا بايان قىلىنغىنىدەك(ئۇيغۇرچىغا بۇ بابى تەرجىمە قىلىنمىدى)تاڭغۇتلار ئويما مەتبەئە تېخنىكىسى بىلەن كىتاب بېسىشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن، ھازىرغىچە تېپىلغان تاڭغۇتچە ئويما مەتبەئەدە بېسىلغان كىتابلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ بۇلار ئىچىدە بۇددا نوملىرىنىڭ تراژى ھەم تۈرىمۇ ناھايىتى كۆپ،ئۇنىڭ ئۈستىگە سەۋىيىسىمۇ خېلىلا يۇقىرى. ھازىر ساقلىنىۋاتقان تاڭغۇتچە ئويما مەتبەئە بۇيۇملىرىنىڭ نۇرغۇنلىرىغا ناھايىتى ئېنىق بېغىشلىما ۋە يىل دەۋرى يېزىلغان، مەسىلەن دائەننىڭ 11-يىلى(مىلادى1084-يىلى) غا تەۋە «بۇدساتۋا ئامىتا سۇترا»، تيەنيومىنئەننىڭ 5-يىلى(مىلادى1094-يىلى) ئويما مەتبەئەدە بېسىلغان «ماھايانا بۈيۈك ئاپارىمىتايۇرسۇترا» ۋە جېنگۇەننىڭ بىرىنچى يىلى(مىلادى 1106- يىلى) ئويما مەتبەئەدە بېسىلغان «ۋىمالاكىرتى نىردېشا سۇترا» قاتارلىقلار بۇنىڭ مىسالىدۇر. بۇ تاڭغۇت رايونىدا ئەڭ كېيىن بولغاندىمۇ 11-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا خېلىلا گۈللەنگەن ئويما مەتبەئەچىلىكنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. تاڭغۇتلار بىلەن دۇنخۇاڭ، تۇرپان رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، دىن ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاقىسى ناھايىتى قويۇق ئىدى، شۇڭا مەتبەئەچىلىك ساھەسىدىمۇ قويۇق ئالماشتۇرۇشنىڭ بولغانلىقى تەبىئىي، تاڭغۇتلارنىڭ ئويما مەتبەئە بۇيۇملىرى تەمىنلىگەن ئالاقىدار تارىخىي ماتېرىياللار مەتبەئە تېخنىكىسىنىڭ ئۇيغۇر يەرلىرىگە تارقالغانلىقى ۋە قوللىنىلغانلىقى توغرىسىدىكى يىل دەۋرىگە ھۆكۈم قىلىشتا ئوخشاشلا ناھايىتى مۇھىم پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.
ھازىرغا قەدەر ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرچە ئويما مەتبەئە بۇيۇملىرى ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بايقالغانلىرى تولۇق ئېلان قىلىنمىغاچقا ئۇيغۇرلارنىڭ ئويما مەتبەئەدە بۇددا نوملىرىنى ۋە بۇددا ررەسىملىرىنى بېسىپ تارقاتقانلىقىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلەش قىيىن. شۇنداق ئىكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئويما مەتبەئەدە بۇددا نوملىرىنى بېسىپ تارقاتقانلىق ئەھۋالى ۋە يىل دەۋرىگە ئېنىق ھۆكۈم قىلىش تېخىمۇ قىيىن. ئەمما بىز ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرچە مەتبەئە بۇيۇملىرىغا قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئويما مەتبەئەدە باسقان كىتابلىرىنىڭ تۈرى بىرقەدەر كۆپ، مەزمۇنىمۇ بۇددا دىنىنىڭ ماھايانا ۋە نىھايانا مەزھەبلىرى ھەم خۇپىيە مەزھىبى(مەخپىيەت مەزھىبى) ، بۇددا رەسىملىرى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ بۇددا دەستۇرلىرىدىكى ئاتالمىش«گۇمانلىق ساختا نوم»قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ. دۇنخۇاڭ رايونىدىكى خەنزۇچە ئويما مەتبەئە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ئۇيغۇرلارغا قوشنا بولغان تاڭغۇت ئويما مەتبەئەچىلىكى قاتارلىق ئامىللاردىن پايدىلىنىپ تەھلىل يۈرگۈزگىنىمىزدە ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا نوملىرىنى، بۇددا رەسىملىرىنى ئويما مەتبەئەدە بېسىش ئىشلىرىنىڭ مۇئەييەن دەرىجىدە كۆلەملەشكەنلىكىگە، يۇەن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە تەرەققىي قىلىپ خېلى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلالايمىز.
بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ئۇيغۇرلار بۇددا نوملىرىنى تەرجىمە قىلىش، ئويما مەتبەئەدە بېسىش ۋە تارقىتىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. كاتتا پەزىلەت ئىگىلىرىدىن بولغان راھىب كالانلار نوم تەرجىمە قىلىشقا ۋە بېسىشقا ئاكتىپ قاتناشنانلىقتىن بۇددا نوملىرى كەڭ دائىرىدە تارقىلىپ بۇددا تەرغىباتى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئاددىي پۇقرالار بۇددادىن ئۆزلىرىنى ئۆز پاناھىدا ساقلاشنى تىلەپ بولسىمۇ ساۋاب تېپىش ئۈچۈن نوم كۆچۈرۈشكە قاتناشقان ياكى پۇل چىقىرىپ خەتتاتلارنى ياللاپ كۆچۈرتكۈزگەن. ئۇيغۇر ھۆكۈمرانلىرى ۋە ئاقسۆڭەكلىرى بۇددادىن ئۆزلىرىنى ئۆز پاناھىدا ساقلاشنى، ھۆل-يېغىننى تىلەپ رازىمەنلىكى بىلەن خەير-ساخاۋەت كۆرسىتىپ ئۇستا خەتتاتلارنى تەكلىپ قىلىپ نوم كۆچۈرتكۈزگەن ياكى مەتبەئە ئويمىچى ئۇستىلارنى تەكلىپ قىلىپ نوم باستۇرغان. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تۇرپاندىكى بۇددا خارابىلىكىدىن تېپىلغان زور مىقداردىكى ئۇيغۇرچە بېسىلغان بۇددا نوملىرىنىڭ كەمتۈك جىلدلىرى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
تۇرپاندىن قېزىۋېلىنغان بىر پارچە ئويما مەتبەئەدە بېسىلغان بۇددا نومىنىڭ ئاخىرقى بېتىگە :
11. y(ä)mä kim inčip ol
12. alqu yirtinčü-nüng adi manggal-i
13. anaz umuγ-suz-lar-ning yolči-si yirč-si ::
14. adi kötürülmiš burhan bahšimiz-ning :::
15. altun aγizin nomlayu y(ä)rliqamiš ::::
16. alqu ada-lar-ta umuγ boltači ::
17. arviš-lar iligi šita daptri sudur-uγ:::
18. ayančang kirtgünč köngül-in m(ä)n kamala ačari
19. aya yu yüz s äkiz kuun yaqturup ula yu tägindüm:::
20. aniš ariγ bu nom- uγ yaqdurmiš buyan kučintä:::
21. alqu qamaγ t(ä)ngri-lär-ning ašilzun tängridäm kučläri
( تەرجىمىسى: ئاندىن كېيىن، يەنە بۇ دۇنيادىكى بارلىق بەختسىز ۋە ئۈمىدسىزلەنگەن خالايىقنىڭ يېتەكچىسى، يولباشچىسى بولمىش ئىگەم بۇددا ئالتۇن ئاغزىدا يامان تەقدىردىن قۇتقۇزغۇچى ھەم بەخت ئاتا قىلغۇچى " arviš-lar iligi šita daptri sudur"
ئاتلىغ نومنى ئوقۇدى، مەنكى ئىخلاسمەن كامالا ئاچاريا(ھەزرەت، ئۇستاز) چىن كۆڭلۈمدىن تۆھپە قوشۇشنى خالاپ، پۈتۈن سېغىنىشىم بىلەن 108 جىلد نومنى ئويما مەتبەئەدە بېسىشنى نىيەت قىلدىم. مۇشۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىمغا تەڭرىم ئۆزى مەدەت بەرگەي.)(58).
بۇ خاتىمەنىڭ مەزمۇنىدىن بىلىش مۇمكىنكى، بۇ نومنى باسقۇچى «كامالا ئاچاريا» بۇ نومنىڭ 108 جىلدىنى باسقان. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئاخىرقى بەتتە ئۇچرىغان باسما كەسپىگە ئائىت«yaqturup» دېگەن بۇ ئۇيغۇرچە پېئىلنىڭ سۆز تومۇرى «yaq» نىڭ «بېسىش» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرۈدىغان مەتبەئە كەسپىگە ئائىت مەخسۇس ئاتالغۇنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى بىلىمىز.
يەنە بىر ئۇيغۇرچە ۋەسىقىنىڭ ئاخىرقى ۋارىقىنىڭ كەمتۈك بېتىدە:
2.[yaq-] turmiš buyan kučinta : alqu-nung a/ …
3. qaγan han-imiz-nϊng : ančulayu oq 4. qatun-nung altun ulug-lari-ning : ::
5. ada-lari tuda-lari amirilip usun yašap : alϊp bolγuluq
6. burhan qutin bulmaq-lari bolzun :
تەرجىمىسى: (بۇ نومنى ئويۇپ بېسىش ئارقىلىق قىلغان ساۋابلىرىمنىڭ قاغانىم بىلەن قاتۇن ھەم ئۇلارنىڭ ئالتۇن ئۇرۇغىنى يامان كۆزلەردىن نېرى قىلىشىنى، شۇم تەقدىردىن ئامان ساقلىشىنى تىلەيمەن، ئۇلارغا ئۇزۇن ئۆمۈرلەر نېسىپ بولسۇن. ئۇلۇغ بۇدساتۋا ئۇلارنى ئۆز پاناھىدا ساقلاپ ساغلام تەن ۋە كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلسۇن.)
بۇ بىر ئابزاسنىڭ مەزمۇنىدىن بۇ نومنى ئويۇپ بېسىشتىكى مەقسەت-مۇددىئانىڭ ھۆكۈمران يەنى قاغانغا ۋە ئۇنىڭ ئالتۇن جەمەتىگە ھەمدە خانىشقا بەخت-سائادەت تىلەش، ئۇلارنى يامانلىقتىن ساقلاش، ئۇلارغا ئامان-ئېسەنلىك، ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەش شۇنىڭدەك بۇدساتۋانىڭ ئۇلارنى ئۆز پاناھىدا ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىش ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇ تېكىستتىكى « yaqturmiš buyan kuçinta » (بېسىپ ساۋاپ تېپىپ) دېگەن سۆزدىكى«-yaq» پېئىل تومۇرى بولۇپ،«بېسىش»مەناسىدا قوللىنىلغان سۆز(59). بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھازىر ياپونىيەدە ساقلىنىۋاتقان بىر پارچە ئويما مەتبەئە بۇيۇمىنىڭ كەمتۈك بېتىنىڭ خاتىمىسىدە ناھايىتى ئېنىق قىلىپ «qamçu-ta yaqduruldi» ( گەنجۇدا بېسىلدى) دەپ يېزىلغان. يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، ئەينى زاماندا ئۇيغۇر تىلىدىكى «-yaq » دېگەن بۇ سۆز تومۇرى «باسماق، بېسىش» ئۇقۇمىدىكى مۇقىم مەنادىكى سۆز بولغان، يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا «بېسىش» دېگەن بۇ ئۇقۇم ئۇيغۇرلاردا ئاللىقاچان مۇئەييەن مەدەنىيەت ۋە تېخنىكا ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە بولغان، دېمەك ئويما مەتبەئە تېخنىكىسى ئۇيغۇرلاردا خېلى زامانلاردىن بېرى ناھايىتى ئومۇملاشقان ۋە كېڭەيگەن.
بېرلىندا ساقلىنىۋاتقان باشقا بىر ئۇيغۇرچە ۋەسىقىنىڭ خاتىمىسىدە بۇ نومنى ئويۇپ باسقۇچى :
