شىڭشىسەي ھوكۇمىتى بىلەن غۇجىنىياز.ھاجى ئوتتورسىدا تۇزۇلگەن فۇكاڭ موئاھىدىسى توغرىسىدا ئەسلىمە.

يۇرتىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر، يېڭىلىقلار ۋە ئەسلىمىلىرىمىز
باش سۈرەت
Uyghuryol
يازمىلار: 264
تىزىملانغان ۋاقتى: سېنتەبىر 28, 2018, 7:34 am

شىڭشىسەي ھوكۇمىتى بىلەن غۇجىنىياز.ھاجى ئوتتورسىدا تۇزۇلگەن فۇكاڭ موئاھىدىسى توغرىسىدا ئەسلىمە.

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Uyghuryol » نويابىر 8, 2018, 2:44 pm

شىڭشىسەي ھوكۇمىتى بىلەن غۇجىنىياز.ھاجى ئوتتورسىدا تۇزۇلگەن فۇكاڭ موئاھىدىسى توغرىسىدا ئەسلىمە.

1933 - يىلى 3 - ئاينىڭ ئاخىرى غۇجىنىياز،ھاجى قۇمۇلدىن تۇرپان رايۇنىغا كەلدى. شۇ چاغدا قارا شەھەر تەرەپتە تۇرغان ماخمۇت شىجاڭ تۇرپانغا قايتىپ كىلىپ غۇجىنىيز.ھاجى بىلەن بىرلەشتى. ئۇلار بىرلىكتە تۇرپان ،توقسۇن،پىچان ناھىلىرىدا شىڭشىسەينىڭ قالدۇق قىسىملىرى بىلەن ئورۇش قىلىپ ئۇچ ناھىنى تۇلۇق ئىگەنلىدى.دىمەك ئومۇمى ۋەزىيەتتە قۇمۇلدىن تارتىپ تاكى خوتەنكىچە بولغان شەرقى شىنجاڭ ۋە جەنۇبى شىنجاڭ رايۇنلىرىنى غۇجىنىياز.ھاجى باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار قولىغا ئوتكەن،- تىلگىراپ - پوشتا يوللىرى توختىغانىدى، جىنشۇرۇن ھوكۇمىتىنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ بىر قىسمى . مورى ، گۇچوڭ، جىمىساردا شەرقى يولنى توسۇپ ياتاتتى. شىڭشىسەي قىسىملىرى ئۇرۇمچىگە توپلىنىپ جەنۇبى يولنى توسقاچ ئۇرۇمچىنى مۇداپىيەسىدە تۇراتتى. مۇشۇ كۇنلەردە ئۇرۇمچى ۋەزىيىتى ناھايىتى ئىغىر ئەھۋالغا چۇشۇپ سىياسى كىرزىس ئىچىدە قالغانلىقتىن، شۇ يىلى 4 - ئاينىڭ 12 - كۇنى سىياسى ئوزگۇرۇش بۇلۇپ جىنشۇرۇن ھوكىمىتى ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. ئۇنىڭ ئورنىغا شىڭشىسەي ھاكىمىيەت ئوتكۇزىۋىلىپ قالايمىقان ۋەزىيەتنى ئوڭشاۋاتاتتى. 5 - ئاي مەزگىللەردە غۇجىنىياز.ھاجى ۋە ماخمۇت شىجاڭلار بىرلىكتە ئۇرۇمچىگە ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى تۇزۇپ، تۇرپاندىن تاغ يولى ئارقىلىق كىلىپ مورىنى ئىشغال قىلغاندىن كىيىن گۇچىڭ تاغلىرىغا كەلدى. دەل شۇ ئايدا ، ماجۇڭيىڭ 2 - قىتىم شىنجاڭغا چىقىپ، يولبويى ھىچقانداق قارشىلىققا ئۇچۇرىماستىن توپتوغرا مورىغا كىلىپ غۇجىنىياز.ھاجىلار بىلەن كورۇشكەندىن كىيىن، ھوجۇم قىلىش پىلانىنى تۇزۇپ، ماجۇڭيىڭ گوچوڭغا، غۇجىنىياز.ھاجى قىسىملىرى جىمىسارغا ھۇجۇم قىلماقچى بولۇشتى.
نەتىجىدە ماجۇڭيىڭ ھوجۇم باشلاپ قانلىق جەڭ ئارقىلىق گۇچىڭنى ئىشغال قىلدى،گۇچىڭدا ھوكىمەتنىڭ كۇچى خىلى كوپ بولسىمۇ، ئۇلار مەغلۇپ بولدى. ماجۇڭيىڭ تۇنجى ئۇرۇشتا بىر قانچە مىڭ تال مىلتىق،نۇرغۇن ئوق-دورىغا ئىگە بولدى. ئىغىر يىنىك پىلىمۇتتىن 50 نەچچە تال غەنىمەت ئالغان ماجۇڭيىڭ ئوزىگە تەمەننا قۇيۇپ، ئوپكىسىنى بىسىۋالالماي قالدى. غۇجىنىياز.ھاجى قىسىملىرىمۇ جىمىسارغا ھوجۇم باشلاپ،ئو يەردىكى ھوكۇمەت قىسىملىرىنى تەسلىم قىلىپ،قۇرال تاپشۇرۇشقا ماقۇل كەلتۇرۇلدى. ئۇلار تاڭئاتقاندا قۇرال تاپشۇرۇشقا ماقۇل بولدى. بىراق ماجۇڭيىڭ شۇ كىچىسى بىر پولۇك ئەسكەر ئەۋەتىپ،غۇجىنىياز.ھاجىغا بىرىشكە تىگىشلىك قۇراللارنى ئوز ئالدىغا تارتىۋىلىپ، گۇچوڭغا ئىلىپ كەتتى. مۇشۇ مەسىلە تۇپەيلىدىن غۇجىنىياز.ھاجى تەرەپتىكىلەر ماجۇڭيىڭدىن قاتتىق نارازى بولدى. ئوتتۇرىغا سوغاقچىلىق چۇشتى.
گۇچوڭ ، جىمىسار قولدىن كەتكەندىن كىيىن ئالاقزەدە بولغان شىڭشىسەي ھوكۇمىتى سىياسى جەھەتتىن چىقىش يولى تاپماقچى بولۇپ، ۋەكىللەر ئومىگى ئەۋەتىپ سوھپەتلىشىش ئۇسۇلىنى قوللاندى. بۇ ئىشقا سىۋىت ئىتىپاقىنىڭ ئۇرۇمچىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىمۇ قاتنىشىپ،ئوتتۇرسىدا مۇرەسسە خىزمىتىگە ياردەملەشتى. سىڭشىسەي ھوكۇمىتى ماجۇڭيىڭ بىلەن غۇجىنىياز.ھاجىنىڭ ئىتىپاقى بۇزۇلغان پۇرسەتتىن ئۇنۇملۇك پايدىلىنىپ، ھەر ئىككى تەرەپكە ، ئىككى گۇرۇپا ۋەقىللەر ئەۋەتىپ سوكپەت ئوتكەزدى. ماجۇڭيىڭ گەرچە ۋەكىللەرنى قۇبول قىلىپ سوزلەشكەن بولسىمۇ،شەرتنى ئىگىز قويۇپ كىلىشىم تۇزۇشنى ئارقىغا سوردى. غۇجىنىياز.ھاجى تەرەپ شۇ ۋاقىتتىكى تارىخى شارايىت ۋە شىڭشىسەينىڭ پوزۇتسىيەسىگە ئاساسەن كىلىشىم تۇزۇشكە ماقۇل بولدى.
كىلىشىم بولغان جاي فۇكاڭنىڭ جەنۇبى تاغ باغرىدىكى دەرەخلىك بولۇپ، ئىككى تەرەپتىن قاتناشقان ۋەكىللەر15 نەپەر ، كاتىپ ئىككى نەپەر .
شىڭشىسەي ھوكۇمىتى تەرەپتىن كەلگەن ۋەكىللەر:
1 . خۇسەيىن باي، 2 . تۇرسون باي، 3 . بارات ئاخۇنباي، 4 . مەنسۇرجانباي، 5 . سىدىق ئەبىزە، 6 . ئەخمەتجان دارىن، 7 . ھوكۇمەتنىڭ خارچى ئىشلار نازىرى چىڭ دىلى.
غۇجىنىياز.ھاجى تەرەپتىن قاتناشقان ۋەكىللەر:
1 . غۇجىنىياز.ھاجى،2 . مەخمۇت موھىتى،3 . قۇربان دورغا،4 . نىياز پولكونۇپ،5 . ئىبىرايىم پولكونۇپ،6 . ئابلا داماللا نەئىمى،7 . نىياز مەسلىھەتچى، 8 . سوپاخۇن مەسلىھەتچى.
كاتىپلار:
1 . نەمەت خەلپەت.2 . ھەمدۇللا ھاجى مۇھەممىدى. ھەر ئىككى تەرەپ قۇراللىق كۇچلىرى كىلىشىم بولغان ئورۇندىن بەش كىلومىتىر يىراقلىقتا تۇرۇش بەلگىلەندى.
شىنجاڭ تارىخ ماتىرياللىرى (27 ) ساندىن ئىلىندى. يازغۇچى: خىۋىر تۇمۇر (داۋامى بار)

فۇكاڭ موئاھىدىسىنىڭ مەزمۇنى.
1 - ماددا: شىنجاڭ ئىككى قىسىمغا تەخسىم قىلىنىپ،ئىككى تەرەپ باراۋەر ئىدارا قىلىدۇ،يەنى قۇمول،پىچان،تۇرپان،توقسونلارجەنۇبى شىنجاڭ ھىساۋىدا بۇلۇپ،يەرلىك خەلىقلەر ئىدارا قىلىدۇ. بارىكول قوشۇلۇپ مورى ناھىسىدىن ئىبارات شىمالى شىنجاڭ بۇلۇپ شىڭ ھوكۇمىتى تەرەپ ئىدارە قىلىدۇ، ئەمما يەتتە قۇدۇقنى ئىككى تەرەپ مۇشتىرەك ئىدارە قىلىدۇ.ھەر ئىككى تەرەپنىڭ پاسىلە ۋە ھودوتلىرى بولسا مىڭگونىڭ 12 - يىلى ھوكۇمەت تەرىپىدىن ناھىلەرگە تەيىن قىلىنغان پاسىللار ھودوت ھىساپلىنىدۇ.
2 - ماددا: جەنۇى شىنجاڭنىڭ ھەربى ۋە مۇلكىيە ئىشلىرى ئۇيغۇرلار ئوزلىرى تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىدۇ. ئەمەلدارلارنى قويۇش ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۇيغۇرلارنىڭ ئىختىيارىدا بولىدۇ. تەيىنلەنگەن ئورۇندىن قالدۇرغان ئەمەلدارلارنىڭ تىزىملىرىنى ۋاقىتلىق ئۇرۇمچى ھوكۇمىتىگە مەلۇم قىلىش.
3 - ماددا: جەنۇبى شىنجاڭنىڭ باج، كىرىملىرى مەركىزى ھوكۇمەتنىڭ قانۇنى بويىچە ئاۋالقى ئۇسۇلدا بولۇپ،ئۇيغۇرلار قولىدا بولىدۇ. ئەمما ھىسابىتى ئايمو-ئاي ئۇرۇمچىگە مەلۇم قىلىنىپ تۇرۇش شەرتتۇر. باج قەغەزلىرى پۇتۇن شىنجاڭ بويىچە ئوخشاش بولسۇن ئۇچۇن،ئۇرۇمچىدە بىسىپ بىرىلىدۇ. ئەسكىرىيە ۋە مۇلكىيە مەمۇرلارنىڭ مائاشى ۋە ھوكۇمەت چىقىملىرى ئۇرۇمچى ھوكۇمىتىنىڭ تەستىقى بويىچە مەزكۇر كىرىملەردىن چىقىم قىلىنىدۇ. ئىشىپ قالغان كىرىم ھوكۇمەت ھەساۋىدا تۇرىدۇ،ناۋادا كىرىملەر كۇپايە قىلىنمىسا ئۇرۇمچى ھوكۇمىتى تەرىپىدىن تولۇقلاپ بىرىلىدۇ، ئىدارە خادىملىرى ئاۋالقىدىن كەم ياكى زىيادە بولماسلىقى شەرتتۇر ۋە لىكىن جەنۇبى شىنجاڭنىڭ مەركىزى ھوكۇمەت ئىدارىسىدە 175 نەپەر مەمۇرلار بولۇپ،ئۇز مەرتىۋىسى بويىچە مائاش بىرىلىدۇ.
4 - ماددا: جەنۇبى شىنجاڭ ھوكۇمىتى 5 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر ساقلىمايدۇ. مەزكۇردىن زىيادە بولسا ئۇرۇمچى ھوكۇمىتى
مەسئول بولمايدۇ. دىمەك زىيادىسىگە مائاش بەرمەيدۇ. مەزكور 5 مىڭ ئەسكەرنىڭ ئىككى ئايلىق مائاشىنى بۇگۇندىن ئىتىبارەن ئۇرۇمچى ھوكۇمىتى بىرىدۇ.
5 - ماددا: جەنۇبى شىنجاڭدىكى تىلىگىراپ ،پوشتىخانا،باجخانىلارنىڭ ھوقۇقلىرى ئۇرۇمچىدىكى خارجى نازىر قولىدا بولۇپ.جەنۇبى شىنجاڭدا شوبە ئىدارىلىرى بولىدۇ.
6 - ماددا: جەنۇبى شىنجاڭ ھەمدە شىمالى شىنجاڭدا پوللار بىر خىل بولۇپ،بۇ پوللار مەركىزى ھوكۇمەتنىڭ تەستىقى بويىچە ئۇرۇمچىدە ياكى مەرگەزدە بىسىلىدۇ.
7 - ماددا: زورور لازىم تاپقان تەرەپنىڭ تەلەپ ۋە ئىلتىماسىغا بىنائەن ئىككىچى تەرەپ شەتسىز ئەسكىرىيە ياردەم قىلىدۇ،ئەمما قىلىشقا تىگىشلىك ئەسكىرىيە ياردەم تامام بولغان ھامان ياكى ئىككىچى تەرەپنىڭ روخسىتىگە بىنائەن ،ياردەم ئەسكەرلىرى ئوز تەۋەسىگە چىقىپ كەتمىگى شەرتتۇر.