“ ayaγuluq bahšim bahši ayaγqa tägimlik qutinga turkçča aqdarip tawγaçč-čça-sin turkça-sin tamγa-ta oydurup ming wuu yaqdurup bišrundäči-larqa ulayu tägintim”
( ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇستازىم باخشىنىڭ ھەققى-ھۆرمىتى ۋە بەختى ئۈچۈن تۈرك تىلىغا [ئۇيغۇر تىلى كۆزدە تۇتۇلىدۇ] تەرجىمە قىلدىم، خەنزۇچىسى بىلەن تۈركچىسىنىڭ ئويما بېتىنى ئويۇپ چىقىپ مىڭ جىلد باستۇردۇم، بۇ پېشۋايى بۇزرۇگلاردىن ئۇدۇم قالغاندۇر) (60) . بۇ خاتىمىنىڭ تېكىستىدە ئۇچرىغان « tamγa-ta oydurup» ( تامغاتا ئويدۇرۇپ) دېگەن سۆزدىكى « tamγa» ئەمەلىيەتتە «مۆھۈر»بولۇپ، مەتبەئەچىلىكتە نېمىشقا بۇ سۆزنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى مەنا جەھەتتىن يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ. تۇرپاندىن قېزىۋېلىنغان يەنە بىر ئۇيغۇرچە مەتبەئە بۇيۇمىنىڭ كەمتۈك جىلدىنىڭ خاتىمىسىدىمۇ« tamγa» دېگەن بۇ سۆز ئىشلىتىلگەن(61).
ھازىر ياپونىيەنىڭ كيوتودىكى يولىڭ كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان بىر پارچە بۇددا نومىنىڭ كەمتۈك جىلدىنىڭ مەزمۇنىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەتبەئەچىلىك ئىشلىرىغا ئائىت يازما مەنبەئە بار، بۇ كەمتۈك جىلدتىكى تۆت قۇر ئۇيغۇرچە تېكىستكە قاراپ باقايلى:
1. –sizqa tükäl-lig bolzunlar :: t.
2. či čing bir otuzunč ud yil üčünč
3. ay bir yangi-qa qamču-da yaqdurulti ::
4. sadu [s] adu ::
تەرجىمىسى:
سىزگە تۈگەللىك (مۇۋەپپەقىيەتلىك) بولسۇنلار! جىجېڭنىڭ 21-يىلى، كالا يىلى، 3-ئاينىڭ 1-كۈنى گەنجۇدا بېسىلدى. سادۇ، سادۇ(بەرىكەت ياغقاي، بەرىكەت ياغقاي)[62].
بۇ يەردىكى qamçu ئەينى چاغدا خۇاڭخې دەرياسىنىڭ كۈنپېتىش تەرىپىدىكى مۇھىم شەھەر گەنجۇ بولۇپ ، ئۇيغۇر يەرلىرىنىڭ بىرى ئىدى، بۇ خاتىمەدە گەنجۇنىڭ خېشى كارىدورىدىكى مەدەنىيەت مەركىزى ئىكەنلىكى، بۇددا نوملىرى بېسىلىدىغانلىقى ھەققىدە يىل، ئاي، كۈنلىرىگىچە ئېنىق مەلۇمات يېزىپ قالدۇرۇلغان يەنى بۇ دەۋر مىلادى 1361-يىلغا توغرا كەلگەن.بۇ ئۇيغۇرچە كەمتۈك جىلد يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى دۇنخۇاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەتبەئەچىلىكىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم تارىخىي ماتېرىياللىق قىممىتىگە ئىگە.
كىتابىمىزنىڭ بېشىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدە نۇرغۇن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى يۇەن سۇلالىسى ھاكىمىيىتىگە خىزمەتكە كىرگەن، يەنە زور مىقداردىكى ئۇيغۇر ھۈنەرۋەنلەر ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئېلىپ بېرىلغان، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەدرىجىي ئىسلاملىشىشى نەتىجىسىدىمۇ يەنە تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر بۇددىستلار ئىچكىرىگە كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. ئەلى بۇقا( ئەركبۇغ ؟ ئارىغ بۆكە؟ــــ تەرجىمان) توپىلىڭىدىن كېيىنيەنە تېخىمۇ كۆپ مىقداردىكى ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرى ھەم ئۇلارنىڭ پۇقرالىرى جەمەت-جەمەتى بويىچە ئىچكىرىگە كۆچۈپ كەتكەن. بۇلار ئاساسەن ئىخلاسمەن بۇددىستلار بولۇپ، بۇددا نوملىرىنى كۆچۈرۈش، بېسىش ۋە تەرغىب قىلىش جەھەتتە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن، شۇ سەۋەبلىك يەنە خېلى نۇرغۇن بۇددا نوملىرى ئاستانە يۇەندادۇ(خانبالىق ــــ بېيجىڭ) ۋە باشقا جايلاردا بېسىلغان.
يۇەن سۇلالىسى تارىخ كىتابلىرىدا ئۇيغۇر راھىبلىرىنىڭ ئوردىدا بۇددا ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغانلىقى ھەققىدە يازما مەنبەلەر بار، مەسىلەن، تيەنلى سەلتەنەتىنىڭ بىرىنچى يىلى(مىلادى 1328-يىلى) 8-ئايدا « ئىدۇققۇتلۇق راھىب يەنچۈن قەسرىنىڭ بۇددا ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىشقا تەيىنلەنگەن». شۇ يىلى 12-ئايدا « ئىدۇققۇتلۇق راھىب باۋسى قەسرىنىڭ بۇددا ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىشقا تەيىنلەنگەن»(63). يەنە مەسىلەن تيەنلى سەلتەنەتىنىڭ 2-يىلى(مىلادى1329-يىلى) 10-ئايدا «800 ئۇيغۇر راھىب شىڭشېڭ قەسرىگە بۇددا ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇشقا ئەۋەتىلگەن»، كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، ئەينى چاغدا ئۇيغۇر راھىبلىرى ئاستانىدە ناھايىتى كۆپ ئىدى ھەم يۇەن سۇلالىسىدە ئالاھىدە ئېتىبارغا ئېلىناتتى(64). ئاستانە خانبالىقتىكى نۇرغۇن مۇھىم ئىبادەتخانىلاردا ئۇيغۇر راھىبلار پائالىيەت قىلغان، مەسىلەن «ھەرقايسى دەۋر بۇددا پىركامىللىرىنىڭ تەرجىمىھالى» 22-جىلدىدا «شېلەنلەن، ئىدۇققۇتلۇق راھىبەدۇر. ئىدۇققۇت بەشبالىققا تەۋەدۇر. تەيزۇخان ئىدۇققۇتقا بارغاندا ئىدۇققۇت قاغانى پۈتكۈل ئېلىنى باشلاپ خانغا بەيئەت قىلغان، خان ئۇنىڭ ساداقەتمەنلىكىدىن سۆيۈنۈپ ئۇنى ھەرقايسى خانلىق ۋە قەبىلەلەرنىڭ بېشىغا قويغان ھەمدە ئۇنى ئۆزىنىڭ كۈيئوغلىدەك كۆرگەن. قايدۇ توپىلىڭىدا ئىدۇققۇت ئېلى جەنۇبقا كۆچكەندە شېلەنلەن ئاران سەككىز ياشتا ئىدى، ئۇمۇ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىغا ئەگىشىپ خانبالىققا كەلگەن ھەمدە خانىشنىڭ يېنىدا خىزمەتكە كىرگەن. خانىش ئۇنىڭ چىۋەر- ئەقىللىقلىقىدىن سۆيۈنۈپ ئۇنى تولىمۇ ئەتىۋارلاپ ئۇنى ياخشى ئىبادەتخانىغا ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ مەزگىلدەئۇ ئاغىلىق نوملار(غەزىنىدىكى نوملار) دىن پرەجنا(ئەقلىيەت)نى 8مىڭ پارە، پەنجدەرمە دەرنەدىن(بەش ھامىيلىق نوم)ئون نەچچە جىلد، خەنزۇچە «ئاۋاتامساكا سۇترا»ۋە «سۇراڭگاماسۇترا»،ئۇيغۇرچە«ساددارماپۇندارىكا سۇترا»،«ئالتۇن يارۇق» قاتارلىقلارنى ئالتۇن ھەل بىلەن كۆچۈرۈپ چىققان. ئۇ يەنە خانبالىقنىڭ كۈنپېتىش تەرىپىدىكى شىشەندە(غەربىي تاغدا) لوڭچۈەن ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن ياسىتىپ، نىلۇفەر كۆلىنىڭ ئۈستىگە راۋاقلار سالدۇرغان.تىبەتتىكى بەش ئىبادەتخانا، ئىدۇققۇتتىكى چانتال ئىبادەتىانىسى، خانبالىقتىكى ۋەنئەن ئىبادەتخانىسى قاتارلىق ئىبادەتخانىلارغا چىراغ، كۈجە-ئىسرىق ياندۇرۇش ئۈچۈن خەزىنىدىن پۇل-مال سەپلىتىپ بەرگەن. يەنە تېخى سەڭگە(راھىب) لار ئۈچۈن نەچچە يۈز يۈرۈش لازىمەتلىكلەر تەييارلىتىپ باشقا ئەللەردىكى راھىبلارغا ھەدىيە قىلغان» ، دەپ خاتىرىلەنگە(65).
ھازىرغىچە بايقالغان ۋەسىقىلەر ۋە تارىخ ماتېرىياللىرىنى تەھلىل قىلىشتىن قارىغاندا، خانبالىقتىكى(بېيجىڭ) خۇڭفاسى ئىبادەتخانىسى ئىچكىرىگە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەتبەئەچىلىكىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتقان. مەسىلەن ھازىر بېرلىندا ساقلىنىۋاتقان بىر پارچە ئۇيغۇرچە نوم باسما نۇسخىسىنىڭ خاتىمىسىدە:
“Čongdu baliq-ta hungwasi atliγ sangaram-taki inban-tin … yaqturu tägintim ”
تەرجىمىسى:[ جۇڭدۇ بالىقتىكى خۇڭفاسى ئىبادەتخانىسىنىڭ باسمىخانىسىدا نوم بېسىشنى ئارزۇ قىلىمەن](66). بۇ يەردىكى «جۇڭدۇ بالىق» يۇەن سۇلالىسىنىڭ ئاستانىسى خانبالىق يەنى بېيجىڭ، «خۇڭفاسى ئىبادەتخانىسى» ئەينى چاغدىكى خانبالىقتىكى ئەڭ داڭلىق بۇددا دىنى مەركىزى بولۇپ، قىتان خانلىقى(لياۋ سۇلالىسى) دەۋرىدىلا بۇددا نومى باسىدىغان ئويما مەتبەئە باسمىخانىسى بولغان. مەسىلەن«ساكيامونىنىڭ ماھايانادا سىرلىق ئىقتىدارغا مەدھىيە ھەققىدىكى بايانى» نىڭ 10-جىلدىدا«يەنجىڭدىكى خۇڭفاسى ئىبادەتخانىسىدا بېسىلدى» دېگەن تىتول سۆزى يېزىلغان. ئالتان خانلىقى (ئالتۇن خانلىقى ،جىن سۇلالىسى) دەۋرىدىمۇ خۇڭفاسى ئىبادەتخانىسى ئالتان خانلىقى ئاستانىسى بولغان جىنجۇڭدۇ(خانبالىق ، بېيجىڭ) دىكى مۇھىم ئىبادەتخانا بولغان. مەسىلەن«يۇەن سۇلالىسىنىڭ ئومۇمىي تەزكىرىسى»دة«جىندادىڭ سەلتەنەتىنىڭ 18-يىلى لۇجۇلۇق سۇي جىننىڭ قىزى فاجېن ئوردىغا ھەدىيە قىلىندى، فاجېن ئوردىنىڭ پەرمانى بويىچە شېڭئەنسى ئىبادەتخانىسىدا بىكۇنى(راھىبە) بولدى. دادىڭنىڭ 21-يىلى فاجېن خانبالىققا ئەۋەتىلدى. دادىڭنىڭ 23-يىلى فاجېن ئوردا تەرىپىدىن سۆسۈ تون بىلەن تارتۇقلىنىپ خۇڭفاسى ئىبادەتخانىسىدا نوم-دەستۇر يىغىپ ساقلاشقا قويۇلدى» دەپ خاتىرىلەنگەن. بېيجىڭ ئالتان خانلىقى دەۋرىدىمۇ جۇڭدۇ، دەپ ئاتالغان. مۇشۇ ئابزاستىكى يازما خاتىرىلەرنى تەھلىل قىلغاندا ئالتان خانلىقىنىڭ ئاستانىسى بولغان جىنجۇڭدۇدىكى خۇڭفاسى ئىبادەتخانىسىدا زور مىقداردا بۇددا نوملىرىنىڭ باسما نۇسخىسى ساقلانغان بولۇپ، خۇڭفاسى ئىبادەتخانىسى بۇددا نوم-دەستۇرلىرىنى بېسىش جەھەتتە ناھايىتى مەشھۇر بولغان. باشتا بايان قىلغىنىمىزدەك ئۇيغۇرچە نوم باسما بۇسخىسىنىڭ خاتىمىسىنى تەھلىل قىلغىنىمىزدا، يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ يەردىمۇ ئۇيغۇرچە بۇددا نومى باسمىخانىسى بولۇپ، زور مىقداردا ئۇيغۇرچە بۇددا نوم-دەستۇرلىرى بېسىلغان.
باش سۈرەت
Uyghuryol
يازمىلار: 264
تىزىملانغان ۋاقتى: سېنتەبىر 28, 2018, 7:34 am

Re: مىخ مەتبەئە تېخنىكىسىنىڭ كەشپ قىلىنىشى ۋە غەرپكە تارقىلىشى

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Uyghuryol » نويابىر 1, 2018, 12:10 pm

2 . ئۇيغۇرچە باسما نۇسخىدىكى ۋەسىقىلەر ۋە ياغاچ ئويما مەتبەئەدە بېسىلغان بۇددا رەسىملىرى

20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گېرمانىيە ، فرانسىيە ، ئەنگلىيە ، روسىيە ۋە ياپونىيەنىڭ ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئەترەتلىرى تۇرپان، دۇنخۇاڭدىن قولغا چۈشۈرگەن قەدىمقى ۋەسىقىلەر ئىچىدە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرچە مەتبەئە بۇيۇملىرىنىڭ كەمتۈك جىلدلىرى بار، تۇرپاندا قېزىلغان ھەربىر يەردىن دېگىدەك زور مىقداردىكى مەتبەئە بۇيۇمى بايقالغان. بۇ مەتبەئە بۇيۇملىرى مۇنداق بىرقانچە تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ: بىرىنچى تۈردىكىلىرى قىستۇرما رەسىمى بولمىغان بۇددا نوملىرى؛ ئىككىنچى تۈردىكىلىرى قىستۇرما رەسىم كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇرچە بۇددا نوملىرى. بۇ تۈردىكى بۇددا نوملىرىدا قىستۇرما رەسىم بىلەن تېكىست ئوخشاش بىر بەتكە بېرىلگەن بولۇپ، رەسىم ئۈستىگە، تېكىست ئاستىغا بېرىلگەنلىرىمۇ، تېكىست ئۈستىگە، رەسىم ئاستىغا بېرىلگەنلىرىمۇ، سول تەرەپكە رەسىم، ئوڭ تەرەپكە تېكىست بېرىلگەنلىرىمۇ بار. بۇنىڭ ئىچىدە رەسىم ئۈستىگە، تېكىست ئاستىغا بېرىلگەن بۇددا نوملىرىدا رەسىم بىلەن تېكىست ھەرقايسىسى ئوخشاش ئورۇننى ئىگىلىگەن. مەسىلەن گېرمانىيەدە ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەر ئىچىدە ئۈستىگە رەسىم ئاستىغا تېكىست چۈشۈرۈلگەن توغرىسىغا سەل كەڭرەك بىر پارچە ۋەسىقە بولۇپ، رەسىمدە ئون نەچچە ئادەم ياكى ئېتىكاپتا ئولتۇرۇپ نوم ئوقۇۋاتقان ياكى ئات مىنىۋېلىپ پىللارنى ھەيدەۋاتقان تۈرلۈك سىياقتىكى ئوبرازلار ناھايىتى جانلىق تەسۋىرلەنگەن. بۇ تۈردىكى ۋەسىقىلەر ئىچىدە يەنە قىستۇرما رەسىملەر نوم تېكىستلىرى ئارىلىرىغا كىرىشتۈرۈپ بېرىلگەن بولۇپ ئىگىلىگەن ئورنىمۇ بىرقەدەر كىچىكرەك. بۇ قىستۇرما رەسىملەرنىڭ مەزمۇنى خىلمۇخىل بولۇپ، ئوبرازلار راستتەكلا جانلىق، ئويۇلۇشى نەپىس بولۇپ، ئويمىكارلارنىڭ يۇقىرى ماھارىتى گەۋدىلەندۈرۈلگەن(67).بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىرتۈردىكى بۇددا نومىنىڭ باسما نۇسخىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا رەسىم بىلەن كۆپ خىل يېزىقتىكى بۇددا نومى تېكىستى بىر بەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، مەسىلەن«مۇقەددەس نىجادكار ئاۋالوكسۇۋارا بۇدساتۋا ئانا ھۆرمىتىگە ئوقۇلىدىغان 21خىل ئىبادەت سۇترىسى» (ھازىر بېيجىڭدا ساقلانماقتا) قاتلىما شەكىلدە بېسىلغان بولۇپ، ئۈسى بىلەن ئاستىغا كونچۇك(توغرا سىزىق) بېرىلگەن، بەت يۈزى توغرىسىغا ئۈچكە بۆلۈنگەن، رەسىم ئۈستىنكى قىسمىدىكى ئۈچتىن بىر قىسىم بەت يۈزىنى ئىگىلىگەن، نوم تېكىستى ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئورۇننى ئىگىلىگەن، ئوتتۇرىدىكى ئۈچتىن بىر قىسىم ستونغا سانسىكرىتچە بىلەن تىبەتچە نوم تېكىستى بېرىلگەن، ئاستىنقى ئۈچتىن بىر نىسبەتتىكى ستونغا ئۇيغۇرچە نوم تېكىستى بېرىلگەن. يەنە بىر تۈردىكىسى تىتولىغا(باش بېتىگە) رەسىم بېرىلگەن يۆگىمە نوم بولۇپ، بۇ نومنىڭ باش بېتىگە رەسىم بېرىلگەن، مەسىلەن تۇرپاندىن تېپىلغان«佛说大白伞盖总持陀罗尼经» يۆگىمە نوم بولۇپ، باش بېتىدە بۇدساتۋانىڭ ئىككى پارچە رەسىمى بار. بېرلىندىكى ھىندىستان سەنئەت مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان بىر پارچە تۇرپان بېزەلىك تاشكېمىر خارابىلىكىدىن تېپىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىمى ئويۇلغان ياغاچ ئويما رەسىمىگىمۇ بۇددا نومىنىڭ تىتولىغا بېرىلىدىغان ئويما رەسىم، دېگەن ئارخېئولوگىيىلىك يەكۈن چىقىرىلغان. بۇنىڭدا نوم تېكىستى بولمىغاچقا قايسى نوم ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولمىدى. بۇ رەسىمدە ئۇيغۇر خان جەمەتى ئەزالىرىنىڭ بۇدداغا تىۋىنىۋاتقاندىكى ئوبرازى ئىپادىلەنگەن. ھەربىر رەسىمنىڭ ئاستىغا شۇ كىشىنىڭ ئىسمى يېزىلغان. بۇ كەمتۈك رەسىمدە ئاز دېگەندىمۇ ئۇيغۇر خان جەمەتى ئەزالىرىدىن 47 كىشى بار، مەسىلەن يۇەن سۇلالىسىغا ۋەزىر بولغان مىڭسەرس(رەسىمدە مىڭسەسە، دەپ يېزىلغان) ھەم ئۇنىڭ خانىمى قۇتەيلۆن قاتارلىقلار(68).ھازىرغىچە بايقالغان ئۇيغۇرچە باسما نۇسخىدىكى بۇددا نومىنىڭ كۆپىنچىسى يۆگىمە شەكىلدە تۈپلەنگەن بۇددا نوملىرىنىڭ كەمتۈك جىلدى بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە قىسمەن پالما ياپرىقىسىمان شەكىلدە بېسىلغان بۇددا نومىمىۇ بايقالدى.
ئۇيغۇرچە بۇددا نومىنىڭ قىستۇرما رەسىملىرى ۋە تىتول رەسىملىرىنىڭ بەت شەكلى، مەزمۇنى ۋە بېغىشلىما ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە دۇنخۇاڭ ۋە ئىچكىرىدىكى باشقا جايلاردىكى ئويما بەت قىستۇرما رەسىملىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان نۇرغۇن جايلىرى بار. بۇ يەنە بىر نۇقتىدىن ئۇيغۇرلار قوللانغان ئويما بەت مەتبەئە تېخنىكىسى بىلەن دۇنخۇاڭ ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەتبەئە تېخنىكىسىنىڭ مۇئەييەن ئالاقىسى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ(69).
خەۋەر قىلىنىشىچە، 1980~1981-يىللىرى ئارخېئولوگلار تۇرپان بېزەكلىك تاشكېمىر خارابىلىكىنى تازىلىغاندا يەنە ئويما بەتتە بېسىلغان بۇت ۋە بۇدساتۋا رەسىمىنىڭ كەمتۈك پارچىلىرىنى بايقىغان. بۇنىڭ بىر پارچىسىدىكى بىر بۇت بىلەن ئىككى بۇدساتۋانىڭ ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 28.5سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى 20.5سانتىمېتىر بولۇپ، رەسىم 9x9 سانتىمېتىر كاتەكچىگە چۈشۈرۈلگەن، ھەربىر كاتەكچىگە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان بۇت، بۇتنىڭ ئىككى تەرىپىگە تىك تۇرغان بۇدساتۋا سىزىلغان، ھەربىر كاتەكچىگە سىزىلغان مەزمۇن ئوخشاش بولغان. رەسىمنى سىزىشتا ئاۋۋال ئويما بەتتە ئىنچىكە قارا سىزىق بىلەن رەسىم سىزىلىپ ئاندىن قىزىل، سېغىزرەڭ، ساغۇچ قىزىل رەڭ قاتارلىقلار بىلەن بويالغان، ھەربىر رەسىمنىڭ يۈزى ساغۇچ قىزىلرەڭلىك سىزىق بىلەن ئايرىلغان. كەمتۈك رەسىم يۈزىنى تەھلىل قىلغاندا، رەسىمنىڭ ئاستى بىلەن ئۈستى ئازدېگەندىمۇ ئۈچ قەۋەتكە بۆلۈنگەن. ئوڭ-سول تەرىپىگە ئۈچ قۇر كاتەكچە سىزىلغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر پارچىسىدا بۇت، بۇدساتۋا ۋە مۇرىتنىڭ رەسىمى بولۇپ، ئويما بەتتە بېسىلغان ئىنچىكە قارا سىزىق بىلەن سىزىلغان، ھازىر ساقلىنىپ قالغان كەمتۈكىنىڭ ئۇزۇنلىقى 26.5 سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى 16سانتىمېتىر كېلىدۇ. رەسىم يۈزى يىقىرىدىن تۆۋەنگە ئۈچ قەۋەت بولۇپ، ئوڭ-سول تەرىپىدە 6كاتەكچىگە سىزىلغان، رەسىمنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېتىكاپتىكى بۇت سىزىلغان بولۇپ، قولىدا كاككەرە(قەلەي ھالقىلىق ھاسا)سىمان دەرمەگەر تۇتقان، دەرمەگەر ئۇچىدىن نۇر پارقىراپ تۇرغان، ئۇچىدا سايىۋەنلىك بار، ئوڭ تەرەپتە بېشىغا تاج كىيگەن بۇدساتۋا يۈكۈنگەن، سولدا كاسايا يېپىنچاقلىۋالغان بىر مۇرىت يۈكۈنگەن. تەتقىقاتچىلار بۇ رەسىمنىڭ مەزمۇنى ۋە باشقا قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئۈستىدە تەتقىقات يۈرگۈزگەندىن كېيىنكى يەكۈنگە ئاساسەن بۇ ئىككى پارچە ئويما بەتتە بېسىلغان رەسىم سۇڭ دەۋرىدە بېسىلغان، دەپ ھۆكۈم چىقىرىلدى. گەرچە كمتۈكىلا ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ ئەمما ئۇ ناھايىتى نەفىس ئويۇلغان بولۇپ قەدىمكى تۇرپان رايونىنىڭ مەتبەئەچىلىك سەۋىيىسىنى بىلىشتە مۇھىم قىممەتكە ئىگە(70).
ئۇيغۇرچە باسما نۇسخىدىكى ۋەسىقىلەرنىڭ مەزمۇنى بۇددا دىنىدىكى بەزى مۇھىم نوم-دەستۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەسىلەن « ۋاجرا سۇترىسى » (71) ، « بۇددىنىڭ تەپسىرگە ئولتۇرۇشى » (72) ، «佛顶心大陀罗尼»(73)، «八阳神咒经»(74)، « 80 جىلدلىق بۇدداۋاتام ساكا ماھاۋايپۇليا سۇترا»(75)، «مۇقەددەس نىجادكار ئاۋالوكسۇۋارا بۇدساتۋا ئانا ھۆرمىتىگە ئوقۇلىدىغان 21 خىل ئىبادەت سۇترىسى»(76)، « ئامىتايۇر-دىياناسۇترا»(77)،«佛说大白伞盖总持陀罗尼经»(78)،«佛顶尊胜陀罗尼经»(79) ۋە بەزى مەخپىيەت مەزھىبىگە تەۋە ۋەسىقىلەرمۇ بار. ھازىر گېرمانىيەدە ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەر ئىچىدە ئويما مەتبەئەدە بېسىلغان«ئالتۇن يارۇق»نىڭ بىرنەچچە ياپرىقى بار(80).
تۇرپاندىكى قەدىمىي خارابىلىكتىن مەتبەئە بۇيۇملىرىدىن باشقا يەنە مەتبەئە باسمىچىلىقىدا ئىشلىتىلىدىغان گۈللۈك تەگلىك ۋە رەسىملىك باسمىدا ئىشلىتىلىدىغان مەتبەئە بېتى ۋە مەتبەئە قوراللىرى تېپىلدى.
20-ئەسىرنىڭ بېشىدا، گېرمانىيەنىڭ ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئەترىتى سىڭگىم ئېغىزىدىكى تاشكېمىر خارابىلىكىدىن مەتبەئەچىلىكتە ئىشلىتىلىدىغان باسما تاختىسىنى بايقىغان، بۇلار ھازىر بېرلىندىكى ھىندىستان سەنئەت مۇزېيىدا ساقلانماقتا. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر بسما تاختىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 103مىللىمېتىر، كەڭلىكى 175 مىللىمېتىر كېلىدىغان كۋادرات شەكىللىك بولۇپ، نۇرغۇن تەكشى قۇر سىزىقلىرى ئويۇلغان، ئوڭ-سول رامكا سىزىقىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا بىر تىك سىزىق ئويۇلغان. يەنە يارغول قەدىمىي شەھىرىدىن تېپىلغان باسما تاختىسى تىك تۆت تەرەپلىك بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 56 مىللىمېتىر، كەڭلىكى 28مىللىمېتىر كېلىدۇ، بۇنىڭغا ناھايىتى نەفىس ھەم ئىنچكە قاينام شەكىللىك رەسىم ئويۇلغان، قاپارتما شەكىلنىڭ يۇقىرىسىنىڭ ئارقا تەرىپىگە كۆپىنكى تۇتقۇچ چىقىرىلغان بولۇپ، تۇتقۇچتا ئېسىپ قويىدىغان بىر تۆشۈك بار. يەنە بىر باسما تاختىسى قوچۇ قەدىمىي شەھىرىدىن تېپىلغان بولۇپ، بۇ قېنىق بېغىررەڭ ياغاچ ئۈژمە ياكى قاراياغاچتىن ياسالغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇزۇنلىقى 134مىللىمېتر، كەڭلىكى 95مىللىمېترلىق بۇ باسما تاختىسىغا گۈللۈك تەگلىك رەسىمى ئويۇلغان بولۇپ، ئويما ناھايىتى نەفىس ئىشلەنگەن، قاپارتما يېزىقمۇ ئويۇلغان. تۇرپاندىن مۇشۇنداق نەفىس گۈللۈك تەگلىك ئويۇلغان ئويما بەت تاختىسىدىن ئون نەچچىسى تېپىلغان بولۇپ، ھەممىسى بېرلىندىكى ھىندىستان سەنئەت مۇزېيىدا ساقلانماقتا. نەفىس قاپارتما يېزىق ئويۇلغان بۇنداق باسما تاختىسى تۇرپانلىقلارنىڭ ئويما بەت مەتبەئە تېخنىكىسىدىن ئومۇميۈزلۈك پايدىلانغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، بۇ ئويما مەتبەئە تاختىسىدىكى مۇرەككەپ ھەم نەفىس ئويۇلغان رەسىملەردىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئويما بەت مەتبەئەچىلىكى ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيەگە ئىگە بولغان(81).