8 - ماددا : شىنجاڭدىن، ماجۇڭيىڭنى ئارغىبۇلاققا قەدەر ھايداپ چىقىرىش ئۇچۇن ئۇرۇمچى ھوكۇمىتى مەسولدۇر. دىمەك ، جەنۇبى شىنجاڭ ئەسكەرلىرى ماجۇڭيىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن سوقۇشمايدۇ ۋە لىكىن جەنۇبى شىنجاڭ ھوكۇمىتى مۇداپىيە ئۇچۇن ئارغىبۇلاققا ئەسكەر قويىدۇ. ئەگەر ماجۇڭيىڭ جەنۇبى شىنجاڭغا ھۇجۇم قىلسا جەنۇبى شىنجاڭ ھوكۇمىتى ئوزى چارە كورىدۇ.مۇبادا بۇ توغرىدا ئەسكىرى ياردەملەر زورور لازىم بولغان تەغدىردە 7 - ماددا بويىچە بولىدۇ.
9 - ماددا: شىنجاڭدا سوقۇش تامام بولغان قەدەر جەنۇبى شىنجاڭ ئەسكەرلىرىگە يىتەرلىك ئوق-دورىلارنى ئۇرۇمچى ھوكۇمىتى يەتكۇزۇپ بىرىدۇ. دەرھال 50 ساندۇق ئوق ھەمدە ئەسكەرلەرنىڭ ئىككى ئايلىق مائاشى ئۇچۇن 100 مىڭ سەر پول بىرىلىدۇ . ياكى ئوق ۋە ئايلىقلارنى ۋاقتى بىلەن يەتكۇزۇپ تۇرۇش ئۇچۇن ئۇرۇمچى ھوكۇمىتى مەسئول بولىدۇ. ئەمما مۇلكى ئەمەلدارلارنىڭ مائاشى جەنۇبى شىنجاڭنىڭ كىرىملىرىدىن تەمىللىنىپ تۇرىدۇ.
10 - ماددا: بۇ توختام خەت ئۇيغۇر ،خەنزۇ ئىككى تىلدا يىزىلىدۇ،ئىككى تەرەپنىڭ باشلىقلىرىدىن غۇجىنىياز.ھاجى بىلەن شىڭشىسەي ئىمزا قىلماق بارابىرىدە ھوكۇمەتنىڭ تامغىلىرى بىسىلىدۇ ۋە ھەمدە شايىت بولسون ئۇچۇن ئۇرۇمچىدىكى سىۋىتلەر
كونسۇلىغا قول قويدۇرۇش شەرتتۇر. مەزكۇر توختام خەت ئۇچ نوسقا بۇلۇپ، مەركىزى ھوكۇمەت، ئۇرۇمچى ھوكۇمىتى ۋە جەنۇبى شىنجاڭ ھوكۇمەتلىرىنىڭ ھەر بىرىدە بىر پارچىدىن ساقلىنىدۇ. بۇ بىتىم قەغەزلىرى بولسا بۇگۇندىن باشلاپ ئەمەلگە ئىگە . ئەگەر زورور لازىم كەلگەن كەمچىلىكلىرى بولۇپ قالسا ،ئىككى تەرەپنىڭ رازىلىقى بىلەن تۇزۇتۇش زۇروريىتى بولىدۇ.
مەزگۇرگە رازى بولۇپ قول قويغۇچى:شىڭ دۇبەن
جەنۇبى شىنجاڭ ھوكۇمەت باشلىقى غۇجىنىياز.ھاجى.
جۇڭخۇئا مىنگونىڭ 22 - يىلى 6- ئاينىڭ 4 - كۇنىدە فوكاڭ موئاھىدىسى شۇ تەخلىتتە تۇزۇلگەندىن كىيىن، يىڭىلا ئىش بىشىغا چىقىپ ماجۇڭيىڭ ۋە غۇجىنىياز.ھاجىدىن ئىبارەت ئىككى زور كۇچكە دۇچ كىلىۋاتقان ، شۇنداقلا يىڭى ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قىلىشقا كوزى يەتمەي ئۇمۇتسىز تۇرىۋاتقان ،شىڭشىسەي ئۇچۇن غايەت زور مۇۋاپىقىيەت بولدى، بۇلۇپمۇ يەرلىك قوزغۇلاڭچىلارنى ماجۇڭيىڭدىن ئاجىرتىپ ئۇزىگە ئىتىپاقداش قىلىۋالغانلىقى ئۇنىڭغا نىسپەتەن زور خوشاللىق ئىدى، شۇنىڭ ئۇچۇن ئۇ توختامدا ئىيتىلغان 50 ساندۇق ئوق بىلەن 100 مىڭ سەر پولنى 4 كۇندىن كىيىن قىزىل خورچا دىگەن يەرگە غۇجىنىياز.ھاجىملارغا تاپشۇرىدۇ.
شۇنىڭدىن كىيىن غۇجىنىياز.ھاجى جەنۇبى شىنجاڭ مۇداپىيە باش قۇماندانى نامى بىلەن يوغان تىرەك ئارقىلىق جەنۇبى شىنجاڭغا يۇرۇپ كەتتى.
غۇجىنىياز.ھاجى تاغ يولى بىلەن توقسۇنغا كىلىپ توقسوننىڭ ئىلاللىق يىزىسىدا بىر قانچە كۇن تۇردى. شۇ كۇنلەردە زىنىچۇئەنزىدىكى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان ماجۇڭيىڭ تۇرپانغا كەلگەن ئىدى.