بىلىشىنى بىلىدىغان ئادەمگە ئەگەش ، بىلىشىنى بىلمىگەننى ئاگاھلاندۇر ، بىلگەننى بىلمىگەنگە بىلدۈر ، بىلمەيدىغىنىنى بىلمەيدىغاندىن قاچ !
يۇقىرىغا قايتىش Posted: 2008-02-15 14:51 | 10 -قەۋەت
بۇ ئەزا نۆۋەتتە توردا يوق TarimDadxah

دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئاپتور ماتېرىيالىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاشدوستقا قوشۇش
نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01
كىچىك نورمال چوڭبۇ يازمىنى نەقىل ئېلىش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش

ئۈچىنچى پاراگراف
ئۇيغۇرچە مىخ مەتبەئە ھەرپىنىڭ بايقىلىشى
1. ئۇيغۇرچە مىخ مەتبەئە ھەرپىنىڭ بايقىلىشى ۋە ساقلىنىشى

1908-يىل 2-ئاينىڭ 25-كۈنى فرانسىيەلىك خەنزۇشۇناس پائۇل پېللىئوت (Paul Pelliot) باشچىلىقىدىكى فرانسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئەترىتى دۇنخۇاڭغا كەلگەن، ئۇنىڭ ھەمراھلىرىدىن ئۆلچەش ئۇستىسى لۇئىس ۋايلانت(Louis Vailant) بىلەن فوتوگراف چارلىز نوۋېتتې(Charles Nouvette) مۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. ئۇلار دۇنخۇاڭدىكى تاشكېمىرلارنى ئومۇميۈزلۈك ئۆلچەپ ۋە تەكشۈرۈپ، موگاۋ غارىدىكى بارلىق تاشكېمىرلارغا نومۇر سالدى، زور مىقداردىكى تام رەسىملىرىنى سۈرەتكە ئالدى، تاشكېمىردىكى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، تىبەتچە ۋە باشقا يېزىقتىكى بېغىشلىمىلارنى بىرمۇ بىر كۆچۈرۈۋالدى. ئۇلار نومخانا غوجىدارى ۋاڭ راھىبنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىۋالغاندىن كېيىن نوم ساقلىنىۋاتقان تاشكېمىرلەرگە خالىغىنىچە كىرىپ-چىقىپ، ئۇ يەرلەردىكى ۋەسىقە ۋە رەسىملەرنىڭ ھەممىسىنى بىرمۇ بىر كۆرۈپ چىقتى. پېللىئوت بۇددا دىنىنىڭ «نوملار دىۋانى(ئۈچ ئاغىلىق نوم بىتىگلەر)» غا كىرگۈزۈلمىگەن بۇددا ۋەسىقىلىرى، ئېنىق يىل دەۋرى يېزىلغان ھۆججەتلەر ۋە شايى قەغەزگە سىزىلغان رەسىم قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق تاللاپ ئەرزان باھادىلا سېتىۋالدى. پېللىئوت يەنە موگاۋ غارىنىڭ شىمالىي رايونىدىكى 181-نومۇرلۇق تاشكېمىر(دۇنخۇاڭ ئاكادېمىيىسىنىڭ سالغىنى464-نومۇر) دىكى قۇم دۆۋىسىدىن نۇرغۇن ئۇيغۇرچە، تاڭغۇتچە ۋە تىبەتچە ۋەسىقىلەرنى ھەمدە ئۇزۇندىن بېرى ئىلىم ساھەسىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇرچە مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىنى بايقىدى(82).
موگاۋ غارىنىڭ شىمالىدىكى 181-تاشكېمىر تاڭغۇت دەۋرىدە ياسالغان، يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدە قايتا رېمونت قىلىنغان. تاشكېمىر يۇمۇلاق تورۇسلۇق بولۇپ، جەنۇب، شىمال ۋە غەرب تېمىغا بۇت تەكچىسى ئويۇلغان. دالان تورۇسىنىڭ پەس تەرىپىدە يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدە سىزىلغان مىڭ بۇتنىڭ رەسىمى بار. جەنۇبىي ۋە شىمالىي تېمىدا يۇەن دەۋرىدە سىزىلغان رەسىملىك ھېكايە بار، بۇ تاشكېمىرنىڭ غەربىي تەرىپى يۇەن دەۋرىدىلا پېچەتلىۋېتىلگەن. دالاندىن سارايغا ئۆتۈشىدىغان كورېدورنىڭ تورۇسىدا يۇەن دەۋرىدە سىزىلغان مىڭ بۇتنىڭ رەسىمى بار، شۇ كورېدور تېمىنىڭ پەس تەرىپىدە تاڭغۇت دەۋرىدە سىزىلغان بۇدساتۋانىڭ رەسىمى بار. جەنۇب ۋە شىمال تېمىدا يۇەن دەۋرىدە سىزىلغان تۆت بۇدساتۋانىڭ رەسىمى بولسىمۇ ئەمما كەمتۈكىلا قالغان. ساراي كېمىرنىڭ تورۇسىدا نەفىس بېزەلگەن گۈل نەقىشىدىن سىزىلغان بۇدساتۋانىڭ يۈكۈنۈپ نوم ئوقۇۋاتقان چاغدىكى رەسىمى بار، ئۇنىڭ تۆت تەرىپىگە يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان بىردىن بۇدساتۋانىڭ رەسىمى سىزىلغان. غەرب تەرەپتىكى تامغا سەككىز قاناتلىق شىرما سىزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا «ئاۋالوكسۇۋارا بۇدساتۋا پۇمونپىن»مەزمۇن قىلىنغان بۇدساتۋا، مۇرىت، ئەرش مۇئەككىلى، خورمۇزتا تەڭرى(قابىل ئالەم ئىلاھى) بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئۇپاساكانىڭ نوم ئوقۇۋاتقان ھالەتتىكى رەسىمى سىزىلغان. جەنۇب تەرەپتىكى تامغا ئالتە قاناتلىق شىرما سىزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا خورمۇزتا تەڭرى، ۋاجرا، ئەرش مۇئەككىلى، مۇرىت بىرگەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئۇپاساكانىڭ نوم ئوقۇۋاتقاندىكى رەسىمى سىزىلغان. شىمال تېمىغا ئالتە قاناتلىق شىرما سىزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا بۇدساتۋا، ئىلاھلار، ئەرش مۇئەككىلى، خورمۇزتا تەڭرى بىرگەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئۇپاساكانىڭ نوم ئوقۇۋاتقان چاغدىكى رەسىمى سىزىلغان، شەرقىي تېمىدىكى ئالتە خەتلىك ھېكمەتلەر يېزىلغان، جەنۇب تەرەپتىكى تامنىڭ ئۇل تەرىپىگە تاڭغۇت دەۋرىگە ئائىت نەقىش چۈشۈرۈلگەن. ئوڭ-سول تاملىرىغا ئۇيغۇرچە بېغىشلىمىلار يېزىلغان(83).
پېللىئوتنىڭ ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئەترىتى فرانسىيەگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن يىغىپ كەلگەن بۇيۇملىرى ئارىسىدىكى ۋەسىقە-ماتېرىياللارنىڭ ئاز بىر قىسىمىنى گۇيمېت مۇزېيىغا ساقلاشقا بەرگەندىن باشقا قالغانلىرىنى فرانسىيە دۆلەت كۇتۇپخانىسى شەرق بۆلۈمىنىڭ ساقلىشىغا بەرگەن. گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى دەسلەپتە پارىژ لۈفۇ سارىيىنىڭ(رۇفېل سارىيىنىڭ فرانسۇزچە ئاتىلىشى ـــــ تەرجىمان) ساقلىشى ئۈچۈن بەرگەن بولسا كېيىنچە پارىژ گۇيمېت ئاسىيا سەنئەت مۇزېيى (تۆۋەندە گۇيمېت مۇزېيى، دەپ ئېلىندى) غا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن(84)، دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان ئۇيغۇرچە مىخ مەتبەئە ھەرپىمۇ شۇ چاغدا مانا مۇشۇ گۇيمېت مۇزېيىنىڭ ساقلىشىغا بېرىلگەن. گۇيمېت مۇزېيى كۇتۇپخانىسىنىڭ باشلىقى فغاڭسوۋا ماكۇۋەن (Francis Macouin ــــ ئۇيغۇرچىسى فرانسۇز تىلىدىكى تەلەپپۇزى بويىچە ئېلىندى) ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، گۇيمېت مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان بۇ ئۇيغۇرچە 960 تال مىخ مەتبەئە ھەرپى دەسلەپتە لايغا مىلەگلىك پېتى مۇزېينىڭ ئامبىرىدا ساقلىنىپ كەلەەن ئىكەن، كېيىن ئۇ ھەربىر ھەرپتىكى لايلارنى پاكىز تازىلاپ ھەرپنىڭ چوڭ-كىچىكلىك نىسبىتى بويىچە ياغاچتىن نەفىس قاپ ياسىتىپ مۇھىم يادىكارلىق قاتارىدا ساقلاپ كەپتۇ. ھازىر بۇ مىخ مەتبەئە ھەرپلىرى ناھايىتى نەفىس ئىشلەنگەن ئۈچ تارتمىلىق ئاشۇ ياغاچ قاپتا ساقلانماقتا. ساقلىنىش نومۇرى MG25507) MG فرانسۇزچە Musée Guimet يەنى گۇيمېت مۇزېيىنىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى) . ياغاچ قاپتا يەنە ئەينى يىلى پېللىئوت بۇ مىخ مەتبەئە ھەرپىنى سىناق قىلىپ بېسىپ باققان خاتىرىنىڭ بىر ۋارىقىدا ئون نەچچە مىخ مەتبەئە ھەرپىنىڭ باسمىسى ساقلانماقتا. پېللىئوت ئۆزىنىڭ«دۇنخۇاڭ تاشكېمىرى خاتىرىلىرى»دە بۇ مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىنىڭ بايقىلىش جەريانىنى خاتىرىلەپ:
« 1908-يىل 5-ئاينىڭ 23-كۈنى، شەنبە، 181-نومۇرلۇق تاشكېمىردە باسما ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان نۇرغۇن چاسا شەكىللىك موڭغۇلچە مىخ مەتبەئە ھەرپى تېپىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە تاڭغۇتچە باسما بۇيۇملىرىنىڭ كەمتۈكلىرىمۇ تېپىلدى»(85)دەپ يازغان.
ئەينى چاغدا پېللىئوت دۇنخۇاڭدا ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش بىلەن شۇغۇللانغاندا ئالدىرىغىنىدىن بۇ مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ھەرپ ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقمايلا يۇقىرىقى نەق مەيدان خاتىرىسىنى قالدۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن پېللىئوت بۇ مىخ مەتبەئە ھەرپىنى تەتقىق قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن ھەتتا رەتلەپمۇ باقمىغان.

بىلىشىنى بىلىدىغان ئادەمگە ئەگەش ، بىلىشىنى بىلمىگەننى ئاگاھلاندۇر ، بىلگەننى بىلمىگەنگە بىلدۈر ، بىلمەيدىغىنىنى بىلمەيدىغاندىن قاچ !
يۇقىرىغا قايتىش Posted: 2008-02-15 14:52 | 11 -قەۋەت
بۇ ئەزا نۆۋەتتە توردا يوق TarimDadxah

دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئاپتور ماتېرىيالىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاشدوستقا قوشۇش
نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01
كىچىك نورمال چوڭبۇ يازمىنى نەقىل ئېلىش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش

2. ئۇيغۇرچە مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىگە بولغان ئىلگىرىكى قاراش

1925-يىلى ئامېرىكىلىق مەتبەئە تارىخى مۇتەخەسىسى كارتېر ئۆزىنىڭ «جۇڭگودا مەتبەئە تېخنىكىسىنىڭ كەشپ قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭ غەربكە تارقىلىشى» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە تۇنجى قېتىم 4تال مىخ مەتبەئە ھەرپىنىڭ باسمىسىنى ئېلان قىلغان ھەم بۇنى ئۇيغۇرچە ھەرپ، دەپ ئېنىق بېكىتكەن. بۇ 4 تال ھەرپىڭ باسما سۈرىتى نۇرغۇن ئەسەرلەردە نەقىل قىلىنغان. ئادەمنى ئويغا سالىدىغىنى شۇكى، كارتېر تاللاپ باسقان بۇ 4تال ئۇيغۇرچە مىخ مەتبەئە ھەرپى دەل سۆز بىرلىك قىلىنغان ھەرپتۇر. كارتېرنىڭ ئۇيغۇر تىلى ھەققىدىكى بىلىمى تولىمۇ كەمچىل بولغانلىقتىن ئەينى چاغدىكى ياۋروپا ئىلىم ساھەسى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرغان بولسىمۇ دۇنخۇاڭنىڭ قەدىمىي تارىخى ۋە بۇ يەردىن تېپىلغان ۋەسىقىلەرنى تەتقىق قىلىش جەھەتتە دەسلەپكى تونۇشقىلا ئىگە ئىدى. شۇڭا كارتېر گەرچە ئۆزىنىڭ مول بىلىمى ۋە ئىلىمدىكى ئۆتكۈرلىكى ئارقىلىق بۇ مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىنىڭ دۇنيا مەتبەئە تارىخىدىكى ئورنى ھەم ئىلمىي قىممىتىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولسىمۇ ئەمما ئاشۇ نەچچە تال مىخ مەتبەئە ھەرپىدىن ۋاڭ جېن كەشپ قىلغان سۆز بىرلىك قىلىنغان مىخ مەتبەئە ھەرپى قاتارىدا دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان ئۇيغۇرچە مىخ مەتبەئە ھەرپىنىڭ خاراكتېرىگە خاتا يەكۈن چىقاردى. ئۇ ئۆزىنىڭ تەسىرى ناھايىتى زور بولغان«جۇڭگودا مەتبەئە تېخنىكىسىنىڭ كەشپ قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭ غەربكە تارقىلىشى» دېگەن كىتابىدا:
«ئۇيغۇر يېزىقى ئارامى يېزىقىدىن كەلگەن ھەرپلىك يېزىق. ئۇيغۇرلار مىخ مەتبەئەنى قوللىنىشقا باشلىغاندا دەرھال يەككە ھەرپلىك مىخ مەتبەئەنىڭ ئەۋزەللىكىنى تونۇپ يەتكەن، بۇ سىستېما جۇڭگومىخ مەتبەئەسىدىن كۆپ قولايلىق ئىدى. دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان مىخ مەتبە ھەرپى پۈتۈنلەي سۆز بىرلىك قىلىنغان مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىدىن تەركىب تاپقان، ئۇ پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ مىخ مەتبەئەسىدىن دوراپ ياسالغان. بەلكىم ئۇلارنىڭ(ئۇيغۇرلارنى دېمەكچى ـــــــ ئاپتور) ھەرپلىك يېزىق مىخ مەتبەئەسى بولغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بىزدە ھازىرغىچە بۇ ھەقتىكى يازما مەنبەئە يوق، شۇنىڭدەك ھەرپلىك يېزىق مىخ مەتبەئەنىڭ ماددىي پاكىتىنىمۇ بايقىمىدۇق. دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان مىخ مەتبەئە ھەرپى(ئۇيغۇرچە مىخ مەتبە ھەرپى كۆزدە تۇتۇلىدۇـــــ ئاپتور) يەنىلا جۇڭگونىڭكىنى دوراپ ياسالغان،ئۇ ھەرپلىك يېزىق مىخ مەتبەئە ھەرپى بولماستىن بەلكى بىربىرىگە ئۇلاپ ياسالغان مخى مەتبەئەدۇر»(86).
كارتېر بۇ ساھەنىڭ نوپۇزى بولغاچقا ئۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە ئون يىلدا كارتېرنىڭ بۇ بىر ئابزاس سۆزى ئۈزلۈكسىز نەقىل قىلىنىپ، كىشىلەرنى بۇ ئۇيغۇرچە مىخ مەتبەئە ھەرپى سۆز بىرلىك قىلىنغان، ھەرپ ياكى بوغۇم بىرلىك قىلىنمىغان، ئۇنىڭ خاركتېرى خۇددى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ئىختىرا قىلىنغان خەت(سۆز)بىرلىك قىلىنغان مىخ مەتبەئەگە ئوخشاشتۇر، دەيدىغان خاتا قاراشقا كەلتۈرۈپ قويدى. تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى شۇكى، ئەينى چاغدىكى كارتېرنىڭ ئەسىرىدەئاڭلىق يوسۇندا سۆز بىرلىك قىلىنغان ئاشۇ تۆت تال ھەرپ تاللانغان، سۆز بىرلىك قىلىنغان بۇ تۆت تال ھەرپنىڭ سۈرىتى كۆپ خىل ئەسەرلەرگە نەقىل قىلىنىپ، ئەمەلىيەتتە ئىلىم ساھەسىدە خاتا يېتەكچىلىك رول ئوينىغان. ھەتممىگە مەلۇمكى، كارتېر ئۇيغۇر تىلى جەھەتتىكى مۇتەخەسسىس ئەمەس، تېخىمۇ توغرىسىنى ئېيتقاندا ئۇ ئۇيغۇر تىلىنى قىلچە بىلمەسلىكىمۇ مۇمكىن. زادى قانداق نەرسە شەرقشۇناسلىق ساھەسىدىكى بىر ئەۋلاد ئىلىم گىگانتىدا مۇشۇنداق خاتالىق سادىر قىلغاندۇ؟ ئارىدىن نەچچە ئون يىل ئۆتكەندە بىز بۇ قەدىمقى مەدەنىيەت مىراسلىرىغا قايتا قاراپ چىققاندا ۋە ئۇنى قايتا تەتقىق قىلغاندا ئەينى چاغدا كىملەر كارتېرغا «ياردەملىشىپ» بۇ ئۇيغۇرچە مىخ مەتبە«ئەۋرىشكىسى»نى «تاللىشىپ» ۋە «پەرق ئېتىشىپ» بەرگەندۇ؟ زادى قانداق مۇددىئادا مەخسۇس ئاشۇ 4 تاللا سۆز بىرلىك قىلىنغان مىخ مەتبەئە ھەرپى تاللانغاندۇ؟ دېگەن بۇ ئادەمنى ئويلاندۇرىدىغان سوئالنى سورىماي تۇرالمايمىز. كارتېرنىڭ ئەسىرى دۇنياغا كېلىپ نەچچە ئون يىلدىن كېيىنمۇ ئىلىم ساھەسىدە تەسىرى بار بەزى ئەسەرلەر يەنىلا كارتېرنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ ئۇنىڭ كۆزقارشىنى ياقلىماقتا. ھەتتا ئىلىم ساھەسىدە تېخى بىرمەھەل بۇ بىر تۈركۈم ئۇيغۇرچە مىخ مەتبەئە ھەرپى يوقاپ كېتىپتۇدەك، دېگەن ئۆسەك تارقالدى، مەسىلەن ئەنگلىيىلىك مەشھۇر ئالىم جوسېف نېدھام باش بولۇپ تۈزۈلگەن «جۇڭگو پەن-تېخنىكىسى تارىخى»دېگەن كىتابنىڭ 5-تومىنىڭ 1-قىسىمى بولغان«قەغەز ۋە مەتبەئە»(چيەن سۈنشۈن قەلەم تەۋرەتكەن)دە:
«ئۇيغۇرچە مىخ مەتبەئە ھەرپىنى 1907-يىلى پېللىئوت بايقىغان، يېقىنقى خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ بىر يۈرۈش مىخ مەتبەئە ھەرپىنى تاپقىلى بولمىغانمىش»(87). دەپ يازدى.
ئەمما، بۇ كىتابنىڭ قەلەم تەۋرەتكۈچىسى بولغان مەشھۇر مەتبەئە تارىخى مۇتەخەسسىسى چيەن سۈنشۈن ئەپەندى ئۇيغۇرچە مىخ مەتبەئە ھەرپى ئۈستىدە توختالغاندا كارتېرنىڭ كونا تەلىماتىنى ياقلىماي بىرقەدەر ئېھتياتچان پوزىتسىيەدە بولدى. ئۇ يۇقىرىقى كىتابتا:«... يەنىلا دۇنخۇاڭدىن بىر يۈرۈش ئۇيغۇرچە ياغاچتىن ياسالغان مىخ مەتبەئە ھەرپى تېپىلدى، بۇ نەچچە يۈزلىگەن ھەرپنىڭ يىل دەۋرى تەخمىنەن 1300-يىلىغا توغرا كېلىدىكەن.بۇ ، ياۋروپا يېزىقىدىن باشقا ئۇيغۇر يېزىقىدەك مۇشۇنداق ھەرپلىك يېزىقنىڭ ئويما بەت مەتبەئەسىدىن مىخ مەتبەئەگە كۆچۈشىمۇ ناھايىتى تەبىئىي ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ»(88).
بۇ مىخ مەتبەئە ھەرپى بايقىلىپ 80 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدىمۇ ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ بۇ مىخ مەتبەئە ھەرپىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىغا بولغان تونۇشى ئىزچىل مۇجىمەل بولۇپ كەلدى. گەرچە بەزى ئالىملار ئالاقىدار ئەسەرلىرىدە بۇ ئۇيغۇرچە مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىنىڭ تېپىلىشى ۋە ساقلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە ئازدۇر-كۆپتۇر تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بولسىمۇ ئەمما چوڭقۇر تەتقىق قىلمىدى، ئۇلارنىڭ بۇ ئۇيغۇرچە مىخ مەتبەئە ھەرپىنىڭ مۇھىم ئىلمىي قىممىتىگە بولغان تونۇشى يېتەرلىك بولمىدى، ئۇلارنىڭ بۇ مىخ مەتبەئە ھەرپلىرى ئۈستىدە سىستېمىلىق ۋە ئومۇمىي يۈزلۈك تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ بۇ مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىنىڭ دۇنيا مەتبەئە تارىخىدىكى ئورنى ھەققىدە توغرا باھا بېرىشىدىن ئېغىز ئېچىش تېخىمۇ مۇمكىن بولمىدى(89). بۇ ھال بۈگۈنكى كۈندىكى جۇڭگو ۋە چەتئەل ئىلىم ساھەسىدە دۇنخۇاڭشۇناسلىقنىڭ تازا راۋاجلانغانلىقىدەك ياىشى ۋەزىيىتى بىلەن زادىلا ماس كەلمەيدۇ ھەم بۇ دۇنيا مەتبەئە تارىخىدىكى يېشىلمىگەن بىر سىر بولۇپ قالدى.
دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان ئۇيغۇرچە مىخ مەتبەئە ھەرپىنىڭ ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش ئۈچۈن مۇشۇ كىتابنىڭ ئاپتورى ياسىن ھوشۇر ئەلى ب د ت پەن-مائارىپ-مەدەنىيەت تەشكىلاتى پىڭشەن يۈفۇ (خراياما)يىپەك يولى تەتقىقاتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن 1995-يىلى ئەنگلىيىدە دۇنخۇاڭ ۋەسىقىلىرىنى تەتقىق قىلىۋاتقان چېغىدا مەخسۇس فرانسىيە پايتەختى پارىژغا بېرىپ، دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان بۇ ئۇيغۇرچە مىخ مەتبەئە ھەرپىنىڭ دېرىكىنى قىلدى، ئاخىرى پارىژ گۇيمېت ئاسىيا سەنئەت مۇزېيىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىسكىلاتىدا 800يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ ئۇيغۇرچە مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىنى كۆرۈشكە مۇشەررەپ بولدى ھەمدە نەچچە يۈز يىل تارىخ توزاندىلىرىغا كۆمۈلۈپ يېتىپ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يات ئەلگە ئېلىپ كېتىلگەن 960تال ياغاچتىن ياسالغان مىخ مەتبەئە ھەرپىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن چوڭ بەش ۋاراق بامبۇك قەغىزىگە بېسىپ، بۇ ياغاچتىن ياسالغان مىخ مەتبەئە ھەرپى ۋەكىللىك قىلغان يېزىق بەلگىلىرىنى ناھايىتى ئېنىق نامايەن قىلدى.
ھازىر پارىژدىكى گۇيمېت مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان 960تال ئۇيغۇرچە مىخ مەتبەئە ھەرپى ئەينى چاغدا ئىشلىتىلگەن مىخ مەتبەئە ھەرپىنىڭ بىر قىسىمىلا بولۇشى مۇمكىن، نەچچە يۈز يىل تاشلىنىپ ئاندىن تېپىلغىچە بولغان ئۇزاق تارىخ قىسمەتلىرىدە زور بىر قىسىمى يوقىلىپ كەتكەن ياكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. بەختكە يارىشا دۇنخۇاڭ غەربىي شىمالدىكى قۇرغاق كىلىماتلىق جاي بولغانلىقتىن، ساقلىنىپ قالغان بۇ نەچچە يۈز تال ياغاچ مىخ مەتبەئە ھەرپى چىرىپ كەتمەي ئوبدان ساقلىنىپ قالغان، بۇ بەلكىم مۇشۇ ياغاچ مىخ مەتبەئە ھەرپىنى ياسىغۇچىنىڭ مىخ مەتبەئە ياغاچ ماتېرىياللىرىنى خىمىيىلىك بىر تەرەپ قىلىشتىن ئۆتكۈزگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. بىرنەچچە تال مىخ مەتبەئە ھەرپىدىن باشقىلىرى ناھايىتى مۇكەممەل بولۇپ، خەتلىرى ۋە سىزىقلىرى شۇنداق نۇقسانسىز ساقلانغان. فرانسىيەدە ئىشلەنگەن ھۆكۈمەت ئالاقىسىدە ئىشلىتىلىدىغان سۇرۇخقا چىلاپ ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن بامبۇك قەغىزىگە بېسىپ نۇسخا ئېلىنغاندا ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولغان، سۇرۇخ يېيىلىپ كەتمىگەن. بېسىپ چىقىرىلغان خەت ئوچۇق بولۇپ، ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن ئۇيغۇرچە مەتبەئە بۇيۇملىرى(ھەقىقىي بۇيۇم) بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۈنۈمى يۈزدې يۈز ئوخشاش بولغان، بۇ ئۇيغۇرچە مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىنىڭ مەزمۇنىنى تەتقىق قىلىشقا ناھايىتى پايدىلىق.
دۇنخۇاڭ ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى پېڭ جىنجاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى تۈر تەتقىقات گۇرۇپپىسى دۇنخۇاڭ تاشكېمىرى شىمالىي رايونىدىكى تاشكېمىرلەرنى تازىلىغاندا 48تال ئۇيغۇرچە ياغاچ مىخ مەتبەئە ھەرپىنى (بۇنىڭ ئىچىدە شىمالىي رايوندىكى 59-نومۇرلۇق تاشكېمىردىن 16 تال، شىمالىي رايوندىكى 162-نومۇرلۇق تاشكېمىردىن 2تال، 464-نومۇرلۇق تاشكېمىرنىڭ مەركىزىي كېمىرىدىن 2تال، 464-نومۇرلۇق تاشكېمىرنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى يان كېمىردىن 17تال، شىمالىي رايوندىكى 56-نومۇرلۇق تاشكېمىردىن 1تال، شىمالىي رايوندىكى 163-نومۇرلۇق تاشكېمىردىن 10تال) بايقىغان، بۇنىڭغا دۇنخۇاڭ ئاكادېمىيىسىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىسكىلاتىدا ساقلىنىۋاتقان 6تال(بۇمۇ شىمالىي رايوندىن تېپىلغان) مىخ مەتبەئە ھەرپىنى قوشقاندا جەمئىي 54تال ھەرپ بولغان. بۇلار فرانسىيەدە ساقلىنىۋاتقان مىخ مەتبەئە ھەرپلىرى بىلەن ئوخشاش بىر تۈردىكى ھەرپ بولۇپ، ھازىرغىچە دۇنيادا ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرچە ياغاچ مىى مەتبەئە ھەرپى 1014كە يەتكەن.
دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان ئۇيغۇرچە مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىدىن بېسىپ چىقىرىلغان مەزمۇننى ئوقۇش ۋە تۈرگە ئايرىش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، بۇ مىخ مەتبەئە ھەرپلىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن تېپىلغان خەنزۇچە ۋە تاڭغۇتچە مىخ مەتبەئە ھەرپىگە زادىلا ئوخشىمايدۇ، خەنزۇچە ۋە تاڭغۇتچە مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىدە خەت(سۆز) بىرلىك قىلىنغان، ھالبۇكى ئۇيغۇرچە مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىدە بولسا سۆز، بوغۇم، تاۋۇش بىرلىك قىلىنغان بولۇپ، ئارىلىق تاۋۇش بىرلىك قىلىنغان مىخ مەتبەئە ھەرپلىرى بىلەن خەنزۇچە مىخ مەتبەئە خېتى ئارىلىقىدىكى ھەرپلەردۇر، بۇ ناھايىتى مۇھىم ئىلمىي تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە. دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان ئۇيغۇرچە مىخ مەتبەئە ھەرپلىرى مىخ مەتبەئە تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن بەلكى مىخ مەتبەئە تېخنىكىسى ھەم ئۇنىڭ ئىدىيىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەمدە مىخ مەتبەئەنىڭ جۇڭگودىن غەربكە تارقىلىش يوللىرى ۋە ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىشتە مۆلچەرلىگۈسىز قىممەتكە ئىگە.