غۇجىنىياز.ھاجىنىڭ شىڭشىسەي بىلەن كىلىشىم ھاسىل قىلىپ جەنۇبى شىنجاڭ تەرەپكە ماڭغانلىقىنى ئاڭلىغان ماجۇڭيىڭ بۇ ئىشقا ئىنتايىن خاپا بولوپ . داۋانچىڭدا تۇرۇشلۇق خەن ۋە ما فامىلىلىك ئىككى پولۇكقا پىچاندىن توۋەندىكى بۇيرۇقنى ئەۋەتىدۇ.
36 - دىۋىزىيە مەكىمىسىدىن. 071 - نونۇرلۇق بۇيرۇق. داۋانچىڭ خەن پوقۇك ۋە ما پولۇكلارغا:
تىلگىرام ئورنىدا بۇيرۇق شۇكى ، غۇجىنىياز.باشلىق چەنتۇلار ئالتە شەھەر تەرەپكە بارماقچىدۇر، بۇ ھوكوم خەت تەكگەن ھامان تاغ ئارقىلىق كىچىك يول بىلەن كىچە-كۇندۇزلەپ يۇرۇپ قارا شەھەردىكى ما پولۇك بىلەن بىرلىشىپ، غۇجىنىياز باشلىق چەنتۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ قۇراللىرىنى ئىلىپ دەرھال ئۇچۇر بىرىڭلار . ئەگەر سوسلۇق قىلىپ غۇجىنىياز باشلىق بىرەر چەنتۇ ئەسكىرى ئالتە شەھەر تەرەپكە ئوتكۇزىۋەتسەڭلار ئىغىر جازا بىرىمەن دەپ چۇشۇرۇلگەن ھوكۇم.
دىۋىزىيە كوماندىرى ماجۇڭيىڭ. مىڭگونىڭ 22 - يىلى 3 - ئاينىڭ 11 - كۇنى. (بۇ خەت چوققا سوقۇشىدا ئوق تىگىپ ئولگەن
خەن پولۇكنىڭ مەيدە يانچۇقىدىن تىپىلىپ غۇجانىتاز.ھاجىمنىڭ قولىغا چۇشكەن).
غۇجىنىياز.ھاجى فۇكاڭ تاغلىرىدىن مىڭىپ توقسون ئىلاللىقتا تۇرىۋاتقان كۇنلەردە ،مەزكۇر بۇيرۇقنى داۋانچىڭدىكى ئەسكەرلىرىگە ئەۋەتىپ ،غۇجىنىياز.ھاجىلارنى توقسوندا قۇرالسىزلاندۇرۇشقا قەست قىلغان ماجۇڭيىڭ،يەنە بىر تەرەپتىن تۇرپاندىن ئايلىنىپ قازى.ئابدىراقمان مەخسوملارنى ۋەكىل قىلىپ توقسونغا ئەۋەتىپ غۇجىنىياز.ھاجى بىلەن سوكپەت ئوتكۇزۇشتەك ھىلىگەرلىكنىمۇ قىلغان ئىدى ،بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان غۇجىنىياز.ھاجى ئابلىتىپ قازىلار بىلەن قىلىۋاتقان سوكپىتىنى بۇزۇپلا قارا شەھەر تەرەپكە ماڭىدۇ. خەن پولۇك ئولارنى قوغلاپ تاغ ئىچى بىلەن كىچە-كۇندۇزلەپ مىڭىپ قارا شەھەرگە ئالدىن يىتىپ،ئۇ يەردىكى يەنە بىر پولۇك ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇششاقتال،چوققۇلاردا غۇجىنىياز.ھاقى قىسىملىرىنى تۇسۇپ ئۇرۇش قىلىدۇ. بۇ ئىككى قىتىملىق ئۇرۇشمۇ قاتتىق بۇلۇپ،نەتىجە ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى مەغلۇپ بولۇپ چىكىنىدۇ. خەن پولۇك كاماندىرى ئەنە شۇ چوققىدىكى سوقۇشتا ئوق تىگىپ ئولىدۇ.
غۇجىنىياز.ھاجى قارا شەھەرگە كىلىپ ئۇچ كۇندىن كىيىن ماجۇڭيىڭ تۇرپاندىن ئابدۇراخمان مەخسوم، ئىمىن بايلارنى ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتىدۇ . ئۇلار ماجۇڭيىڭ ئەۋەتكەن خەتنى ئىلىپ كەلگەنىدى ،خەتنىڭ ئەينەن كۇچۇرمىشى توۋەندىكىچە:
36 - دىۋىزىيە مەكىمىسىدىن . 119 - نومۇر.
غۇجىنىياز.ھاجى مەخمۇت بايلارغا مەلوم بولسونكى توقسونغا ئەۋەتكەن ۋەكىللىرىمىز ئابلىتىپ قازى سىزلەر بىلەن ئوبدان سوزلەشمەي قايتىپ كىلىپتۇ، شونىڭ ئۇچۇن ئابدىراخمان ۋە ئىمىنلەرنى تەكرار ئەۋەتتىم. بۇلار سىزلەر بىلەن قانداق توختام قىلسا
قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ھالبۇكى بىرلىشىپ دوشمەننى يوق قىلىش لازىم. ھىچ بىر گەپنىڭ تايىنى يوقلا ئوتتۇرىمىزدا كوڭۇلسىزلىك ئەھۋاللارنىڭ پەيدا بولىشى ئىتىبارى يوقتۇر، بىزلەرنى پارچىلىماق ئۇچۇن دوشمەننىڭ سوزلىرىگە قۇلاق سىلىش ھەر ئىككى تەرەپكە زىيانلىقتۇر. قۇرال تۇغۇرلۇق بىر ئاز كوڭلىڭىزلارغا كەلدى، شۇڭا چەنتۇ ئەسكەرلەر ئۇچۇن 3000 تال مىلتىق ، 300 ساندوق ئوق تەيىن قىلىپ قويدوم، مەزكۇرلەرنى تاپشۇرۇپ ئالماق ئوزرە.ھەممىمىز بىرلىشىپ ئىش قىلايلى.