بىلىشىنى بىلىدىغان ئادەمگە ئەگەش ، بىلىشىنى بىلمىگەننى ئاگاھلاندۇر ، بىلگەننى بىلمىگەنگە بىلدۈر ، بىلمەيدىغىنىنى بىلمەيدىغاندىن قاچ !
يۇقىرىغا قايتىش Posted: 2008-02-15 14:54 | 12 -قەۋەت
بۇ ئەزا نۆۋەتتە توردا يوق TarimDadxah

دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئاپتور ماتېرىيالىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاشدوستقا قوشۇش
نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01
كىچىك نورمال چوڭبۇ يازمىنى نەقىل ئېلىش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش

تۆتىنچى پاراگراف
ئۇيغۇرچە مىخ مەتبەئە ھەرپىنىڭ شەكلى، ماتېرىيالى، ياسىلىش ئۇسۇلى ۋە تۈرى
1. ئۇيغۇرچە مىخ مەتبەئە ھەرپىنىڭ شەكلى، ماتېرىيالى ۋە ياسىلىش ئۇسۇلى

دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان ئۇيغۇرچە مىخ مەتبەئە ھەرپلىرى تەتۈر كۆپىنكى قاپارتما ھەرپ بولۇپ، مۇتلەق كۆپىنچىلىرىنىڭ كەڭلىكى 1.3سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى 2.2سانتىمېتىر، ئۇزۇن-قىسقىلىقى ئىپادىلىگەن بەلگىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ئاساسەن بېكىتىلگەن. دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان ئۇيغۇرچە مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىنىڭ ياغاچ ماتېرىيالى ناھايىتى قاتتىق بولۇپ، كۆزىتىلىشىچە بەزىلىرى قىزغۇچ، بەزىلىرى ساغۇچ قوڭۇر بولۇپ، چىلان ياكى نەشپۈت ياغىچىدىن ياسالغانلىقى مەلۇم. چىلان ياغىچى بىلەن نەشپۈت ياغىچى ئېلىمىزنىڭ شىمالىدا كۆپ ئۇچرايدىغان مېۋىلىك دەرەخ تۈرى بولۇپ، غەربىي شىمالدا ناھايىتى كۆپ تارقالغان، ياغىچى سەل ئىنچكە، ئويۇشقا ئاسان، مەنبەسى مول، باھاسىمۇ ئەرزان. بۇ ياغاچ ماتېرىياللىرى مىخ مەتبەئەگە ئىشلىتىلىشتىن بۇرۇن چىداملىق بولسۇن ئۈچۈن پىششىقلاپ ئىشلەشتىن ئۆتكۈزۈلۈپ، قۇرت چۈشۈشنىڭ ئالدى ئېلىنغان. بۇ مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىنىڭ كۆپىنچىلىرى ئۇزاققىچە ئىشلىتىلگەنلىكتىن بولسا كېرەك، سىرتى قارىداپ كەتكەن، نەچچە يۈز يىيل ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ خېتى ناھايىتى ئېنىق تۇرغان.
ئۇيغۇرچە ياغاچ مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىنى تەپسىلىي كۆزىتىش ۋە سېلىشتۇرۇش، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەنزۇچە خەتنىڭ ياغاچ مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىنى ياساش توغرىسىدىكى يازما خاتىرىلەردىن پايدىلىنىش ئارقىلىق مۇشۇ كىتابنىڭ ئاپتورى ئۇيغۇرچە ياغاچ مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىنىڭ ئىككى خىل ياساش ئۇسۇلى بار ، دەپ قارىدى:
① ئادەتتە ئاۋال ھەرپ نۇسخىسى تاختايغا يېزىۋېلىنىپ،ھەرپ شەكلى ئويۇلىدۇ، ئاندىن بىرلىكى بويىچە كېسىۋېلىنىپ سىلىغدىلىنىپ ئىشلىتىلىدۇ؛
② كونا ئويما بەتتىكى يېزىق مەزمۇنىدىن پايدىلىنىپ ئېھتياجغا ئاساسەن سۆز ياكى بوغۇمنى ھەرىدىۋېلىنىدۇ، دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان ئۇيغۇرچە مىخ مەتبەئە ھەرپلىرى ئىچىدە بەزى ئارتۇقچە ھەرپ بەلگىلىرى ئۇچرايدۇ، قارىغاندا بۇ كونا ئويما بەتتىكى ھەرپلەر ئارىسىدا ئەسلىدىنلا بولغان بولسا كېرەك.
يەنە بەزى مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىنىڭ يۈزى ۋە ئارقا تەرىپىدە ئۇيغۇرچە ھەرپ شەكلى ۋە تىنىش بەلگىلىرى بار، بۇ بەلكىم ۋاقىتلىق ئېھتياج تۈپەيلىدىن ماتېرىيال تېجەش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن بولسا كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىنىڭ بىر يۈزىدە بۇزۇپ قويۇلغان ھەرپ شەكلى ئۇچرايدۇ، بۇنداق ھەرپلەردە ماتېرىيال تېجەش ئۈچۈن يەنە بىر يۈزىگە قايتىدىن ئۇيغۇرچە ھەرپ ئويۇلغان.
2.ئۇيغۇرچە مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىنىڭ تۈرى
دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان ئۇيغۇرچە مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىنى ئوقۇش، تۈرگە ئايرىش نەتىجىسىدىن قارىغاندا بۇ ھەرپلەر ئىپادىلىگەن يېزىق بەلگىلىرىنى 7 تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
1 .ھەرپ بىرلىك قىلىنغان مىخ مەتبەئە ھەرپلىرى
بۇ ئۇيغۇر تىلى تاۋۇشلىرىنىڭ بارلىق بوغۇملىرىنى ئىپادىلەشتە ئىشلىتلىگەن. ھازىر ساقلىنىۋاتقان بۇ ئۇيغۇرچە مىخ مەتبەئە ھەرپلىرى ئىچىدە بەزىلىرى سۆز بېشىدا، سۆز ئارىلىقىدا ۋە سۆز ئاخىرىدا كېلىدىغان ئۈچ خىل شەكلى بار★.
ھەرپ بىرلىك قىلىنغان مىخ مەتبەئە ھەرپ بەلگىلىرى بىلەن شۇ بەلگىلەر ۋەكىللىك قىلغان تاۋۇشنىڭ سېلىشتۇرما جەدۋىلى(جەدۋەل2) تۆۋەندىكىچە: ★★(بۇنىڭ ئارقىسىغا2-،3-جەدۋەل كېلىدۇ)
2 . سۆز بىرلىك قىلىنغان مىخ مەتبەئە ھەرپى
سۆز بىرلىك قىلىنغان مىخ مەتبەئە ھەرپلىرى ئىچىدە ئىسىم، سۈپەت، سان، ئالماش، رەۋش، ئارقا ياردەمچى سۆز ۋە ئۇلانما قاتارلىقلار بولۇپ، ئىسىملارنىڭ بىر قىسىمى بۇددا دىنىنىڭ خاس ئاتالغۇلىرىدۇر. يەنە بىر قىسىملىرى پېئىلنىڭ گرامماتىكىلىق شەكلى(مەسىلەن رەۋىشداش) ياكى باشقا شەكىللىرى ئىپادىلەنگەن مىخ مەتبەئە ھەرپلىرى بولۇپ، ئىپادىلىگەن سۆز مەنالىرى ناھايىتى مۇكەممەل، شۇڭا چۈشىنىشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ئۇلار بۇ يەردە مۇھاكىمىگە قويۇلدى، مەسىلەن: (4-جەدۋەل)
3.پېئىل تومۇرى بىرلىك قىلىنغان مىخ مەتبەئە ھەرپى
پېئىل ئادەم ياكى شەيئىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى، ھالىتىنى، ئۆزگىرىشىنى ۋە روھىي ھالەت ھەرىكىتىنىڭ جەريانىنى ھەمدە ھەرىكەت ھالىتىنى ئىپادىلەيدىغان سۆز تۈركۈمى. ئۇيغۇر تىلىدىكى پېئىللارنىڭ دەرىجە، راي، زامان، شەخس، بولۇشلۇق ياكى بولۇشسىز قاتارلىق گرامماتىكىلىق كاتېگورىيىلىرى بار. ئۇيغۇر تىلىدىكى پېئىللارنىڭ مورفولوگىيىلىك ئۆزگىرىشى پېئىل تومۇرىغا قوشۇلىدىغان سۆز ئارقا قوشۇمچىلىرىغا تۈرلۈك گرامماتىكىلىق سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار قوشۇلۇش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى پېئىل تومۇرنىڭ ئارقىسىغا يەنە سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنى قوشۇش ئارقىلىق يېڭى سۆز ياسىىغىلى، شۇ ئارقىلىق سۆز مەناسىنى ئۆزگەرتكىلى ۋە كېڭەيتكىلى ھەم سۆز خاراكتېرىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا سۆز تومۇرى(تۈپ سۆز) گرامماتىكىلىق سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار قوشۇلغاندىلا ئاندىن گرامماتىكىلىق مەناغا ئىگە بولۇپ، سۆز بىلەن سۆز ئوتتۇرىسىدىكى ياكى سۆز بىلەن سۆز بىرىكمىسى ئوتتۇرىسىدىكى گرامماتىكىلىق مۇناسىۋەتلەرنى نامايان قىلىپ، شۇ ئارقىلىق مۇكەممەل مەنانى ئىپادىلەيدۇ، ئەمما بەزىدە يەنە پېئىلنىڭ سۆز تومۇرىمۇ مۇكەممەل گرامماتىكىلىق مەنانى ئىپادىلەيدۇ. (5-جەدۋەل).
4.سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار بىرلىك قىلىنغان مىخ مەتبەئە ھەرپلىرى
ئۇيغۇر تىلىنىڭ مورفولوگىيىلىك ئۆزگىرىشى سۆز ياكى تۈپ سۆز ئارقىسىغا سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار قوشۇلۇش ئارقىلىق ئورۇنلىنىدۇ. ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلىرى ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ، بىرىنچى تۈردىكى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار سۆزنىڭ سۆزلۈك ــــ گرامماتىكىلىق مەناسىنى ئىپادىلەپ، سۆزنىڭ سۆزلۈك مەناسىنى ئىزاھلاپ، سۆزلۈكنى مەلۇم تۈردىكى سۆزلۈك ـــــ گرامماتىكىلىق كاتېگورىيەگە ئىگە قىلىدۇ. ئىككىنچى تۈردىكى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنىڭ پەقەت گرامماتىكىلىق ئىقتىدارىلا بار، بۇ تۈردىكى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار قوشۇلغان مەلۇم سۆزنىڭ سۆز بىرىكمىلىرى ياكى جۈملە قۇرۇلمىسىدىكى گرامماتىكىلىق ئىقتىدارىنى بەلگىلەيدۇ، ئەمما سۆزنىڭ سۆزلۈك مەناسىدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلمايدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ سېمانتىكىلىق(مەنالىق) ئۆزگىرىشى ۋە تۈرلۈك گرامماتىكىلىق شەكىل ئۆزگىرىشى يۇقىرىقى ئىككى تۈردىكى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار تۈپ سۆزگە قوشۇلۇش ئارقىلىق ئىپادە قىلىنىدۇ. ئوخشاشمىغان تۈردىكى نۇرغۇن سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنى بىرلا ۋاقىتتا بىر تۈپ سۆزگە قوشۇشقىمۇ بولىدۇ. تۈپ سۆزگە قوشۇلغان سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار قانچە كۆپ بولسا ئىپادىلەيدىغان مەنامۇ شۇنچە مۇرەككەپ ۋە توغرا بولىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشنىڭ ئاھاڭداشلىقى ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ ئاسسىلمىلاتسىيەلىشىش قانۇنىيىتى بىلەن بىرىكىدىغان بولغانلىقتىن ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنىڭ كۆپىنچىلىرى كۆپ خىل شەكىلدە ئۆزگىرىدۇ. ئوخشاشمىغان تۈردىكى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار بىرلا ۋاقىتتا تۈپ سۆزنىڭ ئارقىسىغا ئۇلىنىپ كەلگەندە ئۇنىڭ تەرتىپى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار تۈپ سۆزگە زىچ ئۇلىنىپ كېلىدۇ، ئاندىن بولۇشسىزلىق شەكلىدىكى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە، پېئىللىق ئىسىم ياكى سۈپەتداش ۋە رەۋشداش قاتارلىق سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار كېلىپ، ئارقىدىن سان ياكى تەۋەلىك شەخس سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلىرى، خەۋەر بولۇپ كەلگەن شەخس سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلىرى، كېلىش قوشۇلغان سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار قاتارلىقلار كېلىدۇ. مەسىلەن؛ adaqlarinta دېگەن سۆزنى تەھلىل قىلىپ كۆرسەك، adaq-lar-i-n-ta دىن ئىبارەت بەش بۆلەككە بۆلۈشكە بولىدۇ، adaq تۈپ سۆز، «ئاياق»دېگەن مەنادا، - larكۆپلۈك قوشۇمچىسى، -iئۈچىنچى شەخس تەۋەلىكىدىكى تاق سان، -n ئارتۇقچە تاۋۇش، -taئورۇن كېلىش قوشۇمچىسى، بۇ سۆزنىڭ تولۇق مەناسى «ئايىقىدا» يەنى «ئۇنىڭ ئايىقى ئۈستىدە»دېگەندىن ئىبارەت. (6-جەدۋەل).
5.مەنا ياكى گرامماتىكىلىق ئىقتىدار ئىپادىلىمەيدىغان تاۋۇشتىن بىرىكمىلىرى بىرلىك قىلىنغان مىخ مەتبەئە ھەرپلىرى
(7-جەدۋەل)
6.بەت يۈزىدىكى كونچۇك، رامكا ئىپادىلەنگەن مىخ مەتبەئە ھەرپلىرى، بۇنىڭ ئىچىدە تاق سىزىقلىق كونچۇك، قوش سىزىقلىق كونچۇكلارمۇ بار. (8-جەدۋەل).
7.تىنىش بەلگىلىرى ۋە قوشۇمچە بەلگىلەرنى ئىپادىلەيدىغان مىخ مەتبەئە ھەرپلىرى، بۇنىڭ ئىچىدە تاق چېكىت، قوش چېكىت، تۆت چېكىتلىك بەلگىلەرمۇ بار. (9-قەدۋەل).
بۇنىڭدىن باشقا يەنە بەت ياسىغاندا بوشلۇق تولدۇرىدىغان شپون ۋە ئوتتۇرا بالداق ياغاچمۇ بار.

بىلىشىنى بىلىدىغان ئادەمگە ئەگەش ، بىلىشىنى بىلمىگەننى ئاگاھلاندۇر ، بىلگەننى بىلمىگەنگە بىلدۈر ، بىلمەيدىغىنىنى بىلمەيدىغاندىن قاچ !
يۇقىرىغا قايتىش Posted: 2008-02-15 14:55 | 13 -قەۋەت
بۇ ئەزا نۆۋەتتە توردا يوق TarimDadxah

دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئاپتور ماتېرىيالىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاشدوستقا قوشۇش
نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01
كىچىك نورمال چوڭبۇ يازمىنى نەقىل ئېلىش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش

بەشىنچى پاراگراف
ئۇيغۇرچە ياغاچ مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى
1.ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكى

ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇرلار ئالاقە قىلىدىغان ئورتاق تىل بولۇپ، قەدىمقى تۈركىي تىللارنىڭ بىرى.
ئۇيغۇر تىلىدا i ï ä a o ö u ü دىن ئىبارەت 8 سوزۇق تاۋۇش بار، بۇلارنىڭ ئىچىدە i ä ö ü تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشى، ï a o u لار تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشى.b p γ q h g k d t z l m n r s š č gn y w دىن ئىبارەت 20ئۈزۈك تاۋۇش بار. سوزۇق تاۋۇشنىڭ ئاجىزلىشىدىغان قانۇنىيىتى بار.
مورفولوگىيە جەھەتتە سان، كېلىش، تەۋەلىك شەخس، خەۋەرلىك شەخس قاتارلىقلار ئىسىم ۋە شەيئىلەشكەن ئىسىمدىكى مۇستەقىل سۆزكاتېگورىيىسىگە كىرىدۇ. ئوخشاش بىر كاتېگورىيەگە تەۋە سۆز ئارقا قوشۇمچىلىرىنىڭ ئوخشاشمايدىغان فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشى بولىدۇ. ئىسىمنىڭ باش كېلىش، تەۋەلىك كېلىش، تەڭداش كېلىش، يۆنىلىش كېلىش، چۈشۈم كېلىش، ئورۇن كېلىش، ئەگەشمە كېلىش، ۋاسىتىلىك كېلىشتىن ئىبارەت 8 خىل كېلىشى بار. باش كېلىش يوق ھالەتتە باشقا كېلىشلەر سۆز ئارقا قوشۇمچىلىرى قوشۇش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. پېئىلنىڭ زامان، شەخس، راي، دەرىجە قاتارلىق كۆپ خىل مورفولوگىيىلىك ئۆزگىرىشى بار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر تىلىدىكى پېئىللارنىڭ سۈپەت پېئىلى ۋە قوشۇمچە پېئىل قاتارلىق شەكىللىرى بار.
تىل تىپىدىن ئېيتقاندا ئۇيغۇر تىلى تىپىك يېپىشقاق تىل بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى فونېماسى ئۆزگەرمەيدىغان سۆز ياكى سۆز يىلتىزى مورفېماسىنىڭ ئارقىسىغا مۇئەييەن تەرتىپ بويىچە ئوخشاشمىغان فونېماسى ئۆزگەرمەيدىغان سۆز ياسىغۇچى ياكى گرامماتىكىلىق سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنى قوشۇش ئارقىلىق يېڭى سۆز ياسىلىدۇ ياكى گرامماتىكىلىق مۇناسىۋەت ئىپادىلىنىدۇ، ھەربىر سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە بىرلا مۇقىم سېمانتىكىلىق ئالاھىدىلىك ياكى گرامماتىكىلىق مەنانى ئىپادىلەيدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا تۈپ سۆز بىلەن سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە ئوتتۇرىسىدا تاۋۇش پەرقى ئېنىق ئايرىلغان.
ئۇيغۇر تىلىدا بىر سۆز ئوخشاشمىغان گرامماتىكىلىق مەنا ئىپادىلىگەن چاغدا شۇ تۈپ سۆزگە ئوخشاشمىغان سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە قوشۇلغان بولىدۇ. مەسىلەن ئالايلى، «مېڭىش»ئۇقۇمىنى بىلدۈرىدىغان بۇ پېئىل خەنزۇ تىلىدا بىر پەقەت بىرلا خەت بىلەن ئىپادىلىنىدۇ ھەم بۇ پېئىل ھەرقانداق شەخسلىك ئالماش بىلەن بىرىكىپ ئوخشاشمىغان ئىگە يۈرگۈزىۋاتقان ھەرىكەتنى ئىپادىلەيدۇ. ھالبۇكى ئۇيغۇر تىلىدا «مېڭىش» ئۇقۇمىنى بىلدۈرىدىغان پېئىل تۈپ سۆزى ئوخشاشمىغان شەخسلىك ئالماش ياكى ئىگە ئىپادىلىنىدىغان سۆز بىلەن بىرىككەندە ئوخشاشمىغان گرامماتىكىلىق سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە قوشۇلىدۇ، ناۋادا بۇنىڭغا يەنە بولۇشسىز راي، زامان، دەرىجە، شەخس قاتارلىقلار ئىپادىلەنگەن سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار قوشۇلىدىغان بولسا بىر پېئىل ئاز دېگەندىمۇ ئون نەچچە خىل ئۆزگىرىدۇ. ئىسىم قاتارلىق سۆز تۈركۈمىدىمۇ ئوخشاشمىغان گرامماتىكىلىق ئۇقۇم ئىپادە قىلىنماقچى بولغاندا ئوخشاشلا ئوخشاشمايدىغان سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار قوشۇلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدىكى مورفولوگىيىلىك ئۆزگىرىش سۆز ياكى تۈپ سۆز ئارقىسىغا سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە قوشۇش ئارقىلىق ئورۇندىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ، بىرىنچى تۈردىكى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار ئارقىلىق سۆزنىڭ لۇغەت تەركىبى ـــ گرامماتىكىلىق مەناسى ئىپادىلىنىپ، سۆزنىڭ لۇغەت تەركىبى ئىزاھلىنىدۇ ھەمدە لۇغەت تەركىبى مەلۇم بىر تۈردىكى لۇغەت تەركىبى ـــ گرامماتىكىلىق كاتېگورىيەگە تەۋە قىلىنىدۇ. ئىككىنچى تۈردىكى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار پەقەت گرامماتىكىلىق ئىقتىدارغىلا ئىگە بولىدۇ، بۇ تۈردىكى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار قوشۇلغان مەلۇم بىر سۆز سۆز بىرىكمىسى ياكى جۈملە قۇرۇلمىسىدىكى گرامماتىكىلىق ئىقتىدارنى بەلگىلەيدۇ، ئەمما سۆزنىڭ لۇغەت تەركىبى مەناسىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ سېمانتىك(مەنا) ئۆزگىرىشى ۋە تۈرلۈك گرامماتىكىلىق ۋە مورفولوەىيىلىك ئۆزگىرىشى دەل يۇقىرىقى ئىككى تۈرلۈك سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار تۈپ سۆز ئارقىسىغا قوشۇلۇش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ئوخشاشمىغان تۈردىكى نۇرغۇن سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنى بىرلا ۋاقىتتا بىر تۈپ سۆزگە قوشۇشقىمۇ بولىدۇ. تۈپ سۆزنىڭ ئارقىسىغا قوشۇلغان سۆ ياسىغۇچى قوشۇمچىلار قانچە كۆپ بولسا ئىپادىلەيدىغان مەنامۇ شۇنچە مۇرەككەپ ۋە توغرا بولىدۇ. ئۇيغۇر تىلى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىش ئىدارىسىدە بولغاچقا، ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆ ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنىڭ كۆپىنچىلىرىنىڭ كۆپ خىل ئۆزگىرىش شەكلى بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدا ئوخشاشمىغان تۈردىكى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار بىرلا ۋاقىتتا بىر تۈپ سۆزنىڭ ئارقىسىغا قوشۇلغاندا بۇنىڭ تەرتىپى تۈپ سۆزگە ئاشۇ سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە ئۇلىنىپ كېلىدۇ، ئاندىن بولۇشسىز رايلىق سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە، ھەرىكەتنامى(پېئىل ئىسىم) ياكى سۈپەتدش قاتارلىق سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە كېلىدۇ، ئاخىردا سان ياكى تەۋەلىك شەخسلىك سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە، خەۋەر بولۇپ كەلگەن شەخسلىك سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە، كېلىش قوشۇلغان سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە قاتارلىقلار كېلىدۇ. مەسىلەن، «adaqlarinta » دېگەن سۆزنى تەھلىل قىلىپ كۆرسەك، adaq-lar-i-n-ta دىن ئىبارەت بەش بۆلەككە بۆلۈشكە بولىدۇ، adaq تۈپ سۆز، «ئاياق»دېگەن مەنادا، - larكۆپلۈك قوشۇمچىسى، -iئۈچىنچى شەخس تەۋەلىكىدىكى تاق سان، -n ئارتۇقچە تاۋۇش، -taئورۇن كېلىش قوشۇمچىسى، بۇ سۆزنىڭ تولۇق مەناسى «ئايىقىدا» يەنى «ئۇنىڭ ئايىقى ئۈستىدە»دېگەندىن ئىبارەت.
ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىش ئەنئەنىسىدە قىسمەن تۈپ سۆزلەر بىلەن سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنى ئايرىپ يېزىش ھادىسىسى بار، بۇنداق ھادىسىلەر قوليازما ۋەسىقىلەردىمۇ، باسما ۋەسىقىلەردىمۇ ئوخشاشلا ئۇچرايدۇ(90). مەسىلەن، ئۇيغۇرچە«ئالتۇن يارۇق»نىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىسىدا تۈپ سۆز بىلەن سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنىڭ ئايرىپ يېزىلغانلىقىنى كۆپ ئۇچرىتىمىز. ئۇيغۇرچە «ۋاجرا سۇترىسى» ۋە باشقا ۋەسىقىلەرنىڭ كەمتۈك جىلدلىرىدىمۇ بۇنداق ئەھۋال كۆپ ئۇچرايدۇ. دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان ئۇيغۇرچە مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىنىڭ تەھلىلىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلار تۈرلۈك سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنىڭ گرامماتىكىلىق ئىقتىدارىنى ناھايىتى ئېنىق پەرقلەندۈرگەن.