دىۋىزىيە كاماندىرى ماجۇڭيىڭ.مىڭگونىڭ 22 - يىلى 6 - ئاينىڭ 17 - كۇنى.
بۇخەتكە بىنائەن غۇجانىياز.ھاجى بىر پارچە خەت يىزىپ ۋەكىللەردىن تۇرپانغا ئەۋەتتى. خەتنىڭ ئەسلى نۇسقىسى توۋەندىكىچە:
جەبوبى شىنجاڭ ھوكۇمەت مەكىمىسىدىن. 116 - نومۇر قارا شەھەردىن.
ماجۇڭيىڭغا مەلۇم بولسىۇنكى،ۋەكىللەر ئارقىلىق ئەۋەتكەن خىتىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئىلىپ پۇتۇن مەزمۇنىدىن ۋاقىت بولدۇم،ۋەكىلىڭىز ئابلىتىپ قازى ئاخۇنوم سىزلەر بىلەن ئوبدان سوزلەزمەي توقسوندىن قايتىپ كەلدى، شۇنىڭ ئۇچۇن تەكرار ۋەكىل ئەۋەتتىم دەپسىز. سىز ماجۇڭيىڭ بىلەن ئىتىپاقلاشماق ئۇچۇن كەلگەن ۋەكىلىڭىز ئابلىمىت قازى ئاخۇن بىلەن سوزلىشىۋاتقان مەزگىلدە بىزلەرنى تۇتۇش ئۇچۇن ئەۋەتكەم 3 پولۇك ئەسكەرلىرىڭىز ئەتىراپىمىزنى قورشاپ تۇتماقچى بولغاندا، قىلىشىۋاتقان سوزلىرىمىزنى تاشلاپ يولىمىزغا مىڭىشقا مەزبۇر بولدۇق. شۇنى ھەم ئىزھار قىلماقچىمىزكى،بىزلەر ئوز يولىمىزغا ماڭغان ئىكەنمىز سىزنىڭ ئەسكەرلىرىڭىز قوغلۇشۇپ كىلىپ ئاتقان پىلىمۇت ۋە مىلتىق ئوقلىرىغا قارشى بىر تال ئوق ئاتماي يولىمىزغا داۋام قىلدۇق ،دىمەك سىز سوكپەتنى قۇرال قىلىپ بىزنى تۇتۇش مەخسىتىڭىزنى ھاسىل قىلماقچى بولدىڭىز،بۇ توغرىدا ئاۋارە بولماڭ ،چۇنكى ۋەتەن، مىللەت ئىگىسى بولغان ئىنقىلاپچىلار بىلەن بىرلەشمەك ۋە ئىتىپاق بولماق خىيالىڭىز بولسا ئىدى توۋەندىكى ۋەكشىلىكلەرنى
ئەلۋەتتە قىلمىغان بولاتتىڭىز.؟دىمەك مورى شەھەرىدە كورۇشكەندە قىلغان زورلۇق - يوغانچىلىقىڭىز نىمىلەرنى ئىسپات ئىتىدۇ. يەنە بىزلەرنى كوزىڭىز كورمىدى ، ئادەم قاتارىدا مۇئامىلە قىلمىدىڭىزغۇ. سىزلەر بولسىڭىزلەر يۇرت ۋە مىللەت ئىگىسى ، ئىككى يىلدىن بىرى مۇستەبىت ھوكۇمەتكە قارشى قان كىچىپ جاپاچەكتىڭىزلەر، سىزلەرنىڭمۇ گەپ-سوزىڭىز،پىكىر-خىيالىڭىزلار بارمۇ؟ دەپ بىر كەلىمە سوز قىلىشقا پۇرسەت بەرمەي،توغرىدىن- توغرا ئۇرۇمچىنىڭ جاڭجۇنلىق مەنسىپىدە ئلتۇرماقچى بولدىڭىز . قولغا كەلمىگەن شىنجاڭنىڭ جاڭجۇنلىقىنى تالىشىپ ئولتۇرۇش،ھازىرچە ھاجەتسىزئىدى. چۇنكى مورى بىلەن گوچىڭنى ئىلىش بىلەن ھولۇقوپ تىنىڭىز تىرىڭىزغا پاتماي ئۇزىڭىزنى بىلمەي قالدىڭىز، شۇ چاغدىلا پۇتۇن مەخسەتلىرىڭىز تامامەن ئاشكارىلانغانتى. ئىككىنچى،جىمىساردا 3 كىچى- كۇندۇز سوقۇش قىلىش جەريانىدا 21 ئادەمنى قۇربان بىرىش بەدىلىگە قولغا كەلتۇرۇلگەن توپ.پىلىمۇت ،مىلتىق، ئوق ۋە ئاتلارنى زورلۇق بىلەن قۇۋۇتىڭىزگە ئىشىنىپ ئىلىپ كەتتىڭىز. بۇ بولسا ئوچۇق بۇلاڭچىلىق ئەمەسمو؟3 مۇمكىن قەدەر سىز ماجۇڭيىڭ بىلەن چىرايلىق تۇرماق ۋە ئوزئارا چىنىشمەك خىيالى بىلەن توقسوننىڭ سۇ بىشى دىگەن
يىرىدە ئىمىن ئەپەندى باشچىلىقدا 60 ئەسكەرنى سىز تەرەپتىن كەلگەن خەۋەرلەرنى ئىلىپ كەلمەك ئۇچۇن قالدۇرۇپ كەلگەنىدۇق. ئۇلارنى ھەممىمىز بىر مۇسولمان . پالان پۇشتان دىگەندەك ھىلىلار بىلەن تۇتۇپ 60 ئەسكىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى مىلتىق بىلەن ئىتىپ،قىلىچ بىلەن چىپىپ ئولتۇردىڭلار ،4 - سىز پىچان ناھىسىدىن داۋانچىڭدىكى خەن پولۇك ۋە ما پولۇكقا ئەۋەتكەن 107 - نومۇرلۇق ھوكۇم خىتىڭىز ئەلۋەتتە ئىسىڭىزدە باردۇ. ئەگەر خاتىرىڭىزدىن چىقىپ قالغان بولسا ئۇ خەتنى ئوبدان ئويلاپ مۇلاھىزە قىلىپ كورىسىز،ئۇ ھوكۇم خىتىڭىزنىڭ مەزمۇنىدىن ياخشىلىقنىڭ ئەسىرى يوق. بەلكى بىزلەرنى تۇتۇپ ئولتۇرۇشدىن باشقا مەخسەت كورۇنمەيدۇ.