2.ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈدىغان ئۇيغۇرچە ياغاچ مىخ مەتبەئە ھەرپلىرى
بۇ ياغاچ مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىنى تەھلىل قىلىپ كۆرگىنىمىزدە، ئۇيغۇرچە مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىنى لايىھىلىگۈچى مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىنى لايىھىلىگەندە ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىسى، سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار ۋە گرامماتىكىلىق تەركىبلەرنىڭ پەرقىنى ناھايىتى ئېنىق ئايرىپ، پۈتۈنلەي ئۇيغۇر تىلىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى بويىچە لايىھىلەپ ياسىغان، ناۋادا ئۇيغۇر تىلى قۇرۇلمىسى ھەققىدە بىلىمى بولمىغىنىدا مۇشۇنداق توغرا تەھلىل يۈرگۈزەلمىگەن ۋە ئايرىيالمىغان بولاتتى. بىزگە مەلۇمكى، ئۇيغۇرچە مىخ مەتبەئەنى كەشپ قىلغۇچى ئۇيغۇر تىلىنىڭ مورفولوگىيىلىك قۇرۇلمىسى ھەققىدە مۇكەممەل بىلىمگە ئىگە بولغان.
ھازىر ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرچە مىخ مەتبەئە ھەرپى گەرچە قەدىمقى ئۇيغۇرلار كىتاب بېسىشتا ئىشلەتكەن مىخ مەتبەئە ھەرپىنىڭ بىر قىسىمى بولسىمۇ ئەمما بۇ ھەرپلەر:(1)سوزۇق تاۋۇش ۋە ئۈزۈك تاۋۇشنى ئىپادىلەيدىغان تىل تاۋۇشلىرى بىرلىك قىلىنغان مىخ مەتبەئە ھەرپلىرى؛ (2) كىشىلىك ئالماش، ئىسىم، سۈپەت، سان، ئالماش، رەۋىش، ئارقا ياردەمچى سۆز، ئۇلانما، سۈپەتداش، رەۋىشداش، ھەرىكەتنامى ھەمدە دائىم ئۇچرايدىغان بىر قىسىم پېئىللارنىڭ ھازىرقى زامان كېلەچەك رايى ھەم بۇ پېئىللارنىڭ كېلەچەك ئارزۇ رايى، شەرتلىك رايى، رەۋىشداشلارنىڭ بولۇشسىز شەكلى قاتارلىقلارنى ئىپادىلەيدىغان سۆز بىرلىك قىلىنغان مىخ مەتبەئە ھەرپلىرى؛ (3) پېئىل تۈپ سۆزىنى ئىپادىلەيدىغان مىخ مەتبەئە ھەرپلىرى؛ (4) تەۋەلىك شەخسنىڭ سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان مىخ مەتبەئە ھەرپلىرى؛ (5) ئىسىمنىڭ كۆپلىكىنى ئىپادىلەيدىغان مىخ مەتبەئە ھەرپلىرى؛ (6) ئىسىم ياسىغۇچى سۆز ئارقا قوشۇمچىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان مىخ مەتبەئە ھەرپلىرى؛ (7) سۈپەت ياسىغۇچى سۆز ئارقا قوشۇمچىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان مىخ مەتبەئە ھەرپلىرى؛ (8) رەۋىشداش سۆز ئارقا قوشۇمچىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان مىخ مەتبەئە ھەرپلىرى؛ (9) سۈپەتداش سۆز ئارقا قوشۇمچىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان مىخ مەتبەئە ھەرپلىرى؛ (10) پېئىل رايى، پېئىل دەرىجىسى، زامان، پېئىللارنىڭ بولۇشسىز شەكلى قاتارلىق كاتېگورىيەلەرنى ئىپادىلەيدىغان سۆز ئارقا قوشۇمچىلىرىنىڭ مىخ مەتبەئە ھەرپلىرى؛ (11) ئىسىمنىڭ تەۋەلىك كېلىشى، چۈشۈم كېلىشى، تەڭداش كېلىشى(بېرىش كېلىشى)، يۆنىلىش كېلىشى، ئورۇن كېلىشى، ئەگەشمە كېلىشى، ۋاسىتىلىك كېلىشىنىڭ سۆز ئارقا قوشۇمچىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۇقىرىقى پاكت شۇنى تولۇق چۈشەندۈرىدۇكى، ئۇيغۇرچە مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىنى كەشپ قىلغۇچىلار مىخ مەتبەئە ھەرپلىرى لايىھىلىگەندە،ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىسى، گرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى تولۇق نەزەرگە ئالغان. ئۇلار ئالدى بىلەن دائىم ئۇچرايدىغان كىشىلىك ئالماش، ئىسىم، پېئىل تۈپ سۆزى، سۈپەت، رەۋىشداش، سۈپەتداش قاتارلىقلارنى ئايرىپ چىقىپ، سۆز بىرلىك قىلىنغان مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىنى ياساپ چىققان، ئاندىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ تۈرلۈك گرامماتىكىلىق شەكىللىرىنى بىرلىك قىلىپ مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىنى ياساپ چىققان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىرقىسىم تىل تاۋۇشى بىرلىك قىلىنغان مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىنى ياساپ چىققان.
بىز يۇقىرىدا مىسال كەلتۈرگەن ئۇيغۇرچە ياغاچتىن ياسالغان مىخ مەتبەئە ھەرپلىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك ھەرپ بەلگىلىرى، تىنىش بەلگىلىرى، بەت رامكىلىرى ۋە بەت ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان شىنا قاتارلىقلارنى تەھلىل قىلغىنىمىزدا، ئۇيغۇرچە مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىنى لايىھىلىگۈچىلەربەت ياسىغاندا ئۇچرايدىغان تۈرلۈك ئەھۋاللارنى ئەتراپلىق ئويلاشقان.
دېمەك بۇ ئۇيغۇرچە ياغاچ مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىدە بەت ياسىغاندا، بېسىلىدىغان مەزمۇنغا ئاساسەن ھەرپ، تۈپ سۆز ۋە سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنى تىزىپ (بىرىكتۈرۈپ)، تۈرلۈك مۇقىم سۆز مەنالىرىنى ۋە گرامماتېكىلىق مۇناسىۋەتلەرنى ئىپادىلىگىلى ھەمدە مۇكەممەل مەنا بېرىدىغان جۈملىلەرنى قۇراشتۇرغىلى بولىدۇ. يەنە ئېھتياجغا ئاساسەن تىنىش بەلگىلىرى ئارقىلىق جۈملىلەرنى توختاتقىلى ۋە ئاخىرلاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئۇيغۇر تىلى بىلەن خەنزۇ تىلى ئوخشاشمايدىغان ئىككى خىل تىل سىستېمىسىغا مەنسۇپ بولغانلىقتىن خەنزۇلار رايونىدىكى مىخ مەتبەئە تېخنىكىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە مەزمۇنلارنى باسقىلى بولمايدۇ. ناۋادا ئاددىي ھالدىلا خەنزۇچە مىخ مەتبەئە ئۇسۇلىنى دوراپ بىر خەت بىر سۆزنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى بويىچە تىزىپ قويغىلى بولمايدۇ، بۇنداق قىلغاندا ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەر بىر سۆزنىڭ مورفولوگىيىلىك ئۆزگىرىشى بويىچە ئون نەچچە خىل، ھەتتا ئۇنىڭدىن كۆپ شەكلىنى ياساشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مىخ مەتبەئەنىڭ سانى كۆپىيىپ كېتىپ ئىشلىتىشمۇ قولايسىزلىشىدۇ. ئۇيغۇرچە مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىنى لايىھىلىگۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تىل قۇرۇلمىسى ھەققىدىكى بىلىمى ناھايىتى مول بولغانلىقتىن، خەنزۇچە مىخ مەتبەئەگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئۇيغۇرچە مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىنى لايىھىلىگەندە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھەرپلىك (ئېلىپبەلىك) يېزىق ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدىلىكىنى ئالدىن ئويلىشىش بىلەن بىللە ئۇيغۇر تىلىنىڭ يېپىشقاق تىل ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدىلىكىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماي، لايىھىلەش داۋامىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ مورفولوگىيىلىك قۇرۇلما ئالاھىدىلىكىدىن تولۇق پايدىلانغان ھەم شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەرگەن. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ بۇ ئۇلۇغ ئىختىرالىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ يۈكسەك ئەقىل-پاراسىتى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئۇيغۇرچە مىخ مەتبەئە ھەرپى دۇنيا قەدىمقى زامان مەتبەئە تارىخىداكى مۆجىزە بولۇپ قالغان.
FrankJScott
يازمىلار: 735
تىزىملانغان ۋاقتى: ئاپرىل 10, 2024, 6:59 am

Excellent Product Guide

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان FrankJScott » ماي 11, 2024, 2:32 am

Please try Google before asking about Recommended Product Website 11650aa
FrankJScott
يازمىلار: 735
تىزىملانغان ۋاقتى: ئاپرىل 10, 2024, 6:59 am

Excellent Clothing Store Simulator Website

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان FrankJScott » ماي 14, 2024, 7:52 pm

For the guy talking about for you clothing brand, by design clothing, clothing store new, clothing fashion store, clothes you, clothing seller, dress clothes, clothing dept stores, in here store, clothes in a store, I highly suggest this updated simulator url or fashion for fashion, fashion shop, for all fashion, you store, in here store, clothing all, as you clothes, home clothing store, be clothing brand, clothing websites, and don't forget this watch this video about fashion simulator details on top of dress store, all brand clothes store, clothing designer store, home clothing store, clothing seller, i believe clothing brand, new clothing websites, house odjeca, clothes so, fashion clothing store, as well as this get more info for simulator advice which is also great. Also, have a look at this continued on fashion simulator blog on top of you designer, clothing dept stores, new fashion clothing brand, store brand clothes, go in fashion, instore fashions online shopping, that clothing store, fashion for fashion, clothing one, home fashion clothes, as well as this new simulator blog with thrive clothing, business clothing, all clothing store, dress store, variety of clothes, clothing brand in, we are clothing, things fashion, all the store, new fashion clothing brand, for good measure. Check more @ Awesome Clothing Store Simulator Blog cf7c958
FrankJScott
يازمىلار: 735
تىزىملانغان ۋاقتى: ئاپرىل 10, 2024, 6:59 am

Updated Asian Escorts Site

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان FrankJScott » ماي 19, 2024, 12:28 am

For the man talking about the web cam, veemo videos, prime videoamazon, to watch now, live cam of, video menu, all in video, video customization, my web cams, your account, I highly recommend this get more info for nyc insider experiences with escort blog or beautiful webcam, se live video, contact youtubetv, dashboard live, youtube videos that, char videos, she yung, video quality, twitch stream on, live camera in, and don't forget this my latest blog post about asian sophistication in nyc link as well as videos gril, savevideo vimeo, on live cam, your woman, sign twitch, video menu, watchstream tv, live webcam in, live females, video hn, not to mention this description on asian allure, nyc forum which is also great. Also, have a look at this awesome asian escorts info not to mention livestream video, search videos for, youtube videos of the, live cam live, yp tv, you tube is, livestream feed, myhulu account, search you tube, search webcam, as well as this great nyc luxury with escort forum with video of my, aesthetically pleasing video, youtube simulcast, vidmo movies, camera video live, search video, i live on youtube, i watch now, watchstream tv, skit videos, for good measure. Check more @ Updated Car Rental Tips ae51165
FrankJScott
يازمىلار: 735
تىزىملانغان ۋاقتى: ئاپرىل 10, 2024, 6:59 am

Recommended CuanSlot88 Blog

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان FrankJScott » ماي 28, 2024, 10:30 pm

In reply to the lady asking about situs pragmatic4d, aplikasi permainan slot, pragmatic 88, slot88 game, gacor online, game slot adalah, slot game 88, game slot 2023, id 88, live slot 88, I highly recommend this cool CuanSlot88 site or download apk slot online, link slot online, situs online 88, slot lengkap rtp, play olympus, situs slot link alternatif, thor slot login, slot play 88, thor 88 slot, situs slot live, as well as this awesome CUANSLOT site not to mention 88 pragmatic, slot wild, slot 2023, slot 88 gacor, slot casino apk, idn slots, pengaturan slot online, website resmi pragmatic, slot slot online, permainan slot game, as well as this watch this video on CUANSLOT site which is also great. Also, have a look at this he has a good point for CUANSLOT blog alongside all game slot live, thor slot88 link alternatif, cuan slot 88 login, slot play online, hoki 88 slot login, cuan slot gacor, credit slot, pragmatic play mahjong, mg slot 88, cuan88 slot, on top of this useful CUANSLOT details with slot masuk, apa itu rtp slot online, download aplikasi sweet bonanza, ind 88 slot, thor slot88 link alternatif, link pragmatic gacor, thor 88 slot login, game hot hot, slot mobil, slot gacor slot, for good measure. Check more @ Great Low-code Platform Blog 8a3ae51
FrankJScott
يازمىلار: 735
تىزىملانغان ۋاقتى: ئاپرىل 10, 2024, 6:59 am

Top Top 10 Casino Review Website

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان FrankJScott » ئىيۇن 1, 2024, 10:04 pm

In reply to the person inquiring about casino with real money online, dplay casino login, new online uk casinos no deposit bonus, euro casino sites, top winning casino games, play at online casinos, online casino bonus codes, slot deposit online, best online slot games to win uk, top online casino bonus, I highly suggest this that guy for casino comparisons details or new online casino australia, gambling online games for money, real money bonus casino, best casino to play, top casino online, excellent casino, online casino real money pa, real online gambling for money, new casino games online, casino casino login, and don't forget this best casino reviews info and don't forget play the casino, internet casino bonus, pay casino, online live casino sites, casino betting games, top slot casino, live roulette, top rated online casino games, best slot gambling sites, better casino online, on top of this top casino comparison url which is also great. Also, have a look at this new gambling comparison portal tips on top of play live roulette, canada's best online casinos, biggest no deposit casino bonus, trusted online casinos australia, play the casino, best baccarat casino, Keyword, live blackjack online uk, the best live casino online, top rated online casino games, alongside all this listen to this podcast on casino comparison details with online casino pay with check, real money casino online australia, best paying casino slot games, real money winning casino games, casino online royal, top real money casinos, online casino games to win money, best gambling video games, best casino games on phone, pa real money casino, for good measure. Check more @ Top WIN1000X Website 96_6112
ئىنكاس يوللاش