ئەلھاسىل شۇقەدەر يامان كورۇپ ھەبىس قىلماق ئۇچۇن ھوكۇمگە لايىق بولغان غۇجىنىياز.ھاجىلارغا 3000 تال مىلتىق بىلەن 300 ساندۇق ئوق ئىلتىپات قىلماقچى بولغانلىغىڭىزنىڭ سەۋەپلىرى نىمىدۇ؟ دىمەك بىرتەرەپتىن تۇتۇپ ھەبىس قىلماقچى بولىسىز، يەنە بىر تەرەپتىن 3000 مىڭ تال مىلتىقلار ئىلتىپات قىلماقچى بولسىڭىز، ئەجىبا جىمىساردا ئوز ھەققىمىز بولغان 1800 تال مىلتىقلىرىمىزنى زورلۇق بىلەن تارتىپ ئالىسىز،ئەمدى 3000 مىڭ تال مىلتىق بىرىمەن دەپسىز،بۇ ئالدامچىلىقىڭىزغا نىمە دىمەك قانداق جاۋاپ قىلماق لازىم! مۇنداق قىلىشقا سىزنى نىمە مەزبۇر قىلدى؟ ياكى دىنداشلىرىڭىز سەپداشلىرىڭىزنى قان يىغلىتىپ زورلۇق بىلەن بۇلاپ كەتكەن مىلتىقلار بىلەن قۇراللاندۇرغان،ئەسىرگە چۇشكەن خەنزۇ ئەسكەرلەر زىنىچۇئەنزى سوقۇشىدا پولۇك-روتا كوماندىرلىرىڭىزنى ئولتۇرۇپ تاشلاپ دوشمەن بولغان شىڭ دۇبەن تەرەپكە ئوتۇپ قۇشۇلۇپ كەتكەندىن كىيىن دوس بىلەن دۇشمەننى پەرىق ئەتتىڭىزمۇ -يا! دىمەك مەزكۇر قۇراللار ئوز دىنداشلىرىڭىزنىڭ قولىدا ياكى ئامبىرىڭىزدا تۇرغان بولسا ئىدى، زىنچۇئەنزىدا بولغان ئىغىر كۇنلەر بولمىغان بولاتتى !ئەپسۇسكى،ئوز سەپداشلىرىڭىزغا شۇقەدەر خائىنلىقلار قىلدىڭىز ۋە قىلماقچى بولىسىز، خاتىرىڭىزدە بولسۇنكى ،ئوز سەپداشلىرىڭىزغا قىلغان خىيانەتلىرىڭىزگە يارىشا دوشمەنلىرىڭىزدىن كوگۇلۇكنى ئەلۋەتتە كورىسىز ! جىق ياشلىق،گۇدەكلىك قىلدىڭىزۋە قىلماقچى بولىسىز، ئەنە شۇنداق ھىلە-مىكرلەر بىلەن بىزلەرنى تۇتماقچى بولسىڭىز ، ھەبىس قىلماقچى، ۋە ئولتۇرمەكچى بولسىڭىز،ئىنشا ئاللا.....يەرلىك ئىنقىلاپچىلار لازىم بۇلۇپ قالىدىغان كۇنلارمو بۇلوپ قالۇر. تەكرار ئاگا قىلىمىزكى ، بىر يۇرت ۋە مىللەت ئىگىسى بولغان يەرلىك ئىنقىلارچىلار ،سىز ماجۇڭيىغا قارشى ئەمەس ۋە دوشمەن ئەمەس، ئىھتىمال سىز بىزلەرنى شىڭشىسەي بىلەن ئىتىپاقلاشتى دىگەن بانا بىلەن گۇنا قويسىڭىز كىرەك . ئەمما سىز ماجۇڭيىڭ ياڭ سەنمۇ ئارقىلىق مەخپى ھالدا شىڭ دۇبەن بىلەن بۇلدورىلمىغان بىتىمنى بىزلەر ئاشكارە قىلدۇق، ئەمما بىزلەرنى سىزدىن ئايرىلىپ شىڭ دۇبەن بىلەن ئىتىپاق تۇزمەككە مەزبۇر قىلغان يىگانە سەۋەپلەر ،سىز ماجۇڭيىڭنىڭ خىيانەت. جىنايەت ۋە رەڭۋازلىغىڭىزدۇر،خاتىرىڭىزدە بولسۇنكى بۇ توغرىدا تۇكۇلگەن قانلار ۋە بۇندىن كىيىن تۇكۇلىدىغان قانلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە جاۋاپكارلىغى سىزدە،قىيامەت كۇنى ئاللا زولجالال ھوزۇرىدا سىز ماجۇڭيىڭ ئەلۋەتتە مەسئۇل بولىسىز.
جەنۇبى شىنجاڭ يەرلىك ھوكۇمەت باشلىقى:غۇجىنىياز . مىڭگونىڭ 22 - يىلى 7 - ئاينىڭ 4 - كۇنى.
شۇنىڭدىن كىيىن ماجۇڭيىڭ 3 پولۇك ئەسكەر ئاجىرتىپ مافۇيون ئىسىملىك بىر ئادىمىنى بىركادا كوماندىرىغا تەيىنلەپ غۇجىنىياز.ھاجى قىسىملىرىغا قوغلاپ زەربە بىرىشكە ئەۋەتتى . مۇشۇ سەۋەپتىن غۇجىنىياز.ھاجى قىسىملىرى بىلەن ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا قارا شەھەر ، باش ئەگىم،بۇگۇر، كۇچا، باي، قارا يۇلغۇن، مارالبىشى، پەيزىۋات-چوكانيار قاتارلىق جايلاردا
چوڭ-كىچىك قاتتىق سوقۇشلار بولدى. شۇنۇڭ بىلەن بىر مەزگىل غۇجىنىياز.ھاجى قوشۇنلىرى ئۇرۇشلاردا مەغلۇپ بولۇپ قاچقان، ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى غەلبە قازىنىپ قوغلاشقان ۋەزىيەت شەكىللەندى ،غۇجىنىياز.ھاجى قوشۇنلىرى قارا يۇلغۇندىن بىر سوقۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ئۇچتۇرپان قاقشال يولى بىلەن قەشقەرگە ئوتۇپ كەتتى.
1934 - يىلى 1 - ئاينىڭ ئاخىرلىرى مافۇيۇئەن قىسىملىرى قەشقەردە مۇھاسىرىيە ئىچىدە قالغان ماجەنشىئاڭغا ياردەم بىرىش ئۇچۇن قەشقەرگە باستۇرۇپ باردى، بۇ چاغدا قەشقەردە تۇرىۋاتقان غۇجىنىياز.ھاجى ۋە سابىت داماللاملار شەھەردە ئۇرۇش قىلماسلىق تاكتىكىسىنى قوللىنىپ يەكەن-يىڭىسار تەرەپكە چىكىنىپ كەتتى،شۇ كۇنلەردە ئۇرۇمچى ھوكۇمىتى ، ئۇرۇمچىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان ماجۇڭيىڭ قىسىملىرىنى چىكىندۇرۇپ قوغلاپ كالمەكتە ئىدى ."ئالتايىسكا" تارباغاتايىسكا" نامىدا شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن سىۋىت قىزىل ئارمىيەسىنىڭ ئەجەللەك زەربە بىرىشىگە بەرداشلىق بىرەلمەي ماجۇڭيىڭ قەشقەرگە قىچىپ كىلىپ . ئارقا تەرەپتىن شىڭ دىبەن ئەسكىرى قوغلاپ كىلىۋاتقان. ئالدى تەرەپتە غۇجىنىياز.ھاجى قىسىملىرى تۇسۇپ تۇرىۋاتقان قىيىن ئەھۋالدا قالدى،مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇ سىۋىت ئىتىپاقىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى ۋاستە قىلىپ شىڭ دۇبەن ھوكۇمىتى بىلەن كىلىشىم يازدى. كىلىشىمدە تۇزۇلگەن بەلگىلىمىلەر بويىچە ماجۇڭيىڭ بىر قىسىم ئادەملىرى بىلەن سىۋىت ئىتىپاقىغا كەتتى. ئۇنىڭ قالدۇق قىسىملىرى دىۋىزىيە كوماندىرى ماخۇسەننىڭ قۇماندانلىقىدا خوتەن ۋىلايىتىدە تۇرىدىغان بولدى،بۇ چاغدا غۇجىنىياز.ھاجى قىسىملىرى مەكىت ئارقىلىق دەريا ياقىلاپ ئاقسۇغا كەتتى.


ماجۇڭيىڭنى قوغلاش باناسى بىلەن شىڭ دۇبەن ھوكۇمىتى ئوزىنىڭ كۇچلىك 4 پولۇك ئەسكىرىنى جەنۇبى شىنجاڭ رايونىغا ئوتكۇزۇپ،قەشقەر يىڭى شەھەردە سىلىڭبۇ تەسىس قىلىپ،سىلىڭلىققا لۇبىڭنى ،مۇئاۋان سىلىڭلىققا مەھمۇت، دىۋىزيە كوماندارىنى تەيىن قىلدى. شىڭ دۇبەننىڭ 4 پولۇك ئەسكىرىدىن بىر پولۇك ،يەكەندە،بىر پولۇك قەشقەر يىڭى شەھەردە، بىر پولۇك پەيزىۋاتتا، يەنە بىر پولۇك (ئاق ئورۇسلاردىن تەشكىللەنگەن) مارال بىشىدا تۇرىدۇ. غۇجىنىياز.ھاجى قوشۇنلىرىنى توپلاپ 6 - دىۋىزىيە نامىدا 4 پولۇك قىلىپ تەشكىللەپ مەھمۇت مۇھىدى قوشۇمچە دىۋىزىيە كوماندىرلىقىغا تەيىنلەيدۇ، 6 - دىۋىزىيە تارمىقىدىكى 4 پولۇك ئەسكەرنىڭ بىر پولكى ،يەكەندە ، بىر پولكى يىڭىساردا، قالغان ئىككى پولكى قەشقەر شەھەرىدە تۇرىدۇ. مۇشۇ قىتىمقى رەتكە سىلىشتائوسمان دىۋىزىيە باشچىلىقىدىكى قىرغىز قىسىملىرى بىلەن سىتىۋالدىجان باشچىلىقىدىكى ئوزبەك پولكىنى قۇرالسىزلاندۇرۇپ ئوسمان ئىلىنى قولغا ئىلىپ تۇگەتتى.تۇمۇر دىۋىزىيەدىن قىپقالغان ھەمدەم بەك ھاجى ،ئەمەتجان بىركادا، ماپىز بىركادا، توختى بىركادا، قاتارلىق كىشىلەرنىمۇ بىكارچە قىلىۋەتتى . مۇنداق رەتكە سىلىش ئاساسىدا شىڭ دۇبەننىڭ جەنۇپتىكى ئاساسى كۇچى بىلەن غۇجىنىياز.ھاجىنىڭ ئەمىلى كۇچى تەڭپۇڭلىشىپ قالدى . بۇنىڭدىن تاشقىرى سىۋىت ئىتىپاقىدىن ياردەمگە كەلگەن "ئالتايىسكا" لارمۇ كۇچا، ئاقسۇ،ئۇچتۇرپان،مارالبىشى قاتارلىق جايلاردا بار ئىدى . ئەگەر شىڭ دۇبەننىڭ ئەسكىرى كۇچى بىلەن ياردەمگە كەلگەن سىۋىت ئىتىپاقىنىڭ قۇشۇنلىرىنى بىرلەشتۇرۇپ بىر كۇچ قىلىپ ھىساپلىغاندا ، غۇجىنىياز.ھاجىنىڭ ئەمىلى كۇچى كىچىككىنە بىر گۇرۇھ بولۇپ كۇرۇنەتتى . ھەربى جەھەتتە مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ، شىڭشىسەي ھوكۇمىتى غۇجىنىياز.ھاجىنى ئۇرۇمچى ھوكۇمىتىگە مۇئاۋىن رەئىسلىككە تەكلىپ قىلىپ،جەنۇپتىكى قوزغۇلاڭچى كۇشلەرنىڭ تىنىنى بىشىدىن ئاجىرتىۋەتمەكچى بولدى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا غۇجىنىياز.ھاجىنىڭ ئىلگىركى " باش قۇماندان" دىگەن نامى ۋە ھوقۇقلىرى ئۇزىچە ئەمەلدىن قالغاندەك بولدى.
فۇكاڭ مۇئادىسنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدا مەھموت موھىدى بىر قەدەر قاتتىق تۇرۇپ پىكىرلەشتى ، ئۇنىڭ ھەققانى پىكىرلىرىنى گەرچە شىڭ ھوكۇمىتى ئۇچۇق-ئاشكارە رەت قىلمىغان بولسىمۇ ، لىكىن ئىتىبارسىز قالدۇرۇپ ،ئىچكى جەھەتتە ئاستىرىتتىن قاتتىق قارشى تۇردى، سىلىق يۇمشاق پوزىتسىيە قوللىنىش ئارقىسىدا ھىلە- مىكىرلەر ئىشلىتىپ ماھمۇت دىۋىزىيە كۇچىنى ئاجىزلىتىش ، ئىمكان قەدەر ئۇنى يىتىم قالدۇرۇشقا كىرىشتى ، مەھموت دىۋىزىيەنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك دەپ قارىغان ئادەملىرىنى سىۋىت ئىتىپاقى غا قىسقا مۇددەتلەك ئوقۇشقا ئەۋەتىش ، ئۇرۇمچىدە ئىچىلغان ھەربى تەلىم-تەربىيە كورۇسلىرىغا تەكلىپ قىلىشتەك ئۇسۇللار بىلەن ئۇنىڭدىن ئاجىرتىش، مەھمۇت دىۋىزىيەگە قارشى تۇرۇشقا كىرىشتى . يەنە بىرمۇنچە مۇھىن ئادەملەرنى ۋىلايەت، ناھىلەرگە خىزمەتلەرگە تەيىنلەش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن ئاجىراتتى ، يەنە بىرتەرەپتىن ئورنىدىن قوزغاپ قاپقانغا چۇشۇرۇشتەك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئۇنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ سالدى . مۇشۇنداق خەۋىپ ئاستىدا مەھمۇت دىۋىزىيە ئەڭ ئاخىرىدا دىۋىزىيە شىتاۋىنى مارالبىشىغا يوتكەپ شىڭشىسەي ھوكۇمىتى بىلەن فۇكاڭ مۇئادىس توغرىسىدا ئاخىرقى نوۋەتتە سوزلىشىپ كورمەكچى، ئەگەر ھەقىقى ئىجىرا قىلىنمىسا قۇراللىق قارشى چىقماقچى بولدى . ئەمما بۇ پىلانغا كوپلىگەن پولكونۇپلار، مەسلىھەتچى قۇربان شەئىدى قاتارلىق كىشىلەر ئاساسلىق قىلىپ قوشۇلماي قويدى ، شۇڭا مەھمۇت.موھىدى ئەڭ ئاخىرقى قاراردا ئوز پىلانىنى ئوزگەرتىپ ھاياتىنى ساقلاپ قىلىش ئۇچۇن چەتئەلگە چىقىپ كىتىشكە مەجبۇر بولدى.


xewley
يازمىلار: 106818
تىزىملانغان ۋاقتى: ئىيۇل 31, 2024, 12:33 pm

Re: شىڭشىسەي ھوكۇمىتى بىلەن غۇجىنىياز.ھاجى ئوتتورسىدا تۇزۇلگەن فۇكاڭ موئاھىدىسى توغرىسىدا ئەسلىمە.

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان xewley » ئاۋغۇست 2, 2024, 10:05 am

xewley
يازمىلار: 106818
تىزىملانغان ۋاقتى: ئىيۇل 31, 2024, 12:33 pm

Re: شىڭشىسەي ھوكۇمىتى بىلەن غۇجىنىياز.ھاجى ئوتتورسىدا تۇزۇلگەن فۇكاڭ موئاھىدىسى توغرىسىدا ئەسلىمە.

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان xewley » نويابىر 3, 2024, 7:45 pm

инфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфо
инфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфо
инфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфо
инфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинйоинфоинфоинфоинфоинфо
инфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфо
инфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфо
инфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфо
инфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфо
инфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфо
инфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоинфоtuchkasинфоинфо
xewley
يازمىلار: 106818
تىزىملانغان ۋاقتى: ئىيۇل 31, 2024, 12:33 pm

Re: شىڭشىسەي ھوكۇمىتى بىلەن غۇجىنىياز.ھاجى ئوتتورسىدا تۇزۇلگەن فۇكاڭ موئاھىدىسى توغرىسىدا ئەسلىمە.

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان xewley » فېۋرال 9, 2025, 10:15 am

audiobookkeepercottageneteyesvisioneyesvisionsfactoringfeefilmzonesgadwallgaffertapegageboardgagrulegallductgalvanometricgangforemangangwayplatformgarbagechutegardeningleavegascauterygashbucketgasreturngatedsweepgaugemodelgaussianfiltergearpitchdiameter
geartreatinggeneralizedanalysisgeneralprovisionsgeophysicalprobegeriatricnursegetintoaflapgetthebouncehabeascorpushabituatehackedbolthackworkerhadronicannihilationhaemagglutininhailsquallhairyspherehalforderfringehalfsiblingshallofresidencehaltstatehandcodinghandportedheadhandradarhandsfreetelephone
hangonparthaphazardwindinghardalloyteethhardasironhardenedconcreteharmonicinteractionhartlaubgoosehatchholddownhaveafinetimehazardousatmosphereheadregulatorheartofgoldheatageingresistanceheatinggasheavydutymetalcuttingjacketedwalljapanesecedarjibtypecranejobabandonmentjobstressjogformationjointcapsulejointsealingmaterial
journallubricatorjuicecatcherjunctionofchannelsjusticiablehomicidejuxtapositiontwinkaposidiseasekeepagoodoffingkeepsmthinhandkentishglorykerbweightkerrrotationkeymanassurancekeyserumkickplatekillthefattedcalfkilowattsecondkingweakfishkinozoneskleinbottlekneejointknifesethouseknockonatomknowledgestate
kondoferromagnetlabeledgraphlaborracketlabourearningslabourleasinglaburnumtreelacingcourselacrimalpointlactogenicfactorlacunarycoefficientladletreatedironlaggingloadlaissezallerlambdatransitionlaminatedmateriallammasshootlamphouselancecorporallancingdielandingdoorlandmarksensorlandreformlanduseratio
languagelaboratorylargeheartlasercalibrationlaserlenslaserpulselatereventlatrinesergeantlayaboutleadcoatingleadingfirmlearningcurveleavewordmachinesensiblemagneticequatormagnetotelluricfieldmailinghousemajorconcernmammasdarlingmanagerialstaffmanipulatinghandmanualchokemedinfobooksmp3lists
nameresolutionnaphtheneseriesnarrowmouthednationalcensusnaturalfunctornavelseedneatplasternecroticcariesnegativefibrationneighbouringrightsobjectmoduleobservationballoonobstructivepatentoceanminingoctupolephononofflinesystemoffsetholderolibanumresinoidonesticketpackedspherespagingterminalpalatinebonespalmberry
papercoatingparaconvexgroupparasolmonoplaneparkingbrakepartfamilypartialmajorantquadruplewormqualityboosterquasimoneyquenchedsparkquodrecuperetrabbetledgeradialchaserradiationestimatorrailwaybridgerandomcolorationrapidgrowthrattlesnakemasterreachthroughregionreadingmagnifierrearchainrecessionconerecordedassignment
rectifiersubstationredemptionvaluereducingflangereferenceantigenregeneratedproteinreinvestmentplansafedrillingsagprofilesalestypeleasesamplingintervalsatellitehydrologyscarcecommodityscrapermatscrewingunitseawaterpumpsecondaryblocksecularclergyseismicefficiencyselectivediffusersemiasphalticfluxsemifinishmachiningspicetradespysale
stunguntacticaldiametertailstockcentertamecurvetapecorrectiontappingchucktaskreasoningtechnicalgradetelangiectaticlipomatelescopicdampertemperateclimatetemperedmeasuretenementbuildingtuchkasultramaficrockultraviolettesting
ئىنكاس يوللاش